
بۇ ئەسەرنىڭ 3 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
|||
ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
2- قىسىم
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىدىم، توغرىسى ئىشىنىشنى خالىمىدىم. پۇت قولۇمدا جان قالماي، ئاستا بېرىپ تامغا يۆلىنىۋالدىم. ئاۋازىم چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاغزىمنى ئېتىۋالدىم، ئەمما كۆز ياشلىرىمنى كونترول قىلالمايۋاتاتتىم. ئەسلى ھەممىسى ئۇ قۇرغان توزاقكەن ئەمەسمۇ. مەن ئىككى يىل ئېرىم دەپ ئۆي تۇتۇپ كەلگەن، كۆڭلۈمدە ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن ئادەم ئەسلى زەھەرخەندە ئەبلەخكەن. مەن خاتالىشىپتىمەن، ئۇنىڭ قۇرغان توزىقىغا ئۆز ئايىقىم بىلەن دەسسەپتىمەن. ھەرخىل گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئاستا بېرىپ كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدىم. چۈنكى ھازىرقى ھالىمدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇدەك ماجالىممۇ يوق ئىدى.
بىردەمدىن كېيىن ئەزىمەت كىردى. ئاستا كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ، مېنىڭ تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن يەنە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. ئىشىك يېپىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپلا دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئەزىمەت ئاستا ئاستا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولدى. مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان گەۋدىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قولىدىكى قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتا ئىدى. كۈچلۈك بىر قول مېنى بۇ يەردىن تېز كەت دەپ ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىندى. تۇيۇقسىزلا كاللامغا «قارا خالتىدىكىسى مېنىڭ بالام» دېگەن خىيال يالت قىلىپ كەچتى. بۇ خىيال بىلەن يۈرىكىمگە چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن، مەن تېخى بۈگۈنلا بويىدىن ئاجراپ تىنى ئاجىزللاپ كەتكەن بولۇشۇمغا قارىماي تېلېفونۇمنى ئېلىپلا سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم. لېكىن سىرتقا چىقىپ قەيەرگە مېڭىشنى بىلەلمەي بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇدۇل كەلگەن بىر تار يولغا يۈگۈرۈشكە باشلىدىم. ھازىر كاللامدا ھېلىقى رەزىل ئەبلەختىن قۇتۇلۇش دېگەن بىرلا خىيال بار ئىدى. ئەزىمەت قايتىپ كېلىپ مېنىڭ ئۆيدە يوقلۇقۇمنى بىلىپ كەينىمدىن قوغلاپ كېلىپ تۇتىۋالارمۇ دېگەن قورقۇنۇچ بار ئىدى. بىرەرىگە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىماقچى بولدۇم، ئەمما بۇ يېرىم كېچىدە كىمگىمۇ تېلېفون قىلارمەن. تېلېفونۇمنىڭ توكىمۇ تۈگەي دەپ قاپتۇ. خېلى ئويلانغاندىن كېيىن نىگارەگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفون بىر نەچچە قېتىم سايرىغاندىن كېيىن تېلېفوندىن يېقىن دوستۇم نىگارەنىڭ ئۇيقۇلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ۋەي نازى.
_ نىگارە.
مەن ماڭغان ئېتىز قىرى تار بولغاچقا ئېھتىياتسىزلىقتىن سېرىلىپ ئېتىزلىقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ ئۈستى بېشىم لايغا مىلىنىپ كەتتى. ئېتىزنىڭ ئىچىدىن چىققاندا ئايىقىم پاتقاقلىقتا قاپتۇ، تېلېفونۇمنىڭ توكىمۇ پۈتۈنلەي تۈگەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز يالىڭاياغ يۈگۈردۈم، ئاياق تەرىپىمدىن ئىسسىق قان ئېقىپ، بەدىنىمدىكى لاي بىلەن ئارىلىشىپ كىتىۋاتاتتى. مىڭبىر تەسلىكتە چوڭ يولغا چىقتىم، بۈگۈن كۈندۈزدە بىز تاماق يىگەن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلىدىم. يۈگۈرگەنچە ساياھەت رايونىدىن چىقىپ تاشيولدا يۈگۈرۈپ كىتىۋاتىمەن، توختاپ قالسام بولمايتتى. مېڭىۋېرىپ پۇتلىرىممۇ سېزىمىنى يوقاتقان ئىدى. ئەگرى بۈگرى ئاسفالىت يولدا قېپ قالغان ئاياق ئىزلىرىم بېشىمغا كەلگەن پاجىئەگە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى. ئىسسىق ياز شامىلى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئىچىمدىن تېشىمغىچە بىر خىل سوغۇقنىڭ دەستىدىن لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتىم.
ئاخىرى يېرىم تاغ قاپتىلىغا كېلىپ توختىدىم. تاغنىڭ ئاستىدىكى چەكسىز كەتكەن قاراڭغۇلۇققا قاراپ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. ئىككى يىل ئۆي تۇتۇش جەريانىدىمۇ ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەپتىمەن. مەن نىمىدېگەن ئەخمەق، نىمىدېگەن دۆت. بىر كېچىدە ئېگىز ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋېتىلگەندەك بولۇپ كەتتىم. تۇيۇقسىز ئاپام خىيالىمغا كەلدى. دادام ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالدى. ھازىر ئاپامنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى مەن، ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئاپام قانداق قىلىدۇ؟ يەنە ھېلىقى «چايكا»ئىسىملىك ياخشى نىيەتلىك كىشىچۇ؟ ئۇ مېنى ئوقۇتتى، ھەتتا ھازىرغىچە كيۇ كيۇدا ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ھاياتلىق يولۇمدىكى چىراق دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر مەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسەم، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىنى يوققا چىقارغان بولمامدىمەن؟ مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئاغزىم بىلەن رەھمەت دىيەلمىدىم، ھەتتا ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنىمۇ بىلمەيمەن. ئەزىمەت نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ بۇ ئىشلارنى ئېنىقلىشىم، بۇ ھېسابنى ئۇنىڭدىن چوقۇم ئېلىشىم كېرەك. ئاخىرى ئۆلىۋېلىش نىيىتىمدىن ياندىم. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ شۇ چاغدا ھېسسىياتىم بىلەن ئەمەس، ئەقلىم بىلەن قارار چىقارغىنىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن دەپ ئويلىدىم.
ئۆلىۋېلىش نىيىتىمدىن يانغان ئىكەنمەن، تۈزۈك ياشىشىم كېرەك. بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم بولمايدۇ. بىر ئامال قىلىپ شەھەرگە قايتىپ كېتىشىم، كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك. لېكىن يېرىم كېچىدە بۇ تاغ قاپتىلىدا ماشىنا توسۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاخىرى ساياھەت رايونىدىن قايتقان بىر تاكسى كەلدى، كۆزنى چاقنىتىدىغان چىراق نۇرىدا ئۈستى بېشىمنى تۈزەشتۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بولمىدى. مەن غورۇرۇمنى قايرىپ قويۇپ ماشىنىغا قاراپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم. ماشىنىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەجەبلەنگەن، بەزىلىرى مەسخىرىلىك قاراپ ماشىنىدا مۇزىكىنى بولۇشىغا قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشتى، بىرمۇ ماشىنا توختىمىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن بىر قەلەندەر، مۇساپىر، ياكى كاللىسىدىن ئادىشىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ قالدىممىكىن ئەيتاۋۇر.
بۇ ئېلاننى دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىڭ
بىرمۇ ماشىنا توختىمىغاندىن كېيىن ئامالسىز بىر خەتەرلىك قارارنى چىقاردىم. قايرىلمىدا تاغقا چاپلىشىپ تۇرۇپ يەنە چىراق نۇرى كۆرۈنسىلا ئېتىلىپلا چىقماقچى بولدۇم. ماشىنا سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كەتمىسەملا قايتىپ كېتىشىمدە ئۈمىد تۇغۇلاتتى. ھازىر ماڭا بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق. چىراق نۇرى كۆرۈندى، تەييارلىنىپ تۇرۇپ، پىلانىم بويىچە ئېتىلىپلا چىقتىم. جىددى تورمۇز قىلىنغان ئاۋاز ئاڭلاندى. لېكىن ئويلىغىنىمدەك قاتتىق سوقۇلۇپ يىراققا ئۇچۇپ كەتمىدىم، بەلكى ئۆزۈمنى بەك كۈچەپ ئاتقاچقا ئېنىرتسىيە كۈچۈم تەسىرىدىن يەردە دومىلاپ كەتتىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، لېكىن قاراڭغۇدا ئالدىمدىكى ئادەمنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. پەقەتلا ئۇنىڭ ئالدىرىماي بىر تال تاماكا چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلىگىنىنى پەرق قىلالىدىم. ئۇ چاقماقنى چىقىرىپ تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرغاندا ئاندىن ئازراق بىلدىم، ئۇ تەقى تۇرقى خېلى جايىدا ئادەمدەك قىلاتتى.
ئۇ ئاغزىدىن چەمبەرسىمان ئىسنى پۈۋدەپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن مېنىڭ ئەبگا بولۇپ كەتكەن ئۈستى بېشىمغا قاراشقا باشلىدى، مېنىڭ خىجىلچىلىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكىنىمنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
_ قىزچاق، تاللىمايلا ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان بولۇپ كېتىپسىلەر جۇمۇ، مېنىڭ بۇ ئەبجەق ۋېلىسپىتىمگە قانداق بولۇپ كۆزىڭىز چۈشۈپ قالغاندۇ دەيمەن.
ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك يېقىملىق، مېھرىبان ئىدى، ئەمما بۇ يېقىملىق ئاۋاز قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كېتىۋاتاتتى. توغرا، ئۇنىڭ مىنىۋالغىنى تاغقا چىقىش ۋېلىسپىتى، بايا مەن كۆرگەن چىراق يورۇقى ۋېلىسپىتنىڭ ئالدىغا ئورنىتىپ قويۇلغان يورۇتۇش چىرىقى ئىكەن. قارىغاندا ئۇ مېنى مەخسۇس ئۇششۇقلۇق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالغان دەپ ئويلاپ قالغان چېغى. ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغان شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەسخىرە ئارىلاش بىر خىل قەتئىيلىك يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. دەرھال بېشىمنى پەس قىلىۋالدىم، ئۆزۈمنى ئاقلىغۇممۇ كەلمەي، ئىككى تىزىمنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋالدىم.
_ ئەھۋالىڭىز تازا ياخشى ئەمەسمۇ نىمە؟
ئۇ مېنىڭ قان بىلەن لاي ئارىلىشىپ چاپلىشىپ كەتكەن يالىڭاياق پۇتلىرىمغا قاراپ شۇنداق دېدى.
مەن ئىختىيارسىز ئىككى بىلىكىمنى قۇچاقلاپ پەس ئاۋازدا:«مەن...مەن توڭلاپ كېتىۋاتىمەن» دېدىم.
ئۇ «ھە» دەپ بېشىنى لىڭشىتقاچ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋېلىسپىتكە ئىلىپ قويغان سومكىسىدىن بىر چاپاننى ئېلىپ ئۈستۈمگە يېپىنچاقلاپ قويدى.
_ رە.....رەھمەت سىزگە.
مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم ھەم ئازراق خىجىل بولۇپمۇ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ چاپىنى پاكىزە، ئەمما مېنىڭ ئۈستى بېشىم بۇنداق تۇرسا.
_ دوختۇرخانىغا بارمىسىڭىز بولمايدىغاندەك قىلىدۇ_، دېدى ئۇ.
دوختۇرخانا؟ ئەزىمەت دەل دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى، لېكىن مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئادەم دەل ئۇ. مەن ئاچچىققىنە بىرنى كۈلۈپ:«مېنىڭ ئۆيۈمگە كەتكۈم بار» دېدىم. ئۆيۈم دەپ بولۇپ يۈرىكىمگە قايتىدىن ئاغرىق كىرىپ كەتتى. «ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمما؟»
ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇردى، كۆزلىرىدىن چۈشىنىكسىز بىر خىل ئىپادە چىقىپ تۇراتتى، ئاندىن«بولىدۇ، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي» دېدى. مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىگە قارىدىم، «ئاپىرىپ قوياي دەيدۇغۇ، مۇشۇ ۋېلىسپىت بىلەن ئاپىرىپ قويامدىكىنە؟» ئۇ مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ۋە يېنىدىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تېلېفون قىلدى.
_ ئالىم، ماشىنىنى ھەيدەپ كېلە.
ئۇ ھازىر تۇرىۋاتقان جايىمىزنى دەپ بېرىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. مەن سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا يەرگە قاراپ تۇرىۋالدىم. چاقماق بىلەن ئوت ياققان ئاۋاى يەنە ئاڭلاندى، ئۇ يەنە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بەك كۈچلۈك بولسا كېرەك.
_ سىزنى ئالدىشىمدىن قورقمامسىز؟ _، قۇلاققا يېقىشلىق بۇ ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى.
_ مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلدىم، ئالدىغۇدەك ھېچنەرسەم يوق_، دېدىم.
دەل مۇشۇ چاغدا بىر نەچچە ماشىنا كېلىپ ئالدىمىزدىلا توختىدى. ئەڭ ئالدىدىكى ماشىنىدىكى ئەر بىر پۇتى بىلەن ماشىنىنى دەسسەپ تۇرۇپ، ئاۋۋال چىرايىمغا، ئاندىن ئۈستۈمگە يېپىنچاقلانغان چاپانغا قارىدى.
_ ھەي ئۈمىد، ھەي ئۈمىد، بەك تەلەيلىك نىمە جۇمۇ سەن، مۇشۇ قاقاس تاغدىمۇ يەنە ئالدىڭغا گۈزەل رەنالار ئۇچراپتۇ ھە.
يېنىدا تۇرغان ئەر ماشىنىنىڭ ئالدى چاقىغا بىرنى تەپكەچ «كۆرمىدىڭما» دېدى. ئۇ شۇنداق دېگەندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم قايتىدىن ئۈستى بېشىمغا سەپسېلىپ قارىدى. ئاندىن ئىككى پۇتۇمدىكى قان يۇقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى:«بۇ....بۇ قانداق ئىش؟». ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا يېقىنلا يەردىن يەنە بىر ماشىنىنىڭ چىراق يورۇقى كۆرۈندى. بىر قارا رەڭلىك پىكاپ يېنىمىزدىن ئاستا ئۆتۈپ، ئالدى تەرەپتىن ماشىنىنىڭ بېشىنى بۇراپ ئالدىمىزغا كېلىپ توختىدى. ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ شوپۇر ئاستا چۈشتى. شوپۇر 30 ياشلار چامىسىدىكى كاستيۇمنى قاتۇرۇپ كيىۋالغان ئەر ئىدى.
بايىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ شوپۇرنىڭ ئورنىغا چىقىپ ئولتۇردى، ئۇنى تەلىيىڭ بار ئىكەن دېگەن كىشى بىرەر ئىشنى سەزدى بولغاي، ئۇنى ئەيىبلەپلا كەتتى.
_ قىززىقكەنسەنغۇ، ئۈمىد، تاغدىن ۋېلىسپىت مىنىپ بىللە چۈشۈپ كېتىمىز دىيىشىپ قويۇپ، ئۆزۈڭ ماشىنا بىلەن كىتەمسەن؟ نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟
ئۈمىد ئىسىملىك ئەر ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، تاماكا قالدۇقىنى سىرتقا تاشلىۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمگە قاراپ:
_ ھېرىپ قاپتىمەن، ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمىدى، ئالىم سىلەر بىللە ۋېلىسپىت ھەيدەپ ماڭسۇن_، دېدى. ئاندىن ماڭا قاراپ، « يەنە بىردەم شامالداپ تۇرىۋالامسىز يا؟» دېدى. مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكنى ئاچتىم، ماشىنىغا چىقاي دەپ پۇتۇمنى كۆتۈرۈپ بولۇپ يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىچى سىرتى شۇنچىلىك پاكىزە، ئەمما مېنىڭ بۇ ھالىتىم.......
بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن غەيرەتكە كېلىپ ماشىنىغا چىقتىم، ئەمما ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي، ئىككى پۇتۇمنى جۈپلەپ زۇڭزىيىپ تۇرىۋالدىم. كىم بىلسۇن، ئۇ ماشىنىنى قوزغىتىۋىدى، ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدىم. خىجىللىقتىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى، دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ دېدىم:
_ كە...كەچۈرۈڭ، ماشىنىڭىزنى مەن يۇغۇزۇپ بېرەي.
ئۇ كالپۇكىنى بىلىنەر بىلىنمەس مىدىرلىتىپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
_ ماشىنامنىڭ بىر قېتىملىق يۇيۇش ھەققى 200 يۈەن، ئەگەر جاھىلراق كىر داغلىرى يۇقۇپ قالسا ئۇنىڭدىن قىممەترەك بولىدۇ. _، جاھىل كىر داغلىرى دەۋېتىپ پۇتۇمغا قاراپ قويدى.
200 يۈەن؟ ئادەتتە ماشىنا يۇيۇش ھەققى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 50 يۈەن بولىدۇغۇ؟ ئۇ 200 يۈەن دەيدۇغۇ؟ قاختى-سوقتى قىلاي دەمدۇ نىمە؟ ئەمما ئۇنىڭ ماشىنىسى ھەقىقەتەن ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىدىن ئېسىلدەك قىلاتتى. يەنە كېلىپ بۇ يەردىن تاكسى توسۇپ كەتسەممۇ خېلى پۇل خەجلە بولغىيتتىم. بوپتۇلا دەپ ئويلىدىم، ئەمما ھازىر يېنىمدا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق، پەقەت تېلېفونۇملا بار ئىدى.
_ ھازىر يېنىمدا پۇل يوق. ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىۋالاي، ئۆيگە بېرىپ پۇل ئېلىپ سىزگە ئاپىرىپ بېرەي، بولامدۇ؟
يان تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇپ ئاندىن تېلېفونۇمنىڭ ئاللىبۇرۇن ئېتىلىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. تېلېفوننى ئېچىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىغاچ ئىسمىنىمۇ سورىۋالدىم، ئۇ ئىسمىنى ئۈمىد دەپ بەردى. نومۇرنى ئەمدى ساقلاپ تۇرۇشۇمغا تىتىلداپ ئۇچۇرلار كەينى كەينىدىن كېلىۋەردى، ھەممىسى نىگارەدىن كەلگەن ئۇچۇرلار ئىدى. ئۇ مەندىن بەك ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشىمغا تېلېفوننىڭ ئىكرانى ئۆچۈپ قالدى.
_ تېلېفون نومۇرۇمنى كىرگۈزىۋالالىدىڭىزمۇ؟ _ ئۇ ئۆزىنىڭ تېلېفونىنى ماڭا بەرگەچ سورىدى.
_ ھەئە_، دەپ بېشىمنى لىڭشىتقاچ نىگارەنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باستىم. ناتونۇش نومۇردىن كەلگەچمىكىن، ئۇ بىر خىل ئەدەب بىلەن ئالدى:«ۋەي، ياخشىمۇسىز؟»
_ نىگارە بۇ مەن_، تولىمۇ پەس ئاۋازدا شۇنداق دىيەلىدىم. ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ چۇۋۇلداپ سۆزلەپلا كەتتى.
_ نازى، بۇ سەنمۇ؟ سەن قەيەردە؟ نىمە ئىش بولدى؟ ماڭا تېلېفون قىلغان چېغىڭدا ساڭا بىر ئىش بولدىمىكىن دەپ ئۆيۈڭگە بارسام يوقكەنسەن، سەن ھازىر قەيەردە؟ يا تېلېفون قىلسام ئالمايسەن؟ كېيىن تېلېفونۇڭ ئۇلانمايلا قويدى، سەندىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسەن؟
نىگارەنىڭ ماڭا كۆيۈنۈپ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىم يامغۇردەك ئېقىشقا باشلىدى. دەرھال كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ، بۇغۇق ئاۋازدا «ئەنسىرىمە. مەن ھازىر تاغدا» دېدىم.
_ ئەزىمەت بىلەن بىللىما؟
_ ھەئە.
_ ساراڭمۇ نىمە ئۇ ، ھامىلدار ئايالىنمۇ تاغقا ئېلىپ چىققان بارمۇ، كۆپرەك پەخەس بول ھە.
بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى زادىلا تۇتىۋالالماي، ئاغزىمنى تۇتۇپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئۈمىد تېلېفوندا دىيىشكەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، مەن ئۇنىڭ دەرھال قورسىقىم بىلەن قان يۇقى پۇتۇمغا قارىغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. پەمىمچە ئۇ بېشىمغا نىمە كۈن كەلگىنىنى بىلگەن بولسا كېرەك. ئەمما ئۇ ھېچقانداق گەپ سورىمىدى. مەن تېلېفوننى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ، بېشىمنى بۇراپ سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم. ماشىنىنىڭ ئىچى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىققۇدەك تىمتاسلىققا چۆمدى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















