大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 60 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 60 - قىسىم aybarawazi
2023-08-09
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 61 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59






ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

60-قىسىم



       نىگارەنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ فەرۇقمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ كەينىدىنلا سەكرىدى.  مەن قورققىنىمدىن يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم.  بىنادىن سەكرەشكە تەييار بولغان ئادىلە بولسا تېخىچە جايىدا تۇرۇپ ساراڭدەك چىرقىراشقا باشلىدى.  ئۈمىد يېقىن بېرىپ ئۇنى تارتىپ چۈشۈردى.  مەن جانسىز پۇتلىرىمنى سۆرەپ بېرىپ رىشاتكىدىن ئارتىلىپ پەسكە قارىدىم. پەستە مىغ مىغ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بىر يەل كۆرپە تۇراتتى، يەل كۆرپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئادەم مىدىرلىماي ياتاتتى. 

_ ئۇلار ھاياتمىدۇ؟_ دېدىم مەن يىغلاپ تۇرۇپ. 

_ ھاياتلىقى ئېنىق، لېكىن يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن. 

مەن ئۆرۈلۈپلا يۈگۈردۈم. بىز ئۆگزىدىن چۈشۈپ كىتىۋاتقاندا ئادىلە تېخىچە جايىدا مىدىر سىدىر قىلماي ئولتۇراتتى.  مېنىڭچە ئۇ ئەمدى سەكرەيمەن دېمەيدۇ، چۈنكى بايىقى ئۇيۇنى ئاقماي قالدى ئەمەسمۇ.  بىز پەسكە چۈشۈپ ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئالدىغا ئۆتتۇق.  فەرۇق بىلەن نىگارە يەل كۆرپىنىڭ ئۈستىدە كۆزىنى ئېچىپ ياتاتتى، ئۇلار بەك قورقۇپ كەتتىمۇ يا ئېغىر يارىلاندىمۇ ئىشقىلىپ مىدىر سىدىر قىلمايتتى. 

_ سىلەر ساقمۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن. ئاۋازىم تىترەپ چىقىۋاتاتتى.  ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.  مەن بۇرۇن سىستېرا بولغان  بولغاچقا  ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى جەزملەشتۈرۈشتىن بۇرۇن  يىنىكلىك بىلەن مىدراتسا بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.  شۇڭا ئامالسىز قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق.  فەرۇق قولىنى سۇنۇپ نىگارەنىڭ قولىنى تۇتتى. 

_ يېنىڭىزدا مەن بار،  قورقماڭ. 

نىگارە ئاشۇ ھالەتتە يېتىپمۇ يەنە قوپاللىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 

_ قولىڭىزنى تارتىڭە، ساراڭمۇ سىز، نىمىشقا كەينىمدىن سەكرەيسىز؟ 

_ سىز چۈشۈپ كەتسىڭىز، سىزگە بىر ئىش بولسا مېنىڭ ياشىغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى. 

ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەسلى ئۆلۈپ كېتىمەنغۇ دەپ ئويلىغان ئۇلار ھايات قالغىنىنى بىلىپ ئۆزلىرىنى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىدۇ.  بايىقى ئەھۋالنى ئۇلار ئەمەس، مەن قايتا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن.  قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھايات قالغىنى بەك ياخشى بولدى. مەن سەل ئېسىمنى يىغقاندىن كېيىن ئاندىن ئۈمىدتىن يەل كۆرپە قانداق بولۇپ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى سورىدىم، ئۇ بايا ئۆيدىن چىققۇچە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.  ساقچىلار ئالدىن كېلىپ يەل كۆرپىنى تەييار قىلىپ قويغاچقا ئۇلار يەل كۆرپىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپ ھايات قالغان ئىكەن. 

قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىپ ئىككىيلەننى سېلىپ ماڭدى.  بىزمۇ كەينىدىن دوختۇرخانىغا باردۇق. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە فەرۇقنىڭ ئىككى تال قوۋرۇغىسى سۇنغان،  نىگارەنىڭ بىر پۇتى سۇنغانلىقى ئېنىق بولدى.  ھەر ئىككىسى سۆڭەك بۆلۈمىدە ياتىدىغان بولدى. ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىدىغان چاغدا فەرۇق  نىگارە بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇڭلار دەپ تۇرىۋالدى.  ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى كارىۋاتنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ئىككىيلەننىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ئاندىن كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.   شىركەتتىن  تېلېفون كېلىپ، ئۈمىد دوختۇرخانىدا ئۇزۇن تۇرمايلا كەتتى. نىجات ئۇلارنى يوقلاپ كەلدى.

_ ھە، ئاڭلىسام بۇ يەردە بىر تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى بار دەيدۇ، راستمۇ؟_ دېدى نىجات چېقىشىپ. 

_  نىگارەنى تۇتۇپلا ئۇچۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن دەپ كەينىدىن سەكرىسەم بىر چاغدا قارىسام يەردە يەل كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ياتىمەن_ دېدى فەرۇقمۇ چاقچاق قىلىپ. 

_ پوچىلىقىنى، سەكرەيدىغاننى سەكرەپ بوپ تازا پۇشايمان قىلغان بولغىيتتىڭىز؟_ دېدى نىگارەمۇ. 

ئۇلار  ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىز دىيشىپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن نىجات ئىشى بارلىقىنى، ئەتە كىلەي دېسە كۆڭلى ئۇنىماي ئالدىراپ بۈگۈن كەلگەنلىكىنى، ئەتە يەنە  كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. 

 ئۇ ئەكەلگەن ئالمىنى ئاقلاپ ئىككىسىگە يېرىمدىن بەردىم. فەرۇق ئالمىنى يىگەچ نىگارەگە قاراپ كۈلدى. 

_ قارىغاندا ئىككىمىز تازا تېپىشقان بىر جۈپلەر ئىكەنمىز ھە،  يارىلىنىشلىرىمىزنى دېمەمسىز، بىرىمىزنىڭ ئۈستى بەدەن، بىرىمىزنىڭ ئاستى بەدەن، بىر بىرىمىزنى تولۇقلاپ. 

_ كاللىڭىز ئىشلىمەيدىكەن سىز كەينىمدىن سەكرەپ نىمە قىلىسىز دەيمەن، خوپ بولدىمۇ مانا،سىزمۇ يارىلىنىپ ياتتىڭىز_ دېدى نىگارە ئۇنىڭدىن ئاغرىىنىپ. 

_ بايا دېدىمغۇ، سىزگە بىر ئىش بولسا مېنىڭ ياشىغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى. 

راستىمنى ئېيتسام بۈگۈن فەرۇق نىگارەنىڭ كەينىدىن سەكرىگەندە مەن ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم.  مۇشۇنداق ئۆلۈمدىمۇ كۆرۈمدىمۇ بىللە بولالايدىغان ئاشىق مەشۇقلار بولسا نىمىدېگەن ياخشى.  مەن ئىككى  چايداننى ئېلىپ چىقىپ قايناقسۇخانىغا چىقىپ قايناقسۇ ئەكىرىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويغاندىن كېيىن بىرسى قارا دېگەندەك كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئىشىك تۈۋىدە ئادىلە تۇرۇپتۇ. تۇرقىدىن قارىغاندا كىرەيمۇ كىرمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرغاندەك قىلاتتى.  ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقى  ئۆگزىدە تۇرغان ۋاقىتتىكىدىن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىپ تۇراتتى،  ھازىر ئۇنىڭ بېشى چۈشۈپ،  خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغان بالىغىلا ئوخشايتتى.  ئۇ بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ فەرۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. 

_ فە....فەرۇق،  قانداقراق تۇرىسىز؟

 ئۇنىڭ ئاۋازى ئاران پەرق قىلغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن،  لېكىن كۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.  فەرۇق دىمىقىنى قېقىپ ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ قولىدىكى ئالما ئۇرۇقىنى كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلىدى. 

_ ئىشقىلىپ ئۆلمىدىم. 

ئادىلە بېشىنى تۆۋەن سالدى. 

_  مەنمۇ ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشنى بىلمەپتىمەن.  سىزگە زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ئىدى، راستلا. 

فەرۇق ئۇنىڭغا چىرايىنى ئېچىپ قاراپمۇ قويمىدى، نىگارە بولسا تېلېفوندىن بېشىنى كۆتۈرمىدى.  مەن كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم، تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى، ئېلىپ قارىسام نىگارەنىڭ ئۇچۇرى ئىكەن. 

_ نازى، دېگىنە، بىرگە بىر  دەپ مەنمۇ ئۇنى بىنادىن ئتتىرىۋېتەيمۇ يا ۋاي داد دېگۈچە ئۇرايمۇ؟  قارىغىنە ئۇ بىر نىمىنىڭ چىرايىغا، قارىساملا قۇسقۇم كېلىدۇ. 

نىگارەگە قاراپ كۈلكەمنى تەستە بېسىپ  ئۇچۇر قايتۇردۇم. 

_  مەن تېخى سېنى ئۇنى كەچۈرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، فەرۇق ئاق قارىنى پەرق ئېتەلەيدۇ، بۇ ئىشتا ئەلۋەتتە ئۇ خاتا قىلدى. فەرۇقمۇ ئۇنىڭغا ئوچۇق چىراي ئاچمايۋاتمامدۇ ئەنە. 

ئۇچۇرنى ئەمدى يوللىۋېتىپ تۇرسام،  فورما كىيگەن ئىككى ساقچى كىرىپ كەلدى.  ئۇلاردىن بىرسى گەپنى ئۇدۇللا باشلىدى. 

_ سىلەر بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن ئىككىيلەن شۇغۇ دەيمەن.  بىز نەقمەيداننى تەكشۈردۇق ھەم نەقمەيداندا كۆرگۈچىلەردىن ئىگىلىگەن ماتېرىياللارنى رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق  بۇنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش دېلوسى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدۇق. شۇڭا سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرايلى دەپ كەلدۇق، بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار.  

      ئادىلە بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ تىترەشكە باشلىدى.  نىگارە بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ساقچىدىن سورىدى. 

_ ئەگەر بۇ جىنايەت دەپ بېكىتىلسە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟

_  ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،  باشقىلارنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن  مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛  باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى  ئالاھىدە رەزىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېغىر يارىلاندۇرۇپ مىيىپ قىلىپ  قويغانلارغا  ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى  ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. 

ئادىلە ئۆگزىدە نىگارەنى ئىتتىرىۋەتكەن ۋاقتىدا ئاقىۋىتىنىڭ بۇنچىۋالا ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولغىيتتى.  نىگارە  قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتامدىكىن، گەپ قىلمىدى.  ئادىلەنىڭ  قورقۇپ كەتكىنى چىرايىدىن چىقىپلا تۇراتتى، ئۇ فەرۇخقا ئۆتۈنۈش  مەنىسىدە قارىدى.  فەرق ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك، كۆرمىگەندەك  كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالدى.  ئەلۋەتتە ئۇمۇ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى خالىمايتتى.  ساقچى خاتىرىسىنى ئېچىپ تەييار بولدى. 

_ ھە، قېنى باشلاڭلار.  ئەينى چاغدا زادى نىمە ئىش بولغان؟ قانچە تەپسىلىي سۆزلىسەڭلار شۇنچە ياخشى. 

فەرۇق ئېغىز ئاچالمايۋاتقاندەك قىلاتتى.  نىگارە كالپۇكىنى بىر چىشلىۋېتىپ، ئاندىن كۈلكە ئارىلاش ئاھاڭدا:

_  ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا  بىر نەچچە دوستلار ئوينىشىۋاتاتتۇق،  لېكىن ئويۇنىمىز سەل چەكتىن ئېشىپ كىتىپ قالدى.  بولغان ئىش مۇشۇ.  پەستە تۇرغان كىشىلەر نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمىگەچكە بىزنى بىنادىن سەكرىدى دەپ ئويلاپ  ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئوخشايدۇ.  كەچۈرۈڭلار، ئەمدى دېققەت قىلىمىز._ دېدى. 

     نىگارەنىڭ گېپىدىن ھەممىمىز ھەيران قالدۇق، بولۇپمۇ ئادىلەنىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.  ئۇ ئۆز قولى بىلەن بىنادىن ئىتتىرىۋەتكەن ئادەمنىڭ ئەمدى ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتى.  ساقچى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ نىگارەگە قارىدى، قارىغاندا ساقچى ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى. 

_ شۇنداقمۇ؟ راست گەپ قىلىڭلار ھە، قانۇن ئادىل،  قانۇن بىرمۇ بىگۇناھ ئادەمنى جازالىمايدۇ ھەم جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىرمۇ ئادەمنى قانۇن تورىدىن چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. 

_ ئەلۋەتتە راست گەپ قىلىۋاتىمەن. ئەگەر مېنى بىرەسى قەستلەپ ئىتتىرىۋەتكەن بولسا ھازىر سىلەرگە دېمەمدىم؟  راسلا شۇنداق ئىش بولسا ئۇنى تۇتساڭلا ماڭىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ. 

ساقچىلار يەنە بىر نەچچە سۇئال سوراپ خاتىرە قالدۇرىۋېلىپ كەتتى.  ئادىلە كۆز ئالدىدا بولىۋاتقان ئىشلارغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى.  ئارىدىن خېلى ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تەستە ئېغىز ئاچتى. 

_ نىمە ئۈچۈن؟

نىگارە كۈلۈپ كەتتى. 

_   يېنىمغا كېلە. 

ئادىلە بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ بەك تەستە نىگارەنىڭ ئالدىغا باردى.  نىگارە سەل ئۆرە بولۇپ ئادىلەنىڭ قۇلاق تۈۋىگە بىرنى قويدى.   ئادىلە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلىمىغان چېغى، ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدى. 

      _  ئالدىنقى قېتىم بەزمىخانىدا  يۈزۈمگە بىر شاپىلاق ئۇرغانتىڭ، بۇ شۇ شاپىلاقنى قايتۇرۇپ بەرگىنىم. 

نىگارە بايا ساقچىلارنىڭ ئالدىدا ئادىلەنى ئاقلىغان بولغاچقا، ئادىلە ئۇنىڭ بىر شاپىلىقىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.  فەرۇقمۇ يا ئاق  يا كۆك ھېچنىمە دېمىدى. 

_ بىر شاپىلاقنىغۇ قايتۇرۇپ بەردىم، ئەمدى پۇتۇم سۇنغاننىڭ ھېسابىنى قانداق قىلىشىمىز؟

ئادىلە ھۇدۇقۇپ نىگارەگە قارىدى. ھازىر نىگارە ياتقان، ئادىلە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە نولسىمۇ يەنىلا ئادىلە نىگارەدىن قورقۇپ قالغان ئىدى.  نىگارە ئەمدى ئادىلەنى مازاق  قىلىشقا ئۆتتى. 

_ بايا ساقچى كەلگەندە قورقۇپ چىرايىڭدا قان قالمىدى ھە؟ ئۆلۈمدىن قورقمايتتىڭغۇ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئادەم تۈرمىدە يېتىشتىن قورقامدۇ؟

ئادىلە كالپۇكىنى چىشلەپ خېلى تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىز ئاچتى. 

_ فەرۇق كەينىڭىزدىن سەكرىگەن چاغدا ئۇنىڭ ئەمدى مەڭگۈ يېنىمغا قايتىپ كەلمەيدىغىنىنى ھېس قىلدىم.  ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى سىز پۈتۈنلەي ئىگىلەپ بوپسىز، ماڭا قىلچىلىكمۇ ئورۇن قالماپتۇ. 

ئادىلە چىقىپ كېتەي دېگەن يېشىنى سىڭدۈرىۋېتىش ئۈچۈن ئاسمانغا قاراپ تۇرىۋالدى،    بىردەم شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپلا ماڭدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى. 

مەن ئۇنىڭ  فەرۇخقا بولغان مۇھەببىتى ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن، ئەمما ئۇ بۇرۇن بىر قېتىم ئازغان،  ھەم رېئاللىق تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان.  بەلكىم بىر قېتىم ئازار يىگەندىن كېيىن ئاندىن بۇرۇنقىسىنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن،  ئەمما ئازار  بېرىش ۋە ئازار يىيىشلەر ئارقىلىق يەنە قانچە ئادەملەر قايتا بىر يەرگە كېلەلەيدىغاندۇ؟

فەرۇق بىر نەچچە قېتىم گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ يەنە توختاپ قالدى. ئۇنىڭ بايىقى ئىشتا نىگارەدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلىمەن،  لېكىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتسا بولمايتتى،  بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ ئورنىدا ھازىرقى قىز دوستىغا رەھمەت ئېيتسا بۇ تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بولىدۇ دە.  ئاخىرى ئۇ تولىمۇ مەنىسى چوڭقۇر گەپتىن بىرنى قىلدى. 

_ نىگارە، مەن سىزنى مەڭگۈ جېنىمدىن ئارتۇق كۆرىمەن. 

بۇ گەپتىن مەن مۇناسىۋەتسىز ئادەم جېنىمدا تەسىرلىنىپ كەتتىم، نىگارەنىڭ  قانچىلىك تەسىرلەنگىنىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.  گەرچە ئۇ تەسىرلەنگىنىنى بەك ئىپادىلەپ كەتمىسىمۇ لېكىن مەن ئۇنى چۈشىنىمەن.  ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ گەپ قىلدى. 

_ ۋايجان، توخۇ ئەتلىرىم ئۆرلەپ كەتتى، بولدى قىلىڭە. 

نىگارەنىڭ خىجىل بولغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. فەرۇقمۇ كۈلۈپ كەتتى. ئۇلار مەن ئەكىرىپ بەرگەن تاماقنى ئەمدى يەپ بولۇپ تۇرۇشىغا ئۈمىدتىن تېلېفون كەلدى، ئۇ ھېلىلا ئىشتىن چۈشكەنلىكى، مېنى دوختۇرخانىغا ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  كۈز ئايلىرىنىڭ ئاخىرى  بەك بالدۇر قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتەتتى.  مەن دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارىدىم، ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى كۆرۈنمەيتتى. 

«تېخى كېلىپ بولالماپتۇ-دە» دەپ ئويلاپ بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇردۇم. تۇيۇقسىز بىرى مۈرەمگە ئۇرغاندەك قىلدى، كەينىمگە قارىسام ئۈچ ئەر كىشى تۇرۇپتۇ.  ئوتتۇرىدا تۇرغىنى بىر قولىدا مۈرەمنى بېسىپ، يەنە بىر قولىدا بېقىنىمغا بىر نىمە تەڭلىدى، ئىككى تەرەپتىكى  ئەر ئۇنى توسۇپ تۇراتتى.  بېشىمنى پەس قىلىپ قارىسام تىرەپ تۇرىۋاتقىنى پارقىراپ تۇرغان پىچاق ئىدى. 

_ ئەڭ ياخشىسى مىدىرلىماي جىم تۇر، قاراملىق قىلساڭ  مەن سەندىن ئۆتە قاراملىق قىلىپ قويىمەن_ بېلىمگە پىچاق تىرەپ تۇرغان ئەر پەس ئاۋازدا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.

 ئەسلى ئاۋازىمنىڭ بارىچە «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋاقىراي دەپ تۇرغاندا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوغۇزۇمغا بىر نىمە  قاپلىشىپ قالغاندەك ئۈنۈم ئۆچتى.  ھازىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ئادەم خېلى كۆپ، ئەمما ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ كىتىشەتتى، ماڭا، ياق بىزگە قارايدىغانغا ھېچكىمنىڭ چولىسىمۇ تەگمەيتتى.  بىرەرى كۆرگەن ھالەتتىمۇ باشقىلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىشى ناتايىن.  ئالدىمغا بىر ئاق رەڭلىك مىنىبۇس كېلىپ توختىدى. 

_ چىقە_ دېدى ھېلىقى ئادەم پىچاقنى يەنىمۇ بەكرەك تىرەپ.  كىيمىمنىڭ سىرتىدىنمۇ پىچاقنىڭ سوغۇق بىسىنى بىلەلىدىم. «ئۇلار بىلەن تارتىشىپ، چىقمايمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالغان ھالەتتىمۇ ئۇلار چىقمىساڭ مەيلى دەپ تاشلاپ قويۇپ كېتىدىغاندەك قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە يۇۋاشلىق بىلەن چىقاي» دەپ ئويلاپ ئەمدى بىر پۇتۇمنى ئېلىشىمغا ماڭا ئىنتايىن تۇنۇش باۋما ماشىنا  يېقىنلا يەردە توختىدى.   مەن خۇددى ئۈمىد يۇلتۇزىنى كۆرگەندەك بولۇپ،  بېلىمگە تىرىلىپ تۇرىۋاتقان پىچاق بىلەنمۇ كارىم بولماي ۋاقىراپ ئۈمىدتىن ياردەم سورىماقچى بولدۇم،  لېكىن كېچىككەن ئىدىم،  كەينىمدىن بىر قول كېلىپ ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىۋىدى،  ماشىنىنىڭ ئىچىگە يۇمىلاپ كىرىپ كەتتىم ماشىننىىڭ ئىشىكى يېپىلىپ  قوزغالدى. مەن دەرھال ئۆمىلەپ  قوپۇپ ماشىنىنىڭ دېرىزىگە ياماشتىم.   باۋمانىڭ چىرىقى ئۆچۈرىۋېتىلگەن،  لېكىن ئۈمىد ماشىنىدىن چۈشمەپتۇ،  مېنىڭ چىقىشىمنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان بولسا كېرەك.  شوپۇر مىنىبۇسنى بەك تېز ھەيدىدى، تۇنۇش باۋمادىن يىراقلاشقا باشلىدىم، مىنىبۇس بىر ئەگىلمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن باۋمانى كۆرەلمىدىم.  ئۇلاردىن بىرى مېنى مۈرەمدىن ئىتتىرىپلا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئاندىن ئىككى قولۇمنى كەينىمگە قىلىپ، بېغىشىمدىن باغلاۋاتقاندا ئىنتايىن تەمكىن بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا كىردى. 

_ ئالدىرىماي تۇر ، تېزلا كۆرۈشىسىلەر.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k