
بۇ ئەسەرنىڭ 14 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
دېگەندەك ئۇ كەچتە تاماققا كەلمىدى. ئارىلاپ«نىمە قىلىۋاتىسىز؟ تاماق يىدىڭىزمۇ» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ قويدى، مەنمۇ لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ قويدۇم. كەچتە بۈگۈن چۈشتە رېستۇراندىن قاچىلاپ ئېلىۋالغان تاماقلارنى يىدىم، كىچىكىمدىن بەك جاپادا چوڭ بولغاچقىمۇ ئىسراپچىلىق قىلىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ، يۈزۈمگە ماي سۈرەي دەپ گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم. راستىمنى ئېيتسام ئەينەككە تۈزۈك قاراپ باقمىغىنىمغىمۇ خېلى بوپتىكەن. بۈگۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم مەسلىكىم كېلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. بۇرۇنقى غەمكىن چىراينىڭ ئورنىغا قارىسىلاخۇشال-خورام ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان ئۇماققىنە يۈز ئالماشقان، ئولتۇرۇشقان بىر جۈپ كۆزنىڭ ئورنىغا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر جۈپ شەھلا كۆز ئالماشقان. «ئەسلى مۇھەببەتنىڭ كۈچى مۇشۇنداق كۈچلۈك بولىدىكەندە» دەپ ئويلىدىم مەن. كىچىكىمدىن تارتىپ ئوقۇدۇم دەپتىمەن، بىكار بولسام ئاپامغا قاراپتىمەن، كېيىن توي قىلدىم، ئەمما مەن ئويلىغان، مەن زارىقىپ كۈتكەن چىن مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىدىم، ئەسلى چىرايىمنىڭ سۇلغۇن بولۇپ كېتىشى، كۆزلىرىمنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى مەندىكى مۇھەببەت كەملىكتىن بوپتىكەن دە. ئۆزۈمدىن ئۆزۈم سۆيۈنۈپ، مەمنۇن بولۇپ ئولتۇرۇپ يۈزۈمگە ماي سۈركەپ بولۇپ، يېتىشقا تەمشەلدىم. ئاندىن تۇيۇقسىز بۈگۈن ئۈمىد ئېلىپ بەرگەن كىيىملەر ئېسىمگە كەلدى. بەرىبىر ھازىر ئۇخلايدىغانغىمۇ بالدۇر، كىيىملەرنى كىيىپ سىناپ باقايچۇ دەپ ئويلاپ ئېلىپ كەلگەن كىيىم كېچەكلەرنى چۇۋۇدۇم، بىرسى بىرسىدىن ئېسىل، بىرسى بىرسىدىن چىرايلىق، قايسىسىنى كىيىپ قايسىسى قالار؟ بىر كۆڭلەككە ماسلاشتۇرۇپ بىر ئاياق تېخى. ئۈمىد ھەقىقەتەن نەرسە تاللاشقىمۇ ئۇستىكەن، مەن بىر ئايال كىشى تۇرۇپ ئۇنىڭچىلىك ماسلاشتۇرۇپ بولالمايمەن. كۆڭلەكلەرنى بىرەر قۇر كىيىپ، ماسلاشتۇرۇپ ئاياقنى كىيىپ، ئۆي ئىچىدە كىيىم مودېللىرىدەك ئۇ ياق بۇ ياققا فىگور چىقىرىپ مېڭىپ، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كۈلۈپ يۈرۈپ خېلى كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. ھە راست، بۈگۈن كەچ ئۇ ئېلىپ بەرگەن ئۇخلاش كىيمىنى كىيىپ ئۇخلايچۇ. بۈگۈن سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدا راھەت ئۇخلاش كىيمىدىن بىر نەچچىسى بار ئىدى، ئالايىتەن قىزىل رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمىنى تاللاپ كىيدىم، ۋاھ، ئوتقاشتەك قىزىل رەڭ ئۇچامغا بەكمۇ ياراشقان ئىدى. ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەۋەسلىنىپ «دائىم مۇشۇنداق خۇشال يۈرگىن، نازى، ياق، ئۈمىدنىڭ مەلىكىسى» دەپ قويۇپ يوتقانغا كىرىپ ياتتىم. كۆزۈم ئەمدى ئۇيقۇغا ئىلىنىشىغا ئۈمىدتىن ئۇچۇر كەلدى، سائەتكە قارىسام كەچ سائەت 11 دىن ئاشقان ئىكەن.
_ «ئۇخلىدىڭىزمۇ، مەلىكەم؟»
_ «ئەمدى ياتتىم. ئۆيگە ئەمدى قايتتىڭىزما؟»
_ مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟_ ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەيلا مەندىن سورىدى.
_«بولدى، ئۇخلاڭ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى»
_ «جاۋاب بەرمىسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ مەن سىزنى سېغىندىم، بەك بەك بەك سېغىندىم«_ جاۋاب قايتۇرمىدىم.
_ «ئۇخلاپ قاپسىزدە، ياخشى چۈش كۆرۈڭ، ئەتە ئەتىگەن كۆرۈشەيلى، مەلىكەم».
تېلېفونۇم تىت تىت قىلىپ قالدى، قارىسام كيۇ كيۇغا ئۇچۇر كەپتۇ. ئاندىن چايكا بىلەن پاراڭلاشمىغىلى خېلى كۈنلەر بولغىنى ئېسىمگە كەلدى. چايكا ماڭا بىر نەچچە قېتىم ئۇچۇر قىلىپتىكەن، ئەمما مەن جاۋاب قايتۇرماپتىمەن. بۈگۈن يوللىغان ئۇچۇرىدا مەندىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئىپادىلەپتۇ. «ياخشىمۇسىز، نازىيە. ئاغرىپ قالمىغانسىز؟ نىمىشقا ئۇچۇرۇمغا جاۋاب قايتۇرمايسىز؟» تۇرۇپلا چايكا دىن خىجىل بولۇپ قالدىم. ئۇ مەندىن شۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتكۈچىمۇ ئۇچۇر قايتۇرمىغىنىمنى دەيمەن. «مەن ياخشى، تېلېفونۇم قولۇمدىن چۈشۈپ كېتىپ چېقىلىپ كەتكەن، شۇڭا كيۇ كيۇنى ئاچالماي قالدىم. بۈگۈن چىقىپ يېڭى تېلېفون ئالغانتىم، شۇڭا ئەمدى قايتۇرىۋاتىمەن» قېپقىزىل يالغان سۆزلىدىم. «ئۇف، ھەنىم بولسا جاۋاب قايتۇردىڭىز. ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. بوپتۇ ئەمىسە، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ. خوش». چايكانىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇنىڭ ھەرۋاقىت مەندىن ئەنسىرەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
شۇنداق قىلىپ ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۈمىد ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتلىق ئېلىپ كېلەتتى، بىللە ناشتا قىلىپ ئىشقا كىتەتتى، چۈشتە تاماق ئېتىپ تۇرسام چۈشلۈك تاماققا كېلەتتى، كەچتە كەچلىك تاماققا كېلىپ مەن بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتەتتى. بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ ئۆيدە قونۇپ قالىمەن دېگەندە مەن قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەتكۈزىۋەتتىم. ناشتىلىقنىمۇ ئۆيدە تەييارلايمەن دېسەم، «ئايال كىشى ئۇيقۇسىغا قانسا تېرىسى ياخشى بولىدۇ، يۈزىگە قورۇق چۈشمەيدۇ، سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايمەن دەپ جاپا تارتماڭ»دەپ ئۇنىمىدى. ئون نەچچە كۈننىڭياقى ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ راستىمنى ئېيتسام بەك زېرىكتىم. يەنە كېلىپ ئايال كىشىنىڭ چوقۇم ئۆز ئالدىغا بىر كەسپى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايتتىم، ئەزىمەتنىڭ يۈزسىزلىكىدىن كېيىن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۆزى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈمىد بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمىز دېگەن ۋەدىلەر بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئالمىدۇق. دېمەك مەن ئۆزۈمگە تېخىمۇ پۇختا بولمىسام بولمايدۇ. شۇڭا خىزمەت ئىزدەش قارارىغا كەلدىم.
بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۈمىد ناشتا قىلغىلى كەلگەندە بۇ خىيالىمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم. دەسلەپتە ئۇ قەتئىي قارشى تۇردى:
_ مەن سىزنى بېقىپ كېتەلەيمەن، ئىشلەيمەن دەپ جاپا تارتماڭە. ماڭا ئىشەنمەمسىز يا؟
_ گەپ ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكتە ئەمەس. مەن باشقىلارغا يۆلىنىۋالىدىغان ئاجىز ئايال بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن، ئۆز ئالدىمغا خىزمىتىم بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن_ دېدىم مەن.
ئۇ بىر ئېغىز، مەن بىر ئېغىز تالاش تارتىش قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى خىزمەت ئىزدىشىمگە قوشۇلدى، ئەمما بىر شەرتى يەنىلا ئۈچ ۋاق تاماقنى ئىككىمىز بىللە يەيدىكەنمىز، بولىدۇ دەپ قوشۇلدۇم.
خىزمەت تاپىمەن دەپ پو ئېتىپ قويغىنىم بىلەن قەيەردىن، قانداق خىزمەت ئىزدىشىمنى بىلمەيتتىم. مەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بەخت دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشۈپ شۇ يەردىلا ئىشلىگەن، شۇڭا دوختۇرخانىدا سىستېرالىق قىلىشتىن باشقا ئىش قولۇمدىنمۇ كەلمەيدۇ. شۇڭا نىشاننى دوختۇرخانىلارغا قاراتتىم، خېلى كۆپ دوختۇرخانىلارغا باردىم، ئەمما مېنى ئىشلىتەيلى دەيدىغان دوختۇرخانا چىقمىدى. بەخت دوختۇرخانىسىغا بېرىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
بىر كۈنى چۈشتە ئۈمىد بىلەن بىر رېستۇراندا تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق، ماڭا ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلېفون كەلدى.
_ ۋەي، سىز نازىيە خانىم بولامسىز؟
_ شۇنداق. سىز كىم؟
_ مەن چېقىپ كۆچۈرۈش ئىشخانىسىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. شەرقىي بازاردىكى 17-بىنا 2-ئىشىك 401-ئۆي سىزنىڭ ئۆيىڭىزمۇ؟
دادام بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ ئۇزۇن ياتقاچقا ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مېنىڭ تېلېاون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم.
_ شۇنداق، توغرا، مېنىڭ ئۆيۈم.
قارشى تەرەپ تېلېفوندا ئۆينىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى دېگەنلەر توغرىلىق ئۇچۇرلارنى بىرە قۇر جەزملەپ بولغاندىن كېيىن:
_ ئۆيىڭىزگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئىككى مىليون 800 مىڭ يۈەن، ئۇنىڭدىن سىرت بىر يۈرۈش ئۆي بېرىلىدۇ. ۋاقتىڭىز چىققاندا كېلىپ توختامغا ئىمزا قويۇۋەتكەن بولسىڭىز.
قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.
_ ماقۇل، ماقۇل.
_ كىمكەن؟_ قىزىقىپ سورىدى ئۈمىد.
_ چېقىپ كۆچۈرۈش ئىشخانىسى دەيدۇ، ئىككى مىليون 800 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىمىز دەيدۇ.
_ مانا، مەن دېگەنغۇ، ئىشەنمەيسىز تېخى. راستمىكەن؟
_ ئۇنى سىز قانداق بىلگەنتىڭىز؟
_ چېقىپ كۆچۈرۈش ئىشخانىسىدا مېنىڭ بىر دوستۇم بار، شۇنىڭدىن ئاڭلىغان_ دېدى ئۇ.
چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ دەپ خېلىغىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. دادام بىلەن ئاپام ھايات بولۇپ، ئاشۇنچىلىك پۇلنى كۆرگەن بولسا قانچە خوش بولار بولغىيتتى ھە.
_ ئەمدى خىزمەت ئىزدەمسىز قانداق قىلىسىز، مىليونىر خېنىم؟ _ ئۈمىدنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.
_ ئەلۋەتتە ئىزدەيمەن. پۇل دېگەن خەجلىگەنسېرى ئازلايدىغان نەرسە. يەنە كېلىپ ئۇ پۇل ئەسلىمۇ پۈتۈنلەي ماڭا تەئەللۇق پۇل ئەمەس، شۇڭا بۇزۇپ چېچىپ خەجلىسەم بولمايدۇ. _ دېدىم مەن.
_ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، مەلىكەم. قانداق بۈگۈن مۇشۇ خۇشاللىق ئۈچۈن دوستلارنى چاقىرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئالغىنىمىزنى دەمدۇق يا؟
يەنە كەينىگە سۆرەۋەرسەممۇ بولمايتتى. «مەيلى» دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ دەرھال فەرۇخقا تېلېفون قىلىپ«كەچتە سېنىڭكىگە بارىمىز» دېدى. ئاندىن ماڭا نىگارەگە تېلېفون قىلىپ قويۇڭ، 520 بەزمىخانىسىغا بارسۇن. دېدى. راستىمنى ئېيتسام فەرۇقنىڭ بەزمىخانىسىنىڭ ئىسمىغا دېققەت قىلمىغان ئىكەنمەن، 520 بەزمىخانىسى ئىكەندە ئەسلى. نىگارەگە تېلېفون قىلسام، ئۇچۇپلا بارىمەن دوستۇم دېدى. كەچتە دېيىشكەن ۋاقىتقا تېخى خېلى بار ئىدى. ئۈمىد«بىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىم بار، سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويايمۇ؟» دەپ سورىدى.
_ سىز ئىشىڭىزغا بېرىۋېرىڭ، مەن يەنە خىزمەت ئىزدەپ باقاي. مېنى ئالىدىغان يەرنىڭ چىقمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.» دېدىم مەن.
ئۈمىد كەچتە بەزمىخانىغا بارىدىغان ۋاقىتتا ماڭا تېلېفون قىلىپ، قەيەردە بولسام شۇيەرگە ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى. مەن بىردەم بازار چۆگىلەپ ھېرىپ قېلىپ، بىر گۈللۈكنىڭ يېنىدىكى تاش ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم. بەك ئۇسساپ كەتكەچكە يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دۇكاندىن بىر قۇتا مىنرال سۇ ئېلىۋالغان ئىدىم. مىنىرال سۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىپ ئولتۇرۇپ، بىرسى قارا دېگەندەك ئۇدۇل تەرىپىمگە قارىسام، بىر توي كۆينىكى دۇكىنىدا تونۇش بىر چىراي كۆرۈندى. «ئايگۈزەل؟» سۈپسۈزۈك ئەينەكنىڭ ئىچىدە ئايگۈزەلنىڭ بىر توي كۆينىكىنى كىيىپ ئەينەككە قاراۋاتقىنى كۆرۈندى. خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ كۆينىكىنى ئوڭشاپ گىرىم قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئەزىمەت بار ئىكەن، ئەزىمەتنىڭ چىرايىدا كۈلكە پارلاپ تۇرىدۇ، ئاغزى توختىماي مىدىرلاۋاتاتتى، ئايگۈزەلنى چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز دەپ ماختاۋاتىدۇ ھەقىچان. ئايگۈزەل كۈلۈپ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇ تۇرقىغا قاراپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشكىلى كەپتۇدە دەپ ئويلىدىم. پات ئارىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدۇم يۇ، تۇرغۇم كەلمەي، بىر ئولتۇرغانچە خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. قولۇمدىكى مىنىرال سۇنىڭمۇ يېرىمىنى ئىچىپتىمەن. بىر چاغدا ئۇلار چىقتى، چىقىپلا مېنى كۆرۈپ قالدى. ئەزىمەتنىڭ يېنىمغا كەلگۈسى يوق ئىدى، ئايگۈزەل ئۇنى تارتقۇشلاپ دېگۈدەك ئېلىپ كەلدى. ئايگۈزەل ئەزىمەتنى قولتۇقلىغان پىتى ئالدىمغا كەلدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى.
_ نازىيە. ئەزىمەت ئىككىمىزنىڭ توي مۇراسىمىمىز كېيىىنكى ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇن خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەنتۇق، شۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ تويىمىزغا چوقۇم كېلىڭ جۇمۇ.
ئۇلار ئالدىمغا كېلەي دېگەندە بىر يۇتۇم مىنىرال سۇ ئىچىۋاپتىكەنمەن، ئاشۇ سۇنى يۇتالماي قېقىلىپ كەتتىم.
_ ۋوي، ئەزىمەت بىلەن توي قىلىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ بەك خوش بولۇپ كېتىۋاتامسىز نېمە؟ _ زەھەردەك گەپ قىلىۋاتاتتى ئايگۈزەل_ رەھمەت سىزگە. بىزگە كۆڭلىڭىز ئەڭ يېقىنلىقىنى بىلەتتىم مەن. تويۇمغا سىزنى قولداش قىلاي دېگەنتىم، ئەزىمەت بىئەپ بولىدۇ دەپ ئۇنىمىدى.
_ ھە، مۇبارەك بولسۇن. چوقۇم بارىمەن، _ قەتئىي ئارتۇق گەپ قىلغۇم كەلمەي تومتاقلا شۇنداق دېدىم.
_ ۋىيەي، كەلمىسىڭىز خاپا بولىمەن جۇمۇ.
گەپ قىلمىدىم.
_ پۇلدار بايغا تەگكىنىڭىز بىلەنمۇ كۈنىڭىز تايىنلىق ئوخشايدۇ، ئىككى يۈەنلىك مىنىرال سۇنى قۇچاقلاپ كوچىدا ئولتۇرۇپ كېتىپسىز. مەن بىرەر ۋاقلىق تامىقىمغا مۇنداقراق تاماق يەپ قالىدىغان بولسام ماغدۇرۇم قالمايلا كېتىدۇ، قورساق كۆتۈرمەكمۇ ئاسان ئەمەسكەن._ شۇنداق دەپ تېخى ھېچقانچە بىلىنمىگەن قورسىقىنى سىلاپ قويدى ئۇ.
ئۇ قەستەن يېغىرىمغا تەگمەكچى بولۇۋاتاتتى. «ئۆزۈڭنى تۇتىۋال، نازىيە، ئۇلارغا ئۆزۈڭنى زايا قىلما» شۇنداق دەپ ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ گەپ قىلماي باشقا ياققا قاراپ تۇرىۋالدىم. راستىمنى ئېيتسام پۇل خەجلەيدىغانغا كۆزۈم قىيماي ئىككى يۈەنلىك مىنىرال سۇنى تۇتۇپ ئولتۇرغىنىم يوق، مەن ئادەتتىمۇ باشقا ئىچىملىكلەرنى بەك ئىچىپ كەتمەيمەن، ئۆيدە بولسام ئىسسىق چاي دەملەپ بىر ئوتلاپ ئىچىۋالسام بولدى، سىرتتا ئامال يوق، شۇڭا سىرتتا بوپ قالسام مىنىرال سۇلا ئىچىمەن.
_ مەلىكەم، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بەك بۇلغىنىپ كېتىپتۇغۇ، قانداق تۇرىۋاتقانسىز بۇ يەردە؟
تۇيۇقسىز كەينى تەرىپىمدىن ئۈمىد كەلدى. «بۇ يەردىلىكىمنى قانداق بىلدىكىنە؟» ھەيران قالدىم. ئۇنىڭغىچە ئۈمىد كېلىپ ئىككى مۈرەمدىن تۇتۇپ بولدى.
_ مەلىكەم، ئۇسساپ كېتىپ مىنىرال سۇ ئىچىپ ئولتۇرۇپسىزدە، ھە بوپتۇ، ئۆزىڭىزمۇ ئىچىڭىزدە ھېچقانداق ھىيلە نەيرەڭ يوق، پاك، سۈزۈك بولغاندىكىن، سۈزۈك سۇنى ئىچىپ ئولتۇرۇپسىز.
قەستەن ئايگۈزەلگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتاتتى ئۇ.
_ كەچتە زىياپىتىمىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟ كەچلىك زىياپەتكە كىيىدىغان كىيىم ئېلىش ئۈچۈن دۇكان بىلەن كېلىشىپ قويغانتىم، ھازىر ئىككىمىز كىيىم ئالغىلى بارايلى. ھېرىپ كەتكەن بولسىڭىز كۆتۈرىۋالايمۇ، مەلىكەم.
بىر گەپتە بىر مەلىكەم دەپ ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ ئالدىدا بەك ھۆرمىتىمنى قىلدى ئۈمىد. ئەزىمەت ھەيرانلىق بىلەن كەينىمىزدىن قاراپلا قالدى. ئايگۈزەل بولسا «قاراپ تويمىدىڭىزما، مېڭىڭ، بۇياققا. ھە راست، مەن ھېرىپ كەتتىم، مېنى كۆتۈرىۋېلىڭ» ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدۇق. ئەزىمەت ئايگۈزەلنى كۆتۈردىمۇ، كۆتۈرمىدىمۇ بىلمىدۇق. ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيتتۇق. بىز يېقىن يەردىكى بىر چوڭ سودا سارايغا كىردۇق. ھاۋا رەڭ، سول كۆكسىدە چىرايلىق بىر تال قىزىل گۈلى بار بىر كۆڭلەكنى ئۈمىد كىيىپ بېقىڭ دەپ تۇرىۋالدى. ماقۇل دەپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كىيەي دەپ قولۇمغا ئېلىشىمغا ماركىسى قولۇمغا ئىلىندى، ئۈستىدە باھاسىمۇ بار ئىكەن. «ۋاي ئانامەي» دەۋەتتىم مەن، كۆڭلەك سەككىز مىڭ يۈەن ئىدى. كۆڭلەكنى قويۇپ، ئۆزۈمنىڭ كىيمىمنى كىيىپ ئاستا يېنىپ چىقتىم.
_ كىيمەپسىزغۇ؟
_ ياقتۇرمىدىم.
ئۈمىد چىرايىمغا قاراپلا كۆڭلەكنى ئەمەس، باھاسىنى ياقتۇرمىغىنىمنى بىلىپ قالدى.
_ ۋاي ۋۇي، مەلىكەم، بۇ كۆڭلەك سىزگە چوقۇم يارىشىدۇ، كىرىپ كىيىپ چىقىڭە، باشقا گەپ قىلماڭ ھە.
كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە يەنە كىردىم. كۆڭلەكنى كىيىپ سىرتقا چىقىپ ئەينەككە قارىدىم، كۆڭلەك ماڭا شۇنچىلىك ياراشتىكى، بۇنى مەندىن باشقا ئادەم كىيسىمۇ مۇشۇنچىلىك يارىشامۇ دەپ قالغۇدەكلا.
_ ھە، مانا، زادى كۆزۈم پىششىق مېنىڭ. شۇنداق ياراشتى، سىزگە ئۆلچەپ تىككەندەكلا. بولدى، مۇشۇ بولسۇن.
_ ئۈمىد، بەك قىممەتكەن_ دەپ ئىشارەت قىلدىم مەن.
_ قىممەت ئەمەس. سىزگە ياراشتى. ئالماشتۇرمايلا مۇشۇنى كىيىپلا مېڭىڭ، ئايالىمنىڭ بايىقى كيىمىنى خالتىغا سېلىپ بېرىڭە.
ئۇچامغا سەككىز مىڭ يۈەنلىك كۆڭلەكنى كىيىۋېلىپ، تۆمۈر ئارتىۋالغاندەك ئەركىن بولالمايۋاتاتتىم. مۇلازىمەتچى كىيىملىرىمنى خالتىغا سېلىپ ئېلىپ چىقتى.
_ يۈرۈڭ، ماڭايلى. _ ئۇدۇل ئىشىككە ماڭدى ئۈمىد.
_ ھېسابات قىلمامدۇق؟_ دېدىم مەن ئۇنىڭ ئۇدۇللا چىقىپ كەتكىلى ماڭغىنىنى كۆرۈپ.
_ بايا سىز كۆڭلەكنى سىنىغىلى كىرىپ كەتكەندىلا تۆلىۋەتكەن. بۇ كۆڭلەكنىڭ سىزگە يارىشىدىغىنىنى بىلەتتىم_ دېدى ئۇ.
مۇشۇنداقمۇ نەرسە كېرەك سېتىۋالغان بارمۇ؟ مەن بۇرۇن نەچچە يۈز يۈەنگە كىيىم ئالساممۇ نەچچە كىيىپ سىناپ، باھادا كېلىشەلمەي نەچچە چىقىپ كېتىپ، يەنە كىرىپ مىڭبىر تەستە ئالاتتىم. بۇ ئەپەندىم كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي، تېخى ھە، بولىدىكەن، مۇشۇنى ئالايلى دەپ بولغىچە پۇلىنى تۆلىۋېتىپ قاراپ تۇرىدىكەن. پۇلدار دېگەن يەنە باشقا بولىدۇ دە دەپ ئويلىدىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















