大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 61 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 61 - قىسىم aybarawazi
2023-08-10
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 62 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60





ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

61-قىسىم


      بېشىمنى بۇراپ قارىسام گەپ قىلىۋاتقىنى بايا بېلىمگە پىچاق تىرىگەن ھېلىقى ئەر شۇكەن.  قولۇمنى باغلاپ قويغاچقا ئۇ بىر ياندا قولىدىكى پىچاقنى ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ.  ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ئەتراپقا سەپ سالدىم.  مىنىبۇستا شوپۇر بىلەن قوشۇپ ئالتە ئەر كىشى بار،  ھەممىسى بىرىنىڭ قولىغا، بىرىنىڭ بوينىغا ھەرخىل نەرسىلەر چېكىلگەن، لېكىن ماڭا پىچاق تىرىگەن ئەر ئۇلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ خېلىلا ئېغىر بېسىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلاشماي قولىدىكى پىچاقنى ئويناپلا ئولتۇراتتى.  ئۇ گەپ قىلماي، مىدىر سىدىر قىلماي كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ تۇرسىمۇ لېكىن قارىغان كىشىنىڭ تىنى شۈركەنگۈدەك سۈرلۈك ئىدى. 

     مەن ۋارقىراپ جارقىرىمىدىم، چۈنكى ئۇنداق قىلساممۇ پايدىسى يوق ئىدى،  ئامالسىز ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ  ئۇلارغا گەپ قىلدىم. 

_ سىلەر نىمە ئادەملەر؟ مېنى نىمىشقا تۇتىسىلەر؟ 

     ئۇ قولىدىكى پىچاقنى بىر چۆگىلىتىۋېتىپ ماڭا قارىدى-يۇ گەپ قىلماي يەنە پىچىقىنى ئويناپ ئولتۇردى.   بوينىغا نەقىش چېكىۋالغان بىرى سەت ھىجىايدى. 

_ ئۈمىد ئۆزى شۇنداق كېلىشكەن ھەم پۇلدار.  لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئەجەب ئادەتتىكىچە ئايالكىنا، خاتا تۇتۇپ قالمىغاندىمىز ھە؟

_ شۇنى دەيمەن. مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇرغان_ دېدى يەنە بىرىمۇ. 

باياتىن بېرى جىم ئولتۇرغان قولىدا پىچاقنى ئويناپ ئولتۇرغان ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ  ماڭا يەنە بىر قېتىم قارىۋەتتى. 

_ خاتا ئەمەس، دەل ئۆزى. 

        ئۇلارنىڭ باشقىچە مەقسىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. سودا مەيدانى جەڭ مەيدانى دەپتىكەن،  سودىدا رىقابەتتىن، رىقابەتچىلەردىن ساقلانماق تەس، ئەمما مەن ئۈمىدنىڭ ئاجىزلىقىغا ئايلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن. 

مىنىبۇس  بەك تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى،  ماشىنىدا تولا چايقىلىپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇرىۋېتەيلا دەپ قالغان چېغىمدا ماشىنا ئاخىرى بىر يەرگە كېلىپ توختىدى.  ماشىنىدىن چۈشۈپلا  غۇررىدە كەلگەن سوغۇق شامال تاپىنىمدىن كىرىپ مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى.  بۇ يەر تاغ  قاپتىلى بولۇپ،  يېقىنلا يەردە بىر داچا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.  ئۇلار مېنى سۆرەپ داچىغا ئېلىپ كىرىپ چىراقلارنى ياندۇرىۋەتتى.  بىردەمدىلا داچىنىڭ ئىچى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى.  ئۇلار مېنى ئىتتىرىپ ئاپىرىپ كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.  ئۇلار كىرىپلا  بىر بىرلەپ بېرىپ توڭلاتقۇدىن سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ كېلىپ كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتى. 

_ ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ بېقىڭلار، ئۇنىڭغا خوتۇنى لازىممىكەن، ئەمەسمىكەن؟

     بايىقى كەمسۆز ئەر تاماكا قېپىدىن بىر تال تاماكا چىقارغاچ شۇنداق دېدى.  بىرەيلەن تېلېفونىنى چىقىرىپ تېلېفون قىلدى. 

_ ۋەي، ئۈمىد ئەپەندىم.  ئايالىڭنى ئالغىلى كېلىش  ئۈچۈن ماشىنڭغا لىق ماي قاچىلاپ كەلمىسەڭ  يولدا قالارسەنمىكىن. 

     ئۇ بۇ يەرنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ئۈمىدنىڭ تېلېفوندا نىمە دېگەنلىكىنى بىلمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىر ئۈستەلنى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ قەرت ئوينىدى،  مەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.  مەن تىكەننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئارامسىزلىق ئىچىدە ئۈمىدنىڭ كېلىشىنى ساقلىدىم. راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ كېلىشىگە شۇنچىلىك تەقەززا بولىۋاتىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ كەلمەسلىكىنى، بۇلارنىڭ قىلتىقىغا دەسسىمەسلىكىنىمۇ ئۈمىد قىلىۋاتىمەن.  ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، سىرتتا بىر ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى قولىدىكى قەرتنى  تاشلاپ قويۇپ دېرىزىدىن قاراپ:

_ ھەسەن ئاكا، ئۇ كەپتۇ_ دېدى. 

ئۇنىڭ ھەسەن ئاكا دەپ چاقىرغىنى بايا بېلىمگە پىچاق تىرەپ كەلگىنى شۇ ئىدى.  ئۇ قولىدىكى قەرتنى ئۈستەلگە تاشلاپ يېنىدىكى بىرىگە پىچىرلىدى. 

_  ئۇنى ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار. 

مەن ھەرقانچە تارتىشىپ، تىركىشسەممۇ ئۇلار يەنىلا مېنى تارتقۇشلاپ  ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ بىر ئۆيگە سولاپ قويدى.  ھازىر پەستە نىمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، چۈنكى بۇ يەرگە پەستىكى ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.  تېخىمۇ ئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم.  ئۇلارنىڭ مەقسىتى زادى نېمىدۇ؟ ئۈمىد مېنى دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەلىپىگە شەرتسىز ماقۇل دەمۇ؟ ئەمما مەن ئۈمىدنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى خالىمايمەن.  ئۇلار قولۇمنى باغلاپ قويغان بىلەن پۇتۇمنى باغلىمىدى.  بىر ئامال قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ پەسكە قارىدىم،  پەستە ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى تۇرۇپتۇ.  پەسكى مېھمانخانا ئۆيدە چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئاران پەرق قىلغىلى بولاتتى.  تۇيۇقسىز بىر نىمىنىڭ چېقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.  يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى. «ئۇرۇشۇپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۈمىد يالغۇز كەلدى ھەقىچان،  ئۇلار شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرسا، ئۈمىد ئۆزى يالغۇز تەڭ كىلەلەرمۇ؟» جىددىيلىشىپ ئىككى قولۇمنى توختىماي بىر بىرىگە سۈركەشكە باشلىدىم،  قولۇمنىڭ بېغىشى ئارغامچىغا سۈركىلىۋېرىپ ئاغرىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ توختىماي سۈركىدىم، بىر چاغدا قولۇمنى ئارغامچىدىن چىقىرىۋالدىم. 

     دەرھال ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ قۇلىقىمنى يېقىپ ئاڭلاپ باقتىم، سىرتتا ھېچقانداق تىۋىش يوق ئىدى، ئاستا ئىشىكنى ئاچتىم.  كارىدور قۇپقۇرۇق، ئاستا ئۆيدىن چىقىپ ئاۋايلاپ دەسسەپ پەلەمپەي ئېغىزىغا كېلىپ توختىدىم. 

_ ئۈمىد ئەپەندى، سەنمۇ ساھىبجامال ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدىكەنسەن ھە؟ 

بۇ ھېلىقى ھەسەن ئىسىملىك ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى.  بىردەمدىن كېيىن ئۈمىدنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ ئايالىم بولغاندىكىن، ئەلۋەتتە قوغدايمەن دە.  قانداقلا ئىش بولسا ماڭا دە، ئايالىم سەل قورقۇنچاق،  ئۇنى قورقۇتىۋەتمە. 

مەن پەلەمپەي ئېغىزىدىن بېشىمنى سوزۇپ مېھمانخانا ئۆيگە قارىدىم.  مېھمانخانا ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئوچۇق كۆرۈندى.  ئۈمىد بىلەن ھەسەن يالغۇز كىشىلىك كرىسلودا بىر بىرىگە قارىشىپ ئولتۇراتتى، ئوتتۇرىدا بىر تومپۇچكا بار ئىدى.  ھەسەننىڭ ئادەملىرى كۆپ، ئۈمىد ئۆزى يالغۇز، ئەمما ئۈمىدنىڭ چىرايىدىن ھېچ جىددىيلەشكەندەك ئالامەت كۆرۈنمەيتتى.  ئاق كۆينەك، قارا كاستيۇم كىيىۋالغان،  پۇتىنى ئالماپ،  بارمىقىغا بىر تال تاماكا تۇتۇپ مەغرۇر ئولتۇرغان ھالىتىدىن كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنى پىسەنتىگە ئېلىپ قويمايدىغىنى چىقىپ تۇراتتى.  ھەسەننىڭ سوغۇق كۈلكىسى ئاڭلاندى. 

_  خاتىرجەم بول، مەنمۇ ئاياللارنى ئاسرايدىغان ئادەممەن. ئايالىڭنى تېزراق كۆرەي دېسەڭ بايا مەن دېگەن ئىشنى ئويلىنىپ ئولتۇرۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. 

مەن ئۇنىڭ ئۈمىدكە قانداق شەرت قويۇپ ئۇنى قوشۇلۇشقا مەجبۇرلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن،  لېكىن چوقۇم ئۈمىد قوبۇل قىلالمايدىغان شەرت ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇنداق بولمىسا ئۇلار شۇ ئىش ئۈچۈن مېنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇنى قىستىمايتتى.  ياق، ئۈمىد ئۇنىڭغا بۇنداقلا ماقۇل بولسا، ئۇنىڭ تۇزىقىغا دەسسىسە بولمايدۇ. 

_ ياق، ئۈمىد، قوشۇلماڭ _ تاقەت قىلالماي ۋاقىرىغان پىتى پەسكە قاراپ يۈگۈردۈم.  لېكىن ئەڭ ئاخىرقى پەلەمپەيدىن چۈشۈشۈمگە ئىككى ئەر كىشى كېلىپ مېنى توسۇۋالدى.  ئۈمىد ماڭا قارىدى، ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى، مەن ئۇنىڭغا «ياق» دېگەن مەنىدە بېشىمنى چايقىدىم، ئۇنىڭ ماڭا قاراشلىرىدىن «خاتىرجەم بولۇڭ» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.  ھەسەن ماڭا قارىدى ۋە ئۆزىگە ماس كەلمىگەن بىر ھالەتتە ھىجايدى. 

_ بايا دېگەنتىمغۇ، مەنمۇ ئاياللارنى ئاسرايدىغان ئادەم،  بولمىسا ئايالىڭ بۇ يەرگە چۈشەلەمتى؟ 

ئۈمىد تاماكىنى كۈچەپ بىرنى شورىدى. 

_ مەن ماقۇل بولغان ھالەتتىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ .

بۇنى ئاڭلاپ ھەسەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ مەن كۆرگەندىن بۇيان بىر خىل ئېغىر بېسىق تەسىر بەرگەن ئىدى، ئەمما ھازىرقى كۈلكىسىنى ئاڭلاپ خاتا چۈشىنىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم، ئۇ ھەرگىزمۇ ئېغىر بېسىق ئادەم ئەمەسكەن. 

_ قانۇن يول قويمايدۇ دېدىڭما؟  ھا ھا  ھا.  شۇنى ئوبدان بىلىدىكەنسەن بولمىسا.  بۇ گېپىڭگە بەك كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ، ئۈمىد ئەپەندىم. 

 ھەسەن خېلى تەستە كۈلكىسىنى توختاتتى. 

_ ئۇنداق گەپلىرىڭنى تارت، ئۈمىد ئەپەندى، ئىشقىلىپ مۇشۇ شەرتكە كۆنىسەن، قالغىنىغا ئۆزۈڭ ئامال قىل. 

  ئۇ ئۈمىدنى مەن قويغان شەرتكە كۆنسەڭمۇ كۆنىسەن، كۆنمىسەڭمۇ كۆنىسەن دېمەكچى.  ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشىۋاتقىنىنى چۈشەنمىدىم.  ھەسەن ئۈمىدكە زادى قانداق شەرت قويغاندۇ؟  مەن تېخى ئويلاپ بولالماي تۇرۇپلا ئۈمىد «ماقۇل» دەۋەتتى ۋە تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدىكى قەلەمنى ئېلىپ بىر پارچە قەغەزگە شارت شارت قىلىپ  بىر نىمىلەرنى يازدى. ئۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بولسا كېرەك، مەن ئۈمىدكە «ئىمزا قويماڭ» دەي دەپ ئويلىدىم، لېكىن كېچىككەن ئىدىم.   ئۈمىد قەلەمنى ئۈستەلگە تاشلىدى ۋە قولىدىكى يېرىم قالغان تاماكىنى يەردىكى گىلەمگە تاشلىدى. 

_ كەچۈرگىن، قىممەت باھالىق گىلىمىڭنى كۆيدۈرۈپ قويدۇم. 

بۇ ھەسەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھېلىلا ئۈمىدنى شەرتىگە زورمۇ زور كۆندۈردى ئەمەسمۇ،  بىر گىلەم كۆيۈپ كەتكەنگە نىمە بولماقچىتى. 

_ خالىغانچە كۆيدۈر. 

  مېنى تۇتۇپ تۇرغان ئىككى ئەر مېنى قويۇەتتى.   مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدىكى قەغەزنى ئېلىش ئۈچۈن قولۇمنى سۇنۇشۇمغا ئۈمىد مېنى توسۇۋالدى. دەرھال ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ مەلىكەم، ئۆيىمىزگە كېتەيلى. 

ئىككىمىز قول تۇتۇشۇپ داچىدىن چىقىپ كەتتۇق، بىزنى ھېچكىم توسمىدى.  ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئۈمىد  ماينى بولۇشىغا دەسسىدى.  ئۈمىد ئىزچىل بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،  ئۇنىڭ بىر قولى رولدا ، بىر قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ ئالدىغا قاراپ قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتاتتى.  ئارىدىكى جىمجىتلىقنى مەن بۇزدۇم. 

_  بايىقى ئادەمنىڭ قانداق شەرتىگە  ماقۇل بولدىڭىز؟ 

ئۈمىد گېپىمگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى،  ماشىنا ئىچى يەنە تىمتاسلىققا چۆمدى.  خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى. 

_ ئۇنىڭ ئىسمى ھەسەن. ئۇنىڭ سەمى ئىسىملىك بىر  ئىنىسى بار، ئەينى ۋاقىتتا شېرزات بىلەن بىللە  كىرىپ كەتكەن،  ھەسەن بىزنىڭ شېرزاتنىڭ دېلوسى توغرىلىق قايتا ئەرز قىلماقچى بولىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلاپتىكەن، ئەگەر ئامال قىلالىساڭ  مېنىڭ ئىنىمنىمۇ بىللە چىقىرىپ بېرىسەن دەيدۇ. 

لېكىن بۈگۈن ھەسەننىڭ قىلغانلىرى ھېچ بىر ئادەمدىن ياردەم سورىغانغا ئوخشىمايتتى.  يا ئەر كىشىلەرنىڭ ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى مۇشۇنداق بولامدۇ؟  ئەگەر ئۇ باشقا ئامال قىلالماي مېنى تۇتقۇن قىلىپ ئەكىلىش ئارقىلىق ئۈمىدكە بېسىم ئىشلەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ئۈمىدنىڭ ئۇنىڭغا قەرزى باردەك مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئورنى يوقتە.  ماڭا ئوتتۇرىدا باشقا بىر ئىش باردەك بىلىندى.  لېكىن نىمە ئىشلىقىنى شۇنچە ئويلاپمۇ ئويلاپ يىتەلمىدىم.  ئۈمىد ئىمزا قويغان ھېلىقى قەغەزگە نىمىلەر يېزىلغاندۇ؟  بۇ ئىشقا ياردەم قىىش ئۈمىدنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس،  خالىسا ياردەم قىلسا بولىدۇ، خالمىسا ھەسەننىڭ ئۇنى مەجبۇرلاش يولى يوق.  بايا ئۈمىدنىڭ قانۇن توغرىلىق گەپ قىلغىنى بىكار ئەمەسكەندە. لېكىن ھەسەن بۇنى چاقچاق دەپلا چۈشەنگەندەك قىلدى. كاللامدا بەك جىق گادىرماچ خىياللار مېنى بەك قىينىۋەتتى. 

_ لېكىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىش مۇمكىن بولارمۇ؟ 

_ مۇمكىن بولمايدۇ. 

_ مۇمكىن بولمايدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەسەنگە ماقۇل بولۇپ قەغەزگە بىر نىمىلەرنى يېزىپ كەتتىڭىزغۇ؟ كېيىن ھەسەن ئاشۇ قەغەز بىلەن سىزنى تەڭلىكتە قويسا قانداق قىلىسىز؟ 

ئۈمىد كۈلۈپ كەتتى. 

_ نازىيە، ئىشلار سىز ئويلىغاندەك مۇرەككەپ ئەمەس،  ئەنسىرىمەڭ، ئويلىغىنىم بار. 

قانداقمۇ ئەنسىرىمەي تۇرالايمەن.  ھەسەنگە قارىساملا ھېچ ياخشى نىمىدەك قىلمايدۇ. 

_  سىز قول قويغان قەغەزدىكى نىمە ئۇ؟

_ كېلىشىم. 

_ كېلىشىم؟ نىمە كېلىشىم؟ 

_ مېنىڭ ھەسەننىڭ ئىنىسىنى شېرزات بىلەن بىللە قايتۇرۇپ چىقىشىم توغرىلىق يېزىلغان كېلىشىم. 

_ قىلالمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

_ ھەسەنگە 500 مىڭ يۈەن بېرىمەن. 

ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. 

_ نىمىشقا قىلالمىسىڭىز سىز پۇل بېرىدىكەنسىز؟ بۇ ئىشتا ئەسلىمۇ ھەسەننىڭ سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ يالۋۇرغان تۇرسا، ياردەم قىلالىسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا، ياردەم قىلالمىسىڭىز ئۇنىڭغا پۇل بېرىدىغان ئىش نەدە باركەن؟

ئۈمىد مېنىڭ چېچىلىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى.  شۇ چاغدا مەن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنىڭ ھەقىقەتەن ئۈمىدنىڭ دېگىنىدەك ئىكەنلىكى، ئىش ئەپلەشمەي قالسا ئۇ 500 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالسىلا ئارىدىكى ئىشلارنىڭ تۈگەيدىغىنىغا ئىشەنگەن ئىدىم.  شۇ كۈنى كەچتىكى ئىشنى ئۈمىد ئىككىمىزلا بىلىپ قالدۇق،  مەنمۇ ھېچكىمگە دېمىدىم.  ئەتىسى دوختۇرخانىغا نىگارەنى يوقلاپ بارغاندىمۇ ئۇ توغرىلىق تىنمىدىم. 

سىستېرا ياتاقلارنى تەكشۈرۈپ كىرگەندە نىگارە بىلەن فەرۇقنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى سورىدى.  نىگارەنىڭ سۇنۇپ كەتكەن پۇتىغا پۇلات تاختا قويغاچقا ، سىستېرا ئۇنىڭ پۇتىنى كۆتۈرگەندە بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، نىگارەنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى، لېكىن ۋايجان دەپ قويمىدى. 

_  ۋاي ئاستىراق، ئۇنداق كۈچەپ تارتسىڭىز ئاغرىپ كەتمەمدۇ؟

نىگارەنىڭ پۇتىنى كۆتۈرسە يەنە بىر كارىۋاتتا ياتقان فەرۇق چىدىيالماي قېلىۋاتاتتى.  سىستېرا ياش قىز ئىكەن، فەرۇقنىڭ گېپىگە ھە دەپ تۇرۇپ بەرمىدى. 

_  سۆڭەك سۇنغاندىكىن ئاغرىيدۇ شۇ. چىدىغۇلۇق ئەمدى.  بۇنداق ئاغرىيدىغاننى بىلىدىغان  ئادەم ئۆگزىگە نىمە قىلغىلى چىققان، گەپ دېگەننى چىرايلىق قىلىشقىلىمۇ بولىدۇغۇ. 

ئۇلارنىڭ ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىشى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن بولسا كېرەك. 

فەرۇق سىستېرانىڭ گېپىگە چىداپ تۇرالمىدى. 

_ نىمە دېگىنىڭىز بۇ؟ بىمارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىلەر سىلەر؟  سىستېرالار باشلىقىنى چاقىرىپ كىرىڭە،  دەيدىغان گېپىم بار مېنىڭ، قانداق دېگەن گەپ بۇ.  سىلەردىن سېسىق گەپ ئاڭلايمىز دەپ كىرمىدۇق، داۋالىنىپ ساقىيىمىز دەپ كىردۇق جۇمۇ. 

سىستېرا قىزمۇ بوش كەلمىدى. 

_  مېنى ئەرز قىلماقچىما؟ قىلىڭ، قىلىڭ. مەن چىقىپلا سىستېرالار باشلىقىنى چاقىرىپ قوياي ھە. 

فەرۇق قىزنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، بۇ گەپنى ئاڭلاپ دۇدۇقلاپ قالدى. 

_ ياق، ياق، سىستېرالار باشلىقىنىمۇ چاقىرماڭ بولدى، بۇ دووختۇرخانىدا مېنىڭ يېقىن دوستۇم ئىشلەيدۇ، ئىسمى ئۆتكۈر، داڭلىق دوختۇر.  شۇنى چاقىرىپ قويۇڭە، گېپىمنى شۇنىڭغىلا دەي.  بۇ دوختۇرخانىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟ قانداقلا ئادەم بولسا ئېلىۋېرەمدۇ يا قانداق قىلىدۇ، بىر بىلىپ باقاي. 

سىستېرا ئۆتكۈرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  دەسلەپتە ھەيران قالدى، كەينىدىن خىجىل بولدى بولغاي، قىزىرىپ كەتتى.  مەن بۇرۇن بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەپ باققان، شۇڭا ئۆتكۈرنىڭ قىزلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.  شۇڭا ھېچقايسى ياش سىستېرا قىز ئۆتكۈرنىڭ ئالدىدا ئوبرازىنىڭ سۇنۇپ  قېلىشىنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە.  سىستېرا قىزىرىپ تاتىرىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن سىلىق ئاھاڭدا فەرۇقتىن كەچۈرۈم سورىدى. 

_ كەچۈرۈڭ، بايا سىزگە قوپال تېگىپ قويۇپتىمەن.  خاپا بولماڭ ھە، ئاكا. 

فەرۇق يەنە بولدى قىلىدىغاندەك قىلمايتتى، مەن  ئالدىراپلا گەپ قىستۇردۇم. 

_  بولدى، بولدى، بۇ قىزمۇ سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدىغۇ، سىزمۇ تەڭلىكتە قويۇۋەرمەڭ ھە. 

نىگارەمۇ سىستېرانىڭ كۆڭلىنى ياسىدى. 

_ كېرەك يوق، ئۇنىڭ مىجەزى مۇشۇنداق، كارىڭىز بولمىسۇن. 

سىسترا بېشىنى لىڭشىتىپ، يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سوراپ قويۇپ ئالدىراپ تىنەپ چىقىپ كەتتى. 

_ ئۆتكۈرنىڭ دوختۇرخانىدا ئىناۋىتى خېلى يۇقىرى ئىكەن ھە. _ دېدى فەرۇق. 

تۆنۈگۈن كەچتىكى ئىش تېخى كاللامدىن چىقىپ كەتمىگەچكە كاللاممۇ تازا جايىدا ئەمەس ئىدى. 

_ نازى، سەن قايتىپ كەتكىن،  بۇ يەردە زېرىكىپ قالىسەن._ دېدى نىگارە.  

_ ياقەي، سىلەر زېرىكمىسەڭلارلا مەن زېرىكمەيمەن. 

شۇنداق دەپ بولۇپ تۇيۇقسىز ئېسىمگە كەلدى. 

_  ما كاللامنى.  مەن بۇ يەردە ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ تۇرىۋالسام گېپىڭلارنى ئەركىن ئازادە دىيىشەلمەي قىينىلىپ كىتىدىكەنسىلەر، بۇ ئىشنى ئەجەب ئويلىماپتىمەن دېسە. 

_ ۋاي نىمىدەيدىغانسەن؟ سەن ئارىمىزدا توسۇپ تۇرىدىغان پەردە ئەمەس، مۇستەھكەم تام بولىۋاتىسەن ھازىر. _ دەپ كۈلۈپ كەتتى نىگارە. 

ئۈچىمىز كۈلكە چاقچاق ئولتۇرغاندا ئىشىك تۈۋىگە كەلگەن ئادەمنى كۆرۈپ كۈلكىمىز ئۆچتى. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0