大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 11 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 11 - قىسىم aybarawazi
2023-06-21
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 11 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
11 - قىسىم


 دەرۋەقە، ئۈمىدنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ چىرايى جىددى ئۆزگەردى. ئايگۈزەلنىڭ چىرايىدا بىر خىل ھەسەت ئوتى ئەكىس ئەتكەن بولسا، ئەزىمەتنىڭ چىرايىدىن پۇشايمانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىپادە چىقىپ تۇراتتى.  ئۇ كونا ئۆيۈمنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلغا يارايدىغىنىنى بىلسە بەلكىم بۇنچىۋالا ئالدىراپ مەن بىلەن ئاجراشماس بولغىيتتى.  ئەلۋەتتە بۇ ئىشنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۈمىدنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىنى ئېچىتىش ئۈچۈنلا شۇنداق دەپ قويغانلىقىنى بىلىمەن.  ئۈمىد  مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

_ سەل تۇرۇپ ئادۋۇكات مال مۈلكىڭىزنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرسۇن، سىزنىڭ ئۆزىڭىزدە تۇرىۋېرىدۇ، مېنىڭ ھەممە نەرسەم سىزنىڭكى، خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

_ مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:

_ بۇنداق قىلساق سىز زىيان تارتمامسىز؟_، دېدىم.

ئۈمىد كالپۇكىنى يىمىرىپ قويۇپ، كۈلۈمسىرەش ئارىلاش ئەركىلەش ئاھاڭىدا:

_ مەن دېگەن سىزنىڭ ئېرىڭىز،  ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدا زىيان تارتىش، پايدا ئېلىش دەيدىغان گەپ بولمايدۇ_، دېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە بولۇپ كەتتى.

ئۇنىڭ «مەن دېگەن سىزنىڭ ئېرىڭىز» دېگەن گېپىدىن ئىككىمىزنىڭ  مۇناسىۋىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولغىنى ئېسىمگە كەلدى.  شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن جۈپ جۈپ كۆزلەر ماڭا ھەسەت، ھەۋەس، نەپرەت ئارىلاش قاراۋاتاتتى. كۆپىنچىلىرى بەلكىم«بۇ سەت ئۆردەك چۈجىسى قانداقمۇ ئۈمىد ئەپەندىمدەك ئاق ئاتلىق شاھزادىگە  ئادەمگە ماس كەلسۇن؟ دەپ ئويلاۋاتىدۇغۇ دەيمەن. ئەمما ئۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلدى، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا بەك ئەتىۋارىمنى قىلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدىن مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ يېنىپ چىقالىدىم.  

 ماشىنىغا چىقىپ ئۆيلىنىش خېتىمىزگە قاراپ ئولتۇرىۋەردىم.  راستىمنى ئېيتسام  ئۆيلىنىش خېتىمىزنىڭ راستلىقىغا، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.   ئۈمىد قولۇمدىن ئۆيلىنىش خېتىنى تارتىۋالدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:

_ ئۇنىڭدىكى سۈرىتىمگە قاراپ تۇرىۋەرمىسىڭىزمۇ مەن يېنىڭىزدىلا، كۆرگۈڭىز كەلسە ئۆزۈمگە قارىسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ _، دېدى.

 مەن چوڭقۇر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن ئۈمىدكە قاراپ ئاغرىنغاندەك بىر خىل تەلەپپۇزدا:

_ ئۈمىد،  ھەرقانچە ئۇلارنىڭ ئىچىنى ئېچىتقۇڭىز بولسىمۇ باشقا بىرەر باھانە تاپسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ ئۆيىڭىز چېقىلىدىكەن دەيسىزغۇ؟  بۇ يالغاننى ئېيتىپ قويۇپ كېيىن تېشىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سەتلەشمەمدىم؟ ئۆزۈم توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ئاپىرىپ ئۇ يەرنى چاقامدىم يا؟_، دېدىم.

ئۈمىد ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە يۈزۈمنى يىنىككىنە چىمداپ قويۇپ:

_ چاقچاق قىلمىدىم. ئۇ يەر راستلا چېقىلىدىكەن. بۇ ئىشەنچلىك خەۋەر_، دېدى.

_  ئۇ يەرنىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى سىز قانداق بىلىسىز؟ ئۇ يەردە ئولتۇرىۋېتىپ مەن ئاڭلىمىدىم، سىز قەيەردىن ئاڭلىدىڭىز؟

_ دەپ بەرمەيمەن، ئىشقىلىپ ئىدىيىڭىزدە تەييارلىق بولۇپ قالسۇن، تۇيۇقسىز بىر كۈنى تېلېفون كېلىپ، نەچچە مىليوننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغاندا  قورقۇپ كەتمىسىڭىزلا بولدى.

مەنمۇ زىغىرلاپ سورىمىدىم، ئەمما يەنىلا بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.

_ ھە، شۇنداق قىلىپ ئۆيىمىزگە كېتەمدۇق؟

_ ئۆيىمىزگە؟

_ ھەئە. ئۆيلىنىش خېتىمىز بار، ھازىر ئىككىمىز قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولدۇق،  بىر ئۆيدە تۇرساق بولىدىغاندۇ؟

 ئۈمىدنىڭ تۇيۇقسىز دېگەن بۇ گېپىدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.  راستىمنى ئېيتسام ئەتىگەن ئۇنىڭ بىلەن خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئۆيلىنىش خېتى ئالغىلى بارىدىغىنىمنى بىلىپ ئۆيدىن چىققان بولمىسا. ئەمدى بۇ ئىشلار بەكلا تەساددىپىي يۈز بەرگەندەك بىلىنىپ ھېچ قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم.

_ ئۈمىد.

_ ئوۋ،  خوتۇن ئالىيلىرى.

_  ۋايجان، مېنى نازى دەپ چاقىرىڭە.

_ ماقۇل، ماقۇل، نازى، ياق، سىزنى مەلىكەم دەپ چاقىراي، سىز مېنىڭ مەلىكەم، مېنىڭلا مەلىكەم.   ھە، دەڭە نېمە گەپ؟

ئۈمىدنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى ئېغىر-بېسىق ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق،  بارغانچە شوخلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

_ ھازىرچە ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۇرايمىكىن.  ماڭا بىر مەزگىل ۋاقىت بېرىڭ، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشى بەك تېز بولۇپ كەتتى، بۇنى قوبۇل قىلىشىمغا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تېخى تۆنۈگۈنلا ئەزىمەت بىلەن....

_ ۋاي ۋۇي، مەن سىزگە دېدىمغۇ،  بۈگۈن سىز يېپيېڭى ئادەم بولدىڭىز. ئەمدى ئەزىمەت، پەزىمەت دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، سىز مەن ئۈمىدنىڭ ئايالى.  مېنىڭ ئالقىنىمدا ئاۋايلاپ، ئاسرايدىغان مەلىكەم سىز.

_ بولىدۇ. لېكىن ماقۇل دەڭ.

_ سىز نېمە دېسىڭىز شۇ، لېكىن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن ھە. ھە، ئەمىسە بۈگۈن ئۆيلىنىش خېتىنىمۇ ئېلىۋالدۇق، بۇنىڭ چېيىنى بەرمىسەك بولماس. ئورمانباغ رېستۇرانىدىن بىر ئۈستەل زاكاز قىلىپ قوياي، بىر نەچچە دوستىمىزنى چاقىرىپ تەبرىكلەمدۇق؟

_ بۈگۈنچە ھېچكىمگە دېمەي تۇرايلى. ھېچبىر شەپىسىزلا بېرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئېلىۋېلىپ ئۇلارنىمۇ چۆچۈتىۋەتمەيلى، كېيىنچە ئېپىنى تېپىپ ئاندىن دەيلى.

_ ماقۇل، مەلىكەم، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن. ئەمىسە  ھازىر كۆچۈپ كىرمىسىڭىزمۇ كېيىن تۇرىدىغان ئۆيىڭىزنى بىر كۆرۈپ كېلەمسىز؟

مەن يەنىلا  ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتىم، ئۈمىد جاۋابىمنى كۈتمەيلا ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى. ماشىنىنى شەھىرىمىزدىكى «پۇلدارلار رايونى» دەپ قويىدىغان داچا رايونىغا ھەيدەپ بېرىپ، بىر داچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.

_ قېنى، مەرھەمەت، ئايال خۇجايىن. ئۆيىمىزگە كەلدۇق.

ئالدىمدا تۇرغىنى مەن كىنولاردىلا كۆرىدىغان، ئىككى قەۋەتلىك، بىرىنچى قەۋتتە گۈللۈكى بار، گۈللۈكىدە گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن، ئىككىنچى قەۋىتىدە بالكونى بار، بالكونىنىڭ سىرتىدىن قارىغاندىمۇ بېزىلىشى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان داچا ئىدى. يەنە قاراپ  تۇرىۋېرىشكە خىجىل بولدۇم. ئۇنىڭغىچە ئۈمىد ئىشىكنى ئېچىپ بولدى. «قېنى، مەرھەمەت» دېدى ئۇ.

 مەن قورۇنۇپراق پۇتۇمنى ئاتلاپ كىردىم. «ۋاھ» ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. بۇنى ئۆي دېگەندىن كۆرە پادىشاھنىڭ ئوردىسى دېسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدىكەن. ئىشىكتىن كىرىپلا ئوڭ تەرەپتە ئىنتايىن چوڭ مېھمانخانا ئۆي بار ئىكەن. مېھمانخانا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئادەم ئولتۇرۇشتىنمۇ ئەيمەنگۈدەك ئېسىل سافا قويۇلغان،  تامنىڭ بىر بۇلۇڭىغا مەن كىنولاردىلا كۆرگەن يوغان لوڭقا قويۇلغان، قارىماققىلا ئەرزان پۇللۇق نەرسىدەك قىلمايدۇ. مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىچكىرىسىگىرەك ماڭغاندا تاماق يەيدىغان ئۈستەل قويۇلغان، ئۇنىڭ يېنىدا ئاشخانا ئۆي...... ئەمدى مۇشۇنچىلىك كۆرگەندە ئۈمىد « يۈرۈڭ ، ئىككىنچى قەۋەتنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ» دېدى.   ھە دەپ پەلەمپەي بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتۇق. ئىككىنچى قەۋەتتە بەش ئالتە ئېغىز ھۇجرا ئۆي بار ئىدى.  ئۈمىد ھەممە ھۇجرا ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ماڭا بىرمۇ بىر كۆرسەتتى. ھۇجرا ئۆيلەرمۇ بىر بىرىدىن ئېسىل بېزەلگەن، ئىشقىلىپ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئېسىللىق، پاكىزلىق چىقىپ تۇراتتى.

_ يۈرۈڭ، پەسكە چۈشۈپ بىردەم ئولتۇرايلى.

 مەن گەپ سۆزسىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. بىز پەسكە چۈشۈپ، بايا مەن تۇتۇپ بېقىشتىنمۇ ئەيمەنگەن سافاغا كېلىپ ئولتۇردۇق.  قورۇنۇپ ئەركىن ئازادە ئولتۇرالمايۋاتاتتىم.  ئۈمىد يېنىمدىلا ئولتۇردى.  ئۈمىد ئولتۇرۇشى بىلەن ئەندىكىپ سەل يانغىراق سۈرۈلدۈم.  ئۇ تۇيۇقسىز مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ:

_  مەلىكەم، ئەمىسە مەن دېگىنىڭىزگە كۆنۈپ سىزنى بۈگۈنلا كۆچۈپ كېلىپ مەن بىلەن بىللە تۇرۇڭ دېمەيمەن. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز بۈگۈندىن باشلاپ مەن ئۈمىدنىڭ ئايالى بولدىڭىز. بۈگۈن ئەتىگەندىن بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش، ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، خاتىرىلەشكە تېگىشلىكى بۈگۈندىن كېيىنكى كۈنلىرىڭىز.  مەن سىزگە كۆيۈنىمەن، ئاسرايمەن، قوغدايمەن. ئەمەلىيەتتە چوڭ دادامنىڭ كېسىلى  سىز بىلەن توي قىلماقچى بولۇشۇمنىڭ كىچىككىنە بىر قىسىم سەۋەبى خالاس، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.

ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنىمۇ بىلمەي يەرگە قاراپلا ئولتۇرىۋالدىم.  

_ قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ، سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلىمۇ؟

_ ئۆيدە سەي كۆكتات بارمۇ؟ بولسا مەن تاماق ئېتىپ بېرەي_، دېدىم مەن.

_ مەن ئادەتتە بۇ ئۆيدە تاماق ئەتمىگەچكە سەي كۆكتات يوق. بولدى، جاپا تارتماڭ، سىرتقا چىقىپلا يەيلى.

_ مېنى تاماق ئېتەلمەيدۇ دەپ قېلىۋاتامسىز يە؟_ تۇيۇقسىز شوخلۇق قىلغۇم كېلىپ قالدى_ مېنىڭ ئەتكەن تامىقىمنى بىر يەيدىغان بولسىڭىز، بۇندىن كېيىن سىرتتىن تاماق يىمەيدىغان بولىسىز.

مەن پو ئاتمىدىم.  ئىلگىرى قانداق قىلسام ئەزىمەتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالامەن ، قانداق قىلسام كۆڭلىنى ئۇتامەن دەپ  بىكار ۋاقىتلىرىمدا  ئۈندىدار دەرسلىرىگە قاتنىشىپ ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگەنگەن ئىدىم. ئەمما شۇنچە قىلغانلىرىمنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋەتتى.

_ ئۇنداق يېرى بولسا مەنمۇ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايمەن. مەلىكەمنىڭ قولىدىن تاماق يىسەم ماڭىمۇ خۇش ياقىدۇ ئەلۋەتتە.  


بۇ ئېلاننى  دەسسەپ  ئۈتۈپ  كىتىڭ



_  نىمە تاماققا كۆڭلىڭىز تارتىدۇ؟

_  لەغمەن ئېتىپ بەرسىڭىز بولارمىكى ئەمىسە.

_ چاتاق يوق.  ئەمىسە چىقىپ كۆكتات ئەكىرەيلىمۇ؟

_  بولدى، سىز چىقىپ جاپا تارتىپ يۈرمەي ئۆيدە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ، نېمە ئالىمەن، دەپ بەرسىڭىز ئۆزۈملا چىقىپ ئەكىرەي.

ئۈمىدكە ئالىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ بەردىم، ئۇ چىقىپ كەتتى.  ئاشخانا ئۆيگە كىردىم، بۇ ئاشخانا ئۆي مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك كېلىدۇ دېسەممۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمەن. ئاشخانا ئۆينىڭ ھەممە يېرىدە ئىشكاپ، ھەممە يېرىدە قاچا-قۇچا، قازان بېشى جابدۇقلىرى.  مەن بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاستا ئىشكاپلارنى ئاختۇرۇپ قاراپ  ئاخىرى ئۇن قويۇلغان جاينى تېپىپ، لەغمەنگە خىمىر يۇغۇردۇم.  جىزا قىلىۋاتقان چېغىمدا ئۈمىد مەن دېگەن كۆكتاتلارنى ئېلىپ كىرىپتۇ.  ئۇنىڭ قولىدىن كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپلا قولۇمنى يۇيۇپ يەنە جىزا قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن.

_ ئۆيدە بىر ئايال كىشى بولسا يەنە باشقىچە بولىدىكەن جۇمۇ. _ ئۈمىد ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ  ماڭا  قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتىم.

_ بۇنداق قاراپ تۇرىۋالماڭە، ئەركىن بولالمايدىكەنمەن_ دېدىم مەن..

_ ماقۇل، مەلىكەم، گەپ ئاڭلايمەنغۇ مەن_ شۇنداق دەپ بېرىپ سافادا ئولتۇرۇپ تېلېفون ئويناشقا باشلىدى ئۇ. جىزىنى قىلىپ بولۇپ، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ توغراپ قورۇدۇم. ئاندىن جىزىنى تارتىپ سېلىپ تەخسىگە ئېلىپ ئەچىقتىم.   تامىقىم ھەقىقەتەن بەك ئوخشىغان ئىدى.

_  تاماق يەڭ. _  دەپ چاقىردىم مەن.

_ ۋوي، پىشتىما؟ ماقۇل. _ چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ قولىنى يۇيۇپ ئۈستەلگە كەلدى ئۈمىد.  ئۇنىڭغىچە ئىسسىق چاي دەملەپ ئېلىپ چىقىپ پىيالىگە قۇيۇپ قويۇپ، ئۆزۈمگە لەغمەن تارتىپ سېلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقاچ« سىز يىگەچ تۇرۇڭ» دېدىم.  ئۆزۈمگە بىر تەخسە لەغمەننى سېلىپ چىقسام ئۈمىد يىمەي ئولتۇرۇپتۇ.

_ سىز بولمىسىڭىز گېلىمدىن ئۆتمەيدىكەن_ دەپ ئەركىلەپ كۈلدى ئۇ. « مەن بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن قانداق قىلىۋاتقان بولغىيتتى» دەپ ئويلىدىم يۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەركىلەپ دېگەن سۆزلىرىدىن يۈرىكىمگە ئىللىق بىر ئېقىم تارىدى.

ۋاھ، ۋاھ،  بەك ئوخشاپتۇ.  راستلا بۇندىن كېيىن سىرتتىن تاماق يىمەيمەن جۇمۇ. قولىڭىز گۈلكەنغۇ گۈل.

شۇنداق ماختاشلار ئىچىدە تاماق يىيىلىپ بولدى. مەن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇۋېتىپ چىقىپ ئۈمىدكە«ئەمدى مېنى ئاپىرىپ قويسىڭىز بولارمىكىن، سەل چارچاپ قاپتىمەن، بېرىپ ئارام ئالاي» دېدىم. ئۇنىڭ مۇشۇ ئۆيدە ئارام ئېلىڭ دېگىنىگە ئۇنىماي ئاپىرىپ قويۇڭ دەپ تۇرىۋالدىم، ئۇمۇ ئامالسىز قوشۇلدى.  

ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرۇپ سومكامدىكى بۈگۈن ئالغان ئۆيلىنىش خېتىنى چىقىرىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ھەتتا ھازىرغىچە بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى. ئەمما ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ، قولۇمدا ئىسپاتى بىلەن تۇرۇپتۇ، مەن راستلا ئۈمىدنىڭ قانۇنلۇق ئايالى بولدۇم.  گەرچە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، توي قىلمىغان بولساقمۇ ئەمما ئۇ ماڭا سىزنى قوغدايمەن، ئايايمەن دەپ ۋەدە بەردى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يەنىلا بىر بىرىگە ياردەم قىلىش مۇناسىۋىتىدەك، مەن ئۇنىڭ ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ چوڭ دادىىسنىڭ كېسىلى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئېلىشقا رازى بولغاندەك تۇيۇلاتتى.

شۇ تەرىقىدە قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇردۇمكىن،  بىر چاغدا تېلېفونۇم سايرىدى. تېلېفون نىگارەدىن كەلگەن ئىدى. تېلېفوننى ئالماي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئويلىنىپ كەتتىم، بۈگۈنكى ئىشنى نىگارەگە دەيمۇ دېمەيمۇ.  ئاخىرى ھازىرچە دېمەي تۇرۇش قارارىغا كېلىپ تېلېفوننى ئالدىم.

_  نىمىش قىلىۋاتىسەن، نازەك؟

_ ئۆيدە ئولتۇردۇم.

_ ئىچىم پۇشۇپ، زېرىكىپ، سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلىپ تېلېفون قىلدىم.

شۇ ھالەتتە ئۇ بىر ئېغىز، مەن بىر ئېغىز گەپلىشىپ مېھمانخانا ئۆيدىلا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.   ئەتىسى ئەتىگەن ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىدىن ئويغاندىم. «بۇ سەھەردە كەلگەن كىمدۇ؟»

_كىمۇ؟_ دېدىم مەن ئۇيقۇلۇق ئاۋازدا.

_  ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز كەلدى مەلىكەم.

ئۈمىدنىڭ ئاۋازى ئىدى.  «توختاڭ ھە» دەپ قويۇپ بېرىپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئۈستى بېشىمنى مۇنداقلا تۈزەشتۈرۈپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئۈمىد تۇراتتى.

_ ئەتىگەندە كەپ قاپسىزغۇ؟

_ ۋوي، مەن دېگەن سىزنىڭ ئېرىڭىز. ئەر ئاياللار ئەتىگىنى بىللە ناشتا قىلىدۇ، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيدۇ، كەچلىك تاماقنى بىللە يەيدۇ.  شۇڭا سىز مېنىڭ يېنىمغا كۆچۈپ بارغىچە مەن ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماققا مۇشۇ ئۆيگە كېلىمەن. ئۆيدە ناشتا قىلغۇدەك نەرسە بارمۇ يوقمۇ بىلمىگەچكە كوچىدىن ئېلىپلا كىردىم.

ئۇ ھېچ تەكەللۇپسىزلا كىرىپ، ئەكىرگەن نەرسىلىرىنى ئۈستەلگە قويدى. تۆت تال بولاق مانتا، ئىككى قاچا سۈت چاي، تۆت تال چاي تۇخۇم، يەنە بىر قاچىدا سوغۇق سەيمۇ بار ئىدى.  ئىككىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ناشتا قىلدۇق. ئادەتتە مەن ناشتىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتىم.  بۇرۇن تۈجۈپىلەپ ناشتىلىق تەييارلىسام، ئەزىمەت ئىشقا كېچىكىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ يىمەيلا ماڭاتتى.  ئۆزۈم يالغۇز يىگۈم كەلمەي تۈزۈك ناشتا قىلمايتتىم.  نەچچە يىللاردىن بۇيان بۈگۈن ئەتىگەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ناشتا قىلىپتىمەن.

_ چۈشتە نېمە تاماق ئېتىسىز؟ چۈشتە كېلىمەن جۇمۇ. _ دېدى ئۈمىد.

_ بۈگۈن ئازراق ئىشىم بار ئىدى، چۈشتە ئۆيدە بولمايمەن.

_ چۈشتە يەنە بىر ئوخشىغان لەغمەن يەمەنمىكىن دېسەم... بوپتۇ ئەمىسە- دەپ تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى ئۇ.  ئۇنىڭ ئۇماق تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ مەندىن نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى دەپ سورىمىدى، مەنمۇ مۇنداق ئىشىم بار ئىدى دېمىدىم.  شۇنداق قىلىپ ناشتىنى قىلىپ بولۇپ، كىيىملىرىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ«مەن ماڭاي ئەمىسە» دەپ ماڭدى. «يولدا دېققەت قىلىڭ، ماشىنىنى ئاۋايلاپ ھەيدەڭ» دەپ ئىشىك تۈۋىدە ئۇزىتىپ قالدىم مەن.

ئۆيگە كىرىپ ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇپ،  قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئەزىمەتنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باستىم.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k