大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 59 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 59 - قىسىم aybarawazi
2023-08-08
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 60 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58







ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

59-قىسىم


      ئۇ ئادىلەنىڭ قولىنى ئاستا قولىدىن ئاجراتتى. 

_ سىزنى ئاغرىق دەپ ھېلىمۇ بەك يول قويدۇم. يول قويدى دەپ ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ ھە. ئەمدى ساقايدىڭىز، بۇندىن كېيىن بۇ يەرگىمۇ كەلمەيمەن،   سىزمۇ مېنى ئىزدىمەڭ، مېنىڭ قىز دوستۇم بار، مەن ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، سىز بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ئۇ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ، مەن ئۇنىڭ ئازابلىنىشىنى خالىمايمەن. 

ئىچىمدە فەرۇخقا يۈز نۇمۇر قويۇۋەتتىم. 

ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا بىزنى كۆرۈپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.  ئادىلە فەرۇقنىڭ گەپلىرىدىن خىجىل بولۇپ قالغان بولسا كېرەك، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.  بىز ئەكەلگەن نەرسىلىرىمىزنى قويۇپ ئۇزۇن ئولتۇرمايلا ياندۇق.  بىنادىن چۈشۈۋاتساق تېلېفونۇم سايرىدى، تېلېفون ھاممامدىن كەلگەن ئىدى.  ئۇ ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان ئىكەن،  كېلىنى ئوغۇل بوۋاق يەڭگىپتۇ.  پەسكە چۈشۈشىمىزگە فەرۇق نىگارەنى چاقىردى، ئۇلارنى ئايرىم پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ، ھاممامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ باھانە كۆرسىتىپ ماڭدىم. 

ھاممام ئالايىتەن تېلېفون قىلغان ئىكەن، نەۋرىسىنى كۆرگىلى بارمىساممۇ قاملاشمايدۇ.  مەن ئۇلارغا ئوخشاش يۈزسىزلىكنى ھەرگىز قاملاشتۇرالمايمەن.  بالىلار كىيىملىرى دۇكىنىغا بېرىپ بىر قۇر بالىلار كىيىمى  ئېلىپ ھاممام دەپ بەرگەن ئادرىس بويىچە  ئۇلار تۇرىۋاتقان قۇرۇلۇش ئورنىنى تېپىپ باردىم.  ئۇلار قۇرۇلۇش ئورنىدىكى يۆتكىلىشچان كەپە قاڭالتىر ئۆيدە تۇرىۋېتىپتۇ.  ھاممام مېنى بەك قىزغىن كۈتىۋالدى، مەن كۆتۈرۈپ كەلگەن كىيىمنى كۆرۈپ « جۇۋاپ كېتىپسىز، قۇرۇق كېلىۋەرسىڭىز بولمامتى» دېگەچ قولۇمدىن كىيىمنى ئالدى.  مەن ئولتۇرغاچ ئۇلار تۇرىۋاتقان بۇ ئۆيگە سەپسالدىم. بۇ ئۆينىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس،  ئەڭ مۇھىمى بۇنداق ئۆيلەر يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق بولىدۇ. 

چىرايىدىن ساددىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان يەڭگەم بېشىغا يىپتىن توقۇلغان بىر بۆكنى كىيىپ يېتىپتۇ.  يېنىغا بېرىشىمغا ماڭا قاراپ كۈلدى. ئۇ چىرايىدىن قاراشقىلا ئىنتايىن يۇۋاش كۆرۈنىدىغان كەمسۆز ئايال ئىدى. ھاممام ئۇنىڭغا بالىنى ئىمىتىڭ دېۋىدى ، ئۇ دەرھال ئۆرە بولۇپ بالىنى  قولىغا ئالدى، ھاممام ئۇنى بالىنىمۇ ئوڭلاپ تۇتالمىغان دېۋىدى، دەرھال  بالىنى ئوڭشىدى. بىردەمدىن كېيىن نەۋرە ئاكام قايتىپ كەلدى.  ئۇ مېنى كۆرۈپ ئازراقمۇ ئەجەبلەنمىدى.  ئۇ بېشىدىن بىخەتەرلىك قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈستى بېشىدىكى توپا چاڭلارنى قېقىپمۇ قويماي بالىنىڭ يېنىغا كەلدى.  بالىنى قولىغا ئېلىپ يۈزىدىكى قىزىرىپ قالغان يەرنى كۆرۈپ دەرھال قاپىقى تۈرۈلدى. 

_  بالىنىڭ يۈزىگە نىمە بولدى؟_ دېدى ئۇ ئىنتايىن قوپال ئاھاڭدا.  يەڭگەم نەۋرە ئاكامنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى ۋە تولىمۇ پەس ئاۋازدا:

_ بالا ئۆزى تاتىلىۋاپتۇ_ دېدى. 

_ ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدە يېتىشتىن باشقىنى بىلمەيسەن، بىر بالىغا ئوڭلاپ قارىيالماي يۈرگەن، لەقۋا. بالا يۈزىنى تاتىلىۋالغۇچە سەن نىمە ئىش قىلغان؟ 

يەڭگەم  نەۋرە ئاكامغا جاۋاب قايتۇرۇشتىن قورقتى بولغاي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇردى.  ھاممام بىر چەتتە تۇرۇپ تېخىمۇ ئېچىتقىلى تۇردى. 

_ مەنمۇ يا ئىشقا سالمايمەن بولمىسا.  ئەتىدىن كەچكىچە كالىدەك پۇشۇلدەپ يېتىشتىن باشقىنى بىلمىگەن،  بالا ھېلىغۇ يۈزىنى تاتىلىۋاپتۇ، قولىنى كۆزىگە تىقىۋالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ 

    بۇ ئىشلارغا قاراپ چىدىيالماي، يەڭگەمگە بولۇشۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي دەپ تۇرسام، ئىشىكتىن يەتتە سەككىز ئادەم ئېتىلىپ كىردى.  ئۇلار قوللىرىغا تۆمۈر كالتەك كۆتۈرىۋالغان بولۇپ چىرايىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى.  ئۇلار كىرىپلا نەۋرە ئاكامنى ئورىۋالدى.   ئارىدىكى قاۋۇلراق بىرى قولىدىكى تۆمۈر كالتەك بىلەن سۇلياۋ داسنى ئۇرۇپ چېقىۋەتتى. 

_ بۈگۈن ئىش ھەققىمىزنى چوقۇم بېرىسەن، بولمايدىغان بولسا بىزنى قاتتىق قوللۇق قىلدى دەپ ئاغرىنما. 

_ توغرا، بۈگۈن ئالغىنىمىز ئالغان. بالاڭغا سۈت پاراشۇكى ئېلىپ بېرىدىغانغا پۇلۇڭ بار ئىكەن،  نىمىشقا بىزنىڭ ئىش ھەققىمىزنى بەرمەيسەن. 

_ بۈگۈن پۇلنى ئالمىغىچە چىقمايمىز. 

ھەممەيلەن بەس بەستە ۋارقىرىشىپ كەتتى.  نەۋرە ئاكام چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى. 

_  ئاچچىقىڭلارنى بېسىۋېلىڭلار، مەنمۇ بەرمەيمەن دېمىدىمغۇ،  سىلەر مېنىڭ قول ئاستىمدا ئىشلەۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، ئەزەلدىن ئىش ھەققىڭلارنى ۋاقتىدا بېرىپ كېلىۋاتىمەنغۇ.  بۇ قېتىم ھەقىقەتەن قولۇم قىس بولۇپ قالدى،  ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بېرىڭلار، يۇقىرىدىن پۇل كەلسىلا بىرىنچى بولۇپ سىلەرنىڭ ئىش ھەققىڭلارنى بېرىمەن. 

لېكىن ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. 

_ قولۇم قىس بولۇپ قالدى دېسەڭ بىز قانداق قىلىمىز؟  ئۆيىمىزدىكى نەچچە جان بىزگە قاراشلىق تۇرسا،  سەن بىزگە ۋاقىت بېرىڭلار دېگىنىڭ بىلەن قۇرساقنى ئاسمانغا ئېسىپ قويغىلى بولمىسا يا. 

_  باشقىلاردىن قەرز ئالامسەن، يا قېنىڭنى ساتامسەن كارىمىز يوق، ئىشقىلىپ بۈگۈن پۇلىمىزنى ئالغىنىمىز ئالغان. 

كۆپچىلىك  راستلا بىر نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى.  بۇنى كۆرۈپ ھامماممۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى. 

_ بىزنى بۇنداق قىستىساڭلار بىز كىمدىن قەرز ئالىمىز؟ 

ھاممام بۇ گەپنى دەۋېتىپ يالت قىلىپ ماڭا قاراپ قويدى. 

_ كىمدىن قەرز ئېلىشىڭلار بىلەن كارىم يوق....

_ بولدى بەس_ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ  كەتتىم. ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىۋاتقانلارمۇ بېسىلىپ،  ھەممەيلەن ماڭا قارىدى.  ھاممامنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى، نەۋرە ئاكاممۇ ئۈمىدلەنگەندەك ماڭا قاراپ تۇراتتى.  مەن پورتمالىمنى چىقىرىپ ئىچىدىن ئىككى يۈز يۈەن پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدىم ۋە بالىنىڭ يۆگىكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويدۇم. 

_  مۇبارەك بولسۇن، يەڭگە. بۇ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم.  ياخشىراق ئارام ئېلىڭ، ئەمىسە. 

سومكامنى ئېلىپ ماڭدىم.  ھېلىقى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوغۇق كۈلدۈم. 

_ ئويۇننى خېلى ئوخشىتىپ ئوينايدىكەنسىلەر.  كىنو ئارتىسى بولساڭلار بولىدىكەن ئەسلى.  ئىسسىت، شۇنچە ئىقتىدارلىق تۇرۇپ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ يۈرۈپسىلەر. 

ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىۋەتكىنىمدىن ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.  لېكىن ھاممام يەنە كۆزۈمنى بۇياش نىيىتىدىن يانمىغاندەك قىلاتتى. 

_ نازىيە، مەن دېگەن سىزنىڭ ھاممىڭىز.  قارىڭە دەۋاتقان گېپىڭىزنى. سىزمۇ كۆردىڭىز، بىزنىڭ ھال كۈنىمىز مۇشۇ، قىيىنچىلىقىمىز بارلىقى راست، سىزنى ئالداپ نىمە قىلاتتۇق؟

ھاممامنىڭ گەپلىرىگە ئەمدى ھە دەپ تۇرىۋېرىشكە تاقىتىم قالمىدى. 

_ سىلەر بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگىلى بىر ئىككى كۈن بولمىدى،  مېنىڭچە مەن كېلىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشچىلارمۇ بۇ يەرگە كىرىپ باقمىغانغۇ دەيمەن،  بۈگۈن مەن كەلگەندە ئىش ھەققىنى سۈيلەپ كىرىپ قاپتۇغۇ.  ئۇلار كىرىپلا ھەممە نەرسىنى ئۇرۇپ سوقۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئازراق ئىشەنگەن بولاتتىم.  بىر سۇلياۋ داسنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەنگە ئاچچىقى چىقىپ قالامدىكەن؟ مېنى كىچىك بالا كۆرۈپ قالدىڭلارما؟

بايا كىرگەن بىر نەچچەيلەن ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى بىلىپ ئاستا چىقىپ كېتىشتى.  ھاممام يۈزىنى بەك ئايايدىغان ئايال،  مېنىڭ ھەم ئىشچىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ، گەپنى ئۇدۇللا ئېيتتى. 

_ نازىيە. بىزنىڭ راستلا قىيىنچىلىقىمىز بار، سىزمۇ كۆردىڭىز.  بىز ئۈچ ئەۋلاد مۇشۇ كاتەكتەك يەردە قىستىلىپ تۇرىۋاتىمىز.  ئەمدى بالا تۇغۇلدى، ئۇنىڭغا زاكا ئالمىساق بولمايدۇ، سۈت پاراشۇكى ئالمىساق بولمايدۇ، پۇل  سۇدەك كېتىۋاتىدۇ.  نەۋرە ئاكىڭىز ئىش كۆتۈرە ئالغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئەمەس.  يۇقىرىدىن پۇل ئۇرمىسا ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەلمەيدىغان گەپ. ئىش ھەققىنى ئالالمىسا ئىشچىلار ئىش تاشلايدۇ.  ئىش ۋاقتىدا تاماملانمىسا تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ. ھازىر سىزنىڭ ھال  كۈنىڭىز ياخشى، يولدىشىڭىزنىڭ پۇلى كۆپ، ئۇنىڭغا دەپ نەۋرە ئاكىڭىزغا ئازراق پۇل قەرز بېرىپ تۇرسىڭىز، ئۆزىنى ئوڭشىۋالسا قانداق؟ 

_ ھامما، يولدىشىمنىڭ پۇلى كۆپ ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ ئۇنىڭ پۇلى.  مەن ئۇنىڭ پۇلىغا تەگمەيمەن، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ پۇلى بىلەن تۇققانلىرىمنىڭ يېنىنى توملىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.  قىيىنچىلىق كۈنلەرنى بۇرۇن مەنمۇ باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان، ئۇ كۈنلەرگە قارىغاندا  سىلەرنىڭ ھازىرقى كۈنۈڭلارنى جاپالىق دېگىلى بولمايدۇ. پۇل بولمىسا تىرىشىپ پۇل تاپىدىغان گەپ،  پۇلۇم يوق دەپ  بالىنى ئەچىقىپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ، جاپادا چوڭ بولغان بالا تېخىمۇ ياراملىق بولىدۇ، كىم بىلىدۇ، جىيەنىم كېيىن ياراملىق ئادەم بولامدۇ تېخى. 

گېپىمنى دەپ بولۇپ ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتىم، ھاممام بىلەن نەۋرە ئاكامغا قاراپمۇ قويمىدىم.  بىلسەم بىلمىسەم ئۇلار كەينىمدىن ماڭا يەۋېتىدىغاندەك قاراپ  قالدىغۇ دەيمەن.  ئەمەلىيەتتە مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنلا ھاممامنىڭ ماڭا مەقسەتلىك تېلېفون قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان،  لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنچىۋالا نۇمۇسسىزلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن.   ھاممامنىڭ ئائىلىسىدە مېنىڭ بىردىنبىر ھېسداشلىق قىلىدىغىنىم ئۇنىڭ كىلىنى.  ئۇ ئىنتايىن يۇۋاش، ئۇ ئائىلىدە ئۇنىڭ گەپ قىلىش ھوقۇقىمۇ يوقتەك قىلاتتى.  شۇڭا بايا كىرگەندىلا ئۇلارغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ قۇۋۋەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ يەڭ دەپ يەڭگەمنىڭ يېنىغا 500 يۈەن سېلىپ قويغانتىم.  قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۈمىدكە ھاممامنىڭ يېنىغا بارغىنىمنى دېمىدىم.  راستىمنى ئېيتسام بۇنداق تۇققىنىمنىڭ بارلىقىدىن نۇمۇس قىلىمەن. 

ئۆتكۈر كۆچۈپ كېتىپ ئۆيدە ئۈمىد ئىككىمىزلا قالدۇق.  ئۈمىد قايتىپ كەلگەندە مەن ئەمدى تاماقنى پىشۇرۇپ تۇرغانتىم.  تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانا ئۆيدە دوختۇر ئالدىنقى قېتىم يېزىپ بەگەن دورىنى قاينىتىۋاتاتتىم.  ئۇنىڭ تېلېفونى سايراۋەردى.  مەن دوختۇرخانىدا «نازىيە» ئىسىملىك بىرىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قالغاندىن بۇيان ئۈمىدنىڭ تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلسە جىددىيلىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.  قايناپ تەييار بولغان دورىنى ئېلىپ چىقتىم. ئۈمىد كرىسلودا تېلېفونغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن دېققىتى تېلېفوندا، ھە دەپ بىر نىمىلەرنى بېسىۋاتاتتى. 

«ئەجىبا ھېلىقى نازىيە بىلەن پاراڭلىشىۋاتامدىغاندۇ؟ نىمىلەرنى دىيىشىدىغاندۇ؟  ھېلىقى ئۇچۇرىدا دېگەن ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتامدىغاندۇ يە؟  لېكىن ئۇ نازىيە ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا،  ئۇچۇر يوللاۋاتقان كىمدۇ؟ » قولۇمدا دورا قۇيۇلغان قاچىنى تۇتۇپ تۇرغىنىم بىلەن كۆزۈم ئۈمىدنىڭ خەت ئۇرىۋاتقان قولىدا ئىدى.  ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىغا كەلگىنىمنىمۇ تۇيمىدى، ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ بېشىمنى سوزۇپ قارىدىم. 

_ نىمە كۆرىۋاتىسىز بۇنچە قىزىقىپ؟ 

ئۇ جىددىيلىشىپ تېلېفونىنى يىغىشتۇرمىدى.  ئەكسىچە ماڭا كۆرسەتتى. 

_ شىركەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بىلەن بىر ئىش توغرىلىق سۆزلىشىۋاتىمەن. 

«ئۇف» دېدىم ئىچىمدە.  ئۇ جۇڭيى دورىسىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىمۇ، ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى. 

_ نىمە دورا ئۇ؟

مەن ئايلىنىپ بېرىپ  قاچىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئۇنىڭغا ئالدىنقى قېتىم نىگارە بىلەن دوختۇرخانىغا بارغان ئىشىمنى ئېيتىپ بەردىم. 

_ دوختۇر ماڭا دورا ئىچسىڭىز بويىڭىزدا قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ دەيدۇ. 

_ ئۆزىڭىزگە بەك بېسىم قىلىۋالماڭ. بالا بولسا ياخشى، لېكىن بالا بولمىسىمۇ ئىككىمىز خاتىرجەم، خۇشال خورام ئۆتسەك ماڭا شۇ كۇپايە. 

 تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى، تېلېفون نىگارەدىن كەلگەن ئىدى. تېلېفوننى قويۇپلا ئۈمىد ئىككىمىز ئۇ ئىشلەيدىغان تەيچۈەنداۋ كۇلۇبىغا ماڭدۇق.  ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ئۆگزىگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگردۇق.  ئۆگزىگە چىقىپلا قورققىنىمدىن پۇتۇمدا جان قالمىدى. ئادىلە ئۆگزىنىڭ گىرۋىكىدىكى رىشاتكىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە بىر شامال چىقسىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى.  نىگارە رىشاتكىغا يېقىنلا يەردە ئادىلەگە قاراپ تۇرۇپتۇ.  بۇ بىنا سەككىز قەۋەت، ئەگەر راستلا چۈشۈپ كېتىدىغان بولسا ساق قالامدۇ؟ مەن ئادىلەنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى ھىيلىسى ئاقمىغاندىن كېيىن بۇنداق  ئىش قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. 

_ ھېچقايسىمىز كىچىك بالا ئەمەس،  بۇ قىلىۋاتقىنىڭىز ھاماقەتلىك بىلەمسىز؟

نىگارە ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالەتتە سۆزلەۋاتاتتى.  ئۇمۇ بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا چىشىغا تەگسە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. 

_ توغرا، مەن ھاماقەت، مۇشۇ قېتىم ھاماقەتلىك قىلىمەنغۇ قانداق؟ سەن بولمىغان بولساڭ فەرۇق ئاللىبۇرۇن يېنىمغا قايتىپ كەلگەن بولاتتى، ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ. 

ئادىلە بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك، گەپ قىلىۋاتقاندا تىترەپ كەتتى، ئۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم. 

_ ئادىلە، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ_ دېدىم مەن. 

_ ئۆزۈمنى بېسىۋالالمايمەن، فەرۇق كەلسۇن. 

_ ماقۇل، ماقۇل، مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي، ئاۋۋال يېنىپ چۈشۈڭ. 

_ مېنى ئالدىماقچىما؟  مەن ئالدام خالتاڭلارغا چۈشمەيمەن.  مۇشۇ يەردە تۇرىمەن، ئۇ كەلسۇن، كەلمەيدىغان بولسا بۈگۈن ئۇنىڭغا ئۆلۈپ بېرىمەن.  ئۇ بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىپ ئۆتۈپ كەتسۇن. 

مەن تېلېفونۇمنى چىقىرىپ فەرۇخقا تېلېفون قىلدىم، تېلېفون خېلى ئۇزۇن سايرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئالدى. 

_ ۋەي. 

_ ۋەي، فەرۇق، مەن نازىيە.  ئادىلە بىنادىن ...

_ سەكرىسە سەكرىسۇن، ئۇنى ھەرگىز توسماڭلار.

مەن گېپىمنى دەپ بولالمايلا فەرۇق قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىدى. قارىغاندا ئۇمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ بولغان بولسا كېرەك. 

ئادىلە خېلى زور ئۈمىد بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.  لېكىن ئۇ چىرايىمدىن فەرۇقنىڭ  نىمە دېگەنلىكىنى بىلگەن بولسا كېرەك، ۋارقىرىدى. 

_ فەرۇق،  بۈگۈن كەلمەيدىغان بولسىڭىز مەن راستلا سەكرەيمەن. مېنى قىلالمايدۇ دېمەڭ. 

ئۇ راستلا سەكرەيدىغاندەك لەپەڭلەشكە باشلىدى،  نىگارە قاچانلاردا چىقىۋالدىكىن، ئۇمۇ ئۆزگزىنىڭ گىرۋىكىگە برىپ رىشاتكىدىن ئاتلاپ تۇرىۋاپتۇ.  يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دېدى. 

_ نىگار، سەن نىمە قىلىۋاتىسەن؟ چۈشە، سەن ئەخمىقانە ئىش قىلىپ يۈرمە ھە. 

نىگارە ئۇنىڭغا قاراپ پەرۋاسىزلارچە :

_ سىز سەكرىسىڭىز مەنمۇ سەكرەيمەن.  سەكرىمىسەممۇ سىز مېنى تىرىك تۇرغۇزۇپ قىينىغۇدەكسىز. 

_ نىگارە، سەكرەپ بېقىڭە قېنى. 

تېلېفوندىن فەرۇقنىڭ جىددىيلىشىپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.  مەن بىر تەرەپتىن نىگارەگە  گەپ قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئادىلەگە فەرۇقنىڭ يولدا كېلىۋاتقىنىنى ئېيتىپ تىنىچلاندۇرماقچى بولدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەيلا فەرۇق يېتىپ كەلدى،  ئۇ يېنىمىزغا كېلىپلا نىگارەنىڭ تۇرغان يېرىنى كۆرۈپ چىرايى قارىداپ كەتتى. 

_ نىگارە، يېنىپ چۈشۈڭ. 

ئادىلە تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندى بولغاي. 

_ فەرۇق، كېلىپلا ماڭا قاراپمۇ قويماي ئۇنىڭغا يېنىپ چۈشۈڭ دەۋاتىسىز، ئەجىبا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن مەۋجۇت ئەمەسما؟ ماڭا ئازراقمۇ كۆڭلىڭىز يوقما؟  مەن بۇ يەردىن سەكرەپ ئۆلىۋالسام ئاندىن كۆڭلىڭىزدىن ئازراق بولسىمۇ ئورۇن ئالالايمەن، شۇنداقمۇ؟ 

مەن فەرۇقنىڭ نىگارەگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ئادىلەنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم، شۇنداق قىلىدىغان بولسا  بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. فەرۇقنىڭ ئۆزىنى تولىمۇ تەستە بېسىۋالغىنى چىقىپلا تۇراتتى.  ئۇ ئادىلەگە گەپ قىلغاچ ئاستا ئالدىغا ماڭدى. 

_ ئادىلە،  بۇنداق قىلسىڭىز مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئاۋۋال يېنىپ چۈشۈڭ، چىرايلىق پاراڭلىشايلى. 

_ مېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىمنى خالىمايسىز، كۆڭلىڭىزدە يەنىلا مەن بار، شۇنداقمۇ؟_ ئادىلەنىڭ كۆزلىرىدە ئۈمىد نۇرى چاقنىدى. 

فەرۇق نىگارەگە قارىۋېتىپ جاۋاب بەردى. 

_ ھەئە. 

ئۇ ئاستا ئاستا ئۇلارغا يېقىنلاشتى، ياق، توغرىسى نىگارەگە يېقىنلاشتى. «ئاپلا» دەپ ئويلىدىم مەن.  ئويلىغىنىمدەك ئادىلە بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ چالۋاقىدى. 

_ مېنى ئالداپسىز.  سىز مېنى ئەمەس، ئۇنى دەپ كېلىپسىز.  مېنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارىڭىز يوقكەن.  ماقۇل، ئۇ سىزگە شۇنچىۋالا مۇھىم بولسا مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتەي. شۇ چاغدىغۇ ماڭا قاراسىز. 

ئۇ راستلا نىگارەگە قاراپ ئىككى قەدەم يېقىنلاشتى.  نىگارەمۇ، بىزمۇ ئېسىمىزنى يىغىپ بولغۇچە ئۇ نىگارەنى بىنادىن ئىتتىرىۋەتتى. 



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k