
بۇ ئەسەرنىڭ 26 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
تويى بولىۋاتقان ئىككەيلەن شۇنداق قىلىپ ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا ئالاھىدە بېزەلگەن قىز-يىگىت ئۈستىلىگە بېرىپ ئولتۇدى. ئۇنىڭغىچە ئۈمىد ئىككىمىزمۇ بىرەيلەننىڭ يول باشلىشى بىلەن قىز-يىگىت ئۈستىلىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇردۇق. توي ئۆز تەرتىپى بويىچە ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى. قىز يىگىت چوڭلارغا سالام بەرگىلى چىقتى، ئايگۈزەلنىڭ كۆزى مەندە، ياق، توغرىسى ئۇچامدىكى كۆڭلەك بىلەن بوينۇمدىكى مەرۋايىت مارجاندا ئىدى. ھەرقانچە ئۆزىنى كۈلكىگە زورلىسىمۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتەلمەيۋاتاتتى. ئەزىمەت كاللىسىدا نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدىكىن، قاپىقى ئىزچىل ئېچىلمىدى.
مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەر خىل نەزەردە قاراشلىرى بىلەن پەرۋايىم پەلەك، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرىۋەردىم، ئۈمىدكە ئاستا قارىدىم، ئۇمۇ شۇ ئېسىل سالاپىتىنى ساقلاپ بىر خىل رەۋىشتە ئولتۇرىدۇ.
توي مۇراسىمىنىڭ قائىدىلىرى بىرە قۇر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىز بىلەن يىگىت كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ، ھەر بىر ئۈستەلدىكى مېھمانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ سۈرەتكە چۈشۈش باسقۇچىغا كەلدى. ئۇلار ھەر بىر ئۈستەلگە بېرىپ كەلگەن مېھمانلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ سۈرەتكە چۈشۈشكە باشلىدى، ئەزىمەتكە قارىسام بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە يېقىنلاشقانچە جىددىيلەشكىلى تۇردى. لېكىن مەن يەنىلا شۇنداق ئېغىر بېسىق ھالەتتە ئولتۇرىمەن، ئۈمىد مەندىن بەكرەك تەمكىن. ئۇلار ئاخىرى بىزنىڭ ئۈستەلگە كەلدى. ئۇلار ئۈمىد ئىككىمىزنى كۆرمەسكە سېلىپ، يېنىمىزدىكى باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرەتكە چۈشۈپلا كەتمەكچى بولۇۋىدى، مەن ئالايىتەن چاقىردىم. ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئۈستەلدىكىلەرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. مەن ئاستا ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ ئىككىيلەننىڭ ئالدىغا باردىم.:
_ مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش، ئايىقىڭلار تاش بولسۇن. مەڭگۈ بىللە ئۆتەرسىلەر.
ئۇلار مېنىڭ قەستەن تەنە گەپ قىلىۋاتقىنىمنى بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك، ئەزىمەتنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى، ئايگۈزەل ماڭا چەكچىيىپ قارىدى، مۇمكىن بولسا مېنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى بار ئىدى. ئەمما شۇنچە كۆپ مېھمانلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن دېدىمىكىن، چاندۇررمىدى. ئاندىن ئەزىمەتكە قاراپ:
_ رەھمەت سىزگە. ھېلىمۇ ياخشى مەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپتىكەنسىز، بولمىسا ھازىرقى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشەلمەس بولغىيتتىم._ دېدىم. ئەزىمەت ئىنتايىن ئوڭايسىز بىر ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە «خوپ بولدى» دەپ ئويلىدىم. مەن بۇ گەپنى ئەزىمەتكە دېيىشنى ئويلاپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان، ئەمما بۈگۈنكىدەك ۋاقىتتا دەۋالىدىغان پۇرسەت كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مەن بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە يېقىنلا يەردە بولغاچقا دېگەن گەپلىرىمنى ئۈستەلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئاڭلىغان بولسا كېرەك، پىخىلداپ كۈلۈشكىلى تۇردى. بۈگۈن ئەزىمەت بۇ يەردىكى باش پېرسۇناژ، شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ يۈرسە بولمايدۇ، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلماي تېزلا كېتىپ قالدى.
مۇراسىم يېرىملاشقاندا مەن تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قولۇمنى يۇۋاتسام قىزىل رەڭلىك تار، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان ئايگۈزەل كىردى. ئۇنىڭ ئاچچىقتىن كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.
_ نازىيە، سىز نىمىگە كەلدىڭىز؟ توينى بۇزاي دەپ كەلدىڭىزما؟
مەن قولۇمنى يۇغاچ:
_ ئۆزىڭىز تەكلىپ قىلغانغۇ؟_ گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقماستىنلا ئايگۈزەل چېچىمدىن قاماللاپ جېنىنىڭ بارىچە تارتىپ ، بېشىمنى قولۇمنى يۇۋاتقان قول يۇيۇش ئوقۇرىغا تىقتى، بېشىمنى باسقاچ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ تىللاۋاتاتتى.
_ ھۇ پەسكەش، بۈگۈن سېنىڭ بۇنداق پەسلىك قىلىشىڭنى ئويلىماپتىمەن. ئېرىڭ بار تۇرۇپ يەنە مېنىڭ ئېرىمنى ئازدۇراي دېگەنمىتىڭ، ئۇخلاپ چۈشۈڭ.
باش تېرەم سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى، بىر ئامال قىلىپ قولۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىنى تاتىلىدىم.
_ ئەزىمەتنى ئازدۇرامدىكەنمەن؟ ئايگۈزەل، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزىدىغان ئادەم سەن، ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش چاغلاپ قالدىڭما؟
ئايگۈزەل شۇ تاپتا ساراڭنىڭ ئۆزى بولغان ئىدى، ئۇ بىر قولى بىلەن بېشىمنى بېسىپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئۇچامدىكى كۆڭلەكنى كۈچىنىڭ بارىچە تارتتى.
_ ھۇ پاسكىنا، قەستەن مۇشۇ كۆڭلەكنى كىيىپ كېلىپ مېنىڭ چىشىمغا تىگەي دېگەنمىتىڭ؟ كىيە مانا، ھە، ئەمدى كىيگىنىڭنى كۆرەي. مەن ئايگۈزەلنى بوش چاغلاپ قالدىڭما؟
ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تەلۋىلىكى تۇتقان ئىدى، كۆڭلىكىمنى تارتقاننى ئاز دەپ بوينۇمدىكى مەرۋايىت مارجانغا ئېسىلدى. مەن ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ باقمىغان، بۇ جەھەتتە ئايگۈزەل خېلىلا تەجربىلىكتەك قىلاتتى، ئۇنىڭ كۈچىمۇ خېلى ئوبدانلا بار ئىكەن. ئۇنىڭغا زادىلا كۈچۈم يەتمىدى. ئۇ كۆڭلەكنىڭ ئالدىنى تارتىپ يىرتىۋەتتى، بوينۇممۇ ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى، مەرۋايىت مارجان زەخمىلەندۈرگەن بولسا كېرەك. دەل مۇشۇ چاغدا بىرەيلەن ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ كىردى، ئايگۈزەلنىڭ قولىمۇ بوينۇمدىن ئاجرىدى، چۈنكى ئۇ مەرۋايىت مارجاننى ئۈزۈپ بولغان ئىدى. مەرۋايىت مارجاننىڭ دانىچىلىرى ھەممە يەرگە چېچىلىپ سەكرەشكە باشلىدى، بىر نەچچە تېلى ھەتتا ئەۋرەز تۈشۈكىگە چۈشۈپ كەتتى. مارجانلارغا ئىچىم ئاغرىپ چېچىلىپ كىتىۋاتقان مارجانلارنى تېرىشكە باشلىدىم.
_ يوقال.
ئۈمىدنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئايگۈزەل ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنىڭ كەينىنى دەسسەپ يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتى. بىر تەرەپتىن مارجانلارنى تېرىۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن ياشلىرىم توختىماي ئېقىۋاتىدۇ.
_ بولدى، نازى، تەرمەيلا قويۇڭ. _ ئۈمىد مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئاۋۋال كۆڭلىكىمنى ، ئاندىن قولى بىلەن چېچىمنى تاراپ ئوڭشىدى. _ بىر يېرىڭىز زەخمىلەنمىگەندۇ؟
مەن بېشىمنى چايقىدىم، ئەمما چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىت مارجانلارغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.
_ بىر ئوبدان مارجاننىڭ بولۇپ قالغىنىنى قاراڭ، بىر نەچچە تېلى ئەۋرەز تۈشۈكىگە چۈشۈپ كەتتى، تۇتىۋالالمىدىم.
ئۈمىد يېشىمنى سۈرتكەچ، كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك بەزلىدى. :
_ يىغلىماڭ. ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسا يېڭىنى ئېلىپ بېرىمەن. مەندە پۇل دېگەن كۆپ، بىلىسىزغۇ.
ئۇ شۇنداق دېگەنچە تېخىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كېتىۋاتاتتىم. مەن ئىسەدەپ تۇرۇپ:
_ نىمىشقا؟ ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ مېنى بۇرۇن بوزەك قىلغىنى يەتمىگەندەك يەنە مۇشۇنداق بىشەملىك قىلسا بولامدۇ؟_ دېدىم.
ئۈمىد مۈرەمگە يىنىك شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:
_ ئۇلارنىڭ بىشەملىكى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، قاراپ تۇرۇڭ ھە_ دېدى.
ھەقىقەتەن ئۈمىدنىڭ دېگىنىدەك، ئۇلارنىڭ بىشەملىكى ئۇزۇنغا بارمىدى. بىردەمدىن كېيىنلا توي باشقىچە «قىزىپ» كەتتى.
تازىلىق ئۆيىدىن چىققان ۋاقتىمدا كەيپىياتىم خېلى تۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. ئۈمىد ئىككىمىز ئىككىنچى قەۋەتنىڭ رىشاتكا بىلەن توسۇلغان يېرىگە كېلىپ تۇردۇق.
_ بۇ يەردە نىمە قىلىمىز؟ چۈشۈپ ئۈستەلدە ئولتۇرمامدۇق؟
ئۇ رىشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ:
_ بەزى نەرسىلەرنى ئۈستىدە تۇرۇپ كۆرسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيسىز_ دېدى.
بايا تېخى تازىلىق ئۆيىدە ھازازۇللۇق قىلىپ مېنى چېچىمدىن تارتىپ قىلمىغان قىلىقى قالمىغان ئايگۈزەل بىر نەچچە ئاياللار بىلەن قىزغىن پاراڭلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆرۈپ قالدى ۋە چىرايىدىكى كۈلكىنىڭ ئورنىنى يەنە قارا تۇمان ئالدى.
_ ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلار، كەلگەن قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
رىياسەتچىنىڭ ئاۋازى چىقتى. ھەممەيلەننىڭ دىققىتى سەھنىگە بۇرالدى.
_ بۈگۈن بىر جۈپلىرىمىز ئەزىمەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈزەل خانىمنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتىشتى. ئالقىش سادالىرى بىرەر قۇر بېسىققاندىن كېيىن رىياسەتچى گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
_ تۆۋەندە تەيييارلىغان قىسقا فىلىمىمىزنى بۈگۈنكى بىر جۈپلەرگە سوۋغات سۈپىتىدە سۇندۇق، ھەممەيلەننىڭ نەزىرى چوڭ ئىكراندا بولسۇن.
ئايگۈزەل ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ئەزىمەتكە قارىدى، قارىغاندا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمىسا كېرەك. ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالەتتە ئايگۈزەلگە قارىدى، ئۇمۇ بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمىسە كېرەك. ھەر ئىككىيلەن بۇنى قارشى تەرەپنىڭ مېنىى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان سوۋغىسى دەپ چۈشەندى بولغاي، تەقەززالىق بىلەن ئىكرانغا تىكىلدى.
چوڭ ئىكراندا دەسلەپتە ئىككىيلەننىڭ تويلۇق سۈرىتى، تۇرمۇش سۈرەتلىرى كۆرۈندى، نىمىدېگەن ئامراق بىر جۈپلەر ھە دېگۈدەكلا سۈرەتلەر ئىدى. ھەممەيلەن پۈتۈن دېققىتى بىلەن ئىكرانغا تىكىلگەن چېغىدا ، ئىكراندا تۇيۇقسىزلا بىر پارچە رەڭسىز سۈرەت كۆرۈندى. مېھمانلار سۈرەتتىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئەزىمەتنىڭ چىرايى دەھشەت ئۆزگەردى. ئىكراندا كۆرۈنگىنى بىر قىزنىڭ سۈرىتى ئىدى، ئەمما ئۇ ئايگۈزەل ئەمەس. مەن بۇ سۈرەتتىكى قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلدىميۇ، لېكىن دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم.
كەينىدىنلا كونا گېزىتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ھەر بىر پاچە گېزىتتىكى مەزمۇن چوڭايتىپ كۆرسىتىلدى، ھەممىسى ئەينى يىللاردىكى ئايال ناخشىچى نازىيەنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئىدى. مېھمانلار «نىمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ بۇ زادى قانداق ئىش؟ نىمىشقا بۇ سۈرەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؟» دەپ ئۆز ئارا كۇسۇرلىشىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىكراندا بىر ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ سۈرىتى بىلەن قىزىل رەڭلىك بىر نەچچە تال خەت كۆرۈندى:«ئەزىمەت، قانغا قان تۆلە».
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















