大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 45- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 45- قىسىم aybarawazi
2023-07-25
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 46 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44




















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
45 - قىسىىم


قانچىلىك ماڭدۇقكىن بىلمىدىم، بىر چاغدا ماشىنا توختىدى. ماشىنىدىن چۈشتۇق، ئەتراپقا قارىدىم، ھەممە يەر شۇنچىلىك ناتونۇش كۆرۈنەتتى.  شەھەردىن يىراقلاپ كەتكىنىمىزنى جەزملەشتۈردۈم.  ئالدى تەرەپتە بىر يوغان ھويلا بار ئىكەن، ھويلا كونا بولغان بىلەن  ھويلىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنا خېلىلا ئېسىل ماشىنىدەك قىلاتتى.

_ ئاكا، ئۇنى ئېپ كەلدۇق_ دەپ ۋاقىرىدى ئاق پىشماق.

   بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كىنولاردىلا كۆرەتتىم، ئەمما ھازىر بولۇۋاتقىنى كىنولاردىكى گۆرۆرگە ئېلىشقىمۇ ئانچە ئوخشىمايۋاتاتتى.  بىردەمدىن كېيىن دەرۋازا ئالدىدا شۆھرەت پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئالدىغا پەرتۇق تارتىقلىق، تاماق ئېتىۋاتقان بولسا كېرەك. راستىمنى ئېيتسام ئۇنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتىم.  ئۇ ماڭا چىرايىغا سۇسقىنە كۈلكە يۈگۈرتتى.

_ مېھماننى ئۆيگە باشلىماي بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ قويۇپسىلەرغۇ؟

بىر نەچچەيلەن مېنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ماڭدى، قارىغاندا جاھىللىق قىلساممۇ ئۇلار مېنى زورمۇ زور  ئەكىرىدىغاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ماڭدىم.  ھويلىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە شۆھرەت كۆرۈنمىدى.  ھويلا خېلىلا چوڭ، ئوتتۇرىسىغا لەمپە قىلىپ، لەمپىنىڭ ئاستىدىكى ئۈستەلگە مېۋە چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان ئىدى.  ئۇلار مېنى ئاشۇ ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزدى.  ئەمدى ئولتۇرۇشۇمغا  سىرتتىن نىگارەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

_ شۆھرەت، چىقە بۇ ياققا.

نىگارە بىردەمدىلا ھويلىغا كىرىپ بولدى. مېنىڭ ئەتراپىمدا تۇرغانلار ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلغاندەك گەپ قىلىشقا باشلىدى.

_ ئاكام ئىچىدە تاماق ئېتىۋاتىدۇ، سىزنى تاماق يىگىلى كېلىدۇ دەپ ئاڭلاپ ئۆز قولۇم بىلەن ئېتىمەن دەپ تۇرىۋالدى.

«تاماق».

نىگارە مېنى كۆرۈپ ئۇدۇللا يېنىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى.

_ قورقما ھە، مەن بار.

بىردەمدىن كېيىن شۆھرەت ئىچىدىن بىر تەخسە توخۇ قوردىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە قويدى، قارىسام خېلى ئوخشىغاندەك قىلاتتى.  ئۇنىڭ كەينىدىن تونۇمايدىغان باشقا بىر ئەر كىشى يەنە بىر چوڭ تەخسىدە توخۇ قورومىسى ئېلىپ چىقىپ ئۈستەلگە قويدى.  شۆھرەتنىڭ نىگارەگە قاراشلىرى شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدى.

_ كەلدىڭىزما؟

ئۇ خۇددى كونا تونۇشىغا گەپ قىلغاندەك گەپ قىلدى. نىگارە كۈلۈپ جاۋاب قايتۇردى.

_ ماڭا بۇنداق تەھدىت سالسىڭىز بېشىم ئون بولسىمۇ كەلمەسلىككە پېتىنالمايمەن دە.

شۆھرەت نىگارەنىڭ گېپىگە جاۋاب قايتۇرماي ئىچىگە كىرىپ، بىر نەچچە چىنىدە گۈرۈچ ئېشى ئېلىپ چىقتى، بۇ چىقىشىدا كىيمىنى ئالماشتۇرىۋالغان ئىدى.

_ ھە، قېنى، سىلەرنى دەپ ئالايىتەن قورۇپ باقتىم، تەمى قانداقراق بولدىكىن، ئېلىڭلار.

ئۇ ھە دېسە نىگارەنىڭ قاچىسىغا توخۇ گۆشلىرىدىن سېلىپ بېرەتتى،  لېكىن نىگارە چوكىنى تۇتۇپمۇ قويماي ئولتۇراتتى.

_ بولدى، سالماڭ، يىمەيمەن.  بۈگۈن دوستۇم ئارقىلىق ماڭا تەھدىت سالدىڭلار، بۇ ئىشىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

شۆھرەت ئاق پىشماققا قاراپ قويدى.

_ مەن بۇ قىزغا چېقىلماڭلار دېگەنغۇ، مېنىڭ گېپىم بىر تىيىنغا تەڭ بولۇپ كەتتى ئالدىڭلاردا؟

ھېچكىم گەپ قىلالمىدى، قارىغاندا ھەممىسى شۆھرەتتىن قورقسا كېرەك.  ئاق پىشماق ھىجىيىپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى.

_ ياقەي، ئاكا، خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز.  مەن ئۇلارغا چاقچاق قىلىپ قويدۇم. نىگارە خانقىزنىڭ نادىرە بىلەن پۇرچىقى پىشمايدىغىنىنى بىلىمەن ئەمەسمۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىسپات توپلاپ بەردىم، ئىشەنمىسەڭلار قاراپ بېقىڭلار.

ئۇ شۇنداق دەپ تېلېفونىنى چىقىرىپ بىزگە بىر ۋىدىيونى كۆرسەتتى، ئۇ ئىككىيلەننىڭ ماشىنا ئىچىدىكى بەدقىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىنغان ۋىدىيو ئىدى.  ۋىدىيونى كۆرۈپ نىگارە ئىككىمىزدىن باشقا ھەممىسى كۈلۈشتى. شۆھرەتمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي ئولتۇردى.

_ بۈگۈن كەينىڭگە چۈشكىنىمىزنى سەن قانداق بىلدىڭ؟_ نىگارە ئۇدۇللا سورىدى.  ئاق پىشماق بىردەم ئىككىلىنىپتۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئېغىز ئاچتى.

_ ھېلىقى قېرىنىڭ، ياق، دادىڭىزنىڭ ياردەمچىسى نادىرەگە تېلېفون قىلىپ  ئۇچۇر يەتكۈزدى، ياردەمچىسى دادىڭىزغا ھاراق ئىچكۈزۈپ غەرق مەس قىلىۋېتىپتۇ، بۈگۈن كەچ ئۆيگە قايتالمايدىكەن، ياردەمچىسى دادىڭىزنى بىر مېھمانىانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ،  دادىڭىزنىڭ ياردەمچىسى بىلەن نادىرەنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تىلى بىركەن.

  نىگارە ئاق پىشماقنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئۇ ئالدىدىكى قاچىنى نېرىراق سۈرۈپ قويدى ۋە شۆھرەتكە قاراپ:

_ تاماقنى يەپ بولدۇم، سىز تاماقنى يەپ بولساڭلار ماڭساڭلار بولىدۇ دېگەنتىڭىز، ئەمدى كەتسەك بولامدۇ؟_ دېدى. شۆھرەت چوكىسىنى قويۇپ ئورنىدىن تۇردى:

_ سىلەرنى مەن ئاپىرىپ قوياي.

_ بولدى، مەن ماشىنا ھەيدەپ كەلدىم.  ئۆزىمىز كىتەلەيمىز. رەھمەت.

_ يەڭگەم ئاكامغا تەكەللۇپ بىلەن رەھمەت دەۋاتىدۇ قاراڭلار_ دېدى ئولتۇرغانلاردىن بىرى.

_ يەڭگە دېمە ھە، تىلىڭنى سۇغۇرىۋالماي بىكار.

بەك قورقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك،  نىگارەنى ساقلىمايلا ھويلىدىن چىقىپ كەتتىم. نىگارەمۇ ھايال بولمايلا چىقتى. بىز ماڭغاندا شۆھرەتنىڭ دەرۋازا ئالدىدا كەينىمىزدىن قاراپ قالغىنىنى كۆردۈم.  شۆھرەت بىر قارىسام بىرەر ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغاندەك ئەمەس، يەنە بىر قارىسام نىگارەنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلاتتى.

_ نىگار،  بېرىپ داداڭ بىلەن ئوبدان سۆزلەشكىن،  ئەمدى كۆڭۈلسىزلىك بولىدىغان ئىش بولمىسۇن،  سېنىڭ مەقسىتىڭمۇ ھېلىقى خوتۇننى كەتكۈزىۋېتىش ئەمەسمۇ، ئىشنى كەينىگە سۆرىمە.

نىگارەنىڭ بەك ئىچى سىقىلىۋاتقان بولسا كېرەك، بېشىنى قاشلاپ قويدى .

_ بىلىمەن.  نادىرە دېگەن پاسكىنىنىڭ بۇنچىۋالا پەسكەش ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن،  دادامنىڭ ياردەمچىسى بىلەنمۇ ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرگىنىنى قارىمامسەن؟

نىگارەنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى يۇقىرى،  ئۇنىڭ بىر قولى بىلەنلا رولنى باشقۇرىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ۋە سورىدىم.

_ ماشىنا ھەيدەش تەسمۇ؟

نىگارە ماڭا بىر قارىۋېتىپ:

_ نىمە، ئۆگەنگۈڭ كېلىۋاتامدۇ؟_ دېدى.  مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.

_ تەس ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭدىكى قورقۇنۇچنى يېڭىشىڭ كېرەك، ئاندىن ئۆزۈڭگە ئىشەنچ تۇرغۇزىسەن، ئۆگەنگۈڭ بولسا ئۆگەن، ئۈمىد بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۆگەتسە بولىدۇغۇ.

نىگارە مېنى داچىغا ئەكىلىپ قويۇپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇھىم ئىشى بارلىقىنى بىلگەچكە مەنمۇ ئۆيگە كىر دەپ تۇتمىدىم.

    ئۆيگە كىرىپ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم، لېكىن فروزە كاللامغا كىرىۋېلىپ پەقەت دېققىتىمنى يىغالمىدىم. كەچقۇرۇن ئۈمىد بۈگۈن كەچ قالىمەن دەپ تېلېفون قىلدى، ئۆتكۈر خېلى بالدۇر قايتىپ كەلگەن ئىدى.  كەچلىك تاماقنىڭ قاچا قۇچىلىرىنى يۇيۇپ، ئاشخانىنى بىرەر قۇر بېسىقتۇرىۋېتىپ چىقسام ئۆتكۈر مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ.

_ ئۆتكۈر، ماشىنا ھەيدەش تەسمۇ؟_ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

_ تەس دېسىڭىز تەس، ئاسان دېسىڭىز بەك ئاسان، ئۆگىنەي دېگەنمىتىڭىز _ دېدى ئۆتكۈر.

_ ھەئە.  ھازىر ئاياللار ئاساسەن ماشىنا ھەيدىيەلەيدىكەن، ھەممىنىڭ كەينىدە قالماي دەيمىنا.

ئۆتكۈر بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇردى.

_ ھازىر باشقا ئىش بولمىغاندىكىن،  ھەيدەپ سىناپ بېقىڭە بولمىسا.

_ راستما؟ ھەيدىيەلەمەنمۇ؟ شوپۇرلۇق مەكتەپكىمۇ تىزىملاتماي تۇرۇپ رول تۇتىۋالسام قانداق بولار؟

_ خاتىرجەم بولۇڭ، يېنىڭىزدا مەن ئولتۇرىمەن. مەن خېلى كونا شوپۇر، سىزگە تېرىنېرلىق قىلالايمەن.

شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماشىنىنى كەڭ، ماشىنا يوق بىر جايغا ئاپىرىپ توختاتتى.  ئاندىن ئىككىمىز ئورۇن ئالمىشىپ ئولتۇردۇق. تۇغۇلۇپ مۇشۇ ۋاققىچە شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئىدىم،  ھەم ھاياجان، ھەم جىددىيلىشىش ئىچىدە ماشىنىنىڭ رولىنى سىلاپ كەتتىم. ئۆتكۈر ماڭا ماشىنا ھەيدەشتىكى ئاساسى بىلىملەرنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردى، ئاندىن ماشىنا ئىچىدىكى زاپچاسلارنىڭ ئىسمى ۋە رولى دېگەنلەرنى سۆزلەپ بەردى.

   ئىككى قولۇم بىلەن رولنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇردۇم، ئۆتكۈر تورمۇزنى دەسسەپ ئوت ئالدۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىشىمنى ئېيتتى. ماشىنا ئوت ئېلىشى بىلەن تېخىمۇ قورقۇپ يۈرىكىم چىقىپ كىتەي دېدى.

_ قانداق قىلىمەن، قانداق قىلىمەن؟ ماشىنا ئالدىغا ئېتىلىپ مېڭىپ كەتمەس، كونتروللۇقىنى يوقاتماس ھە؟ ئەمدى قانداق قىلىمەن؟

_  جىددىيلەشمەڭ. تورمۇزنى ئاستا قويۇۋېتىڭ. ئەمەلىيەتتە ھازىر قورقۇشقا تىگىشلىك ئادەم سىز ئەمەس، مەن.  قاراڭ ، بۇ يول شۇنداق كەڭرى، قورقماي ھەيدەڭ،  جىددىي ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، مەن قول تورمۇز بىلەن ماشىنىنى توختىتالايمەن.

ئۇنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن تورمۇزنى ئاستا بوشاتتىم،ماشىنا ئاستا قوزغالدى.  دەسلەپتە بەك جىددىيلىشىپ بەدىنىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم.  ئۆتكۈرنىڭ توختىماي مەدەت بېرىشى بىلەن ئاستا ئاستا ئۆزۈمنى خېلى قويۇۋەتتىم.  ئۆتكۈر ماڭا خوت ئالماشتۇرۇشنى ئۆگەتتى.  بۇ ماشىنىغۇ ئاپتوماتىك خوتكەن، ئەمما خوت ئالماشتۇرۇشنى بىلىش زۆرۆركەن. ئوڭ قولۇم بىلەن خوتنى تۇتۇپ تۇردۇم، ئەمما قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم.  

_ پەسكە قارىماي، ئالدىڭىزغا قاراڭ.

  بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا قارىدىم، ئۇ خوت تۇتقان قولۇمنىڭ ئۈستىدىنلا تۇتۇپ كۈچەپ تۇرۇپ خوتنى يۆتكىدى.

_ خوتنى يۆتكىگەندە ھەرگىز پەسكە قارىماڭ، پەسكە قارىۋالسىڭىز رول قېيىپ كېتىدۇ.

ئۇ ھەقىقىي تېرىنېردەك تەپسىلىي ئۆگەتتى.  مەنمۇ ئاستا ئاستا يۈرەكلىك بولۇپ خېلى ياخشى ھەيدەيدىغان بولۇپ قالدىم.  يەنە تېخى ماينى دەسسەپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ تېزلىكنى كونترول قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.

_ مەشىنا ھەيدەش ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇنچىۋالا تەس ئەمەستۇ؟_  سورىدى ئۆتكۈر.

مەن خۇشال بولۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.  ئادەم بىر ئىشقا كىرىشىپ كەتسە ۋاقىت بەك تېز ئۆتىدىكەن،  قۇرسىقىم ئېچىپ كوركىرىغاندا ئاندىن سائەتكە قارىسام كەچ سائەت ئوندىن ئېشىپتۇ.

_ قۇرسىقىڭىز ئاچتىما؟_ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى ئۆتكۈر.

 مەن سەل خىجىل بولغان ھالدا:

_ ئازراق_ دېدىم.

_ قايتىپ كىتەيلى ئەمىسە.

يەنە ئورۇن ئالماشتۇق.  بىز داچىغا كەلگەندە ئۈمىد تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىكەن.

_ مەن كىرىپ ئازراق يىگۈدەك نەرسە قىلىپ چىقاي، كېچىسى تاماق يىيىش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس، لېكىن ئاچ قۇرساق يېتىپ قالسىڭىز بىئارام بولىسىز.  بىردەمدە تەييار بولىدۇ، ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ھە.

ماشىنا ھەيدىگەندە بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىنمىكىن، ھازىر پۈتۈن بەدىنىم ئۇيۇشۇپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدى. تېلېۋىزورنى ئېچىپ قويۇپ، كرىسلودا ئاستا قىڭغايغىنىمنى بىلىمەن.  ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا بىرىنىڭ مېنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگىنىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.  قارىسام تېلېۋىزور ئۆچۈرىۋېتىلگەن، مېھمانخانا ئۆينىڭ چرىقىمۇ يېنىق ئەمەس، ئۈمىد مېنى كۆتۈرۈپ ئىكككىنچى قەۋەتكە ماڭغان ئىكەن.

_ قايتىپ كەلدىڭىزما؟

_ ھە.

ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدى. ۋە ئاغرىنغاندەك بىر ئاھاڭدا گەپ قىلدى.

_ بۇندىن كېيىن ئۇيقۇڭىز  كېلىپ كەتسە ھۇجرىغا كىرىپ يېتىڭ،  ئۆيدە باشقا بىر ئەر كىشىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

_ ھە راست، ئۆتكۈر تاماق ئېتىمەن دېگەن.

_ ھە،  چۈچۈرە سېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپتۇ، يەيمەن دېسىڭىز ئىسسىتىپ بېرەي.

قۇرسىقىم ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

_ بولدىلا، ئۇخلاي.

ئۆرۈلۈپلا يەنە ئۇخلاپ كىتىپتىمەن،  چۈشۈمدە ماشىنا ھەيدەپ كىتىپتىمەن، بۈگۈن ماشىنا ھەيدىگىنىم كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك.

_ نازى، نازى، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، نىمە دەۋاتىسىز؟

_ ھە؟

_ جۆيلۈپ كەتتىڭىز؟  نىمە چۈش كۆرگەنتىڭىز؟

_ ھە، چۈشۈمدە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم، بىكار ئويغىتىۋەتتىڭىز_ ئەركىلەپ دومسىيىپ قويدۇم.

_ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان؟_ گېپىمنى تەكرارلىدى ئۇ.

_   كەچتە سىز قايتىپ كەلمىگەندە  ئۆتكۈر ماڭا  ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويغانتى،   چۈشۈمدە  خوت ئالماشتۇرىۋاتقانتىم تېخى.

دومسايغان پىتى ئۆرۈلۈپ يېتىپ يەنە ئۇخلاپ كىتىپتىمەن.

ئەتىسى ئەتىگەندە نىگارە تېلېفون قىلىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.  ئۇ ئۆيىگە بېرىپ دادىسىغا بىز تارتىۋالغان سۈرەت، ئاۋازلارنى ۋە ئاق پىشماقنىڭ تېلېفونىدىكى ۋىدىيولارنى كۆرسىتىپتۇ.  دادىسى ئۇلارنى كۆرۈپ نادىرەنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.  مۇشۇنداق بولۇشىنى ئويلىغانتىم،  شۇنچە كۆپ دەلىل ئىسپاتلار تۇرغان يەردە دادىسى يەنە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالسا ئۇنى ئەر كىشى دېگىلى بولاتتىمۇ؟ شۇنداق قىلىپ نىگارە بۇ ئىشتا ئۇتۇپ چىقتى، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە  نادىرەنىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق.  يەنە كېلىپ پەسكەش ئادەملەرنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدىكەن، خۇددى ئەزىمەتكە ئوخشاش.

شۇ كۈنى ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر ئىشقا كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە يالغۇز قالدىم.  سائەت توققۇزلار بىلەن ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئىشىكنى ئاچسام ئىشىك ئالدىدا مېھراي تۇراتتى.

_ مېھراي، قېنى، قېنى، كىرىڭە.

مېھراي ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى، بىرەر قۇر ئەھۋالاشقاندىن كېيىن كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتتى.

_ نازىيە ئاچا، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، لېكىن  بۇ ئىشىمغا ياردەم قىلىدىغان سىزدىن باشقا ئادەم تاپالمىدىم.

ئۇنى كۆرمىگىلى خېلى بوپ قاپتۇ، قۇرسىقىمۇ خېلى ئوبدانلا يوغىناپ قاپتۇ.  پۇتىمۇ ئازراق ئىششىپ قالغاندەك تۇراتتى.

_  نىمە ئىشتى، دەۋېرىڭ. قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن.  

_  شېرزاتنى يوقلاپ باراي دېگەنتىم، ئالىدىغان نەرسە كېرەكلەر بار ئىدى، كۆتۈرۈش سەل بىئەپ بولۇپ قالىدىكەن.

_ ماقۇل، توختاڭ ھە_ دەپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ چۈشتۈم.  

ئاۋۋال تاللا بازىرىغا باردۇق. مېھراينىڭ يول مېڭىشىمۇ قىيىنغا چۈشۈپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.  كىچىككىنە تۇرۇپ قۇرساق كۆتۈردى، يەنە كېلىپ يېنىدا ھېچكىم يوق.  ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس تە.

مېھراي ئىككى قۇر كىيىم ئالدى،  تۈرمىدە كىيىدىغان كىيىملەرگە تەلەپ يۇقىرى، سىرتما دېگەندەك مىتال بويۇملار بار بولسا بولمايدىغان بولغاچقا ئۇ كىيىمنى بەك ئۇزۇن تاللىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر مۇنچە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئالدى، ھەممىسى شېرزات ئامراق يىمەكلىكلەر ئىكەن.

_ ئەسلى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە باراي دېگەن، لېكىن ئۇ كۈنى شېرزاتنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ بارىدۇ ھەقىچان، ئۇلار بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالماي دەپ ئويلىدىم_ دېدى مېھراي.

ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، چۈنكى مەنمۇ ئۇلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئادەم.  ئىككىمىز نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ تۈرمىگە كەلدۇق.

     ئەكەلگەن نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىكەن.  بىر قاتار رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئاخىرى كۆرۈشىدىغان بولدى.  ئەسلى مەن سىرتتا ساقلاپ تۇراي دېگەنتىم، ئەمما مېھراي بىللە كىرىڭ دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدى. كۆرۈشۈش ئورنىغا كىرىپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ ئولتۇردۇق. مېھراي بىر قولى بىلەن قوسىقىنى سىلاپ ئورۇندۇقتا تۈپتۈز ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزى ئىزچىل ئۇلار چىقىدىغان ئىشىكتىن ئۈزۈلمىدى.  ئۇدۇلدىكى ئىشىك ئېچىلغاندا ئۇ دەرھال ئالدىدىكى ئۈستەلگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام چېچى چۈشۈرىۋېتىلگەن بىرەيلەن كۆرۈندى.   بىر ئاپىنىڭ بالىلىرى بولمىغاچقىمىكىن، ئۇ ئۈمىدكە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى،  لېكىن قاش كۆزى جايىدا، تېرىسى سەل قارامتۇل كەلگەن، يۈزى ئورۇق ئىدى. ئۇ بۇرۇندىن مۇشۇنداق ئورۇقمۇ ياكى بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ئورۇقلاپ كەتتىمۇ بىلمىدىم.  ئۇ يوقلاپ كەلگەن ئادەمنىڭ مېھراي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلدى. ئۇلار ئوتتۇرىدا ئەينەك بىلەن توسۇلغان ئىككى ئورۇندۇقتا بىر بىرىگە قارىشىپ ئولتۇردى.   20 ياشتىن ئەمدىلا ئاشقان ياشلاردا بولىدىغان قاراملىق ئۇنىڭدا ھېلىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى يوقاتمىغان ئىدى.  ياش قىزلار ئادەتتە شوخ ئوغۇللارنى ياخشى كۆرىدۇ، مېھراينىڭ ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەسلىكىمۇ بەلكىم شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك،  مېھراينىڭ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تۇتقان قولى تىرەپ كەتتى.  ئۇ نىمە دېگەن بولغىيتتىكىن، ئەينەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرغان شېرزات دەرھال ماڭا قارىدى. ئاندىن مېھراي بىلەن بىر نىمىلەرنى دىيىشتى،  ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشكەنلىكىنى بىلمىدىم، لېكىن قارىسام ياخشى گەپ ئەمەستەك قىلاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن،  بىردەمدىن كېيىن مېھراي ئاغزىنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستا مېھراينىڭ يېنىغا باردىم، شۇ چاغدا ئۇنىڭ گېپى قۇلىقىمغا كىردى:

_ بالا تۇغۇلىدىغانغا ئاز قالدى، ئۇمۇ بىر جان تۇرسا،  ھەرقانچە بولسىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسىز؟ ئۇنى ھەرقانچە ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا سىزنىڭ بالىڭىز.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى. ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق باغرى تاش بولامدىغاندۇ؟  بالىلىق بولۇپ باقمىغاچقا بالىغا ھېچقانداق مېھرى يوقمىدۇ يا؟ تۇيۇقسىز ئىنتايىن ئاچچىقىم كېلىپ كەتتى دە  بېرىپلا مېھراينىڭ قولىدىن تۇرۇپكىنى ئېلىپ شېرزاتقا ۋارقىرىدىم.

_  شېرزات، ئادەممۇ نىمە سىز؟  مېھراينىڭ ئۆزى يالغۇز قانچىلىك قىينىلىۋاتقىنىنى بىلەمسىز؟  مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىسىڭىزمۇ ھېچبولمىغاندا ئۇنى چۈشەنسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇ سىزنى دەپ ھەممىدىن كەچتى، ئەجىبا ئۇنىڭ ئالدىدا ئازراق خىجىللىق تۇيغۇسى دېگەن نەرسىمۇ يوقمۇ سىزدە؟ مېھراينى ھەرقانچە ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ قورسىقىدىكى سىزنىڭ بالىڭىز تۇرسا،  بالا تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئۇنىڭ كۆڭلىگە مۇشۇنداق ئازار بەرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

شېرزات مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ قاپىقى تېخىمۇ تۈرۈلۈپ ئاجايىپ سەتلىشىپ كەتتى.  ئاندىن غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋازدا گەپ قىلدى.

_ ئۈمىد بىلەن تازا تېپىشقانلار ئىكەن، ئوخشاش ئاتىكاچى، شەخسىيەتچى.

_ نازىيە ئاچا، شېرزاتنى ئۇنداق دېمەڭ. _ مېھراي  ئىسەدەپ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي قېلىۋاتاتتى، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا يان بېسىۋاتقىنىنى.  ئۇ شېرزاتنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھەرقانداق ئازابقا چىداش ئىرادىسىگە كەلگەن ۋە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ شېرزات دېگەن ناكەسچۇ؟

 مېھرايغا ئۆزىڭىزگە ئازكەن دەپ تازا بىر گەپ قىلىپ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قوياي دەپ تۇرسام تۇيۇقسىز ئۇنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى، بىر قولى بىلەن ئۈستەلنىڭ گىرۋىكىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى.

_ۋايجان، قۇرسىقىم بەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0