
بۇ ئەسەرنىڭ 45 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
|
ئەتىسى ئۆتكۈر ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىپ ماڭا جۇڭيى تىبابىتىگە كىتاب ماتېرىياللار بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ماتېرىيالى تېپىپ ئەكىلىپ بەردى. كىتابلارنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆگىنىشكە باشچىلاپ كىرىپلا كەتتىم. ھەتتا تاماق ئەتكەندىمۇ ئالدىمدا بىر كىتاب قويۇقلۇقلا تۇراتتى. ئوقۇيمەن، يادلايمەن، يادلاپ بولغىنىمنى يازىمەن. چۈشەنمىگىنىمنى توردىن ئىزدەپ كۆرىمەن. مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا مۇشۇنچىلىك تىرىشقان بولسام خېلى داڭلىق داشۆلەرگە ئۆتۈپ كىتەر بولغىيتتىم. نىشانىم ئېنىق بولغاندىن كېيىن باش ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى كاللامدىن چىقىرىپ تاشلىدىم. ئەزىمەتنىڭ ئىشلىرىمۇ ئاستا ئاستا ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
شۇ تەرىقىدە بىر ئايدەك ئۆيدىن چىقماپتىمەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ماتېرىيالىنىمۇ ئاساسەن كۆرۈپ بولدۇم، كومپيۇتېردا تەقلىدىي ئىمتىھان بېرىپ باققانتىم، خېلى يۇقىرى نومۇر ئالدىم. بۇ خۇشاللىقىمنى يۈز تۇرانە تۇرۇپ دېيىش ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ يېنىغا ماڭدىم. ئالدىنقى قېتىمقى ئىشتىن كېيىن شىركەتكە بېرىپ باقمىغان ئىدىم. خىزمەتچىلەر مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ بولغاچقا مېنى كۆرگەندىن كېيىن ئەدەب بىلەن سالام قىلدى. ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چېكەي دەپ توختاپ قالدىم، چۈنكى ئىشخانىدىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. ئىشىكنى چېكىش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن قولۇم ھاۋادا توختاپ قالدى. دەرھال يان تەرەپتىكى دېرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىدىم، ئازراق قايرىپ قويۇلغان پەردىدىن ئىچىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى. ئىچىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ توساتتىن يۈرەك سوقۇشۇم تېزلىشىپ كەتتى. ئۈمىد ئۈستىلىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قىز بوينىغا گىرە سېلىپ تۇراتتى. بۇ قىزنىڭ كەينىدىنلا كۆرگەن بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭ فروزە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ بېشى ئۈمىدنىڭ يۈزىنى توسۇۋالغان، قارىماققا فروزە ئۈمىدنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنەتتى. تۇيۇقسىز شۇنچىلىك ئەندىكىپ كەتتىم. بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن بېرىپ ئىشىكنى تۇتقۇچىنى تۇتۇپلا ئىشىكنى ئاچتىم. ئۈمىدنىڭ ئىشىكنى تاقىمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئىككىيلەن تەڭلا ماڭا قارىدى، ئۈمىد مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك، بەكلا ھەيران قالدى. فروزە دەسلەپتە سەل ھەيران قالغاندەك بولدىيۇ، ئەمما يەنىلا قولىنى ئۈمىدنىڭ كۆينىكىنىڭ ياقىسىدىن چۈشۈرمەي گالىستۇكىنى تاقاپ قويۇۋاتاتتى. ئەسلى ئۇ ئۈمىدنىڭ گالىستۇكىنى تاقاپ قويۇۋېتىپتىكەن ئەمەسمۇ. مەن ئاستا كىردىم، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۆزۈمنى بەكمۇ تۇتىۋالغان ئىدىم، چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا كونتروللۇقۇمنى يوقاتسام بەك سەتلىشىشىم ئېنىق ئىدى. كۈلۈپ باقاي دېدىميۇ، يالغاندىن بولسىمۇ كۈلەلمىدىم. ئۈمىد يىنىككىنە بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ ئۈستەلدىن تۇرۇپ كەتتى.
_ فروزە شىركىتىمىزنىڭ بازار باش نازارەتچىسى بولدى.
فروزە كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ ئۈمىدنىڭ گالىستۇكىنىڭ ئۆلچەملىك بولغان بولمىغىنىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۈمىدنىڭ سۆزىنى تولۇقلاپ قويدى:
_ قاتمۇ قات ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ كىردىم جۇمۇ، ئارقا ئىشىكتىن ماڭمىدىم.
ئۇ ئۇچىسىغا رەتلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان، چېچىنى كەينىگە بىر تال بوغۇۋالغان بولۇپ ئۈستى بېشىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۆكۈلۈپلا تۇراتتى. باشقىلار ئۆزىگە ئىشەنگەن ئايال ئەڭ گۈزەل ئايال دىيىشىدىكەن، بۇ سۆزلەر فروزەدە ئۆز مەناسىنى تاپقان ئىدى.
_ گالىستۇك چىرايلىقمىكەن؟
فروزە مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى قىلچە چۈشەنمىگەندەك شۇنداق سورىدى.
_ فروزە، شىركەتكە يېڭىدىن كېلىپلا باش دېرىكتورغا بۇنداق خۇشامەت قىلغىلى تۇرسىڭىز ياخشى بولماسمىكىن. شىركەتتىكىلەرگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويماڭ يەنە.
_ خۇشامەت؟ ھا ھا ھا
بۇ گېپىم ئۇنىڭغا بەكلا كۈلكىلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆرۈلۈپ ماڭا بىر قارىۋەتتى، ئاندىن يەنە ئۈمىدكە قاراپ:
_ بۇ خوشامەت ئەمەس، بۇ دېگەن ھوزۇرلىنىش، گۈزەللىك قوغلىشىش. باش دېرىكتوردەك بۇنداق مۇنەۋۋەر ئەرلەر ھوزۇرلىنىلمىسا ۋاي ئىسسىت دېگۈدەك ئىش بولمامدۇ، قانداق دېدىم؟
ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
_ ئۇنىڭ ئايالى بار_ دېدىم مەن.
_ بۇنى بىلىمەن، ھەممەيلەن بىلىدۇ.
بىلىپ تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىنى. دېمەك ئۇ مېنى قىلچە نەزىرىگە ئىلمايدىكەن.
_ فروزە، سىز چىقىپ ئىشڭىزنى قىلىڭ_ دېدى ئۈمىد.
_ ماقۇل ئەمىسە ، مەن چىقاي.
ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي شۇنداق مەغرۇر بىر قىياپەتتە ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى تارسىلدىتىپ مېڭىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ ئۇنىڭدەك بولالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
_ بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرىڭە_ ئۈمىدكە قارىسام ئۇ كرىسلودا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇراي دەپ تۇرۇپتىكەن، ئاستا بېرىپ يېنىدا ئولتۇردۇم ۋە گالىستۇكىنى سىناپ كۆرۈپ:
_ بولىدىكەن، فروزە نەرسە تاللاشقا ئۇستىكەن_ دېدىم. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنى ئويلىمىغان چېغى، ئۈمىد سەل ھەيران قالغاندەك بولدى. مەن ئۇنىڭ يېنىغىراق سۈرۈلۈپ بوينىغا گىرە سالدىم.
_ ۋوي، بۈگۈن نىمە بولدى سىزگە؟
شۇ پىتى ئۇنىڭ بوينىنى بارغانسېرى چىڭ سىقتىم.
_ ۋاي مەلىكەم، مەن تىنالمىدىم.
_ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە گالىستۇك سوۋغا قىلىشىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
_ بىل....بىلمەيمەن.
ئۇ راستلا تىنالماي قالغان ئىدى.
_ سىزنى بوينىڭىزدىن يىتىلەيمەن دېگەن مەنىدە.
_ قو....قويۇۋېتىڭ.
ئۇ راستلا تىنالماي قىينىلىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ ئولتۇرىۋالدىم.
_ مەلىكەم، كۈنلەپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟_ ئۇنىڭ ئاۋازىدىن كۈلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
«ئىشىڭىزنى قىلىڭە» دەي دەپ بوغۇزۇمغا كېلىپ بولۇپ يۇتۇۋەتتىم. ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ يەنە گالىستۇكىغا ئېسىلدىم، ئۆزىنى ئېپ قاچتى، ئەمما گالىستۇكنىڭ ئۇچى قولۇمغا ئىلىنىپ قالدى. ئۇنى يەنە ئالدىمغا تارتتىم، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ گېلىنى چىقماي، گالىستۇكنى ئوڭشاپ چىرايلىق تاقاپ قويدۇم. تاقاپ بولغاندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ قويدۇم.
_ مەن ئويلاپ قويدۇم، جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنۇم پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەندە كېلىشكەن ئەر جۇڭيى دوختۇرىدىن بىرنى ئالىمەن، ئوخشىمىغان جىنىسلار بىر بىرىنى تارتىشىدۇ ئەمەسمۇ. ئۇنداق يەرگە بارىدىغانلار ئاساسەن ئاياللار بولىدۇ، خېرىدار جەلپ قىلىشقا پايدىسى بولىدۇ، بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۆزۈمنى ئۇۋىلىغىلى سالساممۇ بولغۇدەك.
ئۈمىد بايىقى گېلىنى سىقىشىمدىن راستلا بەك بىئارام بولغان چېغى، كالتە كالتە يۆتىلىپ تۇراتتى. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما قولىنى سۇنۇپلا بېلىمدىن قاماللاپ ئۆزىگە تارتتى.
_ كېلىڭە، مەن ئۇۋىلاپ قوياي.
ئۇ شۇنداق دەپلا غىدىقلاپ كەتتى. مەن چىدىماي كۈلۈپ تۈگۈلۈپلا قالدىم.
_ ئۈمىد، بەك غىدىقىم كەپ كەتتى، ئۇنداق قىلماڭ.
ئۇ ئاخىرى مېنى قويۇۋەتتى. كرىسلودا ئولتۇرىۋېلىپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ مەن كىرىپ قالمىغان بولسام فروزە بىلەن نىمە ئىش قىلار بولغىيتتىڭىز؟
_ ئويلىماپتىكەنمەن، كۈنلەمچىلىك كېسىلى خېلى ئېغىركەن جۇمۇ سىزدە.
_ تولا گەپنى ئېپ قاچماڭ_ دېدىم ئەستايىدىل بىر ئاھاڭدا.
ئۇ كۈلكىسىنى توختىتىپ، ئۆزىنى تۈزلەپ ئولتۇردى.
_ نازىيە، فروزە بىلەن ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق، مەن ھەرۋاقىت ئۆزۈمنىڭ ئايالى بار ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. ماڭا ئىشىنىڭ، بولامدۇ؟
_ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟ ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ھازىر سىزنىڭ شىركىتىڭىزدە ئىشلەيدىكەن، ھە دېسە يوق باھانىلەر بىلەن يېنىڭىزغا كىرىپ سىزنى ئازدۇرسا، ئۇنداق چىرايلىق قىزغا يۈرىكىڭىز تىترىمەي قالارمۇ؟
دەل مۇشۇ چاغدا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. تېلېفون نىگارەدىن كەلگەن ئىكەن. دەرھال تېلېفوننى ئالدىم.
_ نازى، مەن بىلەن بىر يەرگە بېرىشىپ بېرە. تېز كەل ھە.
ئۇ جىددىيلا گەپ قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ئورنىنى ئۈندىدارغا ئەۋەتتى. دەرھال ئۈمىد بىلەن خوشلىشىپ، نىگارە ئەۋەتكەن ئادرىس بويىچە ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ بىر ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىنى توختىتىپ تۇرغان ئىكەن. ماشىنىغا چىقىپلا ئولتۇردۇم.
_ ئەجەب تېز كەپسەنغۇ؟_ دېدى ئۇ.
_ ئۈمىدنىڭ شىركىتىدە ئىدىم، يېقىنلا ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭ كۆزى ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىغا تىكىلىپلا قالغان ئىدى.
_ نىمىگە قاراۋاتىسەن؟_ دېدىم مەن قىزىقىپ.
_ يېرىم سائەت بۇرۇن نادىرە ھېلىقى ئاق پىشماق بىلەن ئاۋۇ ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىنىڭ پاكىتىنى قولغا چۈشۈرمىسەم بولمايدۇ.
نادىرە نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى. ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە.
_ تېلېفونۇڭنىڭ توكى باردۇ؟_ تۇيۇقسىز سورىدى ئۇ .
تېلېفونۇمنى ئېلىپ قارىدىم.
_ ھەئە، توكى لىق.
_ ئەمىسە سەل تۇرۇپ مەن ماشىنا ھەيدەيمەن، سەن سۈرەتكە تارتىسەن ھە.
_ ھە؟ ھە، ماقۇل.
بۇنداق ئىشنى بىرىنچى قېتىم قىلىشىم بولغاچقا سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. مېنىڭ بۇ قورقۇنچاقلىقىمدا بۇنداق ئىشنى قاملاشتۇرالامەنمۇ تاڭ. بىردەمدىن كېيىن نىگارە«تەييارلان» دېدى. مەن دەرھال تېلېفونۇمنى كۆتۈرۈپ ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىدىن چىقىۋاتقان ئىككىيلەنگە توغرىلىدىم.
قېنىق گىرىم قىلىۋالغان نادىرە دۇكاندىن چىقىپلا بېشىغا تاقىۋالغان كۆزەينەكنى چۈشۈرۈپ كۆزىگە تاقىدى، يېنىدىكى ئاق پىشماقنىڭ خۇشلۇقتىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالغان ئىدى. ئۇ ئىككىيلەن بىر بىرىگە ئېسىلىپ دېگۈدەك ماڭدى. ئۇلار ماشىنىغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتتىم.
ئۇلارنىڭ ماشىنىسى قوزغالغاندىن كېيىن نىگارەمۇ ماشىنىنى قوزغىتىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
_ تارتالىدىڭمۇ؟_ سورىدى ئۇ.
_ ھەئە، خېلى كۆپ تارتتىم، ئوچۇق چىققانلىرىنى تاللىۋالساق بولىدۇ.
خېلى ماڭغاندىن كېيىن نىگارەنىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلدى.
_ ئۆي تەرەپكە ماڭدىغۇ؟ بۇ پاسكىنا ئۇ بىر نىمىنى ئۆيگە ئېلىپ بارماس ھە؟
دېگەندەك ماشىنا نىگارەنىڭ دادىسىنىڭ قوروسىغا كىرىپ كەتتى. نىگارە ئۇلاردىن ئازراق ئارىلىق تاشلاپ قوروغا كىردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ماشىنا توختاتقان يېرىنى كۆرىۋېلىپ سەل يىراققىراق توختاتتى. ئەمما ئۇلار ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىنمۇ ماشىنىدىن چۈشمەيۋاتاتتى.
_ چۈشەيلى_ دېدى نىگارە تۇيۇقسىز. مەن تېلېفونۇمنى چىڭ تۇتۇپ ماشىنىدىن چۈشتۈم. ئىككىمىز يوشۇرنۇپ دېگۈدەك نۇرغۇن ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ نادىرەنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينىگە بېرىپ توختىدۇق.
ماشنىدىن ئىككىيلەننىڭ پاراڭلاشقان ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. نىگارە ماڭا «ئۈنگە ئالە» دېدى پىچىرلاپ. مەن دەرھال تېلېفونۇمنىڭ ئۈنگە ئالىدىغان يېرىنى ئېچىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتىم.
_ جېنىم، قاچانمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بىللە بولالارمىز؟بۇنداق ئوغرىلىقچە تىمىسقىلاپ يۈرۈشتىن ئەجەبمۇ زېرىكتىم.
بۇ ھېلىقى ئاق پىشماقنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ نىمىگە ئالدىرايسىز؟ ئۇ قېرى ھازىر بىزنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىمىز. ئۇ قېرى ئۆلگىچە پايدىلانغۇدەك يېرىدىن پايدىلىنىۋالمامدۇق؟
نىگارە مۇشتىنى تۈگۈپ ئورنىدىن كەتتى، مەن ئۇنى تارتىپ ئولتۇرغۇزىۋالدىم. ئۇ قولۇمدىن تېلېفونۇمنى ئېلىپ ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىنى سۈرەتكە تارتتى، ئاندىن بايىقى ئۈن خاتىرىسى، سۈرەتلەر، ھازىرقى ئورنىمىز دېگەنلەرنى بىر نومۇرغا يوللىۋەتتى. ئاندىن ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالايلى دېگەندەك ئىشارەت قىلدى. ئارىدىن بەش مىنۇتلار ئۆتتىمىكىن، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. خاتلاشمىغان بولسام نىگارەنىڭ دادىسى كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيى مۇشۇ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ئۈستىدىلا. بايىقى ئۇچۇرلارنى كۆرسە ھەرقانداق ئەر كىشى ئۆزىنى بېسىپ تۇرالمايدۇ. بىز ماشىنىنىڭ كەينى تەرىپىگە چاپلىشىپ ئاياق تىۋىشىنىڭ يېقىنلىغىنىنى ئاڭلاپ تۇردۇق. ياق، كەلگىنى يالغۇز بىرلا ئادەم ئەمەسكەن. دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانى جىمجىت بولغاچقا تېلېفونۇمنىڭ ئاۋازى بەكمۇ ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى. قارىسام تونۇمايدىغان بىر نومۇركەن، تېلېفوننى تېزلىكتە بېسىۋەتتىم، بۇ چاغدا ھېلىقى ئاياق تىۋىشى بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. نىگارە ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ مېنى تارتتى، ئورنىمىزدىن تۇرغاندا بىر توپ ئەرلەرنىڭ قورشاۋىدا قىلغىنىمىزنى بايقىدۇق.
مەن خاتالىشىپتىمەن، كەلگىنى نىگارەنىڭ دادىسى ئەمەسكەن.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچىسىنى تونۇغاندەك قىلدىم، ئۇلار 520 بەزمىخانىسىدا ھېلىقى قېتىم ئۇرۇشقان چاغدا شۆھرەت بىلەن بىللە كەلگەنلەر ئىدى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى ئاق پىشماقمۇ كەلدى. نادىرە ماشىنىدىن چۈشمىدى، ئىزا تارتقان بولسا كېرەك. ئاق پىشماق بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ بىزەڭلەرچە ھىجايدى.
_ ئەسلىدە ئىزىمغا چۈشكىنى ئىككى ساھىبجاماكەن ئەمەسمۇ.
بۇ گەپچە ئۇ ئىزىغا چۈشكىنىمىزنى بىلىدىكەن دە. نىگارە ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق. نىگارە ئاق پىشماققا قاراپ دىمىقىنى قاقتى.
_ ئىككى قىز بالىدىن قورقۇپ شۇنچە ئادەم چاقىرىپ كەلدىڭما؟ تازىمۇ يارىماس نىمىكەنسەن. يامان بولساڭ بىرگە بىر چىق.
ئارىدىكى پاكارراق بىرى پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى:
_ شۆھرەت ئاكام بۇ قىزغا چېقىلماڭلار دېگەن.
ئاق پىشماق كۆزىنى نىگارەدىن ماڭا يۆتكىدى.
_ ئاكام بۇنىڭغا چېقىلماڭلار دېمىدىغۇ؟
ئاق پىشماق شۇنداق دەپ بېلىكىمنى تۇتتى، مەن كۈچەپ سىلكىدىم.
_ دوستۇمنىڭ بىر تال مويىغا تىگىپ بېقىشە قېنى.
مەن شۇنچە كۈچەپ سىلكىسەممۇ ئۇ قولىنى قويۇۋەتمىدى، ئەكسىچە يېنىدا تۇرغان ئىككى ئەر ئىككى بېلىكىمدىن كاپلا قىلىپ تۇتىۋالدى.
_ خانقىز، ماھارىتىڭىزنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، سىز جىم تۇرسىڭىز بىزمۇ سىزگە چېقىلمايمىز. لېكىن قالايمىقان ئىش قىلىدىغان بولسىڭىز يۈزۈمنى قىلمىدى دەپ رەنجىپ قالماڭ ھە. _ دېدى ئاق پىشماق تەھدىت سېلىپ.
نىگارە ئەلۋەتتە بۇ بىر نەچچىسىگە تاقابىل تۇرالايتتى، ئەمما ئۇ مېنى ئويلاپ قالدىمۇ يىنىكلىك بىلەن قول تەگكۈزمىدى. ئۇلار مېنى ئاپىرىپ بىر ماشىنىغا سالدى. ماشىنا قوزغالغاندا نىگارەنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ دوستۇمنىڭ بىر تال مويىغا تېگىدىغان بولۇشساڭ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن.
ئۇلار مېنى يا باغلىمىدى، يا ئاغزىمغا بىر نىمە تىقىپ قويمىدى، پەقەتلا ئىككى ئەر كىشى ئىككى يېنىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا قېچىپ كېتىشكە قىلچىلىك ئىمكانىيەت قويمىدى.
_ مېنى قەيەرگە ئاپىرىسىلەر؟
سول تەرىپىمدە ئولتۇرغان ئاق پىشماق ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ نىمە، قورقۇۋاتامسىز؟ مۇشۇ ھالىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەنما؟ باشقىلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەننىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ_ دېدى.
مەن تېلېفونۇمدىكى پاكىتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېلېفونۇمنى چىڭ سىقىمدىدىم. بىردەمدىن كېيىن ئاق پىشماقنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ:
_ ھە، ئاكا، ئۇ مېنىڭ ماشىنامدا_ دېدى ۋە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇردى.
«ئۇلار مېنى زادى قەيەرگە ئاپىرىدىغاندۇ؟»
داۋامى بار
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















