
بۇ ئەسەرنىڭ 10 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
_ سەندەك ئادەم مانا مۇشۇنىڭغا لايىق.
_ نىگار؟ سەن قاچان كەلدىڭ؟
بۇ چاغدا يېنىمىزداىن ئۆتكەن كىشىلەر بىزگە غەلىتە بىر خىل نەزەردە قارىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قانداقلا بولمىسۇن بىر قىز بالىنىڭ بىر ئەر كىشىگە مۇشت ئېتىشى ئانچە نورمال ئىش ھېسابلانمايدۇ-دە. ئەزىمەت يۈز-ئابرويىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم، ئۇ يەردە نىگارە بىلەن ۋاقىرىشىپ تىللىشىپ يۈرسە ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ-دە، چۈنكى ئۇ نىگارەنىڭ مىجەزىنى بىلىدۇ، نىگارە ئاچچىقى كەلگەندە كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان قىز.
_ نىگارە، نازىيەنىڭ دوستى بوپ قاپسىز. نازىيەنىڭ يۈزىنى دەپ سىز بىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇرمايمەن، ئەمما سىزمۇ بەك ئاشۇرىۋەتمەڭ ھە. ئايىغاننى بىلىڭ.
_ ۋاي بولدى، ئاياپ ئولتۇرما. مېنى ئايىمىسىكەن دەپ كېتىۋاتىمەن شۇ تاپتا. بۈگۈن قولۇم قىچىشىپ ئادەم ئۇرىدىغانغا تەييار بولۇپلا كەلدىم مەن. ھە راست، نازىيەنىڭ يۈزىنى دەپ دېگەن گەپنى ئاغزىڭغا ئالما ھە. ھازىردىن باشلاپ نازىيە سېنىڭ ھېچنېمەڭ ئەمەس، ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىڭغىمۇ روخسەت يوق. يۈرە نازى، بۇ يەردە بۇ بىر نېمىگە ئاغزىمىزنى ئۇپرىتىپ يۈرمەيلى. بۈگۈن سېنىڭ ئەركىنلىككە چىققىنىڭنى تەبرىكلەپ بىر يەرگە ئاپىرىپ راسا ئوينىتىپ كېلىمەن. ھاياتنىڭ پەيزىنى بىر سۈرگىنە بۈگۈن.
نىگارە شۇنداق دەپ بوينۇمغا گىرە سېلىپ ماڭدى. ئەزىمەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، توختاپ ئۇنىڭغا قاراپ:
_ بۈگۈندىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز قالمىدى. باشقىلارغا مەن نازىيەنى تونۇيتتۇم دەپمۇ يۈرمەڭ ھە. نومۇس قىلىمەن.
ئەزىمەتنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگىنىنى كۆرۈپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم. نىگارە يارايسەن دەپ باشمالتىقىنى چىقىرىپ قويدى. بۇرۇن قانداقلا ئىش بولسا ئىچىمگە يۇتۇپلا كەپتىكەنمەن، ئەسلى ئىچىگە يۇتماي قايتۇرما زەربە بېرىشمۇ بولىدىغان ئىشكەن جۇمۇ. ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش قانچە كۆپ بولغانچە شۇنچە چوڭ بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن. ھېچبولمىغاندا ھازىردىن باشلاپ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمگە شەرتسىز بويسۇنمايمەن، ئەرزىمەيدىكەن.
نىگارە مېنى ۋېلىسپىت ھەيدەش كۇلۇبىغا ئېلىپ باردى. ماشىنىدىن چۈشۈپلا قارىسام ئۈمىد بىلەن يەنە بىرەيلەن تۇراتتى. ئۇ ھېلىقى كۈنى تاغقا چىقىپ ئۈمىدكە گەپ قىلغان ئادەم شۇ ئىدى. نىگارە ماشىنىنى توختىتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا باردۇق.
_ ھە، ئۈمىد ئەپەندى، بۈگۈنكى سورۇن مەندىن ھە. بۈگۈن يېقىن دوستۇم نازىيەنىڭ ئەركىنلىككە چىققان كۈنى. شۇڭا بۈگۈن بۇ خۇشاللىق كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن ۋېلىسپىت ھەيدەشكە تەكلىپ قىلدىم. قېنى، دوستىڭىزنى تونۇشتۇرىڭە. _دېدى نىگارە.
_ ھە، بۇ ياق يېقىن ئاغىنەم ، ئىسمى فەرۇق. ھېلىقى كۈنى بىز ئۇچرىشىپ قالغان بەزمىخانا مۇشۇ ئاغىنەمنىڭ.
_ ۋوي كاتتا خۇجايىنكەندە. كاتتا خۇجايىن، مېنىڭ ئىسمىم نىگارە. بۇ دوستۇمنى ئۈمىد ئەپەندى تونۇشتۇرسۇن بولدى.
_ ھە، بۇ ياق نازىيە بولىدۇ.
_ تۈگىدىما؟ ھە، نازىيە بۈگۈندىن باشلاپ بويتاقلار سېپىگە قوشۇلدى، ئەمىسە پۇرسەتنى چىڭراق تۇتاسىز ھە. ئىگىسى چىقىپ كەتمىسۇن يەنە.
نىگارەنىڭ ئاخىرىدا دېگەن گېپىدىن نومۇس قىلىپ ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي، نىگارەنىڭ بېلىنى چىمداپ كەتتىم. ئۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىر يانغا ئۆتۈۋالدى. كۆزۈم ئۈمىدكە چۈشكەندە كۆزۈمنى باشقا ياققا يۆتكىيەلمەيلا قالدىم. ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى ، پۇتىغا ئاق رەڭلىك تەنتەربىيە ئايىقى كىيىۋالغان بولۇپ، ئالاھىدە روھلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى.
_ مەن....ۋېلىسپىت مىنەلمەيتتىم_، دېدىم مەن تولىمۇ خىجىل بولغان بىر ئاھاڭدا.
_ بىلىمەن. بۈگۈن ھاۋا ياخشى بولغاچقا ۋېلىسپىت ئىجارىگە ئالىدىغانلارمۇ كۆپكەن، شۇڭا ۋېلىسپىتتىن ئاران ئىككىنىلا ئىجارىگە ئالالىدىم، ھەر ئىككىسىنىڭ كەينىگە ئادەم ئولتۇرغۇزىدىغان جازا بېكىتكۈزدۈم. خاتىرجەم بولە، ئۈمىد ئەپەندىم بار، قانداق دېدىم، ئۈمىد ئەپەندىم.
_ ئەلۋەتتە_، دېدى ئۈمىد.
_ يولدا ماڭغاچ مۇڭدىشىۋالغىدەكسىلەر ئەمىسە_، دەپ كۆزىنى قىستى فەرۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۈمىد ھەيدىگەن ۋېلىسپىتنىڭ كەينىگە مەن چىقتىم، فەرۇق ھەيدىگەن ۋېلىسپىتنىڭ كەينىگە نىگارە ئولتۇردى. فەرۇق بىلەن نىگارەمۇ كونا تونۇشلاردىن ئەمەس، ئەمما ئۇلار ۋېلىسپىتكە چىقىپلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۈمىد تېزمۇ ئەمەس، ئاستامۇ ئەمەس، بىر خىل رېتىمدا كېتىۋاتاتتى.
_ بەك ئېغىرمىكەنمەن؟_ دېدىم مەن خىجىل بولغان ھالدا.
_ ۋاي ياقەي. سىزنى سېرىلىپ چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ بەك تېز ماڭمىدىم،_ دېدى ئۈمىد چۈشەندۈرۈپ.
شۇ ماڭغانچە شەھەردىن چىقتۇق. بىر يەرگە بارغاندا بىر دۆڭدىن چىقىشقا توغرا كەلدى. بىر خىل رېتىمدا كېتىۋاتقان ئۈمىدنىڭ سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلاپ قالدى.
_ يا بولمىسا مەن بىردەم پىيادە ماڭاي، ھېلىمۇ سىزنى بەك ھارغۇزىۋەتتىم_، دېدىم مەن.
_ ياقەي، سىزدەك ۋىجىك ئادەمنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقالمىسام يۈزۈمگە سەت_، دېدى ئۇ.
_ نىمانداق ئاستا ھەيدەيسىز؟ قاراڭە ئۇلارغا، خېلىلا ئۇزاپ كەتتى.
نىگارەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم. فەرۇق ھاسىراپ ھۆمۈدەپ تىنالمايلا قالغان ئىدى.
_ كەينىدە ئولتۇرىۋېلىپ گېپىم بار دەپ دەۋېرىدىكەنسىز. ئالمىشايلى بولمىسا، سىز ھەيدەڭە.
_ھەيدىسەم ھەيدىدىم، چۈشۈڭە.
فەرۇقنىڭ چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گېپى بىلەن نىگارە ۋېلىسپىتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ۋېلىسپىتنى فەرۇقتىن ئېلىپ لىككىدە سەكرەپ چىقىۋالدى ۋە پىدالىنى تەپكەن پىتى كېتىپ قالدى.
_ ۋاي مەن تېخى چىقمىدىم، مېنى ئالمايلا كەتتىڭىزغۇ؟
_ سىز ئالدىرىماي ماڭارسىز، قۇلۇلە ئەپەندى.
شۇ دەقىقىدە فەرۇقنىڭ چىرايى ئاجايىپ كۈلكىلىك بولۇپ قالغان ئىدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم ۋە كۈلۈپ بولۇپ خىجىل بولۇپ كەتتىم.
_ قۇلۇلە ئەپەندى دەپ كەتكىنىنى. خەپ توختاپ تۇرۇڭ ھە، مەن يېتىشىۋالاي قېنى. توشقانمۇ قۇلۇلىمۇ بىلىپ قالىسىز _، دېدى ئۇ چاقچاق ئارىلاش.
ئۇ خېلى تېز يۈگۈرىدىكەن، نىگارە ئۇنىڭ يېتىشىۋالاي دەپ قالغىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تېز ھەيدىدى. نىگارە ئادەتتىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرغاچقا پۇتىنىڭمۇ كۈچى بار، ۋېلىسپىت ھەيدەش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش، فەرۇقمۇ يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ خېلى كۈچەپ قوغلاپ باقتى، ئەمما نىگارە پەقەتلا يېتىشەلمىدى. ئاخىرى ھېرىپ بولالماي، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئىككى تىزىنى تۇتۇپ زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ھاسىراپ كەتكەن ئىدى.
_ قۇلۇلە دېسەم ئۇنىمايدۇ تېخى_، دەپ مەسخىرىلىك كۈلدى نىگارە.
ئۈمىد ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا:
_ ھېچقىسى يوق، بەك ھاسىراپ كېتىپسىز، ئاستىراق ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ_، دېدىم، ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلاش مەقسىتىممۇ يوق ئىدى. ئەكسىچە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەي دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما دېگەن گېپىمدىن ئۈمىد پىخىلداپ كۈلگەن ئىدى، فەرۇق گېپىمنى خاتا چۈشىنىۋالدىمۇ بىلمىدىم.
_ قىز بالىنى كۆرۈپ مەندەك بىر دوستۇڭنىمۇ ئۇنتۇدۇڭ دە، كۈلۈپ كەتكىننى تېخى. _ دېدى ۋە نىگارەنىڭ كەينىدىن يەنە يۈگۈردى.
دۆڭدىن چىققاندىن كېيىن تۈز كەتكەن ئاسفالىت يول بار ئىكەن. شۇ يولغا چىققاندىن كېيىن ئۈمىد تۇيۇقسىزلا مەندىن «ۋېلىسپىت ھەيدەشنى ئۆگەنگىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. راستىمنى ئېيتسام بايا نىگارەنىڭ ۋېلىسپىت ھەيدىگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ كەتكەن ئىدىم، ئەمما مەن نىگارەدەك يۈرەكلىك ئەمەس.
_ قورقماڭ، مەن تۇتىۋالىمەن_ دېدى ئۈمىد.
ۋېلىسپىتكە چىقىپ رولنى باشقۇرالماي ھېلى ئۇ ياققا ھېلى بۇ ياققا ھەيدىگىلى تۇردۇم.
بۇ ئېلاننى دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىڭ
_ ۋېلىسپىتنىڭ رولىغا قارىۋالماڭ، ئالدىڭىزغا قاراڭ، يولغا قاراڭ_ ئۈمىد ۋېلىسپىتنى كەينىدىن تۇتىۋالغاچ ماڭا ئۆگىتىپ ماڭدى، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن قولۇم خېلى ئوبدانلا كېلىپ قالدى. ئالدى تەرەپتە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان نىگارە ماڭا قاراپ:
_ نازى، يارايسەن، بىردەمدىلا ئۆگىنىۋالدىڭ مانا_ دېدى.
مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاراپ ئاندىن ئۈمىدنىڭ ۋېلىسپىتنى تۇتماي خېلى يەردە قېپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئەسلى بىر ئوبدان كېتىۋاتقان ئادەم جىددىيلىشىپ كېتىپ بىر يانغا قىيسايدىم. ھېلىمۇ ئۈمىد تېزلىكتە كېلىپ تۇتىۋالدى، بولمىسا قانداق سەت يىقىلار بولغىيتتىمىكىن تاڭ.
_ بولدى، ۋېلىسپىت ھەيدەشنى ئۆگىنىپ بوپسىز. شۇ سەل كۆزىڭىز قورقۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
مەن ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچاق، بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ قورقۇنچاقلىقىمغا رىقابەت ئېلان قىلىپ باقاي دەپلا ۋېلىسپىتنىڭ ئۈستىگە چىققان ئىدىم. ئاستا ئاستا ۋېلىسپىت ھەيدەشنىڭ ئېپى جىپىنى خېلى بىلىپ قالدىم، بەك تېز ھەيدىيەلمىسەممۇ ھەر ھالدا قورقماي ھەيدىيەلەيدىغان بولدۇم. تۇنجى قېتىم ھەيدىشىم بولغاچقىمۇ پۈتۈن بەدىنىم چىلىق چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى تەر بىلەن بىللە چىقىپ كەتكەندەك ئۆزۈممۇ ئىنتايىن يىنىك بولۇپ، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى.
بىز تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا توختىدۇق، ئۇ يەردە بىر مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى بار ئىكەن. مەن سۇپىنىڭ رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ تاغنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قېنىپ قېنىپ نەپەس ئالدىم.
_ ئەسلى تەنھەرىكەت كىشىنى خۇشال قىلالايدىكەن ھە. _ دېدى بىر ياندا ھاسىراپ ئولتۇرغان فەرۇق كۈلۈپ تۇرۇپ.
رىشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرىۋاتقان ئۈمىد بۇ گەپكە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
_ فەرۇق، تولا مېنىڭ دوستۇمنى بوزەك قىلىمەن دېمەڭ جۇمۇ، ئۇ گەپ قىلالمىغان بىلەن مانا مەندەك شاتۇت دوستى بار. _ دېدى نىگارە.
_ سىز خانقىز بار يەردە دوستىڭىزنى بوزەك قىلغىلى بولامدۇ؟ نازىيە خېنىمنى قوغدايدىغان يالغۇز سىزلا ئەمەس، بەزىلەرمۇ ئۇنى كۆرۈپلا يېقىن دوستىدىن ۋاز كەچتى_، دەپ ئۈمىدنى ئىما قىلدى فەرۇق. ئۈمىد «ھىھ» قىلىپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. بىز مەنزىرە كۆرگەچ ئارام ئېلىپ تۇرغاندا ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى كېلىپ يېنىمىزدا توختىدى، ماشىنىدىن ھېلىقى كۈنى ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگەن ئالىم ئىسىىملىك شوپۇر چۈشتى. ۋە گەپ سۆزسىزلا ماشىنىنىڭ كەينى كوزۇپىدىن نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىشقا باشلىدى. نەرسە كېرەكلەرنى چۈشۈرۈپ بولۇپ، ئۈمىدنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نېمىلەرنى دىيىشىپ يەنە كېتىپ قالدى.
مەن تېخى بۈگۈن ۋېلىسپىت ھەيدەپ ئايلىنىپلا قايتىپ كېتىمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كىم بىلسۇن ئۇلار ھەر خىل يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ تەييار قىلىپ قويۇپتىكەن ئەمەسمۇ. مەن مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە دالا تامىقى يەپ باقماپتىمەن يەنە كېلىپ ناتونۇش ئىككى ئەر بار يەردە. دەسلەپتە ئازراق قورۇندۇم، كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك نىگارە بوينۇمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
_ نېمىدىن قورقىسەن، بۇ يەردە سەن يالغۇز ئەمەس، يەنە مەن بار. يەنە كېلىپ سەن ھازىر ئەزىمەتنىڭ ئايالى نازىيە ئەمەس، ھازىر بىر ئەركىن قۇش سەن.
توغرا، تاماق يەيمىزغۇ شۇ، ئۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ يەنە كېلىپ نىگارە ئېيتقاندەك مەن بوينى باغلاقلىق قۇش ئەمەس، ئەركىن ئادەم. بىز تۈز بىر يەرنى تېپىپ، شوپۇر ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر ئىچىدىن ئولتۇرىدىغان سېلىنچىنى ئېلىپ سالدۇق، ئاندىن داستىخاننى ئېلىپ سېلىپ، نازۇ نىمەتلەرنى تىزىشقا باشلىدۇق. بۇ يەرگە ئايلىنىپ، مەنزىرە كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، تاماق يىيىش ئۈچۈن چىققاندەك داستىخان بەكمۇ مول ئىدى. تونۇر كاۋاپ، زىق كاۋاپ، سامسا...ئىشقىلىپ دالىدا يىيىشكە ماس كېلىدىغان تاماقلار، ھەرخىل ئىچىملىكلەر.
_ قېنى، سورۇنغا مەرھەمەت. ھە، سورۇن ئاددىيراق بولۇپ قالدى، شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ئولتۇررۇپ بېرەسىلەر_، دەپ كۈلدى فەرۇق. تۆتەيلەن داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماقلارنى يىيىشكەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. بىردەم قەرت ئوينىغان بولدۇق، دۈم دۈم ئوينىدۇق، نەرسە كېرەكلەرنىڭ ئارىسىدا چويلا توپ بار ئىكەن، ئۇنى ئوينىدۇق. ئۈمىد چويلا توپنىمۇ بەك ياخشى ئوينايدىكەن. شۇ تەرىقىدە نەچچە سائەت ئولتۇردۇقكىن، قۇياش ئاستا-ئاستا تاغ كەينىگە ئولتۇرۇشقا باشلىدى، مەن بىردەم بىردەم سائەتكە قارايتتىم، بۇنىڭغا ئۈمىد دېققەت قىلغان چېغى، مەندىن ئاستا سورىدى:
_ ئالدىراش ئىشىڭىز بارمىتى؟
_ ياقەي.
_ ۋاي ۋۇي، كەيپىياتنى بۇزمىغىنە. يوقلىما قىلىدىغان ئادىمىڭ بارمىتى، خاتىرجەم ئولتۇرە_، دېدى نىگارە.
_ ئىشىمغۇ يوق، يوقلىما قىلىدىغان ئادىمىممۇ يوق. لېكىن قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە ۋېلىسپىتنى قانداق ھەيدەپ كېتىمىز؟ بۇ يەردە يا يول چىرىقىمۇ بولمىسا.
_ ۋاي ۋۇي، شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ كېتەلىسەك كىتەمىز، كىتەلمىسەك مۇشۇ دالىدا قونىمىز. يېنىمىزدا يوغان ئىككى ئەركەك تۇرسا نېمىدىن قورقىسەن؟
ئۇنىڭ ئاخىرىدا دېگەن گېپىدىن تېخىمۇ ئەندىشىگە چۈشتۈم. كېچىچە ئىككى ئەر، ئىككى ئايال دالىدا تۈنىسەك....
_ يېنىڭىزدا ئۈمىد تۇرسا نېمىدىن ئەنسىرەيسىز؟_ دېدى فەرۇقمۇ.
_ مەن سىزگە يېتەرلىك بىختەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن ئوخشىمامدىمەن؟_ تۇيۇقسىز شوخلۇق قىلىپ گەپ ئاچتى ئۈمىد. «خوپ بولدىمۇ» دېدىم ئىچىمدە. ئاندىن قايتا سائەتكىمۇ قارىمىدىم. دېگەندەك قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسىمۇ ئۇلار ماڭىمىز دەپ ئورنىدىن تۇرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئىككى ۋېلىسپىتنى ئىككى يېنىمىزغا بىر بىرىگە قاىرتىپ توختىتىپ، چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويدۇق. تاغنىڭ كەچكى ھاۋاسى خېلىلا سوغۇق ئىدى، سەل توڭۇپ دۈگدىيىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، ئۈمىد نەرسە كېرەكلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر خالتىنى ئېلىپ ئىچىدىن بىر چاپاننى ئالدى ۋە ماڭا يېپىنچاقلاپ قويدى.
_ قارىڭە، ئۈمىد نېمىدېگەن ئەتراپلىق ئويلىغان، نازىنى توڭلاپ كەتمىسۇن دەپ ئالايىتەن چاپانمۇ سېلىپ قويۇپتۇ تېخى. ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۆگەنسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ. _ دەپ چاقچاق تەرىقىسىدە فەرۇخقا قارىدى نىگارە.
_ ئۈمىد دوستۇمغا يېتىپ بولالمايمەن، ئەرلەرنىڭ ئىچىدىكى نەمۇنىلىك ئەر بۇ. _، دېدى ئۇ.
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ، بىر چاغدا بىر چىراق يورۇقى كۆرۈندى، چىراق يورۇقى يېقىنلاپ كېلىپ يېنىمىزدا توختىدى. ماشىنا ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى، بىزگە نەرسە كېرەكلەرنى ئەكىلىپ بەرگەن شوپۇر ئالىم كەلگەن ئىكەن. «ھە، بۇلار شۇڭا خاتىرجەم ئولتۇرۇپتىكەندە، مەن بۇنى ئەجەب ئويلىماپتىمەن دېسە» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
ئەر كىشىلەر نەرسە كېرەكلەرنى بىز يىغىشتۇرايلى دېگىنىمىزگە ئۇنىماي، بىزنى ماشىنىغا چىقىرىۋېتىپ ئۆزلىرى يىغىشتۇرۇپ سالدى. ۋېلىسپىتلەر قېپ قالدى. ئۇلارنى ئېلىپ كېتىشكە ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان بولسا كېرەك، مەنمۇ سوراپ يۈرمىدىم. نىگارە ئىككىمىز ماشىنىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان ئىدۇق. ئۇلار نەرسە كېرەكلەرنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، فەرۇق ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:
_ نازىيە خېنىم، ئورۇنلىرىغا ئۆتكەيلا_، دېدى. مەن ئەجەبلىنىپ نىگارەگە قارىدىم.
_ سېنى ئالدىدا ئولتۇر، ئۈمىد ماشىنا ھەيدەيدۇ، سەن يېنىدا ئولتۇرىسەن دەۋاتىدۇ-، دەپ چۈشەندۈردى ئۇ.
_ بولدى، مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرىۋېرەي.
_ ئۆت دېگەندىكىن ئۆتمەمسەن. تازىمۇ بىر_ دەپ مېنى ئىتتىرگەن پېتى چۈشۈرىۋەتتى نىگارە. ھە دەپ ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. دېگەندەك ئۈمىد شوپۇرنىڭ ئورنىغا چىقتى. شوپۇر كەينىدە نىگارە بىلەن فەرۇقنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىر كۈنلۈك دالا ساياھىتىمىز ئاخىرلىشىپ ئۆيگە قايتتۇق. مېنىڭ بارىدىغان يېرىم ئەڭ يىراق بولغاچقا، ئۈمىد دەسلەپتە نىگارەنى، ئاندىن فەرۇقنى ئاپىرىپ قويۇپ ئەڭ ئاخىرىدا مېنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭدى. ماشىنا ھەيدەپ كتىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا قولۇمنى تۇتىۋالدى. بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولغاچقا مەنمۇ قولۇمنى تارتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.
_ ئۇنداق قىلماڭ، ئۈمىد. مەن بۈگۈن ئاجراشتىم. دېمەك مەن بىر ئاجراشقان ئايال. بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىزگە لايىق قىزنى تېپىپ تويىڭىزنى قىلىۋېلىڭ.
_ دوختۇرخانىدا سىزگە دېگەن گېپىم ئېسىڭىزدىمۇ؟
ھە؟_ چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















