大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 31- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 31- قىسىم aybarawazi
2023-07-11
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 32 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30


































ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
31 - قىسىم


   قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، ئويغانسام تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ. ياتاق ئۆينىڭ دېرىزىسى كېچىچە ئوچۇق تۇرغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئورنۇمدىن تۇرغاندا بېشىمغا تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر تۇرۇپتىمەن.

     نىگارە شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ چامباشچىلىق كۇلۇبىدا تېرىنېر. ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن مېنى بۈگۈن بىر كۈن روخسەت سوراپ ئارام ئال دەپ قويۇپ ماڭدى.  مەنمۇ شۇنداق ئويلىغانتىم، چۈنكى ئۈمىدنىڭ مېنى دوختۇرخانىغا ئىزدەپ بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ.  تېلېفونۇمنى ئېلىپ قارىسام «بېلىققا ئامراق مۈشۈك» دېگەن كيۇكيۇدىن ئۇچۇر كەپتۇ. «نازىيە، بۇ بىر نەچچە كۈندە سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن. مەندىن  قېچىپمۇ يۈرمەڭ، سىزگە ئۆزىڭىزنى بېسىۋالغۇدەك ۋاقىت بېرەي».  تۆنۈگۈن ئۈمىدنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، كيۇكيۇسىنى قوشقىنىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. قايتا قايتا ئويلىنىپ، ئاخىرى يەنىلا ئۇنىڭ كيۇكيۇسىنى ئۆچۈرۈشكە كۆزۈم قىيماي قويۇپ قويدۇم.  ئىككىمىزنىڭ كيۇكيۇدىكى سۆزلىشىش خاتىرىمىزنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. نىمىدېگەن تاتلىق ۋاقىتلار،  لۈكچۈنگە بارغان ۋاقىتلار تۆنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.  ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇڭا خاتىرجەم ئىشقا بېرىۋەردىم.

   دوختۇرخانىغا كىرىپ ئىشلارنى سەل بىنورمالدەك ھېس قىلدىم،  نۇرغۇن ئاق خالات كىيىۋالغانلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. بۈگۈن بىر مۇھىم ئىشنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئىشخانىغا كىردىم.  منى كۆرۈپلا ئانار ھەدەم قولۇمغا ئاق خالاتتىن بىرنى تۇتقۇزدى.

_ نازىيە، تېز كىيىۋېلىڭ.  ئون مىنۇتتىن كېيىن زالغا يىغىلىدىكەنمىز.

مەن نىمە ئىشلىقىنى سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا ئانار ھەدەم يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.  ئادەتتە بىز بىمارلار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىغاچقا ئاق خالات كىيمەيتتۇق، دوختۇرخانىدىنمۇ بىزدىن ئاق خالات كىيىسىلەر دەپ تەلەپ قىلمىغان.  بۈگۈن ئالايىتەن كىيىسىلەر دەپ تەلەپ قىلغانغا قارىغاندا راستلا مۇھىم ئىش باردەك قىلىدۇ.  مەن تېزلىكتە خالاتنى كىيىپ زالغا  قاراپ ماڭدىم، ھەممەيلەن زالغا قاراپ يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.  يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ سەل بېشىم قېيىپ، پۇت قولۇم ماغدۇرسىزلانغاندەك ھېس قىلدىم.  شۇندىلا  تۆنۈگۈن چۈشتىن باشلاپ  ئاغزىمغا بىر تامچە سۇمۇ ئالمىغىنىم ئېسىمگە كەلدى.  لېكىن قورسىقىم ئاچقاندەك ئەمەس. ئازراق مېڭىپ  ئەزىمەتنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئۇچىسىغا ئاق خالات كىيىپ، باشقىلار بىلەن تەڭ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ مېنى كۆردى-يۇ،  بىر قاراپ قويۇپلا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى.  ئۇ تېز تېز مېڭىپ ئالدىمغا ئۆتۈپ، ئەمدى ئۆرۈلەي دەپ تۇرۇشۇمغا تۇيۇقسىز مېنى تارتتى.

_ چىرايىڭىز تاتىرىپ كېتىپتۇغۇ؟

مەن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ سوغۇققىنە كۈلۈپ:

_  مۇبارەك بولسۇن، ئەزىمەت دوختۇر.  ئىقتىدارلىق ئادەم يەنە باشقا بولىدۇ دە.  ئۇ ياقتىن ئىشتىن بوشىتىلىپ بولغۇچە بۇ ياقتىن خىزمەت تېپىپ بوپسىز مانا. بايا ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ شۇنداق دېدىڭىزمۇ يا مەسخىرە قىلىپ دەۋاتامسىز؟_ دېدىم.  گېپىمنى دەپ بولۇپ ئۇنىڭغا قارىمايلا زالغا قاراپ ماڭدىم.

كۆپچىلىك ئىككى سەپ بولۇپ تۇرۇپ بولغان ئىكەن،  بىر نەچچە سىستېرا گۈل كۆتۈرىۋاپتۇ تېخى.  كۆپچىلىك ئىشىككە قاراپ تەقەززالىق بىلەن بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ تۇرۇپتۇ.  بىرەر مۇھىم شەخس كېلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، ئانار ھەدەم قولۇمنى تارتىپلا سەپنىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋالدى.

_ نىمە ئىشكەن بۇنچىۋالا داغدۇغا قىلىپ كەتكۈدەك؟_ سورىدىم مەن ئانار ھەدەمدىن.

_ دوختۇرخانىمىز يۇقىرى مائاش بىلەن بىر ياش ئىقتىساس ئىگىسىنى تەكلىپ قىلىپتۇ. ئاڭلىسام ئۇنى بەك جىق دوختۇرخانىلار تالىشىپتىكەن،  دوختۇرخانىمىزنىڭ بۇ دوختۇرنى تەكلىپ قىلالىشىمۇ ئاسانغا چۈشمەپتۇ.  شۇڭا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرىدىكەنمىز_ دېدى ئانار ھەدەم.

«ھە» دەپ كەينىمگە قاراپ  ئەزىمەتنىڭ مەندىن سەل نېرىدا تۇرغىنىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ قاپاقلىرى چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى. ئەزىمەت ئۆزىنى خېلى چوڭ تۇتىدىغان ئادەم،  شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇمۇ يېڭى كەلگەن دوختۇر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇ ھازىر باشقا بىر ئىقتىساس ئىگىسىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ئىش سەل كۆڭلىگە كەلگەن چېغى.

ساقلاپ تۇرىۋېتىپ بېشىم قايغاندەك بولدۇم. ئەتراپىمدىكى ئاياللار ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي قالغان ئىدى.

_ ئاڭلىسام بۇ دوختۇر شاڭخەيدىكى  بىر دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرى ئىكەنتۇق. ئۆزى شۇنداق كېلىشكەنمىش.

_ قايسى بۆلۈمگە ئىشقا چۈشىدىغاندۇ ھە؟ كېلىشكەن يىگىت بىلەن بىر بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان بولسام، ئەتىگىنى بىرىنچى بولۇپ كېلىپ، كەچتە ھەممىنىڭ كەينىدىن قايتساممۇ مەيلى دەيتتىم.

_  تولا ئاغزىڭلارنى تاتلىق  قىلىپ كەتمەڭلار، شۇنداق مۇنەۋۋەر يىگىت ھازىرغىچە بويتاق يۈرەمتى؟  ئاللىبۇرۇن ئىگىسى بار بولۇپ بولغان بولماي.

بۇ گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىلگەندەك سەل پەسكويغا چۈشتى.  بۇ چاغدا ئارىغا يەنە بىر ئايال قسىتۇرۇلۇپ كىردى، خۇشلۇقتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

_ ھېلىلا ئىشەنچلىك خەۋەردىن بىرنى ئاڭلىدىم، بۇ يىگىت تېخى بويتاقكەن.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك يەنە قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. ئۇلار قانداقتۇر بىر ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ئىشىككە تەلمۈرۈشتى. مەن ھەممىنىڭ كەينىدە تۇردۇم، بۇ پاراڭلارغا ئازراقمۇ قىزىقىشىم يوق ئىدى.  ھەرقانچە ئىقتىدارلىق، كېلىشكەن بولسىمۇ ئۈمىدچىلىك بولا.  ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ تايىنلىقكەنغۇ؟  ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن،  ئالدى تەرەپتىكىلەر چۇرقىرىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا چاۋاك ساداسى ياڭرىدى. مەنمۇ بېشىمنى سوزۇپ قارىدىم، ئاپئاق كىيىم كىيىۋالغان ئېگىز بىرىنىڭ  ئاق خالات كىيىۋالغان ئىككى كىشنىڭ ھەمراھلىقىدا بىزگە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم.  

_ ۋاھ، نېمىدېگەن سۇمباتلىق.

مېنىڭمۇ بۇ سۇمباتلىق يىگىتنى ئېنىقراق كۆرۈپ باققۇم كەلدى، ئەمما كۆز ئالدىم  قاراڭغۇلىشىپ، ھەممە نەرسە قوش كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئىككى پۇتۇم يۇمشاپ، ئۆزۈمنى لەيلەپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.  بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقىنىمنى  ھېس قىلدىم، ئەمما ئۆرە تۇرۇشقا تىرىشىۋاتاتتىم، چۈنكى بۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا يىقىلىپ قالسام بولمايتتى.  ھېلىقى ئاق كىيىملىك كىشى يېقىنلاشقانسېرى بېشىم ئېغىرلا كېتىۋاتاتتى. قىڭغىيىپ كېتىۋېتىپ، ئانار ھەدەمنىڭ كىيمىنى تۇتىۋالماقچى بولدۇم، ئەمما شۇنچىلىك ماغدۇرمۇ يوق ئىدى.   دەل شۇ پەيىتتە ئەزىمەتنى كۆرۈپ قالدىم،  ئۇ ئالدىغا  ماڭغاندەك قىلدى، ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر جۈپ قول كېلىپ مېنى تۇتىۋالدى.  مېنى تۇتىۋالغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمەيلا سېزىمىمنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم.

كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىنىڭ بالنىستىدا يېتىپتىمەن،  يەنە كېلىپ  يالغۇز كىشىلىك ياتاقتا ياتىمەن.

_ ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىزما؟_ بېشىمنى بۇراپ قارىسام ئانار ھەدەم ماڭا قاراپ كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ.  _  قانداقراق تۇرىسىز؟

_ خېلى ياخشى_ ئاۋازىم ئارانلا چىقتى.

_ سىزنى تەلەيلىك دېسەم بولامۇ يا تەلەيسىز دېسەم بولامۇ؟ سىز ئۆتكۈر دوختۇر شەھىرىمىزگە كېلىپ داۋالىغان تۇنجى بىماركەنسىز.

_ ئۆتكۈر دوختۇر؟

_ دوختۇرخانىمىزغا يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن قالتىس ئىقتىساس ئىگىسى_ ئىشىكتىن كىرىۋاتقان سىستېرا گەپ قىستۇردى.  مەن بۇ سىستېرانى تونۇمايمەن، ئەمما ئۇنىڭ تەلەپپۇزى، چىراي ئىپادىسىدىن مەندىن بىزار بولغاندەك ئالامەتنى بايقاپ قالدىم.  ئۇ ئوكۇلۇمنى ئالماشتۇرۇپ، تاختايدىكى قەغەزگە خەت يېزىۋېتىپ:

_ سىزمۇ ۋاقىتنى تاللاپ تۇرۇپ ھۇشىڭىزدىن كېتىدىكەنسىز ھە؟ ئۆتكۈر دوختۇر ئىشىكتىن كىرىشىگە يىقىلىپ قالدىڭىز، ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ سىزنى يۆلەپ بۇ يەرگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى.  پۈتۈن دوختۇرخانا بويىچە ئۆتكۈر دوختۇر بىرىنچى بولۇپ سىزنى تونۇۋالدى. ئەمدى بىر نەچچە كۈن ياتسىڭىزمۇ ئەرزىيدۇ جۇمۇ.

بۇ گەپتىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم. خۇددى مەن ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگە قەستەن ھۇشۇمدىن كېتىۋالغاندەك تەسىر بېرىپ قويغان ئوخشايمەن. سېسىترا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئانار ھەدەم ماڭا :

_  بۇ قېتىم ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىڭ. سىلەر ياشلار ئۆزۈڭلارنى ئاياشنى بىلمەيسىلەر.  جېنىڭلار تۈمۈر ئەمەس سىلەرنىڭمۇ، مانا مۇشۇنداق يىقىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. _ دېدى.

ئانار ھەدەمنىڭ  ماڭا كۆيۈنۈپ دېگەن گەپلىرىدىن قەلبىم ئىللىپ قالدى.  بايىقى سېستىرا ئۆتكۈر دوختۇر دېدى، دوختۇرخانىمىزغا يېڭىدىن كەلگەن ئىقتىساس ئىگىسى ئۈمىدنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئۆتكۈر ئەمەستۇ ھە؟

_ ئانار ھەدە، يېڭىدىن كەلگەن ئۆتكۈر دوختۇر دېگەن....

_ ھە، مانا مەن شۇ_ يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئاق خالات كىيىۋالغان ئۆتكۈر ئىشىك تۈۋىدى كۈلۈپ قاراپ تۇرمامدۇ!  مۇشۇ « ئادەم سەتى ئەمەس كىيىم سەتى» دېگەن گەپكە تازا قايىل بولمايمەن.   ئادەتتىكى بىر ئاق خالات ئۆتكۈرنىڭ ئۇچىسىغا چىقىپ ئۇنى تېخىمۇ سالاپەتلىق قىلىۋەتكەن ئىدى.

_ ئۆتكۈر دوختۇر بىلەن تۇنۇشامسىز؟

_ ئانار ھەدەم ھەيرانلىق بىلەن بىردە ئۇنىڭغا، بىردە ماڭا قارىدى.

_ ھەئە، تونۇشىمىز_ دېدى ئۆتكۈر يېنىمغا كەلگەچ.

_  ياخشى بوپتۇ. نازىيە سىڭلىم، ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ، مەن ئىشقا چىقاي.  يېنىڭىزغا ئەتە كىرەي ھە_ دەپ  چىقىپ كەتتى.  ياتاقتا ئۆتكۈر ئىككىمىزلا قالدۇق.

_ ئاغرىپ قالغىنىمنى ئۈمىدكە دېمەڭ ھە. _ دېدىم مەن تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ.

_ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭىزنى بىلىپ ئۇنىڭغا دېمىگەنتىم. ئۇ كوماندروپكىغا چىقىپ كەتتى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇنىڭ سىزنى بىر نەچچە كۈن ئاۋارە قىلمايمەن دېگىنى بىكار ئەمەسكەن، ئەسلى كوماندروپكىغا چىقىپ كىتىپتىكەن ئەمەسمۇ. ئۆتكۈر كارىۋات بېشىغا ئېسىقلىق داۋالاش خاتىرىسىنى كۆرۈپ يەنە جايىغا ئېسىپ قويدى.

_ مېنى بۇنداق ئۇسۇلدا قارشى ئېلىشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن.

ئۆتكۈر يېنىمغا كىرگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدىن ئۆتىدىغان سېستىرالار كۆپىيىپ كەتتى.  بايىقى سىستېرانىڭ گېپى ئېسىمگە كېلىپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.

_ مەنمۇ بۇنداق بولار دېمىگەن. تازا يامان ۋاقىتتا ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن، ئەمدى پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى ئاياللارنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغان بولدۇم،  ئەڭ ياخشىسى يېنىمغا ئاز كىرىڭ بولمىسا ھەممىسى بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلمىسۇن.  ھەراست، دوختۇرخانىدا يېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، بىكاردىن بىكار ئىسراپچىلىق قىلىپ نىمە قىلارمەن؟

_  بىر نەچچە كۈن يېتىڭ، تىنڭىز بەك ئاجىزكەن، «تەن ساقلىق زور بايلىق» دېگەن گەپ بار.  سىز دېگەن بىمار، دوختۇرنىڭ گېپىنى شەرتسىز ئاڭلىشىڭىز كېرەك._ ئۆتكۈر ماڭا سالامەتلىك توغرىلىق يېرىم كۈن سۆزلەپ، بىر نەچچە كۈن يېتىشقا قايىل قىلدى.  ئۆتكۈر چىقىپ كەتكەندە قارىسام قاراڭغۇ چۈشۈپ بوپتۇ.  بالنىست بىناسىمۇ جىمجىت، مېنىڭ ئۈمىد بىلەن بولغان ئىشلارنى ئويلىغۇم كەلمىدى،  ئىچكەن  دورامنىڭ ئۇخلىتىدىغان رولىمۇ بارمىكىن،  بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.

ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچقان ۋاقتىمدا سىرت يەنىلا قاراڭغۇ،  بۇرنۇمغا ئىسپىرت پۇرىقى پۇرىدى. بۇرۇلۇپ قارىسام كارىۋات بېشىدا بىر سايە تۇرىدۇ، دەماللىققا كىملىكىنى بىلەلمەي بەك قورقۇپ كەتتىم.

_ سىز...بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىز؟_ قورققىنىمدىن تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدىم.

_ سىزنى يوقلاپ كىردىم_  بالنىستنىڭ چىرىقى ياندۇرۇلمىغان، دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقتىن تۇرغان كىشىنىڭ ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.

ئوخشاش قاراڭغۇلۇق، ئوخشاش بىر ئادەم، تۇيۇقسىز ئەزىمەت مېنى ئويناتقىلى تاغقا ئېلىپ چىققان ۋاقىت ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

_مەندىن قورقامسىز، نازىيە_  تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك شۇنداق سورىدى ئەزىمەت. ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى پەملىدىم،  يەنە كېلىپ ھازىر ياتاقتا ئەزىمەت بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا ئادەممۇ يوق، شۇڭا ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلىمىسەم بولمايتتى.

_  ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلغان ئادەمدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن.

ئۇ ئاستا كېلىپ كارىۋاتتا ئولتۇردى.

_ ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بەك پۇشايمان قىلدىم.

«پۇشايمان قىلدىم» بۇ گەپكە بەك كۈلگۈم كەلدى.  گەرچە ئايگۈزەل بىلەن بولغان قىسقا مۇددەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى ئىنتايىن زور بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئايگۈزەلنى دەپ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ئىدى.

_ لېكىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق تە. _ سوغۇق كۈلدۈم مەن.

ئۇ بىردەم جىم تۇرغاندىن كېيىن خالىتىنىڭ يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى چىقاردى.

_ نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆيدىن بۇ نەرسىنى تېپىۋالغانتىم.

ئۇ مەن ھامىلدار چېغىمدا يازغان ھامىلدارلىق خاتىرىسى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن ھاياتىمدىكى تۇنجى پەرزەنتىمگە بەكلا تەقەززا بولغان ئىدىم.

_ نازىيە،  ئۇ بالىنى  بەك ياخشى كۆرەتتىڭىز، شۇنداقمۇ؟

ئۇ نومۇس قىلماي بالىنى تىلغا ئېلىۋاتاتتى.

_ ئەمەلىيەتتە كۆڭلىڭىزدە يەنىلا مەن بار.  شۇنداقمۇ؟  سىزنىڭ ئۇنداق تېزلا باشقا بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغنىڭىزغا ئىشەنمەيمەن. _ ئۇ تۇيۇقسىزلا قولۇمنى تۇتىۋېلىپ سورىغىلى تۇردى.  بىلىمەن، ئايگۈزەل بىلەن بولغان ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئەرلىك غورورى سۇندى، شۇڭا ئۇ تېزلىكتە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئەرلىك غورۇرىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى.  ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىدە بىر قارا سايىنىڭ تۇرغىنىنى غۇۋا كۆرگەندەك قىلدىم.  ئەسلى ئەزىمەتنىڭ قولىنى سىلكىپ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىۋېتىشكە  تەييار بولۇپ بولغان ئادەم توختاپ،  گېپىگە داۋاملىق قۇلاق سالدىم.

_  نازىيە،  بىلىمەن، سىز ھېلىمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز.  سىز ماڭا باتناپلا ئۈمىد بىلەن توي قىلغان، توغرىمۇ؟  ئەزىمەت قولۇمنى كۈچەپ سىقتى، بەدىنىمۇ ئىرغاڭشىپ مەن تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. گەپ قىلغاندا ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھاراقنىڭ بۇسى بۇرنۇمغا پۇراپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى.  ئەمما مەن ئىشىك ئالدىدا مىدىرلىماي تۇرغان سايىگە قاراپ بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم:

_  توغرا، مەن سىزگە باتناپ شۇنداق قىلغان. ئايگۈزەل ئىككىڭلار ھە دېسە مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بىر بىرىڭلارغا ئامراقلىق قىلىپ يۈرگەچكە مەن چىدىماي شۇنداق قىلغان.

شۇ تاپتا ئاغزىمدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ قايتىپ بېرىپ يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ ئۇرۇلىۋاتاتتى.  ئەزىمەت بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ، كارىۋاتتا ئولتۇرۇپلا مېنى قۇچاقلىدى.

_ كەچۈرۈڭ، نازىيە، مەن ئېزىپتىمەن.  سىزگە ئازار بەرمەسلىكىم كېرەك ئىدى، مېنى كەچۈرۈڭ.   ئەمەلىيەتتە سىزمۇ سېغىندىڭىز، توغرىمۇ؟

ئىشىك ئالدىدىكى سايىگە قاراپ ئاغزىمدىن ئۆزۈممۇ خالىمايدىغان گەپتىن بىرسى چىقتى.

_ سېغىندىم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىشىك ئالدىدىكى قارا سايە يوقاپ كەتتى،  كارىدوردا ئاياق ئاۋازى ئاڭلىنىپ بارغانچە يىراقلاپ كەتتى.

 ئەزىمەت مەست بولۇپ قالغان بولغاچقا مېنى خېلى تەستە قۇچاقلىيالىدى،   ئۇ بېشىنى ئاستا بېشىمغا يېقىن ئەكىلىۋىدى، ئىنتايىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى، ئۇنى كۈچەپ ئىتتىردىم، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ يەنە توختاپ قالدى. ئۇ ماڭا قاراپ كالپۇكىنى يالاپ:

_ نىمە بولدىڭىز، قەدىرلىكىم، بايا تېخى سېغىندىم دەۋاتاتتىڭىزغۇ.  مېنى ئالداپ قويغانمىتىڭىز؟_ دېدى.  گەپ قىلىشقا پىتىنالمىدىم، ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ قويسام بولمايتتى.  بىردەمدىن كېيىن ئەزىمەت يەنە قولۇمنى تۇتتى.

_ نازىيە، ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى، بولامدۇ؟

بېشىمنى بۇراپ باشقا ياققا قارىۋالدىم، راستىمنى دېسەم ئۇنى كۆرەر كۆزۈممۇ يوق ئىدى.

_ كۆپ ئىچىۋاپسىز، ئەتە سەگەكلەشكەندە پاراڭلىشايلى.

ئۇنىڭ مەسلىكتە بىرەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن بەك قورقتۇم.  ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاندىن:

_  بولىدۇ، ياخشى ئارام ئېلىڭ سىزنى ئەتە يوقلاپ كىرىمەن_ دەپ چىقىپ كەتتى.  ئۇ كىتىپ ياتاقنىڭ ئىچى  ئاخىرى تىنجىدى. ئەمدى خىيالىم بايىقى قارا سايىدە قالدى.

«ئەجىبا ئۇ شۇمىدۇ؟»



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0