大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 64 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 64 - قىسىم aybarawazi
2023-08-13
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 65 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

64-قىسىم


   ئۇ گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ گىرىم چىقىرىش سۈيى بىلەن گىرىمىنى چىقاردى. مەن چىقىپ پاكىزە كىرلىك ئېلىپ كىرىپ ئۇ ياتىدىغان كارىۋاتنىڭ كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بەردىم.  ئۇ گىرىمىنى بىرەر قۇر چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن چامادانىنى ئېچىپ نەرسە كېرەكلىرىنى جايلاشتۇرغىلى تۇردى.  ئۇنىڭ يۈزىگە سىنچىلاپ قارىدىم . ئۇ يۈزىدىكى گىرىمىنى يۇۋەتكەن بولسىمۇ تېرىسى شۇنچىلىك سۈزۈك، ئىلاستىكىلىقى ياخشى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.  بۇرۇن مېنىڭ تېرەممۇ شۇنداق سۈزۈك، چىرايلىق ئىدى، لېكىن ھازىر بوشاشقا باشلىغان ئىدى. 

_ ھەممە ئادەم مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچامنىڭ كۆزىگە ئوخشىتىدۇ، ئاچامنىڭ ھەممىدىن چىرايلىق يېرىمۇ كۆزى ئىدى، كۆزى سۆزلەيتتى ئاچامنىڭ.  نازىيە ئاچا، قاراپ بېقىڭە، مېنىڭ كۆزۈم ئاچامنىڭ كۆزىگە ئوخشامدىكەن؟

ئۇ چاماداندىن بىر جازىغا ئېلىنغان سۈرەتنى چىقىرىپ يۈزىگە يېقىن ئەكىلىپ ماڭا كۆرسەتتى.  بۇ نازىيەنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن چۈشكەن يېرىم بەدەن بەدىئىي سۈرىتى بولۇپ  ھەقىقەتەن بەك چىرايلىقكەن.  لېكىن مېنىڭ رازىيەنىڭ كۆزى ئاچىسىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئوخشىمايدىغنىنى سېلىشتۇرۇشقا رەۋىتىم يوق. مەن گەپ قىلمىدىم، بىلسەم بىلمىسەم شۇ تاپتا چىرايىممۇ قارىغۇسىز بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن.  

رازىيە بەك ساددىمۇ ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋالدىمۇ، چىرايىمدىكى ئۆزگىرىش بىلەن كارى يوق، سۈرەتنى كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى تومپۇچكا ئۈستىگە قويدى. 

_  بۇ قېتىم مۇسابىقىدە چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمەن، بۇ مېنىڭلا ئەمەس، ئاچامنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. لېكىن ئاچامنىڭ ئۈمرى قىسقا كېلىپ قالدى.   مەن چوقۇم ئاچام ئىككىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئازۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.  ئاچام مېنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈم. 

_ سۈرەتنى ئۇ يەرگە قويماڭ_ قوپاللا گەپ قىلدىم مەن. 

رازىيە ماڭا قارىدى.  ئۇنىڭ قاراشلىرى شۇنچىلىك ياسالما ئىدى. 

_ نىمە بولدىڭىز، نازىيە ئاچا؟

ئۇ نىمە بولغىنىمنى بىلمەي قالامتى؟  مەن ئىككى چامداپ بېرىپلا تومپۇچكا ئۈستىدىكى سۈرەتنى قولۇمغا ئالدىم. 

_ بۇ سۈرەتنى بۇ يەرگە قويماڭ. مەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ سۈرىتىنىڭ ئۆيىمىزدە تۇرۇشىنى خالىمايمەن. _ شۇنداق دەپ  سۈرەت جازىسىنى رازىيەگە سۇندۇم. ئۇ تولىمۇ ئۇۋال بولغان بىر قىياپەتتە سۈرەتنى قولىغا ئالدى.  ئاندىن قەستەن قىلدىمۇ ياكى راستلا قولىدىن چۈشۈپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ  سۈرەت جازىسى يەرگە چۈشۈپ ئالدىدىكى ئەينىكى چۇل چۇل بولۇپ كەتتى.  ئۇ خۇددى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان كىچىك بالىدەك تۇيۇقسىز ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. 

_ نازىيە ئاچا، مەن خاتا قىلدىم،   ئەسلى ئالدىڭىزدا ئاچامنىڭ سۈرىتىنى چىقارماسلىقىم كېرەك ئىدى.  ياقتۇرمىسىڭىز  چىرايلىق دېسىڭىز يىغىشتۇرىۋەتسەملا بولاتتىغۇ، مانا ئەمدى خوپ بولدىمۇ ، بۇمۇ چېقىلىپ كەتتى. مەندە ئاچامنىڭ مۇشۇ بىر پارچىلا سۈرىتى بار ئىدى. ھۈ ھۈ ھۈ. 

 ئۇ يىغلىغانچە ئېڭىشىپ پەستىكى ئەينەك پارچىلىرىنى تېرىشكە باشلىدى،  ئۈمىد قاچانلاردا كىرگەن ئىدىكىن، ئاستا كېلىپ ئۇنى تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە ماڭا ئىنتايىن سوغۇق بىر نەزەردە قارىدى.   ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى.  رازىيە كىچىك بالىدەك ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى.  سۈرەتنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكىنى ئېنىق، ئەمما ھازىر مەن سۈرەتنى قەستەن چېقىۋەتكەن بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.  كۆڭلۈمدە «ئۇ ناخشا ئېيتىمەن دېمەي كىنو ئارتىسى بولسا بوپتىكەن، رولنى بەك قاملاشتۇرۇپ ئالالايدىكەنتۇق» دەپ ئويلىدىم. 

_  بولدى يىغلىماڭ، سۈرەت ساقكەن.  جازىدىن يەنە بىرنى ئېلىپ سېلىپ قويساقلا بولىدۇ. 

   ئۈمىد ئىنتايىن سىلىق ئاۋازدا رازىيەگە تەسەللى بېرىۋاتاتتى، ئۇ بۇرۇن مۇشۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سىلىق ئاۋازى بىلەن ماڭىمۇ تەسەللى بېرىپ باققان.  ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن يۈرىكىمگە نەشتەر سانچىلغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم.  رازىيە بولسا قورقۇپ كەتكەندەك تۈگۈلۈپ ئۈمىدنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالغان ئىدى، ئاۋازىنىمۇ قەستەن تىترىتىپ چىقىرىۋاتاتتى. 

_  بولدى، بولدى.  ئاچامنىڭ سۈرىتىنى چىقارمىساممۇ بوپتىكەن، مەن خاتا قىپتىمەن. 

_  جازىغا ئالايلى دېدىمغۇ!_ دەپ ۋارقىرىدى ئۈمىد، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن رازىيەمۇ، مەنمۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدۇق.  ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، ھازىر ئۈمىدنىڭ نەزىرىدە مەن نازىيەنىڭ سۈرىتىنى قەستەن چېقىۋەتكەن بولۇپ قالغان ئىدىم.  ئۇنىڭ بايا  ۋارقىرىغىنى  ئۇدۇل كېلىپلا ماڭ تېگىپ، كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى. 

_ ئۈمىد ئاكا، مەن يەنىلا كېتىپ مېھمانخانىدا تۇراي، مېھمانخانا كونىراق بولسىمۇ ھېچقىسى يوق. 

رازىيە ئۈمىدنىڭ قولىغا ئېسىلىپ داۋاملىق ئويۇن ئويناۋاتاتتى.  مەن بىر ئېغىزمۇ چۈشەنچە بەرمىدىم، چۈنكى ھازىر چۈشەنچە بەرسەممۇ بەرىبىر ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم،  ھازىر ئۈمىدنىڭ نەزىرىدە ئەسكى ئادەم بولۇپ بولغان ئىدىم.  كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ھۇجرامغا يېنىپ چىقتىم.  ئىشىكنى يېپىپلا ماغدۇرسىزلىنىپ ئىشىككە يۆلىنىپ قالدىم، كۆزۈمدىن ياشلار يامغۇردەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى.  ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئېلىشىشتا مەغلۇپ بولۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.  ئۈمىد ھازىرغىچە ماڭا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان ئىدى.  بۈگۈن تېخى رازىيە كەلگەن تۇنجى كۈنى بۇنداق ئىش يۈز بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ بۇ قىزنى راستلا سەل چاغلىغىلى بولمىغىدەك. ئۇنى ئۆيدە تۇرغۇزغىنىم  توغرا بولدىمۇ يا خاتا قىلدىممۇ؟  قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ پۇتۇمغا ئۆزۈم پالتا چاپقاندەك ئىش قىلدىممۇ نىمە؟ 

    ئۈمىد كېچىچە ھۇجرىغا كىرمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە  ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقسام ئۈمىدمۇ ئەمدى كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چىقىۋېتىپتىكەن.  مەن ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ سەل دومسىيىپراق پەسكە قاراپ ماڭدىم.  ئۇنىڭغا تېخىچە ئاچچىقىم بار ئىدى، قارىغاندا ئۇنىڭمۇ شۇنداقتەك قىلاتتى.  پەسكە چۈشسەم ئاشخانا ئۆيدىن مېزىلىك پۇراق چىقىۋېتىپتۇ.  ئاياق تىۋىشىمىزنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، رازىيە ئاشخانا ئۆيدىن بېشىنى چىقاردى. 

_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، يەنە بىردەم ئۇخلىۋېلىڭلار، ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ بولۇپ سىلەرنى چاقىرىمەن. 

ئۇ ئالدىغا ئادەتتە مەن تارتىدىغان پەرتۇقنى تارتىۋاپتۇ.  چىرايى، گەپ-سۆزىدىن تۆنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا قىلاتتى.  ئەمما ئۇ ئىش ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىدە تۈگۈن پەيدا قىلىپ قويغان ئىدى.  ئۈمىد ئىككىمىز مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلونىڭ ئىككى ئۇچىدا تېلېفونىمىزغا قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي ئولتۇردۇق. بىردەمدىن كېيىنلا رازىيە چاقىردى.  ئۆزۈمچە مېھماننى ئىشقا سېلىپ قويغىنىمدىن سەل خىجىل بولۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ تەييار بولغان ناشتىلىقنى ئېلىپ چىقىشىپ بەرمەكچى بولدۇم.  ئۇ پىلتە قۇيماق سېلىپ،  بىر سوغۇق سەي بىلەن  ئەتكەن چاي  قىلغان ئىدى.  مەن پىلتە قۇيماق بىلەن سوغۇقنى سەينى ئەچىقىپ قويۇپ كىرىپ ئەتكەن چاينى ئەچىقماقچى بولدۇم. 

_ چىنىلەرگە قۇيۇپلا ئەچىقايلى، نازىيە ئاچا. _ ئۇ شۇنداق دەپ چىنىدىن ئۈچنى ئېلىپ ئەتكەن چاينى بىرە قۇر قۇيدى، ئەمدى كۆتۈرۈپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا:

_ توختاڭە، ئەتكەن چاي سوۋۇپ قالدى، قالغىنىنى يەنە بىر قاينىتىۋېتىپ ئۈستىگە قۇيۇۋېتەي_ دېدى رازىيە. 

 مېنىڭ كاللام جايىدا ئەمەسمۇ  ياكى رازىيە قەستەن شۇنداق قىلدىمۇ ئىشقىلىپ كەيىدىن قاينىتىپ  قۇيغان بىر چۈمۈچ ئەتكەنچاينىڭ ھەممىسى چىنە تۇتۇپ تۇرغان قولۇمنىڭ دۈمبىسىگىلا قۇيۇلدى.  قىززىقتىن چىرقىراپ، قولۇمنى سىلكىپ  تاقىلداپ سەكرەپ كەتتىم. ئۈمىد ئۇچقاندەك ئاشخانا ئۆيگە كىرىپلا قولۇمنى تۇتۇپ تۇربىغا تۇتتى.   شۇ تاپتا ئۇنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىۋاتامدۇ قانداق بىلەلمىدىم. 

_ ۋىيەي، نازىيە ئاچا،  قارىمامسىز  پالاكەتلىكىمنى.   مەن قەستەن قىلمىدىم، جېنىم ئاچا، خاپا بولماڭ، دوختۇرخانىغا بارايلىمۇ؟

ئۇنىڭ بۇ ياسالما گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىشتىھايىم بىراقلا تۇتۇلدى.  بايىقى ئەتكەنچاي قولۇمغىلا ئەمەس، كىيمىمگىمۇ تۆكۈلگەن ئىدى. «كىيمىمنى ئالماشتۇرىۋالاي» دەپلا ئۆرۈلۈپ يۈگۈرگەندەك قىلىپ ئىككىنچى قەۋەتكە ماڭدىم.  ئەمدى كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ تۇرسام ھۇجرىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.  ئۈمىد ئاستا كېلىپ قولۇمنى تارتىپ كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزدى.  بايا ئەتكەنچاي تۈكۈلۈپ كەتكەن قولۇمنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىغا تۇتىۋالغان مۇزخالتىنى ئەكىلىپ قولۇمغا ياقتى.  مۇزدەك مۇز قولۇمغا تىگىشى بىلەن ۋاژىلداپ ئېچىشىۋاتقان قولۇمنىڭ ئاغرىقى خېلىلا پەسەيدى.  ئۈمىدكە ئاچچىقىم تېخى يانمىغاچقا يەنىلا قاپىقىمنى ئاچماي ئولتۇردۇم.  ئۇ مۇزنىڭ بەك سوغۇق بولۇپ  مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەنمىكىن،  بىردەم بىردەم قولىغا ئېلىپ تۇتۇپ بېقىپ ئاندىن يەنە قولۇمغا ياقاتتى. 

_ ئاغرىۋاتامدۇ؟ _ ئۇ قولۇمنىڭ كۆيگەن يېرىگە قاراپ تۇرۇپ مۇلايىم ئاھاڭدا سورىدى.  

مەن يەرگە قاراپ تۇرىۋەردىم، بېشىمنى كۆتۈرمىدىم. ئۇ تۇيۇقسىز ئېڭىكىمنى تۇتۇپ  مېنى ئۆزىگە قاراتتى.  ئەتىگەن يۈزۈمنى يۇغاندا كۆزۈمنىڭ ئىششىپ كەتكىنىنى بايقىغانتىم،  ئۇمۇ قاراپ بىلگەن بولسا كېرەك،  ئاستا مېنى تاتتى. ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىمنى قويدۇم. 

_ كەچۈرۈڭ، مەلىكەم، مەن خاتا قىلدىم. 

      ئەسلى تۆنۈگۈن كەچتە ئۇنى كەچۈرمەسلىكنى قارار قىلغانتىم، شۇ تاپتىمۇ يۈرىكىمنى قاتتىق تۇتۇپ تۇرالىشىمنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.  لېكىن مۇشۇ گەپ بىلەنلا ئېرىپ كەتتىم.  كۆزلىرىدىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلۇپ ئۇنىڭ مەيدىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى. 

_ يىغلىماڭ، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن ياش ئاقسا مەن چىدىيالمايمەن، مەلىكەم. 

تۇيۇقسىز بېشىمنى ئۇنىڭ مەيدىسىدىن ئاجراتتىم. 

_ كەچۈرۈڭ دېسىڭىزلا ھەممە ئىش تۈگەمدىكەن؟ كۆڭلۈمنى ئاغرىتىدىغاننى ئاغرىتىپ بولۇپ كەچۈرۈم سورىسىڭىزلا ھەممە ئىش ئورنىغا كېلىپ قالامدىكەن؟ 

ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قاراپ تۇرىۋالدى. 

_ نازىيە، مەن تېخى سىزنى مېنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. 

_ توغرا، مەن سىزنى چۈشىنىمەن،  ھەممىنى بىلىپ تۇرىمەن.  بىر سۈرەت جازىسى چېقىلىپ كەتكەنگە ماڭا ئاچچىقلاپ كەتتىڭىز، دېمەك ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە  ھېلىھەممۇ سىزگە نىسبەتەن بەك مۇھىم، مەندىنمۇ بەك مۇھىم. 

_  نازىيە، مەن بۇرۇنلا سىزگە دېگەن،  ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىشلار  خېلى يىللار بۇرۇنقى ئىشلار،  ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمما رازىيەگە قاراپ بېقىڭە، شۇنداق ساددا،  بىچارە تۇرقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ مەن تېخى سىزنى مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىپ ئۇنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇشقا ماقۇل بولدىمىكىن دەپتىكەنمەن. 

_ ئۇنى بۇ يەردە تۇرۇڭ دېگىنىمگە پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. مەن قارىسام ئۇ داۋاملىق ئۆيۈمدە تۇرىۋېرىدىغان بولسا بۇ ئۆينىڭ ئايال خۇجايىنى مەن ئەمەس، ئۇ بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.  دۇنيادا بىچارە قىزلار جىق،  سىز نىمىشقا چوقۇم ئۇنىڭغىلا ياردەم قىلىمەن دەيسىز؟

ئۈمىدنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.  تۆنۈگۈن رازىيەنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن دېگەن ئادەم مەن، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭغا دەۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى يولسىزلىق قىلىشتىن  باشقا ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما ھازىر مېنىڭ يولسىزلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە كاللامغىمۇ كەلمەيۋاتاتتى.  ئۇ يەنە مېنى باغرىغا باستى، مەن ئۇنى ئىتتىردىم، ئۇردۇم، لېكىن ئۇ يەنىلا مېنى قويۇۋەتمەي چىڭ قۇچاقلىۋالدى.  ئاخىرى ئۇنىڭ پۈتۈن مېھرى مۇھەببىتى بىلەن قۇچاقلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنىڭغا بويسۇندۇم. ئەمدى تېخى ئۇنىڭ ئىللىق باغرىدا ئاخشامقى ۋە بايىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتاي دەپ تۇرۇشۇمغا پەستىن چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.  ئۈمىد ئىككىمىز تەڭلا بىر بىرىمىزگە قارىشىپ يۈگۈرگەن پىتى سىرتقا چىقتۇق.  مېھمانخانا ئۆيدە رازىيە كۆرۈنمەيتتى.  دەرھال پەسكە چۈشتۇق، پەسكە چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ سىرتتا دېرىزىنىڭ تۈۋىدە بىر قولى بىلەن يۈزىنى تۇتۇپ تۇرغىنىنى كۆردۇم. 

_ نىمە بولدى؟_ دەپ سورىدى ئۈمىد. 

رازىيە ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قۇلى بىلەن بۇلۇڭدا تۇرغان ئاسلانچاقنى كۆرسىتىپ  ئۈمىدكە دەرت ئېيتتى. 

_ ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ئۇنىڭغا يەم بېرىپ قوياي دېسەم مېنى تاتىلاۋاتىدۇ. 

مەن ھەيران بولۇپ ئاسلانچاققا قارىدىم.  مەن ئۇنى باققىلى بىر نەچچە يىل بولدى،  ھازىرغىچە بىرەسىنى تاتىلاپ باققىنىنى بىلمەيمەن. لېكىن رازىيەنىڭ يۈزىدىكى تاتىلىغان ئىزنى كۆرۈپ، راستىمنى دېسەم ئۇ مېنىڭ ئۆچۈمنى ئېلىپ بەرگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم. 

_ ئەمدى بۇ يۈزۈم بىلەن باشقىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ _ رازىيە ئاسلانچاققا چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك دەرىجىدە ئاچچىقى بىلەن قارىدى. 

 ئۈمىد يانچۇقىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئالدى. 

_ يۈرۈڭلار، ھەر ئىككىڭلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باراي. 

شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد رازىيە ئىككىمىزنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ماڭدى.  ئەمدى يولغا چىقىشىمىزغا نىگارە تېلېفون قىپتۇ. ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولۇپ تېلېفون قىلغانلىقىنى پەملىدىم ۋە تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى پەسەيتىپ ئۆزۈملا ئاڭلىغۇدەك ھالەتتە قىلىپ ئاندىن تېلېفوننى ئالدىم. 

_  ۋەي، نازى،  قانداقراق، تىكەنگۈلنىڭ تىكىنى سانچىلىپ كەتمىگەندۇ؟

  ئويلىغىنىمدەك چىقتى.  مەن ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاچقا يېنىمدا ئۈمىد بار، كەينىمدە رازىيە بار.  شۇڭا تۆنۈگۈن كەچتە بولغان ئىشنى نىگارەگە يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرەلمەيتتىم.  شۇڭا ئۇنىڭغا قىسقىلا گەپ قىلدىم. 

_ بىز دوختۇرخانىغا كېتىۋاتقانتۇق، نىگارە. 

_ دوختۇرخانىغا؟  نىمە بولدۇڭ؟

_ چوڭ ئىش يوق. 

نىگارە ئاۋازىنى تۇيۇقسىزلا كۆتۈردى. 

_ ھەي، چاچلىشىپ كەتمىگەنسىلەر؟

مەن يالغاندىن يۆتىلىپ قويۇپ،  تېلېفوننى يەنە بىر قۇلىقىمغا يۆتكەپ تۇتۇپ:

_ چوڭ ئىش يوق،  ئەنسىرىمە، ساڭا كېيىن تېلېفون قىلاي ھە_ دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. 

مەن تېلېفوننى قويۇۋەتكەندە ماشىنا بىر قىزىل چىراققا كېلىپ توختىغان ئىدى.  پىيادىلەر ماشىنىنىڭ ئالدىدىن ئالدىراپ تىنەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.  40 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال تولىمۇ ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتاتتى.  دەل بىزنىڭ ماشىنىمىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماڭالماي قالدى، ئاندىن  بېلىنى ئىگىپ بىزنىڭ ماشىنىمىزغا يۆلىنىپ تۇرىۋالدى. بىردەم تۇرغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆرە تۇرالماي يىقىلىپ چۈشتى.  كېتىۋاتقانلاردىن بىرى چۈچۈگەندەك بولدى، ئەمما بىرەرى ئالدىغا چىقىپ ئۇ ئايالنى يۆلەي دېمەي كېتىپ قېلىشتى.  مەن ئىشنىڭ بىنورمال تۇرغىنىنى ھېس قىلىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.  ئۈمىد بىلەن رازىيەمۇ كەينىمدىن چۈشتى. ئايال يەردە مىدىرلىماي ياتاتتى. 

رازىيە  بىر چەتتە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئايالنىڭ ئۈستى بېشىغا بىر قارىۋېتىپ:

_ بۇ خوتۇن بىزنى قاقتى سوقتى قىلاي دەۋاتامدۇ نىمە؟ ئۇششۇقلۇق قىلغۇسى كەلسىمۇ باشقا جاينى تاللىمامدۇ، بۇ تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ ھەممە يېرىدە كامېرا تۇرسا.  يەنە كېلىپ شۇنچە كۆپ ئادەم بىزگە گۇۋاھچى بولالايدۇ، بولدى، بولدى، ئويۇنىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ.   ماشىنىلار توسۇلۇپ كەتتى. _ دېدى. 

لېكىن مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم، چۈنكى بۇ ئايالنىڭ كىيىنىشلىرىدىن  قارىغاندا ھېچبىر خەقنى قاقتى سوقتى قىلىپ جان باقىدىغانلارغا ئوخشىمايتتى.  ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالغۇسى كەلمىدى بولغاي، ئەمما مەن كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمايلا زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇ ئايالنى ئۆرۈدۈم.  ئۇ ئايالنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىپتۇ.  ئالامەتلىرىدىن قارىغاندا يۈرەك تىقىلمىسى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغاندەك قىلاتتى.  مەن ئۈمىدكە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭ دەپ قويۇپ  يۈرەك ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىشلەشكە باشلىدىم.  ماشىنىلار توسۇلۇپ كەتكەچكە قاتناش ساقچىسىمۇ يىتىپ كەلدى، ئۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن باشقا ماشىنىلارنىڭ راۋانلىشىشى ئۈچۈن قاتناشقا قوماندانلىق قىلدى.  قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا مېنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشۇم بىلەن  ئايال ئاستا ئاستا كۆزىنى ئاچتى. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0