大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 62 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 62 - قىسىم aybarawazi
2023-08-10
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 63 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

62-قىسىم


        ئىشىكتىن كىرىۋاتقىنى نىگارەنىڭ دادىسى پەرھات دادام ئىدى. پەرھات دادام ئۇدۇل فەرۇخقا قاراپلا كىرىۋاتاتتى.  ئۇنىڭ  ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى سۈرۈشتۈرمەيلا فەرۇقنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ سالام قىلدىم. 

_ تېچ تۇردىڭىزمۇ، پەرھات دادا. 

فەرۇق  مېنىڭ «پەرھات دادا» دەپ چاقىرغىنىمنى ئاڭلاپ دەسلەپتە ھەيران بولدى، كېيىن سەل ئوڭايسىزلانغاندەك يەرگە قارىۋالدى. نىگارەنىڭ دادىسى سالىمىمغا باش لىڭشىتىپ جاۋاب قايتۇرۇپ بولۇپ يەنە فەرۇخقا قارىدى. 

_ نىگارە، مۇشۇنى دەپ بىنادىن سەكرىدىڭما؟ 

سەكرىدىڭما؟ گەپ دېگەن ئاجايىپ شاخلايدىكەن ھە.  نىگارە دىمىقىنى قاقتى. 

_ ئاشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرگە سەنمۇ ئىشەندىڭما؟

_ مەن دوختۇردىن ئەھۋالىڭنى سورىدىم، بىنادىن سەكرىگىنىڭ ئەپقاچتى گەپ بولسا، ھەقىقىي ئەھۋال قانداق ئەمىسە، دېگىنە. 

پەرھات دادام بايىقى گەپلەرگە ئىشىنىپ بولغان ئىدى، ئەمدى ھەرقانچە چۈشەندۈرگەن بىلەنمۇ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. 

_ قانداق ئويلىساڭ ئويلاۋەر، ئىشقىلىپ مەن بىنادىن سەكرىمىدىم. 

   نىگارەنىڭ ئەسلىمۇ دادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىممۇ دادىسىغا ئارتۇق گەپ قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى.  فەرۇق گەپ قىستۇردى. 

_ تاغا، ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئەمەس. 

_ مەن قىزىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا سەن ئارىلاشماي جىم ئولتۇر_  پەرھات دادام فەرۇقنى «سەن»لەپلا چۈشتى، قارىغاندا ئۇ فەرۇقنى قىلچىلىك ياراتمىغاندەك قىلاتتى. 

_ ھازىرلا دوختۇرنىڭ يېنىغا چىقىپ سۆزلىشىمەن، سېنى ئالاھىدە ياتاققا يۆتكەپ قويسۇن_ دېدى پەرھات دادام.  نىگارە دادىسىغا قاراپ كۈلدى. 

_  ۋوي، قۇياش غەربتىن چىقتىمۇ نىمە؟  پەرھات باش دېرىكتور تۇيۇقسىزلا قىزىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ كىتىپتا. 

پەرھات دادام ئامال بار نىگارەگە سىلىق گەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى. 

_ سەن دېگەن مېنىڭ قىزىم تۇرساڭ، ئەلۋەتتە كۆڭۈل بۆلىمەندە، ساڭا كۆڭلۈم بۆلمەي كىمگە كۆڭۈل بۆلىمەن؟

_ نادىرە دېگەن بىر نىمە كەتكەندىن كېيىن يالغۇز قېلىپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم تاپالماي كېلىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈڭ كېلىپ قاپتۇ دە. 

     قارىسام ئەھۋال سەل چاتاق، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. 

_ پەرھات دادا،  نىگارە بۇ يەردە بىر ئوبدان تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا مەن قارايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ. 

پەرھات دادام گېپىمگە ئىرەن قىلماي، فەرۇخقا قاراپ گەپنى ئوچۇقلا دېدى. 

_ يىگىت، سەن قىزىمغا ماس كەلمەيسەن. 

_ قەيىرى ماڭا ماس كەلمەيدىكەن؟ سېنىڭ قىزىڭنىڭ بويى ئالتۇندىن بولغانمىكەن؟  ئۇمۇ ئىككى كۆزى، ئىككى قۇلىقى، بىر  بۇرنى، بىر ئاغزى بار ئادەمغۇ، ماس كەلمەيدىغان قەيىرى بار ئىكەن؟ مېنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتىمەن دەپ جاپا تارتما، مەن ئايرىلمايمەن. 

نىگارە سەكرەپ تۇرۇپ كەتكىلى تاس قالدى.  ھېلىمۇ ياخشى پۇتى ئاغرىق بولۇپ قاپتۇ، بولمىسا راستلا سەكرەپ كىتەتتى.  فەرۇق نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قاراپ تۇرۇپلا قالدى.  پەرھات دادام  بىر فەرۇخقا، بىر نىگارەگە قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاچچىقلانغان ھالدا چىقىپ كەتتى.  ئۇلار ئەمدى مۇھەببەتلىشىپلا نىگارەنىڭ دادىسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.  مەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم.  فەرۇق بېشىنى تاتىلاپ تۇرۇپ ئىنتايىن ئوڭايسىز بىر ھالەتتە ئېغىز ئاچتى. 

_ تاغام ھېچبولمىغاندا مېنى مۇنداق يېرىڭ بولمايدىكەن دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا ئۆزگەرتسەم بولاتتى ئەمەسمۇ. 

_ نىمىنى ئۆزگەرتىسىز؟ دادام بىلەن مۇھەببەتلىشەمسىز يا مەن بىلەنمۇ؟_ دېدى نىگارە. 

  بۈگۈن دوختۇرخانىدىن سەل بالدۇرراق قايتماقچى بولۇپ چىقتىم. بالنىست بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە چۈشۈپ چىقىپ كىتىۋاتسام بىرى چاقىردى. 

_ نازىيە. 

   چاقىرغىنى پەرھات دادام ئىدى.  قارىغاندا ئۇ ئالايىتەن مېنى ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.  نىگارەنىڭ ئىشى توغرىلىق مەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا كېرەك.  ئۇ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي مەقسىتىنى تۈزلا ئېيتتى. 

_ نازىيە،  سىز نىگارەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى.  ئۇ چوقۇم كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنىڭ ھەممىنى سىزگە دەيدۇ.  ماڭا راست گەپنى قىلىڭە، قىزىم. نىگارەنىڭ  بەزمىخانىدا يۈرىدىغان بىر لۈكچەكنى تېپىۋېلىشى، يەنە بىنادىن سەكرىشىنىڭ ھەممىسى ماڭا قىيداپ قىلىۋاتقان ئىشلارمۇ؟ 

   پەرھات دادامنىڭ گەپلىرىدىن  فەرۇقنى كەمسىتكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم.  ئۈمىدنىڭ دادىسىمۇ بۇرۇن مېنى مۇشۇنداق كەمسىتكەن، شۇڭا بۇنداق گەپلەرگە نىسبەتەن مەن ئىنتايىن سەزگۈر.   مەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆزۈمنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن جاۋاب بەردىم. 

_ پەرھات دادا،  فەرۇق بەزمىخانىدا يۈرىدىغان لۈكچەك ئەمەس، بەلكى بەزمىخانا ئاچىدىغان خۇجايىن، ئۇ ئوچۇق مىجەزلىك، تىرىشچان ياخشى يىگىت، لېكىن مىجەزىنىڭ ئوچۇق بولغىنى يامان ئىش ئەمەسقۇ،  ئۇنىڭغا نىمىشقا بىر تەرەپلىمە قارايسىز؟  ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇھەببەت ئەركىنلىكى تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ،  ئادەمنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى تاپمىقى ئاسان ئەمەس،  بۇنى مەن دېمىسەممۇ بىلىسىز. سىزنىڭمۇ ياش ۋاقتىڭىز بوپ باققان، تەنتەك ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولغىيتتى،  مېنىڭچە بۇ خىل ھېسسىياتنى سىز ئوبدان چۈشىنىسىزغۇ دەيمەن. 

پەرھات دادام مېنىڭ بۇنچىۋالا گەپلەرنى قىلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، ئۇلۇغ كىچىك  تىنىپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.  مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇنى قايىل قالماقچى بولدۇم. 

_ پەرھات دادا، بىلىمەن،  نىگارە ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار  تازا ياخشى ئەمەس،  لېكىن مېنىڭچە بۇ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان بەك ياخشى پۇرسەت ئىدى.  نىگارە سىزگە ئۆچ ئەمەس، لېكىن ئۇ سەل كاج،  بۇنى سزمۇ ئوبدان بىلىسىزغۇ. 

بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ پەرھات دادام خېلى ئۇزۇنغىچە ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى ۋە ئاخىرىدا «رەھمەت» دەپ قويۇپلا  ماڭدى.  بىر  ئويلىسام گەپلىرىم ئازراق تەسىر قىلغاندەكمۇ قىلاتتى.  مەن دادا بالا ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 

يېرىم  ئايدىن كېيىن نىگارە بىلەن فەرۇق دوختۇرخانىدىن چىقتى.  شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتتى.  ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلمەيدىغان ئىككى ئادەمگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولغان ئىدى. 

  11-ئاي كىرىپ ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالدى. «ياشلىق چوقانلىرى» ناخشا مۇسابىقىسىغا تىزىملىتىشمۇ باشلىنىپ كەتتى. ھەركۈنى تېلېۋىزوردا ئۇ توغرىلىق ئېلانلارنى كۆرۈپ تۇراتتىم.  ئاڭلىسام سىرتتىن ئۈرۈمچىگە مۇسابىقىگە تىزىملىتىش ئۈچۈن كەلگەنلەرلا نەچچە مىڭ ئادەمكەن. بىر كۈنى ئاشۇ ئېلاننى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۈمىدكە:

_ سىزمۇ تىزىملىتىڭە_ دېدىم.  ئۇ سۇس كۈلۈمسىرىدى. 

_ بىز قېرىدۇق، ئەمدى پۇرسەتنى ياشلارغا بېرەيلى. 

ئۇنىڭ قېرىدۇق دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ چاقچاق قىلدىم. 

_ بوۋا، بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىلە؟ 

ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۈلكىمىزنى تەستە توختاتقاندىن كېيىن ئۇ ماڭا :

_  تاللاش مۇسابىقىسىنى كۆرگۈڭىز بارمۇ؟ _ دېدى. 

_  بارسام بولامدا؟_ قىزىقىپ سورىدىم مەن.  

_ سىزنىڭچىچۇ؟ ئېرىڭىز مۇسابىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلان قوللىغۇچىسى تۇرۇپ بىر نەچچە بېلەتكە ئۆتمىسىمۇ سەت تۇرا. 

مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈنى  مەن نىگارەنى چاقىرىۋالدىم.  ئەلۋەتتە نىگارە كەلگەندىكىن، فەرۇق كەم قالمايدۇ دە.  ئۇ كۈنى ئۆتكۈرمۇ دەم ئالغان ئىكەن، ئۇمۇ كەلدى.  تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ تۇرۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ياش ئوغۇل قىزلار ئىدى. ھەممىسى شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ئېنىقكى ھەممىسىنىڭ قەلبىدە چولپان بولۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى.  ئۇلار بىر بىرىدىن كېلىشكەن، بىر بىرىدىن چىرايلىق، مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كەلگىنى چىقىپلا تۇراتتى. نىگارە ئىككىمىز بىر چەتتە تۇرۇپ ئۆچىرەتتە تۇغانلارنى  قارا ئاۋۇ سېمىزكەن،  ئاۋۇ بالا بەك چىرايلىقكەن،  ۋاي ئۇ قىز بالىمۇ ئوغۇل بالىمۇ دىيىشىپ كۈلۈشۈپ تۇراتتۇق.  ئورۇق كەلگەن، ئېگىز بىر قىز ئۆچرەتتە تۇرۋاتقانلارنىڭ رېتىدىن چىقىپ ئۈمىدنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.  مەن باشقا بىر قىز بالىنىڭ كېلىپ ئېرىمنى قۇچاقلىشىغا قاراپ  ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. نىگارەمۇ بىردە ئۇلارغا، بىردە ماڭا قاراپ نىمە قىلىشىنى، نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى. 

ئۈمىد ئۇنى ئىتتىرىپ ئۆزىدىن سەل نېرى قىلدى ۋە سورىدى. 

_ قاچان كەلگەنتىڭىز؟ 

قىز  بېرىپلا  ئۈمىدنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئەركىلىدى ۋە كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلگەندىكى ئاۋازىمۇ شۇنچىلىك زىل ۋە يېقىملىق ئىدى. 

_  نىمە،  ھەيران قالدىڭىزمۇ؟  مەن سىزنى ھەيران قالدۇرىۋېتىمەن دېگەنتىمغۇ، ئەسلى تۇيۇقسىزلا ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ  سىزنى بىر قورقۇتىۋېتەي دېگەنتىم، لېكىن   ئويلىمىغان يەردىن بۇيەردە سىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. 

ئۇنىڭ گېپىنى  ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ تېلېفونىدا كۆرگەن ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كەلدى. ئەجىبا ئۇچۇر  ئەۋەتكىنى ئالدىمدا تۇرغان مۇشۇ قىز شۇمىدۇ؟ بۇ قىزنىڭ ئىسمىمۇ نازىيەمىدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ھېلىقى نازىيە بىلەن بىرەر ئالاقىسى بارمىدۇ؟ بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى  بىلەن قىزغا قايتىدىن سەپسېلىپ قارىدىم، ئۇ نازىيەگە راستلا ئازراق ئوخشاپ قالىدىكەن. 

_ ھەي ھەي، خەقنىڭ خوتۇنى بار، خوتۇنىنى قارىتىپ قويۇپ، ئېرىنى ھېلى قۇچاقلايسىز، ھېلى بوينىغا ئېسىلىسىز، ئەمدى سەل ئېشىپ كەتتى ھە_ مەن جىم تۇرغان بىلەن نىگارە چىدىمىدى بولغاي، گەپنى تۈزلا دەۋەتتى.  ئۇ قىز بوينىنى سوزۇپ ئۈمىدنىڭ كەينىدە تۇرغان  ماڭا قارىدى.  ئۈمىد ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرغان قوللىرىنى چۈشۈرىۋېتىپ،  ئۆرۈلۈپ مېنى مۈرەمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ تۇنۇشتۇردى. 

_ بۇ ياق مېنىڭ ئايالىم، ئىسمى نازىيە. 

ئۈمىدنىڭ تۇنۇشتۇرغىنىدىن كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشتى. 

_ بۇ ياق رازىيە._ دەپ تۇنۇشتۇردى ئۈمىد.  رازىيە ئىسىملىك بۇ قىز مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىغاندىن دەماللىققا چۆچۈپ بىر ماڭا بىر ئۈمىدكە جىددىي قارىدى ۋە بىردەمنىڭ ئىچىدە يەنە ئېسىنى تېپىۋالدى.  مەنمۇ  ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، چۈنكى  نازىيە دېگەن ئىسىم بىلەن رازىيە دېگەن ئىسىم بەكلا يېقىن،  خۇددى ئاچا سىڭىللارنىڭ ئىسمىدەكلا.  كاللامغا بۇ خىيال كېلىشى بىلەن ئۇ قىزغا قايتىدىن قارىدىم.  ئۇنىڭ بويى ئېگىز،  پەمىمچە بىر مېتىر 70 سانتمېتىر  كېلەرمىكىن.  ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك  كىيىۋالغان بولۇپ، كۆڭلەكتىن ئۇزۇن پۇتلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  چېچىنى چوققىسىغا چىقىرىپ تۈگۈۋالغان، ئىشقىلىپ ئۇ قىز بېشىدىن ئايىقىغىچە كىشىگە بىر خىل تاتلىق، ئۇماق تەسىر بېرەتتى.

_ ياخشىمۇسىز؟_ يالغاندىن بولسىمۇ ھىجىيىپ قوياي دېسەم شۇنىمۇ قىلالمىدىم.  

_رازىيە، بۇ سىزما، ساقام؟_ يېنىمىزدا فەرۇقنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.  رازىيە فەرۇخقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. 

_ فەرۇق ئاكا، بۇ سىزكەنسىزغۇ، مېنى تۇنۇيالماي قاپسىز دە ھە؟ مەن شۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كىتىپتىمەنما؟

_ بەك ئۆزگىرىپسىز، قىز بالا چوڭ بولسا رەڭ تۈزەپ كىتىدىكەن. كىچىكلا قىز ئىدىڭىز، مانا چوپچوڭ بولۇپ كىتىپسىز ئەمەسمۇ. 

رازىيە ئۆتكۈر بىلەنمۇ سالاملاشتى. ئۆتكۈر ئۇنىڭغا سۇسلا كۈلۈپ قويۇپ ماڭا قارىدى.  كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەندىشە چىقىپ تۇراتتى.  

_ ۋاي ۋۇي، سىلەر مۇسابىقە كۆرگىلى  كەلگەن ئوخشىمامسىلەر ئادەمنى خىجىل قىلىپ.  تازا جىددىيلىشىپ كېتىدىغان بولدۇم دە_ دېدى رازىيە تۇيۇقسىزلا. 

_ جىددىيلەشكۈدەك ئىش يوق،   ئادەتتە قانداق بولسا شۇنداق ئېيتسىڭىزلا بولىدۇ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ_ دېدى ئۈمىد.   رازىيە ئۈمىدنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتتى. 

_  رەھمەت، ئۈمىد ئاكا، مەن چوقۇم تىرىشىمەن. 

ئۇ  قاتارغا كەتكەندىن كېيىنمۇ مەن خېلىغىچە ئەسلىمگە كېلەلمىدىم.  بۇ يەرگە كەلگىنىمگە سەل پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم.  رازىيە سەپكە بېرىپ تىزىلىپ تۇرغىنى بىلەن بىردەم بىردەم بىز تەرەپكە قارايتتى.  بىر قېتىم بىزگە قارىغىنىدا مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ قاپتىمەن، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى.  ئۇ ماڭا قاراپ كۈلمىدى، ھەتتا كۆزلىرىدىن مەنمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان غەلىتە بىر نۇرنى ھېس قىلىپ قالدىم.  كۆزۈمنى بىر يۇمۇپ ئاچسام ئۇ يەنە بايىقى يالغان كۈلكىسى بىلەن تۇراتتى.  بۇنى كۆرۈپ بايىقىسى مەندىكى خاتا تۇيغۇ ئوخشايدۇ دەپ قالدىم.  ئەمما  كۆز ئالدىمدا ئۇ پەيدا بولغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ نىمىشقىدۇر يۈرىكىم ئەنسىز تىپچەكلەشكە باشلىغان ئىدى.  ئۈمىد بەك چاندۇرۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۈمىدنىڭ ئۇ قىزغا ئالاھىدە كۆزدە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.  كېيىن سەپتە يەنە بىر تۇنۇش چىراي كۆرۈندى، ئۇ فەرۇقنىڭ بەزمىخانىسىدا ناخشا ئېيتىدىغان نەرگىزە ئىدى.  ئۇ ئۇچىسىغا ئاددىيغىنە ئاق مايكا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان،  بېشىغا كۈن توسۇش شەپكىسى  كىيىۋالغان مۈرىسىدە بىر گىتار ئېسىقلىق ئىدى.  ئەتراپدىكى ھەر خىل ھەر ياڭزا ياسىنىۋالغان رىقابەتچىلىرىگە قارىغاندا ئۇنىڭ بۇ تۇرقى تولىمۇ ئاددى ساددا ئىدى.  ئۇمۇ بىزنى كۆردى ۋە بىزگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلدى.  ئۇ بىر قولى بىلەن گىتارنىڭ سېپىنى چىڭ تۇتىۋالغان بولۇپ جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.  فەرۇق ئۇنىڭغا قاراپ ۋاقىرىدى. 

_ غەيرەت قىلىڭ ، نەرگىزە. 

مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار بىر بىر لەپ كىرىشكە باشلىدى.  ئۈمىد تۇيۇقسىز مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ سۈرەتكە  ئېلىش زالىغا قاراپ ماڭدى. قالغانلارمۇ كەينىمىزدىن ئەگەشتى.  ئۈمىدكە بېرىلگىنى ئەزىز مېھمانلار بېلىتى بولغاچقا بىزنىڭ ئورنىمىز خېلىلا ئالدىدا  بولۇپ سەھنىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن.  مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا ھەر بىر ماھىرغا بېرىلىدىغان ۋاقىتمۇ چەكلىك ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم ماھارەت كۆرسىتىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن.  شۇڭا ئۇلار باھالىغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن  كىيىنىشلىرىدىن تارتىپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.  پۈتۈن سۈرەتكە ئېلىش زالى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن،  لېكىن مەن ئازراقمۇ ئېچىلالمايۋاتاتتىم.  ئىچىدە ئولتۇرۇپ بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى،  شۇنىڭ بىلەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي دەپ ئاستا يېنىپ چىقتىم.

 تېلېۋىزىيە ئىستانىسىغا بۇرۇن كېلىپ باقمىغاچقا بىر نەچچەيلەندىن سوراپ يۈرۈپ تازىلىق ئۆيىنى ئاران تاپتىم.  تازىلىق ئۆيى بىلەن سۈرەتكە ئېلىش زالىنىڭ ئارىلىقى خېلى بار ئىكەن، ئىككى ئەگىلمىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بارىدىكەنمىز.   تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپلا  كارىدوردا تاماكا چېكىپ تۇرغان ئۆتكۈرنى كۆرۈپ قالدىم. 

_ چىقىۋاپسىزغۇ؟_ سورىدىم مەن ئۆتكۈردىن. 

_ ئىچىدە ئادەم بەك كۆپ، بەك دىمىق، ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، شۇڭا ئازراق شامالداي دەپ چىققانتىم.  راستىمنى ئېيتسام مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، سەۋىيە تەكشى ئەمەس، بەزىلەر قانداق بولىدىكىن دەپلا كېلىپ باققاندەكمۇ قىلىدۇ، پەقەتلا كۆرگۈم كەلمەي قالدى. 

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم.  ھەر ئىككىمىزنىڭ ئىچىمىز سىقىلىپ كەتكەچكە سۈرەتكە ئېلىش زالىغا كىرىشكە ئالدىرىماي كارىدوردا بىردەم تۇردۇق. 

_ رازىيە نازىيەنىڭ سىڭلىسى_ دېدى ئۆتكۈر تۇيۇقسىزلا. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k