大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 16 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 16 - قىسىم aybarawazi
2023-06-26
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 17 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15










ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
16 - قىسىم

   «دوختۇرخانىمىزغا جىددىي بىر نەپەر تېلېفونىست قوبۇل قىلىنىدۇ، خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ» ، بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم ۋە ئۈمىدكە قاراڭ دەپ ئىما قىلدىم. ئۇ ئېلاننى كۆرۈپ ماڭا قاراپ:

_ تېلېفونىست بولۇپ ئىشلىگۈڭىز كېلىۋاتامدۇ؟_ دېدى.

_ ھەئە.  ئۆزۈمنىڭ سىستېرالىق كەسپىمدىن خىزمەت تاپىمەن دېسەم ئازراق تەسكە توختاپ قالغۇدەك. بۇمۇ ھامان دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىكى ئىش بولغاندىكىن، تېلېفونىست بولسىمۇ ئىشلەيمىكىن دەيمەن،  يەنە كېلىپ تېلېفونىستلارمۇ  ئەڭ ئاساسى جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى بىلىشى كېرەك، شۇڭا بۇ خىزمەت ماڭا ماس كېلىپ قالغۇدەك_ ئاغزى ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتىم_ يا مېنى تېلېفونىست بولۇپ ئىشلىسە يۈزۈم چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز يا؟_ دېدىم مەن.   شۇنچە كۈن خىزمەت ئىزدەپ،  كۆڭلۈمدىكىدەك خىزمەت تاپالماي خىزمەت تېپىش نىيىتىمدىنمۇ يېنىپ قالاي دېگەندە بۇ خىزمەت ئۇچراپ قالدى.  ئەمما ئۈمىد  ياراتمىغاندەك گەپ قىلىۋاتىدا.

_   ۋاي نىمە دەيدىغانسىز؟ مېنىڭ نەزىرىمدە ھەرقانداق كەسىپنىڭ سەت بولىدۇ دەيدىغان يېرى يوق.  ھە راس، بوۋام بۇرۇن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئىدى، ھازىر پىنسىيەگە چىقىپ كەتتى، لېكىن گېپى ئۆتىدۇ، تېلېفون...

_ ياق ياق ياق، _ ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقماستىنلا گېپىنى بۆلۈۋەتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. _ ئۇنداق ئارقا ئىشىك بىلەن كىرگۈم يوق.  بىر تېلېفونىستلىققىمۇ مۇناسىۋەتكە تايىنىپ كىرسەم، مەن بەك يارىماس بولۇپ قالمامدىمەن؟ ئۆز كۈچۈمگە تايىنىمەن.

_  مەيلى ئەمىسە، مەن سىزنى ماشىنىدا ساقلاپ تۇراي.

_  ماشىنىدا؟ ماشىنىنى شوپۇر ئېلىپ كەتكەن ئەمەسمىتى؟

_  ئالىم ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەپ بولدى.  مەن چىقىپ تۇراي ھە.

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئۈچىنچى قەۋەتتە ئىكەن. ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ چىقتىم. ئويلىماپتىمەن، ئۇلار مەندىن جىق گەپمۇ سورىمىدى. ئىسمىمنى، بۇرۇن قەيەردە ئىشلەپ باققىنىمنى سوراپلا، قاچان ئىشقا چۈشەلەيسىز دەپ سورىدى.  مەن ئەتە بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ دېسەم، ئۇلار  «سىز قوبۇل قىلىندىڭىز، بىر ئىككى كۈن ئىشلىرىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرىۋېلىپ، ئاندىن كېلىپ ئىشقا چۈشۈڭ» دېدى.

  خۇشال ھالدا دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىنى ئاسانلا تېپىۋالدىم.  قارىسام ئۈمىد تېلېفوندا سۆزلىشىۋېتىپتىكەن، مېنى كۆرۈپلا تېلېفوننى قويۇپ بىر يانغا تاشلاپ قويدى. خۇشاللىقىم چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك،  ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا ئۈمىد ماڭا قاراپ:

_  قوبۇل قىلىنىپسىز دە_ دېدى.

_  ھەئە، ئاخىرى مېنىڭمۇ خىزمىتىم بار بولدى_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئاندىن تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ_ سىز تېلېفون قىلىپ قويمىغانسىز ھە؟ ئىشلار ئەجەب ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتتىغۇ؟_ دېدىم مەن گۇمانىي نەزەردە ئۇنىڭغا قاراپ.

ئۈمىد ماشىنىنى قوزغاتقاچ ماڭا قاراپ:

_ ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك ئىشەنچىڭىز يوقما؟_ دېدى سوئالىمغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي سوئالىمغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ.

ئۇنىڭ چىرايىدىن يالغان سۆزلىگەندەك قىلمايتتى، شۇندىلا خاتىرجەم بولۇپ جايىمدا ئولتۇرۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىدىم.

_ ھە راس، ماشىنىنى ئۆزىڭىز ھەيدەپسىزغۇ، شوپۇرچۇ؟

_ ئۇنى بايىلا كەتكۈزىۋەتكەن.  قولۇم بىرەر نەرسىلەرنى  تۇتالمىغىدەك ئېغىر يارىلانمىغاندىن كېيىن ئۆزۈم ھەيدەي دېدىم._ دېدى ئۇ.

  دەل شۇ ۋاقىتتا قورسىقىم «كۇرررر»قىلىپ قالدى.

_ قورساق ئېچىپتۇ-دە_ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.

_ ئاچتى_ دېدىم مەن شوخلۇق بىلەن، كەيپىياتىم بەكلا ياخشى ئىدى. خىزمەت تاپتىم ئەمەسمۇ.

_ خىزمەت تاپقىنىڭىزنى تەبرىكلەپ، دوستلار بىلەن ئولتۇرامدۇق؟ _ دېدى ئۈمىد.

_ بولدىلا. يا يوغان يەردىن خىزمەت تاپمىسام، تېلېفونىستلىق قىلىدىغانغىمۇ تەبرىكلەش كىتەمدۇ؟ _ دېدىم مەن نارازى بولغاندەك تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ.

_ بايا تېخى ياراتمىدىڭىزمۇ دەپ كىتىۋاتاتتىڭىزغۇ، مەلىكەم. _ دەپ يۈزۈمنى چىمدىدى ئۇ ئاغرىق قولى بىلەن.

_  بولدىلا،  ھازىرچە ئىككىمىز يەپ تۇرايلى، رەسمىي ئىشقا چۈشكەن ۋاقتىمدا ئاندىن بىر گەپ بولسۇن_ دېدىم.

_ ھە راس، قاچان ئىشقا چۈشىدىكەنسىز؟

_ ئۇلار مېنى بىر نەچچە كۈن ئىشلىرىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرىۋېلىپ ئاندىن ئىشقا چۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ دەيدۇ، ئەتىلا ئىشقا چۈشەيمىكىن دەيمەن.

_ ئېرىڭىز ئاغرىپ قالسىمۇ ھالىدىن خەۋەر ئالاي دېمەي،  ئەتىلا ئىشقا چۈشىمەن دەيسىزغۇ؟_ دومسايغاندەك تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى ئۈمىد.

ئۇنىڭ ئۇماق تۇرقىغا قاراپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى.

_ ماقۇل، ماقۇل، ئەمىسە بىر نەچچە كۈن ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ، دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپلا ئىشقا چۈشەي ھە.

_ مانا ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئايالىدەك گەپ قىلدىڭىز_ دېدى ئۇ.  ئۇ مۇشۇنداق دەۋېرىپ ھازىر راستلا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئايالىدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.  ئۇ يارىلانغان كۈنىدىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقىنىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم.

_ شۇنداق قىلىپ نىمە يەيمىز، مەلىكەم؟_ ئۇنىڭ سۇئالى بىلەن خىيالىم بۆلۈندى.

_ ئۆيدىلا تاماق ئېتىپ يەيلىچۇ.  نىمە تاماق يىگۈڭىز بولسا مەن ئېتىپ بېرەي.

_ جاپا تارتمىسىڭىزچۇ؟

_ جاپا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ھازىر  سىز ئاغرىق، بېشىڭىز تېڭىق ھالەتتە رېستۇرانلارغا كىرىپ تاماق يىيىشتىن خىجىل بولىسىز ھەقىچان، ئوبرازىڭىزغا بەك دېققەت قىلىسىزغۇ؟

_ مەيلى ئەمىسە.  شەرقىي بازارغا بارماي، بىزنىڭ داچىغا بارايلى ھە. داچا سىزنىمۇ سېغىنىپ قالدى.  داچىدىمۇ تاماق ئېتىلىپ باقسۇن.

شۇنداق قىلىپ مەسلىھەتلىشىپ جۇۋاۋا يەيدىغان بولۇپ، ئىككىمىز بىللە تاللا بازىرىغا بېرىپ  كېرەكلىك سەي كۆكتاتلارنى ئېلىپ داچىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۇنىڭ بىر قولى بىلەن رول تۇتۇپ ماشىنا ھەيدىگەن ھالىتىمۇ شۇنچىلىك سالاپەتلىك، قارىغان كىشىنىڭ ئىچى كۆيگۈدەكلا ئىدى.

داچا ئۆي يەنىلا شۇنداق رەتلىك، پاكىزە ئىدى. چاڭ قونماپتۇ دېسەممۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتتى. ئۈمىدنىڭ تازىلىققا بەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ كىيىم كىيىشلىرىدىنلا بىلگىلى بولاتتى، ئۇ ئاساسەن ئاق رەڭلىك كىيىم كىيەتتى،  قاچانلا قارىسا ئاق كىيىمى يەنىلا شۇنداق پاكىزە ھالەتتە.

 كىرىپلا مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ پەرتۇقنى ئالدىمغا تارتىپ خىمىر يۇغۇرۇشقا كىرىشتىم، ئۇ كۆكتات ئادالىدى. شۇ ئارىلىقتا ئۈمىدكە تېلېفون كىلىپ قالدى.

_ ئۆيگىلا كېلە، يەڭگەڭمۇ ئۆيدە، تاماق ئېتىۋاتىدۇ. جۇۋاۋا يەپ كەتكىن_ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ بولۇپ، ماڭا قاراپ _ فەرۇقتىن كەپتۇ،  ئۆيگە كەل، يەڭگەڭ جۇۋاۋا ئېتىۋاتىدۇ دەپ قويدۇم، خىمىرنى خىلى جىق يۇغاغانسىز_ دەپ سورىدى ئۇ.

_ ھەئە، ئارتۇقراق يۇغادىم_ دېدىم مەن.

خىمىرنى يۇغۇرۇپ بولۇپ، قىيمىنى قىلىپ تۇرۇشۇمغا فەرۇق كەلدى.

_ ھە، مانا ئەمدى ئۆي ئۆيگە ئوخشاپتۇ. ئايال كىشى ئۆينىڭ گۈلى جۇمۇ _ دېدى ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپلا.

مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاددىي سالاملىشىپ، ھېلىقى كۈنى يارىلانغاندىن كېيىن قانداقراق بولۇپ قالغانلىقىنى سوراپ قويۇپلا يەنە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئىككىيلەن  مېھمانخانا ئۆيدە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى. ئۇلارغا چاي دەملەي دەپ چاينى قويۇپ قويۇپ، قىيمىنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا تۇتۇندۇم.

_ ھېلىمۇ سەككىز يىل بولدى، ئاداش، تېخىچە  ئۇنتۇپ كېتەلمىدىڭما؟

ئۇلار خېلى پەس ئاۋازدا پاراڭلاشقان بولسىمۇ ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.  قىيمىنى مىجىۋاتقان قولۇمنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدىم.

_ ئۇنتۇپ كەتتىم.



_ ئۇنتۇپ كەتكەن بولساڭ ھېلىقى كۈنى بەزمىخانىدا نىمە بولدى ئەمىسە. ئۇنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە ئورنۇڭدىن سەكرەپ تۇرۇپ خەق بىلەن مۇشتلىشىپ كېتىۋاتىسەن.

 ئۈمىد ئەنسىزلىك بىلەن ئاشخانا ئۆي تەرەپكە قاراپ قوياتتى، مەن ئاڭلاۋاتقىنىمنى چاندۇرمىدىم.

_ ھە راست، ھېلىقى كۈنى ئادەم بار، گەپ قىلىش ئەپسىز بولۇپ قالدى، ساڭا  ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدىغان نى نى قىزلار بار تۇرسا، قاراپ تۇرۇپ بىر ئاجراشقان ئايال بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئېلىۋاپسەن، نىمە ئۈچۈن؟ ئۇنىڭ ئىسمىمۇ نازىيە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟

ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى.  ئۇ نىمە دەپ جاۋاب بېرە؟  قورققىنىمدىن قولۇم تىترەپ كەتتىمۇ  ، بىلمەيلا قالدىم،  «جاراڭ جۇرۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىككى تال پىيالىگە قولۇم تىگىپ يەرگە چۈشۈپ چۇل چۇل بولۇپ كەتتى. ئۈمىد يۈگۈرگەن پىتى يېنىمغا كىردى.

_ نىمە بولدى؟ بىرەر يېرىڭىز يارىلانمىغاندۇ؟

_ ياق، دېققەتسىزلىكتىن قولۇم پىيالىگە تىگىپ كەتتى_ دېدىم مەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدەك بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ.

_ سىز ساق بولسىڭىزلا بولدى، مەلىكەم_ دەپ پەسكە ئېڭىشىپ پىيالە پارچىلىرىنى ئالماقچى بولۇۋىدى

_ توختاڭ، سۈپۈرگە بىلەن سۈپۈرىۋېتەي، سىز چىقىپ فەرۇق بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇڭ.

قىيمىنى قىلىپ بولۇپ، ئۈمىدنىڭ تەلىپى بويىچە تاماق يەيدىغان ئۈستەلگە داستىخان سېلىپ شۇ يەردە تۈگمەكچى بولدۇق.  ئۈمىد «جۇۋاۋا دېگەن جىق ئادەم تۈگۈپ، ئاز ئادەم يەيدىغان تاماق،، ئۆزىڭىز يالغۇز قاچان تۈگۈپ بولىسىز، قولمۇ قول تۈگەيلى » دەپ تۇرىۋالدى.  مەن جىلتە ئاچتىم، ئۈمىد تۈگدى. ئۈمىدنىڭ قولى تاماققا بەك ئەپلىك كېلىدىكەن، جۇۋاۋىنىمۇ مەندىن چىرايلىقراق تۈگىدىكەن تېخى.  تازا قىزىق جۇۋاۋا تۈگۈۋاتقاندا ئۈمىدكە تېلېفون كېلىپ قالدى. ئۈمىد تېلېفونىغا قاراپلا  قولىنى سۈرتىۋېتىپ، تېلېفوننى ئېلىپلا ئورنىدىن تۇردى. «ۋەي ئۈمىد ئاكا» بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ تېلېفوننى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى.  ئالدىنى قېتىممۇ ئۇنىڭغا بىر قىزدىن تېلېفون كەلگەندە ئۇ قاتتىق يامغۇرغىمۇ قارىماي كېتىپ قالغان. بۇ قېتىممۇ يەنە شۇ قىزنىڭ ئاۋازى. ئۇ زادى كىمدۇ؟ نىمىشقا تېلېفوننى مېنىڭ يېنىمدا ئالالمايدۇ؟  بايا فەرۇق گېپىنى قىلغان نازىيە دېگەن زادى كىم؟  ۋاي ۋۇي، بۇ سوئاللار كاللامنى ئېلىشتۇرىۋەتكەن ئىدى.

_ قولىڭىز ئەپلىككەن جۇمۇ، نازىيە، ۋوي يەڭگە_ دېدى فەرۇق. فەرۇقنىڭ بۇ گېپى بىلەن  بايىقى خىياللىرىم ئۈزۈلدى. تۇيۇقسىز فەرۇقنىڭ بايىقى يەنە بىر گېپى ئېسىمگە كېلىپ:

_ فەرۇق، سىزدىن بىر گەپنى سوراي_ دېدىم.

_  نىمە ئىشتى، سوراۋېرىڭ. _ دېدى ئۇ.

_ سىلەر مېنى ئۈمىدكە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايسىلەر، شۇنداقمۇ؟_ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم. فەرۇق بۇنداق دىيىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە بىردەمدىن كېيىن:

_ ياق، ياق، نىمە دەيدىغانسىز؟  بايا دىيىشكەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغان ئوخشايسىز ھە؟  بەك سەت بوپتۇ.  بەزمىخانىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ نېرۋاممۇ ئاجىزلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ مېنىڭ، سىلەر بىر بىرىڭلارغا شۇنداق ماس كەلگەن، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دەپ سىلەرنى دېسە بولىدۇ.  بايىقى گېپىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، راستىمنى ئېيتسام ئۈمىدنىڭ سىزنى تاللىغىنىدىن مەنمۇ بەك خوش، بىز تېخى ئۇنى بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتۈپ كېتەمۇ دەپ ئەنسىرىگەنتۇق_ دېدى.

بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتۈپ كىتەمدىكىن دېگەنتۇق دېگەن نىمە گەپ؟ ئۈمىد شۇنچە مۇنەۋۋەر يىگىت تۇرسا، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر  بويتاق ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ فەرۇق بايىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغىنىمدىن بەكلا ئوڭايسىزلانغان بولسا كېرەك،  دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى.  ئاڭغىچە ئۈمىدمۇ تېلېفوننى قويۇپ كىرىپ ئولتۇرۇپ جۇۋاۋا تۈگدى.  ئۈمىدنىڭ چىرايى بايىقىدىن سەل تاتارغان،  كەيپىياتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن، سىرتتىن كىرگەندىلا بىر ئىشنى ئويلاپ كىرگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى، كىرىپ، جۇۋاۋا تۈگۈش جەريانىدىمۇ كۆپ گەپ قىلمىدى.

جۇۋاۋىنى سېلىپ ئېلىپ چىققان چېغىمدا ئاندىن ئۈمىد كەيپىياتىنى تەڭشەپ باشتىكى ھالىتىگە قايتىپ بوپتۇ.

_ فەرۇق، سەنمۇ بېشىڭنى ئوڭشىۋال جۇمۇ، قارا،  يېنىڭدا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭ بولسا، كۈندە ھەرخىل تاماقلارنى قولمۇ قول ئېتىپ يىسەڭلار، ۋاھ ، بەخت دېگەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس_ دېدى ئۈمىد فەرۇققا قاراپ.

فەرۇق بايىقى ئوڭايسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كىتەلمىگەنمۇ، كۈلۈپ قويۇپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى.

_ ۋاھ ، ۋاھ، مەلىكەمنىڭ قولى بەك تاتلىق جۇمۇ،  قانداقلا تاماق ئەتسە گۈل كەلتۈرىۋېتىدۇ. نىمىدېگەن ئوخشىغان جۇۋاۋا بۇ_ مەززە قىلىپ يىدى ئۈمىد. مەنمۇ ئانچە مۇنچە گەپ قىستۇرۇپ قويۇپ ئولتادىم.  شۇنداق قىلىپ جۇۋاۋىنى يەپ بولغاندىن كېيىن فەرۇق «ئىشىم بار ئىدى» دەپ كەتتى. مەن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئەكىرىپ يۇيۇپ، ئاشخانا ئۆينى بىرەر قۇر بېسىقتۇرۇپ بولۇپ چىقسام ئۈمىد يوق. «ئۈمىد نەگە كەتتىكىنە؟ ئۆي چوڭ بولسىمۇ تازا ياخشى بولمامدۇ نىمە؟ » دەپ ئويلاپ، بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە قارىسام ئۈمىد كۆرۈنمەيتتى. ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم. «قەيەردىكىنە؟»   تاپالماي چاقىردىم. «ئۈمىد».

_ مەن بالكوندا، يېنىمغا چىقىڭە» دېدى ئۇ. بالكونغا چىقسام، بالكونغا قويۇلغان ئۇزۇن يۆلەنچۈكلۈك ئورندۇقتا سىرتنىڭ مەنزىرىسگە قاراپ يېتىپتۇ.

_  يېنىمدا يېتىڭە_ دېدى ئۇ يېنىنى كۆرسىتىپ.  ياندا تۇرغان ئورۇندۇقنى تارتىپلا يېنىدا ئولتۇردۇم. ئۇ  مەن تەرەپكىرەك سىڭايان بولۇپ  قولۇمنى تۇتتى.

_ نازىيە_ دېدى ئۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا. ئۇنىڭ  مۇھىم بىر گەپنى قىلماقچى بولغىنىنى پەملىدىم. چۈكى ئۇ ئادەتتە مېنى مەلىكەم، نازى، نازى قىز دەپ چاقىراتتى،  نازىيە دەپ تولۇق چاقىرغان ۋاقتى قاچان بولغىيتتىكىن. _  بايا فەرۇقنىڭ دېگەن گېپىنى ئاڭلىدىڭىزغۇ دەيمەن؟

مەن ئۈندىمىدىم.

_  نازىيە،   ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق ئۆتمۈشىڭىز بار، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئۆتمۈشۈم بار،  شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارغا دىيەلمەيدىغان ھەم دېگۈسى كەلمەيدىغان بىر مەخپيەتلىكى بولىدۇ،  ئەلۋەتتە نورمال ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭمۇ شۇنداق باشقىلارغا دېمەيدىغان گېپىم بار.  سىزنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئۆتمۈشىڭىزدە مەن يوق، ئەمما ھازىر ۋە كەلگۈسىڭىزدە ئۆزۈمنىڭ بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن.  شۇنداقلا سىزدىنمۇ شۇنداق ئۈمىدنى كۈتىمەن.  سىز مېنىڭ ھازىرىم ۋە كەلگۈسۈم،  مەنمۇ سىزنىڭ ھازىرىڭىز ۋە كەلگۈسىڭىز بولسام دەيمەن.  سىز بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇن مەن بۇ ئۆيگە بەك كۆپ كەلمەيتتىم، چۈنكى كەلسەملا يالغۇزلۇق، غېرىبلىق باساتتى.  بىرىنچى قېتىم بۇ ئۆيدە تاماق ئەتكەن چېغىڭىزدا سىزگە ھەۋەس قىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكىنىم ئېسىڭىزدىمۇ؟  سىز كېلىپ بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشىدى.  مەن سىزنىڭ ئاشخانا ئۆيدە پەرتۇق تارتىپ تاماق ئېتىۋاتقان ھالىتىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئاشۇ ھالىتىڭىز ئەڭ گۈزەل.

ئۈمىدنىڭ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەنلىكىگە بۈگۈن يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم.  بايىقى گۇمانلار ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.  «نازىيە دېگەن كىم بولسا بولمامدۇ؟ ئۈمىد دېدىغۇ، ھەر ئىككىمىز بىر بىرىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى. ئۆتمۈشتىكى ئادەمگە ئېسىلىۋېلىپ نىمە قىلارمەن؟»

ئۈمىدكە بىر نىمە دەي دەپ ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگە ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۈمىد تېلېفوننى ئېلىپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.

«ھە، چوڭ دادا؟»


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ



………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0