
بۇ ئەسەرنىڭ 24 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
|
| 16 |
17 |
18 |
19 |
| 20 |
21 |
22 |
سومكامنى ئېلىپلا ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم، ئۇ كەينىمدىن بىر نىملەرنى دەپلا قالدى، مەن ئاڭلىمايلا پەسكە قاراپ ماڭدىم، پەلەمپەيدىن بەك تېز چۈشۈپ ئايىقىممۇ چۈشۈپ قالدى. كەينىمگە يېنىپ ئايىقىمنى ئېلىپ يەنە يۈگۈردۈم. بىنانىڭ ئالدىغا چۈشۈشۈمگە ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختىدى. مەن پەلەمپەينىڭ ئاستىغا يوشۇرنۇپ تۇرۇپ ئۇ ئۈستىگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن چىقتىم. ئەمدى ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ تۇرسام ئۇ تېلېفون قىلدى، تېلېفوننى بېسىۋېتىپلا كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتىم. ئۇ تېلېفوننى قىلىۋەردى، مەن بېسىۋېتىۋەردىم. بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دېرىزە ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ ئۆزۈمنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈم بەك پاراكەندە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرى تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم.:«مەسئۇل بولۇشقا تىگىشلىك ئادەمگە مەسئۇل بولۇڭ، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى». بۇ خەتلەرنى قايتا قايتا بىر نەچچە قېتىم كۆرىۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى كۆزۈمنى يۇمۇپلا «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ يوللىۋېتىپلا تېلېفونۇمنى ئېتىۋەتتىم. ئەمدى ھەممە ئىش تۈگىدى. مەن بۇنداق پاراكەندىچىكىلەرگە كۆپ ئۇچرىغان، ئەمما يەنىلا يۈرىكىم ئاغرىدى، چۈنكى مەن ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. تۆنۈگۈن كەچتە ئانار ھەدەمگە ئۇچۇر قىلىپ ئىسمىنا ئالماشقان ئىدىم، شۇڭا بۈگۈن كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيمەن. كەچتە مەمۇرىي بىنانىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۈمىد مېنى ئىزدەپمۇ كىلەلمەيدۇ. لېكىن كېچىچە كۆڭلۈم بەكلا پاراكەندە، پەقەت تىنىچلىنالمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم تاغدا كۆرۈشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلىدىم، گەرچە ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولمىسىمۇ لېكىن بەك كۆپ ئىشلار يۈز بېرىپتۇ. لۈكچۈنگە، چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بارغان كۈنلىرىم ئەڭ خۇشال بولغان كۈنلىرىم بولسا كېرەك. چوڭ دادام قاچان ئەۋرەم بولىدۇ دېسە، ئاز قالدى دېگىنى بىكار ئەمەسكەندە. مەن ئۇنىڭ مېنى ئەتىۋارلىشى، ياخشى كۆرۈشى، ئاسرىشىغا كۆنۈپ قالغان چېغىمدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر مەيدان ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇنداق بولسا كىمنىڭ يۈرىكى ئاغرىمايدۇ؟
مەن بىلەن بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىم زېرىكىپ كەتتىمىكىن، ھە دېسە پاراڭلىشايلى دەپ يېنىغا تارتىپلا تۇردى. مېنىڭ ئۇنىڭ پاراڭلىشىشقا پەقەتلا رايىم يوق. يالغاندىن ھىجىيىپ ئولتۇرۇپمۇ بېرەلمىدىم. ئۇنىڭغا ئانچە چىراي ئاچمىغىنىمنى ھېس قىلىپ قالغان بولسا كېرەك، ماڭا ئۇنى بۇنى دىيىشتىن توختاپ ئورۇندۇقتا يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن قاتتىق ئورۇندۇقتا بىر كېچە ئولتۇرۇپ چىقتىم، ئازراقمۇ ئۇيقۇم كەلمىدى. ئەتىگەن سائەت 8دە ئىسمىنا ئالمىشىدىغان خىزمەتدىشىم كەلدى، مەن ھارغىن قەدەملىرىمنى سۆرەپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. بۇ چاغدا دوختۇرخانىدا ئادەملەرمۇ كۆپ ئەمەس، مەن بىر قاراپلا دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىرىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ تۆنۈگۈن ئۈمىد بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا كەلگەن قىز شۇغۇ. بۇ سەھەردە بۇ يەرگە نىمىگە كەلگەندۇ؟
_ نازىيە ئاچا_ ئۇ مېنى كۆرۈپ چاقىردى، مېنى ساقلاپ تۇرغان بولسا كېرەك.
ئۇنىڭغا تېخى جاۋاب بەرمەي تۇرۇپلا ئالدىمدا تونۇش بىر گەۋدە كېلىپ تۇرىۋالدى. قاق سەھەردە بىللە كەپتۇ؟ نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ زادى مۇشۇنداق سەتلەشمىسەك بولمامتى؟
ئۈمىد ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، كۆزلىرى ئاچچىقتىن چاچراپ چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان. خاپا بولۇشقا تىگىشلىك ئادەم مەنغۇ دەيمەن. مەن ئۇلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم، ئەمما ئۈمىد بىلىكىمدىنلا تۇتىۋالدى.
_ قويۇۋېتىڭ_ دېدىم مەن ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ.
ئۇ مېنى قۇچاقلىۋالدى، ھېلىقى قىز باشقا ياققا قارىۋالدى. نۇمۇستىن ئۆلەي دېدىم.
_ مېنى قويۇۋېتىڭ_ دېدىم مەن تىپچەكلەپ. ئۇ مېنى كۆتۈرگەن پىتى ماشىنىغا سېلىپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپتى. ئاندىن ئىنتايىن تېزلىكتە ماشىنىغا چىقىپ ئوت ئالدۇردى. ئىشىكنى ئاچماقچى بولدۇم، ئەمما ئۇ ئىشىكنى تاقىۋەتكەن ئىكەن، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم.
_ ئىشىكنى ئېچىڭ، مەن چۈشۈپ كېتىمەن.
ئۈمىدنىڭ چىرايىغا قارىغىلى بولمايتتى، ئۇ ماڭا پەرۋا قىلماي ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋەردى.
_ ماشىنا ھادىسىسى چىقسا مەيلى دېسىڭىز مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىۋېرىڭ،مەن سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە رازى.
تۇيۇقسىز جىمىپ قالدىم، ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز ئىدى، ئۇنىڭ راستلا بىرەر ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم. گەپمۇ قىلماي بېشىمنى بۇراپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم، ئۇنىڭغا قارىغۇم، گەپ قىلغۇممۇ يوق ئىدى. يولبويى چاقماقنىڭ ئاۋازى نەچچە قېتىم چىقتى، ماشىنىنىڭ ئىچىمۇ تاماكا ئىسىغا توشۇپ كەتتى. ئۇ ماشىنىنى ھەيدىگەن پېتى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقتى، ماشىنىنىڭ يان ئەينىكىدىن بىر ماشىنىنىڭ بىزنىڭ كەينىمىزدىنلا كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ شوپۇر ئالىم ھەيدىگەن ماشىنىغۇ دەيمەن. ئاخىرى چىدىماي ئېغىز ئاچتىم:
_ قەيەرگە بارىمىز؟
_ سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب چىقىدىغان يەرگە_ تومتاقلا جاۋاب بەردى ئۇ. ئەجىبا تۆنۈگۈن كۆرگەنلىرىم سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابى ئەمەسمىكىنە؟ ئۇ قىزنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئۈمىدنىڭ بالىسى ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟ ماشىنا قانچىلىك ماڭدىكىن، بىر چاغدا تۈرمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇنىڭ مېنى بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن ئېلىپ كەلگىنىنى بىلەلمىدىم، ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن مەنمۇ چۈشتۈم. كەينىمىزدىكىمۇ ماشىنىمۇ يېتىپ كەلدى،ئۇنىڭدا ئالىمدىن باشقا ھېلىقى ھامىلدار قىزمۇ بار ئىدى. تۈرمىنىڭ سىرتى ئادەمگە بىر خىل سۈرلۈك تەسىر بېرەتتى. ئۈمىد بىر قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ گەپ قىلماي ئىچىگە قاراپ ماڭدى، كەينىدىن ھېلىقى قىز ماڭدى، ئۇلارغا ئەگىشىپلا مەنمۇ ماڭدىم. كۈتۈۋېلىش ئورنىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ بىر پارچە جەدۋەلنى توشقۇزدى ۋە يانچۇقىدىن پورتمالىنى چىقىرىپ بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ ساناپمۇ باقمايلا جەدۋەل بىلەن بىللە كىرگۈزىۋەتتى. كۈتۈۋېلىش ئورنىدىن چىقىپ تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىغا باردۇق، بىر تۈرمە ساقچى«كىرىڭلار» دېدى. قىز بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن كەينىگە قاراپ:
_ ئۈمىد ئاكا، سىزمۇ كىرىڭە_ دېدى.
ئۈمىد بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ:
_ بولدى، مەن كىرمەي، ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى يوق_ دېدى.
قىز « ھە» دەپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. كەينىدىن قارىغاندا كىچىكلا قىز ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرسىمۇ، ئەمما قەدەملىرى ئېغىرلاشقا باشلىغان، ئىككى قولى بىلەن ھېلىدىن ھېلىغا كىيىمنى مىجىپ مېڭىشىدىن جىددىيلىشىۋاتقىنى چىقىپلا تۇراتتى. يېنىمدا تۇرغان ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇمۇ بايىقى جىددىيچىلىكتىن سەل پەسكويغا چۈشكەن ئىدى.
_ «بۇ زادى قانداق ئىش»
ئۈمىد كېلىپلا قولۇمنى تۇتۇپ ماڭدى، قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولدۇم، ئەمما ئۇ قويۇپ بەرمىدى.
_ ماشىنىغا چىقىپ پاراڭلىشايلى، كېچىچە ئۆرە تۇرۇپ ھېرىپ كەتتىم.
«كېچىچە ئۆرە تۇرۇپ؟» ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھەقىقەتەن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى. شۇڭا مەنمۇ تارتىشمىدىم. ھەر ئىككىمىز ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئولتۇردۇق، مەن ئەڭ چېتىگە كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم.
_ نىمانچە يىراق ئولتۇرىسىز؟ سىزنى چىشلىۋالامتىم مەن؟ _ ئۇ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇردى، كۈلۈشلىرىدىنمۇ بىر خىل ھارغىنچىلىق بىلىنپلا تۇراتتى. مەن گەپ قىلمىدىم، سۈكۈت ۋە ئارىلىق ساقلاش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ مەيدانىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم. ئۇ ماشىنىنىڭ ئىككىلا تەرەپتىكى ئەينىكىنى چۈشۈرىۋەتتى.
_ نىمىنى بىلگۈڭىز بار؟
_ بايىقى قىز كىچىكلا قىزكەن. ئۇ قىز سىزنىڭ نىمىڭىز؟ ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ مېنى بۇ يەرگە نىمىگە ئېلىپ كەلدىڭىز؟ ئۇ كىمنى يوقلاپ كىرىپ كەتتى؟
مارجاندەك چىقىۋاتقان سۇئاللىرىمدىن ئۈمىد دەسلەپتە ھەيران قالدى، كەينىدىنلا كۈلۈپ كەتتى.
_ مەلىكەم، بۇ ئىشلارغا شۇنچىۋالا ئېتىبار بېرىپ كەتكىنىڭىزدىن قارىغاندا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟
«ئۇف» دەپ ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇ يەنىلا ھېلىقى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا دېدى. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۆزۈمدىن «نىمانچە قىلىپ كېتىمەن؟ ئەجىبا ئۇنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ» دەپ سورىغىم كېلىپ كەتتى. ئۇ قولىنى سوزۇپ مېنى يېنىغا تارتماقچى بولدى، لېكىن مەن مىدىرلىمىدىم.
_ يېنىمدىراق ئولتۇرىڭە، يىراقتا ئولتۇرىۋالسىڭىز گېپىڭىزنى ئاڭلىيالمايدىكەنمەن.
سەل ئىككىلىنىپراق ئازراق ئالدىمغا سۈرۈلدۈم. ئۇ تۇيۇقسىز ئىككى مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ:
_ ھېلىقى ئۇچۇر قانداق ئىش؟ سىز نىمە دېمەكچى؟
ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىشقا تىرىشتىم.
_ ئېنىق دېدىمغۇ.
_ قائىدىگە خىلاپلىق قىلدىڭىز، نازى_ دېدى ئۇ. مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم.
_ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئاۋۋال سوراق قىلىپ ئېنىقلاپ ئاندىن ھۆكۈم قىلىدىغاندۇ، نەدە بۇنداق ئىش بار؟ سىزگە ھەممە گەپنى دەپ بېرىمەن، لېكىن بىر شەرتىم بار.
مەن ئىككى قولۇم بىلەن ئۇنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ تۇرۇپ :
_ نېمە شەرت؟_ دېدىم.
_ ئەگەر بۇ ئىشتا مېنىڭ خاتا بولسا مېنى نىمە قىلىۋەتسىڭىز مەيلى. ئەگەر مېنىڭ توغرا بولسا بۇندىن كېيىن يىغلىماسلىققا، مەندىن خاپا بولماسلىققا ۋەدە بېرىڭ.
ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە يۈزدە يۈز ئىشەنچى باردەك قىلاتتى. جاۋاب بەرمەي جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ:
_ سۈكۈتنىڭ ئۆزى قوشۇلغانلىق دەپتىكەن، قوشۇلدىڭىز ھە؟_ دېدى.
ئۇ قولىدىكى چاقماقنى ئوينىغاچ گېپىنى باشلىدى:
_ بۇ قىزنىڭ ئىسمى مېھراي. ئۇ يوقلاپ كىرىپ كىتىۋاتقىنى مېنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىم شىرزات بولىدۇ. مېھراينىڭ قۇرسىقىدىكى شىرزاتنىڭ بالىسى.
_ ۋوي، ئاكىلىق مەجبۇرىيىتىڭىزنى بەك ياخشى ئادا قىلىدىكەنسىز ھە؟ ھېلى نەرسە كېرەك ئاپىرىپ بېرىدىكەنسىز، ھېلى دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى بىللە ئاپىرىدىكەنسىز.
مېنىڭ تەنە ئارىلاش دېگەن گېپىمنى ئاڭلاپ كالپۇكىنى چىشلەپ بىردەم تۇرىۋېتىپ ئاندىن:
_ دوختۇرخانىدا بىزنى كۆرۈپ قاپتىكەنسىز دە. لېكىن مەن سىزنى ئالدىمىدىم، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىمغۇ؟
_ ئۇنى تەكشۈرتكىلى ئاپارغان ئادەم نىمىشقا راست گەپ قىلماي سىزنى كۆرگىلى كەلدىم دەيسىز؟
ئۈمىد مېنىڭ يۈزۈمنى چىداپ تۇرۇپ:
_ سىزنى كۆپ ئويلاپ كەتمىسۇن دەپ دېمىگەن. بۇنچىۋالا چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولىدىغىنىنى مەن نەدىن بىلەي.
لېكىن يەنىلا كاللامدىن ئۆتمەيۋاتاتتى.
_ ھەرقانچە ئىنىڭىزنىڭ ئايالى بولسىمۇ سىز ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىڭىزمۇ بولا؟ ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى يوقمىكەن؟
_ ماڭىمۇ ئامال يوق.
_ چۈشەنمىدىم.
ئۇ يەنە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بىرنى شورىۋېلىپ ئالدىرىماي گەپ باشلىدى.
_ ئەمەلىيەتتە ئۇلار چوڭلاردىن يوشۇرۇن توي قىلىۋالغان، ئەمما شىرزاتمۇ مېھراينى بەك ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئويلىمىغان يەردىن مېھراينىڭ بويىدا قاپتۇ. شىرزات ئۇنى ئالدۇرىۋېتىڭ دېسىمۇ بۇ قىزمۇ بەك جاھىلكەن، ئۇنىماي تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، يەنە كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەر شىرزات بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا توي قىلىۋالغاچقا ئۆيىدىكىلىرىنىڭمۇ بۇ قىز بىلەن كارى يوق . قېنى دەڭە، بۇ قىز بىلەن مېنىڭمۇ كارىم بولمىسا يالغۇز قانداق قىلىدۇ؟
ئەسلى مۇنداقكەندە. دېمەك مەن ئۇنى راستلا خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن، ئۇ ئەسكى ئەمەسكەن، ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئاقكۆڭۈل ئۈمىدىم شۇكەن. بۇ چاغدا مېھراي تۈرمىنىڭ ئىچىدىن چىقتى. ئۇ يىغلىغان بولسا كېرەك، كۆزى قىزىرىپ كىتىپتۇ. ئالىم بايىلا كەتكەن، شۇڭا ئۇ بىز بىلەن بىر ماشىنىدا كېتىدىغان بولدى. ئۈمىد ئىككىمىز ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇنى كەڭتاشا ئولتۇرسۇن دەپ كەينىگە يالغۇز ئولتۇرغۇزدۇق. دەسلەپتە ھېچقايسىمىز گەپ قىلمىدۇق، بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن مېھراي ئېغىز ئاچتى:
_ نازىيە ئاچا، كەچۈرۈڭ، ئۈمىد ئاكام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىش يوق، راست دەۋاتىمەن، ماڭا ئىشىنىڭ.
ئۇ قانچە ئەيىبكارلارچە سۆزلىگەنسېرى مەن شۇنچە ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالمايۋاتاتتىم. ئۈمىد ماڭا قارىدى، ئۇ قىزىرىپ كەتكىنىمدىن قانچىلىك ئوڭايسىزلىنىۋاتقىنىمنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.
_ تۆنۈگۈن سىزگە قالايمىقان گەپ قىلىپ قويغان بولسام مېنى كەچۈرۈڭ._ دېدىم مەن.
مېھراي كۈلۈپ كەتتى.
_ تۆنۈگۈن سىزنى كۆرۈپلا ياخشى ئادەملىكىڭىزنى بىلىپ بولغانتىم_ دېدى ئۇ. ئۇنىڭ كۈلۈشلىرىمۇ شۇنچىلىك ساپ، سەبىي ئىدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدۇق، ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭا قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.
_ مەندىن پەقەتلا خاتىرجەم بولالمامدىكەنسىز؟_ دېدى ئۈمىد ماشىنىنى قوزغىتىپلا.
_ ھە دېسە مەندىن يوشۇرۇن ئىشلارنى قىلىپ يۈرسىڭىز قانداق خاتىرجەم بولالايمەن؟
_ بەزى ئىشلارنى سىزگە دېمەسلىكىم ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغرىقى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. سىزمۇ بەك ئەقىللىقكەنسىز ھە، كەينىمگە چۈشۈپ تېخى.
_ سىزدەك ئەقىللىق ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ يۇققان بولسا كېرەك.
ئۇ قولىنى سوزۇپ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ مېنىڭ ئىشلىرىمنى ئۇنچىلىك بىلگۈڭىز بولسا، ماقۇل مەن ھەممىنى بىلدۈرۈپ قوياي ئەمىسە_ دېدى.
تۆنۈگۈن ئۇنى دوختۇرخانىدا مېھراي بىلەن بىللە كۆرگەندىن باشلاپ ئەمدى ماڭا بۇنداق مېھرىبانلىق قىلمايدىغان بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن.
ئويلىغىنىمدەك ئۇ ماشىنىنى ئۇدۇل بىپايان شىركىتىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى، ماشىنىنى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ھەيدەپ كىردى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى بەك چوڭكەن، مېنى يالغۇز تاشلاپ قويسا ئېزىپ قېلىپ چىقىپ كېتەلمەيمەنغۇ دەيمەن. ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن مېنىڭ قولۇمدىن يىتىلەپ بىنانىڭ ئالدى ئىشىكىدىن ئىچىگە ئېلىپ كىردى. بىزگە دېققەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆتكەن-كەچكەنلەر «باش دېرىكتور» دەپ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ ئۆتۈۋاتاتتى. ئاياللار بولسا ماڭا خۇددى دۈشمىنىگە قارىغاندەك زەردە بىلەن قاراۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن قورقۇپ قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولدۇم، ئەمما ئۇ قولۇمنى زادىلا قويۇۋەتمىدى.
_ ئۈمىد، بۈگۈن بۇ يەردىن ساق چىقىپ كىتەلەمەن ھە؟ بۇ ئاياللار مېنى يەۋېتىدىغاندەكلا قارايدۇغۇ؟_ دېدىم مەن لىفىتقا چىققاندا.
ئۈمىد كۈلۈپ تۇرۇپ لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى. ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدىكەنمىز. لىفىتنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ، سىرتتىكىلەر بىزنى كۆرەلمەيدىغان بولغاندا ئاندىن ئۇ ماڭا قاراپ :
_ ئېسىڭىزدىمۇ، ئىككىمىز ئۆيلىنىش خېتى ئالغان كۈنى مەن سىزگە بېشىڭىزنى تىك كۆتۈرۈپ ياشاڭ دېگەن ئىدىم _ دېدى.
_ بۇ يەردىكى ئاياللار سىزگە بەك ئامراقمۇ قانداق؟
بۇ گەپنى دەپ بولۇپ، ئاپلا، نىمىشقا دېگەندىمەن دەپ پۇشايمان قىلدىم. ئۈمىد تۇيۇقسىز لىفىتنىڭ تېمىنى نەچچىنى چېكىپ قويۇۋىدى، يۈزۈمگە ئىسسىق شامال ئۇرۇلدى.
_ ماڭا ئەزەلدىن ئاياللار بەك ئامراق.
_ تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپ قالدىڭىز-دە ، ئەپسۇس_ دېدىم. ئۇ كالپۇكىنى چىشلەپ تۇرىۋالدى،كۈلگۈسى كېلىپ كەتكىنى ئېنىق ئىدى.
_ شۇنى دەڭە_ دېدى ئۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەقىقە ئارىلىقىدا كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولۇپ كەتتى. چىرايىم ئۆزگىرىشكە باشلىغاندا ئۈمىد يەنە بىر ئېغىز گەپنى قىستۇرۇپ قويدى:«لېكىن مەن ياخشى كۆرىمەن».
لىفىت توختاپ ئىشىكى ئېچىلدى، لىفىتنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچەيلەننىڭ بىزگە قاراپ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى، ئۈمىد قولۇمنى يىتىلەپ چوڭ چوڭ چامداپ ماڭدى.
«باش دېرىكتور» ھەممىسى سالام قىلدى. ئۈمىد مېنى يىتىلەپ چوڭ بىر ئىشخانىغا ئېلىپ كىرگەندە ھەيرانلىقتىن ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. چۈنكى ئىشىكنىڭ بېشىدا «باش دېرىكتور ئىشخانىسى» دېگەن خەت ئېسىقلىق تۇراتتى.
_ باش دېرىكتورۇڭلار يوقما؟ ئىشخانىسىغا مۇشۇنداق خالىغانچە ئۈسۈپ كىرىۋەرسەڭلار بولامدا؟_ دېدىم مەن ئۇنىڭ ئۇدۇللا كىرىپ كەتكىنىدىن ئەجەبلىنىپ.
ئۇ ئىككى قولىنى مەيدىسىگە كىرىشتۈرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ باش دېرىكتور ئالدىڭىزدا تۇرمامدۇ مانا؟
_ ھە؟_ ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم.
_ باش دېرىكتورغا ئوخشىمامدىكەنمەن؟_ دېدى ئۇ.
_ ئوخشىمايسىز، باش دېرىكتور دېگەننىڭ سۈر ھەيۋىسى بولىدىغان_ دېدىم مەن ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا بىر قارىۋېتىپ.
_ ئايالىمنىڭ ئالدىدا سۈر ھەيۋەمنى كۆرسىتىپ نىمە قىلىمەن، شۇنداقمۇ يا مەلىكەم_ شۇنداق دەپ كىچىك بالىدەك ئەركىلىدى ئۇ يەنە. _ كۆزۈمگە قاراپ بېقىڭە.
_ نىمە بولدى، قۇم كىرىپ كەتتىما؟_ ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
_ ياق، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا بىر كېچە تۇردۇم.
_ مەن سىزنى تۇرۇڭ دېمىگەن_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغىنىنى چاندۇرماي.
_ شۇ يەردە تۇرمىسام قانداق قىلىمەن؟ قېچىپ كەتسىڭىز سىزنى قەيەردىن تاپىمەن؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















