
بۇ ئەسەرنىڭ 44 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
||
ئۈچ كۈن ۋاقىت تېخى توشمايلا ئۇ قىلىدىغىنىنى قىلغاندەك قىلاتتى. مەن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم، كۆزۈم ئۈمىدنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، تامغا چاپلانغان سۈرەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن يىرتىۋاتقان ھالىتىدە ئىدى. ئۆتكۈر داچىنىڭ ئىشىكىدە مىدىر سىدىر قىلماي تۇراتتى. ئەزىمەتنىڭ پەسكەشلىكىدە پەمىمچە سۈرەتلەرنى داچىنىڭ تېمىغىلا ئەمەس، پۈتۈن شەھەرگە چاپلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ يۈزۈم يەر بولدى، مېنىڭلا ئەمەس، مەن بىلەن قوشۇلۇپ ئۈمىدنىڭ يۈزىمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى.
ئۈمىد سۈرەتلەرنىڭ يېرىمىنى يىرتىپ بولۇپ، تېلېفونىنى چىقىرىپ كىمگىدۇر بىرىگە تېلېفۇن قىلدى، تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ يەنە يىرتتى. تاكى پۈتۈن تامدىكى سۈرەتلەرنىڭ ھەممىنى يىرتىپ بولغاندا ئاندىن توختىدى. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن داچىنىڭ ئالدىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختىدى. شوپۇر ئالىم ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ كەينى كوزۇپىنى ئېچىپ بىر نەچچە توقۇلما خالتىنى ئالدى.
_ باش دېرىكتور، خاتىرجەم بولۇڭ، ئاغىنىلىرىم ئىشنى بەك پۇختا قىلىدۇ، سۈرەتلەرنىڭ ھەممىنى يىغىپ كەلدۇق. سۈرەتلەرنى يىغىۋېتىپ ھەممە يەرگە سۈرەت چاپلاۋاتقان بىرەيلەننى ئۇچرىتىپ قالدۇق، ئۇنى نەقمەيداندا تۇتىۋېلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى دەپ بەرمىسەڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دېگەنتىم، ئۇ بىرى پۇل بېرىپ مۇشۇ سۈرەتلەرنى چاپلا دېگەنتى دېدى.
توقۇلما خالتىلار يەرگە تاشلىنىشى بىلەن ئىچىدىكى سۈرەتلەر يەرگە چېچىلدى. بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈپ بولغان، لېكىن كۈن چىقمىغان ئىدى، ھاۋا تۇتۇق بولسا كېرەك.
ئۇ يانچۇقىدىن چاقمىقىنى چىقىرىپ ياقتى، لېكىن چاقماقمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىۋاتقاندەك بىر نەچچە قېتىم ياقسىمۇ يېقىلمىدى. ئۇ چاقماقنى زەردە بىلەن ئون نەچچە مېتىر يىراققا ئېتىۋەتتى. ئالىم يېنىدىن چاقمىقىنى چىقىرىپ سۇندى، ئۈمىد چاقماقنى ئېلىپ سۈرەتلەرگە ئوت ياقتى. شۇنىڭغىچە بىر ياندا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي قاراپ تۇرغان ئىدىم، ئۇنى كۆرۈپ ئاستا بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىكى چاقماقنى ئالدىم. ئۈمىد تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ماڭا قارىدى. مەن ئاستا ئېڭىشىپ چېچىلىپ ياتقان سۈرەتلەرنى يىغىپ قولۇمغا ئالدىم ۋە چاقماقنى ياقتىم، ئاندىن ئوت يېقىلغان سۈرەتلەر بىلەن قالغان سۈرەتلەرگە ئوت ياقتىم. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەر بىردەمدە گۈلخانغا ئايلاندى. مەن ئوتنىڭ يېنىدا لىۋىمنى چىشلەپ تۇرىۋەردىم، ھەتتا ئوتنىڭ قىزىقىنىمۇ سەزمىگۈدەك ھالەتتە تۇراتتىم. بىر چاغدا ئۈمىد كېلىپ قولۇمنى تۇتۇپ ئوتتىن نەچچە مېتىر يىراققا تارتىپ ئاپاردى. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇنىڭ چىرايىدىكى بايىقى ئاچچىق ئالامەتلىرى يوقاپ كەتكەن ئىدى، قاراشلىرىدىن تارتىپ گەپ سۆزلىرىگىچە ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيمەن، بۇنىڭ ھېسابىنى ھامىنى بىر كۈنى ئالىمەن.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن خاتىرجەم بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ قورقتۇم. ئۇ سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنمۇ سورىماي، شەرتسىز ھالدا مەن تەرەپتە تۇردى. شۇ تاپتا نومۇستىن ئۆلەي دەپ قېلىۋاتاتتىم.
_ دادىڭىز توغرا دەپتىكەن، مەن راستلا پالاكەت باسقان ئادەمكەنمەن.
كۆيۈۋاتقان سۈرەتلەردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي شۇنداق دېدىم. ئۈمىد ئاستا مۈرەمدىن قۇچاقلاپ قويدى. ئۇنىڭ مېنى بۇ دەرىجىدە ئاسرىشىدىن ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم. يەردىكى بىر مۇنچە سۈرەتلەر خالتا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئۈمىد مېنى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇڭ، ھېچنىمىنى ئويلىماڭ دەپ تاپىلاپ قويۇپ ئالىم بىلەن بىللە كەتتى. مەن ئاستا ئۆيگە قايتىپ كىردىم، ئۈستەلدە ئۆتكۈر تەييارلاپ قويغان ناشتىلىق تۇراتتى، ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ ناشتا قىلىشقا ئولتۇردۇم، لېكىن تاماققا قارارغا كۆزۈم يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئازراق بىر نەرسە يەپلا كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا ماڭدىم. يولبويى ئۇنىڭدىن قانداق ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ ماڭدىم، ئۇنى تازا بىر تىللايمۇ، ياقىسىغا ئېسىلىپ ئۇرۇشسام بولارمۇ يا؟ بەرىبىر يۈزۈم تۆكۈلۈپ بولدى، ئەمدى نومۇس قىلغۇدەك يېرىممۇ قالمىدى.
شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئەزىمەت ئىشلەيدىغان بۆلۈمگە كىردىم، ئەمما ئۇ بۆلۈمدىكىلەر ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن چىقىپلا تاكسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئىشىك ئىشىك قۇڭغۇرىقى باستىم، ساقلاپ بولالماي ئۇرۇشقا باشلىدىم، ئىشىكنى خېلى ئۇرغان بولساممۇ ھېچكىم ئاچمىدى. ئۆيدە ھېچكىم يوق ئوخشايدۇ دەپ كەينىمگە ياناي دەپ تۇرسام ئىشىك ئېچىلدى. لېكىن ئىشىكنى ئاچقىنى ئەزىمەت ئەمەس، ئايگۈزەل ئىدى. ئۇنى كۆرۈپلا«ئۇلار تېخى ئاجراشمىغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئويلىدىم. ئايگۈزەل ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا ئىشىكنى ئاچقان ئىدى، چېچىمۇ قالايمىقان، تۇرقىدىن ھېلىلا ئورنىدىن تۇرغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ دەسلەپتە ھەيران قالدى، ئاندىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ زاڭلىق ئارىلاش ئاھاڭدا:
_ بۇرۇنقى ئېرىڭىزنى ئىزدەپ كەلگەنمىتىڭىز؟ خاتا كېلىپ قاپسىز، بۇ ئۆي ھازىر مېنىڭ بولدى، ئۇ بۇ ئۆينى مېنىڭ روھى زىيان تۆلىمەم ھېسابىدا ماڭا بېرىۋەتتى_ دېدى.
_ گۈزىلىم، كىمكەن؟
ئۆي ئىچىدىن بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. كەينىدىنلا ئۇچىسىغا ئۇخلاش كىيىمى كىيىۋالغان بىر ئەر ئىشىك تۈۋىگە كەلدى.
_ بۇ كىم بولىدۇ؟
_ بۇرۇنقى ئېرىمنىڭ بۇرۇنقى ئايالى.
ئۇلارغا قارىغۇدەك ھالىم يوق، دەرھال كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ماڭدىم. كۆڭلۈمدە ئەزىمەتنى قېچىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم، ئەمما قېچىپمۇ قەيەرگە بارالايتتى. پەسكە چۈشۈپ تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئەزىمەتنىڭ ئاپىسىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلېفون قىلدىم.
«كەچۈرۈڭ، سىز تېلېفون قىلغان نومۇر ئىشلىتىلمىگەن».
ئەزىمەت بىر كېچىدە پۈتۈن شەھەرنى زىل زىلىگە سالغۇدەك ئىشنى قىلىۋېتىپ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم ئۇ ئاللىبۇرۇن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ بىراقلا قول سالغان بولسا كېرەك. ئۇ قاچقان تەقدىردىمۇ قەيەرگە بارا؟ يولدا كېتىۋاتقاندا تېلېفونۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر ئەزىمەتتىن كەلگەن ئىدى. ئۇچۇرنى ئېچىپ كۆرۈپ پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئۇلاشتى.
_«قانداق، سوۋغىتىمنى ياقتۇردۇڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن پات پات مۇشۇنداق سوۋغاتلارنى ئەۋەتىپ تۇرسام قانداق دەيسىلەر؟ ماڭا رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر كۈنلۈك ئەر خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بار دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. قېنى كىم ئاخىرغىچە كۈلەلەيدىكىن.»
تىترەپ تۇرغان قولۇم بىلەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، ئەمما تېلېفون ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. بىردەم توختاپ يەنە تېلېفون قىلسام «بۇ نومۇر ئىشلىتىلمىگەن» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مېنى يەنە بىر ۋەسۋەسىگە سېلىپ قويۇپ سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن ساق بىر ھەپتە داچىدىن چىقمىدىم، سۈرەتنىڭ ئىشىنى ئۈمىد ئىنتايىن تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلغان ئىدى، بۇ توغرىلىق ئۆسەك – سۆزلەر تارقالدىمۇ يوق بىلمەيمەن، ئەمما باشقىلارغا قارىغۇدەك يۈزۈم يوق، شۇڭا ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم. ماڭا ئايان، ئۈمىد بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى ئەزىمەتتىن كونا يېڭى ھېسابنى بىراقلا ئالىدۇ.
بۇ مەزگىلدە نىگارە دائىم كېلىپ ماڭا ھەمرا بولدى، مېنى كاللىسىدىن ئۆتمەي ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويمىسۇن دېدىمۇ، دائىم دېگۈدەك مەن بىلەن پاراڭلىشىپ دېققىتىمنى چېچىشقا تىرىشتى. ھەقىقەتەن مۇشۇ بىر مەزگىلدە دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىشلار. ماڭا كەيپىياتىمنى تەڭشىۋېلىشقا ئازراق ۋاقىت كېرەك، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش توغرىسىدا پىلان تۈزىمەن.
بىر كۈنى نىگارە ئىككىمىز گۈللۈكتە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن سورىغۇم كېلىپ قالدى:
_ نىگار، ئادەم ياش ۋاقتىدا بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ تىرىشمىسا قېرىغاندا تازا پۇشايمانغا قالىدۇغۇ دەيمەن ھە؟
نىگارە ماڭا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
_ نازى، سېنىڭ ئىدىيەڭ ئۆزگەرگىلى تۇرۇپتۇ ھە، بۇرۇن بەك خىرامان ياشايتتىڭ. _ دېدى.
_ مەن ئۆزگەردىم ، نىگار، ئەمدى بۇرۇنقىدەك باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەرقانچە بوزەك بولسىمۇ قايتۇرۇپ بىر نەرسە دىيەلمەيدىغان نازىيە ئەمدى يوق. بىر ئۆينىڭ ئۆي بولۇپ تۇرالىشىدا نۇقۇل مۇھەببەت بولسىلا بولمايدىكەن، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت بار دىيەلمەيمەن، ئۇ ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقمىدى.
_ كىچىك بالىدەك قىلىق قىلما، نازى، شۇنىمۇ دىيىش كىتەمدۇ؟
_ ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەلا بار، ماڭا بىر كىشىلىك ئورۇن يوق.
نىگارە ماڭا غەلىتە بىز نەردە قارىدى:
_ ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنى ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن ھالەتتىمۇ ئۇ دېگەن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىشلار، ئۇ سېنى ئايالىم دەپ ئۆيلىنىش خېتىڭلارنىمۇ ئاشكارىلىغان تۇرسا، يەنە ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلىۋاتامسەن؟
ئۆيگە بىكىنىپ ئولتۇرغان كۈنۈمنىڭ ئونىنچى كۈنى، داچىنىڭ ئىچى تېشى، پۈتۈن بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تازىلاپ چىقتىم، بارلىق ئۆي جاھازىلىرىنى بىر باشتىن سۈرتۈپ چىقتىم، دېرىزىلەرنى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتتىم. ھەتتا گۈللۈكتىكى گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ ئوغۇتلىدىم. ئاسلانچاققا يېڭى ئۆي قىلىپ بەردىم. ھەرخىل ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئاسلانچاققا تۈزۈك قاراپ باقمىغىلىمۇ بەك ئۇزۇن بوپتىكەن.
ئۆتكۈر قايتىپ كېلىپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ تازىلاپ پاك پاكىزە قىلىۋېتىلگەن ئۆيگە قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى. بىر كۈن توختىماي ئىش قىلغان بولساممۇ ھارغاندەك قىلمايتتىم، دەرھال ئۇ ئېلىپ كەلگەن كۆكتاتنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ تاماق ئېتىشكە باشلىدىم. تاماق پىشاي دېگەندە ئۈمىدمۇ قايتىپ كەلدى. ئۇ مەندىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالغان چېغى، مېنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك بېشىمدىن ئايىقىمغىچە قاراپ كەتتى. تاماق پىشىپ چاچتەك ئىنچىكە تارتىلغان لەغمەننى تەخسىلەرگە سېلىپ، ئۈستىگە سەينى سېلىپ ئېلىپ چىقتىم. ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر ھەم ھەيرانلىق ھەم سۆيۈنۈش ئىچىدە تاماقنى ماختاپ تۇرۇپ يىدى. شۇ كۈنى تاماقنى بەك جىق يىدىم، ئۇلار بىر تەخسىدىن يەپلا بولدى قىلدى، لېكىن مەن ئىككى تەخسە يىدىم، يەنە تاماقتىن كېيىن مېۋە چېۋە يىدىم. تاماقنى يەپ بولۇپ، ئۆتكۈرنىڭ قاچا قۇچىلارنى مەن يۇۋېتەي دېگىنىگە ئۇنىماي ئۆزۈم يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ يۇۋاتسام، ئۈمىد كەينىمدىن كىرىپ قەغەز بىلەن پىشانەمدىكى تەرنى سۈرتتى.
_ بۈگۈن سىزدە ئۆزگىرىش بەك چوڭغۇ، بۈگۈن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز، مەلىكەم؟
_ بىرىنچى قەۋەت، ئىككىنچى قەۋەت ھەممە يەرنى تازىلىدىم، تازىلىق ئۆيلىرىمۇ قالمىدى، گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ ئوغۇتلىدىم .
_ نىمىشقا بۇنداق جاپا تارتىسىز؟ ئۆي تازىلايدىغان سائەتلىك ئىشچىلارنى ئەكىلىپ تازىلاتساق بولاتتى ئەمەسمۇ؟
_ ئۆزۈمنىڭ ئۆيىنى ئۆزۈم تازىلىغىنىم ياخشىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆيىنى تازىلىغاندەك ئەستايىدىل تازىلىمايدۇ.
بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈم دېگىنىمدىن ئۆزۈم سەل بىئەپ ھېس قىلىپ قالدىم، قاچاندىن باشلاپ بۇ ئۆينى ئۆزۈمنىڭ ئۆيى دەپ قارايدىغان بولۇپ قالغاندىمەن؟
_ بۈگۈن تاماقنى بەك جىق يەۋاپتىمەن، سىرتقا چىقىپ تاماق سىڭدۈرگەچ چۆگىلەپ كىرەمدۇق؟
داچا سەل چەترەك جايدا بولغاچقا بۇ يەردە ماشىنىمۇ، ئادەممۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۈمىدنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا يولدا ماڭساق ئالدىمغا ئۆتۈپ كىتەتتى، خېلى تېز ماڭساممۇ يەنىلا ئارقىدا قېلىۋاتاتتىم.
_ يۈگۈرۈشۈپ باقامدۇق؟
_ئۈمىدنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا يۈگۈردۈم. ئۇ بىردەمدىلا كەينىمدىن يېتىشىۋالدى، مەن تېخىمۇ تېز يۈگۈردۈم. لېكىن ھەرقانچە تېز يۈگۈرگىنىم بىلەنمۇ پۇتۇم ئۇنىڭكىدىن قىسقا بولغاچقا يەنىلا ئۇنىڭ كەينىدە قېلىپ چاپىنىنىڭ پىشىنى تۇتىۋالدىم. ئۇنىڭ قەدىمى ئاستىلىشىغا يەنە يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم.
_ چىدىماسلىق قىلدىڭىز، نازى.
_ چىدىماسلىق قىلىمەنغۇ تازا، چىدىماسلىق قىلىشىمغا چىداڭ. _ كىچىك بالىدەك ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرەپ تاقلاپ كەتتىم. ئۇ يۈگۈرۈشتىن توختىدى، تەبىئىيلا مەنمۇ توختاپ قالدىم. كۈز كىرىپ قالغاچقا كەچلىكى ھەۋا خېلىلا سوۋۇپ قالغان ئىدى. سەل توڭلىغاندەك بولدۇم ۋە مۈرەمنى قىسىپ قويۇپ پەس ئاۋازدا گەپ قىلدىم:
_ سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
ئۇ گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭ گەپ قىلماسلىقى مېنى تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
_ بۇ گەپنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى.
_ بۇ سىز كۆڭلۈمگە ئازار بېرەلەيدىغان ئادەمگە ئايلاندىڭىز دېگەن گەپ.
ئۈمىد ماڭا قاراپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن بىر ئېغىزلا گەپ قىلدى:
_ ئوخشاشكەنمىز.
قۇلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمەي بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرىۋالدىم.
_ نىمە دېدىڭىز؟
ئۇ جاۋاب بەرمەي قاراپلا تۇرىۋالدى، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم.
_ بايا نىمە دېدىڭىز، يەنە بىر دەپ بېرىڭە. دەپ بېرىڭە. دەپ بەرمىسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن.
كىچىك بالىدەك دومسىيىپ كەينىمنى قىلىپ تۇرىۋالدىم. ئۈمىد ماڭا ھېچ ئامال قىلالماي:
_ ۋاي دومسىيىپ كېتىشلىرىنى قانداق قىلاي. ماقۇل ، ماقۇل. نازىيە، سىزمۇ ماڭا ئازار بېرەلەيدىغان ئادەمگە ئايلاندىڭىز_ دېدى ۋە غۇلىچىنى كېرىپلا مېنى قۇچاقلىۋالدى.
ئاي نۇرىدا خېلىغىچە قۇچاقلىشىپ تۇردۇق، ئۇنىڭ ئىللىق باغرىدىن ھەقىقىي خاتىرجەملىك تۇيغۇسى تاپالايمەن، يەنە كېلىپ بۈگۈن ئۇنىڭ باغرى ئالاھىدە ئىللىق ئىدى. ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئاھ بۇ خىل تۇيغۇ نەقەدەر گۈزەل ھە! ۋاقىتنىڭ مۇشۇ دەقىقىدە توختاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتتىم. خېلىدىن كېيىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ ئۈمىد، سىزنىڭ ماڭا دېگەن بىر گېپىڭىز ھېلىمۇ ئېسىمدە، سىز ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، بەلكى 100 قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ 101-قېتىم ئورنىدىن تۇرالايدىغان ئادەم، چۈنكى ئالدىنقىسى مەغلۇبىيەتچى، كېيىنكىسى چوقۇم غەلىبە قىلغۇچى بولىدۇ، دېگەن ئىدىڭىز. مېنىڭ ئاجىز، مەغلۇبىيەتچى بولغۇم يوق، كۈچلۈك ئادەم بولىمەن. ھېچكىمگە بوزەك بولمايدىغان ئادەم بولىمەن.
ئۈمىد بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ مېنىڭ گېپىمنى ئېسىڭىزدە ئېنىق تۇتىۋاپسىز ھە؟
_ مەن سىزگە ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن، چاقچاق ئارىلاشتۇرماڭە_ دەپ تۇمشۇقۇمنى سوزدۇم. ئۈمىد يۈزۈمنى چىمداپ قويدى:
_ ماقۇل، مەلىكەم.
ئەتىسى كەچلىكى ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر ئىككىسى مېھمانخانا ئۆيدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئوقۇغان بىر خەۋەرنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردىم. ئۇ 20 نەچچە ياشلىق بىر قىزنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىنىڭ خىمىيىلىك بۇيۇمىدا چىرايى بۇزۇلۇپ كىتىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن دەۋا قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق خەۋەر ئىكەن. خەۋەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار «سىز نىمە دېمەكچى؟» دېگەن مەنىدە ماڭا قارىدى.
_ ھازىر بۇنداق خەۋەرلەر بەك كۆپ. چۈنكى ئىنتېرنېت تورى تەرەققىي قىلدى، خەۋەرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىمۇ تېز، ھازىر نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان گىرىم بويۇملىرىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى، ئاياللار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، لېكىن بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، بىخەتەر گىرىم بويۇملىرى ئىشلەتسەك دەپ ئويلايدۇ. ھەممە ئادەم جۇڭيىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە جۇڭيى تىبابىتى بىلەن ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرسەك، مەسىلەن يىڭنە سانچىپ، ئۇۋىلاپ ئورۇقلىتىش، جۇڭيى تىبابىتى ئاساسىدا داغ يوقىتىش دېگەندەك. بۇنىڭ ۋاقتى سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ، لېكىن جۇڭيى تىبابىتىدە ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا تەڭشەشنى ئاساس قىلغاچقا بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، شۇڭا بۇنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىمۇ كۈچلۈك بولاتتى، سىلەرچە قانداق؟
بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئويلىغانلىرىم بار ئىدى، لېكىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم، بۈگۈن بىر غەيرەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتىم. ئالدىمدا ئولتۇرغان ئىككىلىسى ئەقىللىق ئادەملەر، شۇڭا ماڭا مۇۋاپىق مەسلىھەت بېرىدۇغۇ دەپ ئويلىدىم.
ئۆتكۈر گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى.
_ بۇ ئويىڭىز بولىدىكەن، لېكىن مېنىڭچە غەرب تىبابىتى بىلەن جۇڭيى تىبابىتىنى بىرلەشتۈرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، غەرب تىبابىتىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەۋزەللىكلىرى بار. شۇڭا شۇ ئەۋزەللىكلەرنى تاللاپ پايدىلانسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ئۆتكۈرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ:
_ سىزنى مەن باقالايمەن، بولدى جاپا تارتماڭە_ دېدى.
ئۇنىڭ گېپىگە دەرھال رەددىيە بەردىم.
_ ئەر-ئاياللار باراۋەر. ئاياللار چوقۇم ئەرلەرنىڭ بېقىشىغا قاراپ ئولتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان گەپ يوق. سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى مەن چۈشەنمەيمەن، ئەمما مەنمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ساھەدە نەتىجە ياراتسام بۇنىڭ بولمايدىغان نەرى بار؟ ئۆتكۈر، سىز غەرب تىبابىتى مۇتەخەسىسىسى، ۋاقتى كەلگەندە سىزدىن مەسلىھەت ئالىمەن. ياكى ھەمكارلاشساقمۇ بولىدۇ.
_ بولىدىغان گەپ_ دېدى ئۆتكۈرمۇ.
_ ئەمىسە مەنچۇ؟_ دېدى ئۈمىد ئالدىراپ تىنەپ_ ئېرىڭىزنى تاشلاپ قويۇۋاتىسىزا، مەن مەبلەغ سالاي.
_ ياق، مەن قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىمەكچى.
نىشاننى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپ قوينىغا قايتىپ قايتا ئوقۇيدىغان بولدۇم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















