
بۇ ئەسەرنىڭ 27 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
|||
_ داداڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟
ئۈمىد ئارتۇق گەپ قىلماي قولىدىكى تېلېفونغا قاراپلا ئولتۇردى، بۇ چاغدا بايا ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئايال كىرىپ كەلدى ۋە :
_ بالىلار ئاران بىر كەلگەندە نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ چىرايلىق پاراڭلاشساڭلار بولمامدۇ؟_ دېدى.
_ ئۇ ماڭا چىرايلىق گەپ قىلىۋاتامدا؟ مەن دېگەن ئۇنىڭ دادىسى.
ئۈمىد دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە مېنىڭ قولۇمدىن تارتتى.
_ يۈرۈڭ، كېتىمىز.
شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئەڭ تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتقان ئادەم مەن ئىدىم. ھېلىقى ئايال ئۈمىدكە قاراپ:
_ ئاران بىر كەلگەندە تاماق يەپ ماڭمامسىز؟ ئۆيدە شىرزاتمۇ يوق، دادىڭىز بەك يالغۇزسىراپ كېتىدىكەن. سىلەر كەلمىسەڭلار ئۆيدىن بوران ئۇچقاندەك بولۇپ كېتىدىكەن_ دېدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى، شۇڭا ئۈمىدنىڭ چاپىنىدىن تارتتىم. لېكىن ئۇ ماڭىمۇ قارىمايلا چىقىپ كەتتى.
_ كېتىڭلار، كېتىڭلار، ھەممىڭلار كېتىڭلار. كەلسىمۇ ئىككى ئېغىز چىرايلىق گېپى يوق. _ دەپ غۇدۇراپلا قالدى ئۇنىڭ دادىسى.
چىققان پىتى ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدۇق. ئۈمىد نە دادىسغا، نە ھېلىقى ئايالغا خوش مۇ دېمىدى. بۈگۈنكى كۆڭۈل ئاغرىقىنى مەن سەۋەبلىك كېلىپ چىقتى دەپ ئويلاپ پەس ئاۋازدا««كەچۈرۈڭ، ئەسلى مەن كەلمىسەممۇ بوپتىكەن» دېدىم.
_ سىزنىڭ ئىشىڭىز ئەمەس_ دېدى ئۇ. ئارىنى جىمجىتلىق باستى. ئۈمىدنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقتىدا گەپ قىلغۇسىمۇ كەلمەيتتى. ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ باشلىدىم:
_ بايىقىسى ئاپىڭىزما؟
_ ئۇ مېنىڭ ئاپام ئەمەس، ئاپام خېلى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ شىرزاتنىڭ ئاپىسى. ئاپام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن چوڭ دادامنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چوڭ بولغان. چوڭ دادام مېنى ئۆگەي ئاپىنىڭ ئالدىدا قويمايمەن دەپ ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەن. چووڭ دادام شىرزاتنى نەۋرەم دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ، لېكىن دادام ئۇنى مەندىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ئۇنى ئۆز بالىسىدەك، مېنى ئۆگەي بالىسىدەك كۆرەتتى. بەزىدە دادامدىن سەن مېنىڭ ئۆز داداممۇ ئەمەسمۇ دەپ سوراپ باققۇم كېلىدۇ.
بۇرۇن ئۈمىدنى چۈشەنمەپتىكەنمەن، ھازىر ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلاپ، ئۇنىڭمۇ مېھرى مۇھەببەتكە تەشنا ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن. ئۇنىڭ پۇلى كۆپ، ئەمما پۇلى بولغانلىق ھەممە نىمىسى بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.
تۇيۇقسىز مېھراي ئېسىمگە كەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدكە مېھراينى يوقلاپ كىلەيلىچۇ دەپ تۇرىۋالدىم، ئۇمۇ ماقۇل بولدى. بىز كۆكتات دۇكىنىغا بېرىپ ھەر خىل كۆكتاتلاردىن ئالدۇق، يەنە ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەردىن ئېلىپ مېھراينىڭ يېنىغا باردۇق. مېھراي بىزنىڭ بېرىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەن، بىزنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى. مېھراينىڭ ئۆيىدە قولمۇ قول جۇۋاۋا تۈگۈپ يەپ ئۆيگە كەچرەك قايتتۇق.
ئۆيگە قايتىپ ئۈمىد يۇيۇنىۋالاي دەپ كىرىپ كەتتى، مەن كىيىم كىچەكلەرنى رەتلەۋاتسام تېلېفونۇم سايرىدى، قارىسام ئەزىمەتتىن كەلگەن ئىكەن. بۈگۈن توي مۇراسىمىدا شۇنچە ئىشلار بولۇپ كەتكەن تۇرسا، ھازىر ئۇ دوختۇرخانىدا ئالدىراش بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، ماڭا نىمىگە تېلېفون قىلدىكىنە. مونچىخانىغا قارىدىم، ئۈمىد تېخىچە يۇيۇنىۋاتاتتى. بىردەم ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ ئاخىرى يەنىلا تېلېفوننى ئالدىم.
_ رازى بولدىڭىزمۇ؟
ئەزىمەتنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن چۈشكۈن، روھسىز چىقىۋاتاتتى. داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇ مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
_ بالا يوق بولدى، ئەمدىغۇ رازى بولغانسىز؟
قارىغاندا ئۇ توي مۇراسىمىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مېنى قىلدى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك.
_ ئايگۈزەل ھاياتتۇ؟_ زەھەرخەندىلىك بىلەن سورىدىم مەنمۇ.
_ نازىيە، بۇنچىلىك رەزىل ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىكەنمەن.
_ سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن بالامنى قورسىقىمدىن ئېلىپ قارا خالتىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغان چېغىڭىزدا مەن سىزدىنمۇ بەكرەك ئازابلانغان_ شۇنداق دەۋېتىپ يۈرىكىمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم. تۇيۇقسىز قولۇمدىكى تېلېفوننى ئۈمىد ئېلىۋېلىپ كارىۋاتنىڭ نېرىقى تەرىپىگە تاشلىۋەتتى. ئەزىمەت بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى، ئەمما نىمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم.
ئۈمىد ئاستا كېلىپ مېنى باغرىغا باستى. ئۇنىڭ باغرى ماڭا نىسبەتەن ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئارامبەخش جاي. ئۇنىڭ باغرىدا مەن جاھاندىكى بارلىق غەملەرنى ئۇنتۇپ كىتىمەن. خۇددى دۇنيادا ئىككىمىزلا مەۋجۇتتەك.
ئۆيلەرنى بىرەر قۇر بېسىقتۇرىۋېتىپ كىرسەم ئۈمىد ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ بولغان ئىكەن، ئاستا كېلىپ ياتتىم، ئەمما كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. بۈگۈنكى توي ممۇراسىمىدا يۈز بەرگەن ئىشلار، ئايگۈزەلنىڭ مەرۋايىت مارجاننى ئۈزىۋەتكىنى، چوڭ ئىكراندا كۆرۈنگەن قىزنىڭ سۈرىتى، جەسەت...ئىشقىلىپ ھەممە ئىشلار كۆز ئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتتى. ئەزىمەت ئۇنداق ئاسانلا بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. خىيالىم مۇشۇ يەرگە يەتكەندە يېنىمدا ياتقان ئۈمىدكە قاراپ بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.
_ تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟_ ئۇ تېخى ئۇخلىمىغانمۇ يا مەن ئويغىتىۋەتتىممۇ بىلمىدىم.
_ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ. ئۈمىد؟
_ ھە.
_ سىزدىن بىر گەپنى سوراي.
_ سوراڭ مەلىكەم، ئون سۇئال سورىسىڭىزمۇ جاۋاب بېرىشكە مەن تەييار_ دەپ يېرىم ئۆرە بولدى ئۇ.
_ بۈگۈنكى توي مۇراسىمىدىكى ئىشلارنى سىز قىلدىڭىزما؟
ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي ماڭا تىكىلىپ قاراپلا تۇردى. گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:
_ سەككىز يىل بۇرۇنقى گېزىتنى تاپماق ئاسان ئەمەس، ھېلىقى كۈنى كەلگەن دەۋر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى سىزگە تېپىپ بەردى، مۇھەررىر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ كەچ قالغان كۈنىڭىزمۇ مۇشۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشكەن، توغرىمۇ؟
ئۈمىد ماڭا تىكىلىپ قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
_ بەك ئەقىللىقكەنسىز_ دېدى.
رېستۇراندىكى ۋاقىتتا مەنمۇ چۈچۈپ كەتكەچكە بەك تەپسىلىي ئويلاپ كەتمەپتىمەن. ئەزىمەت تېلېفون قىلغاندىن كېيىن ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاپ باقسام بۇ ئىشنى ئۈمىدنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئىشمۇ ئەمەسكەن.
_ نىمىشقا مەن بىلەن مەسلىھەتلەشمىدىڭىز؟
_ نىمە، ئىچىڭىز ئاغرىپ قالدىما؟
ئەمەلىيەتتە ئايگۈزەلنىڭ ئايىقىدىن خۇن كېلىپ كەتكەندىلا مەن بالىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان. ئەمما بۇ خەۋەرنى ئەزىمەتنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنىلا ئەپسۇسلاندىم، قانداقلا بولمىسۇن بىر جان ئەمەسمۇ. مەنمۇ ھامىلدار بولۇپ بالام چۈشۈپ كەتكەچكە ئايگۈزەلگە ھېسداشلىق قىلىپ قالغان بولسام كېرەك.
_ بالىسىغا ئىچىم ئاغرىدى.
_ بالىسىغا ئىچىم ئاغرىدى؟_ زەردە بىلەن گېپىمنى تەكرارلىدى ئۈمىد. _ ئىككىسى بىرلىشىپ سۈيقەست پىلانلاپ، سىزنى تاغدىن چۈشۈرىۋېتىپ بالىڭىزنى ئۆز قولى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغاندا سىزنىڭ بالىڭىزغا ئىچى ئاغرىپتىكەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ سىزگە قانچىلىك كۆڭۈل ئاغرىقى كەلتۈرگىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتسىڭىزمۇ زىيان تارتىسىز، نازىيە.
ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ياكى ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن گەپ قىلىۋاتقاندا تولۇق ئىسمىمنى چاقىراتتى.
_ ئۇنىڭ بوتۇلكىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ كېتىشىنى مەن پىلانلىمىغان جۇمۇ، ئۇ بىر تەساددىپىيلىق. _ دېدى ئۈمىد. _ ھە راست، سىز بۈگۈن كونىسىنى ياخشى كۆرىمەن دېدىڭىز ھە؟ نەرسىلەرنىڭ كونىسىنى ياخشى كۆرەمسىز يا ئادەملەرنىڭمۇ؟_ تۇيۇقسىزلا سۇئال سوراپ قالدى ئۇ.
ئۇنىڭ نىمىنى دەۋاتقىنىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۈگۈن ئۈزۈلۈپ كەتكەن مەرۋايىت مارجاننى ئۇلىتايلى دېسەم يېڭىنى ئالايلى دەپ تالاش تارتىش قىلغاندا مەن شۇنداق دېگەن ئىدىم.
_ بىكاردىن ئىسراپچىلىق قىلمايلى دەپلا دېگەن گېپىم ئۇ. مەن ئادەملەرنىڭ يېڭىسىنىمۇ ئەمەس، كونىسىنىمۇ ئەمەس، يېنىمدىكىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن_ دەپ ئۇنىڭغا ئەركىلىدىم مەن.
_ ھە، بۇ گېپىڭىز جايىدا بولدى._ كىچىك بالىلاردەك كۈلدى ئۇ.
_ ئەمدى ئۇخلايلى، ئەتە ئىشقا بابرىمەن_ دەپ ئۆۈلۈپلا يېتىۋالدىم. ئۈمىدمۇ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى بولغاي، جىمىپ قالدى. ئەمما مېنىڭ يەنە ئۇيقۇم قاچتى. ئەزىمەت ئۇنداق ئاسان بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۆچ ئالىمەن دەپ يۈرەرمۇ؟ ئەزىمەتنىڭ مەيلى ئەمەلىي كۈچ، مەيلى پۇل-بايلىق جەھەتتىن بولسۇن، ئۈمىدكە رەقىب بولالمايدۇ. ئەمما ئەزىمەت قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغان كۆزى كىچىك ئادەم. مۇشۇلارنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا قۇلىقىمغا غۇۋا مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزۈمنى ئاچسام ئۈمىد يېنىمدا يوق، سىرت قاپقاراڭغۇ ئىدى. چۈش كۆرگەن ئوخشىمامدىمەن؟ شۇ خىيال بىلەن يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن، ھېلىقى مۇزىكا ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەسكە چۈشتۈم. ئەتراپ جىمجىت، داچىدىن چىقتىم. داچىغا يېقىنلا يەردىكى گۈللۈكتە ئۈمىد ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ، ئۇچىسىدا ئاپئاق كىيىم، ماڭا كەينىنى قىلىپ گىتار چېلىپ ئولتۇراتتى. بايا ئاڭلىغىنىم مۇشۇ ئاۋاز ئىكەندە دەپ ئويلىدىم. دېدىمغۇ ، ئۇ چوقۇم گىتار چېلىشنى بىلىدۇ، بولمىسا گىتارنى ھۇجرىسىغا ئېسىپ قويامتى دەپ ئويلىدىم مەن. ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، كەينىمدىن بىرى «نازىيە» دەپ چاقىردى. كەينىمگە قارىسام ھېچكىم يوق، يەنە ئالدىمغا قارىسام ئورۇندۇقتا ئۈمىد يوق، گىتارلا تۇراتتى. بېرىپ گىتارنى تۇتۇپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما ئالدىنقى قېتىم گىتارنى ئېلىپ چىقسام ئۈمىدنىڭ خاپا بولۇپ كەتكىنى ئېسىمگە كېلىپ تۇتۇشقا پىتىنالمىدىم. ئۈمىد بايا تېخى مۇشۇ يەردە تۇراتتى، نەگە كەتكەندۇ؟ مەن يەنىلا قىزىقىپ گىتارنىڭ تارىسىنى تۇتۇپ باقتىم. تارىنى تۇتۇپ قولۇمنى تارتىۋېلىشىمغا گىتارنىڭ قورسىقىدىن يوغان بىر تۈشۈك ئېچىلىپ بۇلدۇقلاپ قان چىققىلى تۇردى. «ۋايجان» دەپ ۋاقىراپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاچتىم. «ئۈمىد، ئۈمىد، سىز قەيەردە؟ مەن بەك قورقۇپ كىتىۋاتىمەن»
_ نازىيە، نازىيە، مەلىكەم...... _ كۆزۈمنى ئاچسام ئۈمىد ھە دەپ مېنى ئويغىتىش ئۈچۈن نۇقۇلىغىلى تۇرۇپتۇ. _ قارا بېسىپ قاپتۇ دە.
_ ئۇف، ھەر نىمە بولسا چۈشۈمكەن_ دېدىم مەن ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم_ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، بەك قورقۇنۇچلۇق. بەك قورقۇپ كەتتىم.
_ قورقماڭ. ئۇ دېگەن پەقەت بىر چۈش، يېنىڭىزدا مەن بار._ چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ تەسەللى بەردى ئۇ.
«نىمانچە غەلىتە چۈش كۆرگەندىمەن؟ بۈگۈنكى توي مۇراسىمىدا كۆرگەن قان كاللامغا تەسىر قىلىپ كەتكەنمىدۇ يا؟» دەپ ئويلىدىم.
ئەتىسى ئورنۇمدىن سەل ۋاقچە تۇرۇپ قاپتىمەن، ئويغانسام ئۈمىد يېنىمدا يوق، يۈزۈمنى يۇيۇپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ پەسكە چۈشسەم ئۇ ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ ئۈستەلگە ئەچىقىۋېتىپتىكەن.
_ سەت بوپتۇ، ئۇخلاپ قاپتىمەن. مېنى ئويغاتسىڭىز بولمامتى؟_ دېدىم مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپراق.
_ كېچىدە قارا بېسىپ كەتتى دەپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىڭىز، شۇڭا سىزنى ئۇخلىۋالسۇن دەپ چاقىرمىغانتىم. تېز كېلىپ ناشتا قىلىۋېلىڭ، مەلىكەم.
بۈگۈن دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككىدىن ئۈچتىن بولۇپ تۆنۈگۈنكى توينىڭ گېپىنى قىلىشقىلى تۇرۇپتۇ. بەخت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىنىڭ قىزىنىڭ تويى ئۇنچىۋالا چوڭ جىدەل بىلەن ئاخىرلاشقان تۇرسا، يەنە كېلىپ بەخت دوختۇرخانىسى بىلەن شەنخۇا دوختۇرخانىسى رىقابەتتىكى رەقىبلەر دېسەكمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار توغرىلىق خەۋەر ئەلۋەتتە بىزدە قىزىق تېمىغا ئايلىنىدۇ دە.
«ئاڭلىسام دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قىزى باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ تەگكەن ئەركەن ئۇ.»
«شۇنداق كېلىشكەن ئەرمىكەن ئۇ؟ ھېلىقى ناخشىچى نازىيە بارغۇ، شۇ ئەرنى دەپ ئۆلىۋالغان ئىكەن، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ»
«تەقى تۇرقىغۇ خېلى كېلىشكەن نىمىدەك قىلىدۇ، لېكىن ئەخلاقسىز بىر نىمە دەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئايالى ھامىلدار بولۇپ قالغاندا دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قىزى بىلەن تېپىشىۋېلىپ ئايالىنى تاشلىۋەتكەن ئىكەن»
«ۋىيەي. ئادەم ئەمەسكەنغۇ ئۇ. تۇغۇت دوختۇرى دەيدۇغۇ؟»
«تۇغۇت دوختۇرى دېگەن ئاياللارنىڭ قاياشى بولىدىغان. بەك ناچار نىمكەن ئۇ. »
كۆپچىلىكنىڭ پاراڭلىرىغا پەقەت مەنلا ئارىلاشماي تۇراتتىم. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھېچكىم ھېلىقى تاشلىۋېتىلگەن ئايالنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، تۆنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى.
ئۇلارنىڭ ئىشى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئايگۈزەل يەنە ئەزىمەت بىلەن ئۆي تۇتۇشنى خالامۇ؟ ئۇنى كەچۈرەرمۇ؟
تېلېفونۇمنى ئويناۋېتىپ، تۇيۇقسىز خېلى ۋاقىتلار بۇرۇن تېلېفونۇمغا چۈشۈرۈپ قويغان ھېلىقى مەخپىي تىڭشىغۇچ دېتالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنى ئېچىپ باقمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتىكەن. تازىلىق ئۆيىگە بارغان پۇرسەتتە ئۇنى چىكىپ ئېچىپ باقتىم. قارشى تەرەپ جىمجىت تۇراتتى، مەخپىي تىڭشىغۇچ بۇزۇلۇپ قالدىمۇ يا ئۇلار بايقاپ قېلىپ ئېلىۋەتتىمۇ بىلمىدىم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە كەچلىكلىرى ئانچە مۇنچە ئېچىپ باقىدىغان بولۇپ قالدىم. راستلا بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەخپىي تىڭشىغۇچتا ئاۋاز پەيدا بولدى. ئىككىيلەننىڭ ئۇرۇشقان ئاۋازى ، كەينىدىنلا جاراڭ جۇرۇڭ قىلىپ بىر نىمىلەرنىڭ چېقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ يوقال، قانچە يىراققا كەتسەڭ شۇنچە ياخشى، سېنى ئەمدى كۆرەر كۆزۈم يوق. _ بۇ ئايگۈزەلنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى خېلى جانلىق چىقىۋاتاتتى، خېلى ئەسلىگە كېلىپ قالغان بولسا كېرەك.
_ گۈزەل، خاپا بولماڭە. ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم. سالامەتلىكىڭىز تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە يەنە بىر قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەيلى. _ ئەزىمەت يالۋۇرغان ئاھاڭدا گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
_ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەيلى؟ ھەممە نەرسىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قالغانما؟ يۈزىمىزنىڭ تۈكۈلگىنى يەتمەيۋاتامدا؟ شۇنچە جاپادا قورساق كۆتۈرسەم بالاممۇ يوق بولدى. تارتقان ئازابلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرەلەمسەن؟
_ كەچۈرۈڭ، گۈزەل، بۇ بالا يوق بولغان بولسا، يەنە بالىلىق بولساق بولىدۇغۇ، بىز تېخى ياش.
_ ئاغزىڭنى يۇم. ئەمدى ئالدىمدا بالىنىڭ گېپىنى قىلغۇچى بولما. سەن بىلەن ئاجرىشىمەن. ھۇ يارىماس.
_ كەچۈرۈڭ، گۈزەل، مەنمۇ بۇنداق بولۇشىنى خالىمايتتىم. مېنى كەچۈرۈڭ.
_ بولدى بەس. ئاجرىشىمەن، ئەمدى بەخت دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيمەن دەپ خام خىيال قىلما.
شۇنىڭدىن كېيىنكى گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئايگۈزەلنىڭ ئەزىمەتنى سەت گەپلەر بىلەن تىللىغىنى بولدى. شۇ ئەسنادا ئۈمىد يانغا ئۆرۈلۈپ يەنە يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋەردى. قۇلىقىمدا نائۇشنىك بار بولسىمۇ يەنىلا خۇدۇك بولۇپ يۇمشاق دېتالنى ئېتىۋېتىپ، كۆزۈمنى يۇمدۇم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















