
بۇ ئەسەرنىڭ 59 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
|||
58-قىسىم
نەرگىزە ناخشىنى ئېيتىپ بولۇشىغا ئۈمىدمۇ تازىلىق ئۆيىدىن يېنىپ چىقتى، ئۆتكۈر ئىككىمىزنىڭ گېپىمىزمۇ شۇ يەردە توختىدى. نەرگىزە يېنىمىزغا كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ھەممىمىز بىلەن بىرەر قۇر سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن فەرۇققا قاراپ:
_ فەرۇق ئاكا، مەن «ياشلىق چوقانلىرى» ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتايمىكىن دېگەن، مۇسابىقە باشلانغاندا ئىشقا كېلىپ بولالماي قېلىشىم مۇمكىن.
فەرۇق خۇشاللىق بىلەن باشمالتىقىنى چىقاردى.
_ يارايسىز، نەرگىزە. ھېچقىسى يوق، ياشلار دېگەن ئارزۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. كېيىن چولپان بولۇپ كەتسىڭىز سىز بىزنىڭكىدىن چىققان چولپان بولىسىز جۇمۇ، شۇ چاغدا كېلىپ ئىككى ناخشا ئېيتىپ بېرىپ خېرىدار يىغىپ بېرەرسىز.
بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. كۆپچىلىك نەرگىزەنىڭ مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن بىر قەدەھتىن ئىچىشتى، ئۈمىد ئاغرىق بولغاچقا چاي ئىچىپلا ئولتۇردى. بىردەمدىن كېيىن ئۆتكۈر يوقاپ كەتتى. ئۇ ياق بۇ ياققا قاراپ ئاخىرى ئۇنىڭ سەھنىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم، ئۇ چاتما دۇمباقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ سىلىغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ بۇرۇن تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىدە چاتما دۇمباق چالىمەن دېگەنتى، ئەلۋەتتە چاتما دۇمباققا ئالاھىدە مۇھەببىتى بار بولىدۇ دە. ئۇ دۇمباق تاياقچىسىنى قولىغا ئېلىپ ئاۋۋال سىناپ بىر نەچچىنى ئۇرۇپ باقتى، ئاندىن رېتىمغا كەلتۈرۈپ چالدى، ئاستا ئاستا پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن چېلىشقا باشلىدى. مېنىڭ ئۇنىڭغا سىز دۇمباق چېلىشقا ماس كەلمەيسىز، دۇمباق چالىدىغان ئادەم قارام كېلىدۇ، لېكىن سىز بەك مۇلايىم دېسەم، ئۇ مېنىڭ قارام تەرىپىمنى سىز تېخى كۆرۈپ باقمىدىڭىز دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. ، ئۇ راست دەپتىكەن. ئۇنىڭ دۇمباقنى چېلىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ماس كەلمىگەندەك ھېس قىلمىدىم. ئۇخۇددى كەسپىي دۇمباقچىدەك ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەتتە چېلىپ مەيداننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى، مېھمانلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ رېتىمغا كەلتۈرۈپ چاۋاك چېلىپ كەتتى. ئۇ چېلىپ توختىغاندا پۈتۈن بەزمىخانىدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىشىپ ئاغزىنى ئىسقىرتىشىپ كەتتى.
ئۆتكۈر ئۈستەلگە قايتىپ كەلگەندە فەرۇق ئۇنى ماختىدى.
_ قالتىسقۇ، ئۆتكۈر. ماھارىتىڭ ئەينى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا تۇرۇپتۇ ، چېكىنمەپسەن.
ئۆتكۈر فەرۇقنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:
_ بىكارغا چېلىپ بەرمەيمەن جۇمۇ، سەن دوستۇم بولغاندىكىن، بەك كۆپ پۇل تەلەپ قىلىپمۇ تۇرىۋالمايمەن.
بۇ گەپتىن ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. نىگارەنىڭ ئاغزى ئېچىلدى.
_ ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۈنىرى بار ئىكەن، بۇلانىڭ ئىچىدە ئەڭ يارىماس ئادەم سىزمۇ نىمە؟
_ يارىماس دەيسىزغۇ، مېنىڭ ھۈنىرىمنى سىز تېخى كۆرۈپ باقمىدىڭىزدە._ فەرۇق خاپا بولغاندەك قىلاتتى.
_ نىمە ھۈنىرىڭىز بار؟ قىز كەلتۈرىدىغان ھۈنەرما؟
نىگارەنىڭ قەستەن فەرۇقنىڭ چىشىغا تېگىۋاتقىنىنى بىلىمەن، ئەمما فەرۇق چاقچاقنى چۈشەنمىدىمۇ قانداق، كىرىشىپلا قالدى.
_ ماقۇل، مەن بۈگۈن كەچتە سىزگە قانداقلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويمىسام ھېساب ئەمەس، سەل تۇرۇپ سىزگە ئاتاپ ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن. قاراپ تۇرۇڭ ھە.
_ قېنى، قۇرۇق پو ئاتماي مەيدانغا بىر چىقىڭە_ دېدى نىگارە.
فەرۇق دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ يىنىك بىرنى يۆتىلىپ قالدى، چىرايىدىن خىجىل بولىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.
_ بەزمىخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلار، مەن بۇ بەزمىخانىنىڭ خۇجايىنى، ئىسمىم فەرۇق. تۆۋەندە مەن ياخشى كۆرگەن قىزىمغا ئاتاپ بىر ناخشا ئېيتىپ بەرمەكچى. مەن ئۇستا ناخشىچىمۇ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەستە ئولتۇرغان مېھمانلار خۇجايىننىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىدىغىنىنى ئاڭلاپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. بىردەمدىلا مۇزىكا باشلىنىپ، فەرۇق ناخشىسىنى باشلىدى.
_ سۆيگەن يارىم ئۆزۈڭ نىگارە،
كۆڭۈل بېغىمغا بولدۇڭ مېھمانە.
تۇيدۇرماستىن كىردىڭ كۆڭۈل بېغىمغا،
بولاي سەن ئۈچۈن مەڭگۈ غەمخانە.
فەرۇقنىڭ ئاۋازى راستلا خېلى يامان ئەمەس، ناخشىنىمۇ ياخشى ئېيتىدىكەن، بۇنىڭدىن ھەيران قالدىم، نىگارەگە قارىسام ئۇمۇ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپلا قاپتۇ. ئۇ باشتىن ئاخىر ناخشىنى نىگارەگە قاراپ تۇرۇپ ئېيتتى، پەستىكى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى فەرۇق بىلەن نىگارەگە قارايتتى. نىگارەغۇ بۇنداق سورۇنلاردا بەك تارتىنىپ كەتمەيتتى، لېكىن بۈگۈن سەل ئەركىن بولالمايۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىرەيلەن كېلىپلا نىگارەنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى. ھەممىمىز فەرۇقنىڭ ناخشىسىغا مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ نىگارەنىڭ يېنىغا كەلگىنىگە ھېچقايسىمىز دېققەت قىلماپتۇق. ئۇ فەرۇقنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئادىلە ئىدى. نىگارە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، مەن ئۇنى تۇتىۋالدىم، نىگارە بەك كۈچلۈك، ئەگەر ئۇ ئادىلەگە قول تەگكۈزۈپ قويىدىغان بولسا چاتاق چىقاتتى. نىگارە مۇشتىنى تۈگۈپ، چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى. ناخشا توختىدى، فەرۇقمۇ بولغان ئىشنى كۆرگەن بولسا كېرەك، مىكروفوننى قويۇپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئادىلە ئاستا كەينىگە داجىدى، ئۇ كەينىگە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىپ بىر بوتۇلكىغا دەسسىۋالدى. ئۇنى تۇتىۋالاي دەپ قولۇمنى سوزغان بولساممۇ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئۇ كەينىچىلەپلا چۈشۈپ كەتتى.
ئۇ يىقىلىپ چۈشۈپ بىر نەچچە سىكۇنت جىم تۇردى، كەينىدىنلا ۋاي بېلىم دەپ ۋاقىراپ جاقىراپ يىغلاپ بەزمىخانىنى بېشىغا كىيدى. بىز بىلەن ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى مىدىر سىدىر قىلماي قاراپ تۇراتتى، مەنمۇ قورققىنىمدىن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قاپتىمەن. نىگارە ئادىلەنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، بۇ ھالەتنى كۆرگەنلەر نىگارەنى ئادىلەنى ئىتتىرىۋېتىپتۇ دەپ قالاتتى.
_ فەرۇق، مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ، بېلىم ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ_ شۇنداق دەپ فەرۇققا قاراپ قولىنى سوزدى ئۇ. فەرۇق ئاڭلىمىغانغا، كۆرمىەەنگە سېلىپ جىملا تۇردى. لېكىن ئادىلە بايىقىدىنمۇ بەكرەك ۋاقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. فەرۇق بۇنداق بولىۋېرىشىنى ئەپ كۆرمىدىمۇ قانداق ، ئاستا ئېڭىشىپ ئادىلەنى كۆتۈردى ۋە نىگارەگە ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە قارىدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇن ياخشى ئۆتكەن بولغاچقا ئادىلەگە ئىچى ئاغرىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، يەنە كېلىپ بىر ئايال بىر ئەرگە مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ دەپ قولىنى سۇنسا، ئەر كىشى بولغان ئادەم كارى يوق تۇرىۋالسىمۇ قاملاشمايدۇ.
_ مېنى ئىتتىرىۋەتتى دەپ ئويلاۋاتامسىز؟
نىگارە ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالغان ئىدى، ئۇنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالىتىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم.
_ تېز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭلار. _ فەرۇق شۇنىڭدىن باشقا گەپ قىلمىدى. بۇ چاغدا مەن نىگارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتىم، ئۇنىڭ سۇس تىرەۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم. لېكىن ئۇ يەنىلا تېلېفونىنى چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىردى. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىنتايىن تېز كەلدى، بىزمۇ كەينىدىنلا دوختۇرخانىغا باردۇق. ئادىلەنى تەكشۈرگىلى ئەكىرىپ كەتتى، بىز سىرتتا ساقلاپ تۇراتتۇق.
_ ئۇ ئۆزى يىقىلىپ چۈشتى، مەن ئىتتىرمىدىم، ئىشىنەمسىز؟_ دېدى نىگارە تامغا يۆلىنىپ تۇرغان فەرۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ.
_ ھەئە. _ دېدى فەرۇق قىسقىلا قىلىپ. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئادىلەنىڭ تەكشۈرۈشى ئاياقلاشقان چېغى، بىر سىستېرا ئۇنى كېسەل كارىۋىتى بىلەن ئىتتىرىپ چىقتى. كەينىدىن دوختۇر چىقتى.
_ بىمار يىقىلغاندا قاتتىق چۈشۈپ كەتكەچكە بېلىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار زەخمىلىنىپتۇ، لېكىن چوڭ ئىش يوق، بىر نەچچە كۈن تۈز يېتىپ، ھەرىكەت قىلماي ئارام ئالسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئادىلەنىڭ بېلى راسلا ئاغرىپ كەتتىمۇ يا ئۇششۇقلۇق قىلىۋاتامدۇ، ئىشقىلىپ يىغلاپ كۆزلىرى ئىشىپ كەتكەن ئىدى. ياتاققا ئەكىرگەندىن كېيىن ئۇ فەرۇقنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرمىدى.
_ فەرۇق، يېنىمدىن كەتمەڭ. بېلىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرالماي قالارمەنمۇ؟ ئەمدى ماڭالماي قالارمەنمۇ؟
فەرۇق ئادىلەنىڭ بۇنداق يالۋۇرۇشلىرىغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالغاندەك تۇراتتى. ئۇ جىددىي بىر ھالەتتە نىگارەگە قارىدى، مەنمۇ تەڭلا نىگارەگە قارىدىم. نىگارە يەنىلا سالماق تۇراتتى.
_ مەن...
فەرۇق گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى.
_ بولدى، دېمىسىڭىزمۇ بىلدىم. ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈن قاراڭ. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ سىزنىڭ بەزمىخانىڭىزدا يىقىلىپ چۈشتى، يەنە كېلىپ ئىككىڭلار دوستكەنسىلەر، ئۇنى بۇنداق يالغۇز تاشلىۋېتىپ كەتسىڭىزمۇ تازا قاملاشمايدۇ_ دېدى نىگارە.
نىگارەنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ھەيران قالدىم. ئادەتتە ئۇنىڭ مىجەزى بەك ئىتتىك، ئۇرىمەن سوقىمەن دەپلا يۈرەتتى، بۇنداق سالماق ھالىتىنى ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايتتى. مەن نىگارەنىڭ مۈرىسىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ تەسەللى بەردىم. ئادىلەمۇ نىگارەنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، كۆزلىرى ياش يۇقى ھالەتتە نىگارەگە قارىدى. بۈگۈن ئۇ نىگارەنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردى، ھازىرغىچە نىگارە ھېچكىمدىن تاياق يەپ باقمىغان، ئەمما بۇنىڭغىمۇ ئېغىرلىق قىلدى. ئادىلەنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ئىشىغا كەلسەك مەن ئۇنى مەقسەتلىك شۇنداق قىلدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ كەينىگە ماڭغاندا پۇتىغا بوتۇلكا ئۇرۇنغان چاغدا يەنە كەينىگە ماڭماي جايىدا توختىسا بولاتتى، لېكىن ئۇنداق قىلمىدى.
بىز كېتىدىغان چاغدا فەرۇق دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغىچە بىللە چىقتى. ئۇ نىگارەنىڭ ئالدىدا خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇراتتى.
_ ئادىلەنىڭ بۇ شەھەردە بىرمۇ ئۇرۇق تۇققىنى يوق، ئۆزى يالغۇز، شۇڭا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتسەم راستلا قاملاشمىغىدەك.
نىگارە ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندى.
_ ھېچقىسى يوق، ئۇنىڭغا سىز قاراڭ. دوختۇر ئۇنى ھەرىكەت قىلماي ياتسۇن دېدىغۇ، چوقۇم يېنىدا بىر ئادەم بولمىسا بولمايدۇ.
فەرۇق كىرىپ كەتكەندىن كېيىن نىگارەنىڭ كۆڭلىنى ياسىدىم.
_ فەرۇققىمۇ ئامال يوق بولۇپ قالدى، نىگار. ئۇنىڭدىنمۇ ئاغرىنما، دېمىسىمۇ قاراپ تۇرۇپ نىمە بولساڭ بول دەپ تاشلاپ قويۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. توغرا چۈشەنگىن ھە.
_ بولدى، كۆڭلۈمنى ياسىما. مېنى مۇھىم بىلسە كېيىنچە بىر گەپ بولار، مۇھىم بىلمىسە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.
نىگارە بۇنداق دېگىنى بىلەن كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى چاقناپ تۇراتتى، ئۇ فەرۇقنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغاندەك قىلاتتى، مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۆزىگە ئىشىنىدىغان خاراكتېرىنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسام بۇنداق تەمكىن تۇرالمايتتىم ھەقىچان.
ئۆيگە قايتقاچ ئۈمىدتىن فەرۇق بىلەن ئادىلەنىڭ ئىشىنى سورىدىم. ئۈمىد ئۇلارنىڭ ئىشىنى سۆزلەپ بەردى.
_ فەرۇق ئادىلە بىلەن يۈرگەندە تېخى بەزمىخانا ئاچمىغان، باشقىلارنىڭ بەزمىخانىسىدا ئىشلەيتتى. مائاشىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بىر بەزمىخانا ئېچىش ئارزۇسى بەك كۈچلۈك ئىدى. مەن ياردەم قىلىمەن دېسەممۇ ئۆزۈم تىرىشىپ تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ ھوزۇرى باشقىچە بولىدۇ دەپ ئۇنىمىغان. ئەڭ دەسلەپتە ئۇلار بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ مۇھەببەتلەشكەن. فەرۇق ئاغزىدا پوڭ پوڭ قىلىپ يۈرگەن بىلەن بىرەر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ئۇنىڭغا پۈتۈن مېھرىنى بېرىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ ئادىلەگە بەك ۋاي دەيتتى. تاپقان پۇلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭغا خەجلەپ بېرەتتى. ئۇنى شۇنداق ئەتىۋارلايتتى.
_ ئەمىسە نىمىشقا ئايرىلىپ كەتكەن؟_ تاقەتسىزلىنىپ سورىدىم مەن. ئۈمىد ماشىنىن يولنىڭ چېتىگە توختىتىپ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ ئاياللارنىڭ ئازراق شۆھرەتپەرەس بولۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن ئادىلە بەكلا تويماس. ئۇ فەرۇقنىڭ مائاشىنى بەك ئاز كۆرەتتى. دەل شۇنداق چاغدا بىر خۇجايىننىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي فەرۇق بىلەن ئايرىلىپ خەقنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالغان.
مۇھەببەت رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قاپتۇ دە.
_ لېكىن مەن قارىسام ئۇ فەرۇقنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇغۇ.
_ ئەمما فەرۇق ھەرگىز كەينىگە يانمايدۇ_ دېدى ئۈمىد كېسىپلا.
_ نىمىشقا بۇنداق دەيسىز؟
_ ئۇنىڭ پۇلى يوق ۋاقتىدا ياراتماي ئايرىلىپ كېتىپ، ئازراق پۇل تېپىپ كۆتۈرۈلگەندە يېنىغا كەلسە كىم قارايدۇ؟ ئەر كىشىدىمۇ غورۇر دېگەن نەرسە بار. ئەر كىشى مەڭگۈ تەنھا ئۆتۈپ كېتىشكە رازىكى بۇنداق ساختا مۇھەببەتكە ئالدىنىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ.
ئادىلەنىڭ بۇ شەھەردە بىرمۇ ئۇرۇق تۇققىنى يوقلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن بەك ئىچىم ئاغرىدى. فەرۇق ئۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم تېپىپ بەردى. مەن دوختۇرخانىغا ئىككى قېتىم ئۇنى يوقلاپ باردىم. ئەسلى نىگارەنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارسام بولمايتتى، لېكىن مېنىڭمۇ بۇ شەھەردە ھېچقانداق ئۇرۇق تۇققىنىم بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ باردىم. مەن ئىككىنچى قېتىم بارغان كۈنى دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
_ فەرۇق، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە بىر مەزگىل ئارام ئالمىسام بولمايدىكەن، يالغۇز قىينىلىپ قالىمەن، سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ تۇرايچۇ_ دېدى ئادىلە ھېچ ئەيمەنمەستىنلا.
_ مېنىڭ قىز دوستۇم بار، مېنىڭكىدە تۇرسىڭىز قاملاشمايدۇ، ئۇ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ_ دېدى فەرۇق كەسكىن قىلىپلا. فەرۇق ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۇنچىۋالا تاش يۈرەك ئادەم ئەمەسكەن، ئۇ ئادىلەنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمىگىنى بىلەن ئۆيىدە قارايدىغانغا ئائىلە خىزمەتچىسى تېپىپ، مائاشىنى ئۆزى چىقىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ماڭاي دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. فەرۇق مېنى ياتاقنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.
_ نىگارەگە چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلساممۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپلا تېلېفوننى قويۇۋېتىشكە ئالدىرايدىغان بولۇپ قالدى. كۆرۈشەيلى دېسەممۇ ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ چىققىلى ئۇنىمايدۇ.
ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن نىگارەگە تېلېفون قىلىپ ئادىلەنى يوقلاپ كېلىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتتىم، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە بارىدىغان بولدى. نىمىلا بولمىسۇن ئايال كىشى يەنىلا ئايال كىشىنىڭ قاياشى دە. فەرۇقتىن ئادىلەنىڭ ئۆيىنىڭ قەيەردىلىكىنى سوراپ، ئۇ دەپ بەرگەن ئادرىس بويىچە باردۇق. بىز بارغاندا ئىشىك ئوچۇق بولۇپ، ئۆيدە فەرۇق بار ئىكەن، ئۇمۇ ھېلىلا كېلىپ تۇرغان بولسا كېرەك. ئادىلە بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپلا بېرىپ فەرۇقنىڭ بېلىكىدىن بېلىكىنى ئۆتكۈزۈپ قولتۇقلىۋالدى.
_ فەرۇق، سىز يېنىمدا بولسىڭىز كۆڭلۈم توق تۇرىدىكەن، بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ھەر كۈنى مېنى كۆرگىلى كېلىڭ ھە. سىز كەلسىڭىز ئاندىن بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشايدىكەن. ماقۇل دەڭە، قەدىرلىكىم. _ ئادىلە شۇنداق دەپ بېشىنى فەرۇقنىڭ مۈرىسىگە قويدى.
فەرۇق بىزگە كەينىنى قىلىپ تۇرغاچقا بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرمىدى.
فەرۇقنى نىمە دەپ جاۋاب بېرە دەپ يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى، ئەگەر ئۇنىڭ ئادىلەگە ھەقىقىي كۆڭلى بولسا نىگارە ئىككىسىنىڭ ئىشى مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ. ئىچىمدە ئۆزۈمنى مىڭنى تىللىدىم. نىمىشقىمۇ نىگارەنى بىللە ئېلىپ كەلگەندىمەن؟ بىكاردىن بىكار كۆڭلى ئاغرىپ قالارمۇ؟ ئاستا نىگارەگە قارىدىم، مەن جىددىيلىشىپ كەتكىنىم بىلەن ئۇ يەنىلا شۇنداق تەمكىن ھالەتتە تۇراتتى. «فەرۇق زادى نىمە دەپ جاۋاب بېرە؟» فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ تەقدىرى فەرۇقنىڭ جاۋابىغا باغلىق بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















