
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 36 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
دەرھال تېلېفونۇمنى چىقىرىپ چىرىقىنى ياندۇرۇپ قارىدىم.
_ بۇ يەردە نىمە قىلىسىز، ئەزىمەت؟
ئۇ بايا ئۈمىدنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئەمدى تۇيۇقسىز بۇ يەردە تۇرۇشى مېنى راستلا ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. ئەزىمەت ئاستا يېنىمغا كەلدى.
_ نازىيە، مەن بىلەن بىللە يۇرتقا بارسىڭىز بولامدۇ؟
_ ھە؟ _ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ قارىماققا شۇنداق تەمكىن كۆرۈنەتتى، ئەمما ئۇ قانچە تەمكىن بولغانسېرى مەن شۇنچە ھۇشيار تۇرمىسام بولمايتتى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئەمەس.
_ بايا ئۈمىدنىڭ گەپلىرىنى ئامالسىز ئاڭلاپ تۇرغىنىڭىزنى بىلىمەن. شۇڭا سىزنى ئەيىبكە بويرۇمايمەن.
مېنى ئەيىبكە بويرۇماسمىش؟ بەك كۈلگۈم كەلدى. مېنى ئەيىبكە بويرۇغىدەك ئۇ كىمتى؟ مېنىڭ نىمەم ئىدى؟
_ ئەمدى بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەزىمەت. سىز مەقسىتىڭىزگە يەتتىڭىز، ئۈمىد بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدىغان بولدۇم.
مېنىڭ سوغۇق مۇئامىلەمدىن ئۇ قىلچە ئاچچىقلانمىدى.
_ خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، نازىيە. مەن ئالدىڭىزدا ھەقىقەتەن بەك خىجىل. بۇرۇن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى بەك كۆپ قىلىپتىكەنمەن. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بەك كۆپ ئويلاندىم. قانچە ئويلاپ باقسام كۆڭلۈمدە يەنىلا سىز بار ئىكەنسىز. مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن. ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ، بولامدۇ، نازىيە.
«يەنە بىر قېتىم كۆڭلۈمنى ئاغرىتىدىغان پۇرسەت بېرەمدىمەن؟ »
_ سىز بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى ئاتا ئانام تېخىچە بىلمەيدۇ. ئۇلار سىزنى ئىزچىل كىلىنىمىز دەپ بىلىدۇ.
بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ ئاجرىشىشتەك شۇنچە چوڭ ئىشنىمۇ ئۆيىدىكىلىرىگە دېمەيدىغىنىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
_ مەن دېمىسەملا ئۇلار نىمىنى بىلەتتى دەپ بوزەك قىلىپسىز دە_ دېدىم سوغۇق كۈلۈپ.
_ نازىيە، ئاپام ئاغرىپ قاپتۇ. ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەن بىلەن بىللە بارغان بولسىڭىز، ئاپامنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ كەلگەن بولساق، بولامدۇ؟
ئۇ ۋىجدانىنى پۈتۈنلەي يوقاتماپتۇ، ھېچبولمىغاندا ئاتا ئانىسىغا بولسىمۇ ۋاپاداركەن.
_ بىز ئاجرىشىپ كەتكىلى خېلى بولدى. چوڭلارغا دېمىگىنىڭىز بولماپتۇ. ھازىر يوشۇرالىغان بىلەن مەڭگۈ يوشۇرۇپ قالالامتىڭىز؟ ئۇلار ھامىنى بىر كۈنى بىلىدۇ. _ دېدىم مەن.
ئەزىمەت ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىشقا باشلىدى:
_ بۇ ئىشنى ئاپام بىلسە ئاچچىقتىن كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. دادام بىلەن ئاپامنىڭ سىزگە قانچىلىك ئامراقلىقىنى مەن دېمىسەممۇ سىز ئوبدان بىلىسىز. ھازىرچە مەن بىلەن يېنىشقۇڭىز بولمىسا مەيلى، سىزنى مەجبۇرلىمايمەن، لېكىن سىزدىن ئۆتۈنەي، يالغاندىن بولسىمۇ چاندۇرماي مەن بىلەن بارغان بولسىڭىز. ئاپام سىزنى كۆرسە ساقىيىپ قالامدۇ تېخى. ئاپام مېنى مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە ئاز جاپا تارتمىدى.
ئۇ ئەمدى ئادەمدەك گەپ قىلدى. دەل شۇ چاغدا ئەزىمەتنىڭ تېلېفونى سايرىدى، ئۇ تېلېفونغا بىر قارىۋېتىپ ماڭا سۇندى. تېلېفون ئاپىسىدىن كەلگەن ئىكەن. سەل ئىككىلىنىپراق تېلېفوننى ئالدىم، ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن ئاجىز چىقىۋاتاتتى.
_ ۋەي_ دېدىم مەن ئەزىمەتنىڭ ئاپىسىنى نىمىدەپ چاقىرىشنى بىلمەي.
_ ۋەي، نازىيە قىزىم، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ.
_ مەنمۇ ياخشى، قىزىم، شۇ كونا كېسەل. بىر نەچچە كۈن بولدى، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپلا قالدىم. ئەزىمەت ئىككىڭلار تولا چۈشۈمگە كىرىپ كېتىۋاتىسىلەر، شۇڭا بىر كەلسەڭلار كۆرىۋالغان بولسام. مۇشۇ ياتقانچە كېتىپ قالامدىم يا تۇرۇپ كىتەلەمدىم بىلمەيمەن. شۇڭا ئەزىمەت بىلەن كەلگەن بولساڭلار.
«ئەزىمەت ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتتۇق» دەي دەپ نەچچە قېتىم تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ يەنە يۇتۇۋەتتىم. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئارانلا چىقىۋاتسا، يەنە ئۇنداق زەربە بولىدىغان گەپنى قىلغۇم كەلمىدى. ئاخىرى يا بارىمىز دېمەي، يا بارالمايمىز دېمەي، مۈجىمەل گەپ قىلىپلا، ياخشى ئارام ئالسىلا دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئەزىمەتنىڭ ئاپىسى ئادەتتە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ قاخشىمايتتى، كېسىلى خېلى ئېغىر بولمىسا كەل دەپمۇ تېلېفون قىلمايدۇ، شۇڭا چوپچوڭ ئايالنىڭ كېلىڭ دەپ يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدا ئېيتقان گەپلىرىگە چىدىيالمىدىم.
_ ئەزىمەت، گەپنى باشتىلا ئېنىق دەپ قوياي، مەن ئاپىڭىزنىڭ يۈزىنى دەپ سىز بىلەن بىللە بېرىشقا ماقۇل بولاي، ئەمما بۇ سىز بىلەن يېنىشىپ قېلىشقا ماقۇل بولغىنىم ئەمەس ھە.
ئەزىمەت بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ خۇش بولۇپ كەتتى.
_ ماقۇل، ماقۇل، بىلدىم. ئەتە ئەتىگەن سىزنى ئالغىلى كېلىمەن، ئىككىمىز بىللە دوختۇرخانىغا بېرىپ روخسەت سورايلى.
ئەتىسى ئەتىگەن دېگەندەك ئۇ مېنى ئالغىلى كەلدى، ئىككىمىز دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ بۆلۈملىرىدىن روخسەت سورىدۇق. روخسەت سوراش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بولۇپ ماڭىدىغان چاغدا ئۆتكۈر ئۇچراپ قالدى.
_ ئاڭلىسام خېلى ئۇزۇن روخسەت سوراپسىز، نىمە ئىش قىلىسىز؟_سورىدى ئۇ. ئۇنىڭدىن يوشۇرغۇم كەلمەي راست گەپنى دېدىم. ئۇ مەندىن سەل ئەنسىرىگەندەك بىر خىل ھالەتتە ئىككى ئېغىزلا گەپ قىلدى. :
ئەمەلىيەتتە ئۆزۈممۇ ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتىم. ھەتتا يولغا چىقىدىغان چاغدىمۇ قىلىۋاتقانلىرىم توغرىمۇ خاتامۇ دەپ ئويلاپ كەتتىم. ھەرقانچە ئىككىلەنسەممۇ بەرىبىر ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا مېڭىپ بولدۇم. بۇرۇن مەن مەينەت ئادەم ئولتۇرغان ماشىنىغا ئولتۇرمايمەن دەپ ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇشنى رەت قىلغان، ئۇ چاغدا ئەزىمەت بىلەن ئەمدى بىر يەرگە كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىللە سەپەرگە چىقىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. يولدا كېتىۋېتىپ ئەزىمەت ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى.
_ مەن سىزنى ئەمەس، ئاپىڭىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ كىتىۋاتىمەن، شۇڭا ماڭا رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ__ دېدىم مەن. مەن كىچىك تۇرۇپلا دادامدىن ئايرىلىپ، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغاچقىمىكىن، ئاتا ئانا مېھرى دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ئاجىزلىق قىلىپ قالاتتىم، ئەزىمەتمۇ مېنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىمنى تۇتىۋالغان بولسا كېرەك.
بىز ماشىنا بىلەن تەخمىنەن بەش سائەتتەك يول يۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيى بار ناھىيىگە يېتىپ كەلدۇق، ناھىيىدىن يەنە يېرىم سائەتلەر ماڭغاندىن كېيىن كەنتكە كەلدۇق، كەنتنىڭ ئىچىدىكى يول شېغىللىق يول بولغاچقا ماشىنىنى بەك ئاستا ھەيدىدى، ئاخىرى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بولغۇچە سائەت تۆت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۆتكەن ئىككى يىلدا بۇ ئۆيگە ئىككى قېتىملا كېلىپ باققان ئىدىم. ماشىنىنى ئۆينىڭ ئالدىغا ھەيدەپ بارغىلى بولمايتتى، شۇڭا يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ يەنە ئازراق مېڭىپ ئاندىن ئۆيگە كىردۇق. ئۇ ئادەتتىكىچە سېلىنغان بىر قەۋەەتلىك ئۆي ئىدى. كىرسەك دادىسى ھويلىدا ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ دادىسى كەمسۆز، يۇۋاش ئادەم ئىدى. بىزنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇردى.
_ كەلدىڭلارمۇ، باللىرىم، ئاپىسى، ئاپىسى، ئەزىمەت بىلەن نازىيە قىزىمىز كەپتۇ.
دادا دېگەن گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرالماي، «ياخشى تۇردىلىمۇ» دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپلا كۆرۈشتۈم. ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاجىز ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۆي ئىچىگە كىردۇق، ئۆي بەك قالايمىقان، ئوتتۇرىدا ھەممە نەرسە چېچىلىپ ياتاتتى. ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويۇلغان كارىۋاتتا ئۇنىڭ ئاپىسى ياتاتتى. ئاپىسى ھەقىقەتەن جاپا تارتقان ئايال، يېشى ئەمدىلا ئەللىكتىن ئاشقان بولسىمۇ چاچلىرى ئاقىرىپ، موماينىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالغان. ئۇ بىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كەتتى، ئاران قالغان جېنىغا ئورنىدىن تۇرۇپ بىزگە تاماق ئەتمەكچى بولدى. مەن ئۇنىماي تۇرىۋالدىم.
_ بولدى، سىلى ئارام ئالسىلا، تاماقنى مەن ئېتەي.
_ سىز ئاران كەلگەندە ئاۋارە قىلارمىزمۇ، قىزىم.
ھېچقىسى يوق. _ شۇنداق دەپلا ئالدىمغا پەرتۇقنى تارتىپ قازان بېشىغا ئۆتتۈم.
_ ئەزىمەت سەن كىرىپ ئوت قالاپ بەر، نازىيە بۇنداق ئوچاققا ئوت قالاپ تاماق ئېتىپ باقمىغان بولغىيتتى.
ئۇلار ئادەتتە ئوچاققا ئوتۇن قالاپ تاماق ئېتىدىكەن، بىر ۋاق تاماق پىشىپ بولغۇچە ئۆينىڭ ئىچى ئىسقا توشۇپ كېتىدىكەن. مەن بۇلاردىن بىزارلىق ھېس قىلمىدىم، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىغا ئىچىم ئاغرىدى. كەچلىك تاماق بولغاچقا دەپ سۇيۇقئاش ئەتتىم. تاماقنى ھەممەيلەن ماختىشىپ ئولتۇرۇپ يىيىشتى. تاماق يەپ بولۇپ قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيىمەن دېسەم، ئەزىمەتنىڭ دادىسى ئۇنىماي تۇرىۋالدى.
_ ئۇزۇزۇن بولسۇن قىسقا بولسۇن، سەپەرنىڭ ھاردۇقى يامان. سىز كىرىپ ئارام ئېلىڭ، قىزىم، مەن يۇياي.
تاماق ئىتىۋاتقاندا ئۈستى بېشىمغا كۈل توزۇپ كەتكەچكە قېقىپ چۈشۈرىۋەتمەكچى بولدۇم، ئەزىمەت بۇنى كۆرۈپ يۇيۇنىۋېلىڭ دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلارنىڭ تازىلىق ئۆيىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار، تامغا چاپلىغان چىنە خىشلىرىمۇ رەتسىز ئىدى، ئەمما يېزىدا مۇشۇنچىلىك تازىلىق ئۆيىنىڭ بولغىنىمۇ بىر ھېسابتا خېلى چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى. ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى ياپسام يېپىلمىدى، ئامالسىز ئىشىككە ئورۇندۇقنى تىرەپ قويدۇم. مەن يۇيۇنۇپ بولاي دېگەندە بىرسى قارا دېگەندەك قارىسام تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى قىيا ئېچىقلىق تۇرۇپتۇ. قاچانلاردا، قانداق بولۇپ ئېچىلىپ كەتتىكىنە. بۇنى كۆرۈپ تېز تېز بېشىمدىن سۇنى قۇيۇپلا كىيىملىرىمنى كىيىۋالدىم. سىرتقا چىقسام شامال چىقىۋېتىپتۇ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى شامالدا ئېچىلىپ كىتىپتۇ دە دەپ ئويلىدىم.
كارىدورغا كىرىشىمگە ئاپىسى مېنى چاقىردى، كىرسەم ئەزىمەتمۇ ئاپىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ.
_ قېنى بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ. _ دەپ يېنىنى كۆرسەتتى. بېرىپ ئاستا ئۇ كۆرسەتكەن جايدا ئولتۇردۇم.
_ سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ شۇنچە يىراقتىن كەلگىلى سالدىم، مەندىن خاپا بولۇپ قالماڭ، قىزىم. سىلەرنى ئىشىڭلاردىن قويدۇم.
ئويۇننى ئويناپتىمەن، ئەمدى چانمىغۇدەك ئويناي دەپ ئويلىدىم.
_ ياقەي، ئاپا، ئۇنداق دېمىسىلە، ھېلىمۇ خىزمەت، خىزمەت دەپ يانلىرىغا پات پات كېلىپ بولالمايۋاتىمىز. بىزمۇ ئالدىلىرىدا بەك خىجىل.
_ بىلىمەن ھەم چۈشىنىمەن، سىلەر ياشلار كەسىپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىساڭلار بولمايدۇ. مېنىڭ سالامەتلىكىم كۈندىن كۈنگە ناچارلاپ كىتىۋاتىدۇ، قارىغاندا نەۋرەمنى كۆرگۈچە ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغاندەك قىلىمەن.
مېنىڭ ھامىلدار بولۇپ، بالامنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئىشلىرىنى ئاپىسى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. تېزلا ئەزىمەتكە قارىدىم، ئۇ كۆزىنى مەندىن ئېپ قېچىپ يەرگە قارىۋالدى. بەلكىم ئۇ ئىش بولمىغان بولسا بالام تۇغۇلاي دەپ قالا بولغىيتتى. بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ ئەسنەشكە باشلىدى. مەن ئاستا ئەزىمەتكە مەن قايسى ئۆيدە ياتىمەن دەپ پىچىرلىدىم. ئۇ ياندىكى بىر ئۆينى كۆرسەتتى. مەن ئۇ كۆرسەتكەن ئۆيگە كىرىپ، ئەمدى ئىشىكنى ياپاي دەپ تۇرسام ئەزىمەت كەينىمدىن كىرىپلا ئىشىكنى تۇتۇپ تۇرىۋالدى.
_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟_ دېدىم مەن چۈچۈپ.
ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ، ئاندىن ئىشىكنى يېپىۋەتتى.
_ ئىككىمىز بىر ئۆيدە ياتمىساق دادام بىلەن ئاپام بىزدىن گۇمانلىنىپ قالمامدۇ؟
ئۇنىڭ گېپىنىڭمۇ ئاساسى بار، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، شۇڭا لام جىم دېمەي جايىمدا جىملا تۇردۇم.
_ پەقەت خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، سىز كارىۋاتتا يېتىڭ، مەن يەرگە ئورۇن سېلىپ ياتاي.
شۇنداق دەپ بېرىپ تامغا يۆلەپ قويۇلغان كونا ئىشكاپتىن كۆرپە ئېلىپلا يەرگە سالدى. ئۇ يوتقانغا كىرىپ ياتتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا خورەك تارتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاستا كارىۋاتقا چىقتىم. ھېچ ئۇيقۇم كىلەي دېمەيتتى، تېلېفونۇمنى چىقىرىپ قارىدىم، تورمۇ يوقكەن. بىردەم يېتىپ ئۇيقۇم كەلگەندەك بولدى. قانچىلىك ئۇخلىدىمكىن، تۇيۇقسىز تەۋرىنىشتىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئېچىپ قاراپلا قورقۇپ كەتتىم، ئۇ ئاغزىمنى ئېتىۋالدى. ئەزىمەت يېنىمغا چىقىۋالغان ئىكەن. ئۇ كالىدەك ئېغىر پۇشۇلداۋاتاتتى، شۇنچىلىك يىرگىنىپ كەتتىم.
_ نىمە قىلاي دەيسىز؟_ ئۇنى كۈچەپ ئىتتىردىم.
_ مەن بۈگۈن ئۈمىد دېگەن خۇمپەردىن ئۆچۈمنى ئالىمەن. سىز مەن بىلەن ئىككى يىل ئۆي تۇتقان، ئاللىبۇرۇن مېنىڭ ئادىمىم بوپ بولغان سىز.
دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قىلتىقىغا يەنە بىر قېتىم ئۆزلۈكۈمدىن چۈشكىنىمنى تۇنۇپ يەتتىم.
_ ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەزىمەت، بىز ئاجرىشىپ بولغان.
_ ئۇنتۇپ قالمىدىم، سىز ھازىر ئۈمىدنىڭ خوتۇنى. دەل شۇنداق بولغاچقا مەن بۈگۈن كېچە ئۈمىد دېگەن ئەبلەختىن مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆچۈمنى ئالماقچى.
ئۇ مېنى سۆيمەكچى بولۇپ تۇمشۇقىنى سوزدى، بېشىمنى ئېلىپ قاچتىم، ئەمما يەنىلا ئاجىزلىق قىلىپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇ بېشىمدىن تۇتۇپ، مەجبۇرى ئاغزىمغا سۆيدى. ھاياتىمدا بىرەر نەرسىدىن بۇنچىۋالا سەسكىنىپ باقمىغان بولغىيتتىم، شۇ دەرىجىدە سەسكىنىپ كەتتىم. كاللامغا قەيەردىن كەلدى بۇ ئەقىل، دەرھال ئۇنىڭ كالپۇكىنى كۈچەپ تۇرۇپ چىشلىدىم. «ۋايجان» دەپلا ئاغزىنى تۇتتى ئۇ، پەمىمچە كالپۇكى قاناپ كەتتىغۇ دەيمەن. ئۇ ئاغزىنى تۇتقان پىتى كارىۋاتتىن سەكرەپلا تۇرۇپ كەتتى، دېگەندەك كالپۇكىنى تۇتىۋالغان قولىدىن قان سىرغىۋاتاتتى. مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال ئايىقىمنى كىيدىم ۋە ئۇنىڭ جان يېرىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم. ئۇ«ئا» دەپلا كارىۋاتقا يىقىلىپلا قالدى. مەن دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتتىم.
ئىشىكنى ئېچىپ چىققىنىمنى ئاپىسى تۇيۇپ قالغان بولسا كېرەك:
_ نازىيە، ھاجەتكە چىقامسىز؟ ئېھتىيات قىلىڭ، قول چىراقنى ئېلىۋېلىڭ_ دېدى. مەن ھېچنىمە دېمەيلا دەرۋازىنى ئېچىپ ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئەزىمەتنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ يېرىم كېچىدە قېچىشىم ئىدى. ئۈمىد توغرا دەپتۇ، مەن راستلا ساراڭ بوپتىمەن.
بۇ يەرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيتتىم، شۇنداقتىمۇ ئېسىمدە قالغىنى بويىچە ئېتىزلىق يولىدىن، ئاندىن شېغىللىق يولدىن ماڭدىم. كېچىدە يېزا يولىدا نە ئادەم، نە ماشىنا بولمىغاچقا مەن شېغىللىق يولدا ماڭغاندا چىققان ئاۋاز خېلى يەرلەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر چاغدا كىمنىڭدۇر ئۆيىدىن بىر ئىت قاۋىغانتى، پۈتۈن مەلىدىكى ئىتلار بەس بەس بىلەن قاۋاپ كەتتى. قورقۇپ جېنىم چىقاي دېدى، ئەمما توختاپ قېلىشقا بولمايتتى. شۇ ماڭغان پېتى چوڭ يولغا چىقىپ توختىدىم. ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى، بۇ يەردە ئەمدى مېنى كىممۇ قۇتقۇزىۋالار؟
بايا شېغىللىق يولدا مېڭىپ پۇتۇم قاپىرىپ كېتىپتۇ، ماڭغاندا بىلىنمىگەن بىلەن توختىشىم بىلەنلا چىدىغۇسىز ئاغرىشقا باشلىدى. شۇنچىلىك ئىلاجسىز بىر ھالەتتە يول بويىدا ئولتۇردۇم. ئۈمىد توغرا ئېيىپتىكەن، ئۇ ماڭا بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتسىڭىز زىيان تارتىسىز دېگەن. ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىمەن دەپ شۇنىڭغا چۇشلۇق جاۋابقا ئېرىشىش تۈگۈل بىر پاتمان كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالغاندا ئاندىن تۇنۇپ يەتتىمكى بۇ ئاقكۆڭۈللۈك ئەمەس، بەلكى دۆتلۈك ئىكەن. مەن بەك ئەخمەق، بەك دۆتكەنمەن. قاراڭغۇ يولدا ئۆز ئۆزۈمنى مىڭنى تىللاپ كەتتىم. يول بويىدا قانچىلىك ئولتۇردۇمكىن، بىرەر ماشىنا ياكى ئادەمنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىمنى ئۈزگەن چېغىمدا يىراقتىن بىر چىراق يورۇقى كۆرۈندى، ، بىر ماشىنا مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ماشىنا يېنىمغا كېلىپ توختىدى، ۋە ماشىنىدىن بىرەيلەن چۈشتى.
,,,
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
………
…………
شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ