
بۇ ئەسەرنىڭ 21 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
|
| 16 |
17 |
18 |
19 |
| 20 |
بۇ يەردە ئۇلارنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دېمەپتىكەنمەن. بۇ سودا سارايدىكى كىيىم كىچەكلەرنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركىلىق كىيىم كىچەكلەر، بەزىلىرىنىڭ باھاسىنى ئاڭلىسا يېنىغا بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ ئادەم. ئەزىمەت ھەرگىز بىر ئايالنى بۇ سودا سارايغا ئېلىپ كېلىپ كىيىم ئېلىپ بېرىدىغان ئادەم ئەمەس، ئۇنى ئايگۈزەل زورلاپ ئېلىپ كەلگەن بولسا كېرەك. مۇلازىمەتچى قىز قولىدا بىر كۆڭلەكنى شۇنچىلىك ئاۋايلاپ تۇتۇپ تۇراتتى.
_ئۇنداق ئەمەس، خانىم. دېمەكچى بولغىنىم ھازىر بويىڭىزدا بار ئىكەن، بۇ كۆڭلەك سىزگە پاتمايدۇ، سىزنى ئېلىپ قويۇپ كىيەلمەي قالمىسۇن دەپ ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ئەسكەرتىپ قويۇۋاتىمەن.
مۇلازىمەتچىنىڭ قولىدا كۆتۈرىۋالغىنى ياقىسى يانتۇ چۈشكەن، ئاچ سېرىق رەڭلىك ئۇۇزن كۆڭلەك ئىكەن، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق، ئادەمنىڭ ئۇچىسىغا چىقسا چوقۇم بەك يارىشىدۇ، ئەمما ئەپسۇس بېلىنى يىغىدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن ئىكەن، ئايگۈزەلنىڭ قورسىقى ئانچە مۇنچە بىلىنىپ قاپتۇ، شۇڭا كىيەلمەسمىكىن.
_ گۈزەل، بۇ كۆڭلەك سىزگە ماس كەلمىگۈدەك، باشقىسىنى كۆرۈپ باقايلىچۇ! _ دېدى ئەزىمەت.
قانداقلا بولمىسۇن ئەزىمەت بىلەن ئىككى يىل ئۆي تۇتۇپتىمەن، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى پەرەز قىلالايمەن، ماس كەلمەيدۇ ئەمەس، ئۇنىڭ پۇلغا ئىچى ئاغرىۋاتقان گەپ.
نەرسىنىڭ ياخشىسىنى بىلەمسىز يوق؟ ھازىر كىيەلمىسەم ئېلىپ قويۇپ كېيىن كىيمەمدىم؟
ئايگۈزەلدەك ئادەملەرنى زادىلا چۈشەنمەيمەن، مۇشۇنداق ئاممىۋى سورۇندا تەتۈر جىدەل قىلىشتىن نومۇس قىلمامدىكىنە. يۈزى بەك قېلىنمۇ يا؟
_ مەلىكەم، بۇ كۆڭلەك سىزگە ماس كەلگۈدەك، كىيىپ سىناپ بېقىڭە_ تۇيۇقسىز ئۈمىدنىڭ يۇمشاق ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى. ئۇ ئۈنلۈكمۇ ئەمەس، پەسمۇ ئەمەس، ئىچىدە تۇرغانلار ئاڭلىغۇدەك قىلىپ شۇنداق دېدى. ئەزىمەت، ئايگۈزەل، ئىككى مۇلازىمەتچى تەڭلا بىزگە قارىدى. مېنىڭ ئۇلار بىلەن بۇنداق جايدا دۇقۇرۇشۇپ قالغۇم يوق ئىدى، ئۇلار نۇمۇسنى بىلمىگەن بىلەن مەن بىلىمەن دە. ئەمما ئايگۈزەلگە قارىسام مېنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك ئەلپازى بىلەن تۇراتتى. قارىغاندا بۇ يەردە سۈركىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. مۇلازىمەتچى ئۈمىدنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى.
_ بۇ ئەپەندىمنىڭ كۆزى مال تونۇيدىكەن. بۇ خانقىزنىڭ بەدەن شەكلى بەك چىرايلىقكەن، بۇ كۆڭلەك دەللا كېلىدۇ، كىيىدىغان بولسىڭىز گۈزەللىكىڭىزگە تېخىمۇ گۈزەللىك قوشىدۇ. ياقتۇرسىڭىز كىيىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
مۇلازىمەتچىنىڭ كۆڭلەكنى ماڭا تەڭلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئايگۈزەلنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى بولغاي، كۆڭلەكنى تارتىۋالدى.
_ بۇ كۆڭلەكنى ئاۋۋال مەن كۆرگەن.
مۇلازىمەتچى ئوڭايسىزلانغان بىر قىياپەتتە ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئايگۈزەل ئەزىمەتكە قاراپ:
_ ئەزىمەت، پۇلىنى تۆلىۋېتىڭ، مەن مۇشۇ كۆڭلەكنى ئالىمەن.
ئايگۈزەل ئالىمەن دېگەن ئىكەن، بۇ كۆڭلەكنى دەسلەپتە كۆرگىنى ئۇ بولغاچقا مۇلازىمەتچى ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا سېتىپ بەرمىسە بولمايتتى.
_ ئەپەندىم، خانىم، بۇ كۆڭلەك 18 مىڭ يۈەن. بۇ ياققا كېلىپ ھېسابات قىلساڭلار بولىدۇ.
بۇ باھانى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم، ئېنىقكى ئەزىمەتمۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنى 18 مىڭ يۈەنگە بىر كۆڭلەك ئال دەيدىغان بولسا ئۇنىڭ قۇيقا چېچى تىك بولىدۇ.
_ قاراپ تۇرىسىزغۇ، پۇل تۆلەڭ_ ئايگۈزەل جايىدا جىم تۇرىۋېلىپ ئەزىمەتنى ھە دەپ سۈيلەۋاتاتتى. ئەزىمەت بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئايگۈزەلگە پىچىرلاپ دېگۈدەك قىلىپ:
_ گۈزەل، بۇ كۆڭلەك سىزگە پەقەتلا ماس كەلمىگۈدەك_ دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايگۈزەلنىڭ چىرايى ئاجايىپ تېز ئۆزگەردى.
_ سىز مېنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشۇمنى نازىيەدىن كۆرۈمسىز دېمەكچىمۇ؟ مېنى ئۇنىڭدىن سەت دېمەكچىمۇ؟
_ مەن ئۇنداق دېمىدىم. _ ئەزىمەتنىڭ بېشى ئاغرىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
شۇ تاپتا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇرۇن ئەزىمەت بىلەن ئۆتىۋاتقان چېغىمدا يېڭى كىيىم ئېلىشقا كۆزۈم قىيمايتتى، شۇنچىلىك تىجەپ، يا يېڭى كىيىم ئالماي، يا تۈزۈك ياسانماي تۇتقان ئۆيۈم ئاخىرى ۋەيران بولدى. ئەمدىلىكتە ئەزىمەت ياسىنىشنى بىلىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن قىلچە كارى يوق، پۇل خەجلەيمەنلا دەيدىغان ئادەمگە يالۋۇرۇپ تۇرۇپتۇ. تېخى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئەزىمەتنىڭ سەۋر تاقىنىڭ چېكىگە يېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
_ ئالامسىلەر ئالمامسىلەر؟ سىلەر ئالمىساڭلار مەن ئالىمەن.
ئايگۈزەل بايا ئەزىمەتكە قاراپلا تۇرغان ئىكەن، كۆڭلەكنى ئۈمىد ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئېسىنى يىغدى.
_ ياقتۇردىڭىزمۇ؟_ سورىدى ئۈمىد مەندىن.
_ ياقتۇرۇشنىغۇ ياقتۇردۇم، لېكىن......
مېنىڭ گېپىم ئاخىرلاشماستىنلا ئۈمىد كۆڭلەكنى مۇلازىمەتچىگە بەردى.
_ بىز ئالىمىز، سېلىپ بېرىڭ.
_ مەن تېخى كىيىپ باقمىدىم، ماڭا دەل كىلەمدۇ كەلمەمدۇ؟
_ بەدىنىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. بۇ كۆڭلەك سىزگە دەل كېلىدۇ.
خىجىللىقتىن يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى.
_ سەل سەمىرىپ قالغاندەك قىلىمەن. _ دېدىم مەن.
ئۈمىد كۈلۈپ كەتتى ۋە:
_ كىيەلىسىڭىز كىيەسىز، كىيەلمىسىڭىز ئېسىپ قويۇپ قارىسىڭىزمۇ ھېساب، ياقتۇردۇم دېدىڭىزغۇ؟_ دېدى.
ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۈمىد بىر كارتىنى مۇلازىمەتچىگە بەردى. بىردەمدىن كېيىن مۇلازىمەتچى ئوراپ خالتىغا سېلىنغان كۆڭلەك بىلەن كارتىنى ئۇنىڭغا سۇندى. ئايگۈزەل ئۆزى كۆزى چۈشكەن كۆڭلەكنى مېنىڭ ئېلىپ ماڭغىنىمنى كۆرۈپ كۆزى چاچراپ چىقىپ كىتەي دەپ قالدى. ئۈمىد ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا كارتىنى بېرىپ كۆڭلەكنى سېتىۋالالىغىنى بىلەن بۇ ئەزىمەتكە نىسبەتەن ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. بىز دۇكاندىن چىقىۋاتقاندا ئايگۈزەل كەينىمىزدىنلا چىقىپ لىفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئەزىمەت ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ تارتىپ بېقىپ ئاخىرى ئۇنىڭ كەينىدىن لىفىتقا چىقىپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارنى مات قىلالىغان بىلەن، مەن ئۇنچىۋالا خۇش بولالمىدىم. 18 مىڭ يۈەن، مېنىڭ يېرىم يىللىق مائاشىم دېگەن گەپ.
_ بەك ئالدىراقسانلىق قىلىپ قالدۇقمۇ قانداق. بۇنچىۋالا قىممەت كۆڭلەك ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى_ ئەلۋەتتە ئۈمىدنى ئەيىبلىيەلمەيتتىم، پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدىم.
_ ھېچقىسى يوق، ئۇنچىلىك پۇلغا سىزگە كۆڭلەك ئېلىپ بېرەلىگۈچىلىكىم بار.
سودا سارايدىن چىقىپ بىرەر رېستۇراندىن تاماق يەپ قايتايلى دەپ تۇرىۋالدى ئۇ. مەن زادىلا ئۇنىمىدىم.
_ بايا 18 مىڭ يۈەنگە كۆڭلەك ئېلىۋېتىپ ئەمدى رېستۇراندىن تاماق يەمدۇق؟ بەك بەتخەجلىك قىلىپ كەتمەيلى، ئۆيگە بېرىپ تاماقنى مەن ئېتەي. تاماقنى ئۆيدە يىسەك تېخىمۇ ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ يىيەلەيمىز ئەمەسمۇ. مېنىڭ ئەتكەن تامىقىم رېستۇراننىڭكىگە يەتمەمدىكەن يا؟
_ ئۇنداق ئەمەس مەلىكەم_ دەپ كىچىك بالىدەك ئەركىلىدى ئۈمىد_ سىز ئەتكەن تاماقتا ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھرى بار، ئەلۋەتتە رېستۇراننىڭكىدىن تەملىك بولىدۇ-دە، سىزنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دېگەنتىم. ماقۇل، مەلىكەمنىڭ گېپىنى يىرسام قانداق بولىدۇ؟ كۆكتات ئېلىپ ئۆيگە قايتايلى.
ئۈمىد ماشىنىنى بەك تېز ھەيدىمىدى، بىر خىل سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قالدۇق. ئالدى تەرەپتە بەك كۆپ ماشىنىلار تۇرۇپ كېتىپتۇ.
_ نىمە بولدىكىنە_ ئۈمىد بېشىنى چىقىرىپ قاراپ باقتى.
بىردەمدىن كېيىن چىرايلىق بېزەلگەن بىر ماشىنا كېلىپ سەھەر رېستۇرانىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئىچىدىن بىر يىگىت چۈشتى. كەينىدىن ئاپئاق توي كۆڭلىكى كىيگەن بىر قىز چۈشتى. يىگىت قىزنى لىككىدە كۆتۈرۈپ رېستۇراننىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى، كەينىدىن نەغمە ناۋا، تويغا قاتناشقانلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭى ئەتراپنى بىر ئالدى. ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قاپتىمەن. ئۈمىد ئاستا قولۇمنى تۇتۇپ:
_ كەچۈرۈڭ، مەلىكەم. مەن سىزگە بۇنداق داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيمەن. مېنى توغرا چۈشىنىڭ، بولامدۇ؟_ دېدى.
ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بۇنداق تەلەپ قىلىشقا سالاھىيىتىم توشمايتتى.
_ ياقەي، مەن مۇنداقلا قىزىقىپ قاراپ قويدۇم. بۇ يا مېنىڭ بىرىنچى تويۇم بولمىسا، داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن تامايىم يوق_ دېدىم.
_ بۇنىڭ بىرىنىچى قېتىم ياكى ئىككىنچى قېتىملىقى بىلەن ئالاقىسى يوق، مېنى توغرا چۈشىنىڭ. مەن سىزگە داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىگىنىم بىلەن سىزگە ئويلىغىنىڭىزدىن ئارتۇق بەخت بېرىمەن، سۆيگۈ بېرىمەن.
يەنە نىمە دىيەلەيتتىم. كۈلۈمسىرەپ قويۇپلا ئولتۇردۇم. يولمۇ بەك ھايال بولمايلا ئېچىلدى.
_ ئەتە بالدۇرراق بىكار بولساق، شەرقى بازاردىكى ئۆيگە بېرىپ نەرسە كېرەكلىرىمنى ئەكىلىۋالايمىكىن. چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بارغاندا ئېلىۋالغان بىر نەچچە قۇر كىيىملىرىم بىلەنلا يۈرىۋاتىمەن_ دېدىم مەن.
_ ھازىرلا بارايلى بولمىسا_ دېدى ئۈمىد دەرھاللا.
_ قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كىتەرمۇ؟ شەرقى بازار خېلى يىراق تۇرسا.
_ ئەتىگە سۈرمەي بۈگۈنلا بارايلى، مەلىكەمنى بۈگۈنلا ئۆيگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋالاي.
بايىقى ئوڭايسىزلىقلار بىردەمدىلا تۇمان تارقىغاندەك تارقاپ كەتتى. شەرقى بازاردىكى ئۆيگە بېرىپ كىيىم كېچەكلىرىم، ئىشلتىدىغان نەرسىلىرىمنى چامادانغا سالدىم. ئەلۋەتتە، تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم.
شەرقىي بازاردا بەك كۆپ ھايال بولماي قايتتۇق، ئۆينىڭ ئەتراپدىكى بىر تاللا بازىرىدىن كۆكتات ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ چۈچۈرىگە تۇتۇش قىلدىم. باشقا ئىشقا پو ئاتالمىساممۇ تاماققا كەلگەندە ئۆزۈمنى ماختىغۇچىلىكىم بار. ئەينى ۋاقىتتا ئەزىمەتنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىمەن دەپ ئېتىشنى ئۆگەنمىگەن تامىقىممۇ قالماپتىكەن. چۈچۈرىنىڭ جىلتىسىنى نىپىز ئېچىپ تۈگۈپ ئىككى چىنىگە ئۇسۇپ ئۈستىگە پىننە چاچتىم. پىننىنىڭ مېزىلىك پۇرىقى ھەممە يەرنى بىر ئالدى. تاماق يەيدىغان ئۈستەلدە تاقىتى تاق بولۇپ ئولتۇرغان ئۈمىد ئاخىرى چىدىماي ئاشخانىنىڭ ئىشىكىگە كەلدى.
_ ۋاھ ۋاھ ۋاھ، بەك پۇراپ كەتتى. تېزرەك يەيلىچۇ، مەلىكەم. چىدىمىدىم مەن.
ئۈمىد بەزىدە مۇشۇنداق كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ كىتىدۇ. ئۇ مەيلى چوڭ ئادەملەردەك سالماق، تەمكىن ھالەتتە بولسۇن، ياكى كىچىك بالىدەك ئەركىلىسۇن، يەنىلا شۇنچىلىك ئۇماق، شۇنچىلىك يېقىشلىق.
چۈچۈرىنى ئىشتىھا بىلەن ئىچتۇق. ئۈمىد بىر چىنە تاماقنى يەپ بولغۇچە ئاز دېگەندە ئون نەچچە قېتىم ماختىدىمىكىن، ئىشقىلىپ باش بارمىقى چىقىرىقلا ھالەتتە.
يېقىندىن بۇيان ئۈمىدنىڭ گەپ-سۆز، ئىش ھەرىكەتلىرىدىن مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغاندەك بىر خىل خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىككىمىز ئامراق ئەر خوتۇنلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتۇق. مۇشۇنداق بولغانچە بەختتىن ھوزۇرلانماقتا يوق، ئەكسىچە قورقۇپ تۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلىمەن؟
تاماقنى يەپ بولۇپ، قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيۇپ بولۇپ چىقسام ئۈمىد مېھمانخانا ئۆيدە كۆرۈنمەيتتى. ئىزدەپ ئاخىرى يەنە بالكوندىن تاپتىم. بايا نەرسە كېرەكلىرىمنى ئېلىپ كېلىدىغان چاغدا، قوشنامغا بېقىپ قويۇشقا ھاۋالە قىلغان ئاسلانچاقنىمۇ قوشۇپ ئەكىلىۋالغان ئىدىم. ئاسلانچاق ئالدىراپ ئادەم ياتلىمايدۇ، يەنە كېلىپ مۈشۈك دېگەن بەك سەزگۈر كېلىدىكەن، كىم ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى، كىم بىزار بولدى بىلىپ قالىدىكەن. بۇرۇن ئەزىمەتنىڭ يېنىغا كېلىپمۇ قويمايدىغان ئاسلانچاق ھازىر ئۈمىدنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ ياتاتتى. بىر ياندا تېلېفوندىن تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىسى ياڭراۋاتاتتى.
_ بۇنى سىزمۇ ئاڭلايدىكەنسىزدە.
_ ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قويىمەن_ دېدى ئۈمىد ھېچبىر ئىپادىسىزلا.
_ ھە، مەندە بۇنىڭ ئەسلى ئۈنئالغۇ لېنتىسى بار. ئۇنىمۇ ئالغاچ كەلدىم. لېكىن ئۈنئالغۇ يوق شۇ.
_ ھە_ ئۈمىد بىر نەرسىنى خىيال قىلىۋاتقاندەك دېگەن گېپىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئارىنى جىمجىتلىق باستى،
_ بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىكى قىزنىڭ ئاۋازى بەك سۈزۈك، بەك چىرايلىق. كېيىن بۇ قىز لېنتا چىقارمىدىمۇ قانداق بولدىكىن، ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولماس بولۇپ كەتتى.
_ ھە_ ئۈمىد دەرھال قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
«ئۇنىڭغا يەنە نىمە بولدىكىنە؟» ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ئولتۇرۇپلا قالدىم. ئارىدىن ئون مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي ئۈمىد ئىككى ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتىنى كۆتۈرۈپ بالكونغا چىقتى.
_ مېنىڭ مەلىكەم بۈگۈن تاماق ئېتىمەن دەپ بەك جاپا تارتتى. شۇڭا ئوبدانراق كۈتمىسەم بولمايدۇ.
بايا قاپىقىنى تۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ئادەم بىردەمنىڭ ئىچىدە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىرىپ يەنە ماڭا سۈركەلگىلى تۇردى. مەنمۇ چاندۇرمۇدۇم. بىز تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ يېتىپ قالدۇق. مەن تېخى كۈنلىرىمىز مۇشۇنداق تاتلىق ئەركىلىتىشلەر، ئانچە مۇنچە قىيداشلار بىلەن مەنىلىك ئۆتۈپ كېتىدۇغۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمما ئەتىسى بۇ خىيالىم بىراقلا بەربات بولدى.
ئەتىسى ئۈمىد يەنە مېنى ئىشقا ئاپىرىپ دائىم چۈشۈرۈپ قويىدىغان جايدا چۈشۈرۈپ قويدى. ئەمدى ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ئىشخانىدىن بىر ھامىلدار ئايال چىقىپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ماڭدى. ئانار ھەدەم ئۇنىڭ ھامىلدار بولغانلىقتىن ئىستىپا بېرىپ كەتكەن تېلېفونىست ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن رەسمىيەت بىجىرگىلى كەلگەنلىكىنى دەپ بەردى. ئۇ بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئاغزىنى ئېچىپ ياندۇرغۇسى كېلىپ ياندۇرالماي قىينىلىپ كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەنمۇ سېزىكنىڭ ئازابىنى تارتىپ باققان بولغاچقا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كېلىپ يېنىغا بېرىپ:«ياردىمىم كېرەكمۇ» دېدىم. ئۇ ئامبۇلاتورىيە بىناسىغا بېرىپ لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
_ سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن بېرىپ ئەكىلىپ بېرەي.
_ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
قىززىق لىنىيە مەركىزى جايلاشقان مەمۇرىي بىنا ئەڭ كەينىدە، ئوتتۇرىدا بىر بالنىست بىناسى بار، ئەڭ ئالدىدىكىسى ئامبولاتورىيە بىناسى ئىدى. مەن ئامبولاتورىيە بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەمدى ماڭاي دەپ ئۆرۈلۈشۈمگە ماڭا يېقىنلا يەردىكى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدىن ئىنتايىن تونۇش بىر سىمانى كۆرۈپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى.
_«ئۈمىد بۇ يەردە نىمە قىلىدىكىنە؟»
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان يوغان قورساق ئايال قارىماققا يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس، قورسىقى خېلى تومپىيىپ چىقىپ قالغان، ھامىلدار بولغىنىغا بەش ئالتە ئاي بولغاندەك قىلاتتى. ئۈمىدنىڭ ئۇ ئايال بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئەمما ئۇ كىم؟ ئۈمىد نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا كېلىدۇ؟ ئۇ ئايالنىڭ «ئۈمىد ئاكا» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىدىم، بۇ مەن ئۈمىدنىڭ تېلېفونىدا ئىككى قېتىم ئاڭلىغان ھېلىقى ئاۋاز شۇ.
ھېلىقى ئايال قولى بىلەن قورسىقىنى تۇتۇپ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. بىئارام بولىۋاتقان بولسا كېرەك ، ئۈمىد ئۇنىڭغا بىر نىمىلەرنى دېدى، نىمە دېگىنىنى ئاڭلىيالمىدىم. قاراپ تۇرسام ئۇ ئۇ ئايالنى يۆلەپ ساقلاش رايونىدىكى بىر بوش ئورۇندۇققا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى ۋە قولىدىكى مىنىرال سۇنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىقىمىز ئانچە يىراقمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، پۈتۈن دېققىتى بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم پۇچۇلۇنۇپ كەتتى. ئەجىبا ئۇنىڭ نەچچە ۋاقىتنىڭياقى ماڭا قىلىۋاتقانلىرى يالغانمىدۇ؟ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئاسرايمەن دېگەنلىرى يالغانمىدۇ؟ بۇ ئايال زادى كىم؟ ئۇنىڭ ئۈمىد بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















