大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 19 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 19 - قىسىم aybarawazi
2023-06-29
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 20 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15

16
17
18






ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
19 - قىسىم



بىز يېتىپ بارغان ۋاقتىمىزدا قاراڭغۇ چۈشەيلا دەپ قالغان ئىدى، ئۈمىد ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي مېنى داچىغا ئېلىپ كەتتى. «ئايرىم ئۆيدە ياتىمەن» دەپ تۇرىۋالدىم مەن. ئۈمىدمۇ ماقۇل بولدى. داچىغا ئىككى قېتىم بارغىنىم بىلەن ئۈمىد «ماۋۇ مېنىڭ ھۇجرام » دەپ كۆرسىتىپ باقماپتىكەن.  ئۇ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئوتتۇرىغىراق جايلاشقان بىر ھۇجرىنى كۆرسىتىپ «مۇشۇ ھۇجرىدا يېتىڭ» دېدى. ئۇ ھۇجرىنى ئالدىنقى قېتىم مۇنداقلا كۆرۈپ تەپسىلىي قارىماپتىكەنمەن.  بۇ ھۇجرىمۇ چوڭ،  ئىچىدە مۇنچىسى بار،  بالكونغا تۇتىشىدىغان ھۇجرا ئىكەن.

_  باشقا ھۇجرىدا تۇرىمەن دېسىڭىز ئىختىيارىڭىز. مېنىڭچە مۇشۇ ھۇجرا راھەترەك، شۇڭا مۇشۇنى تاللاپ بەردىم_ دېدى ئۈمىد ۋە _ ئەتە بېرىپ نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى يۆتكەپ كېلەيلى، بۇندىن كېيىن داچىدا تۇرۇڭ. _ دېدى مەن جاۋاب بەرمىدىم.

_ ياندىكىسى مېنىڭ ھۇجرام، يېرىم كېچىدە  قورققۇدەك بولسىڭىز چاقىرىڭ_ دەپ كۆزىنى قىسىپ قويدى ئۇ.

ئۇ ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مونچىغا كىرىپ تازا پۇخادىن چىققۇچە يۇيۇنىۋاپتىمەن. ھېلىمۇ ياخشى ماڭغۇچە ئېلىۋالغان كىيىم كىچەكلىرىم بولغاچقا، ئۇخلاش كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپلا يوتقانغا كىرىۋالدىم.  ئورنۇم ئالماشقاچقىمۇ، يا كارىۋات بەك يۇمشاق، بەك راھەت بولغاچقا شۇنداقمۇ، ئىشقىلىپ بەك كەچكىچە ئۇيقۇم كەلمەي يېتىپ كەتتىم. كاللامدا ھەر تۈرلۈك خىياللار چۆگىلەيتتى، بۇ خىياللار يەنىلا ئۈمىدنى مەركەز قىلغان ھالەتتە ئىدى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ كەتتىم، چۈنكى بۈگۈن ئىشقا بارىمەن دەيدىغان خىيالىم بار ئىدى. پەسكە چۈشۈپ ناشتىلىق تەييارلاپ تۇرسام، ئۈمىد ئويغىنىپ چۈشۈپتۇ.

_ سەھەر تۇرىۋاپسىزغۇ، مەلىكەم. ئۇيقۇڭىزغا قاندىڭىزمۇ؟_ ئاۋازى گاراڭ گۇرۇڭ، ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلمىغاندەكلا ئىدى.

_ ھەئە، بەك ياخشى ئۇخلاپتىمەن.  بۈگۈن ئىشقا بارايمىكىن. _ دېدىم مەن تەييارلىغان ناشتىلىقنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىققاچ.

_ يەنە بىر نەچچە كۈن ئارام ئالمامسىز؟_ دېدى ئۇ.

_ ھېلىمۇ ئارامنى بەك كۆپ ئېلىۋەتتىم. ئاران تاپقان خىزمىتىمنى باشقىلار تارتىۋالمىسۇن يەنە.  بۈگۈن ئىشقا باراي.

ئۈمىد يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ چىقىپ كېلىپ ئولتۇردى.

_ ئىشلەيمەن دېسىڭىز مەيلى، ئەمما مۇنداق ئىككى شەرتىم بار.

_ ۋوي، شەرتىڭىز بارمۇ تېخى، قېنى دەڭە، ئاڭلاپ باقاي_ دېدىم مەن قىزىقىپ. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز شەرتى چىقىپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.

_ بىرىنچى، بۇنىڭدىن كېيىن داچىدا مەن بىلەن بىللە تۇرىسىز، ئايرىم ياتامسىز يا مەن بىلەن بىللە ياتامسىز، ئۇنى ئايرىم دېيىشىمىز.

ئۇنىڭغا جىددى قاراپ كۆزلىرىم يوغىناپ كەتتى. ئۇ پەرۋا قىلماي ئىككىنچى شەرتىنى ئېيتتى.

_ ھەر كۈنى ئۆزۈم ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىمەن.  چۈشلۈك تاماقنىمۇ چوقۇم مەن بىلەن بىللە يەيسىز.  مۇشۇ ئىككى شەرتكە كۆنسىڭىز ئىشلىشىڭىزگە ماقۇل بولىمەن.

ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم. داچىدا تۇرسام قانداق بولا؟

_ ئىككىنچى شەرتىڭىزگە سۆزسىز ماقۇل بولاي، لېكىن مېنى بۇندىن كېيىن داچىدا تۇرىسىز دېسىڭىز مەن......

_ مېنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ، مەلىكەم. ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ توي قىلغىنىمنى بىلىدۇ، دوستلىرىممۇ ئاساسەن بىلىپ بولدى. تۇيۇقسىز كەچلىكلىرى كېلىپ قالسا سىز ئۆيدە يوق، مەن ئۇلارغا نىمە دەپ چۈشەندۈرىمەن؟

ئۇنىڭ دېگىنىمۇ ئورۇنلۇق. بوپتۇلا، ھامان كۆچۈپ كېلىدىكەنمەن.

_ مەيلى ئەمىسە. ناشتىنى تېزرەك قىلىپ ماڭايلى، بېشڭىزدىكى تېڭىقنىمۇ بۈگۈن ئالدۇرىمىزغۇ دەيمەن.

شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئىشقا بارغىنىمنىڭ تۇنجى كۈنى. ئىشقا بېرىپ ئۈمىدنى بىرىنچى قەۋەت كۈتۈش زالىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزۈم كادىرلار بۆلۈمىگە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ ئاندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بېشىنى، قولىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتتۇق، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ بوپتۇ. ئاندىن تېڭىقنى ئېلىۋېتىپ، ئۈمىد چۈشتە چۈشلۈك تاماقنى مەن بىلەن بىللە يەيدىغانغا كېلىدىغان بولۇپ كەتتى.

كادىرلار بۆلۈمىگە يەنە چىقتىم، بۆلۈم باشلىقى ئۆزى مېنى جىددىي قۇتقۇۇزۇش قىزىق لىنىيە مەركىزىگە ئېلىپ كىرىپ يەنە بىر تېلېفونىستقا «بۇ ياق يېڭىدىن كەلگەن تېلېفونىست نازىيە بولىدۇ، نازىيە يېڭىلا ئىشقا چۈشكەچكە كەسپىي جەھەتتىكى ئىشلارغا تازا پىششىق ئەمەس، ئانار ھەدە، ئۇنى سىز يىتەكلەڭ ھە» دەپ ئوتتۇرا ياشلاردىكى بويى ئېگىز بىر ئايالغا تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئانار ھەدەم ئىنتايىن مېھرىبان، سەۋرچان ئايالكەن، ماڭا تېلېفوننى قانداق قوبۇل قىلىش، نىمە دىيىش، دېمە دېمەسلىك دېگەنلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

_ ئىككى كۈندە ئۆگىنىپ كېتىسىز، ئۇكام، قارىسام ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق چىچەن كۆرۈنىسىز_ دېدى ئانار ھەدەم.

ئانار ھەدەمدىن ئاڭلىسام بۇ يەردە ئىشلەيدىغان يەنە بىرەيلەن ھامىلدار بولغاچقا ئىستىپا بەرگەن ئىكەن، شۇڭا باشقا تېلېفونىست قوبۇل قىلماقچى بولغان ئىكەن، ئىستىپا بەرگەن تېلېفونىست ئەتە كېلىپ رەسمىيەت بىجىىرىدىكەن.  تېلېفونىستلار  چوقۇم 24 سائەت ئىش ئورنىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن، شۇڭا ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىكەنمىز، ھەتتا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمۇ يوق ئىكەن. ئەمما مەن ئۈمىدكە بىللە تاماق يىيىشكە ماقۇل بولغان ئەمەسمۇ، ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئانار ھەدەم:

_ ئىشڭىز بولسا چىقىۋېرىڭ، ئۇكام. سىز كىرىپ بولغۇچە ئۆزۈم يالغۇز يىتىشەلەيمەن_ دېدى.

_ رەھمەت سىزگە. ئىشقا چۈشۈپ تۇنجى كۈنىلا بۇنداق قىلسام بولمايتتى_ دېدىم مەن تارتىنىپراق.

_ كىمنىڭ ئىشى چىقمايدۇ دەيسىز، مېنىڭ ئىشىم چىقىپ قالغاندىمۇ سىزگە تاشلاپ قويۇپ چىقىمەن. خىزمەتنىمۇ، باشقا ئىشلىرىمىزنىمۇ جايىدا ئېلىپ ماڭمىساقمۇ بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈمىدتىن تېلېفون كەلدى.

_ ئەمىسە مەن چىقىپ كىرەي، ئانار ھەدە. ئەتىدىن باشلاپ بۇنداق قىلمايمەن_ دەپ سومكامنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم.

چىقسام ئۈمىد ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ.

_ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمىزمۇ يوقكەن، ھېلىمۇ ياخشى مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ھەدەم بەك ياخشىكەن، چىقىۋېرىڭ دېگەچكە چىقالىدىم. ئەمدى چۈشلۈك تاماقنى ئۆيدىن ئەكىلىۋېلىپ ئىشخانىدا يىسەم بولغۇدەك_ دېدىم مەن ماشىنىغا چىقىپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىغاچ.

_ كۆنەلەيدىغان قىلامسىز؟_ سورىدى ئۈمىد.

_ ئەلۋەتتە. ئىش ئېغىر ئەمەسكەن، شۇ ۋاقىت زىچكەن، ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىكەنمىز، قارىغاندا كېچىسىمۇ ئىشلەيدىغاندەك قىلىمەن.

_ ھە_ ئۈمىد ئارتۇق گەپ قىلمىدى.

ئاشخانىغا كىرىپ يەيدىغان تامىقىمىزنى بويرۇتۇپ بولۇپ، چاي ئىچكەچ ئېغىز ئاچتى ئۈمىد:

_ ھە، نازىيە خانىمنىڭ بۈگۈن ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى ئىكەن. بىرەر تەبرىكلەش پائالىيىتى قىلامدۇق يا؟

ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ بولغۇچە ئۇدۇلۇمدا قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، بىر بىرىگە مۇھەببەتلىك بېقىپ  ئولتۇرغان ئىككىيلەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى، ئۇ نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئىدى. نىگارە بۇرۇن ئۇنى ماڭا يىراقتىن كۆرسىتىپ قويغان، ئۇ نىگارەدىن بىر نەچچە ياشلا چوڭ، ئۇنىڭ چىرايى بەكرەك ئېسىمدە قاپتىكەن، بىر قاراپلا تونۇپ قالدىم، ئەمما ئۇ مېنى تونۇمايتتى.  مەن نىگارەنىڭ دادىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغىنى ئېنىقلا ئۇنىڭ دادىسى ئەمەس.  تۇيۇقسىز چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كەتتى.

_نېمىگە تىكىلىپ قاراپ قالدىڭىز، مەلىكەم_  دېدى ئۈمىد  كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغاچ_ ئۇلارنى تونۇمسىز؟

_  ھە، ياقەي. بايا نىمە دېگەنتىڭىز؟ ھە، تەبرىكلەش زىياپىتى؟  بولدىلا، ئۈمىد. مەن يا يوغان يەرگە ئىشقا چۈشمىسەم.

_ چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن خىزمەت.  چوقۇم تەبرىكلىمىسەك بولمايدۇ.  كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە سىزنى ئالغىلى كېلىمەن،  فەرۇقنىڭكىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەيلى. شۇنداق بولسۇن ھە.

 تامىقىمنى چاينىسام چاينىسام ھېچ گېلىمدىن ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ئىككىيلەن پۈتۈن ئىشھىايىمنى تارتىپلا كەتكەن ئىدى. تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى، قارىسام نىگارەدىن كەپتۇ.  ئاھ، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئالايمۇ ئالمايمۇ؟ خۇددى نىگارەنىڭ تېلېفونىنى ئالساملا ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئىشىنى بىلىپ قالىدىغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم. تېلېفوننى ئالماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد چاققانلىق بىلەن تېلېفونۇمنى ئېلىۋالدى ۋە ئۆزى سۆزلەشتى:

_ ھە، نىگارە، ياخشىمۇسىز. نازى بار. تاماق يەيمەن دەپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى،  تېلېفونىڭىزنى ئالىدىغانغا چولىسى يوق. ھە كېلەمسىز؟ بولىدۇ، بىز تاڭ شەپىقى ئاشخانىسىدا. نېمە تاماق يەيسىز، بويرۇتۇپ قويۇپ تۇرايلىمۇ؟ ھە، بولىدۇ. نىگارەمۇ كېلىدىغان بولدى_ دېدى ئۇ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ بولۇپ.  ئەمدى تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم، چۈنكى نىگارە ئۇ مىجەزى بىلەن ئۇ ئىككىيلەننى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى.  ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىمگە نىگارە كېلىپ بولغۇچە ئۇلار تامىقىنى يەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. «ئۇف» دېدىم مەن.

_ ھە، بىر جۈپلەر. _ دەپلا كەلدى نىگارە. بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ئالاھىدە كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.

بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۈمىد بۈگۈن كەچتە ئىشقا چۈشكىنىمنى تەبرىكلەپ 520 بەزمىخانىسىغا بارماقچى بولغانلىقىمىزنى ئېيتىپ نىگارەنىمۇ تەكلىپ قىلدى.

_  ئۇنداق قىلمايلى دېسەم ئۇنىمىدى_ دەپ ئۈمىدنى ئىما قىلدىم.

_ مەيلى،  تەبرىكلىمىسەك بولمايدۇ_ دېدى نىگارە.

_ تېلېفونىستلىق قىلىدىغان ئىش، يا بىرەر يەرگە باشلىق بولمىسام_ دېدىم مەن تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ.

_ قانداقلا بولسا ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىدىغان بولدۇڭ دېگەن گەپ. ئۈمىدقۇ گەپ يوق سېنى بېقىپ كىتەلەيدۇ، لېكىن ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭ بولسا يەنە باشقىچە بولىدۇ.

_ شۇ. خىزمەت قىلسا دوستلىرى كۆپىيىدۇ، تونۇش بىلىشلىرى كۆپىيىدۇ، شۇڭا مەنمۇ ئىشلىسىڭىز ئىشلەڭ دەپ قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىدىم_ دېدى ئۈمىد.

نىگارە تاماق يەپ بولغان ئىكەن، تاماق يە دېگىنىمىزگە ئۇنىمىدى.

_ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كېتەي دەپلا كېلىشىم، ئەمىسە كەچتە 520دا كۆرۈشەيلى.

ئۈمىد دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويىمەن دېگەنتى، «بىر تېلېفونىست تۇرۇپ باۋما ماشىنا بىلەن ئىشقا بېرىپ  كەلگىنىمنى باشقىلار كۆرۈپ قالسا خىجىل بولىمەن» دەپ دوختۇرخانىدىن خېلى يىراقتا چۈشۈپ قالدىم. ئۈمىد ئىشتىن چۈشكەندە شۇ يەردىن مېنى ئېلىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى.

ئىشخانىغا كىرىپمۇ نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بىلەن ھېلىقى ئاق پىشماق كاللامغا كىرىپلىۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا نىگارەنىڭ دادىسى مۇشۇ ئايالنى دەپ ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۆگەي ئاپىسى بۇ ئاق پىشماقنى سۆرەپ يۈرۈپتۇ. بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت يوقمىدۇ؟

ئىشلىسە ۋاقىت تېز ئۆتەمدۇ قانداق، بىردەمدىلا ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا مۇدىر كىرىپ :

_  قانداق كۆنەلىگىدەكسىزمۇ؟_ دەپ سورىدى.

_ ھەئە_ دېدىم مەن.

_ سىز يېڭى كەلگەن بولغاچقا، خىزمەت مۇھىتىغا كۆنۈۋالغۇچە سىزنى كېچىلىك ئىسمىنىغا ئورۇنلاشتۇرمايدىغان بولدۇق.  ياخشى ئىشلەڭ_ شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

مەن ئانار ھەدەم بىلەن خوشلىشىپ، چۈشتە ئۈمىد  مېنى چۈشۈرۈپ قويغان جايغا باردىم، ئۈمىد ئاللىبۇرۇن كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.

_  سىز ئىشقا بارمىدىڭىزما؟_ راستىمنى ئېيتسام ھازىرغىچە ئۈمىدنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

_ ئىشقا بارغۇم كەلسە بارىمەن، بارغۇم كەلمىسە بارمايمەن_ دەپ مۈجىمەللا جاۋاب بەردى ئۇ ۋە:_ ئۆيگە بېرىپ كىيمىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن بارامدۇق؟_ دېدى.

داچا بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچقا بىردەمدە يېتىپ كەلدۇق. كىرىپلا تېز تېز تەييارلىقىمىزنى قىلدۇق، سۇس گىرىم قىلىۋالغانمۇ بولدۇم.  ئاندىن 520 بەزمىخانىسىغا باردۇق. بىز كىرگەندە مېھمانلار خېلى كېلىپ بولغان ئىكەن.  بىز كىرىپ ئۇزۇن ھايال بولمايلا نىگارەمۇ كەلدى. ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قىسقا يەڭ ئاق مايكا بىلەن ئاق قارا سىزىقلىق كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.

_ فەرۇق خۇجايىن كۆرۈنمەيدۇغۇ؟_ دېدى نىگارە كىرىپ ئوتۇرۇپ بولۇپلا.

ئۈمىد كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلدى. فەرۇق بىزگە يېقىنلا يەردىكى ئۈستەلدە ئىككى قىز بىلەن ئولتۇراتتى.  نىگارە ئۇلارنى كۆردى، ئەمما ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بىردەمدىن كېيىن فەرۇق يېنىمىزغا كەلدى، ھېلىقى ئىككى قىزمۇ سوڭدىشىپلا بىللە كەلدى.

_ ھە، ئۈمىد دوستۇم، شۇنداق قىلىپ يېزىغا بېرىپ چوڭ داداڭنى يوقلاپ كېلىۋالدىڭ. _ فەرۇقنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن خېلىلا تەڭشىلىپ قالغىنى چىقىپ تۇراتتى.

_ چوڭ دادام بىزنى سېغىنىپ كېتىپ، ئاغرىپ قالدىم دەپ ئالداپ ئاپىرىپتىكەن_ دېدى ئۈمىد بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرغاچ.

_ بوپتۇ، ئاداش، شۇ باھانىدە چوڭ داداڭنى كۆرۈپ كېلىۋاپسەن. بولمىسا ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىشمۇ تەس بولۇپ كەتتى ھازىر ئالدىراشچىلىقتا.

ئادەتتە بۇنداق سورۇندا چۇۋۇلداپ ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان نىگارە بۈگۈن گەپمۇ قىلماي جىملا ئولتۇراتتى.  ھېلىقى ئىككى قىز ھەدەپ فەرۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ كىيمىنى تارتىۋاتاتتى. مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپراق ئۈمىدنى نۇقۇدۇم.

_ ھە، فەرۇق، بۈگۈن نازىيەنىڭ ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى، شۇڭا بىر تەبرىكلەيلى دەپ كەلدۇق_ دېدى.

_ ۋوي، مۇبارەك بولسۇن، يەڭگە. قەيەرگە ئىشقا چۈشتىڭىز؟

_ دوختۇرخانىغا تېلېفونىست بولىدىغان بولدۇم.  يوغان خىزمەتمۇ ئەمەس، تەبرىكلەشنىڭ ھاجىتى يوق دېسەم ئۈمىد ئۇنىماي.

_ ئۇنداق دېمە_ باياتىن بېرى جىم ئولتۇرغان نىگارە گەپ باشلىدى_ يا ئوغرىلىق قىلمايسەن، يا بۇلاڭچىلىق قىلمايسەن، يا تىنىڭنى ساتمايسەن، ئۆزۈڭنىڭ كۈچىگە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان ئىشنى ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ.

ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن فەرۇقنىڭ كەينىدىكى ئىككى قىز ئوڭايسىزلىنىپ قالدى بولغاي، فەرۇقنىڭ كىيمىنى تارتىشتىن توختاپ ئاستا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى.

_ ئىشلەيمەن دەپ جاپا تارتىپ نىمە قىلارسىز؟  ئۈمىد سىزنىلا ئەمەس، سىزدەكتىن ئونى بولسىمۇ تامامەن بېقىپ كېتەلەيتتى. _ دېدى فەرۇق.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ«ئاپلا» دەپ قالدىم.

_ توغرا.  ئەرلەر پۇل تاپسا بىر ئەمەس، بىر نەچچە قىزلارنى باققۇسى كېلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئاياللار ئۆزىگە پۇختا بولۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ_  دېدى نىگارە فەرۇقنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا.

فەرۇقنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگىرىپ توختاپ قالدى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ نىگارەنىڭ گېپىگە قارىتا ھېچنىمە دېمىدى.  ئۈمىد ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى ئوڭشىماقچى بولدىمۇ،  مېنى مۈرەمدىن يىنىككىنە قۇچاقلاپ:

_ ماڭا مۇشۇ بىر بولسىلا يېتىدۇ. ئۇنى بېقىپ كېتەلەيمەن. لېكىن خىزمەت قىلىمەن دېسە ئۇمۇ مەيلى، ئۆيدە ئولتۇرىۋەرسىمۇ ئىچى سىقىلىپ كېتىدۇ_ دېدى.

_ بىرەر نەرسە ئىچەمىز، قۇرۇقلا ئولتۇرۇپ كەتتۇق_ دېدى نىگارە ئۈستەلگە قاراپ.  بىرەر قۇر ئىچىدىغان نەرسىلىرىمىزنى بويرۇتۇپ بولۇپ نىگارە بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.

_ ھەي دەپ بېرە، ئۈمىدنىڭ چوڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەندە جىددىيلەشتىڭمۇ؟

_ دەسلەپتە بەك جىددىيلەشكەن، لېكىن چوڭ دادام بەك مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، چىقىشقاق ئادەمكەن. ماڭا ئۆزىنىڭ قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى. بىز قايتىپ ماڭىدىغاندا ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي كەتتى تېخى.

_ بەك ياخشى بوپتۇ، سەن ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن.  ئۇ يەرلەر چىرايلىقمىكەن؟ ئۈمىد سېنى ئويناتقىلى ئېلىپ باردىمۇ؟

_ بەك راھەتكەن. ھاۋاسى ساپ. ئۇنداق يەرگە بارساڭ قايتىپ كەلگۈڭ كەلمەيدىكەن.

شۇ گەپلەرنى قىلىۋېتىپ كۆزۈم ئىشىكتىن كىرىۋاتقان بىر جۈپ قىز يىگىتكە چۈشكەندە قاراپ قېتىپلا قالدىم.  ئىشىكتىن كىرىۋاتقىنى چۈشتە بىز ئاشخانىدا كۆرگەن نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بىلەن ھېلىقى ئاق پىشماق ئىدى.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k