
بۇ ئەسەرنىڭ 66 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
65-قىسىم
ئۇ ماڭا قاراپ بىر نىمىلەرنى دېمەكچى بولاتتى يۇ، لېكىن ھېلىلا ھۇشىغا كەلگەچكە گەپ قىلىشقا ماغدۇرى يىتىشمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇزۇن ھايال بولمايلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلدى، دوختۇر سىستېرالار ئايالنى نوسۇلكىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. بىزمۇ ماشىنا بىلەن ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن قاتناش راۋانلاشتى.
ئۈمىد مېنىڭ يارامنى ئېغىرراق دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، ئاۋۋال كۆيۈك يارىسى بۆلۈمىگە چىقتۇق، رازىيەمۇ كەينىمىزدىن بىللە كىردى. دوختۇر كۆرگەندىن كېيىن بىر نەچچە قېتىم دورا سۈركىدى، تازىلىدى، قارىسام قولۇمنىڭ ئىشى ھېلىغىچە تۈگىمەيدىغاندەك قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدنى رازىيەنىڭ يۈزىنى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ دەپ چىقىرىۋەتتىم. مېنىڭ قولۇمغا دورا سۈركەپ بولغاندىن كېيىن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە چىقتىم. دوختۇر ئۇنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەسلىكى ئازراق دورا سۈركىسە نەچچە كۈندىلا ئوڭشىلىپ قالدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن رازىيە سەھنىگە چىقىدىغان ئادەم، ئەلۋەتتە يۈزى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دە. دوختۇرنىڭ يېنىدىن يېنىپ چىققۇچە ئۇنىڭ قاپىقى ئېچىلمىدى، خۇددى يۈزىدە شۇنداق چوڭ ئەيىپى باردەك بىر قولى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالغان ئىدى.
ئەمدى پەلەمپەينىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا چىرايلىق بىر قىز تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى.
_ ياخشىمۇسىز، بۈگۈن يولدا بىر ئايالنى قۇتقۇزىۋالغان قىز سىز بولامسىز؟
ئۇ ماڭا تىكىلىپلا تۇراتتى، مەندىن سورىغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە مەن ئىكەنلىكىمنى جەزملەشتۈرۈپ بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئۆزى چىرايلىق، مۇلايىم ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ يېنىمغا يامان نىيەتتە كەلمىگىنىنى جەزملەشتۈردۈم.
_ ھەئە، مەن شۇ_ دېدىم مەن.
ئۇ تېخىمۇ ئېچىلىپ كۈلدى.
_ سىز قۇتقۇزىۋالغان خانىم سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن، ئېغىر كۆرمەي مەن بىلەن ماڭغان بولسىڭىز.
مېنىڭمۇ ئۇ خانىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈم بار ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم، مېنىڭ كەينىمدىن ئۈمىد بىلەن رازىيەمۇ ماڭدى. ئۈچەيلەن بايىقى قىز بىلەن بىللە بىر ئالاھىدە يالغۇز كىشىلىك بالنىستقا كەلدۇق. بايا يولدا مەن قۇتقۇزىۋالغان ئايال كارىۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ژورنال كۆرىۋاتقان ئىكەن، چىرايىدىن قارىغاندا خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى.
_ مىنەۋەر خانىم، ئۇ كەلدى. _ بىزنى باشلاپ كەلگەن قىز پۈتۈن دېققىتى بىلەن ژورنال كۆرىۋاتقان خانىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاستاغىنە شۇنداق دېدى.
مىنەۋەر خانىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، بۇرنىغا چۈشۈپ قالغان كۆزەينىكىنى سەل ئۈستىگە سۈرۈپ قويدى ۋە تولىمۇ يېقىشلىق ھالەتتە كۈلۈپ ماڭا قولىنى پۇلاڭلاتتى.
_ قىزچاق، قېنى، بۇ ياققا كېلىڭ.
مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇلايىم ئاھاڭدا سورىدىم.
_ قانداقراق؟ خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
مىنەۋەر خانىم بېشىنى لىڭشىتتى.
_ ھەئە، خېلى ئوبدانلا بوپ قالدىم. سىز دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋالمىغان بولسىڭىز بەلكىم ھازىر بۇ يەردە بۇنداق ئولتۇرالماس بولغىيتتىم.
_ مەن بۇرۇن سىستېرا بولغان، شۇڭا جىددى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىدىن خەۋىرىم بار، ھېلىمۇ ياخشى مەن نەقمەيداندا بار بولۇپ قاپتىمەن. سىزنى قۇتقۇزۇپ قالالىغىنىمدىن ئۆزۈممۇ بەك خۇش_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ سىستېرا بولغان، ھە مۇنداق دەڭە. مەن سىستېرالار بەك ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، بۈگۈن بۇ ئويۇمنىڭ راست ئىكەنلىكىنى سىز ئىسپاتلاپ بەردىڭىز.
ئادەم بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى كۆڭلى تۇيۇپ قالىدىكەن، بۇ مىنەۋەر خانىمنى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، ئەلۋەتتە بىرىنچى قېتىمدا ئۇ ھۇشىدىن كەتكەچكە كۆرۈشتى دېگىلىمۇ بولمايتتى، لېكىن ئۇ ماڭا يېقىن ئادىمىمدەك تەسىر بېرىۋاتاتتى. مىنەۋەر خانىم ئىككىمىز قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا رازىيەنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ بولۇپلا دەرھال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ياشلىق چوقانلىرى پروگراممىسىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىنى ئىشلىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، رازىيە بۇ گەپلەرنى دەپ بېرىۋېتىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى.
_ يۈزۈم بۇنداق تۇرسا، سۈرەتكە ئېلىشقا قانداق قاتنىشالارمەن؟
دەل شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئاقكۆڭۈل، كۆڭلى يۇمشاق ھالىتىمنىڭ يوقاپ كىتىۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم، چۈنكى ئۇنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئىچىمدە «خوپ بوپتۇ» دەۋاتاتتىم.
_ ئۈستىگە ئازراق ماي سۈركىۋېلىڭە، يارىڭىزنى يېپىپ قالا_ دېدىم مەن.
رازىيە يەنىلا جىددىيلىشىپ تىتىلداپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر تال چىكىتمۇ يوق سۈپسۈزۈك يۈزىدە قىزىل ئىز پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ ماي سۈركىگەنگە يۈتىدىغاندەك قىلمايتتى.
_ ئەمەلىيەتتە ۋاقتى كەلگەندە يارىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق گۈزەللىكىنى نامايان قىلالايدۇ._ كارىۋاتتا ئولتۇرغان مىنەۋەر خانىم گەپ قىستۇردى. رازىيە مىنەۋەر خانىمغا قاراپ ئالايدى.
_ يارىلانغىنى سىزنىڭ يۈزىڭىز بولمىغاندىكىن شۇنداق دەيسىز دە، مېنىڭ قانچىلىك تىت تىت بولىۋاتقىنىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ تولا چاقچاق قىلماڭە.
رازىيەنىڭ قوپاللىقىدىن مىنەۋەر خانىم خاپا بولۇپ كەتمىدى، ئەكسىچە يەنىلا كۈلۈپ تۇردى. مەن قارىسام بۇ مىنەۋەر خانىمدا ئادەتتىكى ئادەملەردە ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان بىر خىل لاتاپەت بار ئىكەن. ئۇ ھازىر كېسەل كارىۋىتىدا بولسىمۇ ئۇ خىل لاتاپىتىنى يەنىلا يوقاتمىغان ئىدى.
_ قىزچاق، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، مەن ئاغزىمغا كەلگەننى دەۋاتمايمەن ھەم سىزنى مازاق قىلغىنىممۇ يوق، ئەگەر مەيلى دېسىڭىز مەن يۈزىڭىزدىكى يارىنى بەكمۇ چىرايلىق ھالەتكە ئۆزگەرتىپ قويالايمەن.
مەن ئەجەبلەنگەن ھالەتتە مىنەۋەر خانىمغا قارىدىم، بۇ گەپتىن رازىيەمۇ ھەيران قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ بىزنى باشلاپ كىرگەن قىزغا قاراپ:
_ مېنىڭ گىرىم سومكامنى ئېلىپ كېلىڭ_ دېدى. ھېلىقى قىز ئۇنىڭ گىرىم «سومكىسى»نى ئېلىپ كىرگەندە ھەيران قالدىم.
بۇ چوڭلۇقى سەپەر چامادىنىدەك كېلىدىغان چامادان راستلا گرىم سومكىسىمىدۇ؟ خانىم قولىنى سوزۇپلا ئۇنى ئاچتى. ئەمدى بايىقىدىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدىم. چاماداننىڭ ياپقۇچىنىڭ ئىچى تەرىپى چوڭ ئەينەك ئىكەن، چاماداننىڭ ئىچىگە ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرى ئېسىلغان ھەم تىزىپ قويۇلغان، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتكۈدەك ئىدى. مىنەۋەر خانىم رازىيەگە قاراپ سۇس كۈلۈمسىرىدى.
_ قىزچاق، يارا يۈزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىغا بارمايتتىم دېسىڭىز ماڭا مۇشۇ بىر قېتىم ئىشىنىپ قويۇڭ. قانداق؟
رازىيەمۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ نەرسىلەردىن ھەيران قالغان ئىدى. مىنەۋەر خانىم بېلىكىدىكى سائىتىگە قارىدى،
_ بەك ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئون مىنۇت بولسىلا يېتىدۇ.
ھازىرنىڭ ئۆزىدە رازىيەگە نىسبەتەن بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى، شۇڭا ئامالسىز مىنەۋەر خانىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇ بايا مىنەۋەر خانىمغا قوپاللىق قىلغىنىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۇيالغاندۇ دەپ ئويلىدىم. لېكىن مىنەۋەر خانىم ئۇنىڭ قوپاللىقىنى قىلچە كۆڭلىگە ئالمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاۋۋال رازىيەنىڭ يۈزىدىكى يارىنى بىر كۆرىۋېتىپ ئاندىن گىرىم بۇيۇملىرىنى قولىغا ئالدى. مىنەۋەر خانىم گىرىم قىلغاندا تولىمۇ ئەستايىدىل، پۈتۈن دېققىتى بىلەن قىلىدىكەن، ھەرىكىتىمۇ چاققان ئىكەن، بىر قاراشقىلا بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
رازىيەگە گىرىم قىلىۋاتقان پۇرسەتتە مىنەۋەر خانىمنىڭ گىرىم سومكىسىغا دېققەت قىلدىم. ئادەتتە كىممۇ بۇنداق چوڭ گىرىم سومكىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؟ گىرىم سومكىسىنى كۈزەتكەچ تۇيۇقسىز كۆزۈم بايا مىنەۋەر خانىم كۆرۈپ ئولتۇرغان ژورنالغا چۈشتى. بۇ بىر مودا ژورنال ئىدى. دېمەك بۇ خانىم قارىماققا ئانچە كىچىك كۆرۈنمىسىمۇ لېكىن خېلى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلاردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
بالنىستنىڭ ئىچىدە پەقەت مىنەۋەر خانىمنىڭ گىرىم بويۇملىرىنى ئالغان، قويغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ پۈتۈن دېققىتى بىلەن بېرىلىپ گىرىم قىلىۋاتاتتى، خۇددى بىر بەدىئىي ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، شۇڭا ھېچقايسىمىز ئاۋاز چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدۇق. گىرىمنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سائىتىگە قاراپ:
_ مانا، نەقلا ئون مىنۇت كېتىپتۇ. ئەمدى ئەينەككە قاراپ بېقىڭە، رازى بولامسىزكىن_ دېدى.
رازىيە يۈزىدىكى يارىنى تۇتقىنىچە دەككە دۈككە ئىچىدە ئەينەككە قارىدى-يۇ، ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى. ئەسلىدىكى يارائىزى ھازىر ئۈچ تال ياي سىزىقىغا ئايلانغان، ھەر بىر ياي چوڭلۇقتىن تەدرىجى كىچىكلەپ باراتتى، ھازىر رازىيەنىڭ يۈزىدىكى يارىنى كۆرگىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئەسلىمۇ چىرايلىق يۈزىگە تېخىمۇ لاتاپەت قوشقان ئىدى.
_ قانداق، سىزگە يارىدىمۇ؟_ مىنەۋەر خانىم رازىيەنىڭ ھاياجاندىن ئاغزى گەپكە كەلمەيۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى. رازىيە كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا ئەينەككە نەچچە قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى.
_ ئەسلى سىز مۇنداق دېمەكچى ئىكەنسىز دە، مەن تېخى باشتا سىزنى... كەچۈرۈڭ.
مىنەۋەر خانىمنىڭ تولىمۇ كەڭ قورساق ئايال ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى.
_ قىزچاق، ئاياللارنىڭ تاشقى گۈزەللىكىنى ھەر خىل گىرىملەر بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن ئىچكى گۈزەللىك تېخىمۇ مۇھىم. نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قارىسىڭىز ئانچە ۋاي دېگۈچىلىكى بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ؟ مانا بۇ دەل ئۇنىڭدىكى ئىچكى گۈزەللىكنىڭ ئىپادىلىنىپ چىققانلىقىدا.
مىنەۋەر خانىمنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم. ئۇ ئۆزىمۇ دەل ئاشۇنداق، گەرچە ئۇ رازىيەدەك ياش بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان، رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر خىل گۈزەللىك بار ئىدى، بۇ گۈزەللىك ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يوقاپ كەتمەيدىغان، ياش قىزلار دورايمەن دەپمۇ دوراپ بولالمايدىغان گۈزەللىك ئىدى.
رازىيە مىنەۋەر خانىمنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىمۇ چۈشەنمىدىمۇ بىلمىدىم.
_ رەھمەت سىزگە، مىنەۋەر خانىم_ دېدى ئۇ.
_ بولدى، مېڭىڭ، كېچىكىپ قالماڭ يەنە. مەيلى قانچىلىك تونۇلۇپ كېتىڭ، كېيىن داڭلىق چولپان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ چوقۇم ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
مىنەۋەر خانىم مەيلى تەقى تۇرقى جەھەتتىن بولسۇن ياكى گەپ سۆز جەھەتتىن بولسۇن، كىشىنى ئۆزىگە تارتىپلا تۇراتتى. مېنىڭچە ئۇ ئادەتتىكى ئايالدەك قىلمايتتى. شۇ تاپتا رازىيەمۇ ھاياجىنىنى باسالمايلا قېلىۋاتاتتى. ھەقىقەتەنمۇ مىنەۋەر خانىمنىڭ قىلغان گىرىمى ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۈزەللىكىنى نەچچە ھەسسىلىۋەتكەن ئىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، كېچىكىپ قالماي دەپ قورقىۋاتىمەن، مېنى ئاپىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟
بىر چەتتە گەپ قىلماي ئولتۇرغان ئۈمىد رازىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ بۇ قارىشىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم، ئەجىبا ئۇ ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ دەپ مەندىن سوراۋاتامدىغاندۇ؟ ئەگەر مەن ياق، ئاپىرىپ قويمايسىز دېسەم راستلا ئاپىرىپ قويماسمۇ؟ لېكىن ئۇنداق قىلسام ئۇ مېنى چىدىماس، كۆزى كىچىك دەپ ئويلاپ قالىدۇ خالاس.
_ قاراپ ئولتۇرىسىزغۇ، تېز ئاپىرىپ قويۇڭ، رازىيە كىچىكىپ قالمىسۇن بىكار.
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بىلىپ تۇرىمەن، ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتسە مەن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇ ئىككىسىنى بىر يەرگە كەلتۈرمىسەممۇ يەنىلا بىكار بولىدۇ. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن مەنمۇ مىنەۋەر خانىم بىلەن خوشلىشىپ ماڭماقچى بولدۇم.
_ بىئەپ كۆرمىسىڭىز تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، مەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغان بولسام بولامدۇ؟ سىزگە ياخشىراق رەھمەت ئېيتىۋالغۇم بار.
مەن ئۇنىماي تۇرىۋالدىم.
_ بولدى، ھاجىتى يوق، مىنەۋەر خانىم. مېنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىرسى بولسىمۇ ئۇنداق جىددى ئەھۋالدا چوقۇم ماڭا ئوخشاش قىلغان بولاتتى. رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
_ شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئۆتۈشىۋاتقان يولدا يىقىلىپ قالسام، پەقەت سىزلا ماڭا ياردەم قىلدىڭىز. دېمەك سىز ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل قىز. سىزگە ياخشىراق رەھمەت ئېيتىۋالمىسام مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ.
ئاخىرى ئامالسىز تېلېفون نومۇرۇمنى دەپ بەردىم ۋە مىنەۋەر خانىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ ساقلىۋالدىم. مىنەۋەر خانىم قولۇمنىڭ تېڭىقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ نىمە بولغىنىنى سورىدى، مەن كۆيۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ دەرھال ھېلىقى يوغان سومكىسىدىن بىر مەلھەم دورىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
_ مەڭ، بۇنى ئېلىپ كىتىپ سۈركەڭ، بۇنىڭ كۈيۈككە ئۈنۈمى بەك ياخشى، تاتۇق قالدۇرماي ساقايتىدۇ.
مەن دورىنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتىپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ چاغدا مەن مىنەۋەر خانىمنىڭ زادى قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. دوختۇرخانىدىن چىقىپ نىگارەگە تېلېفون قىلدىم، تەلىيىمگە ئۇمۇ بىكار ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن خەلق مەيدانىدا كۆرۈشۈشكە كېلىشتۇق. خەلق مەيدانىغا بېرىپ ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئون مىنۇتتەك ئولتۇرغاندىن كېيىن نىگارە يېتىپ كەلدى. ئۇ كېلىپلا قولۇمنىڭ تېڭىقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا تۆنۈگۈن كەچتە ۋە بۈگۈن ئەتىگەندە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى دەپ بەردىم.
_ قارا ماۋۇ شۇمتەكنى. تازىمۇ ھىيلىگەر نىمىكەن ھە؟ ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى قاراپلا بىلگەن مەن. ئۇنىڭ ئۈمىدكە قارىغان كۆزلىرىگە قارىمامسەن؟ تۈلكىنىڭ ئۆزى. قەستەن ساددا قىياپەتكە كىرىۋېلىشلىرىدىن ئۆرگىلەي تېخى. «ئۈمىد ئاكا، ئۈمىد ئاكا» دەپ. ئىشقىلىپ نازى، بەك دېققەت قىل، قانداقلا بولمىسۇن سەن ئۇنىڭدىن نەچچە ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان، بىر سېرىق تۈككە يېڭىلىپ قالساڭ بەك سەت تۇرىدۇ جۇمۇ.
_ بۇ يەردىكى مەسىلە يېڭىلىپ قېلىش قالماسلىق مەسىلىسى ئەمەس، ئەگەر ئۇ تېخىمۇ بەكرەك ھىيلە نەيرەڭ ئىشلەتسە مەن ئۆزۈممۇ بىلمەيلا سەپتىن چۈشۈپ قالىدىغاندەك قىلىمەن.
_ قارا سېنى، ئىش باشلانماي تۇرۇپلا يېلىڭ چىققىلى تۇرۇپتۇغۇ. ھەرگىز ئەخمەقلىق قىلما. ئۈمىد كۇتۇپخانىدا ياتىمەن دېسە سەنمۇ كۇتۇپخانىدا يات، ئىشقىلىپ ئېرىڭ قەيەرگە بارسا سەنمۇ شۇ يەرگە بار. بولمىسا ئېرىڭنى خەقنىڭ قوينىغا ئىتتىرىپ بېرىسەن جۇمۇ. تۆنۈگۈن ئۇ بىر نىمىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەتكىنىڭنى تازا ئاقىلانىلىك بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئىشلار تەتۈرىگە مېڭىپ قالمىسۇن ھە.
ئەمەلىيەتتە تۆنۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈم ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي ئىشنى بۇزۇپ قويغان ئىدىم.
_ خاتىرجەم بول، ئۇ ھازىرچە بىۋاستە قول سالالمايدۇ_ دېدىم مەن. نىگارە تۇيۇقسىز بىر ئامال تاپقاندەك كۈلۈپ كەتتى.
_ ھازىر سېنىڭ قولۇڭ ئاغرىققۇ، ھېچقانداق ئىش قىلالمايسەن. ئۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى ئىدىغۇ، بوپتۇ، ئۆزىنى كۆرسەتسۇن، ھەممە ئىشنى تاشلاپ بەر، ئۆي تازىلىسۇن، كىر يۇسۇن، تاماق ئەتسۇن. ئىشنى تازا قىلىپ ھېرىپ ئۆلەي دېگەندە، ۋاي ئىسىت نىمىشقا كەلگەندىمەن دەپ ئۆزىلا كىتىپ قالسۇن، شۇ چاغدا ئۈمىدمۇ سېنى بىر نىمە دېمەيدۇ.
مەن بېشىمنى چايقىدىم.
_ ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ. ئۈمىدئۇنى بەك بىچارە دەپ بەك ئىچى ئاغرىيدىكەن. ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىشى قانداق ئىچى ئاغرىش ئىكەنلىكىنى مەن تېخى بىلىپ بولالمدىم. ئىشقىلىپ مەن ئۇنى سەن دېگەندەك ئىشقا سالىدىغان بولسام ئۈمىد مەندىن يۈز ئۆرۈشتىن يانماسمىكىن.
_ بۇ دېگەنلىرىڭنىڭمۇ ئاساسى بار، لېكىن نازى، ھۇشيار بول. ئۆيۈڭگە بىر بۆرىنى باشلاپ كىرگەندەك تۇرىسەن، ئەمدى ئۆزۈڭگە پۇختا بولمىساڭ چاتاق چىقىدۇ. ئەزىمەتنىڭ ئىشى ساۋاق بولسۇن، ئوخشاش خاتالىق تەكرارلىنىپ قالمىسۇن. قالغىنىنى مەن دېمىسەممۇ بىلىسەنغۇ.
توغرا، ئەزىمەت كۆز ئالدىمدا ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ يۈرسىمۇ مەن ھېچنىمىنى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن.
ئەسلى نىگارە بىلەن بىللە تاماق يىمەكچى بولغان ئىدۇق، لېكىن شوپۇرلۇق مەكتەپتىكى تېرىنېر تېلېفون قىلدى.
_ نازىيە، قانداق ئوقۇغۇچى سىز؟ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسىڭىز ماشىنا ھەيدەشنى قاچان ئۆگىنىسىز؟ پراۋىنى قاچان ئالىسىز ؟ شوپۇرلۇق مەكتەپ كەلگۈسى بولسا كېلىىدىغان، بولمىسا يوقاپ كىتىدىغان يەرمىكەن؟
تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ئامالسىز نىگارە بىلەن خوشلىشىپ شوپۇرلۇق مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم. تېرىنېر تېلېفوندا ماڭا ئۇنداق قوپال تىگىۋاتقان يەردە مەكتەپكە بارسام مېنى قانچىلىك تىللاپ كىتەر؟
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















