
بۇ ئەسەرنىڭ 16 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
||
ئۇنىڭ بېشىغا ئورالغان داكا بىلەن ئاپئاق كۆينىكىگە يۇقۇپ قالغان قان داغلىرى بىرلا قارىغان كىشىگە بىر خىل سۈرلۈك تەسىر بېرەتتى. ئەمما ئۇ بىر قولىنى يانچۇقىغا تىقىپ، تېڭىپ قويۇلغان قولىنىڭ بارمىقىغا بىر تال تاماكىنى قىستۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ چىقىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ھېلىلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوراقخانىسىدىن چىققان ئادەمدەك قىلمايتتى ئۇنى. كۆرۈپ بىر سائەتتىن بۇيانقى ئەنسىرەشلىرىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم:
_ قانداقراق؟
ئۈمىد مۈرەمگە يىنىك شاپىلاقلاپ قويۇپ ماڭا قاراپ كۈلدى، ئەمما كۈلكىسىدە بىر خىل ھارغىنلىق بار ئىدى. «ھېچ ئىش يوق». بىردەمدىن كېيىنلا فەرۇقمۇ چىقتى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئۇرۇشقان قالغان ھەممەيلەن چىقتى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىچىدە ھېچكىم ھېچكىمگە ئارتۇق گەپ قىلمىدى. لېكىن دەرۋازا ئالدىغا چىقىپلا فەرۇق ئۇلارغا قاراپ ۋاقىرىدى:
_ ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولۇشما، سولتەكلەر.
«ئاپلا» دەپ قالدىم مەن. «ئەمدى ساقچى ئىدارىسىدىن چىققاندا يەنە تۇتۇشۇپ قالارمۇ؟»
ئۇلارمۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇرۇشۇپ يۈرۈشنى توغرا كۆرمىدىمۇ، دەرھال فەرۇقنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بايا نىگارەگە «يامانكەنسىز» دەپ گەپ تاشلىغان گۈللۈك كۆينەك «تولا كۆرەڭلەپ كەتمە، كۆرۈشۈپ قالىمىز تېخى.» دېدى. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا نىگارەگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. «قىزچاق، ماھارىتىڭىز قالتىسكەن جۇمۇ، باشقا بىر كۈنى ماڭىمۇ ئۆگىتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك.»
يۈرىكىم بىر يامان ئىش بولىدىغانلىقىنى سەزگەندەك دەھشەتلىك سېلىپ كەتتى. ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى. دەرۋەقە، فەرۇق ئاغزىدىكى چېكىپ يېرىمى قالغان تاماكىسىنى يەرگە زەردە بىلەن تاشلاپ، ئۇنىڭغا قاراپ قولىنى سوزۇپ:«ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل ھە، كىمدىن ماھارەت ئۆگىنەتتىڭ؟»دەپ ئالدىغا ماڭغان ئىدى، ئۈمىد ئۇنى توسۇۋالدى. ھېلىقى گۈللۈك كۆينەك فەرۇقنىڭ سەكرەپ كەتكىنىنى كۆرۈپ سەت ھىجايدى:
_ ھە سېنىڭ قىز دوستۇڭما؟
فەرۇقنىڭ ئاچچىقتىن چىشلىرى كىرىشىپلا قالغان ئىدى، ئۇ نىگارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
_ ئوبدان كۆرۈپ قوي، بۇ مېنىڭ قىز دوستۇم، ئۇنى تاك ئېتىپ چېكىدىغان بولساڭ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن.
گۈللۈك كۆينەكمۇ خېلى جاھان كۆرگەن نېمە بولسا كېرەك، فەرۇقنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ قالمىدى. ئۇ ئالدىرىماي نىگارەگە بېشىدىن ئايىقىغىچە قارىۋېتىپ:
_ سېنىڭ قىز دوستۇڭ بولسا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم. قىزچاق، ئېسىڭىزدە تۇتىۋېلىڭ ھە، مېنىڭ ئىسمىم شۆھرەت.
_ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە،_ نىگارە بىر خىل بىزار بولغاندەك ئاھاڭدا شۇنداق دېدى. شۆھرەت دېگىنى نىگارەنىڭ گېپىگە ئاچچىقلانماي ئەكسىچە كۈلۈپ كەتتى.
_ مەن مۇشۇنداق قىزلارنى ياخشى كۆرىمەن. _ ئاندىن نىگارەنىڭ تېڭىلغان قولىغا قاراپ_ كەچۈرۈڭ، قىزچاق. ئۇلار دېققەت قىلماي قولىڭىزنى يارىلاندۇرۇپ قويۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى ئوبدانراق بېرىپ قويسام بولغۇدەك.
_ يوقال دېگىنىنى ئاڭلىمىدىڭما؟ نىمانداق بىزەڭ نېمە سەن؟_ فەرۇقنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئىدى. ئەگەر شۆھرەت يەنە ئىككى ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلغان بولسا يەنە جىدەلنىڭ چوڭى چىقاتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، بىللە كەلگەن ئادەملىرىنى باشلاپ كېتىپ قالدى.
_ نېمە مېنى قىز دوستۇم دەپ يۈرىسىز؟
فەرۇقنىڭ بايىقى ئاچچىقى تېخى بېسىلمىغان بولسا كېرەك، ھاسىراپ كەتكەن ئىدى.
_ پەخەس بولۇپ يۈرۈڭ، بۇ شۆھرەت دېگەن لۈكچەك بىر نېمە. قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.
_ ئاپام مېنىمۇ ئەقلى ھۇشۇم بىلەن تۇغۇپتىكەن، مەنمۇ قاراپ باشقىلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن. ماڭا ئىش ئۆگىتىمەن دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ چاغدا ناخشىچى قىز ساقچى ئىدارىسىدىن چىقتى. ئۇ قىز كۆڭلىدە ئۇلارنى «مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇرۇشتى» دەپ ئويلاپ قالغانمىكىن، ئاستا مېڭىپ يېنىمىزغا كەلدى، ئۇ قىزغا سەپ سېلىپ قاراپ باقتىم. بايا بەزمىخانىدا ئۇ قىزنىڭ ناخشىسىنىلا ئاڭلاپ، تەقى تۇرقىغا دېققەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى قارىسام ئۇ قىز تېرىسى ئاپئاق، قۇڭۇر ئۇزۇن چېچى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان چىرايلىق قىز ئىكەن. مۈرىسىگە ئېسىۋالغان گىتار ئۆزىگە شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى. ئۇ قىز ئۇدۇللا ئۈمىدنىڭ ئالدىغا كەلدى.
_ ئاكا، بىزدەك بەزمىخانىدا ناخشا ئيتىدىغانلار بۇنداق ئۇرۇشقان ئىشلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. باشقىلار بىزنى نىمە دەپ ئويلايدۇ بىلمەيمەن، ئەمما بىزمۇ تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مۇشۇنداق ناخشا ئېيتىپ تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشىپ يۈرىمىز. باشقىلارنىڭ ئۇنى بۇنى دىيىشلىرىگە كۆنۈپمۇ كەتتۇق، ئۇ گەپلەرنى دەپ ئۇرۇشۇپ، ئۆزىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرۈشكە ئەرزىمەيدىكەن.
ئۈمىد ئۇ قىزغا قاراپ تولىمۇ سالماق بىر ئاھاڭدا :
_ ناخشىنى تېخىمۇ ياخشى ئېيتىڭ، ناخشىڭىزدىن ھەقىقىي ھوزۇرلىنىدىغان ئادەملەر يەنىلا بار._، دېدى.
فەرۇق ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ نەرگىزە سىڭلىم، ئۆزىڭىزگە ئالماڭ، بۈگۈنكى ئىشنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق، قايتىپ ئارام ئېلىڭ_، دېدى.
قىز بۇ گەپتىن كۆڭلىدىكى بىئاراملىق پەسەيگەن بولسا كېرەك:
_ رەھمەت فەرۇق ئاكا، مەن ماڭاي ئەمىسە، خوش_ دەپ ماڭدى.
قالغانلار ھەممىسى كېتىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا تۆتەيلەنلا قالدۇق. فەرۇق نىگارەگە «سىزنى مەن ئاپىرىپ قوياي» دېدى، ئەمما نىگارە ئۇنىمىدى.
_ دادامنىڭ شوپۇرىغا تېلېفون قىلىپ قويدۇم، ھېلى ئالغىلى كېلىدۇ، سىلەرنىمۇ مەنلا ئاپىرىۋېتەي بولمىسا_ دېدى ئۇ. بۇنىڭغا ئۈمىدمۇ، فەرۇقمۇ ئۇنىمىدى.
_ ھېلىمۇ خېلى كەچ بولدى، ماشىنا كەلسە سىز مېڭىۋېرىڭ، بىز تاكسى بىلەن كەتسەك بولىۋېرىدۇ.
بايا ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى 520 بەزمىخانىسىنىڭ ئالدىدا قېپ قالغان. يەنە كېلىپ بايا بەزمىخانىدا ئازراق ھاراق ئىچكەچكە ئۈمىد ماشىنا ھەيدىسىمۇ بولمايتتى. بىز ئاۋۋال فەرۇقنى كەتكۈزىۋەتتۇق، ئۈمىد پاراڭلاشقاچ پىيادە ماڭايلى دېدى، ئەمما ئۇ يارىلانغان بولغاچقا مەن ئۇنىماي تۇرىۋالدىم. تاكسىغا چىقىپ تالاش-تارتىش يەنە باشلاندى.
_ ئاۋۋال سىزنى ئاپىرىپ قويۇپ، ئاندىن مېنى ئاپىرىپ قويسۇن_ دەيتتى ئۈمىد.
_ ياق، سىز يارىلاندىڭىز، يەنە كېلىپ سىزنىڭ ئۆيىڭىز يېقىن، مېنىڭ يىراق، شۇڭا ئاۋۋال سىزنى ئاپىرىپ قويسۇن_ دەيتتىم مەن.
تاكسى شوپۇرىنىڭمۇ ئىچى پۇشۇپ كەتتى بولغاي:
_ ھە، شۇنداق قىلىپ قايسىڭلارنى بالدۇر ئاپىرىپ قويىدىغان بولدۇم؟
_ شەرقىي بازارغا ھەيدەڭ ئۇستام.
ماشىنىدا كېتىۋاتىمىز، كاللامدا بايىقى ئۇرۇشۇپ كەتكەن مەيدان. ئۇ چاغدا قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ئىرەن قىلمىغان بىر ئىش تۇيۇقسىز كاللامنى سەگىتتى. «نازىيە» دەپ ئىختىيارسىز پىچىرلاپ ساپتىمەن. دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ئۈمىد مېنىڭ «نازىيە» دېگىنىمدىن چۈچۈپ ماڭا قارىدى، ئەمما ئىنتايىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ :
_ جۆيلۈۋاتامسىز نېمە؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرغىلى تۇردىڭىزغۇ؟_ دېدى.
_ ھە، ھېچنىمە، بايا بەزمىخانىدا مۇشۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ قالغاندەك قىلدىم، شۇڭا......
_ ھە.
ئۈمىد ئارتۇق گەپ قىلمىدى، ئەمما ئۇ گەپ قىلمىغانچە بۇ ئىش ماڭا غەلىتە بىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ مەن بىرەر گەپ قىلسام ھە دەپلا توختاپ قالىدىغان ئۈمىد ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايا «نازىيە» دېگەن ئىسىم چىقىپ، ئۇنىڭ يامان گېپى بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۈمىد ھېلىقى جىدەلنى باشلىدى. بۇ نازىيە دېگەن كىمدۇ؟ بۇ مەن بىلەن ئىسىمداش قىزنىڭ ئۈمىد بىلەن نىمە ئالاقىسى باردۇ؟ كۆڭلۈمدە ھەر خىل گۇمانلار بىلەن شەرقى بازارغا كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماپتىمەن.
_ قەيەردە توختاپ بېرىمەن؟_ دېدى شوپۇر.
_ ھە ئالدىمىزدىكى كوچا ئېغىزىدا_ دېدى ئۈمىد مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە.
كوچا ئاغزىغا كەلگەندە ئۈمىد كىرا پۇلىنى بېرىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشتى.
_ سىزمۇ چۈشتىڭىزغۇ؟
ئۇنىڭغىچە تاكسى كېتىپ قالدى.
_ ھەي،_ دېدىم مەن جىددىيلىشىپ ماشىنىغا قاراپ_ كېتىپ قالدىغۇ، بۇ يەرگە ئاسانلىقچە تاكسىمۇ كەلمەيدۇ، قانداق قىلارمىز ئەمدى؟
_ قانداق قىلاتتىم، مەلىكەمنىڭ يېنىدا قونۇپ قالىمەن._ دەپ بىزەڭلەرچە كۈلدى ئۈمىد.
بۇ ئېلاننى دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىڭ
_ھە؟ _ ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق دىيىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، شۇڭا يا ياق دەپ قارشىلىق قىلىشىمنى، يا ماقۇل دەپ ئۆيگە باشلاپ كىرىشىمنى بىلەلمىدىم.
_ مېنى ئۆيگە كىرگۈزمەيدىغان بولسىڭىز، ئۆيلىنىش خېتىنى ئالدىمغا قويۇپ ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىا ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزىمەن.
«يامان يەردىنلا تۇتتىغۇ» دەپ ئويلىدىم مەن. « يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يارىلانغان، بېشى بىلەن قولى تېڭىقلىق بۇ ھالەتتە ئۆيىگە قايتىپ كەتسىمۇ يالغۇز ئۆيدە قىينىلىپ قالاتتى. بوپتۇلا، بۈگۈن كەچ يېنىمدا قونۇپ قالسىمۇ قالسۇن» دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇنىڭغا:
_ بۇنداق دەپ تۇرىۋالسىڭىز ماڭىمۇ ئامال يوقتە، بوپتۇ، يۈرۈڭ. – دېدىم.
ئۇ ساق قولى بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ، مېنى يىتەكلەپ كوچىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ ماڭدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ كىيىملىرى قان بولۇپ كەتكەن، ئالماشتۇرىۋېلىڭ دەي دېسەم ، بۇ ئۆيدە يا ئەر كىشىنىڭ كىيىمى يوق، قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى؟ ھە راست......
_ ئۈمىد_ دېدىم مەن سەل تارتىنىپراق.
_ خوش ، مەلىكەم_ دېدى ئۈمىد.
_ كىيىمىڭىز قان بولۇپ كىتىپتۇ. بۇ ئۆيدە سىز ئالماشتۇرغۇدەك كىيىم يوق، كەڭرەك ئۇخلاش كىيمىمنى ئېپ چىقىپ بەرسەم كىيىۋېلىپ تۇرسىڭىز كىيمىڭىزنى يۇيۇپ بېرەيمۇ؟ _ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئۆزۈممۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم.
_ مەيلى، شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامال يوق_ دېدى ئۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇخلاش كىيىملىرىم ئىچىدىن كەڭرەك، ئالدى ئوچۇق ئۇخلاش كىيمىدىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ
_ قان كىيمىمدىن بەدىنىمگىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ھالەتتە قانداق كىيىم ئالماشتۇرىمەن_ دېدى، دېمىسىمۇ راست. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
_ ئەمىسە يۇيۇنىۋالامسىز؟_ دېدىم مەن تارتىنىپراق.
_ سىز يۇيۇپ قويۇڭە_ دەپ قولىنى كۆرسىتىپ ئەركىلىدى ئۇ.
_ ھەي_ كەسكىن بىر ئاھاڭدا شۇنداق دېدىم.
ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە :
_ چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۆيدە سۇ ئۆتمەس پەلەيدەك بىر نەرسە بارمۇ؟_ دەپ سورىدى.
_ ئۇنداق نەرسە يوق. توختاپ تۇرۇڭ ھە_ دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، يىمەكلىك ئورايدىغان سۇلياۋ خالتىدىن ئېلىپ چىقىپ قولىنى يۆگەپ، سۇ ئۆتمىگۈدەك قىلىپ قويدۇم. ئاندىن مونچىغا كىرىپ سۈيىنى تەڭشەپ بېرىپ يېنىپ چىقتىم.
بىردەم تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرسام، مونچىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئۈمىد مېنىڭ چەيزەرەڭ ئۇخلاش كىيىمىمنى كىيىپ، بېشىغا چاچ لۆڭگىنى ئوراپ چىقتى. ئۇنىڭ تۇرقى شۇنچىلىك ئۇماق بولۇپ كەتكەن ئىدى. «ئايال كىشى بولۇپ قالسىمۇ ساھىبجامالنىڭ ئۆزى بولاركەن» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
_ ئۈمىد خانىمنىڭ كىيىمى يارىشىپتۇمۇ؟_ دېدى ئۇ قەستەن ئاۋازىنى ئىنچىكە چىقىرىپ. بۇ گەپتىن ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
_ ئولتۇرىۋېلىڭ، قانداقراق تۇرىسىز؟_ دېدىم مەن ئۇنى كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ.
_ بېشىم سەل قېيىپ تۇرىدۇ. _ دېدى ئۇ.
_ ئەمىسە سىز مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ يېتىپ ئارام ئېلىڭ، مەن كىيىملىرىڭىزنى يۇۋېتىپ چىقىپ كرىسلودا ياتاي، سىز ئۇخلاۋېرىڭ ھە.
شۇنداق دەپ ئۇنىڭ ئالماشتۇرۇپ قويغان كىيىملىرىنى ئېلىپ تازىلىق ئۆيىگە ماڭدىم. ئاپئاق كۆينەكتىكى قان دېغىنى چىقىرىش بەكمۇ تەسكە چۈشتى، بەك ئۇزۇن يۇدۇم، لېكىن يەنىلا پاكىزە چىققاندەك قىلمايتتى. ئەمدى ئەتە ئىشقا قانداق بارا؟ بېشىم قېتىپ كەتتى. ئاق كۆينەكنىڭ ئۈستىگە كاستيۇم كىيىۋالسا بەك چېنىپمۇ كەتمەس دەپ ئويلىدىم يەنە.
مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئېسىۋېتىپ چىقسام ئۇ كرىسلودا يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ھەرقانچە چاقىرساممۇ ئويغانمىدى، ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ قويالمايمەن-دە. ئامالسىز كرىسلودا ياتقان يېرىگىلا ئۈستىگە يېپىنچا يېپىپ قويۇپ، ئۆزۈم ھۇجرامغا كىرىپ ياتتىم. لېكىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. كاللامدا بىرلا ئىسىم چۆگىلەپ يۈرەتتى.«نازىيە، بۇ نازىيە دېگەن زادى كىمدۇ؟ ئۇنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە ئۈمىد كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكۈدەك ئۇ ئۈمىدنىڭ نىمىسىدۇ؟» قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن. ئويغانسام تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ. تۇيۇقسىز ئۈمىدنىڭ كرىسلودا ئۇخلاپ قالغىنى ئېسىمگە كېلىپ چىقسام، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنى يۇيۇپ، كىيىملىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بولۇپ، ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىۋېتىپتىكەن.
_ ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ، مەلىكەم. _ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپراق:
_ كەچۈرۈڭ، سەت بولدى، بەك ئۇخلاپ كىتىپتىمەن، قانداقراق ئۇخلىدىڭىز؟ كرىسلودا ئۇخلىيالىدىڭىزمۇ؟ ئاخشام ئۇخلاپ قاپتىكەنسىز، ئويغىتالمىدىم_ دېدىم.
_ مەلىكەمنىڭ ئۆيىدە قاتتىق يەردە ياتساممۇ راھەتتە ئۇخلاۋېرىمەن_ دېدى ئۇ.
_ قانداقراق تۇرىسىز؟ بېشىڭىز يەنە قېيىۋاتامدۇ؟
_ ھەئە، ئازراق قېيىۋاتىدۇ.
_ ئەمىسە بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى ._ دېدىم مەن.
_ ۋاي بولدىلا، ئۇناق تاۋى نازۇك ئەمەس مەن. ھېچنىمە بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي دوختۇرخانىغا بېرىشقا ماقۇل كەلتۈردۈم. ئاندىن يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. مەن ناشتىلىقنى تەييارلاپ ئەمدى ئېلىپ چىقىپ ئۈستەلگە قويۇشۇمغا ئىشىكنى بىرسى چەكتى. ئىشىكن تەرەپكە ماڭاي دېيىشىمگە ئۈمىد:
_ بولدى، مەن ئاچاي_ دەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئالدىدا قولىدا بىر سومكىنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدنىڭ شوپۇرى ئالىم تۇراتتى. ئۈمىد بىر نىمىلەرنى دەپ ئۇنى ماڭغۇزىۋەتكەندىن كېيىن يېنىپ كىردى.
_ شوپۇر بۇ يەرنى قانداق تاپتىكىنە؟ ئەتىگەندە نىمە ئەكەپتۇ؟_ قىزىقىپ سورىدىم مەن.
_ ئېرىڭىز بۇنداق كاستيۇملار بىلەن قېتىپ دوختۇرخانىغا بارسا قاملاشمايدۇ دە، شۇڭا ئۇنىڭغا دەپ كىيىملىرىمنى ئەكەلدۈردۈم.
ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ دېگەن مۇشۇ دە، ئاغرىپ تۇرۇپمۇ يەنە مۇشۇلانى ئويلاپ يۈرگىننى دەپ ئويلىدىم مەن. شوپۇر ئۇنىڭغا ئەكەلگىنى پادىچىلار ئىشتىنى، ئايىقى بوغۇق چاپان ۋە ئازادە كۆرۈنىدىغان يۇمىلاق ياقىلىق مايكا ۋە بىر تەنتەربىيە ئايىقى ئىكەن. ئۇ كىيىمنى ئالماشتۇرىۋالغاندىن كېيىن يېڭىچە بىر ئۈمىد بولۇپ كەتتى.
_ بۇ كىيىمىڭىزمۇ يارىشىپتۇ_ دېدىم مەن كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي.
_ ئادەم كېلىشكەن بولسا نىمىلا كىيسە يارىشىۋېرىدۇ_ دېدى ئۇ شوخلۇق قىلىپ.
مەنمۇ ئانچە مۇنچە تەييارلىقىمنى قىلىپ چىقتىم، ئىككىمىز بىللە پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتىۋالدى.
_ ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئۆيدىن بىللە چىقىپ، كەچلىكى بىللە قايتقان بولساق بەك ياخشى بولاتتى_ دېدى ئۇ. مەن گەپ قىلمىدىم. ئۇنىڭ ماڭا بىر گەپلەرنى پۇرىتىۋاتقىنىنى سېزىپ تۇراتتىم. يولغا چىقساق شوپۇر بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ بىزنى شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇپ كەتتى. دوختۇرخانىغا كىرىپ ئۈمىدنىڭ بېشىنى سى تى دا تەكشۈرتتۇق، دوختۇر:«چوڭ چاتاق يوق، شۇنداقتىمۇ كۆپرەك ئارام ئېلىڭ» دېدى.
_ دېدىمغۇ ھېچ ئىش يوق دېسەم ئۇنىمايسىز. _ دېدى ئۇ
_ تەكشۈرتىۋېتىپ ھەر ئىككىمىز خاتىرجەم بولدۇق مانا. بېشىم قېيىۋاتىدۇ دېسىڭىز مەنمۇ ئەنسىرەيمەن-دە._ ئاغزىمدىن سىزدىن ئەنسىرەيمەن دېگەن گەپنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قاپتىمەن.
_ مەندىن ئەنسىرىدىڭىزما؟ ئەمىسە بېشىمنىڭ يارىلانغىنىدىن رازى بولدۇم جۇمۇ_ دېدى ئۈمىد.
بىز پاراڭلاشقاچ بىرىنچى قەۋەت زالغا چۈشكەندە، زالدىكى ئىكراندا چىقىۋاتقان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















