大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 22- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 22- قىسىم aybarawazi
2023-07-02
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 23 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
22 - قىسىم



 مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىدى، ئەجىبا بۇنىڭدىن بۇرۇن ماڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغانمىكىنە.

ئۈمىد ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمنى سېزىپ قالغاندەك تۇيۇقسىز مەن تەرەپكە قارىدى، مەن دەرھال ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم، بىردەمدىن كېيىن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام ئۇ باشقا يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۆزۈمنىڭ قانداق قايتىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن.  تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھېلىقى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم،  ئۇ ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى،  مەن لاسسىدە بولۇپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالدىم، ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇدەكمۇ ھالىم يوق ئىدى.  بىردەم ئولتۇرىۋېلىپ ئىشخانىغا كىردىم.

_ ئۇكام، چىرايىڭىز بىر قىسما تۇرىدۇ، مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟_ دېدى ئانار ھەدەم.  مەن بېشىمنى چايقاپ:

_ ياقەي،  سەل بىئارام بولىۋاتىمەن _ دېدىم.

_ قەيىرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟ پەقەت بولمىسا روخسەت سوراڭ. بۇ يەردە مەن بولغاندىكىن_ دېدى.

_ كۆڭلۈم يېرىم_ تومتاقلا جاۋاب بەردىم.   ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، تېلېفونۇم سايرىدى، قارىسام «ئۈمىدىم» دېگەن خەت تۇراتتى.  گېلىمغا بىر نىمە تۇرۇپ قالغاندەك شۇنداق بىئارام بولدۇم، لېكىن يەنىلا تېلېفوننى ئالدىم.

_ مېنى سېغىندىڭىزمۇ،مەلىكەم؟

ئۈمىدنىڭ ئاۋازى يەنىلا شۇنداق يېقىملىق، يۇمشاق. مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بېشىمنى سەل كۆتۈرۈپسېغىندىم» دېدىم.

_ سېغىنغان بولسىڭىز يېنىمغا كېلىڭە، مەن شەنخۇا دوختۇرخانىسىدا.  

ئۇ ئۆزىنىڭ شەنخۇا دوختۇرخانىسىدا ئىكەنلىكىنى يوشۇرماي ئوچۇق ئاشكارا دەۋاتىدۇ، ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالدىممۇ نىمە؟  مەمۇرىي بىنادىن چىقىپ قارىسام ئۇ سەل نېرىدىكى ئورۇندۇقتا  ئاپئاق مايكىسىنىڭ يېڭىنى جەينەككىچە تۈرىۋېتىپ ، بىر قولى بىلەن ئورۇندۇقنىڭ كەينى يۆلەنچۈكىنى تۇتۇپ سىڭايان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ ئولتۇرۇشىنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت.  مەن چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلدى.  ئۆزەمنى سەگەك تۇرۇشقا ئەسكەرتىپ تۇرىۋاتاتتىم،  «ئۇ پەقەت كۆرۈنۈشكىلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئەمدى ئالدانما»دەيتتىم ئۆز ئۆزۈمگە.  ئۇ مېنى تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.

_ كەپ قاپسىزغۇ؟_ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ سورىدىم.

_ سىزنى سېغىنىپ كەلدىم. _ ئويلانمايلا جاۋاب بەردى ئۇ. _ چۈش بولدى، قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ؟ تاماق يەپ كىرەمدۇق؟

مەن كۆزۈمنى يەردىكى چىمدىن ئۈزمەي تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.

_ يىگۈم يوق.

_ نىمە بولدىڭىز، بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟_ ئۇ ئاخىرى مەندىكى بىنورماللىقنى ھېس قىلدى بولغاي،  تېخىمۇ سىلىق ئاھاڭدا سورىدى. بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا ئۇنىڭ بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشىدىن يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتكەن بولاتتى.  لېكىن ھازىر ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى.

_ يىگۈم يوق شۇ.

ئۇ دەرھال ئىككى مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە  قارىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى:

_ بويىڭىزدا قالدىمۇ يە؟

بويىدا قالغان ئادەم مەن ئەمەس.  ئۇنى ئاستا ئىتتىرىپ جاۋاب بەردىم.

_ياقەي. ھازىر تاماق يىگۈم يوق، يەنە كېلىپ تېخى ئىشتىن چۈشمىدىم، ئىش ۋاقتىدا خالىغانچە خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلسام بولمايدۇ. چۈشلۈك تاماقنى دوختۇرخانىدا يەي.

ئۇنى مەن بىلەن بىللە تاماق يەيمەن دەپ تۇرىۋالارمۇ دەپ ئەنسىرىگەنتىم، ئەمما ئۇ تارتىشمايلا ماقۇل بولدى:

_ ھە مەيلى ئەمىسە، لېكىن چوقۇم تاماق يەڭ ھە، يىمەيدىغان بولسىڭىز ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا كەلگۈزمەيمەن.

ئۇ كەتتى، مەن ئىشخانىغا يېنىپ كىردىم. بىر چۈشتىن كېيىن كۆڭلۈم جايىدا ئەمەسلا يۈردۈم.  ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلىماي ئۆزۈم كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ قايتتىم. داچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم، بۇ جاي نە ئۆيۈمدەك، نە ماڭا تەۋە جايدەك تۇيغۇ يوق ئىدى. ئۆزۈمنى يات ئادەمدەك، بۇ يەردە بولۇشقا تىگىشلىك ئەمەستەك ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەگەر ئۈمىدكە ھېچنىمە دېمەي مۇشۇنداقلا كېتىپ قالساممۇ قاملاشمىغۇدەك.  شۇڭا بۇرۇنقىدەك ئۆيگە كىرىپ تاماق ئېتىپ تەييار قىلىپ ئۈمىدنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. ئۈمىدنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى  بولۇپ ئېشىپمۇ كەتتى، تېخىچە قارىسى كۆرۈنمەيتتى. بىر چاغدا ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلدى. «كەچتە بىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىم بار، بەلكىم ئۆيگە بارماسلىقىممۇ مۇمكىن. سىز ئۇخلاۋېرىڭ» دېدى ئۇ.  ئەتكەن تامىقىمدىن ئازراق يەپ قالغىنىنى ئۈستىنى يېپىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ ھۇجرامغا كىرىپ ياتتىم، ھېچ ئۇيقۇم كېلەي دېمەيتتى.  تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىدى. كىچىكىمدىن تارتىپلا گۈلدۈرمامىدىن قورقاتتىم.  بېشىمنى پۈركەپ يېتىپ باقتىم، لېكىن گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇپ تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدىم. سائەت نەچچىلەر بولغان ئىدىكىن،  ئىشىك ئېچىلىپ يەنە يېپىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. قورقۇۋاتقان بولساممۇ يەنىلا چىقىپ قاراپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئاستا ئىشىكتىن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام ئۈمىد ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ بولغان ئىكەن.

_ كەلمەيمەن دېگەنتىڭىزغۇ؟

_ سىز گۈلدۈرمامىدىن قورقىسىز ئەمەسمۇ، شۇڭا سىزنى قورقۇپ ئۇخلىيالماي قالمىسۇن دەپ قايتىپ كەلدىم.

ئۇنىڭغا قاچانلاردا گۈلدۈرمامىدىن قورقىدىغانلىقىمنى دەپ بەرگىنىم ئېسىمدە يوق، كۆڭلۈمدە شۇنچىلىك خۇشال بولغان ئىدىم، لېكىن يەنىلا چاندۇرمۇدۇم.

_ ھە.

_ دەۋر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بەك كەچ بولۇپ كەتتى.   گېپىمىزنىڭ قاچان تۈگىشىنى بىلمىگەچكە كەچ قالسام ئۇيقۇڭىزنى بۇزۇپ قويماي دەپ ئىشخانىدىلا يېتىپ قالاي دەپ ئويلىغان، قارىسام ھاۋا ئۆزگىرىپ كەتتى، شۇڭا  ئالدىراپ تىنەپ يېنىپ كېلىشىم.

ئوغرىلىقچە ئۈمىدنىڭ چىرايىغا قارىدىم، ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرىۋاتقان كۆزلىرىدىن ھېچ  مېنى ئالدايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى ھېلىقى ھامىلدار ئايالچۇ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ دوختۇرخانىغا بارىدۇ؟

_ ھە، ئارام ئالايلى، بەك كەچ بولۇپ كەتتى_ دەپلا ھۇجرامنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋالدىم.

ئارىدىن ئون مىنۇتلار ئۆتتىمىكىن، ھۇجرامنىڭ ئىشىكى چىكىلدى.

_ نازى، بۇ ياققا چىقىڭە.

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستا چىقتىم.  ئۇنىڭغىچە ئۈمىد بالكونغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىكەن، ئاستا چىقىپ يېنىدا ئولتۇردۇم.

_ نىمە بولدىڭىز؟ قارىسام روھى كەيپىياتىڭىز تازا جايىدا ئەمەس، مىجەزىڭىز يوقما؟

گەپ قىلماي جىم تۇرغىنىمىن كۆرۈپ پىشانەمگە قولىنى تەگكۈزۈپ باقتى، ئاندىن گۇمانىي نەزەردە ماڭا قاراپ:

_ راستلا بويىڭىزدا قاپتۇمۇ يە؟

_ راستلا قالسا قانداق قىلىسىز؟ _ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدىم، ئۇنىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇشىنى بىلىپ باققۇم كەلدى.

_ سىزنىڭچىچۇ؟  چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بارغاندىلا مەن سىزگە دېگەن، ئەگەر بويىڭىزدا قالسا چۈشۈرىۋېتىشىڭىزگە روخسەت يوق.  مەن مەسئۇل بولىمەن.

_ قانداق مەسئۇل بولىسىز؟

ئۇ بىر قولى بىلەن ئېڭىكىمنى تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ:

_ ئەگەر بويىڭىزدا قالسا، مەن بالىنىڭ دادىسى بولىمەن. سىزنىڭچە قانداق مەسئۇل بولسام بولىدۇ؟ نىمە بولدى سىزگە، ئىشلەپ بەك چارچاپ كېتىۋاتامسىز قانداق؟

ئۇ چاقچاق ئارىلاش گەپ قىلىۋاتقىنى بىلەن مەن بەك ئەستايىدىل ھالەتتە ئىدىم.  مەسئۇل بولىمەن دېگەن گەپنى قىلچە دۇدۇقلىماي، ئويلانمايلا دەۋاتىدۇ،  راست دەۋاتامدىغاندۇ يا ئالدىمدا ئويۇن قويۇۋاتامدىغاندۇ؟

_ چارچاپ قاپتىمەن، ئارام ئالايلى.

ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتمەيلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.  كىرىپ ياتقىنىم بىلەن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئۈمىد بىلەن ھېلىقى ھامىلدار ئايال كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەيتتى. كاللامدا مىڭ تۈرلۈك سوئال چۆگىلەيتتى. قارىغاندا بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆزۈم تاپمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

ئەتىسى ئۇ ئادەتتىكىدەك مېنى ئاپىرىپ بۇرۇنقى جايدا چۈشۈرۈپ قويدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭاي دېيىشىمگە:

_ نازىيە_ دەپ چاقىردى ئۇ.  ئادەتتە مېنى مەلىكەم دەپ چاقىرىدىغان ئادەم بۈگۈن نازىيە دەپ چاقىرىشى ماڭا سەل غەلىتە بىلىندى.

_ يەنە بىئارام بولىۋاتقان بولسىڭىز تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، ئەگەر بويىڭىزدا قالغان بولسا بولدى ئىشلىمەڭ. مەن ئايالىمنىڭ جاپا تارتىشىنى خالىمايمەن، بالامنىڭ جاپا تارتىشىنى تېخىمۇ خالىمايمەن.

ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قەلبىم لەرزىگە كەلدى، ئەمما ئىنتايىن تېزلىكتە ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم.

_ بار يوقلۇقىنى ئۆزۈم بىلىمەن.

دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا يەنە كەينىمگە ياندىم، ئۇنىڭ ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇپ ماڭغىنىنى كۆرۈپلا دەرھال بىر تاكسى توساپ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشتۈم.  ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ھېلىلا كاللامغا كېلىپ قالغان خىيال ئەمەس، بەلكى تۆنۈگۈن كېچىچە ئويلانغاندىن كېيىن چىقارغان قارارىم ئىدى.  ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقمىسام بولمايتتى.

ئۈمىد ماشىنىنى بىر بىنانىڭ يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ھەيدەپ كىرىپ كەتتى.  مەن تاكسىدىن چۈشۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئالاھىدە لايىھەلەنگەن بۇ بىنانىڭ ئۈستىدە «بىپايان» دېگەن خەت تۇراتتى.  ھازىر ئىش ۋاقتى بولغاچقا كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى.  مەن ھازىرغىچە ئۈمىدنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ بىرەر قېتىم سوراپمۇ باقمىغان ، ئۇمۇ ئۆزلىكىدىن دەپ بېرىپ باقمىغان ئىدى.    ئۇ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟ مەن يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر كونا تېلېفون بوتكىسىدا يوشۇرنۇپ تۇردۇم. ئۈمىد ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.  كىرىپ چىقىۋاتقانلار ئۇنىڭغا سالام قىلىپ ئۆتۈۋاتاتتى.  ئالدىنقى قېتىم 520 بەزمىخانىسىدا ئىككى كىشى قىزلىرىنى ئۈمىدكە تونۇشتۇرىمىز دەپ ئېلىپ بارغان ۋاقتىدا «ئۈمىد ئەپەندىم» دەپ ئالاھىدە ھۆرمىتىنى قىلىپ كەتكەن ئىدى،  ئۇ بىپايان شىركىتىنىڭ بىرەر بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورىمىدۇ يا؟

مەن تېخى مۇشۇ يەردە ھېچبولمىغاندا چۈشكىچە تۇرسام ئاندىن چىقارمۇ دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن سائەت ئوندىن ئازراقلا ئاشقاندا ئۇ كاستىيۇمىنى قولىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقتى. مەن يەنە تاكسى توسۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتۈم.  خەلق مەيدانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماشىنىنى توختىتىپ، بىر ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار بۇيۇملىرى دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى. يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى.

_ خانىم،  مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالامسىز؟_ سورىدى تاكسى شوپۇرى.

_ سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، ھېلى يەنە ماڭىمەن.

ئۈمىد ئۇزۇن ھايال بولمايلا قولدا بىر خالتا نەرسە كۆتۈرۈپ چىقتى. تاكسى شوپۇرىنى ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭ دېدىم.  ئۇ مېڭىپ مېڭىپ ئاخىرى چەت بىر جايدىكى كونا بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا ماشىنىنى توختىتىپ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن تاكسىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇ بىر بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.  مەن دەرھال كەينىدىن كىرمەي پەستە ئۇنىڭ قەدىمىنى ساناپ تۇردۇم. بىردەمدىلا ئۇ يەنە يېنىپ چۈشتى، مەن ئۇنىڭ قەدەم تاۋۇشىنى تونۇيمەن، دەل ئۆزى.  مەن پەلەمپەينىڭ ئاستىدا ساقلاپ تۇرۇپ ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈستىگە چىقتىم. ئۇنىڭ قەدەم سانىغا ئاساسەن بەشىنچى قەۋەتنى جەزملەشتۈرۈپ چىقتىم. ئوڭ سول ئىككى تەرەپتە ئىككى ئۆي بار ئىكەن.  بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيەمدە تەييارلىق قىلىپ بولغان، ئىش بۇ يەرگە يەتكەن ئىكەن، ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرسەممۇ قاملاشمايدۇ. سېزىمىمگە ئاساسەن سول تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئىشىكنى ئاچقىنى تۆنۈگۈن دوختۇرخانىدا ئۈمىد بىلەن بىللە تۇرغان ھېلىقى ھامىلدار ئايال ئىدى.

_ كىمنى ئىزدەيسىز؟ _ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە ئىدى.

ئۇنىڭ قورسىقىغا قاراپ ئۇنىڭ ئۈمىد بىلەن تونۇشقان ۋاقتىنىڭ مەندىن بۇرۇن ئىكەنلىكىنى پەملىدىم، ئەسلى ئورۇن بوشىتىشقا تىگىشلىكى مەن ئىكەنمەن دەپ ئويلىدىم.  شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق، مېنىڭ پەقەت ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگۈم بار.

_ ياخشىمۇسىز، مەن ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ ياردەمچىسى. مېنىڭمۇ بىر بالام بار، شۇڭا ئۈمىد ئەپەندىم مېنى يېنىڭىزغا پاراڭلاشقاچ تەجرىبىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە ئەۋەتكەن ئىدى.

_ قايسى ئۈمىد ئەپەندىم؟

ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. «نەچچە ئۈمىد بار ئىدىكىنە؟»

_ بىپايان شىركىتىدىكى ئۈمىد ئەپەندىم.

_ ھە، ئۈمىد ئاكاممۇ؟_ قىز ئاپتاپتەك ئېچىلدى.

ئۇنىڭ «ئۈمىد ئاكام» دېگەندىكى ئاۋازى ئۈمىدنىڭ تېلېفونىدا ئاڭلىغان ھېلىقى ئاۋاز دەل ئۆزى ئىدى.  دېمەك چوڭ دادامنىڭ يېنىدىن بالدۇر قايتىپ كېلىشىمىزمۇ ئالدىمدا تۇرغان مۇشۇ ئايال سەۋەبلىكمىدۇ؟

_ قېنى، كىرىڭ. _ دېدى ئۇ.

ئۆي ئىچىگە كىرىپ، كرىسلونىڭ ئۈستىدە بايا ئۈمىد دۇكاندىن كۆتۈرۈپ چىققان خالتىنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا چاي دەملەيمەن دەپ كىرىپ كەتتى. كرىسلودا ئولتۇرغاندىن كېيىن تومپوچكىنىڭ ئۈستىدىكى كۈلداندا بىر نەچچە تال تاماكا قالدۇقىنىڭ تۇرغىنىنى كۆردۈم، ئۇ دەل ئۈمىد چېكىدىغان تاماكا ئىدى. «ئۇ ئەمدى تاماكا تاشلىمىسا بولمىغۇدەك، ھامىلدار ئايالنىڭ يېنىدا تاماكا چەكسە بولمايدۇ» دەپ ئويلىدىم.  ئۆي ئىچىگە بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، بۇ ئۆينىڭ شارائىتى مېنىڭ بۇرۇنقى ئۆيۈم بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىدى. «ئۈمىد بۇ قىزغا ياردەم قىلىۋاتقانمىدۇ يا؟»

_ چاي ئىچىڭ._ قىز بىر پىيالىگە چاي قۇيۇپ ئالدىمغا قويدى.  قىزغا قارىدىم، قىزنىڭ چىرايىدىن كىچىكلا قىز ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

«ئۈمىد چوڭ دادىسىنىڭ ئاخىرىقى ئۈمرىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن دېگەن، بۇ قىز بىلەن توي قىلسىمۇ بولاتتىغۇ، بۇ قىزنىڭ يېشى كىچىك دەپ توي قىلمىغانمىدۇ يا؟»

_ ئۈمىد ئاكام بىلەن بىللە كەلمەي  يالغۇز كەپسىزغۇ؟ ئۈمىد ئاكاممۇ ھېلىراق كەتكەن. _ ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ شۇنچىلىك ساپ، بىغۇبار.  ئۇ مېنىڭ ئۈمىدنىڭ ياردەمچىسى ئىكەنلىكىمگە  يۈزدە يۈز ئىشەندى.  

_ ئەسلى بىللە كەلمەكچى بولغان،  ماڭىدىغان ۋاقىتتا بىجىرىدىغان باشقا ئىش چىقىپ قالدى، ئۈمىد ئەپەندىمنى ساقلىتىپ قويماي دەپ شۇڭا مەن كەينىدە قالدىم.

_ ئۈمىد ئاكام بەك ئالدىراش.

_ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ سىز بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بارىدىكەن ھە. _ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر گەپ چىقىپ قالامدىكىن دەپ گەپ تاشلاۋاتاتتىم.

_ ئۈمىد ئاكام بەك ياخشى ئادەم.

ئەگەر ئۇ ئۈمىدنىڭ باشقا بىرى بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئالغانلىقىنى بىلسە ئۇنى يەنە ياخشى دەرمۇ؟

_ نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

ئۇ مېنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلدى بولغاي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:

_ مۇشۇ ئايدا 20 ياشقا كىرىمەن_ دېدى.

بۇ يەرگە تەجرىبە سۆزلەپ بېرىمەن دەپ كەلدىم دېگەندىكىن، يالغاندىن بولسىمۇ بىر نەرسە دېمىسەم بولمايدۇ-دە.  گەرچە قورسىقىمدا بەش  ئايلىق بولغاندىلا بالامدىن ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن يېشىم ئۇنىڭدىن چوڭ، كۆرگەن بىلگىنىم كۆپتە. ئۇ ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى.  ئۇنىڭ كۆڭلىگە قىلچە ئازار بەرگۈم كەلمىدى.

_ بالىنى تۇغسىڭىز يېنىدا دادىسى بولمىسا قانداق قىلىسىز؟ _ ئەگىتىپ يەنە سورىدىم مەن.

_ ئامال يوق، ئۆزۈم باقىمەن_ دېدى قىز بېشىنى تۆۋەن سېلىپ. ئۇنىڭ ئاۋازىدا يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر خىل تەمكىنلىك بار ئىدى.  دەل مۇشۇ چاغدا كرىسلونىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرغان بىر تېلېفون سايراپ كەتتى. تېلېفوننىڭ مۇزىكىسى بەك تۇنۇش، دەرھال قارىدىم، ئۈمىدنىڭ تېلېفونى ئىدى. قىز دەرھال تېلېفوننى ئالدى.

_ ئۈمىد ئاكا، تېلېفونىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز.

مەن جىددىيلەشكىنىمدىن ماڭاي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا قىزنىڭ «كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياردەمچىڭىز يېنىمدا، تېلېفونىڭىزنى ئۇ ئالغاچ كەتسۇن» دېدى.  ئۈمىد تېلېفوندا نىمىلەرنى دېدىكىن، ئۇ قىز ماڭا قارىدى. «يالغىنىم تېشىلىپ قالىدىغان بولدى-دە» دەپ ئويلىدىم مەن.  تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن قىز ماڭا قاراپ:

_ ئىسمىڭىز نازىيەمۇ؟ ئۈمىد ئاكام كېلىپ بوپتۇ. سىزنى كەتمەي ساقلاپ تۇرسۇن دەيدۇ_ دېدى.

ئاھ....ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالغۇم يوق ئىدى.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k