
بۇ ئەسەرنىڭ 25 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
_ بۇ قېتىم راستلا قېچىپ كىتەي دېگەنتىم_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ نەگە قاچماقچى ھە، نەگە؟_ دەپ مېنى غىدىقلاشقا تەمشەلدى ئۇ.
_ كېچىچە ئىشلەپ ھېرىپ قاپتىمەن، ئۇنداق قىلماڭە_ دەپ ئۇنى ئىتتىردىم.
_ مەلىكەم، سىزمۇ كۆردىڭىز. مەن سىزگە كېرەكلىك نەرسىنىڭ ھەممىنى بېرەلەيمەن. سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالغا ئايلاندۇرالايمەن.
ئۇنىڭ شۇنچە چوڭ ئىگىلىكنىڭ باش دېرىكتورى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم ۋە:
_ بەختنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولامتى؟ پۇلى بولسا بەختلىك، پۇلى بولمىسا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپ يوق. بۇرۇن پۇلىمىز يوق چاغدا يېنىمدا دادام بىلەن ئاپام بار، يەنىلا بەختلىك ئىدىم مەن_ دېدىم تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ.
ئۈمىد بىر نىمە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئۈمىد ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان كۈلداننى ئېلىپ ئىشىككە ئاتتى. كۈلدان ئىشىكنىڭ يېنىدىكى تامغا تىگىپ يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشىك قۇڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىمۇ بېسىقتى. ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەن تۇرقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن ئۈمىد بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئەمەلىيەتتە ئىشىك تاقاق ئەمەس، ئەمما ئۈمىدنىڭ ياردەمچىسى ئىشىك قۇڭغۇرىقىغا جاۋاب ئالالماي ئىتتىرىپ ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي قاراپ تۇرغان ئىكەن، قارىغاندا ئۈمىد ئادەتتە قول ئاستىدىكىلەرگە بەك قاتتىق قول بولسا كېرەك.
_ نېمە ئىش؟_ دېدى ئۈمىد كەسكىن بىر ئاھاڭدا.
_ باش دېرىكتور، دەۋر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى كەپتىكەن._ دېدى ياردەمچى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ. ئۇ ئۈمىدكە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.
ئۈمىد«ھە» دەپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ قارىشىدىن مېنى «ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىڭ » دېگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ مىدىرلاپ بولغىچە ئۇ«ھە، باشلاپ كىرىڭ» دېدى.
شۇنداق دەپ بولۇپ بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سۈرلۈك قىياپەتتە ئولتۇردى. مەن جايىمدا مىدىر قىلماي ئولتۇرىۋەردىم. دەۋر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى كىرىپ ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپلا كارى بولماي بېرىپ ئۈمىد بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
_ سىزنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىپ قويدۇم ھە. _ دېدى ئۈمىد ماڭا كۆزىنىڭ قويرۇقىدا قارىغاچ.
مۇھەررىر كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ ياقەي، سىز ئالدىراش ئادەم تۇرسىڭىز. توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ_ دېدى.
ئۈمىدنىڭ سۈرلۈك قىياپىتىنى كۆرۈپ بەك كۈلگۈم كەلدى، چاندۇرۇپ قويماي دەپ يېنىمدا تۇرغان ژورنالنى ئېلىپ كۆرۈپ ئولتۇردۇم.
_ ئالدىنقى قېتىم دىيىشكەن مەخسۇس زىيارەتنىڭ ئىشى توغرىلىق كەلگەنتىم، قاچانراق ۋاقتىڭىز چىقىدىكىن؟_ تەكەللۇپ بىلەن سورىدى مۇھەررىر.
كۆزۈم ژورنالدا بولغىنى بىلەن قۇلىقىم ئىككىيلەننىڭ سۆھبىتىدە ئىدى. ئالدىنقى قېتىم ئۈمىد دەۋر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بىلەن كۆرۈشتۈم دەپ كەلگەندە ئەسلى مەخسۇس زىيارەتنىڭ ئىشىنى دىيىشىپتىكەندە. شۇنى دىيىشىش ئۈچۈنمۇ كەچتە قايتىپ كەتمەيمەن دېيىش كىتەمتى دەيمەن. قولۇمدىكى ئىقتىساد ژورنىلىدىن كۆرگۈدەك مەزمۇن تاپالماي تېلېفونۇمنى چىقاردىم. شۇندىلا تېلېفونۇمنى تۆنۈگۈن كەچتە ئېتىۋەتكەن پىتى ئاچمىغىنىمنى بايقىدىم. تېلېفونۇمنى ئاچقاندىن كېيىن كەينى كەينىدىن ئۇچۇرلار كەلگىلى تۇردى، قارىسام ھەممىسى چايكادىن كەلگەن ئىكەن.
«نازىيە، ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلىپ قالدى. ئىككىمىز ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ»« مەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىتەيمىكىن دەيمەن، سىزنىڭچە قانداق بولار؟»«نازىيە، يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتامسىز قانداق؟ ئۇچۇر قىلساممۇ قايتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىڭىزغۇ؟»، «خەيرىلىك كەچ».
ئۇچۇر كەلگەن ۋاقتىغا قارىسام ئەڭ ئاخىرقىسى تۆنۈگۈن كەچ سائەت ئوندىن ئاشقاندا كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭغا دەرھال ئۇچۇر قايتۇردۇم:«كەچۈرۈڭ، چايكا، تۆنۈگۈن كەچتە تېلېفونۇمنىڭ توكى قالماي ئېتىلىپ قاپتىكەن، مەنمۇ دېققەت قىلماپتىمەن». بىردەمدىلا ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى. قارىسام يىغلىغان چىراي ئىپادىسى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە بىر تال ئۇچۇر كەلدى:«مەن تېخى سىزنى مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن». ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلمەكچى ھەمدە مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇچۇر قايتۇردۇم:«نەدىكىنى. مېنىڭمۇ سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار!». ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈمدە 30 پىرسەنت ئارىسالدىلىق بولسا، 70 پىرسەنت تەقەززالىق تۇيغۇسى بار، ئۇنىڭ بىلەن كيۇكيۇدا پاراڭلىشىپ يۈرگىنىمىزگە ئۇزۇن بولدى، يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا شۇنچە يىل ياردەم قىلغان ئادەم، ئەلۋەتتە ماڭا ياردەم قىلغان ئادەم بىلەن كۆرۈشكۈم كېلىدۇ دە. خىيالىمدا چايكا ئىنتايىن ئوچۇق يورۇق، مېھرىبان ئەر كىشى ھالىتىدە پەيدا بولاتتى. ئۇ مەن ئويلىغاندەك ئادەممىدۇ؟ ئۇ مېنى قانداق دەپ ئويلايدىغاندۇ؟ مەن بىلەن كۆرۈشكەندە مەندىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالارمۇ؟
«مېنىڭمۇ سىز بىلەن بەك كۆرۈشكۈم بار» دەپ ئۇچۇر قىلدى ئۇ يەنە.
تېلېفوندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدكە قارىسام ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپتىكەن، تېلېفونۇمغا كەينى كەينىدىن ئۇچۇر كېلىپ ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويدۇممۇ قانداق؟ خىيالىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپ تېلېفونۇم سايرىدى، تېلېفون نىگارەدىن كەلگەن ئىكەن، ئۇ ئۆي ئالماقچى ئىكەن، مېنى بىللە كۆرۈشۈپ بەرسەڭ دېدى. ئۈمىد مېنىڭ گەپلىرىمدىن نىمە ئىشلىقىنى پەملىگەن بولسا كېرەك:
_ بېرىۋېرىڭ، سىزگە كەچرەك تېلېفون قىلاي_ دېدى.
شىركەتتىن چىقىپ تاكسى توسۇپ نىگارە دەپ بەرگەن جايغا باردىم، ئۇ دەرۋازا ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كەڭ مايكا بىلەن قارا ئىشتىن كىيىپ، چاي رەڭگىدىكى كۆزەينەك تاقىۋاپتۇ.
_ نىمە تۇيۇقسىزلا ئۆي ئالغۇڭ كېلىپ قالدى؟ _سورىدىم مەن.
ئۇ مېنى قولتۇقلاپ ماڭغاچ:
_ ھېلىقى خوتۇن بىلەن نېمە ئىشلارنىڭ بولغىنىنى بىلىسەنغۇ.
_ داداڭغا دېدىڭما؟
_ ۋاي ئۇ خوتۇن مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك ھىيلىگەر خوتۇنكەن، مەن دەپ بولغىچە دادامغا ئۆزى دەپ بوپتۇ، قارا. يەنە تېخى مەن ئېزىپتىمەن، مېنى ئازدۇرغىنى ئاشۇ. مېنىڭ كۆڭلۈم ئۆزگەرمىدى، مەن يەنىلا سېنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالايلى دەپ يىغلاپ تۇرىۋاپتۇ. داداممۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇ دادامنىڭ ئالدىدا ئازراق ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ قويسىلا دادام ئۇنى كەچۈرىۋېتىپتۇ.
مەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئادەم تۇرۇپ مېنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتمىگەن يەردە، نىگارەنىڭ دادىسى كەچۈرىۋېتىپتۇ دەيمەن.
_ داداڭنىڭ كۆڭلى-كۆكسى بەك كەڭكەن.
_ شۇڭا ئۆي ئالاي دەپ قالدىم، ئاداش. ئەمدى ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغۇم يوق، ئۇ خوتۇننى كۆرسەملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيدۇ.
ئۆي تونۇشتۇرغۇچى قىزنىڭ ئۆيلەرنى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاچ ، «تۆنۈگۈن كەچتە تېلېفون قىلسام، تېلېفونۇڭ ئېتىككەن» دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئۈچ كۈندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم.
_ سېنى نېمە دېسەم بولا، نازەك. ئۆزىدىن ئوبدان سوراپ باقمايلا باتناپ قالىدىكەنسەن. ئۈمىدنىڭ كەينىگە چۈشۈپسەن تېخى. ئۇنىڭدىن سورىساڭلا تۈگەيدىغان ئىشكەنتۇققۇ. بىكاردىن بىكار ئۆزۈڭنىمۇ قىيناپ، نىمە جاپا دەيمەن. ئۈمىد شۇنداق ئادەمما؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، سەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭغا ئىشەنمەمسەن؟
نىگارەنىڭ دېگەنلىرى توغرا، ئۈمىدتىن سوراپ باقساملا تۈگەيدىغان ئىش ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا ئۈمىدتىن سورىغۇدەك جۈرئىتىم يوق ئىدى.
ئۈمىد ماڭا تېلېفون قىلىپ:«كەچتە بارىدىغان زىياپەت بار، ئۆزىڭىز تاكسى توسۇپ كېتىڭ» دېدى. نىگارە بىر نەچچە ئۆيلەرنى كۆردى، لېكىن بىرىمۇ كۆڭلىگە ياقمىدى. ئۆزىنىڭمۇ باشقا ئىشى بولسا كېرەك، داۋاملىق ئۆي كۆرۈشتىن يالتىيىپ كېتىپ قالدى. كوچا ئاپتۇبۇسىدا كېتىۋېتىپ، يولدا توي ماشىنىسىنى كۆرۈپ قېلىپ تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ چېسلاغا قارىدىم. 8-ئايغا 10 بوپ قاپتۇ. يەنە بەش كۈندىن كېيىن ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ تويى بولىدۇ.
ئەزىمەتنى ئەمدى كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ كىيىۋالغان توي يىگىتى ھالىتىدە كۆرىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كىم بىلسۇن، تويى بولىدىغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى چۈشلۈكى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ كۈنى چۈشلۈكى دوختۇرخانىنىڭ تامىقىنى يىگۈم كەلمەي سىرتقا چىقىپ ئۈگرە ئىچىپ كىرەي دەپ چىقىپ، دوختۇرخانىغا يېقىن يەردىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ، بىرسى قارا دېگەندەك قارىسام ئۇدۇلۇمدا ئەزىمەت ئولتۇرۇپتۇ. ئۇمۇ مېنى كۆردى، ئەمما چىرايىدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى، ئىككىمىز بىر ئېغىزدىن تەنە گەپ قىلىشقان بولدۇق، ئاندىن ناتۇنۇش كىشىلەردەك گەپ-سۆز قىلىشماي تامىقىمىزنى يەپ ئولتۇردۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ تاماق پۇلىنى چىنىنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەن تېخى ئەمدى مۇشۇ پىتى ئارىمىزدا ھېچقانداق ئالاقە بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، نەدىكىنى.
ئەتىسى، يەنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەن دەم ئالىدىغان كۈنۈم. ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كارىۋاتنىڭ بېشىدا ھېلىقى كۈنى 18 مىڭ يۈەنگە ئالغان كۆڭلەكنى كۆردۈم، ئۈمىد قويۇپ قويغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە قويۇپ قويغانلىقىنى بىلگەچكە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا كىيدىم. كۆڭلۈمدە«بۇ كۆڭلەكنى كىيىپ بارسام، ئايگۈزەلنىڭ كۆزلىرى چاچراپ چىقىپ كىتەي دەيدىغان بولدى-دە» دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا كەلتۈرگەن ئازارلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بۇنچىلىك چىشىغا تەگسەم نىمە بولاتتى؟ ئۈمىد ماڭا بەك باغرى يۇمشاق بولۇپ كەتمەڭ دېگەن.
بويۇمدىن ئاجراش، ئاجرىشىش، ئاپامدىن ئايرىلىش دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار كەينى كەينىدىن كېلىپ ئېغىر كېلىپ ئورۇقلاپ كەتتىممىكىن، بۇ كۆڭلەك ماڭا ھەقىقەتەن دەللا كەلدى. ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمگە خېلىلا ئىسكەت كىرىپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم. بۇ كۆڭلەك تار، ئۇزۇن بولغاچقا بويۇمنىمۇ ئېگىز كۆرسىتەتتى. ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەۋەس قىلىپ قاراپ تۇرغاندا ئىشىك ئېچىلىپ ئەينەكتە يەنە بىر ئادەم كۆپەيدى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىماقچى بولۇۋىدىم، ئۈمىد مۈرەمدىن تۇتۇپ قارىغىلى قويمىدى، ئۇ قولىدىكى چىرايلىق قۇتىدىن بىر تال مەرۋايىت مارجاننى چىقىرىپ بوينۇمغا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ بوينۇمغا مارجاننى ئېسىپ ئېتىپ قويۇۋاتقان ھالىتى شۇنچىلىك ئىنچىكە، شۇنچىلىك ئەستايىدىل. ئۇ ئەينەككە قاراپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ:
_ بەك ياراشتى_ دېدى.
ئەينەككە قاراپ بوينۇمغا ئىنتايىن ياراشقان مەرۋايىت مارجانغا قاراپ ھەم ھەيران قالدىم ھەم سەل ئىچىم ئاغرىدى.
_ قاچان ئالغانتىڭىز؟ ماڭا دېمەيلا ئېلىپسىز، بىكار پۇل بۇزۇپ.
_ مەلىكەمگە نەرسە ئېلىپ بەرسەم پۇل بۇزغانلىق بولمايدۇ. بۇ مارجاننى تاقىغاندىن كېيىن تېرىڭىز تېخىمۇ سۈزۈك كۆرۈنگىنىنى ھېس قىلمىدىڭىزما؟ بۈگۈن كېلىنچەكتىنمۇ بەكرەك گۈزەل بولۇپ كېتىشىڭىزدە گەپ يوق.
ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن تەييارلىقلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ يولغا چىقتۇق. ئۈمىد بۈگۈن قارا كۆك رەڭلىك كاستيۇم بۇرۇلكا ، ئىچىگە ئاپئاق كۆينەك كىيىۋالغان، كىيىملىرى يارىشىپ، ئالاھىدە بىر خىل سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئەمەسقۇ، لېكىن ھەر قېتىم قارىسام بىر خىل مەپتۇنلۇق، سۆيۈنۈش ئىلكىدە قاراپ كېتىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئۇ بۈگۈن باشقىلارنىڭ دېققىتىنى توي يىگىتىدىنمۇ بەكرەك تارتىدۇ.
_ ماڭا قارىغانسېرى ئىچىڭىز كۈيۈپ كېتىۋاتامدۇ؟_ ئۈمىد شۇنداق دېگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭغا تىكلىىپ قاراپ قالغىنىمنى ھېس قىلىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. ئۇ ئاستا قولىنى سوزۇپ بېشىمنى سىلاپ:
_ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ مەلىكەم تېخىمۇ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بولۇپ كەتتى_ دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇستا ئىدى. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئېرىپلا كىتىمەن، ھەتتا ئۇ مېنى ئوت دېڭىزىغا سەكرەڭ دېسىمۇ ئىككىلەنمەي سەكرىگۈدەك ھالغا كېلىپ قالىمەن. بىردەمدىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا بىر گەپنى قىلىپ قالدى:
_ بۈگۈنكى بۇ توي بەك قىزىيدۇغۇ دەيمەن.
ئىتتىك ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ماڭا قاراپ بىلىنەر بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ماشىنىنى ھەيدەۋەردى، مەنمۇ كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمىدىم.
ئەسىر رېستۇرانىنىڭ ئالدى ئىنتايىن چىرايلىق بېزىلىپتۇ، مېھمانلارمۇ خېلى كۆپ كەلگەن بولسا كېرەك، بەكلا قاينام تاشقىنلىققا چۈمۈپ كەتكەن ئىدى. ئەزىمەتنىڭ بۇنداق چوڭ رېستۇراندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس، پەمىمچە ئايگۈزەل بىلەن دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىكىن. دادىسى قانداقلا بولمىسۇن بىر دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئەمەسمۇ، قىزىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئاددى ساددا ئۆتكۈزۈپ قويسىمۇ قاملاشمايدۇ دە. مۇلازىمەتچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۈمىد ماشىنىنى بىر ئورۇنغا توختاتتى. ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن بەخت دوختۇرخانىسىدا بىللە ئىشلىگەن نۇرغۇن خىزمەتداشلارنى كۆردۈم. تۇيۇقسىزلا مەندە شۆھرەتپەرەسلىك ئىدىيىسى باش كۆتۈرۈپ قالدىمۇ، تېزلىكتە ئۈمىدنى قولتۇقلىۋالدىم.
ئەڭ دەسلەپتە مېنى تونۇيدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، كېيىن ئېغىزنى قۇلاققا يېقىشىپ دېگەندەك ھەممىسىنىڭ دېققىتى ماڭا بۇرۇلدى. ماڭا قارىغانلارنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ نېمىگە ھەيران قېلىۋاتقىنىنى بىلىمەن، بىرىنچىدىن، مېنىڭ بۇرۇنقى ئېرىمنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگىنىمگە، ئىككىنچىدىن، ئۇچامدىكى بىر قارىسىلا ئېسىللىقى چىقىپلا تۇرىدىغان كۆڭلەك بىلەن بوينۇمدىكى مەرۋايىت مارجانغا، ئۈچىنچىدىن، ئەزىمەتتىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىغان بىر ئەرنى قولتۇقلاپ ماڭغىنىمغا ھەيران قېلىۋاتىدۇ.
ئادەملەر ئاجايىپ بولىدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانىدا سىستېرا بولۇپ ئىشلىگەن چېغىمدا يىراقتىن سالام قىلىشمۇ ئېغىر كېلىدىغانلار ئەمدىلىكتە ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ مەن بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئادەمگە قاراپ ئەمەس، ئادەمنىڭ ئۈستى بېشىغا قاراپ، ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئاجايىپ ئىنسانلار دە بىز. ئۇلار بىر تەرەپتىن ماڭا يېقىنچىلىق قىلغاندەك قىلغان بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىمىز بارلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ تاقىلداپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
_ مەلىكەم، بۇلار كىملەر؟ _ ئۈمىدنىڭ ماڭا قايرىلىپ باشقىچە يېقىنچىلىق بىلەن «مەلىكەم» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئاياللارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى. ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشنى بىلمىگەنگە سېلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە :
_ ھە، ئۇلار بۇرۇن بەخت دوختۇرخانىسىدا بىللە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم. _ دېدىم ۋە ئۈمىدنى كۆرسىتىپ بىر خىل مەغرۇر ھالەتتە_ بۇ ياق مېنىڭ يولدىشىم بولىدۇ_ دېدىم.
ئۇلارنىڭ چىرايىغا زورمۇ زور كۈلكە يۈگۈرتكىنىنى ھېس قىلىپ تۇردۇم. بەلكىم بىر ئاجراشقان ئايال قانداق بولۇپ بۇنچىۋالا قاملاشقان، سالاپەتلىك ئەرنى تاپقاندۇ دەپ ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. دەل مۇشۇ چاغدا ھەممەيلەننىڭ دېققىتى ئىشىككە بۇرالدى. ئەسلى يىگىت بىلەن كېلىنچەك كەلگەن ئىكەن ئەمەسمۇ. ئەزىمەت بۈگۈن ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كاستيۇم كىيىۋالغان بولۇپ خېلى ئىسكەت كىرىپ قاپتۇ. ئايگۈزەل كىيىۋالغان توي كۆڭلىكىمۇ خېلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ تومپىيىپ چىقىپ قالغان قورسىقىنى خېلى ئوبدانلا ياپالاپتۇ.
«ھەي ھەي مۇبارەك، تويلار مۇبارەك، مەڭگۈ بىر بولسۇن، بىر جۈپ قوش يۈرەك» يېقىملىق توي ناخشىسى ئىچىدە ئۇلار ئىشىكتىن كىردى، كەينىدىن بىرى ئىككىيلەننىڭ بېشىدىن ئەتىرگۈل چېچىپ كېلىۋاتاتتى. ئايگۈزەل ئاپئاق پەلەي كىيىۋالغان قولى بىلەن ئەزىمەتنى قولتۇقلىۋالغان، چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ كېلىۋېتىپ ئۈمىدنى قولتۇقلاپ تۇرغان مېنى كۆرۈپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. مېنى كۆرگەندىن بەكرەك ئۇچامدىكى كۆڭلەكنى ۋە بوينۇمدىكى مەرۋايىت مارجاننى كۆرۈپ ئىچىگە ئوت كەتتى بولغاي. مېڭىۋېتىپ تۇيۇقسىز سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئەزىمەت ئۇنى يۆلەۋېتىپ بىزنى كۆردى ۋە دەرھال قوشۇمىسى تۈرۈلدى. مېنى توينى بۇزغىلى كەلدى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















