大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 20- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 20- قىسىم aybarawazi
2023-06-30
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 21 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15

16
17
18
19





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
20 - قىسىم


ئۇلار ئۇدۇل بىزگە قاراپ كېلىۋاتاتتى.  دەرھال نىگارەگە قارىدىم، ئۇمۇ مەن قارىغان تەرەپكە قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى. «ئەمدى چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم. نىگارە بۇنداق ئىشنى ھەرگىز بولدى دەپ ئۆتكۈزىۋېتىدىغان قىز ئەمەس. ئۇ ئىككيلەن بىر ئورۇننى تېپىپ بىر بىرىگە چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇردى.  نىگارە ئۈستەلدىكى ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئىچىپ  يېرىم قالغان قىزىل ھاراق بوتۇلكىسىنى ئېلىپلا ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  ئۈمىد بىلەن فەرۇق نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.

نىگارە ئۇدۇل بېرىپ قەستەن پۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يېرىم بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى ئۆگەي ئاپىسىنىڭ كىيمىنىڭ ئىچىگە تۆكۈۋەتتى.

ئۆگەي ئاپىسى چۈچۈپ «ئا» دەپ چىرقىرىۋەتتى.  ھېلىقى ئاق پىشماق خېلى يامان نىمىكەن،  نىگارەنى كۈچەپلا ئىتتىردى:

_  نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟ ئىش تېرىماقچىما؟

نىگارە ئىككى قەدەم كەينىگە يېنىپ كەتتى، ئەمما بېرىپلا ئاق پىشماقنىڭ ياقىسىغا ئېسىلماي، بوتۇلكىنى سىلىغىنىچە ئۆگەي ئاپىسىغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى.

_ ئەجەب ئۇچرىشىپ قالدۇق ھە، ئاپا.

ئۆگەي ئاپىسى تېخى بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن چېغى، نىگارەنىڭ «ئاپا» دېگىنىنى ئاڭلاپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، ئەسلى ئالدىدكى ئادەمنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك ئاچچىق بىلەن تۇرغان ئادەم چىرايى دەرھال ئوڭايسىز بىر ھالەتكە ئۆزگەردى.  ئاق پىشماق كۆزىنى چەكچەيتىپ:

_ نىمە دەپ چاقىردىڭ؟_ ئۇ نىگارەنى سەنلەپلا چۈشكەن ئىدى.

ئىش يوغىناپ كەتمىسۇن دەپ دەرھال بېرىپ نىگارەنى تارتتىم، ئەمما نىگارە مېنى ئىتتىرىۋېتىپ ئاق پىشماققا قاراپ دېدى:

_  بۇ ئاق پىشماق دادامدىن خېلىلا ياشكەن ھە، بۇنداق ياش بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئەينى ۋاقىتتا دادامنى نىمىشقا ئازدۇرغان؟

_ بۇ دائىم سىز بىلەن قېرىشىپ سىزنى بوزەك قىلىدىغان ھېلىقى پەسەندە شۇكەندە.

ئاق پىشماق نىگارەنى كۆرۈپ نۇمۇس قىلماقتا يوق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. قارىغاندا ئۆگەي ئاپىسى ئادەتتە ئۇنىڭغا نىگارەنىڭ يامان گېپىنى تازا قىلىپ بەرگەن بولسا كېرەك. ئۆگەي ئاپىسى نىگارەدىن نومۇس قىلدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئاق پىشماقنى ئىتتىرىۋېتىپ ماڭماقچى بولدى.  نىگارە قولىدىكى بوتۇلكىنى ئۈستەلگە بىرنى ئۇرىۋىدى، چۇل چۇل بولۇپ كەتتى، ئاندىن ئۇ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ كىيمىنى تارتىپ ئاچچىقى بىلەن ۋاقىرىدى:

_ كىم پەسەندە ئىكەن؟ ئەينى ۋاقىتتا خوتۇنى بار ئادەمنى ئازدۇرۇپ ئۆيىنى بۇزغان ئادەم پەسەندە ئەمەسمىكەن؟ ئەمدىلىكتە دادامنىڭ پۇلىنى خەجلەپ سىرتتا باشقىلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەن ئادەم پەسەندە ئەمەسمىكەن؟

ئالدىنقى قېتىم بۇ يەردە جىدەل بولغاندىن كېيىن بەك قورقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك،  يەنە جىدەل چىقىشىدىن ئەنسىرەپ نىگارەنى بار كۈچۈم بىلەن تارتتىم.  ئەمما نىگارە قاققان قوزۇقتەك جايىدا تۇرۇپلا قالغان ئىدى. نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسىمۇ قورققىنىدىن كەينىگە داجىپ كەتتى، ئۇمۇ نىگارەنىڭ مۇشتىنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلسە كېرەك،  تاياق يەۋېلىشىدىن قورققاندەك قىلاتتى. لېكىن ھېلىقى ئاق پىشماق نىگارەنىڭ مىجەزىنى بىلمەمدۇ قانداق، ئۇنىڭ بىلەن كىرىشىپلا  قالدى:

_  بۈگۈن تاياق يىگۈڭ كېلىپ ئۆيدىن چىققان ئوخشايسەن، ئاكاڭ بۈگۈن تاياقنىڭ تەمىنى بىر تېتىتىپ قويسۇن ھە.

نىگارە مېنى يىراققا ئىىتىرىۋېتىپ ئاق پىشماق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى.  ئاق پىشماق ئورۇق، ئاۋاق ئەپتى بىلەن نىگارەگە رەقىب بولالايتتىمۇ، بىردەمدىلا يەرگە چاپلىشىپ ياتتى.  ئۈمىد بىلەن فەرۇق باشتىن ئاخىر بۇ جىدەلگە ئارىلاشمىدى، ئۇلار نىگارەنىڭ ئۇنىڭغا تېتىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنسە كېرەك. بىردەمدىن كېيىن ئاق پىشماق ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى تارتقۇشلاپ چىقىپ كەتتى.  ھەر نىمە بولسا بۇ قېتىم بەك چوڭ جىدەل چىقماي، ئىشلار بىردەمدىلا بېسىقتى. ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارمۇ تارقاشتى.  نىگارە ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تېلېفونىغا قاراپلا ئولتۇردى. ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدۇق.  ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىۋاتقىنىنى بىلىمەن،  ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەي دېدىم يۇ، لېكىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلاپلا ئولتۇردۇم.  ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بەزمىخانىغا بىر نەچچە ئادەم كىردى، ئۇلار كىرىپ بىرەر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن «ئەنە، ئاشۇ شۇ»دەپ نىگارەنى كۆرسىتىپ،  چوڭ چوڭ چامداپ نىگارەنىڭ يېنىغا كەلدى. نىگارە تېلېفونغا قاراپ ئولتۇرغاچقا دېققەت قىلمىدى. قورققىنىمدىن ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى.

_ ماۋۇ ئاق كىيىم، قىسقا چاچ شۇ. ئەدىپىنى بېرىپ قويۇڭلار.

بىر قول كېلىپلا نىگارەنىڭ چېچىدىن قاماللاپلا  تارتتى.   مەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ«نىمە قىلماقچى سىلەر» دەپ ۋاقىرىدىم.  ئادەتتە ئۇلار ھەممىسى تەڭ كەلسىمۇ نىگارەگە رەقىب بولالىشى ناتايىن ئىدى، ئەمما بايا نىگارە تەييارلىقسىز بولغاچقا نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە چېچىدىن تارتىپ سۆرەپ يەرگە يىقىتىپ بولدى.

نىگارەنىڭ چېچىدىن تارتقىنى ماڭا چەكچىيىپ قاراپ:

_ بىز بۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىمىز، باشقىڭلار ئارىلاشماڭلار_ دېدى. ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا بىر مۇشت كېلىپ يۈزىگە تەگدى.  ئۇرغىنى فەرۇق ئىدى.  ئۇنىڭغىچە نىگارە ئورنىدىن تۇرۇپلا بايا چېچىنى تارتقان ئەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.  قالغانلار فەرۇققا ئېتىلدى.  ئارىدا بىرەيلەننىڭ مۇشتى كېلىپ ماڭا تەگكىلى تاس قالدى، ئۈمىد مېنى توسىۋېلىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى.  مەيدان بىردەمنىڭ ئىچىدە يەنە قالايمىقانلىشىپ كەتتى.  ئۈمىدمۇ مېنى بىر يانغا ئىتتىرىۋېىتىپ، ئۇرۇشىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. قورققىنىمدىن يۈرىكىم توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. «ئۈمىدنىڭ بېشىدىكى تېڭىقنى تېخى بۈگۈن ئالغان ئەمەسمۇ، ئەمدى يارىلىنىپ قالسا بولمايتتى». بىرى مېنىڭ يالغۇز  قالغىنىمنى كۆرۈپ كېلىپ ماڭا ئېسىلدى، قورققىنىمدىن تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدىم. ئۈمىد يېنىمدا پەيدا بولۇپ، ماڭا ئېسىلغان ئەبلەخنى بىر مۇشت بىلەن ياندۇرىۋەتتى.  نىگارەمۇ خېلى تاياق يىگەن بولسا كېرەك،  ئاغزىنىڭ ئەتراپى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.

_  قالايمىقانچىلىق چىقارغان قايسىڭ؟

بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم،   ۋارقىرىغىنى ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ يەردە ئۇرۇش چىقارغان شۆھرەت ئىدى.  ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇرۇشىۋاتقان بىر نەچچەيلەن دەرھال توختاپ قالدى ۋە«ئاكا، ئاكا» دىيىشتى.  نىگارە ھېچ پەسكويغا چۈشەي دېمەيتتى، مەن ئۇنى تارتىپ يېنىمغا ئەكىلىۋالدىم.  شۆھرەت باش بولۇپ ئۇرغان ئەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

_  نىگارە،  مەن ئۇنى تۇتۇپ بېرەي، خالغىنىڭىزچە ئۇرۇپ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىڭ_ دېدى.  ھېلىقى ئادەم لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتى.

_ مەن خاتا قىپتىمەن، شۆھرەت ئاكا، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن.

_  قىز بالا بولساممۇ خېلى ئوغۇل بالىدەك قىز بالا مەن. جىم تۇرغان ئادەمنى ئۇرمايمەن_ دېدى نىگارە.

بۇ چاغدا بىر چەتتە تۇرغان فەرۇق نىگارەنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.

_ بۇ دېگەن مېنڭ بەزمىخانام، تولا چاتاق چىقىرىشماي يوقىلىش.

شۆھرەت فەرۇقنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي، يېنىدىكى بىر نەچچەيلەنگە نىگارەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى:

_  بۇ قىزنى ياخشىراق تونۇۋېلىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن قايسىڭ بۇ قىزنى تاك ئىتىپ چىكىدىكەنسەن، ئاقىۋىتىڭنى ئويلىشىپ قويۇش.

_ ماقۇل، ماقۇل، ئاكا.

نىگارە ئۇلارغا ئالىيىپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.  شۆھرەت يېنىدىكى ئادەملەرنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.  فەرۇق نىگارەگە قاراپ:

_ ئاغزىڭىزنىڭ ئەتراپى كۆكىرىپ كېتىپتۇ، بىرەر يېرىڭىز ئاغرىمىغاندۇ؟ دوختۇرخانىغا ئاپىرايمۇ؟_ دېدى.

نىگارە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى.

_ ئىشىڭىزنى قىلىڭە، بايىقى قىزلىرىڭىزنى ئاپىرىڭ، دوختۇرخانىغا بارمايمەن مەن.

_ يۈرۈڭ، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي _ دەپ تارتتى فەرۇق.

_ ئۆيىڭىزگە؟ مېنىڭ ئۆيۈم بارمۇ؟ ئاشۇ پەسكەش بار ئۆينى  ئۆيۈم دەپ بارىمەنمۇ؟ _ تۇيۇقسىزلا يىغلاپ كەتتى ئۇ.  راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى ئاڭلىشىم ئىدى. بېرىپ ئۇنى ئاستا قۇچاقلىدىم، ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ بىر ھازا يىغلاپ ئىچى بوشاپ قالدى بولغاي، ئاستا مېنى قويۇۋېتىپ:

_ ئالدىڭلاردا ئەجەب سەتلەشتىم ھە. بۇنداق يىغلايدىغان نىگارە ئەمەس ئىدىم مەن_ دېدى خىجىل بولغاندەك.

_ ھېچقىسى يوق، بىز يات ئادەم ئەمەس. ئىچىڭىزنى بوشىتىۋالغىنىڭىز ياخشى_ دېدى ئۈمىد.  تەليىمىزگە ئۈمىد بايىقى ئۇرۇشۇشتا ھېچقانداق يارىلانمىغان ئىدى.

_   داداڭغا تېلېفون قىلىپ قوي، بۈگۈن كەچتە مەن بىلەن شەرقىي بازاردىكى ئۆيگە كەتكىن._ دېدىم مەن. راستىمنى ئېيتسام ئۇنى ئۈمىدنىڭ داچىسىغا ئېلىپ كىتەي دىيىشتىن خىجىل بولۇپ قالغان ئىدىم.

_ شەرقى بازاردا نىمە قىلىسىلەر؟. ھازىر سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئۇ يەردە ئەمەس، نىگارە بىزنىڭ ئۆيگە كەتسۇن، بۈگۈن ئاخشام ئىككىڭلار ياخشى مۇڭدىشىۋېلىڭلار_ دېدى ئۈمىد.

شۇ گەپ بىلەن ماڭماقچى بولۇپ ئاستا ئورنىمىزدىن تۇردۇق. فەرۇقمۇ كەينىمىزدىن سوڭدىشىپلا ماڭدى. ئۈمىد بايا ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇنلا  ئالىم شوپۇرغا تېلېفون قىلىپ قويغان ئىكەن، بىز چىقساق شوپۇر ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بوپتۇ. ئۆيگە ماڭغۇچە نىگارە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ «بۈگۈن كەچ نازىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالىمەن، دادا، مەندىن ئەنسىرىمە» دەپ قويدى.  ئەسلى نىگارەنى دادىسىغا تېلېفون قىلىپلا ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئىشلىرىنى دەۋېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرىگەنتىم.  ئەمما ئۇ خېلى ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان بوپ قاپتۇ.

داچىغا كەلگەندىن كېيىن ھەممەيلەن بىرىنچى قەۋەتتىلا ئولتۇردى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ چاي دەملەپ چىقتىم.  ئۇنىڭغىچە ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، نىگارە بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قېتىپلا قاپتۇ. بىرەر  پىيالىدىن چاي ئىچىشكەندىن كېيىن ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئىككىنچى قەۋەتتىكى بالكونغا چىقىپ كەتتى.  پەستە نىگارە ئىككىمىز قالدۇق.

_ ئۇيقۇڭ كەلدىمۇ؟_ سورىدىم مەن.

_ ياقەي._ ئۇنىڭ كەيپىياتى شۇنچىلىك تۆۋەن ئىدى. شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ سۆزگە نەقەدەر ناقىس ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم،  دوستۇمنىڭ كۆڭلى يېرىم، ئەمما ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەي قاراپلا تۇرىمەن.

_ نىگار_ دېدىم مەن_ ھازىر كۆڭلۈڭنىڭ پاراكەندە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ساڭا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەيۋاتىمەن.

_ بولدى، ھېچنىمە دېمە، يېنىمدا مۇشۇنداق تۇرۇپ بەرگىنىڭنىڭ ئۆزىمۇ ماڭا تەسەللى_ دەپ يالغاندىن ھىجىيىپ قويدى ئۇ.

_ يۈرە، ساڭا ئىككىنچى قەۋەتنى كۆرسىتەي، كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالا_ دەپ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي قولىدىن تارتىپ ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقتىم. ھۇجرىلارنى بىرەر قۇر كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن ھۇجرامغا باشلاپ كىرىپ ئولتۇرغۇزدۇم، شۇ ئەسنادا ئۈمىد چاقىرىپ قالدى.

_ نازى.

ئۈمىدنىڭ يېنىغا چىقتىم. ئۇ كالتە يەڭ مايكا بىلەنلا تۇرغاچقا سەل مۇزلاپ قالغان بولسا كېرەك.

_ چاپىنىمنى ئەچىقىۋېتىڭە_ دېدى.  ھە دەپ كەينىمگە ياندىم. ئۈمىدنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ باقماپتىكەنمەن.  كىرىپلا ھەيران قالدىم.  بۇ ئۆيدە ھازىرغىچە بىرەر ئائىلە خىزمەتچىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ھۇجرىسى شۇنچىلىك رەتلىك، پاكىزە ئىدى.  كىيىم ئىشكاپىدىن ئۇنىڭ بىر چاپىنىنى ئېلىۋېتىپ، تامدا ئېسىقلىق تۇرغان گىتارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.  ئۇنى ئاستا ئاۋايلاپ ئالدىم.  گىتارنى سىلاپ قاراۋېتىپ، چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدە ئۈمىدنىڭ گىتار تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتى ئېسىمگە كەلدى.

گىتار بىلەن چاپاننى ئېلىپ مېنىڭ ھۇجرامدىن نىگارەنى چاقىردىم«يۈرە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقايلى». نىگارە تارتىشىپ بېقىپ كەينىمدىن ماڭدى. قارىسام ئۇنىڭ بايىقى ئاچچىقىمۇ خېلى پەسكويغا چۈشكەندەك قىلاتتى. بالكونغا چىقىپ چاپاننى ئۈمىدكە بەرگەچ:

_ بۇ گۆھەرنى تېپىۋالدىم، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پەدە چېلىپ بەرمەمسىز؟_ دېدىم.

ئۈمىدنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تېز ئۆزگەردى.

_ كىم مېنى گىتار چالالايدۇ دەيدۇ؟

ئۇ قولۇمدىن ئالغان چاپاننى يېنىغا تاشلاپ قويۇپلا بالكوندىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.  خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.  ئۈمىد بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بۇنداق سەتلىشىپ كەتكىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن. تۇيۇقسىز بەك قاتتىق يىغا تۇتۇپ كەتتى، ئەمما ئۆيدە مېھمان بار چاغدا مەنمۇ سەتلىشىپ يۈرسەم قاملاشمايدۇ-دە.

_ چارچاپ قالغان ئوخشايدۇ_ دەپ قويۇپ گىتارنى ئەكىرىپ جايىغا ئېسىپ قويدۇم.  لېكىن كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالغان ئىدى. فەرۇق«بەزمىخانىدىن تېلېفون كېلىپ قالدى» دەپ چىقىپ كەتتى. ئەمدى نىگارە ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئۆتتى.

_  ئەر كىشى دېگەننىڭ ئاشۇنداق ئوڭ تەتۈرسى يوق، كۆڭلۈڭگە ئالمىغىنە، بەلكىم ئۈمىد راستلا گىتار چېلىشنى بىلمەيدىغاندۇ، قىزىقىپ ئېسىپ قويغان بولغىيتتى.

ئۈمىد شۇ چىقىپ كەتكەن پىتى ھۇجرىسىغا كىرىپ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ يېتىۋالدى، قايتا يېنىمىزغا كىرمىدى. كەچتە نىگارە ئىككىمىز مېنىڭ ھۇجرامدا يېتىپ قالدۇق.  بۇنداق بىللە يېتىپ مۇڭداشمىغىنىمىزغا بەك ئۇزۇن بوپتىكەن،  بەك كۆپ گەپلەرنى قىلىشىپ، تاڭ ئاتاي دېگەندە ئاندىن ئۇخلاپ قاپتۇق.

ئىككى سائەت ئۇخلىدىممۇ ئۇخلمىدىممۇ، يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، ئەمدى ئۇخلاپ ياتسام بولمايدۇ، ئىشقا بارىمەن دە.  ئاستا سىرتقا چىقىپ ئۈمىدنىڭ ھۇجرىسىغا قارىدىم، ھۇجرا ئىشىكى قىيا ئېچىقلىق تۇراتتى، قارىغاندا ئۈمىد چىقىپ كېتىپ بولغاندەك قىلاتتى.  نىگارەگە خەت يېزىپ قويۇپ قويۇپ چالا بۇلا ناشتا قىلىپلا ئىشقا ماڭدىم. دەرۋازا ئالدىغا چىقسام ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى تۇرۇپتۇ. ئۈمىد ماشىنىدا ئىكەن.  دېرىزىنى چۈشۈرۈپ:

_ ماشىنىغا چىقىڭە، ئاپىرىپ قوياي_ دېدى.

_ بولدى، ئۆزۈم ماڭاي _ دېدىم مەن. ئاخشامقى ئاچچىقىم تېخى يانمىغان ئىدى. ئۈمىد ماشىنىدىن چۈشۈپلا مېنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ ماشىنىغا ئولتۇرغۇزدى، مەن قارشىلىق قىلىپمۇ كۈچۈم يەتمىدى.

_ ئىككى شەرتىمنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟

ئۇنىڭغا قارىدىم، ئاخشامقى ئاچچىقىدىن ئەسەرمۇ يوق، يەنە بۇرۇنقىدەك مۇلايىم بولۇپ قالغان ئىدى. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتاي دەپ قولۇمنى ئۇزاتسام،  بىر قولى بىلەن قولۇمنى تۇتىۋېلىپ، يەنە بىر قولى بىلەن بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتىپ قويدى.  يولبويى ئاخشامقى ئىش توغرىلىق پاراڭلاشمىدۇق،  ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇ كۆڭۈلسىزلىكنى تىلغا ئالغۇمىز كەلمىدى بولغاي. ئەمما كۆڭلۈمدە يەنە بىر تۈگۈن پەيدا بولدى.

ئۈمىد مېنى ئالدىنقى قېتىمقى جايدا چۈشۈرۈپ قويۇپ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كېلىمەن دېدى. «چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمىزمۇ يوقكەن، ئىشخانىدا تاماق يەيدىكەنمىز» دېدىم مەن.

_ ئەمىسە  مەنمۇ تاماقنى ئېلىپ كېلىپ ئىشخانىڭىزدا سىز بىلەن بىللە يەيمەن.

ئۈمىد زادى قانداق ئادەمدۇ؟ بىر قارىسام مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغاندەك، يەنە بىر قارىسام مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلىرى باردەك.

ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭدىم،  خېلى يەرگە بېرىپ بولۇپ كەينىمگە قارىسام ماشىنا تېخى جايىدا تۇراتتى.

ئىشخانىغا كىرىپ، نەرسە كېرەكلىرىمنى قويۇپلا نىگارەگە تېلېفون قىلدىم. «ۋەي» ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئەمدى ئويغانغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭغا ناشتىلىقنى تەييارلاپ ئاشخانىغا قويۇپ قويغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ يەنە بىردەم ئۇخلىۋېلىپ ئاندىن تۇرۇپ ناشتا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.  ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە تېلېفون قىلىپ«ھازىر ئۆيۈڭلاردىن چىقتىم ئەمىسە، نەرسە كېرەكلىرىڭلار ساق قالدى، ھېچنىمىگە تەگمىدىم جۇمۇ» دەپ چاقچاق قىلدى.

 چۈشتە ئۈمىد بىرسى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىم بار دەپ كەلمىدى، مەن دوختۇرخانىنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق ئېلىپ كىرىپ ئىشخانىدىلا يىدىم. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ئۈمىد تېلېفون قىلىپ ئەتىگەن مېنى چۈشۈرۈپ قويغان جايدا ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سومكامنى ئېلىپ چىقتىم.  ئۈمىد كېلىپ بولغان ئىكەن.  ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن:

_ قانداقراق؟ چارچىدىڭىزمۇ؟_ دەپ سورىدى.

_ ياقەي_ دېدىم مەن. ئۈمىد ماشىنىنى ئۆي تەرەپكە ھەيدىمەي باشقا ياققا ماڭدى.

_ ئۆيگە كەتمەمدۇق؟_ سورىدىم.

_ ياق، كىيىم ئالغىلى بارىمىز.

_ كىمگە؟

_ سىزگە.

_ ئۆتكەندە ئالغان كىيىملەرنى تېخى كيىپ بولالمىدىم، يەنە كىيىم ئالامدۇق؟

_ چوڭ دادامىڭ بىزگە بىر تويغا قاتنىشىشنى ھاۋالە قىلغىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟

ھە توغرا، چوڭ دادام ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ تويىغا بىزنى قاتنىشىڭلار دېگەن ئىدى.

_ ئۇنىڭغا ئالايىتەن كىيىم ئالمىساممۇ بولاتتى. بىكار ئىسراپخورلۇق قىلىپ_ دەپ تۇمشۇقۇمنى ئۇچلىدىم مەن.

_ ئۇ تويغا ئالاھىدە چىرايلىق ياسىنىپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ_ دېدى ئۈمىد.

بىز ماشىنىنى بىر سودا ساراينىڭ ئالدىغا توختىتىپ سودا ساراينىڭ ئىچىگە كىردۇق. «يۇلتۇز ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى» دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىقلىق بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ مۇشۇ يەرگە كىرەيلى، كىيىملىرىنىڭ سۈپىتى بەك ياخشى_ دېدى ئۈمىد. «ھە» دەپ ئەمدى قەدەم ئېلىشىمىزغا قۇلىقىمغا تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

_ مۇلازىمىتىڭلار نىمانداق ناچار سىلەرنىڭ؟ خېرىدار كىيىمنى كىيىپ سىناپ باقىمەن دېسىمۇ ئۇنىمايدىكەنسىلەرغۇ؟

دۇكاننىڭ ئىچىدە ئايگۈزەل بىر مۇلازىمەتچى قىزنىڭ كۆزىگە قولىنى تىقىۋەتكۈدەك قىلىپ سۆزلەۋاتاتتى.  ئەزىمەت ھېچنىمە دىيەلمەي ئۇنىڭ يېنىدا قاراپلا تۇراتتى.

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k