大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 46- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 46- قىسىم aybarawazi
2023-07-26
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 47 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45



















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
46 - قىسىم



 ئۇنى يۆلەي دەپ خېلى كۈچىسەممۇ كۈچۈم يەتمىدى، ئۇ ئاخىرى سېرىلىپ چۈشۈپ يەردە يېتىپ قالدى.

_ نازىيە ئاچا، قۇرسىقىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، بالامنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ.

ئۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى،  بەك قورقۇپ كەتتىم، ئۇنىڭ مۆلچەر تۇغۇت ۋاقتىغا خېلى بار ئىدى،  بەلكىم بايا بەك جىددىيلىشىپ ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە مۇشۇنداق بولىۋاتامدىكىن.  «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋاقىرىدىم مەن. بىردەمدە بىر نەچچە تۈرمە ساقچىسى كىرىپ   مېھراينى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  مەن ئىشىكتىن چىققىچە شېرزاتقا قارىدىم، ئۇ قاچانلاردا ئورنىدىن تۇرىۋالغان بولغىيتتىكىن، مېھراينى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەننى كۆرۈپ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپلا قالغان ئىدى.  مەن تۇرۇپكىنى ئېلىپ غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم.

_  مېھراينىڭ قۇرسىقىدىكى بالىغا بىر ئىش بولۇپ قالسا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىش بولىدۇغۇ دەيمەن.  بەلكىم مېھرايمۇ مۇشۇ پىتى كۆزىڭىزدىن يوقالسا تېخىمۇ خۇش بولىسىز ھەقىچان.  ۋىجدانسىز ئادەملەرنى كۆرۈپ باققانتىم، ئەمما سىزدەك بۇ دەرىجىدە ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن.

گېپىمنى دەپ بولۇپلا چىقىپ  مېھراينى سالغان ساقچى ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇردۇم.  ماشىنا سىگنال بېرىپ قوزغالغان چاغدا شېرزاتنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ھالەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قارىشى يادىمغا كەچتى.  ئۇنىڭدا مەغرۇرلۇق، خىجىللىق، ئازاب، غەزەپ، نەپرەت ھەممە ھېسسىيات يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

_ نازىيە ئاچا، بالامغا بىر ئىش بولۇپ قالماس ھە؟

مېھراينىڭ ئاۋازى تولىمۇ ئاجىز چىقىۋاتاتتى.  ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەنسىرىشىنى مەن ھېس قىلالايمەن،  چۈنكى مېنىڭ بالام تىنىمدىن ئاجرىغان شۇ كۈنى مەنمۇ بىرەرىنىڭ كېلىپ بالامنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلغان ئىدىم.   مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەسەللى بەردىم:

_ ئەنسىرىمەڭ، ھېچ ئىش بولمايدۇ، غەيرەتلىك بولۇڭ، دوختۇرخانىغا ئاز قالدۇق.  ئازراق غەيرەت قىلسىڭىزلا  بۇدرۇققىنا بالىڭىزنى قولىڭىزغا ئالالايسىز.

ئەھۋال جىددى بولغاچقا مېھراينى يېقىن ئەتراپتىكى بازارلىق شىپاخانىغىلا ئېلىپ باردۇق. ئۇنى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى، مەن ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ  ئالدىدا ئىنتايىن ئىلاجسىز بىر ھالدا ئولتۇرۇپ كەتتىم، بىر چاغدا ئېسىمگە كېلىپ تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۈمىدكە تېلېفون قىلدىم، يېرىم سائەتكە قالماي ئۇ يېتىپ كەلدى. ئۇمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھاسرىغان پىتى كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى.

_ نىمە ئىش بولدى؟

مەن ئۇنىڭغا مېھرايغا ھەمرا بولۇپ تۈرمىگە بارغۇچە بولغان ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئاڭلاپ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.  ئوپېراتسىيە ئۆيىگە قانچە قېتىم قاراپ بولغىنىمنى بىلمەيمەن، بىز بۇ يەردە تىت تىت بولۇپ ئولتۇرغان بىلەن ئىچىدە نىمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقىنىنى، مېھراينىڭ قانچىلىك قىينىلىۋاتقىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.  بۇ بازارلىق شىپاخانىدا شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردەك ئادەم كۆپ ئەمەس، كارىدور ئادەمنى سۈر باسقۇدەك دەرىجىدە جىمجىت ئىدى.

_ شېرزات ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نىمە ئىش بولغان؟ ئۇ نىمىشقا  سىزگە ئۆچلۈك قىلىدۇ؟

جىددىيلىكىمنى گەپ بىلەن بولسىمۇ باساي دەپ ئۈمىدتىن سورىدىم.  بۇ گېپىم بىلەن ئۈمىد چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۈكۈپ كەتتى  ۋە ئەڭ ئاخىرىدا  پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى:

_ ئۇ ماڭا ئۆچ ...

ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقماستىنلا ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئۈمىد ئىككىمىزلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا باردۇق.  ئىچىدىن چىققان دوختۇر ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ بىزگە قاراپ:

_  ھامىلە تەتۈر كېلىپ قالغاچقا ئامالسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇق.  ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى،  ئۈچ كلو 400 گرام، قىز بوۋاق تۇغۇلدى. ئانا ئىككىلىسى سالامەت.

بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.  بىر سائەتتىن كېيىن مېھراينى بالنىستقا يۆتكەپ چىقتى.  مېھراي بەكلا ھالسىزلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى.  ئۇ يېنىدا ياتقان يۆگەككە يۆگەپ قويۇلغان بوۋاقنى كۆرۈپ شېرزاتنىڭ تاش يۈرەكلىكى يادىغا يېتىپ قالدىمۇ، يا تارتقان جاپالىرى كۆز ئالدىغا كەلدىمۇ، كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئاقتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى، قەغەزنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتكەچ:

_ يىغلىماڭ، يېڭى تۇغۇتلۇق ئادەم يىغلىسا بولمايدۇ_ دېدىم.  بۇ گەپنى بۇرۇنلا بىلەتتىم، ئەمما بويۇمدىن ئاجراپ كەتكەندە مەنمۇ بەك يىغلىغان.  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۈمىدمۇ بالىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئىكەن.

_   نازىيە ئاچا، بالامنى ساق سالامەت يەڭگىۋالغىنىمدىن بەك خۇش بولدۇم.  بىلەمسىز، ئانا بولۇش تەسكەن، بەك تەسكەن.

ئۈمىد مېھرايغا قارايدىغانغا تۇغۇت باقىدىغان بىر ئايالنى تېپىپ بەردى.  بىر ھەپتىدىن كېيىن مېھراي دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۈمىد بىلەن ئۇنى يوقلاپ باردۇق.  بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا تېرىسى قېپ قىزىل تۇراتتى، بىر ھەپتىدىلا سۈت سىڭىپ ئاقىرىپ قاپتۇ.  تۇغۇت باقىدىغان ئايالمۇ ئىنتايىن تەجرىبىلىك ئايالكەن، مېھراي بىلەن بالىغا شۇنداق ياخشى قاراۋېتىپتۇ.

ئۈمىد بالىنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈردى، ئۇنىڭ بالىنى كۆتۈرگەندىكى ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر خىللا بولۇپ قالدى.  شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇنىڭ شېرزات بىلەن ئارىسىدا مەيلى قانچىلىك ئۆچ ئاداۋىتى بار بولسۇن،  مېھراي بىلەن بالىغا يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

بالىغا ئىسىم قويۇش كېرەك ئىدى، مېھراي بالىغا ئۈمىد ئاكام ئىسىم تاللاپ بەرسۇن دەپ تۇرىۋالدى. ئۈمىد بالىغا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىىڭ دادىسى ئىسىم تاللىسۇن دەپ ئۇنىمىدى.  مېنىڭچىمۇ ئۈمىدنىڭ دېگىنى توغرا، شېرزات بالىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئۈمىدنىڭ ئىسىم تاللاپ بەرگىنىنى بىلسە نارازى بولىدىغىنى ئېنىق ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن مېھراي بالىنى ھازىرچە «ئايقىز» دەپ چاقىرىپ تۇرىدىغان بولدى.

_ ئايقىز بەك ئۇماقكەن ھە؟ مەن كىچىك بالىلارنى يېڭى تۇغۇلغاندا بەك قەغىشلىك قىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرىۋېلىپ، كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى ئاپىسىنىمۇ ئۇخلاتماي يىغلاپلا چىقىدۇ دەپ ئاڭلىغان، لېكىن مېھرايدىن ئاڭلىسام ئايقىز قورسىقى ئاچسا ئويغىنىدىكەن، بولمىسا پۇشۇلداپ ئۇخلايدىكەن.

_ ئۈمىد ماڭا بىر قارىۋېتىپ:

_  ھەئە، راستلا بەك ئۇماقكەن، مەلىكەم، بىزمۇ بالىلىق بولايلىچۇ! _ دەپ قالدى.

تۇيۇقسىز دىيىلگەن گەپتىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

_ چوڭ دادام تېلېفون قىپتىكەن،  قاچانلىققا ئەۋرىلىك بولىمەن دەپ بەك سوراپ كەتتى.

_ ئەۋرىسى بار بولدىغۇ مانا، ئايقىز چوڭ دادامنىڭ ئەۋرىسىغۇ! _دېدىم مەن.

ئۈمىد بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى يېرىم چۈشۈردى.

_ چوڭ دادام ئەزەلدىن شېرزاتنى نەۋرەم دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.  شۇنداق تۇرۇپ بۇ ئەۋرىسىنى ئېتىراپ قىلاتتىمۇ؟

_ نىمىشقا؟ ھەر ئىككىڭلار چوڭ دادامنىڭ نەۋرىسىغۇ؟

_  سىزمۇ بىلىسىز، شېرزات دادامنىڭ باشقا خوتۇندىن بولغان بالىسى.  چوڭ دادام شېرزات بىلەن ئاپىسىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ مەن سىزنى كىلىنىم دەپ ئېتىراپ قىلمايمەن دېگەن گېپى ئېسىمگە كەلدى. بۇ خۇددى چوڭ دادامنىڭ شېرزاتنىڭ ئاپىسىنى ئېتىراپ قىلمىغىنىدەك ئىشكەن ئەسلى.  دېمەك كېيىن بىز بالىلىق بولۇپ قالساقمۇ بالام بوۋىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىكەن دە.

ئۈمىد ماشىنىنى ھويلىغا ئەكىرىپ توختاتتى.  لېكىن ماشىنىدىن چۈشۈشكە ئالدىرىمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىدىم.

_  نازىيە، ماڭا راست گەپ قىلىڭە. يېقىندىن بۇيان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يىمەيۋاتقانسىز؟

ئىككىمىز  ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرگىلمۇ خېلى بوپ قالدى، ھازىرغىچە بۇيۇمدا قالمايۋاتاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇنداق سورىشىمۇ توغرا.

مەن تۈكۈرۈكۈمنى تەستە يۇتۇپ بېشىمنى چايقىدىم.  

_ ياق، دورا يىمىدىم،  مەندە بىرەر...

_ يوق. _ ئۈمىد نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى  بىلىپ بولغان بولسا كېرەك، گېپىمنىڭ ئاخىرى چىققىچە گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى.

_ نىمىشقا بۇنداق جەزملەشتۈرىۋېتىسىز؟

_ چۈنكى مەن دېگەن ئۈمىد.  

 ئۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن يۈرىكىمنى ئېغىر بىر تاش بېسىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ يۈردۈم. بىر نەچچە كۈن ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىرى ئۈمىدكە دېمەي دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۈم.  تەكشۈرتۈپ بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىپ دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. دوختۇر ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايالكەن.  دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا  قارىدى ۋە كۆزەينىكىنى ئۈستىگىرەك سۈرۈپ قويدى.

_ بۇرۇن بالا چۈشۈرۈپتىكەنسىز ھە؟

_ ھەئە، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن بىر قېتىم بالا چۈشۈرگەن.

_ مەنمۇ شۇنداقمىكىن دېگەن،  شۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەدە مەشغۇلات خاتالىقى تۈپەيلىدىن  بالىياتقۇ پەردىسى زەخمىلەنگەن ئىكەن،  يەنە كېلىپ بالىياتقۇدىكى ياللۇغنى ۋاقتىدا داۋالاتماپسىز،  شۇنىڭدىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ جايلىشىشى تەس بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپتۇ.

دوختۇرنىڭ گېپىنى بىر ئېغىز گەپكە خۇلاسىلىسەك، ھامىلدار بولۇشۇم تەسكەن.  دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئاران چىقىپ كارىدوردىكى ئورۇندۇقتا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم.  قولۇمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى قەغىزىنى تولا مىجىپ تىتىلىپ كىتەيلا دەپ قالدى.  شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئەزىمەت دېگەن ھايۋاننى قىيما چىيما قىلىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى.

قىلچە چاڭ قونمىغان بىر جۈپ خۇرۇم ئاياق ئالدىمغا كېلىپ توختىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۆتكۈركەن.  

_ نىمە بولدىڭىز؟  مىجەزىڭىز يوقما؟_ ئۇ قولۇمدىكى تەكشۈرۈش قەغىزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى، مەن دەرھال قەغەزنى يىغىشتۇردۇم.

_ ھېچ....ھېچنىمە.

_ يۈرۈڭ، ئىشخانامغا كىرەيلى.

ئۇنىڭ كەينىدىن ئىشخانىسىغا كىردىم، ئۇ ماڭا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەردى.  ئىشخانىدا يەنە بىر ئەر كىشى بار ئىكەن، بىردەمدىن كېيىن ئۇ چىقىپ كەتتى، ئۆتكۈر ئۇنى مېنىڭ ياردەمچىم دېدى.

_ ياردەمچىڭىز ئەر كىشىما؟

ئۆتكۈر بۇ گېپىمدىن كۈلۈپ كەتتى.

_ ئەر ياردەمچى بىلەن چىقىشماق ئاسانراق. نازىيە، قانداقلا ئىش بولسا ئۈمىدكە دەڭ، ھەممە ئىشنى ئىچىڭىزدە ساقلاپ يۈرمەڭ.

ئۈمىدكە دېسەممۇ قانداق بولماقچىتى؟ ئۇ بالىلىق بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان تۇرسا.  ئۆتكۈرنىڭ ئىشخانىسىدا بىردەم ئولتۇرۇپ قايتماقچى بولۇپ چىقتىم. كارىدوردا بۇرۇنقى خىزمەتداشلارنى كۆردۈم، ئۇلار ماڭا قىزغىنلىق بىلەن سالام قىلدى. ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى بۇرۇنقى بىلەن ئاسمان زېمىن پەرقلىنەتتى. ھازىرقى ھالىمدا ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى ئويلاشقا رەۋىتىم يوق ئىدى.

داچىغا قايتىپ بېرىپ بالدۇرلا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋالدىم.  تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە خېلى ئۇزۇن قاراپ ياتتىم.  ھەر قېتىم بەخت ماڭا يېقىنلاپ كېلەي دېگەندە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن يەنە يىراقلاپ كېتىدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈندۇ؟

قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ھۇجرىدىكى كىچىك چىراق يېنىقلىق تۇرۇپتۇ، ئۈمىد كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرىۋېتىپتۇ.  بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۇيقۇم ئېچىلىپلا كەتتى. چىراق نۇرى بەك كۈچلۈك ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۈمىد ماڭا يېنىنى قىلىپ ئولتۇرغاچقا ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مىدىر سىدىر قىلماي قولىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ قېتىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.  ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىدى.  

مەن ئاستا ئۆرە بولۇپ ئولتۇردۇم ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك  ئۇنىڭ ئالدىدا بېشىمنى ئەگدىم.

_ كەچۈرۈڭ.

ئۇ قولىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قويۇپ ماڭا قاراپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرىدى.

_  نېمىگە كەچۈرۈم سورايسىز؟

ئۇ مۇشۇنداق قىلغانچە مەن تېخىمۇ بىئارام بولاتتىم.

_ مەن سىزگە بالا تۇغۇپ بېرەلمىگۈدەكمەن.

_  قالايمىقان گەپ قىلماڭە.

ئۇ شۇنداق دەپ مېنى ئاستا تارتىپ باغرىغا باستى.

_ سىزنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان چېغىمدا نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

شۇ كۈندىكى ئىش ئېسىمگە كېلىپ يۈرىكىمگە قايتىدىن ئاغرىق كىردى. بۇ ئاغرىق ئەزىمەتنىڭ رەھىمسىزلىكى تاشيۈرەكلىكى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى شۇ چاغدا بىكاردىن بىكار بالامدىن ئايرىلىپ قالغىنىم، ۋە شۇ ئىشنىڭ تەسىرىدە ئەمدى بالىلىق بولالماسلىقىمدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىققانلىقىدىن پەيدا بولغان ئاغرىق ئىدى.

_ شۇ چاغدا قۇرسىقىمدا بەش ئايلىق بولغان،  ئەزىمەت مېنى قەستلەپ بالامنى يوق قىلدى،  دۇنيادا ئۇنىڭدەكمۇ تاش يۈرەك ئادەم بولىدىكەن، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىمەن.

ئۇ مېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى.

_ بەزىدە نەپرەتنى يۈرەكتە ساقلاش ئۆزىنى قىيناش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شۇ ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بولىدۇ._ دېدى ئۇ.

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەزىمەتنى قايتا ئۇچرىتىپ قالسام قانداق بولار ھە؟ ئەگەر شۇ چاغدا قولۇمدا پىچاق بولسا ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا تىقىۋېتىمەن.  شۇنىڭدىمۇ ئاچچىقىم چىقمايدۇ تېخى.

_ كىچىك بالا  ئۇماق بولغان بىلەن بەزىدە بەك قەغىشلىك قىلىپ ئادەمنى بىزار قىلىۋېتىدۇ.  يەنە كېلىپ بالا بولسا مەسئۇلىيەت ئېغىرلايدۇ. ئىككىمىز تىنىچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەك ئۇمۇ ياخشى.

ئۇنىڭ ماڭا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويۇۋاتقىنىنى بىلىمەن.

_ لېكىن چوڭ دادامنىڭ ئەۋرىلىك بولغۇسى بار تۇرسا.

يەنە بىر گەپنى دېمەي ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم. ئەسلى «دادىڭىز مېنى ئەسلىمۇ ياقتۇرمايتتى،  ئەگەر بۇ ئىشنى بىلىپ قالسا، ئىككىمىزنى چوقۇم ئاجراشتۇرىۋېتىدۇ»دېمەكچى ئىدىم.

ئۈمىد تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى.

_  مەلىكەم، سىزگە ئەدەبىيات دەرىسىنى تەنتەربىيە مۇئەللىمى ئۆتكەنمۇ نىمە؟

_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟

_ قاراڭ، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېھتىماللىقنى دەپتۇ، پۈتۈنلەي كېسىپ ئېيتماپتۇغۇ؟.  نىمىشقا بۇنداق ئۈمىدسىزلىنىسىز؟

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەقىقەتەن ھامىلدار بولۇش نىسبىتى كىچىك دەپتۇ، پۈتۈنلەي ھامىلدار بولالمايدۇ دېمەپتۇ. لېكىن......

_ مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن، ئۈمىد.

_ ماڭا ئىشىنىڭ، ئۇنىڭدىن ئۆچىڭىزنى ئالىدىغان كۈن چوقۇم كېلىدۇ.

ئۇ ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دەۋاتاتتى.

ئەتىسى ئەتىگەن ئاشخانا ئۆيدە ناشتلىىق تەييارلاۋاتسام ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى.  بۇنچە سەھەردە كەلگەن كىمدۇ؟  ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلىگەچ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم.


داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k