
بۇ ئەسەرنىڭ 64 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63-قىسىم
ئۆتكۈر بىر ئىشلارغا بەك ئەستايىدىل، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدە نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك.
_ نازىيە، رازىيە ئىسمىمۇ يېقىن ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ قىزنىڭ چىرايىمۇ ئاچىسىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا مەنمۇ شۇنداقمىكىن دېگەنتىم_ دېدىم مەن ئويلىغىنىمنى يوشۇرمايلا.
بىز ئاستا مېڭىپ دېرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق، ئۆتكۈر دېرىزىدىن يىراقلارغا قاراپ پەس ئاۋازدا نازىيەلەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەردى.
_ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا نازىيە ئانچە مۇنچە پۇل تېپىپ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يىنىكلىتىش، يەنە رازىيەنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەقسىتىدە بالدۇرلا چىقىپ ناخشىچى بولغان ئىكەن. رازىيە ئىككى قېتىملىق يازلىق تەتىلىدە بۇ يەرگە كېلىپ ئاچىسى بىلەن بىللە تۇرغان، ئۇ چاغدا ئۇ خېلى كىچىك ، ئون ياشلاردا بار ئىدىغۇ دەيمەن. ئۇ چاغدا نازىيە بىلەن ئۈمىد يۈرىۋاتقان چاغلىرى ئىدى. ئۇ كەلگەندە ئۇلار دائىم بىللە رازىيەنى ئوينىتاتتى، دائىم دېگۈدەك بىللە تاماق يەيتتى. شۇڭا رازىيە ئۈمىدنى ئۆزىنىڭ ئاكىسىدەك كۆرىدۇ. نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن نازىيەنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئىقتىسادتىن تېخىمۇ قىينىلىپ قالدى، شۇڭا ئۈمىد ئىزچىل ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى. ئۈمىدنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا بىر ئائىلىگە ياردەم قىلىش ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بەلكىم سىزنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۇ بۇ گەپنى سىزگە دېمىگەن بولسا كېرەك.
ھاياتلىقتا ھەممە ئادەم ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىكەن، تىرىشىپ تىرمىشىدىكەن.
_ ھە، مۇنداق دەڭ_ دېدىم مەن پەرۋاسىز قىياپەتتە.
_ لېكىن ئۈمىد رازىيەنى سىڭلىسى قاتارىدا كۆرىدۇ_ دەپ قوشۇمچە قىلىپ قويدى ئۆتكۈر. مەن ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ياساپ شۇنداق دەپ قويغىنىنى بىلىمەن، ئەمما مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللى بېرەلمەيۋاتاتتىم. سەككىز توققۇز يىل بۇرۇن ئۇ ھەقىقەتەن كىچىك بالا ئىدى، ئەمما ھازىرچۇ؟ بويىغا يەتكەن چوپچوڭ قىز بالا بوپ قاپتۇ، ئۇنى يەنە كىچىك بالا قاتارىدا كۆرگىلى بولاتتىمۇ؟
_ مەن بەك ئىچى تارمۇ قانداق؟_ دېدىم مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم مازاق قىلغاندەك.
ئۆتكۈر ئۆرۈلۈپ دېرىزىنىڭ كىشىكىگە يۆلىنىپ ئىككى قولىنى يانچۇقىغا تىقىپ بېشىنى سەل پەس قىلدى.
_ مۇھەببەت ئىشىدا ھەممە ئادەم ئاشۇنداق ئىچى تار كېلىدۇ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ھەرقانداق ئادەمدىن قورىغۇسى كېلىدۇ. سىزنىڭ قىلغىنىڭىز خاتا ئەمەس، لېكىن بۇنى دەپلا ئۈمىدكە بەك بېسىم قىلىۋەتمەڭ. ئەر كىشىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بولىدۇ، ئۇلارغىمۇ ئەركىنلىك بېرىش، ئىشەنچ بېرىش كېرەك. ئۈمىد ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلىمايدىغان ئادەم ئەمەس.
مېنىڭ بېشىمدىنمۇ خېلى كۆپ ئىسسىق سوغۇق ئۆتۈلدى، بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئەلۋەتتە ئالدىراقسانلىق قىلمايمەن، ئەمما كۆڭلۈمدە دەككە دۈككە بولىۋاتقىنىم ئېنىق، بەلكىم ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم كەمچىل بولسا كېرەك.
سۈرەتكە ئېلىش زالىغا يېنىپ كىرگەندە سەھنىدە چىقىۋاتقان يېقىملىق ناخشا ئاۋازى دىققىتىمنى تارتتى . دەرھال قارىدىم، سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتقىنى دەل رازىيە ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك يېقىملىق، كىچىكلا تۇرۇپ، مۇڭلۇق مۇھەببەت ناخشىسىنى يېشى چوڭ، تەجرىبىلىك پىشقان ناخشىچىلاردەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتتى. قارىماققا باھالىغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى خېلى ياقتۇرغاندەك قىلاتتى. ئۆتكۈر ئىككىمىز ئالدى كەينى بولۇپ كىرىپ ئورنىمىزدا ئولتۇردۇق. ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ سەھنىگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغان ئۈمىد ماڭا قارىدى.
_ بىئارام بولىۋاتامسىز؟ بەك ئۇزۇندا كىردىڭىزغۇ؟
_ ياقەي، ئۆتكۈرمۇ تازىلىق ئۆيىگە چىقىپتىكەن، سىرتتا بىردەم پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق_ دەپ راستىنى ئېيتتىم.
_ ھە_ دېدى ئۈمىد ۋە باشقا گەپ قىلمىدى.
_ رازىيە ناخشىنى قانداقراق ئېيتىدىكەن؟_سورىدىم مەن.
ئۈمىد كۆزىنى قايتىدىن سەھنىگە يۆتكىگەچ:
_ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىدە گەپ يوق_ دېدى.
رازىيە ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن باھالىغۇچىلار ئۇنىڭغا خېلى ياخشى باھا بەردى. ئارىدىكى بىر باھالىغۇچى تېخى:
_ ئەسلى ئۇخلاپ قالاي دېگەنتىم، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۇيقۇممۇ ئېچىلىپ كەتتى_ دېدى. ئۇلار ئاچا سىڭىل ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا مۇزىكىدا تالانتى بار بولسا كېرەك. رازىيە ئەدەب بىلەن باھالىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى. باھالىغۇچىلاردىن بىرى ئوخشىمايدىغانراق پىكىر بەردى ھەتتا ئۇنى ئۆزىگە تەمەننا قويىدىكەن، ناخشىنى تەبىئىي ئېيتماي زىيادە ياسالملىق بىلەن ئېيتىدىكەن، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلىمەيدىكەن دېگەندەك رەددىيە بېرىدىغان گەپلەرنى ئۇدۇللا دەۋەتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگەردى يۇ يەنە تېزلا ئەسلىگە قايتىپ رەھمەت ئېيتىپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.
بۇ رازىيە زادى قانداق قىزدۇ؟ بۇ قىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولغاچقا ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئىشقىلىپ ماڭا ئۇنىڭ ساددىلارچە تۇرۇشلىرى ياسالمىلىقتەك، كۆڭلىدە تەستە يوشۇرۇپ تۇرىۋاتقان بىر خىل ئاچكۆزلۈك باردەك بىلىنەتتى، يەنە كېلىپ بۇ ئاچكۆزلۈك ھەرگىزمۇ ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا توختىماي تىرىشىشتەك ئاچكۆزلۈككە ھېچ ئوخشىمايتتى.
كەينىدىن سەھنىنى يەنە بىر قېتىم سۈكۈتكە چۆمدۈرىۋەتكىنى نەرگىزە بولدى. ئۇ گىتارنى تۇتۇپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتقىنى نازىيەنىڭ ناخشىسى ئىدى، ناخشا باشلىنىشى بىلەنلا ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ قالغاندەكلا قىلاتتى. تۇيۇقسىز سەھنىنىڭ بىر چېتىدە تۇرغان رازىيەگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇمۇ نەرگىزەنىڭ ئاۋازىدىن ھەيران قالغاندەك ئاغزى ئېچىلىپلا قالغان ئىدى. بۇنداق مۇسابىقىلەردە ھەر بىر ماھىرغا نىسبەتەن قالغان ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ رەقىبى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئېنىق.
شۇ كۈنى رازىيە بىلەن نەرگىزە ھەر ئىككىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تاللاندى. تۇنجى تاللاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رازىيە يۈگۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدى، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولغاندەك تۇراتتى، ئۇ يەنە ئۈمىدكە ئەركىلەپ ئېسىلدى.
_ بۈگۈن تاللانغىنىمنى تەبرىكلەپ مېھمان قىلىڭە، ئۈمىد ئاكا.
ئەلۋەتتە بۇ ئۈمىدكە نىسبەتەنمۇ خۇش خەۋەر ھېسابلىناتتى. ئۇ دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تېلېفون قىلىپ گۈزەل ھايات رېستۇرانىنىڭ ئايرىمخانىسىدىن بىر ئۈستەل زاكاز قىلىپ قويدى. ئۇنىڭغىچە نەرگىزەمۇ گىتارىنى كۆتۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدى. ئۇمۇ ئىنتايىن خۇشال كۆرۈنەتتى.
_ مۇبارەك بولسۇن، نەرگىزە، بىلەتتىم مەن تاللىنىدىغانلىقىڭىزنى. 520 بەزمىخانىمىزدىن چىققان ناخشىچى تاللانمىسا كىم تاللىنىدۇ_ دېدى فەرۇق نەرگىزەنى كۆرۈپلا ھاياجانلىنىپ.
_ مۇبارەك بولسۇن، نەرگىزە. ھازىر ھەممەيلەن ئولاش چولاش تاماققا بارايلى دېگەنتۇق، سىزمۇ بىللە بېرىڭ_ دېدىم مەن.
_ بولدى، نازىيە ئاچا. مەن بارماي. ئۆيگە بېرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزەي، سىلەر خۇشال خورام ئويناپ كېلىڭلار_ دەپ سىلىق رەت قىلدى نەرگىزە.
رېستۇرانغا بېرىپ ئولتۇردۇق. رازىيە ئالايىتەن ئۈمىدنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، ئۈمىدنىڭ يەنە بىر يېنىدا مەن ئولتۇردۇم. رازىيە بەكلا ئەركىن، تارتىنىش دېگەندىن ئەسەرمۇ يوقلا قىزكەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن «ئېلىڭ، ئۈمىد ئاكا، يەڭ، ئۈمىد ئاكا» دىن باشقا گەپ چىقمايتتى، خۇددى بۇ سورۇندا ئۈمىدتىن باشقا ئادەم يوقتەك، خۇددى بۈگۈن مېھمان قىلىۋاتقىنى رازىيەدەك. بىر چاغدا رازىيە مۇچلۇق توخۇ قورۇمىسىدىن بىر تال توخۇ گۆشىنى ئېلىپ ئۈمىدنىڭ تەخسىسىگە سېلىپ قويدى. مەن دەرھال ئارىغا كىردىم.
_ ئۈمىد ئاشقازان ئاغرىقى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئاچچىق نەرسە يىسە بولمايدۇ. _ شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ تەخسىسىدىكى توخۇ گۆشىنى ئېلىپ سەل نېرىدا تۇرغان ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدىم. بۇنىڭدىن رازىيەمۇ سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى، ئەمما ئۇ بەك تېزلا ئۆزىنى تېپىۋالالايدىكەن.
_ ئۈمىد ئاكا، ئاشقازىڭىز ھازىرمۇ ياخشى ئەمەسما؟
مەن بىر گەپلەرنى بەك زىغىرلاپ كىتەمدىم ياكى ئۇ راستلا بىرەر مەقسەتتە دېدىمۇ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ «ھازىرمۇ» دېگەن گېپى تىتاڭ تۇمۇرۇمغا تەگكەن ئىدى، مەن تېخى خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى قىلماي تۇرۇپلا رازىيەنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقتى.
_ ئاچاممۇ بۇرۇن سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى، بوپتۇ ئەمىسە، ئاچچىق قورۇما يىيەلمىسڭىز سۇيۇق سەلەڭ، سىڭىشلىك تاماقتىن بىرنى بويرۇتايلى.
شۇ تاپتا ئۆزۈمنى بۇ سورۇندىكى ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇ گەپنى ئاڭلاپ نىگارەمۇ دەرھال ماڭا قاراپ، گېلىنى قىرىپ قويدى.
تاماق ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا يىيىلدى، رازى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى، ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇنقى ئىشلار، يەنە كېلىپ ئۇ ھە دېسىلا ئاچىسىنى تىلغا ئالاتتى. ھەر قېتىم نازىيەنىڭ ئىسمى چىقىپ باشقىلار ئوڭايسىزلىنىپ قالغاندا ئۇ قەستەن كۈلكىسىگە زورلاپ تۇرىۋالاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى مەقسەتلىك بولمىدى دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. نىگارە ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
_ نازى، دېققەت قىل جۇمۇ، بۇ تىكەنگۈل بوش ئەمەسكەن، پەخەس بولمىساڭ ساڭا سانچىلىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ.
تاماق يىيىلىپ بولاي دېگەندە رازىيە بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك ئۈمىدكە قاراپ:
_ ھە راست، ئۈمىد ئاكا، مېنى سەل تۇرۇپ سەل چەترەك جايدىكى مېھمانخانا بولسا ئاپىرىپ قويۇڭە، شەھەر مەركىزىدىكى مېھمانخانىلار بەك قىممەتكەن، بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدىغاندەك قىلىمەن، شۇڭا ئەرزانراق ياتاق بولسا تېپىپ تۇرۇپ تۇرايمىكىن.
ئۇنىڭ گېپىنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. نىگارەمۇ ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنداق دەۋاتقىنىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، ئاستا پۇتۇمغا تېپىپ قويدى. ئۈمىد قولىدىكى چوكىسىنى قويدى.
_ چەت يەرلەردىكى ياتاقلارنىڭ شارائىتى ناچار، يەنە كېلىپ بىخەتەر ئەمەس.
تۇيۇقسىز ھەممەيلەن جىمىپ كەتتى. رازىيەمۇ چوكىسىنى چىشلەپ تولىمۇ بىچارە، ئىلاجسىز قىياپەتتە ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۈمىدنىڭ بىر نىمە دىيىشكە تەمشىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالدىم.
_ ۋاقتىنچە بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ تۇرۇپ تۇرۇڭ.
بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۈستەلدىكى ھەممەيلەن ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى. بولۇپمۇ ئۈمىد ھەممىدىن بەك ھەيران قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ مېنى قايتىدىن تۇنۇۋاتقاندەك سەپسېلىپ قاراپ كەتتى.
_ سىز تېخى كىچىك، يەنە كېلىپ بۇ شەھەرگە يېڭى كەلدىڭىز، جىق يەرلەرنى بىلمەيسىز. ئادەتتىكى ياتاق ئەمەس، چوڭ مېھمانخانىدا تۇرسىڭىزمۇ خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ ئۆيدىلا تۇرۇڭ، يولدىشىم ئىككىمىز بار بولغاندىكىن.
مەنمۇ «يولدىشىم» دېگەن قەستەن قىستۇرۇپ ئۈمىدنىڭ ئايالى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم. رازىيە يالغاندىن تارتىنغان قىياپەتتە:
_ ئۇنداق قىلسام قانداق بولار؟_ دەپ ئۈمىدكە قارىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يايراپ كېتىۋاتقىنى ئېنىق. ئۈمىد ماڭا قاراپ كۈلۈپ مۈرەمگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى.
_ بىزنىڭ ئۆيدە خوتۇننىڭ دېگىنى ھېساب.
ئۇ بۇ گېپى بىلەن رازىيەنىڭ ئالدىدا مېنىڭ سالاھىيىتىم بىلەن ئورنۇمنى قايتىدىن تەكىتلەپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. تاماق يەپ بولۇپ رېستۇراندىن چىقىۋېتىپ نىگارە ئاستا كېلىپ مېنى قولتۇقلىدى.
_ نازى، ئويلىماپتىكەنمەن، بەك ئەقىللىقكەنسەن جۇمۇ. دەسلەپتە سېنى ئېلىشىپ قالدىمۇ نىمە، قاراپ تۇرۇپ بىر تىكەننى ئۆيىگە باشلاپ كىرىمەن دەۋاتقىنىنى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كېيىن ئويلاپ باقسام سېنىڭمۇ ئويلىغىنىڭ بار ئىكەن. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭنى بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەن بىللە ئۈمىدنڭ مىننەتدارلىقىنى قوزغىماقچى بوپسەن. بەك داناكەنسەن، ئاداش.
_ يالغۇز بۇلا ئەمەس، ھەر ئىككىسىنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى ياخشىراقمىكىن دەپ ئويلىدىم.
نىگارە پىخىلداپ كۈلۈپ باشمالتىقىنى چىقاردى.
_ راست دەيسەن، ئۇ مېھمانخانىدا تۇرسا، يېرىم كېچىدە بىرەر باھانە سەۋەب بىلەن ئۈمىدنى چاقىرىپ ئەچىقىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق. دۇنيادا بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق، ھەر ئىككىسى كۆز ئالدىڭدا بولسا ئوبدان كۆز قۇلاق بولالىغۇدەكسەن. قايىل بولدۇم ساڭا.
مەن كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئامالسىزلىقتىن بولىۋاتقان ئىش ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئاز تولا بىلىپ قالغاندىكىن، يەنىلا كۆز ئالدىمدا تۇرسا خاتىرجەم بولالايتتىم.
رېستۇراندىن يېنىپ رازىيە چۈشكەن مېھمانخانىغا يۈك تاقىلىرىنى ئالغىلى باردۇق. ئۈمىد ئىككىمىز پەستە ماشىنىدا قالدۇق، ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنى ئالغىلى چىقىپ كېتىپ خېلىغىچە چۈشمىدى. ئۈمىد بىردەم بىردەم سائىتىگە قارايتتى، ئالدىراۋاتامدۇ يا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتامدۇ بىلگىلى بولمايتتى.
_ مەن چىقىپ باقاي، نەرسە كېرەكلىرى بەك جىق بولسا كۆتۈرەلمەي قالدىمۇ يا؟ مەن چىقىپ كۆتۈرۈشۈپ بېرەي.
رازىيە بىلەن بىللە تۇرىدىغانلار قىزلار بولغاچقا ئۈمىدمۇ چىقىشنى بىئەپ كۆردىمۇ گەپ قىلمايلا ماشىنىدا قېپ قالدى. مەن كىرىپ مۇلازىمەت پوكىيىدىن رازىيە چۈشكەن ياتاقنىڭ نومۇرىنى سورىۋېلىپ لىفىت بىلەن چىقتىم. ئۇ چۈشكەن ياتاق لىفىتقا ئانچە يىراق ئەمەسكەن، لىفىتتىن چۈشۈپلا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن قىزلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ رازىيە، سىزنى شۇنداق ئېسىل بىر باۋما ماشىنا ئەكىلىپ قويدىغۇ. خېلى پۇلدار ئادەم بولمىسا ئۇنداق ماشىنىنى ھەيدىيەلمەيدۇ. بۇ يەرگە كېلىپلا بېشىڭىزغا بەخت قۇشى قوندىمۇ نىمە؟
_ شۇ ئەمەسمۇ، قاراڭلار، رازىيە شۇنداق چىرايلىق، بەدەن قۇرۇلۇشىمۇ ھەرقانداق ئەر كىشىنى ۋاھ دېگۈزىۋەتكۈدەك تۇرسا، قايسى ئەر كىشى ئۇنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايتتى.
_ بولدى قىلىڭلار. نەدىكى بەخت قۇشىكەن ئۇ. ئۇ دېگەن مېنىڭ يېزنەم. _ بۇ رازىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ھە، يېزنەم دەڭ. مۇشۇنداق پۇلدار يېزنىسى بولسا نىمىدېگەن ياخشى.
_ رازىيە، ئاچاڭنى ئۆلۈپ كەتتى دەۋاتاتتىڭ. قوينۇڭدىن چۈشسە قونجۇڭغا دەپ ئەمدى ساڭا پۇرسەت كەپتۇ.
_ شۇ ئەمەسمۇ. ئاچىسى ئۆلۈپ كەتسە سىڭلىسى بىلەن توي قىلىدىغان ئىشلار كۆپقۇ.
مەن كارىدوردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دىيىشكەن گەپلىرىنىڭ ھەممىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. «ھەيييي» دەپ بېشىمنى چايقىدىم مەن، ھازىرقى كىچىك قىزلار نېمىلەرنى ئويلايدىكىن تاڭ. مەن ئېغىر بىر ئۇھسىنىپ قويۇپ ئىشىك تۈۋىگە باردىم، ئۇلارنىڭ پارىڭى قىزىپ كەتكەچكە مېنىڭ كەلگىنىمگە ھېچكىم دېققەت قىلمىدى. مەن ئىشىكنى چەككەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇلار گېپىنى توختىتىپ ماڭا قارىدى. رازىيە جىددىيلىشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالغان بولۇشۇمدىن ئەنسىرىگەندەك قىلاتتى.
_ نەرسە كېرەكلىرىڭىز بەك جىق بولسا كۆتۈرەلمەي قالمىسۇن دەپ كۆتۈرۈشۈپ بەرگىلى چىقتىم_ دېدىم مەن چاندۇرماي. قىزلار بىر ماڭا بىر رازىيەگە قارىدى. رازىيە چامادىنىنى سۆرەپ چىقتى.
_ نازىيە ئاچا، ھېچقىسى يوق. نەرسە كېرەكلىرىم كۆپ ئەمەس، مۇشۇ بىر چامادان شۇ.
«ھە» دەپلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ لىفىتقا قاراپ ماڭدىم، ياتاقتىكى قىزلار كەينىمىزدىن قاراپلا قېلىشتى. تار لىفىتتا ئىككىمىز بىر ئېغىزمۇ گەەپ قىلىشمىدۇق. ئويلاپ باقسام، ھېلىمۇ ئۇ ئۈمىدنى ئوغۇل دوستۇم دېمەي يېزنەم دېدى، بۇنىڭدىن خۇش بولسام بولغۇدەك تېخى. مېھمانخانىدىن چىقىشىمىزغا ئۈمىد يۈگۈرۈپ كېلىپ رازىيەنىڭ قولىدىن چاماداننى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن داچىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
داچىغا كىرگەندىن كېيىن رازىيە داچىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە قاراپ چىقتى. قارىغاندا ئۇنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشى بولسا كېرەك. ھە توغرا، سەككىز يىل بۇرۇن رازىيە كەلگەندە ئۈمىد تېخى بۇ داچىنى سېتىۋالمىغان ۋاقتى تۇرسا.
ئۈمىد ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى، مەن رازىيەنى باشلاپ داچىنى بىرەر قۇر تۇنۇشتۇردۇم. بىرىنچى قەۋەتتىكى ئاشخانا، تازىلىق ئۆيىنى كۆرسەتتىم، ، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور قاتارلىق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ ياتىدىغان ھۇجرىسىنى كۆرسەتتىم. ھۇجرىدىكى ھەممە ۋىكليۇچاتىل، ئىشكاپ، تازىلىق ئۆيىدىكى يۇيۇنۇش ئۈسكۈنىلىرى دېگەنلەرنىڭ ھەممىنى چۈشەندۈردۈم.
_ نازىيە ئاچا، كۆزىڭىزگە ھېچنىمە بىلمەيدىغان تومپاي چىراي كۆرۈنۈپ قالدىممۇ نىمە. بۇ نەرسىلەرنى دېمىسڭىزمۇ مەن ھەممىنى بىلىمەن.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن سەل ئوڭايسىزلاندىم، شۇنداقتىمۇ چاندۇرمىدىم.
_ راسلا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتكەندەك قىلىمەن. سىزنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىسىمۇ سوراشتىن خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ دەپ بېرىپتىمەن. بىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك. بۇ ئۆينى ئۆز ئۆيىڭىزدەك كۆرۈپ تارتىنماي تۇرىۋېرىڭ، بىرەر نەرسە كېرەك بولسا ئۈمىد ئاكىڭىزغا دىيىشنى بىئەپ كۆرسىڭىز ماڭا دەڭ.
_ ماقۇل، نازىيە ئاچا، سىز بەك ياخشىكەنسىز.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















