大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 17 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 17 - قىسىم aybarawazi
2023-06-27
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 18 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15

16








ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
17 - قىسىم





   چوڭلاردىن جىددى كەلگەن تېلېفون ئادەمنى بىر خىل ئەنسىزلىككە سېلىپ قويىدۇ، يەنە كېلىپ ئۈمىدنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ راك كېسىلى بار، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ چوڭ دادا دەپلا چىرايىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىگە قاراپ دەقىقە ئارىلىقىدا قىلمىغان خىياللارنى قىلىپ كەتتىم.

_ ماقۇل، مەن ھازىرلا ماڭاي.

_ نىمە ئىش بوپتۇ؟ چوڭ دادىمىزغا بىر ئىش بوپتۇما؟

_  ھەئە، چوڭ دادام يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرالماپتىكەن، قوشنىلار يۆلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپتۇ.  ھازىر مىدىرلىيالماي يېتىپتۇ_ دېدى ئۇ.  مەن سىستېرا، چوڭلار يىقىلىپ چۈشكەندە قانداق قىلىشنى خېلى بىلىمەن.

_  يىقىلىپ  چۈشكەن بولسا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئېغىرراق بولغاندا شامالدارىغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار.  ئەمما چوڭ دادام ئۆزى تېلېفون قىلالىغانچىلىك بولسا ئەھۋالى بەك ئېغىر ئەمەستەك قىلىدۇ.

_  چوڭ دادامنىڭ يېنىغا ماڭايلى_ دەپلا ئورنىدىن تۇردى ئۈمىد.

_ مەنمۇ بارامدىم؟

_ چوڭ دادام نەۋرە كېلىنىمنى ئەكىلىپ كۆرسەتمىدىڭ دەۋاتقىلى نىكەم. بۇ قېتىم سىزنى ئالماي بارىدىغان بولسام يۈزۈمگىمۇ قارىماسمىكىن.  نەچچە كۈن تۇرۇپ قالىمىز ھەقىچان.

_ لېكىن مۇشۇ ئۇچامدىكى كىيىم بىلەنلا بارامدىم؟

_ مۇنداق قىلايلى، ئاۋۋال مېنىڭ  نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۇدۇل شەرقىي بازاردىكى ئۆيگە بېرىپ سىزنىڭ نەرسە كېرەكلىرىڭىزنى ئېلىپ ماڭايلى. بىرلا كىيىم بىلەن بارسىڭىز چوڭ دادام مېنى  نەۋرە كېلىنىمگە كىيىممۇ ئېلىپ بەرمەپسەن دەپ تىللايدۇ_ دېدى.

جىددىيلا ئۈمىدنىڭ بىر نەچچە قۇر كىيىمى بىلەن ئايىقىنى بىر چامادانغا سېلىپ تەييار قىلىپ شەرقىي بازارغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە ماڭدۇق.  مەنمۇ بىر نەچچە قۇر كىيمىم بىلەن ئىككى قۇر ئۇخلاش كىيمىمنى، ئايىقىمنى كىچىك چامادىنىمغا سېلىپ تەييار قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق.

ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ ئالدىدىمۇ بەك سەت ئىش قىلىپتۇق. ئەسلى  ئالدىراپ تىنەپ ئۆيلىنىش خېتى ئېلىشىمىزمۇ شۇ چوڭ دادىمىزنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئەمەسمىدى.  لېكىن ھازىرغىچە بىرەر قېتىم يوقلاپمۇ بارماپتۇق.  ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى چوڭ باھانە بولدى دە، مانا ئەمدى چوڭ دادىمىز ئاغرىپ قالغاندا ئالدىراپ كىتىۋاتىمىز. ئۈمىدنىڭ بىر قولىدىكى تېڭىقنى تېخىچە ئالمىغاچقا ماشىنىنىڭ رولىنى بىر قولىدا تۇتۇپ ھەيدەۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا رول تۇتۇشىغىمۇ مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. تۇرۇپ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. «ماۋۇ ماشىنا ھەيدەۋاتقان كېلىشكەن يىگىت مەن نازىيەنىڭ ئېرى ھە؟» مەيلى قانداق باھانە سەۋەب بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئالغان بولايلى، مەن ھازىر ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئايالى.  يەنە كېلىپ ئۇ مېنى ئىنتايىن ئەتىۋارلايدۇ. مۇشۇلارنى ئويلىسام ئۆزۈمدىن ئۆزۈم مەمنۇن بولۇپ كېتىمەن.  توغرا، مەن ئۈمىدنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئىچ ئىچىمدىن كۆيۈپ قالدىم.

چوڭ دادىمىز تۇرىدىغان جاي بىز تۇرغان شەھەردىن تۆت سائەتتە بارغىلى بولىدىغان پىچاننىڭ لۈكچۈن دېگەن يېزىسىدا ئىكەن.  بىز يېتىپ بارغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپلا قالغان ئىدى.  ئۈمىد ماشىنىنى ئەتراپى خىش تام بىلەن قورشالغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. «مۇشۇ شۇكەندە»دەپ ئويلىدىم مەن.  

ھويلىنىڭ ئىشىكى يېپىقلىق ئىدى. ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرسەك، ھويلىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆينىڭ چىرىقى يېنىق ئىكەن. ئۈمىد يۈك تاقىلارنىمۇ ئويلىمايلا ئۆزىنى  چىراق يېنىقلىق تۇرغان ئۆيگە ئاتتى. «چوڭ دادا».  مەنمۇ كەينىدىنلا يۈگۈردۈم.  ئۆيگە كىرىپ ھەر ئىككىمىز داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق. چوڭ دادىمىز كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىۋاتقان ئىكەن.  ئالدىدىكى ئۈستەلدە  دەملەنگەن چاي، ھەر خىل  يەل يىمىشلەر تىزىقلىق، بوۋاي بىر تەرەپتىن مەزەلەرگە ئېغىز تەگكەچ دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«سۇ بويىدا» نى كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن.  بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇردى.

_  چوڭ دادا، سەن...... ئۈمىدنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ ئاچچىقلانغىنىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە  بولىدۇ، ئۇ يول بويى چوڭ دادىسىدىن ئەنسىرەپلا كەلگەن ئەمەسمۇ.

_ نەۋرە كېلىنىمنى ئاخىرى ئېلىپ كەپسەن. _ چوڭ دادىمىز كۈلۈپ ماڭا قارىدى.

_  تېچلىقمۇ، چوڭ دادا. مېنىڭ ئىسمىم نازىيە_ دېدىم مەن سالام بېرىپ.

_  ھە، كېلىڭ قىزىم، كېلىڭ. ئۈمىدكە نەچچە دېدىم، نەۋرە كېلىنمنى ئېلىپ كىل، نەۋرە كېلىنىمنى كۆرىمەن دېسەم ئەكەلمىدى. شۇڭا بۈگۈن ئۇنى ئالداپ بولسىمۇ سىزنى ئەكەلدۈردۈم. _ مەقسىتىگە يەتكەن كىچىك بالىدەك كۈلۈپ كەتتى چوڭ دادام، ئاندىن ئۈمىدنىڭ بېشىدىكى، قولىدىكى تېڭىقنى كۆرۈپ_  نىمە بولدى ساڭا؟  30 غا كىرەي دەپ قالغان تۇرۇقلۇق بۇرۇنقى شوخلۇقىنى تاشلىمىغان، ھازىر توي قىلىپ بىر ئۆينىڭ بېشى بولدۇڭ، ئەمدى سەل ئۆزۈڭنى يىغىشتۇرىدىغان ۋاقتىڭ بولدى جۇمۇ.

_ چوڭ دادا، ئۆزۈڭ يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي تۇرۇپ ھازىرغىچە ئادەم ئالداشتىن قالمىدىڭ، مەن تېخى ياش_ دېدى ئۈمىد بوۋاي بىلەن چېقىشىپ.  چوڭ دادام كۈلۈپ كەتتى.

_  ساڭا يىقىلىپ چۈشتۈم دەپ يالغان ئېيتمىغان بولسام بۇنداق تېز كېلەرمىدىڭ؟  نەۋرە كېلىنىمنى قاچانغىچە كۆرسەتمەي يۈرە بولغىيتتىڭ؟

يولدا كەلگۈچە ئۈمىد ماڭا چوڭ دادام توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن.  چوڭ دادام دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە يېنىپ كەلگەن ئىكەن، مومىمىز بۇرۇنلا  ئۆلۈپ كەتكەن،  چوڭ دادام ئۆزى يالغۇز تۇرىدىكەن.

_  كەچلىك تاماق يىدىڭلارمۇ؟_ سورىدى چوڭ دادام.

_ سېنى كۆرىمىز دەپ ئالدىراپ ھېچنىمە يىمەي كەلدۇق، قورساق ئاچ_ دېدى ئۈمىد.

_ ئەمىسە ئىسسىق چاي دەملەي، گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرۇپ يەل يىمىشلەر بىلەن چاي ئىچەيلى_ دېدى چوڭ دادام ۋە ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى.

_ مەن دەملەي ، چوڭ دادا. _ دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم مەن.

_ سىز بۇ ئۆينىڭ ئەلمى تەلمىنى تېخى بىلمەيسىز.  ئەتە تاڭ ئاتقاندا ئۆينى بىرەر قۇر كۆرۈپ تونۇۋالغاندىن كېيىن دەملەسىز، قىزىم.

چوڭ دادامنىڭ يېشى يەتمىشتىن ئاشقان، يەنە تېخى راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغىنىغا قارىماي ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان ئىكەن. بىردەمدە چاينى دەملەپ ئەكىرىپ، ئالدىمىزغا ئۈستەلدىكىدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە يەل يىمىشنى تىزىۋەتتى. ئۈچىمىز پاراڭلاشقاچ  چاي ئىچىشتۇق.  چوڭ دادام ئاتا ئانامنى سورىدى، مەن ئاتا ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دەپ بەردىم...

چاي ئىچىپ ئولتۇرغىنىم بىلەن بېشىمغا ئاللىبۇرۇن غەم چۈشۈپ بولغان ئىدى. چوڭ دادامنىڭ نەزىرىدە مەن ئۈمىدنىڭ ئايالى، شۇڭا كەچتە ئۇخلىغاندا ئۇنى سىز ئا ئۆيدە يېتىڭ، مەن ماۋۇ ئۆيدە ياتاي دېگىلى بولمايدۇ، قانداق قىلارمەن؟

چاينى ئىچىپ، ئۈستەلنى بىرە قۇر يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈمىد چىقىپ ماشىنىدىن چامادانلارنى ئېلىپ كىردى.

_ ئىككىڭلار ئۈمىدنىڭ بۇرۇنقى ھۇجرىسىدا يېتىڭلار.  مېنىڭ كېچىدە خورەك تارتىدىغان خۇيۇم بار، ئۇيقۇڭلارنى بۇزۇۋەتمەي، دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى  ئۆيدە ياتاي.

خورەك تارتىمەن دېگىنى بوۋاينىڭ باھانىىسى، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىزنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ قەستەن بۇ يەرنى بىزگە تاشلاپ بېرىپ ئۆزى دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئۆيگە چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۈمىدنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ كارىۋات قويۇلغان،  كارىۋاتنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى تومپۇچكا، تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدە ئىككى چىراق.  بىر تامدا لىق كىيىم ئىشكابى بار ئىدى.  بۇ ھۇجرىدا ئادەتتە ئادەم تۇرمىسىمۇ يەنىلا شۇنداق پاكىزە، رەتلىك ئىدى.  مۇشۇنىڭدىنلا چوڭ دادامنىڭ تۇرمۇشتا قانچىلىك تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.  

 _   سىز باشقا ئۆيدە يېتىڭ بۇ يەردە مەن ياتىمەن،_ دېدىم مەن.

_ چوڭ دادامغا ئۆزىڭىز چۈشەندۈرەمسىز ئەمىسە_  دەپ ھىجايدى ئۈمىد. ئۇنىڭ مەقسىتى باشقا ئىدى.

_ ئەمىسە...... كارىۋاتنىڭ ئوتتۇرىنى ياستۇق بىلەن توسۇپ چىگرا بەلگىلەپ قويىمەن، ئۆتۈپ كېتىشكە روخسەت يوق ھە_ دېدىم مەن.  ئۈمىد ماقۇل بولدى._ ئەمىسە،  سىز چىقىپ تۇرۇڭ، مەن كىيمىمنى ئالماشتۇرىۋالاي_ دېدىم.

_ ئەمىسە مەن چىقىپ چوڭ دادامغا بىر قاراپ بېقىپ كىرەي_ ئۈمىد شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى. چاماداننى ئېچىپ، قايسى كۈنى ئۈمىد ماڭا ئېلىپ بەرگەن، تېخى كىيىپ باقمىغان ئۇخلاش كىيمىمنى ئېلىپ ئالماشتۇردۇم. ئۈمىد كىرگەندە مەن ياستۇق بىلەن ئوتتۇرىنى توسۇپ قويۇپ يوتقانغا كىرىپ يېتىپ بولغان ئىدىم.  ئۈمىد چاماداندىن ئۇخلاش كىيىمنى ئېلىپ ئالدىمدىلا ئالماشتۇردى، مەن خىجىل بولۇپ يوتقان بىلەن بېشىمنى پۈركىۋالدىم.  ئاندىن ئۇ ئىشكاپتىن يوتقاندىن بىرنى ئېلىپ كارىۋاتنىڭ نېرىقى يېرىم تەرىپىدە ياتتى. ھەر ئىككىمىز ئۈن تىنسىز ھالەتتە يېتىپ كەتتۇق. مەن چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم. شۇنداق يېتىپ بىر چاغدا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنگەندەك بولۇۋىدى،  ئىسسىق بىر قول ئاستا كېلىپ قولۇمنى تۇتۇپ مېنى تارتتى. «ئۈمىد» دېدىم مەن. ئۈمىد «ئۈششش» دەپ يەنە تارتتى. قارشىلىىشىپ  بولالمىدىم، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ قوينىغا سىڭىپ  كەتتىم.

   ئەتىسى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا كۈن چىقىپ بولغان ئىكەن. ئۈمىد سەل ئالدىمدىراق تۇرۇپ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ، «سىز بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ، مەلىكەم» دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئاخشامقى ئىشنى ئويلاپ يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى......

 مەن ئالدىرىماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ، كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ ھويلىغا چىقتىم.  ھويلا خېلىلا چوڭ ئىدى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر گۈللۈك بار بولۇپ ھەر خىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن،  ھويلىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ بىر نەچچە ئېغىز ئۆي سېلىنغان،  دەرۋازىنىڭ بىر تەرىپىدە كىچىكرەك ئۆيدىن بىرى بار ئىكەن. «چوڭ دادام ئاخشام ئاشۇ ئۆيدە يېتىپتۇدە» دەپ ئويلىدىم.  دەرۋازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئاشخانا ئۆي، ئۇنىڭ سەل نېرىسىدا ھاجەتخانا بار ئىكەن.

_ تۇردىڭىزمۇ قىزىم؟_ دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئۆيدىن چىقتى چوڭ دادام.

_ ياخشى ئۇخلاپلىمۇ، چوڭ دادا_ دەپ ئىگىلىپ سالام قىلدىم.

_ سىلەرنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتكەچكىمۇ، بەك تاتلىق ئۇخلاپتىمەن.

ئاخشام  چوڭ دادامغا دېققەت قىلىپ قاراپ باقماپتىكەنمەن. چوڭ دادام قاڭشىرى ئېگىز، يۈزلىرى سوزۇنچاق كەلگەن، كۆزلىرىدىن بىر خىل جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ  قىرىنى چىقىرىپ كىيىۋالغان ئىشتىنى، ئالتۇن رەڭ گىرۋەكلىك كۆزەينىكىدىن ئۇنىڭ ئادەتتىكى يېزىدا ياشايدىغان بوۋايلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. گەرچە ئۇ يالغۇز تۇرسىمۇ ھويلا شۇنداق رەتلىك ھەم پاكىزە، ھەتتا گۈللۈكتە بىرەر تال ياۋا ئوت-چۆپمۇ يوق، بۇنىڭدىن چوڭ دادامنىڭ تۇرمۇشتا ئىنتايىن تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى.  تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش قانداقتۇر پۇلىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئېسىل، باياشات ياشاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز،  بەلكى روھى جەھەتتىكى ئازادىلىك ۋە ئەركىنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.  ئەمەلىيەتتە ئاخشام كەلگەندىن بۇيان مەن چوڭ دادامنىڭ روھى ھالىتىگە دېققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.  ئۇ شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ھاياتقا كۈلۈپ قارايدىغان ئادەمكەن.  مەن ھەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم. ئادەم ياشانغاندا مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرەلىسە، ياشلىقىدا تارتقان جاپالىرىغىمۇ رازى بولۇپ كېتىدۇ-دە.  ئەمما سىرتىدىن قارىماققا شۇنداق ساغلام كۆرۈنىدىغان بۇ بوۋاي راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، بۇنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.

_ بوۋا مەن قايتىپ كەلدىم_ شۇنداق دېگەن پىتى سىرتتىن كىردى ئۈمىد.

_ ھە، يەنە كېلىپلا ئۆيدە ئولتۇرغۇڭ كەلمەي ئايلىنىپ كىردىڭمۇ؟

_ ھەئە. يەنىلا يېزىنىڭ ھاۋاسى ساپ جۇمۇ.

_ سېنى كۆرگۈم كەلدى، يېنىمغا كېلىپ كەت دەپ شۇنچە تېلېفون قىلسام كەلگۈڭ كەلمەيدۇ، بىر كېلىۋالساڭ ئۆيگە كىرگۈڭ كەلمەي تويماي چۆگىلەپ كىتىسەن.

_ مەن خاتا قىلدىم، چوڭ دادا. مېنى بىر ئۇرۇپ قويە.

ئۈمىد كىچىك ئورۇندۇقتىن ئىككىنى ئەكىلىپ بىرنى چوڭ دادامغا بېرىپ بىرسىدە ئۆزى ئولتۇردى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى  خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، چوڭلاردىن تەنقىد ئاڭلاۋاتقان يەتتە سەككىز ياشلىق كىچىك بالىلارغىلا ئوخشايتتى.  چوڭ دادام ئۇنىڭدىن ئاغرىنغاندەكمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:

_ خاتالىقىڭنى تونۇغان بولساڭلا بولدى. مەن سىلەر ياشلارنى ئوبدان بىلىمەن، شەھەرنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭغا تولغان تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرىسىلەر،  بۇ سەھراغا كەلگۈڭلار كەلمەيدۇ. لېكىن مەن ئۇنداق ئەمەس،  يېزا سەھرانىڭ ھاۋاسى ساپ، تىنىچ،  ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل.

ئاخشام كېلىپلا چوڭ دادام بىلەن كۆرۈشكەندە ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ئىدىم،   پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، چىقىشقاق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزۈممۇ خېلى يىنىكلەپ قالدىم.  چوڭ دادام ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ قويغان ئىكەن،  ئۈچەيلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدۇق. ناشتىدىن كېيىن ئۈمىد ماڭا مەھەللىنى كۆرسىتىپ كىردى. ئۇنى بۇنى قىلىپ چۈشمۇ بوپ قاپتۇ.

_ چۈشتە نېمە تاماق يىگۈڭلار بار، باللىرىم؟_ دېدى چوڭ دادام قايتىپ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ.

_  چۈشتە تاماقنى مەن ئېتەي، چوڭ دادا_ دېدىم مەن.

_ سىز دېگەن مېھمان، مېھماننى تاماق ئەتكۈزسەك قانداق بولىدۇ؟_ دېدى چوڭ دادام.

_ ۋاي ۋۇي، چوڭ دادا. ئۇ مېھمان ئەمەس، سېنىڭ نەۋرە كېلىنىڭ ئۇ.  مېنى قانداق كۆرسەڭ ئۇنى شۇنداق كۆرسەڭ بولىدۇ. بۈگۈن نەۋرە كېلىنىڭنىڭ ئەتكەن تامىقىنى بىر يەپ باق، تەمى ئاغزىڭدىلا قالىدۇ.  ئوخشىتىپ بىر لەغمەن ئېتىڭە، نازىيە_  دېدى ئۈمىد.

«ماقۇل » دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئالدىمغا پەرتۇقنى تارتىپ تاماق ئېتىشنى باشلاپ كەتتىم. خىمىر يۇغۇرىۋاتسام ئۈمىد كەينىمدىن كىرىپ،  ھويلىدىكى گۈللۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى كىچىك كۆكتاتلىقتىن ئۈزۈپ كىرگەن پەمىدۇر بىلەن لازىنى قويۇپ قويۇپ، ئاستا كېلىپ بېلىمدىن تۇتتى.

_ ھەي_ دېدىم مەن چۈچۈپ_، بۇ چوڭ دادامنىڭ ئۆيى، مەن تاماق ئېتىۋاتىمەن جۇمۇ.

_ ھا ھا ھا.

ئۈمىد كۈلگەن پىتى چىقىپ كەتتى. ئۇ ھويلىدا چوڭ دادام بىلەن ئانچە مۇنچە ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى قىلىشىپ تۇردى، ئۇنىڭغىچە مەن لەغمەننى ئېلىپ چىقتىم. ئۈمىد ھويلىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئۈستەلنى قويۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئىكەن، تاماقنى شۇ ئۈستەلگە قويدۇم.

_ ۋاي ۋاي ۋاي، بۇ تاماقنىڭ ئوخشىغىنى رەڭگىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ.  چۆپىنىڭ ئىنچىكە تارتىلغىنى. _ يىمەي تۇرۇپلا ماختىغىلى باشلىدى چوڭ دادام.

_ ھەي، مەن خاتا قىپتىمەن_ دېدى ئۈمىد ئەستايىدىل بىر خىل ئاھاڭدا. چوڭ دادام بىلەن ئىككىمىز تەڭلا ئۇنىڭغا قارىدۇق.

_ ئەمدى بۇ لەغمەن بەك تېتىپ كېتىپ، چوڭ دادام ھە دېسىلا  نەۋرە كېلىنىمنىڭ  ئەتكەن لەغمىنىنى يىگۈم كېلىپ كەتتى دەپ تۇرىۋالسا، تۆت سائەتلىك يولنى بېسىپ سىزنى  ئالايىتەن لەغمەن ئەتكۈزگىلى ئېلىپ كېلىمەن دەپ يۈرەمەنمۇ؟

ئۈچىمىز تەڭلا پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

چۈشتىن كېيىن بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۇ مېنى يېزىنىڭ كەچلىك بازىرىغا ئاپىرىپ چۆگىلىتىپ كەلمەكچى بولدى. يولدا كېتىۋېتىپ :

_ نازىيە،  بۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرايلى. ئويلاپ باقسام چوڭ دادام بىلەن بىللە تۇرالايدىغان ۋاقتىمىزمۇ ئۇزۇن قالماپتۇ. »دېدى.

_ ماڭىغۇ قانچە ئۇزۇن تۇرساق بولىۋېرىدۇ، يەنە كېلىپ مەنمۇ يېزا تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن مەن ئەمدى خىزمەت تېپىپ تېخى ئىشقىمۇ چۈشمەي تۇرۇپ يوقاپ كەتسەم قانداق بولا؟_ دېدىم مەن ئىككىلىنىپراق.

_ دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ دەپ قويۇڭ.   چوڭ دادامنىڭ مىجەزى يوق، بىر ھەپتە توختاپ ئىشقا چۈشىدىغان بولۇپ قالدىم دەپ. ماقۇل دېسە ئۇنىڭلىقچە بولا. ياق، بولمايدۇ دەپ قالسا باشقا يەردىن خىزمەت تاپارسىز _ دېدى.

دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم.  مەن تېخى گېپىمنى تولۇق دەپ بولالماي تۇرۇپلا قارشى تەرەپ«بوپتۇ، بوپتۇ، بۇ ئورۇننى سىزگە ئېلىپ قويدۇق، قاچانلا  كېلىپ ئىشقا چۈشسىڭىز بولىۋېرىدۇ» دېدى.  بۇۇنىڭدىن بەك ھەيران قالدىم، مۇشۇنداقمۇ ياخشى جاي باركىنا!


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0