大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 33- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 33- قىسىم aybarawazi
2023-07-13
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 34 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
































ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
33 - قىسىم


   ئەمەلىيەتتە ئۇ قولىنى كۆتۈرگەندىلا نىمە قىلىدىغانلىقىنى پەملەپ بولغان ئىدىم.  ھەتتا ئۇنىڭ قولىدىن مارجاننى تارتىۋېلىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدىم، ئەمما ئۇنداق  قىلمىدىم.  مارجاننى تاشلىۋېتىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى، ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدىم. كۆزۈم ئۇنىڭ داكا بىلەن تېڭىلغان قولىدىلا ئىدى، داكىنىڭ ئىچىدىكى قان ئىنتايىن تېزلىكتە تارقاۋاتاتتى، ئۇنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز بېشىم قايغاندەك بولدۇم،  مەن قاندىن قورقمايمەن، ئەمما ئۇنىڭ قولىدىن چىققان قان يۈرىكىمنى چىدىغۇسىز ئاغرىتىۋەتكەن ئىدى.

_ نازىيە، چىقىڭە.

ئەزىمەت مەن تۇرغان تەرەپتىكى دېرىزىنى چۈشۈرۈپ شۇنداق دېدى.  ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىمنى يىغدىم.  ئويۇننى باشلىغاندىكىن، داۋاملىق ئوينىمىسام بولمايدۇدە، يەنىلا ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ماڭدىم، ماشىنىنىڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قارىسام، ئۈمىد ماشىنىسىنىڭ بېشىنى بۇراپلا ئۇچقاندەك ھەيدەپ كىتىپ  قالدى.  يولدا كېتىۋېتىپ ئەزىمەت ئاستا قولىنى سۇنۇپ قولۇمنى تۇتتى.

_ ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، نازىيە. مەن سىزنى ئاسرايمەن، كۆيۈنىمەن، قوغدايمەن، قەدىرلەيمەن. ماڭا ئىشىنىڭ.

ئېسىمدە قېلىشىچە بىز ئاجراشقان كۈنى مەن ئەزىمەتكە كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيادا بىرمۇ ئادەم قالمىسىمۇ ساڭا قارىمايمەن دېگەن ئىدىم.  ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى، پەقەت ئۇنىڭدەك يۈزى قېلىن ، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ئادەملەرلا مۇشۇنداق ئۆزىگە بەك ئىشەنسە كېرەك. ئۇ  كۆڭلۈمنى يەتكۈچە ئاغرىتىپ بولۇپ،  يەنە مېنىڭ ئالدىمغا كەلسىلا ھە دەپ كەينىدىن ماڭىدۇ دەپ  ئويلاپ قالغانمىكىن.  ئەمما ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىمدىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ بۇ ئويۇننى ئاخىرغىچە ئوينىمىسام بولمايتتى.  شۇڭائۇ قولۇمنى تۇتقاندا بىزار بولۇپ تۇرساممۇ ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرمىدىم.  مەن ئالدى تەرەپتىكى بىر تاللا بازىرىنى كۆرسىتىپ:

_ ئاۋۇ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا چۈشۈپ قالاي، ئازراق ئالىدىغان نەرسىلىرىم بار ئىدى_ دېدىم.

_ ئەمىسە سىزنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي.

_  بولدى، سىز مېڭىۋېرىڭ، بۇ يەردىن يېنىپ يەنە باشقا نەرسە كېرەكلەرنىمۇ ئالىمەن.  بەك ئۇزۇن ساقلاپ قالىسىز.  ئۆزۈم تاكسى بىلەن ماڭاي.

_ مەيلى ئەمىسە، دېققەت قىلىڭ ھە.  تاكسى  توسۇيالماي قالسىڭىز تېلېفون قىلىڭ_ دېدى ئەزىمەت ۋە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتتى.

مەن تاللا بازىرى تەرەپكە قاراپ ماڭغان بولۇپ ئەزىمەتنىڭ كەتكىنىنى كۆرۈپلا كەينىمگە يېنىپ  تاكسى توسۇپ شەنخۇا دوختۇرخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.  ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇدۇللا بايا ئۈمىد مەرۋايىت مارجاننى تاشلىۋەتكەن ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا بېرىپ مەينەت دېمەي  قولۇمنى تىقتىم.  بۇ رايوننىڭ تازىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى كېلىپ مېنىڭ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقىنىمنى كۆرۈپ گەپ سۆز قىلمايلا  ئەخلەت ساندۇقىدىكى ئەخلەتنىڭ ھەممىنى تۆكتى.  مەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەخلەتنى بىرمۇ بىر ئىلغىغىلى تۇردۇم.  ھازىر دەل ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىت بولغاچقا ئەتراپىمدا تاماشا كۆرىدىغانلار بارغانچە كۆپەيگىلى تۇردى.  ئۇلار مېنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىكىلى تۇردى، ئۇلار بىلەن پەرۋايىم پەلەك مارجاننى ئىزدەۋەردىم.  مەرۋايىت مارجان ئۇنچىۋالا كىچىك نەرسىمۇ ئەمەس، بىر قارىسىلا  كۆزگە چېلىقىدۇ، ئەمما ھەممە ئەخلەتنى بىر قېتىم ئۆرۈپ قاراپ باقتىم، يوق.  ئۈمىدنىڭ مۇشۇ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام.  ئەجىبا مەن كەلگىچە بىرەرى كېلىپ ئاختۇرۇپ ئېلىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟ مارجاننى تاپالمىغانچە، ئەمدى مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم.  تىزلىنىپ ئولتۇرغان پىتى ئولتۇرىۋەردىم، راستىمنى دېسەم ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىم قالمىغان ئىدى.  بىردەمدىن كېيىن يېنىمدا سۈرتۈپ پارقىرىتىۋېتىلگەن بىر جۈپ خۇرۇم ئاياق پەيدا بولدى ۋە  ئاپئاق بىر  قول كېلىپ مېنى يۆلىدى.  كۈلرەڭ ئىشتاننى كۆرۈپ مېنى يۆلەۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى بىلدىم.  ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ مەينەت بولۇشى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارى يوق، مېنى يۆلىگەن پىتى دوختۇرخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كىردى،  مەن قولۇمنى يۇدۇم.

_ نىمە ئىزدەۋاتاتتىڭىز؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.

مەن ئاستا بېشىمنى چايقىدىم.

_ بەزى نەرسىلەر بىر يۈتۈپ كەتسە قايتا تاپقىلى بولمايدىكەن.

قولۇمنى يۇيۇپ، ئۈستى بېشىمنى بىرە قۇر تۈزەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن ئۆتكۈر مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئۆتكۈر ماشىنىنى ئۈمىدكە قارىغاندا سىلىقراق ھەيدەيدىكەن.

_ ۋاز كەچكۈڭىز بولمىسا ئۆزىڭىزنى ۋاز كېچىشكە زورلىماڭ، نازىيە. كۆڭلىڭىز خالىغاننى قىلىڭ_ دېدى ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ.  

ئۇ مېنىڭ نىمە ئىزدەۋاتقىنىمنى بىلمىسىمۇ، ئەمما مەندىكى بىنورماللىقتىن سەل پەل ھېس قىلغان بولسا كېرەك.

_ ئەسلىمۇ تىنىچ ئۆتىۋاتقان ۋە تىنىچ ئۆتىدىغان تۇرمۇشۇمنى ئۆزۈم مۇرەككەپ قىلىۋاپتىمەن. مۇشۇنچىلىك يېرىدە توختاپ قالاي_ دېدىم مەن.

_ ھېسسىيات ئىشىدا توغرا خاتا دەپ ئېنىق ئايرىلىدىغان ئىش نەدە بار دەيسىز. بەزىدە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە ئىگە بولالمايدىغان ئىشلار بارغۇ.

ئۆتكۈر بىر قاراشقا شۇنچىلىك ساددا ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ، يەنە بەزىدە بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق ئۆتكەندەك تەسىر بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپىدە بىر چوڭقۇر مەنا باردەك ھېس قىلدىميۇ، ئەمما ئىچكىرىلەپ سوراشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

شەرقىي بازارغا بېرىپ، كوچا ئېغىزىدا چۈشۈپ قالدىم، ئۇ ماڭغاندا ئاندىن كىرىپ كىتەي دەپ قاراپ تۇرسام، ئۇ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ:

_ سىز كىرىپ كېتىۋېرىڭ، مەن بىر تال تاماكا چېكىۋېلىپ ئاندىن  ماڭىمەن_ دېدى. مەن كوچىنىڭ خېلى ئىچكىرىسىگە كىرگەندە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۇنىڭ ماشىنىسى تېخىچە جايىدا تۇرۇپتۇ.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭاي دەپ ئەمدى يولغا چىقسام  يول بويىدا ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسى تۇرۇپتۇ. ئۇ يېرىم ئېچىلغان دېرىزىدىن ماڭا قاراپ :

_ سىزنى ئالغىلى كەلدىم، ماشىنىغا چىقىڭە_ دېدى.

ۋوي يېڭىلىققۇ بۇ. مەن كۆپ ئويلاپ تۇرمايلا ماشىنىغا چىقتىم.  تەييار ماشىنا ئاپىرىپ قويىمەن دەۋاتسا، چىقمىسام زىيان تارتمامدىمەن؟

تۆنۈگۈن دەرۋازا ئالدىدا ئۆتكۈرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنلەر خېلى كۆپ بولسا كېرەك،  بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانىغا كەلسەم ھەر خىل گەپلەر ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ.  باشقىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن مەن ۋاقتىنچە ئەزىمەتنى قالقان قىلىپ تۇرمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  چۈشتە ئەزىمەت مەن بىلەن بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن كەپتۇ، لېكىن مەن رەت قىلدىم.  مېنىڭ ئويۇن ئويناۋاتقىنىم راست، ئەمما ئۇ بۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك تۇراتتى.  ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداق چوت سوقۇۋاتقىنىنى مەن ئەلۋەتتە بىلمەيمەن.  ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا ئۆتكۈر مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىپتۇ.  دوختۇرخانىدىكى ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراۋاتقانلارنىڭ سوغۇق مۇ.امىلىسىدىن قېچىپ بولسىمۇ ئۇنى رەت قىلاي دېگەن ئىدىم، ئەمما ئۇ رەت قىلغۇسىز سىلىق سۆزلۈك ئادەم ئىدى.

_ بىرسى بىلەن كۆرۈشۈشكە دىيىشىپ قويۇپتىكەنمەن_ دېدىم مەن ئاخىرى باشقا ئامال تاپالماي.

_ ئۇنداق يېرى بولسا مەيلى، بۈگۈن كېيىن قاپتىمەن دە، بوپتۇ، كېيىنكى قېتىم سەل بالدۇرراق تېلېفون قىلاي_ دېدى،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن سەل ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم.  ئۆتكۈرنىڭ تېلېفونىنى قويۇۋېتىپلا ئەزىمەتكە تېلېفون قىلدىم.

_ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن دەۋاتاتتىڭىزغۇ.

ئىشتىن چۈشكەندە ئەزىمەت بىرىنچى قەۋەتتە مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ،  ئۇ مېنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر ئاشخانىغا باشلاپ باردى.   ئۇنىڭ ھازىرقىدەك ئىقتىسادى ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا مېنى مۇشۇنچىلىك يەرگە باشلاپ كېلەلىشىمۇ ئاسانغا توختىمايتتى.  ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشمىغان ۋاقتىمىز بولغان بولسا بىكار پۇل بۇزمايلى دەپ ئۆيگە بېرىپ تاماق ئىېتىشىم مۇقەررەر ئىدى.  ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ، گەپ-سۆزسىز كەلدىم،  تاماق بويرۇتىدىغان چاغدا ئۇ تاماق تىزىملىكىنى ئالدىمغا سۈرۈپ قويۇۋىدى،  ئەڭ قىممەت قورۇمىدىن بىر نەچچىنى بويرۇتتۇم، ئىچىملىك بويرۇتماي قايناقسۇ ئىچىپلا ئولتۇردۇم.  تاماقلار چىقىپ بولغاندا، مەن ئەمدى چوكىنى قولۇمغا ئېلىپ تاماقنى يەي دەپ تۇرۇشۇمغا  بىرەيلەن ئۈستەلدىكى قايناقسۇنى  ئېلىپلا يۈزۈمگە چاچتى.  مەن نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي، دەرھال قەغەزنى ئېلىپ يۈزۈمنى سۈرتىۋېتىپ ئاندىن بىر ياندا ماڭا قاراپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرغان ئايگۈزەلنى كۆردۈم.

_ ئەزىمەت، بۇ پاسكىنىنى يەنە تېپىۋاپسىزغۇ؟

ئۇلار تېخى ئاجراشمىدىمىكىنە؟ تېزلا ئەزىمەتكە قارىدىم.  ئەزىمەت ئايگۈزەلنىڭ گېپىنى قىرىغا ئېلىپ قويماي،  ئۈستەلدىكى قەغەزدىن چىقىرىپ ماڭا سۇندى.  قارىغاندا ئۇ مەن تەرەپتە تۇرىدىغاندەك قىلاتتى.  ئۇ بەرگەن قەغەزنى ئېلىپ يۈزۈمنى يەنە بىر قېتىم سۈرتتۈم.

_  نازىيە دېگەن قانجۇق، ئېرىڭ سەندىن ئىككى كۈندە زېرىككەن ئوخشىمامدۇ؟ بىر ھېسابتا بۇمۇ بوپتۇ، ئىككى ئاشقان تاشقان بىر يەرگە كېلىپ تازىمۇ ماسلىشىپسىلەر.

مەن قولۇمدىكى قەغەزنى ئۈستەلگە تاشلاپ، ئەزىمەتنىڭ ئالدىدا تۇرغان قايناقسۇنى ئېلىپ ئايگۈزەلگە چاچتىم.  ئايگۈزەل تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، نەچچە سىكۇنتتىن كېيىن سەل ئېسىنى يىغىپ ماڭا ۋاقىرىدى:

_ ھەي، قانجۇق، ماڭا سۇ چېچىۋاتامسەن تېخى.

_  چاچىمەنغۇ قانداق؟ ئاۋۋال سەن چاچتىڭ، ئاندىن مەن چاچتىم بىلىپ قوي.  بۇرۇن قانداقلا بولمىسۇن بويىدا بار دەپ ساڭا بەك يول قويۇپ كەلگەنتىم، ئىمدى ئۇنداق ئىش يوق. ساڭا يول قويغىنىم سەندىن قورققىنىم ئەمەس.

پۈتكۈل ئاشخانىدىكىلەر بىزگە قاراپلا قېلىشقان ئىدى.   ئايگۈزەل بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى ئۇرماقچى بولدى،  مەن دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ كەينىگە ئىتتىرىۋەتتىم ۋە:

_ ئۇرۇپ باقە قېنى.  بۇ يەردە شۇنچە ئادەم بىزگە قاراپ تۇرىۋاتىدۇ، كامېرامۇ بار، مەن نىمىلا قىلسام يوللۇق قوغدانغان بولىمەن، چۈنكى سەن ئاۋۋال قول كۆتۈردۈڭ.

ئايگۈزەل ئەتراپىغا بىر قارىۋېتىپ ئاستا قولىنى چۈشۈرىۋالدى. ئۇ مۇشت كۆتۈرۈشنىڭ تازا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىمۇ قانداق،  تىل ھۇجۇمى قىلىشقا باشلىدى.

_ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ھېسسىياتسىز مەخلۇقنىڭ ئۆزى دېگەن كىمۇ، ھە، ئەمدى قوپۇپ مەندىن ئايرىلىپ نەچچە كۈن بولا بولمايلا يەنە مۇشۇ ھېسسىياتسىز مەخلۇقنىڭ كەينىدە كۈسۈك ئىتتەك سوكۇلداپ يۈرۈپسەنغۇ.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەزىمەت ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قالدى. ئەتراپىمىزدا ئادەم كۆپ، يەنە كېلىپ ئايگۈزەلنىڭ گەپلىرى ھازىر مېنىڭ قىرىمغا كېلىپ قويمايتتى.  ئەزىمەت يا گەپ قىلىشنى ياكى گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇرۇشنى بىلمەي ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ كەتتى. ئايگۈزەل بىردەم ئەزىمەتنى. بىردەم مېنى تىللاپ ھاردى بولغاي، كېتىپ قالدى.  مەن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك ئولتۇرۇپ تامىقىمنى يەۋەردىم.

_ سىز بەك ئۆزگىرىپسىز، نازىيە_ دېدى ئەزىمەت مېنىڭ  شۇنچە ئىش بولسىمۇ تاماقنى يەنىلا ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقىنىمغا قاراپ.

_ مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان ئايال مېھرىبان بولىدۇ،  مۇھەببەتسىز ياشىغان ئايال ئامالسىز كۈچلىنىپ كېتىدۇ_  دەپ سوغۇققىنە كۈلۈپ قويدۇم.  ئەزىمەت مېنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلدى بولغاي، ئاتۇق گەپ قىلماي، قاچامغا  قورۇمىدىن سېلىپ قويدى.

_ سىزگە ئەمدى كۆيۈنىمەن، نازىيە.

ئۇنىڭغا قاراپ يالغاندىن كۈلۈپ قويغاندەك قىلغىنىم بىلەن ئىچىمدە ئۇنىڭ گېپىنى بىر تىيىنغا ھېساپ قىلىپ ئولتۇردۇم.  تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى، كوچا ئاغزىغا كېلىپ ماشىنىنى توختاتتى، ئەمما ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدى.  ئۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىۋېتىپ مېنى قۇچاقلاش ئۈچۈن قولىنى سۇندى.

_ نازىيە مېنىڭ سەمىمىيىتىمنى سىزمۇ ھېس قىلدىڭىز ھەقىچان، مەن ھەقىقەتەن بەك پۇشايمان قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە كۈيۈنىمەن، ئاسرايمەن، تۇرمۇشىمىزنى قايتىدىن باشلايلى بولامدۇ؟

ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتىم. راستىمنى ئېيتسام بەكلا سەسكىنىپ، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى.

_ ئەزىمەت، ئات سەپەردە سىنىلار، ئادەم ئۇزۇندا  دېگەن گەپ بار، سىز بىلەن توي قىلىپ ئىككى يىلغىچە قانداق ئادەملىكىڭىزنى بىلەلمىگەن ئادەم بۇ بىر نچچە كۈندىلا بىلەلەيتتىممۇ؟

ئۇ مېنى ھېلىمۇ بۇرۇنقى يۇۋاش، ئەخمەق نازىيە، ئىككى ئېغىز تاتلىق گەپكە ئېرىپ كېتىدۇ دەپ قالغان بولسا كېرەك. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ، قولىنى تارتىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكنى ئاچتى.

_  چۈشەندىم، ماڭا ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ دېمەكچىغۇ سىز، ماقۇل، جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

ئۇ ئايگۈزەلنىڭ چۇس مىجەزىگە كۈنۈپ قالغان بولسا كېرەك، ھازىر شۇنداق سەۋرچان بولۇپ قالغان ئىدى.  مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.

قاپقاراڭغۇ كوچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تېلېفونۇمنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ كېتىۋاتاتتىم، تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى، قارىسام نىگارەدىن كەپتۇ، نىگارە ئادەتتە  ئىش بولسا بىۋاستە تېلېفون قىلىدۇ،   ئالدىراپ ئۇچۇر قىلمايتتى. ئالدىراپ تىنەپ ئۇچۇرنى ئېچىپ قاراپلا قورققىنىمدىن ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى.

مەن 520 بەزمىخانىسىدا. بىر نەچچىسى مېنى بەك بوزەك قىلىپ كەتتى، تېز كېلىپ مېنى قۇتقۇزىۋال».  

ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا  كەينىمگە يېنىپ يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپ  520 بەزمىخانىسىغا ماڭدىم. يولدا بارغۇنچە جىددىيلىشىپ يۈرىكىم دەھشەت سېلىپ كەتتى.  نىگارەگە تېلېفون قىلسام ئالمايتتى، ئۇ تېلېفوننى ئالمىغانچە تېخىمۇ ئەنسىرەپ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم.  تېلېفون تۇتقۇن قولۇم تىترەپ تۈزۈكمۇ تۇتالمايۋاتاتتىم. «ئۇنى كىم بوزەك قىلغاندۇ؟ ئۇ ماھارەت مەشق قىلغان، ئاسان بىرەسى تەڭ كېلىپمۇ بولالمايتتى،  ئۇنى بوزەك قىلالىغان كىمدۇ ئۇ؟ يەنە كېلىپ 520 بەزمىخانىسىدا بولسا فەرۇق يوقمىكىنە؟ ئۇ باشقىلارنىڭ نىگارەنى بوزەك قىلغىنىنى كۆرۈپمۇ ياردەم قىلمىغانمىدۇ؟  يا ھېلىقى شۆھرەت دېگەن لۈكچەكنىڭ ئىشىمىدۇ؟  نىگارە تېلېفوننى بىر ئېلىپ باقساڭ بولمامدۇ، نىمانچە ئەنسىرىتىدىغانسەن  مېنى. » مەن ئەنسىرىگەنچە، ئالدىرىغانچە ماشىنا توسۇلۇپ قالدى.  مۇشۇ كەچتىمۇ ماشىنا توسۇلدىمىكىنە؟

_ ئالدى تەرەپتە ماشىنا ھادىسىسى يۈز بېرىپتۇ،  شۇڭا ماشىنا توسۇلۇپ كېتىپتۇ، خانىم.  ھازىر باشقا يول بىلەن مېڭىشمۇ ئەپسىز، ئۇزۇنراق ساقلاپ قالارمىزمۇ؟_ دېدى شوپۇر ئالدى تەرەپنى كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن.

_ بولدى، مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي، ئۆزۈم بىر ئامال قىلىپ باراي_ دەپ تاكسىنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم. مېڭىپ باراي ئەمدى،  بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق. ھېلىمۇ ياخشى، پۇتۇمغا ئارا پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغاچقا ئۇزۇن يول ماڭساممۇ ئاغرىپ كەتمەيتتى، لېكىن نىگارە نىمە بولۇپ كىتىۋاتقاندۇ شۇ تاپتا.  باشتا ئاستىراق ماڭدىم، ئاندىن قەدىمىمنى تېزلەتتىم، ئاخىرى يۈگۈردۈم.  ھاسىراپ ھۆمۈدەپ مىڭ بىر جاپادا 520 بەزمىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تاس قالدىم يىقىلىپ قالغىلى. بىردەم ئۇف دەپ تىنىۋېلىپ ئاندىن ئىچىگە كىردىم.  زالدا نىگارە كۆرۈنمەيتتى،  ئايرىمخانىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىرى چەترەك بىر ئايرىمخانىدىن نىگارەنى تاپتىم. ئۇ ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ئىكەن.

_ ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىسەن؟ نىمانچە ئەنسىرىتىسەن ئادەمنى_ ھەم جىددىيلىك، ھەم ئەنسىزلىك ئارىلىشىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزىۋەتكەن ئىدى.

_ مېنى بوزەك قىلغانلار بۇ ئايرىمخانىدا _ دەپ بىر ئايرىمخانىنى كۆرسەتتى ئۇ. ئايرىمخانا ئىشىكى يېپىقلىق ئىدى، ئېچىپ كىرىپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم.




داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0