
بۇ ئەسەرنىڭ 68 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67-قىسىم
بۇنى بايقىغان چېغىمدا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تىڭىرقاپلا قالغان ئىدىم.
_ ۋاي ئانامەي، نىمە قىلىۋاتقانسىز؟_ ھەسەن شۇنداق دەپ قولىدىكى تېلېفوننى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپلا رولنى تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ كۈچەپ ئۇردى. مېنىڭ خىيالىمدا ماشىنا چۈشۈپ كىتەي دەپ قالغاندا رولنى تەتۈر يۆنىلىشكە ئۇرسا ماشىنىنى قىياغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولاتتى. لېكىن رولنى بەك جىددى ئۇرغانلىقتىن ماشىنا لەپەڭشىپ كەتتى.
_ ماي كلاپانىنى دەسسىمەي تورمۇزغا دەسسەڭ_ دەپ ۋاقىرىدى ئۇ. ئادەم قانچە جىددىيلەشسە ئىنكاسى شۇنچە ئاستىلاپ كەتسە كېرەك تېخىچە ماي كىلاپانىنى دەسسەپ تۇرغىنىمىنى ھېس قىلىپ، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپى تاغقا تىگەي دەپ قالغاندا كۆزۈمنى يۇمۇپلا تورمۇزنى دەسسىدىم. ئېنىرتسىيە كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھەر ئىككىمىزنىڭ بەدىنىمىز ئالدى تەرەپكە قاراپ قاتتىق بىر سىلكىنگەندىن كېيىن ماشىنا توختىدى. مەن نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالمىغاندەك قېتىپلا قالغان ئىدىم. مېنىڭچە ماشىنىنىڭ چاقى قىياغا سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئەگەر بايا بىر سىكۇنت كىچىككەن بولسام ماشىنا بېرىپ تاغقا ئۈسەتتى.
_ سىز ماشىنا ھەيدىمەي پويىز ياكى ئايرۇپىلان ھەيدىسىڭىز بولىدىكەن.
ھەسەننىڭ چاقچاق ئارىلاش قىلغان بۇ گېپى قۇلىقىمغا كىردى. مەن ھاسىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ پىسخىك ساپاسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، بايا تاس قالدۇق ئىككىمىز ھاياتىمىزدىن ئايرىلغىلى، ئۇ بىردەمدىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك چاقچاق قىلىپ ئولتۇرىدۇ.
_ يەنە سىز ھەيدەپ ھەر ئىككىمىز قىيادىن چۈشۈپ كەتسەك، مەنغۇ مەيلى، بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ ئايالى بىر ئەر كىشى بىلەن قىيادىن چۈشۈپ كىتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى باشقىلار ئاڭلىسىمۇ ھەر ئىككىڭلارنىڭ يۈزىگە سەت. ماشىنىنى يەنىلا مەن ھەيدەي.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چۈشتۈم ۋە يان تەرەپكە چىقىپ ئولتۇردۇم. تېلېفونۇمنى ئېلىپ قارىسام ئۈمىد بايا بىر تېلېفون قىلغان پىتى قايتا تېلېفون قىلماپتۇ. ماشىنىنى ھەسەن ھەيدىگەندىن كېيىن ماشىنا مەن ھەيدىگەنكىدىن كۆرۈنەرلىك سىلىق ماڭدى. ماشىنا ھەيدەش ھەقىقەتەن تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىشكەن.
شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئاز قالغاندا مەكتەپنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىنى كۆردۈم. ئۇ مېنىڭ شوپۇرلۇق مەكتەپكە كەلگىنىمنى قانداق بىلدىكىنە؟ بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇپتۇغۇ؟ ماشىنا دەرۋازىدىن سەل ئۆتۈپ توختىدى، ئەمدى ماشىنىدىن چۈشەي دەپ تۇرسام ھەسەن ماشىنىنى يەنە قوزغاتتى ۋە ماينى كۈچەپ بىر دەسسەپ ئۇچقاندەك ماڭدى.
_ يەنە نىمە قىلىۋاتىسىز؟ ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن چۈشۈپ قالىمەن_ دېدىم مەن.
ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى.
_ ئەگەر ئىككىمىزنىڭ سۈرىتىنى ئۈمىد كۆرۈپ قالمىسۇن دېسىڭىز ئەڭ ياخشىسى جىم ئولتۇرۇڭ.
بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم.
_ بىرى ئىزىمىزغا چۈشۈپتۇما؟
ئۇ كۆزىنىڭ قويرۇقىدا ماڭا بىر قارىۋەتتى.
_ خېلى ئەقىللىقكەنسىز.
مەن ماشىنىنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىدىن بىزگە يېقىنلا يەردە بىر قارا رەڭلىك پىكاپنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. بۇ قارا ماشىنا ماڭا بەك تۇنۇش كۆرۈندى، لېكىن قەيەردە كۆرگىنىمنى پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم. ھەسەن ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى بارغانسېرى تېزلەتتى، كەينىمىزدىكى ماشىنىنىڭ شوپۇرىنىڭ تېخنىكىسىمۇ ياخشىكەن، كەينىمىزدىن قالماي كېلىۋاتاتتى. ھەسەننىڭ ھازىرقى ھالىتى شۇنچىلىك ئەستايىدىل بايىقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ھەسەن كەينىمىزدىكى ماشىنىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى يەتمىدى بولغاي، رولنى بۇراپلا تاشلاندۇق ئايرۇدرۇمنىڭ ئىچىگە ھەيدىدى، بۇ ئۆتكۈر تۇنجى قېتىم ماڭا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن جاي شۇ ئىدى. ھېلىقى قارا پىكاپمۇ كەينىمىزدىنلا كىردى. ئۇ مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغانلاردىن بولسا كېرەك، ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. ھەسەن ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ چەتتىكى بىر قاتار پاكار ئۆيلەرنىڭ يېنىدا توختاتتى.
_ چۈشۈڭە_ دەپ بويرۇق قىلدى ئۇ ۋە ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. مەن نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم، لېكىن يەنىلا ماشىنىدىن چۈشتۈم. كەينىمىزدىكى قارا پىكاپمۇ بىزگە يېقىنلا يەردە توختىدى.
_ يۈرۈڭ_ دەپلا يان تەرەپتىكى پاكار ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىغا ماڭدى ئۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم، ئۇنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا ئۇنىڭ بىر چامدىمىنى مەن ئىككى چامدىسام ئاران يىتىشىپ ماڭالايدىكەنمەن، شۇنداقتىمۇ يۈگۈرگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا يىتىشىپ ماڭدىم.
_ نەگە بارىمىز_ دەپ سورىدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ. ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەي، مېنى تارتىپلا يان تەرەپتىكى بىر بۇلۇڭدا توختىدى ۋە ئەتراپنى كۈزىتىشكە باشلىدى. مەن يەنە گەپ سوراشقا پىتىنالمىدىم. بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق، ھەممە يەر جىمجىت بولغاچقا بىرىنىڭ كېلىۋاتقان ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردۇق. ھەسەن ئىككىمىز تامغا چاپلىشىپ دېگۈدەك تۇردۇم، ئۇ ئىنتايىن تەمكىن، ئەمما مەن يەنىلا قۇرقۇپ كىتىۋاتاتتىم. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ نىمە مەقسىتى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. گەرچە ھازىر ئىككىمىزنىڭ مەقسىتىمىز بىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مېنى تۇتقۇن قىلغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلىسام مېنى يەنىلا سۈر باساتتى.
بىر ئادەم پەيدا بولغان ھامان ھەسەن بىرنى تەپتى. ئۇنىڭ پۇتىنىڭ خېلى كۈچى بار ئىكەن، يەنە كېلىپ قارشى تەرەپنىڭ ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغاچقا ئۇنى بىر تېپىپلا يەردە ياتقۇزۇپ قويدى. كەينىمىزگە چۈشكىنى بىر ياش يىگىت ئىدى، ئۇ ھەسەننىڭ يېقىنلاپ بارغىنىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى، ئەمما يارىلانغان چېغى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ ئىچىدە بىر سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتى بارلىقىنى كۆردۈم. ھەسەن ئۇنىڭ بوينىدىن سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتىنى يۇلۇپ ئالدى ۋە ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا ئۇنى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى. ئاپارات پارە پارە بولۇپ كەتتى. ياش يىگىت قورققىنىدىن تۈگۈلۈپلا قالدى. ھەسەن ئۇنى يەنە نەچچىنى تېپىۋەتتى ۋە
_ يوقال_ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ يىگىت ئۆمىلەپ يۈرۈپ دېگۈدەك قېچىپ كەتتى. تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ ھەسەنگە قارىدىم.
_ ئۇنىڭ نىمە ئادەم ئىكەنلىكىنى، كىم ئەۋەتكەنلىكىنى، نىمە ئۈچۈن ئىزىمىزغا چۈشكەنلىكىنى سورىۋالماپتۇق.
ھەسەن ھاسىراپ كەتكەن ئىدى.
_ قىزچاق، بايا تېخى سىزنى ئەقىللىقكەنسىز دەپ ماختاپ قويسام ئەخمىقانە سۇئالدىن بىرنى سورىدىڭىزغۇ؟ ئۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ، كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ باقمامسىز؟
ئۇ يان تەرەپتىكى بىر كونا بىنانى كۆرسەتتى.
_ چىقىپ قاراپ باقايلى.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئالدىمدا بىناغا قاراپ ماڭدى، مەنمۇ كەينىدىن ئەگەشتىم. پەلەمپەي بىلەن ئۈستىگە چىقىپ ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىپ ئەڭ چېتىگە باردۇق. بۇ يەردىن تاشلاندۇق ئايرۇدرۇمنىڭ ئىچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. قارا پىكاپ تېخىچە شۇ يەردە تۇراتتى، بايا ھەسەندىن تاياق يىگەن يىگىت بېلىنى تۇتقان پىتى يۈگۈرۈپ پىكاپنىڭ يېنىغا پىكاپنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە ئىگىلىپ تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دېدى. ئىشنى پۈتتۈرەلمىگىنىدىن تىل ئىشىتىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
_ ماشىنىنىڭ نومۇرىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋېلىڭ، يەنە بىر قېتىم كۆرگەندە كىملىكىنى بىلىپ قالىسىز_ دېدى ھەسەن.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىمنى تاپقاندەك بولۇپ ماشىنىنىڭ نومۇرىغا سىنچىلاپ قاراپ يادىمغا ئېلىۋالدىم. ماشىنا ماڭماي جايىدا جىملا تۇراتتى، بىزنى ھامان بۇ يەردىن چىقىدۇ دەپ ساقلاۋاتقان بولسا كېرەك. ھەسەن باشقا بىر يولغا ماڭدى ۋە پاكار ئۆيلەرنىڭ كەينىدىكى بىر يولنى كۆرسەتتى.
_ ئۇلارنى كۆرۈپ قالمىسۇن دېسىڭىز مۇشۇ يولدىن مېڭىڭ، بۇ يولدىن چىققاندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ ئازراقلا ماڭسىڭىز چوڭ يولغا چىقىسىز.
_ لېكىن تېرىنېرغا....
_ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ. سىزنى تېخنىكىسى ياخشى ئەمەسكەن، كۆپرەك مەشق قىلسا بولغۇدەك دەپ قويىمەن.
ئۇنىڭ ماڭا نىمە ئۈچۈن ياردەم قىلماقچى بولغىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن نەچچە سائەت بىللە يۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا ئەسكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم.
_ ماڭا بۇنداق قارىماڭ. ئۆزۈمنىڭ كېلىشكەن ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن، قاراۋېرىپ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز ئۈمىد داغدا قالىدىغان ئىش بولمىسۇن يەنە.
شۇنداق دەپ يەنە سەت ھىجايدى ئۇ. ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ گەپ قىلمايلا پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ ئۇ كۆرسەتكەن يول بويىچە يۈگۈرۈپ ماڭدىم. ئۈمىد ھېلىمۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدا مېنى ساقلاۋاتقانمىدۇ؟ يولدا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئۆزۈمنىڭ قەيەردىلىكىمنى دەپ بەردىم. بىردەمدىن كېيىنلا ئۇ يېنىمغا كەلدى.
_ بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىسىز؟ سىزنى مەكتەپنىڭ ئىچىدىن چىقامدىكىن دەپ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن تېخى_ دېدى ئۇ.
_ مەشق قىلىپ بولۇپ تېرىنېر مەكتەپكە كەلمەيلا ئۆيىگە كەتمەكچى بولدى، شۇڭا بۇ يەردە چۈشۈپ قالدىم_ دەپ يالغان ئېيتتىم. ئۈمىد گېپىمگە ئىشەندى بولغاي، ئارتۇق گەپ سورىمىدى. مەنمۇ «ئۇف» دېدىم.
شوپۇرلۇق مەكتەپتە ھەسەننى ئۇچرىتىپ قالغان ئىشنى ئۈمىدكە دېسەم بولامۇ دېمىسەم بولامۇ؟ دېسەم ئۇ مېنى ئەمدى مەشق قىلغىلى بارمايسىز دەپ تۇرىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ئۇيان ئويلاپ، بۇ يان ئويلاپ ئاخىرى دېمەسلىك قارارىغا كەلدىم.
ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن رازىيەدىن تېلېفون كەلدى، ئۇ كەچرەك قايتىپ كېلىدىكەن. مېنىڭ قولۇم ئاغرىق بولغاچقا تاماقنى ئۈمىد ئەتتى. تاماقنى يەپ بولۇپ مېھمانخانا ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇق، ئاسلانچاق كېلىپ پۇتۇمغا سۈركەلدى، ئۇنى ئاستا قۇچىقىمغا ئېلىپ پىشانىسىگە نۇقۇدۇم.
_ ئاسلانچاق، باشقىلارنى تاتىلىساڭ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلساڭ باشقىلار سېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بىلدىڭمۇ؟
ئاسلانچاق خۇددى گېپىمگە جاۋاب بەرگەندەك«مياۋ مياۋ» قىلىپ ئىككىنى مىياڭلاپ قويدى. بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنى يەرگە قويۇپ قويۇۋىدىم، ئۇ يۈگۈرۈپ بالكونغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن بالكونغا چىقىپ ئازراق يەم سېلىپ بەردىم.
قاراڭغۇ چۈشتى، لېكىن رازىيە تېخىچە قايتىپ كەلمىدى. سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا ئۈمىدكە تېلېفون قىلدى، تېلېفوندا سۈرەتكە ئېلىش خېلى كەچ تۈگەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
_ تۈگىگەندە تېلېفون قىلىڭ ئەمىسە_ دېدى ئۈمىد. « ئۇ يېرىم كېچىدە رازىيەنى ئالغىلى بارارمۇ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتۇق، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، رازىيەدىن ئەنسىرەپ قالدىمىكىن، ھە دېسىلا تېلېفونىغا قارايتتى. تۇيۇقسىز ھەسەننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىشى ئېسىمگە كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ ھەسەننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىشى پۈتىدىغاندەك قىلامدۇ؟
_ ياق. _ كەسكىنلا جاۋاب بەردى ئۇ. قارىغاندا ئۇ 500 مىڭ يۈەن بېرىپلا ئىشنى تۈگىتىش قارارىغا كەلگەندەك قىلاتتى.
_ شېرزاتنىڭ ئىشىچۇ، قانداق بولار؟ ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟_ سورىدىم مەن يەنە.
_ بۇنىڭغا بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سوتچىنىڭ قارارىغا قارايدىغان گەپ. سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارمۇ ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيدىكەن.
شۇنى دەيمەن، بۇنداق ئىشقا كىممۇ كېسىپ بىر نىمە دىيەلىسۇن؟ سائەت 11 دىن ئاشقاندا ئۈمىدنىڭ تېلېفونى سايرىدى. رازىيەنىڭ مەشىقى تۈگىگەن بولسا ئۈمىدنى ئالغىلى كېلىڭ دەپ تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن ئۆرۈلۈپلا ئۇنىڭغا كەينىمنى قىلىپ يېتىۋالدىم، مەقسىتىم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈش ئىدى. ئۈمىد رازىيەنىڭ تېلېفونىنى قويۇپلا ئالىمغا تېلېفون قىلىپ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىغا بېرىشنى ئېيتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى راستلا ئويلىماپتىكەنمەن. ئۇ تېلېفوننى قويۇپ ئاستا كېلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
_ خۇش بولدىڭىزمۇ؟
جاۋاب بەرمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن خۇش بولغىنىمنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ئىدى.
_ بۇندىن كېيىن رازىيەنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ئىشلىرىغا ئالىم مەسئۇل بولسۇن_ دېدى ئۇ كەينىدىنلا.
_ قانداقلا قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئۇنىڭغا مەن ئارىلىشالمايمەن_ دېدىم مەن پەرۋاسىز ھالدا، لېكىن بۇ پەرۋاسىزلىقىمنىڭ تولىمۇ ياسالمىلىق ئىكەنلىكى چېنىپلا قالغان ئىدى.
_ يالغانچى_ دەپ قويدى ئۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنى ئوبدان بىلەتتى، شۇ تاپتا ئاغزىمدا دېمىگەن بىلەن خۇش بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.
گەرچە ئۇ رازىيەنىڭ ئىشىغا پۈتۈنلەي ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىشىمۇ كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى.
ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتتىمىكىن، كۆزىمىز ئەمدى ئۇيقۇغا بارغاندا ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۇ تېلېفونىنى قولىغا ئېلىۋىدى، قارىسام تېلېفون ئالىمدىن كەلگەن ئىكەن. ئالىم رازىيەنى ئېلىپ كەلگەن بولسا بىزنى ئىشىكنى ئېچىپ بېرىڭلار دەپ تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئۈمىد تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ ئالىمنىڭ رازىيەنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئالىم رازىيە بىلەن تۇنۇشمىغاچقا ئۆتۈشۈپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۈمىدنىڭ ئېيتىشىچە ئالىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىزدەپتۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئاللىبۇرۇن كىتىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. رازىيە بۇ يەرنى تازا پىششىق بىلمەيدۇ، يەنە كېلىپ بۇ يېرىم كېچىدە بىر قىز بالا يالغۇز سىرتتا يۈرسە ئادەم راستلا ئەنسىرەپ قالىدىكەن.
_ رازىيەگە تېلېفون قىلىپ بېقىڭە_ دېدىم مەن. گەرچە رازىيەنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ لېكىن ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇشىنى راستلا خالىمايتتىم. ئۈمىد دەرھال رازىيەگە تېلېفون قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى. ئۈمىد رازىيەدىن ئەنسىرەپ جىددىيلىشىپ كىتىۋاتاتتى، دېمىسىمۇ ئۇ تېخى كىچىكلا قىز تۇرسا. ئۈمىدنىڭ قولىنى تۇتتۇم، قولى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.
_ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، رازىيە كىچىك بالا ئەمەس، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ.
ئۇنداق دېگىنىم بىلەن رازىيەدىن مەنمۇ ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم. بۈگۈن كەچتە ئۈمىد ئۆزى ئالغىلى بارمىغانلىقى سەۋەبلىك رازىيەگە بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا ئۈمىد ئۆزىنى ئەيىبلەپ تۈگىشىپلا كېتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
_ مەن بېرىپ قاراپ باقاي. _ ئۇ شۇنداق دەپ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپلا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ رازىيەگە چىن كۆڭلىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.
_ رازىيە تاكسى بىلەن قايتىپ كېلىۋاتقان بولسىچۇ؟_ دېدىم مەن بىر خىل تاقەتسىزلىك بىلەن. دەل شۇ چاغدا ئۈمىدنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئىكراندا «نازىيە» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















