大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 1- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 1- قىسىم aybarawazi
2023-06-11
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !




بۇ ئەسەرنىڭ 2 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




























ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

1- قىسىم

ئەزىمەت بىلەن توي قىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ ماڭا تازا قىزغىن ئەمەس ئىدى. بويۇمدا قالغاندىن كېيىن «ھامىلىگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن» دېگەننى باھانە قىلىپ تېخىمۇ  يېنىمغا كەلمەس بولدى، ھەتتا كۇتۇپخانا ئۆيگە كۆچۈپ چىقىپ ياتىدىغان بولىۋالدى.  مەن ئەمدى 26  ياشقا كىردىم، يالغۇز ئۆيدە غېرىبسىنمايمەن دېسەم يالغان بولۇپ قالىدۇ.  ھەتتا  بىر قېتىم مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، مۇتەخەسىسىتىن يولدىشىمنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدىم،  مۇتەخەسسىس ئۇنى ئاياللارنىڭ بەدىنىنى بەك كۆپ كۆرۈپ كەتكەنلىكتىن  شۇنداق بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دېدى.   ئەزىمەت تۇغۇت دوختۇرى بولغاچقا، بۇ خىل ئېھتىماللىقنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى.  لېكىن بىر ئىش مېنى گۇمانغا سېلىپ قويدى.  ئۇ كۇتۇپخانىغا كىرىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالاتتى، بۇ ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم بولمىسا، ئۇ كىمدىن ئېھتىيات قىلىدىغاندۇ؟ مەندىنمۇ؟ بۇ ئىش كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن بولۇپ قالدى.  

بىر كۈنى ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي ئۇ ئىشقا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىردىم. كۇتۇپخانىنىڭ بېزىلىشى ئىنتايىن ئاددى، پاكىزە، رەتلىك.   ئۈستەلنىڭ تارتمىسىغا قۇلۇپ سېلىپ قويۇلغان  ئىدى.  بۇ ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنىڭ مەندىمۇ بىر تال ئاچقۇچى بار ئىكەنلىكىنى ئەزىمەت بىلمەيتتى. ئەلۋەتتە مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاچقۇچنى ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىقچە كۆرىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېھتىيات ئۈچۈن ئېلىپ قويغان ئىدىم.

تارتمىدا بىر قىسىم ئىشخانا بۇيۇملىرىدىن باشقا نەرسىمۇ يوق ئىدى. مەن «ئۇف» دەپ بىرنى تىنىۋېتىپ، تارتمىنى قۇلۇپلاپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىدىن ئۆتىۋېتىپ، ئىختىيارسىز  كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى ياستۇققا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.  ياستۇقتا   قۇڭۇر رەڭلىك ئىككى تال بۈدۈر چاچ سوزۇلۇپ ياتاتتى. مەن ئادەتتە چېچىمنى بويىمايمەن، يەنە كېلىپ مەن بۇ كۇتۇپخانىغا ئەزەلدىن كىرىپمۇ باقمىغان، دېمەك بۇ چاچنىڭ مېنىڭ چېچىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى ئەخلەت سېۋىتىگە  تاشلاپ قويۇلغان قەغەزلەردىن قانداقتۇر بىر بەدبۇي پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ئەجىبا ئەزىمەت بۇ ئۆيگە بىر ئايال كىشىنى يوشۇرۇپ قويغانمىدۇ؟ بۇ خىيال كاللامغا كەلگەن ھامان خىيالىمدىن ئۆزۈممۇ چۈچۈپ كەتتىم.  دەرھال كۇتۇپخانىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، بۇ يەردە ئادەم يوشۇرۇپ قويغىدەك جايمۇ يوق.  ئارتۇق ئويلاپ كەتتىممۇ قانداق؟ يەنە كېلىپ ئەزىمەتنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،  ئۇ ھەرقانچە ئۇنداق ئىشنى قىلغۇسى بولسىمۇ سىرتقا چىقىدۇ،  ئۆيگە بىرەر ئايالنى ئەكىلىپ يوشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس.  بۇ چاچ بەلكىم ئۇنىڭ بىرەر خىزمەتدىشىنىڭ چېچىدۇ ، ياكى بىرەر بىمارنىڭ چېچى كىيىمىگە چاپلىشىپ قالغاندۇ؟ شۇنداق دەپ ئۇنى ئاقلىغىنىم بىلەن ئۇنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ يەنىلا كۆڭلۈم يېرىم بولدى.

كىچىكىمدىن ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى ئەمەس ئىدى.  مەن 10 ياشقا كىرگەن يىلى، دادام ماشىنا ھادىسىسىگە يۇلۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالدى.  مەن توردىكى ئىسمى «چايكا» دەيدىغان بىر ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشۇمنى تاماملىدىم. شۇڭا مەندە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى كۈچلۈك،  ئەزىمەت مېنىڭ ئېرىم بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا بەك ئەركىن بولالمايمەن.

چۈشتىن كېيىن،  مەن  ئادىتىم بويىچە تاللا بازىرىغا كۆكتات سېتىۋالغىلى باردىم،  ھاراق تاماكا رايونىدىن ئۆتىۋاتقاندا ئۆزۈمچە بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق ئالغۇم كېلىپ  قالدى.

ئەمما ئۇ بۈگۈنكى كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك خېلى كەچ بولغۇچە قايتىپ كەلمىدى. ئۇ قايتىپ كەلمىگەنچە بىئارام بولدۇم، كۆزۈم ھە دېسە ئۈستەلدىكى قىزىل ھاراققا چۈشۈپ توختاپ قالاتتى.  ئاخىرى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم.  سائەت 10دىن چارەك ئۆتكەندە ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى.   مەن  بىر ياقتا مۈكۈنۈپ تۇرۇپ، ئەزىمەت ئۆيگە كىرىشىگە «پوھ» دەپ ئالدىغا چىقىپلا سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم، ئەزىمەت مېنى تۇتىۋالدى ۋە شۇئان  قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

_ھاراق ئىچتىڭىزما؟

مەن ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ «ئازراقلا» دېدىم.

ئەزىمەت جايىمدا تۈزمۇ تۇرالمايۋاتقان مېنى ئەيىبلەشكە باشلىدى:

_ سىز ھامىلدار تۇرسىڭىز، ھاراق ئىچسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

مەن بېشىمنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، راستلا مەس بوپ قالغان ئادەمدەك ئەركىلەشكە باشلىدىم.

_ مەن تاماقمۇ يىمەي سىزنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، خېلى ساقلىساممۇ كەلمىدىڭىز.  ئاخىرى چىدىماي ئۆزۈم يەۋەردىم. بۈگۈن توي قىلغانلىقىمىزنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى بولغاچقا ئازراق قىزىل ھاراق ئىچتىم شۇ، بالىغا  تەسىرى بولمايدۇ.

_ كۆپ ئىچىۋاپسىز، سىزنى ھۇجرىغا ئەكىرىپ قوياي.

ئەزىمەت مېنى يۆلەپ ھۇجرىغا ئېلىپ كىرىپ، كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، دەرھال ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىۋېلىپ ماڭغىلى قويمىدىم.   ۋە ئۇنىڭغا  قاراپ تۇمشۇقۇمنى سوزدۇمقەدىرلىكىم، مېنى سۆيۈپ قويۇڭ».

ئۇ ئۆزىمۇ خالىمىغان بىر رەۋىشتە مېنى سۆيۈپ قويۇپلا ھۇجرىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى.

_ نازى، بۇنداق قىلماڭ،  بالىغا زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن.

مەن ئۇنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەي كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرىۋالدىم.  قاراشلىرىمدا ئەركىلەشمۇ، كۆڭلۈمدىكى ئۇۋالچىلىقمۇ بار ئىدى.

_ سىز دوختۇر، ئوبدان بىلىسىزغۇ، ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كېيىن ھېچنىمە بولمايدۇغۇ؟_، دېدىم.

لېكىن ئۇ يەنىلا مېنى ئىتتىرىۋېتىپ، گالىستۇكىنى يېشىپ، «يۇيۇنىۋالاي» دېدى.

ئەمەلىيەتتتە مەن قىزىل ھاراقنى ئىچمىگەن، پەقەت ئۇنى ئۇ يەر بۇ يېرىمگە چېچىۋالغان ئىدىم.

مونچىدىن سۇنىڭ «شار شار»قىلىپ چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن سۇ توختىدى.  ئەزىمەت مونچىدىن چىقىپ، ساپما  كەشنى شىپىلدىتىپ، ھۇجرىنىڭ ئالدىدا توختىماي ئۆتۈپ كەتتى.  كەينىدىنلا كۇتۇپخانا ئىشىكىنىڭ يېپىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

مەن يوتقاندا بىر سائەتتەك ئۇيان بۇيانغا ئۆرۈلۈپ يېتىپ، ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، نائۇشنىكنى قۇلىقىمغا تىقىپ،  تېلېفونۇمغا ئۇلىۋالغان مەخپىي تىڭشىغۇچنى ئاچتىم.  بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۆكتات سېتىۋالغىلى چىققاندا مەن مەخپىي تىڭشىغۇچتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم.  كۇتۇپخانىنى بېزىگەندە  ئالايىتەن ئاۋاز توسىدىغان قىلىپ بېزىگەن، ئەمما ئەزىمەت مېنىڭ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ قويۇپ قويىدىغانلىقىمنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ دە.  نائۇشنىكتىن ئۇنىڭ تونۇش پۇشۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئۇ زادى مېنى ياخشى كۆرمەمدۇ؟ نىمىشقا ئىتتىرىۋېتىدۇ؟»

مەن مۇشۇ خىيالنى قىلىۋاتقاندا نائۇشنىكتىن چىققان ئاۋاز مېنى چۈچۈتىۋەتتى.

_ سىز بەك قالتىس، قوزام،   سىزنى سۆيىمەن.

_ قەدىرلىكىم،  ئاۋازىڭىز بەك يېقىملىق جۇمۇ.

ئەزىمەتنىڭ يېقىىملىق ئاۋازى قۇلىقىمدىن كىرىپ يۈرىكىمگە بېرىپ توختاپ قالدى. ئۈستۈمدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم.  كەينىدىنلا يەنە بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىككىيلەن بىر بىرىنى بىردەم ئەركىلەتتى.....

ئاۋازىم چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئاغزىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم، ئەمما يامغۇردەك چىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى تۇتۇپ قالالمىدىم.  ئەزىمەتنىڭ ھەربىر ئېغىز گېپى، ھەر بىر ھاسىراشلىرى يۈرىكىمگە خەنجەر بولۇپ ئۇرۇلىۋاتاتتى.  داۋاملىق ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى،  قۇلىقىمدىن نائۇشنىكنى ئېلىۋېتىپ، ئىككىى تىزىمنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ ياتتىم.  تۇمۇز ئىسسىق بولسىمۇ، مەن توڭلاپ لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتىم، يوتقانمۇ  يۈرىكى مۇزلاپ كىتىۋاتقان مېنى ئىسسىتالمىدى.   كېچىچە قانچىلىك ياش تۆككىنىمنى بىلمەيمەن، قىسقىسى بىر كىرپىك يۇمماي تورۇسقا قارىغان پىتى تاڭ ئېتىپ كەتتى.

ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ يېنىدا  بىر ئايال بار ئىكەنلىكىگە ئۆزۈمنى ئىشەندۈرەلمىدىم، چۈنكى كۇتۇپخانىدا بىرەر ئادەمنى يوشۇرۇپ قويغۇدەك جاي يوق.  بىردىنبىر ئېھتىماللىق بەلكىم ئۇ بىرەر ئايال بىلەن تېلېفوندا ۋىدىيولۇق پاراڭلاشقان بولسا كېرەك.

زادى قانداق ئىشتۇ؟

مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىپ قويغاندىن كۆرە مىكرو تىپتىكى كامېرا ئورنىتىپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. بىر كېچە ئويلاندىم، دەسلەپكى ئازابلىق تۇيغۇلىرىم خېلى پەسكويغا چۈشتى. بۈگۈن كۇتۇپخانىغا يەنە بىر قېتىم كىرىپ بېقىشنى قارار قىلدىم.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئەزىمەت ئىشقا كەتكەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئالدىرىمىدىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئورنۇمدىن تۇرغۇدەك جۈرئىتىم يوق ئىدى. بىرەر يىپ ئۇچى تېپىشقا شۇنچىلىك ئالدىراپ تۇرساممۇ، ئەمما ھەقىقىي ئەھۋالنى قوبۇل قىلالماي قېلىشىمدىن قورقۇپمۇ تۇراتتىم.  

شۇنداق ئويلا ئويلا ئاخىرى سائەت ئوندىن ئاشقاندا ئورنۇمدىن تۇردۇم....ئاستا مېڭىپ كۇتۇپخانىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.  تۆنۈگۈن كەچتە ئاڭلىغان ئاۋازلار ئېسىمگە كېلىپ يۈرەك سوقۇشۇم تېزلىشىشكە باشلىدى. «مېنى زادى قانداق بىر ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ ھە؟»

كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكنى ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا سىرتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەزىمەت قايتىپ كەلگەن ئىدى.

مەن دەرھال قولۇمنى تۇتقۇچتىن تارتىۋېلىپ، قەستەن كۇتۇپخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان قىياپەتتە مېڭىپ مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم، ئاندىن ئىنتايىن تېزلىك بىلەن تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدىكى تىزگىنەكنى ئېلىپ تېلېۋىزورنى ئاچماقچى بولدۇم. جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن تىزگىنەك كۇنۇپكىسىنى بىر نەچچە قېتىم بېسىپ تېلېۋىزورنى ئاران ئاچتىم.

ئەزىمەت كېلىپ ماڭا بىردەم قاراپ تۇردى، مەن ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى سېزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، كىچىچە يىغلاپ چىققاچقا قاپاقلىرىم ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئارتۇق گەپ سورىماي،  روخسەت سوراپ كەلگەنلىكىنى، مېنى ساياھەتكە ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بىر خىزمەت مەستانىسى، بىز توي قىلغاندا  ھەتتا شىرىن ئاي ئۆتكۈزۈشنىمۇ رەت قىلىپ ئىشقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا روخسەت سوراپ ساياھەتكە بارماقچى بولغىنىدىن ھەيران قالدىم.  ئۇ چۈشەندۈرۈپ ئادەتتە خىزمەت بىلەن بولۇپ، ماڭا كۆڭۈل بۆلەلمىگەچكە ۋاقىت چىقىرىپ ھەمراھ بولماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تۆنۈگۈن كەچتە ھېلىقى ئىشلارنى ئاڭلاپ قالغاچقا، ماڭا ئۇنىڭ گەپلىرى يالغاندەك بىلىندى . مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرەر مەنالارنى بايقىۋېلىشىمنى   ئۈمىد قىلاتتىم. ئەمما ئۇ شۇنچىلىك تەمكىن، ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغاندەك قىلمايتتى،  ئەكسىچە مەن ئۆزۈمنى ئارتۇقچە ئويلاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئازراقلا نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىنادىن چۈشتۈم. مەن ھازىر كىچىك بالا ئەمەس، ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلىمايدىغان قىزىققان ۋاقىتلىرىم كەتتى.  شۇڭا ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلىشىشتىن بۇرۇن  چاندۇرماي تۇرۇشنى لايىق تاپتىم.  مەن تېخى ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىپ قېلىپمۇ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرالىغان چېغىمدا ئۆزۈمنى تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتۈم دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما خاتالىشىپتىمەن.  مەندە يېشىمغا مۇناسىپ سالماقلىق يىتىلگەن بىلەن، ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان ئىقتىدار يېتىلمەپتىكەن.  مەن ئۆز ئايىقىم بىلەن ئۇ قۇرغان توزاققا دەسسەپتىمەن ئەمەسمۇ.

بىز بارىدىغان جاي ئانچە يىراقمۇ ئەمەس، شەھەردىن ئىككى سائەت كېلىدىغان جايدىكى كىچىك تاغلىق بىر بازار ئىكەن. بۇ بازاردىكى ساياھەتچىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەر ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، يېزىدىكى يالغۇز ياغاچ ئۆيلەر ئىكەن. ئەزىمەت تاللىغان ئۆي تاغقا يېقىن، سەل چەترەك جايدا ئىكەن، ئۇ بۇ يەر جىمجىتكەن، شۇڭا مۇشۇ ئۆينى تاللىدىم دېدى.  ماشىنىنىڭ كەينى كوزۇپىدىن يۈك تاقىنى ئېلىۋاتقاندا، ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرى ساندۇقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مەن گاڭگىرىغان بىر نەزەردە ئەزىمەتكە قارىدىم، ئۇ دەرھال چۈشەندۈرۈپ:«  سىزنىڭ بويىڭىزدا بار، ھەر ئېھتىمالغا قارشى دەپ سېلىپ قويدۇم» دېدى. نەرسە كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  كىچىك بازارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر نەچچە  مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىپ ئايلاندۇق.  مەن ھامىلدار بولغاچقا بەك تېز ماڭالمىدىم، ئۇمۇ ئالدىرىماي مەن بىلەن تەڭ ماڭدى، تاغقا چىققاندا قولۇمنى تۇتىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر گەپ-سۆز، ئىش ھەرىكەتلىرىدىن باشقىلار ئۇنى بەك ياخشى ئەركەن، ئايالىغا بەك كۆيۈنىدىكەن، ئاسرايدىكەن دەپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. ھەتتا مەن ئۆزۈممۇ  تۆنۈگۈن كەچتە مەن بەك ئارتۇق ئويلاپ كەتتىممۇ قانداق؟  بەلكىم ئۇ بىرەرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولغىيتتى، دەپ ئويلىدىم.
   يېرىم تاغ قاپتىلىغا بارغاندا سەل ھېرىپ قېلىپ، شىپاڭدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالدىم. ئەزىمەت تاغ باغرىدىكى شۇنداق چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرسىتىپ سىزنى سۈرەتكە تارتىپ قوياي دەپ تۇرىۋالدى.  مەن بىر تال گۈلنىڭ يېنىدا تۇرىۋىدىم، ئۇ بۇ يەر سۈرەتكە چىرايلىق چىقمايدىكەن دېدى،  شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە كەينىمگە  بىر نەچچە قەدەم يانغىنىمنى بىلىمەن، پۇتۇم سېرىلىپ كېتىپ تاغدىن دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتتىم.  دومىلاپ چۈشىۋېتىپ قورسىقىمدىكى بالا ئېسىمگە كېلىپ، كۈچلۈك بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە بىر دەرەخنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم.  ئەمما دەل شۇ ۋاقىتتا قورسىقىم قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى، پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇپ تۇرغان بولسىمۇ، دەرەخنى قويۇۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ماڭا بىر ئىش بولىدىغاندەك، قورسىقىمدىكى بالىغا خەۋپ يېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.  ئۇزۇن ئۆتمەي، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە خىزمەتچى خادىملار  كېلىپ ئەتراپىمغا ئولاشتىمەن ئۇنىڭ ئېرى، مەن تۇغۇت دوختۇرى. »ئەزىمەت ۋارقىرىغانچە كىشىلەر توپىنى يېرىپ كىرىپ مېنى كۆتۈرۈپ پەسكە قاراپ يۈگۈردى.  مەن ئۇنىڭ كىيمىنى چىڭ سىقىمداپ، ئىنتايىن ئاجىز ئاۋازدا« ئەزىمەت، بالىمىزنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ» دېدىم.  ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي«ھە» دېگىنىچە ئالدىغا قاراپ يۈگۈرىۋەردى.

بالىنى يەنىلا ساقلاپ قالالمىدۇق، شۇ جىددى پەيىتتە ئەزىمەت ئامالسىز ئۆز قولى بىلەن مېنى ئوپېراتسىيە قىلدى. مەن ھۇشۇمغا كەلگەندە ئۇ يېنىمدا يوق ئىدى.  تېلېفونغا قارىسام كەچ سائەت ئوندىن ئېشىپتۇ.  بۇنچە كەچتە ئەزىمەت قەيەرگە كەتتىكىنە؟  مەن كارىۋاتتىن ئاستا ئۆمىلەپ قوپۇپ ئۇنى ئىزدىمەكچى بولۇپ، ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىمغا  ئىختىيارسىز سىرتتىكى ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:

_ جېنى چىڭ نىمىكەن بۇ. ئەمما خاتىرجەم بولۇڭ، بالا يوق بولدى.

بۇ ئەزىمەتنىڭ ئاۋازى ئىدى.

ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك شۇنچىلىك ئەندىكىپ كەتتىم.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0