大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 18 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 18 - قىسىم aybarawazi
2023-06-28
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 19 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17








ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
18 - قىسىم


يېزىنىڭ كەچلىك بازىرىمۇ خېلى ئوبدانلا قىزىيدىكەن، ھەرخىل يىمەكلىكلەر، تاماقلار، مايدا پىشۇرۇلغان زىخلىق يىمەكلىكلەر...... بىز ئايلىنىپ چۆگىلەپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق.

 _ نېمە يەيسىلەر؟_، ئالدىغا پەرتۇق تارتىۋالغان بىر ئايال سورىدى، مۇشۇ يەرنىڭ خۇجايىنى بولسا كېرەك.

_ ئوخشىتىپ پۇرچاق سۇيۇق ئېشى ئېتىپ بەرسىلە_ دېدى ئۈمىد يەرلىك شىۋىگە چۈشۈرۈپ.

_ بولىدۇ، ئۇكام_، پاكارراق بىر ئادەم  ئالدىمىزغا ئىككى پىيالە بىلەن بىر چەينەك چاي قويغاچ سورىدى. _ بۇ يەرلىك ئەمەس ئوخشايسىلەر ھە؟

_ ھەئە. بۇ يەرلىك ئەمەس. لېكىن يېرىم مۇشۇ يەرلىك دېسەكمۇ بولىدۇ_ ئۈمىد تومتاقلا جاۋاب بەردى.

_ بۇ ئەتراپتىكىلەرنى ئاساسەن تونۇيتتۇم، سىلەرنى كۆرۈپ باقمىغاندەك قىلىمەن، شۇڭا سورىشىم.  ھە، بۇ ياققا ئويناپ كەلدىڭلارمۇ؟_ ئەر خۇجايىن  

قاراشتىنلا گەپ خۇمار ئادەمدەك قىلاتتى.

_ چوڭ دادامنىڭ مىجەزى يوق، ئايالىم بىلەن چوڭ دادامنى يوقلاپ كېتەيلى دەپ كەلگەنتۇق.  مەن خېلى تولا كېلىمەن، لېكىن ئايالىمنىڭ تۇنجى كېلىشى، شۇڭا بۈگۈن سىلەرنىڭ تامىقىڭلارنى بىر تېتىپ باقسۇن دەپ ئەكەلدىمغۇ_ دېدى ئۈمىد. ئۇنىڭ يەرلىك شىۋىنى شۇنچىلىك ئوخشىتىپ سۆزلىشىدىن ھەيران قالدىم.

_ ئامدان قىپسىز، ئۇكام. ئانچە مۇنچە يېزا-سەھراغا چىقىپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق، سالامەتلىككە پايدىسى بار تېخى. يېزىنىڭ ھاۋاسى ساپ، يىمەكلىكى ساپ. تىنىچ، كاللاڭلارمۇ ئوبدانلا ئارام ئېلىپ قالىدۇ.

ئايال خۇجايىنمۇ چاققان ئايالكەن، بىردەمدە ئىككى چىنە پۇرچاق سۇيۇقئېشىنى ئەكىلىپ ئالدىمىزغا قويدى.

_ قېنى، تېتىپ بېقىڭلار، ئاغزىڭلارغا تېتامدىكىن_ دېدى ئايال ئالدىمىزغا قەغەزنى سۈرۈپ قويغاچ.

مەن تارتىنىپراق چوكىنى ئېلىپ تاماققا سالدىم. ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق پۇرچاق سۇيۇقئېشى ئىكەن، چۆپتىن باشقا ئازراق پەمىدۇر بىلەن ئاشكۆكى سالغاندىن باشقا ھەممىسى دېگۈدەك پۇرچاق. ئۆزۈممۇ پۇرچاققا ئامراق بولغاچقا ئىشتىھا بىلەن ئىچىپ كەتتىم.

_ ۋاھ، ۋاھ، ۋاھ. ئەمدى يېزىغا كەلگەندەك بولدۇم. ھەر قېتىم كەلسەم مۇشۇ تاماقنى يەپ ماڭمىسام پۇخادىن چىقمايمەن مەن_  قارىسام ئۈمىد تامىقىنى يەپ بولۇپ، قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتكىلى تۇرۇپتۇ.  مەن مىتىلداپ ئولتۇرۇپ بىر چىنە ئاشنى تەستە ئىچىپ بولدۇم، لېكىن تاماق ھەقىقەتەن بەك ئوخشاپتۇ، ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىمۇ تامىقىم ئاز بولغاچقا بەك تەستە ئىچىپ تۈگەتتىم.

_ ئۇكام، گەپ بىلەن بولۇپ كاۋاپ يەمسىلە دەپمۇ سورىماپتىمەنغۇ_ دېدى ئەر خۇجايىن.

_ كاۋاپقا يەنە بىر كىلەمىز، ئاكا. كەچتە تاماقنى بەك جىق يەۋالغان بىلەن بولمايدۇ_ دېدى ئۈمىد ۋە تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق.

ئۇ يەردىن يېنىپ بىردەم ئۇ يەر بۇ يەرنى ئايلانغان بوپتۇق، ئۆيگە يېتىپ بارغاندا بوۋام ئاللىبۇرۇن يېتىپ بوپتىكەن، ئويغىتىۋەتمەيلى دەپ ئاستا كىرىپلا يېتىۋالدۇق.

كارىۋاتقا يەنە تۆنۈگۈن كەچتىكىدەك ياستۇق بىلەن چىگرا بەلگىلەپ«بۇ يەردىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ ھە» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇپ ياتتىم.

_ نازى _ دېدى ئۈمىد يېتىپ بىردەمدىن كېيىن.

_ ھە.

_ ئۆزىڭىزدىكى گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى چۆرۈپ تاشلاڭ، بىز ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ بولدۇق، ھازىر ئىككىمىز قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن.  بۇرۇن ئەزىمەت سىزگە بېرەلمىگەن بەختنى سىزگە مەن بېرىمەن، سىزنى ئەتىۋارلايمەن، ۋاي دەيمەن، ئالقىنىمدا كۆتۈرىمەن، ھېچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايمەن.

ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. مەن ھاياجان ئىچىدە تۇرىۋاتقاندا ئۇ يەنە بىر ئېغىز گەپنى قىستۇرۇپ قويدى:

 _ بەزىدە  ئەكىلەپ بوزەك قىلىپ قويىمەن جۇمۇ.

دەل شۇ ۋاقىتتا «تىت تىت تىت» قىلىپ كيۇ كيۇغا ئۇچۇر كېلىپ قالدى.  مەن تېلېفونغا قولۇمنى ئۇزىتىپ بولغىچە ئۈمىد چاققان كېلىپ تېلېفونۇمنى ئېلىۋالدى.  

_ ئەكىلىڭ_ دېدىم مەن سەل جىددىيلىشىپ.

ئۇ دەرھال تېلېفونۇمنىڭ ئىكرانىدىن كيۇ كيۇنى چېكىپ«چايكا» دەپ ئوقۇدى ۋە كەينىدىنلا «چايكىغا تەلپۈنگەن بېلىجان» دەپ كيۇكيۇدىكى ئىسمىمنى ئوقۇدى.  يۈرىكىم «جىغغىدە» قىلىپ قالدى.  ئەينى ۋاقىتتا كيۇكيۇغا ئىسىم قويغاندا، چايكىغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويۇپ قويغانتىم.  ئەمما بۇ ئىسىم ئۈمىدنىڭ ئاغزىدىن چىققاندا مەن بەك ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم.  مەن مىڭبىر تەستە ئۇنىڭ قولىدىن تېلېفونۇمنى ئېلىۋېلىپ ئېتىۋەتتىم.

_ جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ، كىمتى ئۇ؟

_ بىر دوستۇم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدى،  مەنمۇ چايكانىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ يۈرمىدىم، راستىمنى دېسەم چۈشەندۈرەي دېسەممۇ قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتتىم.  چۈنكى ئۇنىڭ كىملىكىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. ئۈمىد تېزلا ئۇيقۇغا كەتتى.  مەن ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ يېتىپ بەك تەستە ئۇخلىدىم. ئەتىسى مەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا ئۈمىد تېخى ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئەمدى سىرتقا چىقىشىمغا كيۇكيۇغا ئۇچۇر  كەلدى. قارىسام بىرىنىڭ قوشۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇرى ئىكەن. تور ئىسمى «بېلىجانغا ئامراق مۈشۈك»ئىكەن.  ماتېرىيالىغا قاراپ بېقىپ كۆپ ئويلىمايلا قوشتۇم.  قارشى تەرەپ تېزلا ئۇچۇر يوللىدى:

_ «ئەخمەق. ئاسماندىكى چايكىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماڭ، مۈشۈككە يەم بولۇپ كېتىسىز بىكار»

بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم.  ئۇنىڭ كارىۋاتتا يېتىپ ماڭا ئۇچۇر يېزىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ باشقىچە يېقىملىق تۇيغۇ پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئۇچۇر قايتۇردۇم:

_ «شۇنداق ئۇماق بېلىجاننى مۈشۈكنڭمۇ يەۋەتكۈسى كەلمەس؟»

_«ئەلۋەتتە مۈشۈكنىڭمۇ كۆزى قىيمايدۇ، مۈشۈك پەقەت ئۇنى يۈرىكىدە ساقلىماقچى».

بۇ چاغدا چوڭ دادام ئاشخانا ئۆيدىن چىققان ئىكەن، «تۇردىڭىزمۇ قىزىم» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئالمان تالمان تېلېفوننى يىغىشتۇرۇپ «ياخشى ئۇخلاپلىمۇ» دەپ سالام قىلدىم.

 ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېزا دوختۇرخانىسىغا ئۈمىدنىڭ بېشىدىكى تېڭىقنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ماڭدۇق. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرەي دەپ ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشەلسەم، ئۈمىد «سىز ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ» دەپ ئۆزى يالغۇز كىرىپ كەتتى. ئالاھەزەل 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇ ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپلا ماشىنىغا چىقىشقا ئالدىرىمىدى، بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ نەچچىنى شورىۋېلىپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن يانچۇقىدىن بىر قاپ دورىنى چىقاردى.  دورىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى.

ئۇ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئېسىمگە كېلەلمىدىم، ئۇ  نىمە بولغانلىقىنى پەملىدى بولغاي:

_  نېمە، دورىنى كۆرۈپ بىر خىل بولۇپ قالدىڭىزما؟ مېنى قىلغان ئىشىغا ئىگە بولماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟

«ئۇنداق بولمىسا بۇ دورىنى نېمىگە ئېلىپ چىقىدۇ؟» سۇئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.  ئۇ تۇيۇقسىز مەن تەرەپكە ئۆرۈلۈپ، بوينۇمدىن تۇتۇپ بېشىمنى بېشىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ پىشانىمىزنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_  ماڭا قاراڭ، مەلىكەم. مەن قىلغان ئىشىغا ئىگە بولمايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئەر ئەمەس .  دەل سىزگە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن. بۇ دورىنى يەمسىز يىمەمسىز، ئىختىيارىڭىز.  مەن سىزنى مەجبۇرلىمايمەن. ئەگەر بويىڭىزدا قالسا  بالىنى چۈشۈرىۋېتىمەن دېيىشىڭىزگە روخسەت يوق،  ئاياللارنىڭ تىنى ئەسلىمۇ ئاجىز، قايتا قايتا بالا چۈشۈرۈشكە بەرداشلىق بېرىپ بولالمايدۇ.

ئۇنىڭ كەسكىنلىك بىلەن ئېيتقان بۇ سۆزلىرىدىن چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.  كەيپىياتىم بىردەمنىڭ ئىچىدە ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. ئۇ  بوينۇمنى قويۇۋېتىپ،  ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ دورىنى تاشلىۋېتىپ، پەس ئاۋازدا:

_ بايا مەنمۇ ناچار ئەر كىشىدەك ئىش قىلىپ قويدۇممۇ نىمە؟  مەندىن ئايرىلىپ كەتكۈڭىز كېلىپ كەتتىمۇ؟_ دېدى. مەن خۇدۇكسىرەپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىيالمىدىم. يەرگە قاراپ دومىسىيىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ يۈزۈمنى چىمداپ«دومسىيىشلىرىمۇ ئوماق» دەپ قويۇپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى ۋە«ھامىنى بىر كۈنى مەندىن ئايرىلالماس قىلىپ قويىمەنغۇ سىزنى» دېدى.  ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تېخىمۇ بىئارام بولدۇم، چۈنكى مەن ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئەتىسى ئۇ مېنى تاغقا ئېلىپ چىقتى. بۇ يەرنىڭ تاغلىرى ئۇنداق ياپيېشىل قارىغايلار بىلەن قاپلانغان بولمىسىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. تاغقا چىقىپ بولغىچە ھاسىراپ ھۆمۈدەپ ئاران قالدىم،  قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى مېنىڭكدىن ياخشى ئىكەن،  مېنىڭ قولۇمدىن يىتىلەپ ئېلىپ چىقتى.  تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا بىردەم ئولتۇرىۋالدۇق، شۇ ئەسنادا نىگارەدىن تېلېفون كەلدى، مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭ چوڭ دادىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىمىزنى دېدىم.  ئۇ دەسلەپتە ھەيران قالدى، كېيىن «توغرا، چوڭلارنىڭ ئالدىغا سالامغا بارىدىغان ۋاقتىڭمۇ بولۇپ قالغان» دېدى.

تاغقا چىققۇچە ھېرىپ پۇتۇمدا جان قالمىغان بولسا، ئەمدى تاغدىن چۈشىدىغاندا  قوساقلىرىم تىترەپ كەتتى. تەمتىلەپ ماڭالمايۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد ئالدىمغا ئۆتۈپ لىككىدە قىلىپ مېنى ھاپاش قىلىۋالدى.  ئۇنىڭ دۈمبىسى شۇنداق يۇمشاق، ئىللىق ئىدى، مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بېشىمنى قويۇپ تۇرۇپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندەك بولدۇم.  بۇ يەرگە كەلگەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزۈمنى دوستلىرىمىز بىلەن يېتىلىشىپ تاغمۇ باغمۇ باغ ئوينايدىغان كىچىك ۋاقتىمغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

كەلگەننىڭ تۆتىنچى كۈنى ئۈمىد مېنى بىر مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى. تەييارلىق قىلىپ ھويلىغا چىقساق چوڭ دادام يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ رادىيو ئاڭلاۋېتىپتۇ. تۇرۇپلا مېنى بىر خىل خىجىللىق تۇيغۇسى چۇلغىۋالدى.  كېلىشتە چوڭ دادامنى يوقلايمىز دەپ كەلگەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئويۇنى بىلەنلا بولۇپ، چوڭ دادامغا بىر كۈنمۇ ھەمرا بولماپتۇق.   مەن ئۈمىدنىڭ چاپىنىنى تارتىپ:

_ ئۆزىڭىز بېرىپ كېلىڭە، مەن بۈگۈن چوڭ دادامغا ھەمرا بولاي_ دېدىم. ئۈمىدمۇ مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەندى بولغاي، ئارتۇق گەپ سورىماي ماقۇل بولۇپ ماڭدى.

_ مەن ماڭاي ھە، چوڭ دادا.  نازىيە نەۋرەڭ يېنىڭدا قالدى ئەمىسە.

چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم، چوڭ دادام مەندىن تۆنۈگۈن قەيەرگە بارغىنىمىزنى، بۇ يەرنى ياقتۇرغان ياقتۇرمىغىنىمنى سوراپ بىر دەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ بىر قۇتىنى ئېلىپ چىقتى.  بۇ قۇتىدا نۇرغۇن سۈرەتلەر بار ئىكەن، ئۈمىدنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلەرمۇ كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ يەتتە سەككىز ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىدىن بىر نەچچە پارچە بار ئىكەن،  كىچىك ۋاقتىدا بۇدرۇق ئۇماق ئىكەن ئۇ، لېكىن ھازىرقى چىرايىمۇ بەك ئۆزگىرىپ كەتمەپتۇ، كىچكىدىمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگۈدەك ئۇماق ئىكەن.  يەنە بىر نەچچە پارچە گىتار چېلىپ چۈشكەن سۈرەتلىرى بار ئىكەن.  ئۇنىڭدا چېچى ئۇزۇن ئىكەن تېخى.

_ ئۇنى دوختۇرلۇقتا ئوقۇ دېسەك ئۇنىمىدى، مەن مۇزىكىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن چېچىغا ئىچىم پۇشۇپ ياسىتىۋەت دېسەم ياساتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا قايچىنى ئېلىپ چىقىپ كېىسىۋەتتىم.

قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

_  تازا جىلە بولغاندۇ؟

چوڭ داداممۇ كۈلۈپ كەتتى.

_ ئويغىنىپ ئەينەككە قاراپ ھېچنېمە دېمەيلا چىقىپ كەتكەن. ئۇنى ئۆيدىن چىقىپ كېتەمۇ دەپ ئەنسىرەپ ئولتاسام ، ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە يېنىپ كىرىپتۇ،  ئەسلى ئۇ  چېچىنى ياساتقىلى چىقىپ كېتىپتىكەن.

چوڭ دادام ئىككىمىز خېلىغىچە كۈلۈشۈپ ئولتۇردۇق. ئۈمىدنىڭ مەنزىرە رايونىغا يالغۇز بارغۇسى كەلمىدىمۇ يا باشقا سەۋەبمۇ  بىلمىدىم، ماشىنا كېلىپ دەرۋازا ئالدىدا توختىدى. ماشىنىنىڭ توختىغىنىنى كۆرۈپ خۇشلۇقتىن يۈرىكىم تىپچەكلەپ ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىغا ماڭدىم. ئۇ  دەرۋازىدىن ئەمدى كىرىشىگە تېلېفون كېلىپ قالدى. ئۇ ماڭىمۇ قارىمايلا تېلېفوننى ئېلىپ يەنە سىرتقا قاراپ ماڭدى. « بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئالغىلى بولمىغۇدەك كىمدىن كەلگەن تېلېفوندۇ؟» مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم مەندىن يوشۇرۇن تېلېفون ئېلىشى. كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالدى.  كەينىمگە قايتىپ بېرىپ ، چوڭ دادام بىلەن بىللە سۈرەتلەرنى كۆردۈم، لېكىن خىيالىم سۈرەتلەردە ئەمەس ئىدى.  ئەمما سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە سۈرەت دېققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى.

ئۇ ئۈمىد بىلەن بىر قىزنىڭ سۈرىتى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ سۈرەتتىكى ۋاقتى 20 ياشلر ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، يېنىدىكى قىزمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى.  ئۇ قىزغا سەپسېلىپ قارىدىم، كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق قىز ئىكەن،  سۈرەتتە ئۈمىد قولىنى ئۇ قىزنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالغان.  ئۇنىڭغا دېققەت قىلماي تۇرالمىدىم.

_ ھە، ئۈمىدنىڭ ساۋاقدىشى، ئىسمى نازىيە.  بەك يېقىن دوست ئىدى بۇلار. لېكىن......_ چوڭ دادام گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمىدى.

 سۈرەتنى قولۇمغا ئېلىپ،  خۇددى كەينىدىن بىر نىمە چىقىپ قالىدىغاندەك ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ كەتتىم. سۈرەتكە تىكىلىپ تۇرۇپ قالغان چېغىمدا بىر قول كېلىپلا سۈرەتنى ئېلىۋالدى.

_ چوڭ دادا، ئۇ سۈرەتلەرنى ئايالىمغا كۆرسىتىپ يۈرگىنىڭنى قارا.  باشقىلارغا كۆرسەتكىلى بولىدىغان سۈرەتلەرمۇ ئۇ؟

ئۈمىد شۇنداق دەپ ئۈستەلدىكى سۈرەتلەرنىڭ ھەممىنى قۇتىنىڭ ئىچىگە تىقتى، چىرايىدا چوڭ دادامغا بولغان نارازىلىق ئەكىس ئەتتى.

_ كۆرسەتسەم نىمە بوپتۇ؟ ھازىر قارىساڭ شۇ چاغدىكى سۈرەتلەر كۆرۈمسىزدەك بىلىنەمدىكەن يا؟

سۈرەتتىكى ئۇ ھەقىقەتەن ھاياتىي كۈچكە تولغان، جۇشقۇن بىر ھالەتتە ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇ شۇنچىلىك تەمكىن، ئېغىر بېسىق بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرى. باشقىلار ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرى كۆپ بولغانسېرى شۇنچە ئېغىر بېسىق بولۇپ كېتىدۇ دېيىشىدىكەن،  ئۇنىڭ بېشىدىن قانداق ئىشلار ئۆتكەندۇ؟

چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا ئۇ «چۈشتىن كېيىن قايتىپ كېتىدىغان بولدۇق » دېدى. چۈچۈپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم. بىر ھەپتە تۇرىمىز دېگەن ئەمەسمىدى، ئەمدى تېخى تۆت كۈن بولدىغۇ؟ بايا كەلگەن تېلېفون سەۋەبلىكمۇ يا؟

چوڭ دادام ئېغىر ئۇھ تارتتى ۋە:

_ بوپتۇ، كېتىڭلار. سىلەرنىڭمۇ ئۆزۈڭلارغا چۇشلۇق ئىشىڭلار بار.  مەن سىلەرنى بۇ يەردە ئۇزۇن تۇتىۋالساممۇ بولمايدۇ.  نازىيە قىزىمنىڭ قولى بەك تاتلىقكەن، ئۇ كەتسە ئەتكەن تاماقلىرىنى سېغىنىپ كېتىدىغان بولدۇمدە_ دېدى.

_ پۇرسەت بولسىلا نازىيەنى ئېلىپ كېلىپ تۇرىمەن، چوڭ دادا. _ دېدى ئۈمىد.

_  بولدى، كۆڭلۈمنى ياسىما.  مەنمۇ قېرىدىم، قانچىلىك ئۈمرۈم قالدى بىلمەيمەن، ئىككىڭلار ياخشى ئۆتسەڭلارلا مەن شۇنىڭغا خوش.  قاچانمۇ ئەۋرە كۆرەمەنكىن تاڭ؟

چوڭ دادامنىڭ تۇيۇقسىز دېگەن بۇ گېپىدىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. ئۇنداق دېيىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

_ ئاز قالدى_ دېدى ئۈمىد مۈجىمەللا قىلىپ.

تاماقتىن كېيىن مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتساق، چوڭ دادام بىر توي باغىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ.

_ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى خەمىت دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قىزىنىڭ تويىكەن. ئەسلى ئۆزۈم بارامەن دېگەنتىم، لېكىن قارىسام سالامەتلىكىم يار بەرمەيدىغاندەك قىلىدۇ.  ئۈمىد، مېنىڭ ئورنۇمدا سىلەر بېرىپ كېلىڭلار.

شۇنداق دەپ باغاقنى مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. «خەمىت دوختۇرخانا باشلىقى»دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلغانتىم، باغاقنى ئېلىپ قارىسام راستلا ئايگۈزەلنىڭ دادىسى خەمىت دوختۇرخانا باشلىقى ئىكەن.  باغاققا«ئەزىمەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈزەل خانىمنىڭ توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىمىز. ئورنى ئەسىر رېستۇرانى» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئايگۈزەلنىڭ دادىسى بىلەن چوڭ دادامنىڭ بېرىش كېلىش قىلىدىغانلىقىدىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدىم.  ئۈمىد ماڭا «چوڭ دادام بۇرۇن شەنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ئىدى، كەسىپداشلار بولغاچقا خەمىت دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن بېرىش كېلىش قىلىشسا كېرەك» دېدى.

شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىنلىكى چوڭ دادام بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتۇق.

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ



………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k