
بۇ ئەسەرنىڭ 48 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
||
ئىچىگە ئاق كوپتا كىيىپ، ئايالچە كاستيۇمنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىۋالغان فروزە ئىشىك ئالدىدا كۈلۈپ تۇراتتى.
_ ئۈمىد باش دېرىكتور ئۆيدە بارمۇ؟ بەك جىددىي ئىمزا قويغۇزىدىغان بىر ھۆججەت بار ئىدى، شۇڭا ئۆيگىلا كەلدىم. ئەتىگەندە سىزنىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويىدىغان بولدۇم.
ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرگەن ۋاقىتتىكى پوزىتسىيىسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا راستلا بىر ھۆججەت خالتىسى بار ئىدى.
_ھە، بار، قېنى ئۆيگە كىرىڭ.
مەن ئۇنى ئۆيگە باشلاپ بولغىچە ئۈمىد ئىككىنچى قەۋەتتىن چۈشۈۋاتقان ئىكەن. مەن بىر جۈپ ساپما كەش ئېلىپ فروزەگە سۇندۇم.
_ رەھمەت. ئاۋارە قىلدىم_ فروزە شۇنداق دەپ قولۇمدىكى ساپما كەشنى ئېلىپلا ئالماشتۇرىۋالدى.
مەن فروزەنى مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلوغا باشلاپ قويۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، ئىش قىلغاچ كۆزۈمنىڭ قويرۇقىدا ئۇلارغا قاراپ باقتىم. ئۈمىدمۇ كرىسلونىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇرۇپ فروزە ئېلىپ كەلگەن ھۆججەتنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئارىلىقتا فروزەدىن ئۇنى بۇنى سوراپمۇ قوياتتى. فروزە ئۇنىڭ سۇئالىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرگەن بولسا كېرەك، ئۈمىد توختىماي بېشىنى لىڭشىتاتتى. ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشىۋاتقىنىنى مەن چۈشەنمىسەممۇ ئەمما فروزەنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
بىردەمدىن كېيىن ئۆتكۈرمۇ ئۈستىدىن چۈشتى. ئۇ فروزە بىلەن ئاددىيلا سالاملىشىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىردى. مەن نەچچە ئادەمنىڭ ناشتىلىقىنىمۇ ئىككى ئادەم تەييارلامدۇ دەپ ئۇنىماي ئۇنى ئارىلاشتۇرمىدىم.
_ ئەمىسە مەن ئۈستەلنى رەتلەي_ ئۇ شۇنداق دەپ قولىغا ئۈستەل سۈرتكۈچنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
مەن ناشتىلىققا پىلتە قۇيماق قىلدىم، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى خىل سوغۇق سەي، سۈت چاي تەييارلىدىم. يەنە تۇخۇم پىشۇرۇپمۇ قويدۇم. فروزەنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ قالساممۇ بولمايدۇ دە. ئۆتكۈر ئىككىمىز تەييارلىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋاقتىمىزدا ئۈمىد ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ بولۇپ ئىمزا قويۇۋاتقان ئىكەن. ئىمزا قويۇپ بولۇپ فروزەگە ئۇزاتتى، فروزە ھۆججەت سومكىسىغا سېلىۋېتىپ كەينىگە قاراپ:
_ ۋاھ، بەك مەززىلىك پۇراپ كەتتى، پىلتە قۇيماققا بەك ئامراقتىم مەن. ھېلىمۇ ياخشى ئۆيدە ناشتا قىلمايلا كەپتىكەنمەن_ دېدى.
مۇشۇنداق تەكەللۇپ دېگەننى بىلمەيدىغان ئادەم بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوقتى، ئەمما ئۇ قانداق بولمىسۇن ئۆيگە كەلگەن مېھمان-دە.
_ ئانچە ئوخشىتالمىدىم، ئاغزىڭلارغا تېتامدىكىن، بىلمىدىم_ دېدىم مەن، ئاندىن يەنە قوشۇمچە قىلىپ_ سىزنىڭ كېلىدىغىنىڭىزنى بىلگەن بولسام تۈزۈكرەك بىر نىمە قىلاركەنمەن. _ دەپ قويدۇم.
فروزە قىلچە تۈزۈت قىلمايلا قولىنى يۇيۇپ ئۈستەلگە كەلدى. بىر چىنە سۈت چاينى ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدۇم.
_ ۋاھ ۋاھ ۋاھ. نىمىدېگەن ئوخشىغان سۈت چاي، نىمىدېگەن ئوخشىغان پىلتە قۇيماق، نىمىدېگەن ئوخشىغان سوغۇق سەيلەر بۇ.
ئۇ قولىغا نىمىنى ئالسا شۇنى ماختاپ بەكمۇ ئىشتىھا بىلەن يىدى. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپمۇ قالدىم. نىمىدېگەن ئەركىن. باشقىلار نىمە دەپ قالار دېگەننى قەتئىي خىيالىغا كەلتۈرمەيدىكەن.
_ بولدى، مەن تويدۇم.
فروزە ئىشتىھا بىلەن يىگىنى بىلەن بەك جىق يىمەيدىكەن، پىلتە قۇيماقتىن بىر تال، تۇخۇمدىن بىر تال، بىر چىنە سۈت چاي، ئازراق سوغۇق سەي يىگەن بىلەن بولدى قىلدى.
_ ئەتىگىنى بەك كۆپ نەرسە يەپ كەتمەيمەن، ئاز ساز يىسەم بولدى. شۇنىڭدا ئالدىراپ سەمىرىپ كەتمەيمەن. ھەركۈنى بەدەن ئېغىرلىقىمنى ئۆلچەشكە بەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئېغىرلىقىم ئازراقلا ئارتىپ كەتسە دەرھال يىمەكلىكىمنى تەڭشەيمەن.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز قۇرسىقىمنى سىلىدىم، مەن سېمىز ھېسابلانمايمەن، لېكىن ئادەتتە چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە تېرەم ساڭگىلاپ كەتكىنى راست. شۇنداقتىمۇ فروزەنىڭ گېپىىدن سەل خۇدۇكسىرەپ قالدىم، ھەم ئۇنىڭ فىگورىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ باقتىم. قاش كۆزىنى دېمەيلا قوياي، بەدىنىدە بىر پارچىمۇ ئارتۇق گۆش يوق، پۇتلىرى ئۇزۇن. ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئەرلەرنىڭ شۆلگىيىنى ئاققۇزۇپ، ئاياللارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايدىغان تىپتىن ئىدى. پەرىزىمچە ئۇ ئادەتتە تاماققا ئېتىبار بېرىپلا قالماي، چېنىقىشنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغاندەك قىلاتتى.
ئۈمىد مەندىكى ئۆزگىرىشنى سېزىپ قالغان بولسا كېرەك، بىر تال پىلتە قۇيماقنى ماڭا سۇندى.
_ كۆپرەك يەڭ، بەك ئورۇقلاپ كەتتىڭىز، ئەمدىكى ۋەزىپىڭىز سەمىرىش، ھە، مەلىكەم.
ئۇنىڭ قولىدىن پىلتە قۇيماقنى ئېلىۋېتىپ كۆڭلۈم ۋىللىدە ئىللىپ قالدى.
ناشتا قىلىپ بولۇپ فروزە بىلەن ئۈمىد ئىككى ماشىنىدا ماڭدى، فروزە ئۈمىدنىڭ دادىسى سوۋغا قىلغان ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگەن ئىدى. ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە جەزبىدارلىقى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن. فروزەنىڭ ماشىنا ھەيدەپ ماڭغىنىنى كۆرۈپلا دەرھال كىرىپ يىغىپ قويغان پۇللىرىمنى ئېلىپ چىقىپ شوپۇرلۇق مەكتەپكە تىزىملىتىۋەتتىم. تىزىملىتىپ بولۇپ يېنىشىمدا بىپايان شىركىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ شىركەتنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن رەڭلىك شارلار ۋە «بىپايان شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دەپ خەت يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. بىپايان شىركىتى قۇرۇلغىلى ئالتە يىل بوپتۇدە، ئالتە يىل ئىچىدە مۇشۇنچىۋالا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرمەك ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، بۇنى كۆرۈپ ئۈمىدكە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى. ھامان بۇ يەرگە كەپ قاپتىمەن، كىرىپ ئۈمىد بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭايچۇ دېگەن ئىستەك پەيدا بولدى ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم.
ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىنىغا كىرسەم ئۇ يوق، ياردەمچىسى ئۇنى يىغىن ئېچىۋاتىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. بىردەم ساقلاپ ئولتۇرۇپ بېقىپ، ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىغا يېقىنلا يەردىكى يىغن زالىغا بېرىپ قاراپ باققۇم كەلدى. يىنىك دەسسەپ بېرىپ دېرىزىدىن قارىدىم. يىغىن زالى خېلىلا چوڭ، يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلار شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى باشقۇرغۇچىلار بولسا كېرەك. فروزە چوڭ ئېكراننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قولىدا تىزگىنەكنى تۇتۇپ ئىكراندا چىققان سۈرەتلەرنى چۈشەندۈرىۋېتىپتۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋېتىپتۇ، ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك ئىپادىلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، ئۈمىدمۇ توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. فروزەگە مەنمۇ مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتقان يەردە ئەر كىشىلەر چەتتە قالاتتىمۇ؟ ئۈمىدمۇ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالارمۇ؟ تۇيۇقسىز كۆڭلۈمدە قورقۇنۇچ پەيدا بولدى.
ئۇلارنىڭ يىغىننى قانچىلىك ئاچىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۇ يەردە تۇرىۋېرىشتىن بىئەپ ھېس قىلىپ ئاستا ئىشخانىغا كىرىپ كېتىش ئۈچۈن ماڭدىم. . ياردەمچى توختىماي ئۇنىڭغا بۇنىڭغا تېلېفون قىلاتتى، ھېلى ئۇ يەرگە ھېلى بۇ يەرگە يۈگرەيتتى. بۇرۇن ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئالدىراش ئىشلىگىنىنى كۆرمىگەنتىم. ئۇ ئەمدى بىر تېلېفوننى ئۇرۇپ بولۇشىغا سورىدىم:
_ بۈگۈن بەك ئالدىراش ئوخشايسىلەر ھە؟
_ ۋاي ئۇنى بىر دېمەڭ. ئەتە كەچتە شىركىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى، شۇڭا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بەك كۆپ، بايا تېخى مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان مېھمانساراي بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىشلارنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.
قارىغاندا بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خېلى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدىغاندەك قىلاتتى. ھە دەپ قويۇپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتىم. ئىشخانىغا كىرىپلا كرىسلونىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇلغان ئىنتايىن نەپىس ئورالغان بىر قاپقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بايا ئەجەب دېققەت قىلماپتىمەنغۇ دەپ ئويلاپ، قىزىقىپ قاپنى ئېچىپ قاراپ باقتىم. قاپنىڭ ئىچىدىكىسى ئىنتايىن چىرايلىق قارا رەڭلىك ئايالچە مۇراسىم كىيىمى ئىدى. ئۇنى تەڭلەپ باقسام ماڭا دەللا كەلگۈەك، ئۈمىد مېنىمۇ مۇراسىمغا ئاپىرىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
ئۇلارنىڭ يىغىنى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپ مېھرايدىن تېلېفون كەلدى. بۈگۈن تۇغۇت باقىدىغان ئايالنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ روخسەت سوراپ كىتىپتىكەن، بالىنىڭ تۇيۇقسىز مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ. بالىنىڭ ئىشى ھەممىدىن مۇھىم، شۇڭا ياردەمچىگە دەپ قويۇپلا مېھراينىڭ يېنىغا ماڭدىم. ئەسلىدە بالا ئەمگەن سۈتىنى قۇسۇۋېتىپتىكەن، مېھراينىڭ يېشى كىچىك، بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا قورقۇپ ماڭا تېلېفون قىلىپتىكەن. مەن بالا تۇغۇپ، بېقىپ باقمىغان بىلەن بۇرۇن ھامىلدار ۋاقتىمدا بوۋاقلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش توغرىلىق نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان ئىدىم، شۇڭا بۇنداق ئىشلاردىن ئانچە مۇنچە خەۋىرىم بار ئىدى. ئۇنىڭغا بۇنىڭ بەك قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەسلىكى، بالىنى ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن سەل ئۆرە تۇتۇپ، دۈمبىسىگە يىنىك شاپىلاقلاپ بەرگەندە سۈتنىڭ تېز سىڭىدىغانلىقى دېگەندەك ئىشلارنى بىرەر قۇر دەپ بەردىم. بىر چاغدا ئۈمىد تېلېفون قىلدى، مەن ئۇنىڭغا مېھراينىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئۇ مېنى ئالغىلى كېلىدىغان بولدى.
ئۆيگە قايتقۇچە ئۇ ئەتە كەچتىكى تەبرىكلەش مۇراسىمى توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ماشىنىدىمۇ بايا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرگەن ھېلىقى قاپ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم«بەلكىم ئۇنتۇپ قالغاندۇ، ئەتە ئېسىگە كېلىدۇ ھەقىچان» دەپ تەسەللى بەردىم. لېكىن ئەتىسى ھەتتا كەچ كىرگىچە ئۇ ماڭا مۇراسىمغا بىللە بېرىش توغرىلىق تېلېفون قىلمىدى. مېھمانخانا ئۆيدە تېلېۋىزورنى ئېچىپ قويۇپ ئوولتۇرغىنىم بىلەن دېققىتىم ئۇنىڭدا ئەمەس. ئۆتكۈر مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ماشىنا بىلەن چۆرگىلىتىپ كىرمەكچى بولدى، مەنمۇ تارتىشمايلا ماڭدىم. يولدا شىركەتنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان مېھمانساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ دېققىتىم شۇنىڭغا بۇرالدى. مېھمانساراينىڭ ئالدى ئىنتايىن قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن، نۇرغۇن كىشىلەر مېھمانساراينىڭ ئىچىگە مېڭىۋاتاتتى. مېھمانساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بولغىچە تونۇش بىر ماشىنىنىڭ مېھمانساراينىڭ ئالدىدا توختىغىنىنى كۆردۈم.
_ ماشىنىنى توختىتىڭە.
ئۆتكۈر ماشىنىنى يول بويىغا توختاتتى.
ماشىنىدىن چۈشكىنى فروزە ئىدى، ئۇ بۈگۈن ئادەتتىكىدىن ئالاھىدە ياسانغان، ئۇچىسىدا خىزمەت فورمىسى يوق، ئۇچىسىغا بەدىنىگە چىپمۇ چىپ كېلىدىغان مۇراسىم كىيىمى كىيگەن، چېچىنى بۇغماي بىراقلا قويۇۋەتكەن، تەبىئىي بۈدرە چېچى يەلكىسىگە يېيىلىپ ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىۋەتكەن ئىدى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇلار ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغىنى مەن ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرگەن ھېلىقى مۇراسىمى كىيىمى ئىدى. مەن كۆپ ئويلاپ كېتىپتىمەن، ئەسلى ئۇ مۇراسىم كىيىمىنى ماڭا ئالماپتىكەن. فروزە چېچىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىستۇرۇپ، ماشىنىدىن سومكىسىنى ئېلىپ ناز كەرەشمە بىلەن مېھمانساراينىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. بۇ كىيىم ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن بەك ياراشقان ئىدى، ئەگەر مەن كىيگەن بولسام ئۇنىڭغا ياراشقانچىلىك ياراشماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئۆزۈمچە ئۇ كىيىمنى ماڭا تەييارلاپتۇ دەپ ئويلاپ كەتكىنىمنى دەيمەن. بۇ چاغدا باۋما ماشىنا كېلىپ مېھمانساراينىڭ ئالدىدا توختىدى ۋە ئىچىدىن ئۈمىد چۈشتى، ئۇ بۇرۇنقىدەك ئاق كۆينەك، كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋالغان، ئالاھىدە تەييارلىقمۇ قىلمىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئۇ كېلىپلا ھەممە ئادەمنىڭ دېققىتى ئۇنىڭغا بۇرالغان ئىدى.
_ بۈگۈن بىپايان شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنى. ئەمەلىيەتتە ئالتە يىلدىن بۇيان ئۈمىد نۇرغۇن جەۋرى_ جاپالار بىلەن شىركەتنى مۇشۇنچىلىك ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. سىزنىڭ تەلىيىڭىز بار ئىكەن، نازىيە، ئۈمىدنىڭ جاپا تارتقان ۋاقتىدا تۇنۇشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقتىدا تۇنۇشۇپتىكەنسىز.
ئۆتكۈرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزۈمنى مېھمانساراينىڭ ئالدىدىن يۆتكەپ ئۆتكۈرگە قارىدىم.
_ شۇنداقمۇ؟ لېكىن مېنىڭچە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان تېخىمۇ ياخشىمىكىن دەيمەن.
_ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟ ئۈمىد كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئويلىسىڭىز ئوغرىلىقچە كىرسەك بولىدۇ. _ دېدى ئۆتكۈر ماڭا مەنىلىك قاراپ.
ئەسلى بۇ يەردىن جىمجىتلا كىتىپ قالاي دەپ ئويلىغان، لېكىن ئۆتكۈرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ راستلا كىرىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىپ قالدى. ئۆتكۈر ئەپلىك بىر جاينى تېپىپ ماشىنىنى توختىتىپ قويدى. بۇ چاغدا مېھمانساراينىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.
مېھمانساراينىڭ ئىچىگە كىرگەندە توختىتىپ قويۇلغان ئەينەكتىن ئۈستى بېشىمغا قاراپ باقتىم. ئۆيدىن چىققاندا بۇ يەرگە كېلىدىغان پىلان بولمىغاچقا ئۇچامغا بىر تال مايكا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپلا چىققان ئىدىم.
_ يىراقتا تۇرۇپ كۆرەيلى ھە، بىرەسى كۆرۈپ قالمىسۇن_ دېدىم مەن سەل خۇدۇكسىرەپ.
ئۆتكۈر نىمە ئويلىغىنىمنى بىلگەن بولسا كېرەك، ماقۇل دەپ بېشىنى لىڭشىتتى.
بۇ شەھىرىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل بەش يۇلتۇزلۇق ئالىي مېھمانساراي بولغاچقا ئىچىنىڭ بېزىلىشى پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ھەشەمەتلىك ئىدى. بىپايان شىركىتىنىڭ خاتىرە مۇراسىمىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈشىمۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنىڭ قانداقلىقىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى. ئۆتكۈر بۇ يەرنى خېلى پىششىق بىلسە كېرەك، كىرىپلا مېنى تارتتى.
_ بۇ ياققا مېڭىڭ.
ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چەترەك جايدىكى بىر پەلەمپەي بىلەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئايرىمخانىغا چىقتۇق. ئايرىمخانىنىڭ دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ ئاندىن ئۆتكۈرنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ چىققىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم، بۇ يەردىن قارىغاندا پۈتۈن ھەممە يەرنى كۆرگىلى بولاتتى، ھەم بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزنى ئاسانلىقچە بىرەسى بايقاپمۇ قالالمايتتى.
ئۈمىد سەھنىگە چىقتى، ئۇ بىر قولىنى ئىشتىننىڭ يانچۇقىغا تىقىۋالغان، يەنە بىر قولىدا مىكروفون تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇ شىركەتنىڭ بۇ بىر يىللىق خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقاردى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىنى بىرەر قۇر سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ئاز ئەمما ئىنتايىن ساز سۆز قىلدى. كەينىدىن باشقا تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە فروزەمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ سەھنىدىكى ھالىتى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىدى. مەن ھەم ھەۋەس قىلدىم ھەم ھەسەت قىلدىم. شۇ چاغدا كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ فروزەدەك بولالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما شۇ كۈنگە ئۇلاشقان چېغىمدا كەينىگە قاراپ باقسام ئېرىشكەنلىرىمدىن يوقاتقانلىرىم بەكلا كۆپ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەلۋەتتە بۇلار خېلى كېيىنكى ئىشلار.
ئۈمىد تەبرىكلەش زىياپىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئېچىلىپ يېيىلىپ ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كەينىدىنلا مۇزىكا چىقىشى بىلەن كۆپچىلىك جۈپ جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشۈپ كەتتى. فروزەنىڭ ئۈمىد بار تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ يۈرىكىم قورقۇنۇچلۇق سېلىپ كەتتى. ئۇلار بىر ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ تانسا ئويناشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ لەرزان تانسىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بىئارام بولۇشقا باشلىدىم. مەيداندا تانسا ئويناۋاتقانلار ئۇلارغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمەكچى بولغاندەك بىر بىرلەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، مەيداندا ئۈمىد بىلەن فروزەلا قالدى. كۆپچىلىك ھەممىسى ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرۇپ پاراڭلىشىپ، كۈلۈشۈپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭلىيالمىدىم، پەمىمچە ئۈمىد بىلەن فروزەنى نىمىدېگەن قاملاشقان بىر جۈپلەر دەۋاتقانمىكىن.
_ قايتىپ كىتەيلى_ دېدىم مەن تۇيۇقسىز.
ئۆتكۈر ماڭا بىر قارىۋېتىپ:
_ ماقۇل_ دېدى.
چىققان پەلەمپەي بىلەن چۈشۈپ كەتتۇق. بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى ھېچكىم بىلمىگەندەك قىلاتتى. قارىغاندا مەن باشقىلارنىڭ نەزىرى چۈشمىگەن ھالەتتە ئادەتتىكى ئايال ئوخشايمەن، دېمىسىمۇ مېنىڭ بۇ كىيىنىشىمدىن كىممۇ مېنى ئۈمىد باش دېرىكتورنىڭ ئايالى دەپ ئويلىسۇن؟
ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئۆتكۈر ماڭا ئۆزرە ئېيتىپ كەتتى.
_ كەچۈرۈڭ، نازىيە، كىرەيلى دېمىسەممۇ بوپتىكەن. لېكىن بۇنداق سورۇندا تانسا ئوينىسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ ھە.
ئۆتكۈر مېنىڭ نىمىگە كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ-دە.
_ ھېچقىسى يوق _ دېدىم مەن زورىغا كۈلۈپ.
ئۆيگە قايتىپ يۇيۇنۇپ چىقىپ ئۇخلاش ئۈچۈن كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم، لېكىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلەي دېمەيتتى. ئۇلار ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ يەنە تانسا ئويناۋاتامدىغاندۇ؟ ئۈمىد ئۇنىڭ ئىنچىكە بېلىنى قاماللاپ تانسا ئويناۋاتقاندا كاللىسىغا غەيرى خىيال كەلمەيدۇ دېگىلى بولاتتىمۇ؟ ئەمما مەنچۇ؟ يا تۈزۈك تانسا ئويناشنى بىلمەيمەن، فروزەگە سېلىشتۇرغاندا مېنى سېپى ئۆزىدىن مەتو دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇلارنى ئويلىماي دېسەممۇ ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايۋاتاتتىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالكونغا چىقىپ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. بىر چاغدا ھۇجرىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















