大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 66 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 66 - قىسىم aybarawazi
2023-08-15
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 67 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

66-قىسىم


      شوپۇرلۇق مەكتەپكە كىرسەم نۇرغۇن ماشىنىلار مەيداندا مەشق قىلىۋېتىپتۇ،  تېرىنېر مېنى كۆرۈپ چوڭ چوڭ چامداپ ئالدىمغا كەلدى.  ئۇنىڭ قاپاقلىرىدىن مۇز يېغىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ تېخىمۇ قورقتۇم ۋە دەرھال قولۇمنى كۆتۈرۈپ كۆرسەتتىم. 

_ تېرىنېر، قولۇم كۆيۈپ قالدى، شۇڭا بۇ نەچچە كۈندە كېلەلمىدىم. 

   قولۇم كۆيۈپ قالغىنىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ تەنقىدىدىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بولدۇم.  تېرىنېر ئالدىمغا كېلىپلا توختىدى، ئۇ ئىككى قولىنى بېلىگە تۇرۇپ تۇراتتى، ئەلپازىدىن قارىغاندا مېنى تازا بىر تىللايدىغانغا تەييارلىق قىلىپ كەلگىنى ئېنىق ئىدى، ئەمما قولۇمنىڭ تېڭىقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ سەل پەسكويغا چۈشتى. 

_ ئىشىڭىزمۇ تۈگىمەيدىكەن سىزنىڭ. 

_ كەچۈرۈڭ، تېرىنېر. 

كەچۈرۈڭ دېيىشتىن باشقا يەنە نىمىمۇ دىيەلەيتتىم.  يېقىندىن بۇيان بەك كۆپ ئىشلار يۈز بېرىپ كەتتى. شىشۇاڭبەنناغا بارغىنىمنى دېمەيلا قوياي،  كېيىن ئۈمىدنىڭ ئاشقازىنى قاناپ دوختۇرخانىدا ياتتى،  ئۇنىڭدىن كېيىن نىگارەنىڭ ئىشى چىقتى،  ئىشقىلىپ ئىشلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ئۇف دېگۈدەك ھالىمنىمۇ قويمىدى.  شۇڭا شوپۇرلۇق مەكتەپكە كېلىدىغانغا پەقەتلا  ۋاقىت چىقىرالمىدىم، شۇڭا تېرىنېرنىڭ خاپا بولۇشىمۇ يوللۇق. 

_   ھەي ھەي، ئەخەت تېرىنېر، ئاياللارغا گەپ قىلغاندا سىلىق گەپ قىلىڭ. 

   قۇلىقىمغا تونۇشلا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ چۈچۈپ كەتتىم.  يېقىنلا يەردە ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان، بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئادەم ھەسەن ئىدى.  تېرىنېرنىڭ بايىقى ئاچچىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى.  ھەسەن كېلىپ قولىنى تېرىنېرنىڭ مۈرىسىگە قويدى، تېرىنېرمۇ چاقچاق قىلىپ يىنىككىنە بىر مۇشت قويغان بولدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا يېقىندەك قىلاتتى. مەن ھەسەننى كۆرگەندىن كېيىن لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم،  ھەتتا بۇ يەردىن دەرھال قېچىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم. چۈنكى ئۇ ماڭا پىچاق تەڭلىگەن، ئۈمىدنى تەڭسىز كېلىشىمنى ئىمزالاشقا قىستىغان ئادەم، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. 

_ مەن ئەزەلدىن ھەممە ئۆگەنگۈچىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن. سەن بولساڭمۇ تەنقىدلەيدىغان يەردە تەنقىد قىلىۋېرىمەن. ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا مېنى ئەسكىگە چىقىرىۋەتمە ئەمدى. 

   بۇ گەپتىن ھەسەننىڭمۇ بۇ يەرگە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگىلى كەلگىنىنى بىلدىم.  ئۇ ماشىنا ھەيدەشنى بىلمەمدىغاندۇ؟ مەن قارىسام ھېچ ئۇنداقتەك قىلمايتتى.  ئۇنىڭدەك جەمئىيەتتە يۈرىدىغانلارغا نىسبەتەن ماشىنا ھەيدەش ئەڭ ئاساسى ماھارەت ھېسابلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. 

_ مېنى تىللىغۇڭىز بولسا تىللاۋېرىڭ. مەن دېگەن ئەر كىشى، يۈزۈممۇ قېلىنراق، لېكىن ئاياللارنىڭ يۈزى نىپىز، خىجىلچان كېلىدۇ، شۇڭا گەپ قىلغاندا دېققەت قىلمىسڭىز بولمايدۇ. 

  قىزىق، ئۇ ماڭا بولۇشۇپ گەپ قىلىۋاتىدۇ تېخى. 

_ قېنى، ماشىنىغا چىقايلى.  

    تېرىنېر يان تەرەپتە تۇرغان بىر مەشق ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا ياندىكى ئورۇندا ئولتۇردى، ھەسەن شوپۇر ئورنىغا چىقتى.  مەن تېخى تېرىنېر مېنى چىقىڭ دېمىدى دەپ جايىمدا جىم تۇرىۋېرىپتىمەن. 

_ ئالدىڭىزغا پايانداز سېلىپ بەرسەم ئاندىن چىقامتىڭىز، كۆتۈرۈپ چىقىرىپ قويايمۇ يا؟  قاراپ تۇرىسىزغۇ؟ _ ياندا ئولتۇرغان تېرىنېر  ماڭا قاراپ ئالايدى. 

  ئۇ ماشىنىغا شۇنچىلىك چىققۇم يوق، خېلىغىچە ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم، لېكىن تېرىنېرنىڭ ئادەم يەيدىغاندەك ئەلپازىدىن قورقۇپ  يەنىلا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. بېرىپ ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكىنى ئېچىپ چىقىپ ئولتۇردۇم،  بىر ماشىنىغا ئادەتتە مەشق قىلىدىغان ئۆگەنگۈچىدىن تۆتەيلەن چىقاتتى.  شۇڭا يەنە ئىككىيلەن چىقىدۇغۇ دەپ ئولتۇرسام ھېچكىم چىقمىدى.  ھەسەن ماشىنىنى قوزغاتتى.   تۇيۇقسىز مېنى قورقۇنۇچ باستى، لېكىن يەنە تېرىنېر بارغۇ دەپ ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.  تېرىنېر ماشىنىنى شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ يولدا  مەشق قىلىشنى ئېيتتى.  مەن ماشىنىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كىتىۋاتاتتىم.  چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىر نەچچە قېتىم كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ماڭا قارىغىنىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بىر خىل سۈيقەست يوشۇرۇنغاندەك بىلىنىپ كەتتى.  ئۇنىڭ بۇرۇن مېنى تۇتقۇن قىلغىنى ئېسىمگە كەلسىلا يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دۈپۈلدەيتتى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن تېرىنېر ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدى. 

_ مەن ئۆيگە بېرىپ بالامغا قاراپ باقاي، سىلەر مەشق قىلىۋېرىڭلار.  ھەسەن، سەل تۇرۇپ نازىيەمۇ ھەيدەپ مەشق قىلسۇن ھە. ئۇ رولغا تازا پىششىق ئەمەس،  ئۆگىتىپ قويارسەن ھە. _ تېرىنېر شۇنداق دەپلا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى.  

 مېنىڭ بۇ ھەسەن دېگەن ئادەم بىلەن ئايرىم ماڭغۇم يوق.  شۇڭا تېرىنېر چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن مەنمۇ چۈشۈپ قالاي دەپ ئىشىكنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم، ئەسلىدە ھەسەن ئىشىكنى قۇلۇپلىۋەتكەن ئىكەن.  ھەسەن ماينى بولۇشىغا دەسسەپ ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدىدى. 

_  مەن چۈشۈپ قالىمەن.  ماشىنىنى توختىتىڭ_ مەن بىر تەرەپتىن ئىشىكنى تارتىپ، بىر تەرەپتىن ۋارقىرىدىم.  ھەسەن سەت ھىجايدى. 

_ نىمە؟ مەندىن قورقۇۋاتامسىز؟

 مېنى تۇتقۇن قىلغان، پىچاق تىرەپ قورقۇتقان ئادەمدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن دە.   لېكىن ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم.  ئۇ كەينىنى كۆرۈش ئەينىدىن ماڭا قارىدى. 

_ قىزچاق،  ئىكىمىزنىڭ بىر ماشىنىغا چىقىپ قالغىنىمىز قىزىق بولدى ھە.  بايا تېرىنېر سىزگە ياخشىراق ئۆگىتىپ قويۇشۇمنى تاپىلىدىغۇ.  خاتىرجەم بولۇڭ، سىزگە چوقۇم ياخشى ئۆگىتىمەن. 

ھەسەن ماشىنىنى ھەيدەپ تېزلا شەھەر رايونىدىن چىقىپ، تېز سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىدىن قارىغاندا ئۇ ھەرگىز يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان ئادەمدەك قىلمايتتى.  كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كېلىپ كەتتى.  ئويلىغانسېرى قورقۇپ كىتىۋاتاتتىم.  ماشىنا مېڭىپ مېڭىپ تاغ قاپتىلىغا كەلگەندە ئۇ  تۇيۇقسىز ماشىنىنى توختىتىپ بېشىنى بۇراپ ماڭا قارىدى. 

_  ئەمدى سىز ھەيدەڭ مەن سىزگە قانداق ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويىمەن. 

ئۇنىڭغا قاراپ ئالايدىم. بۇ ئالىيىشىمدىن «مېنى ئالدايمەن دېمەكچىما؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، ھەيدىمەيمەن» دېگەن مەنانى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.  ئۇ ئالدىرىماي تىنىمەي بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.  مەن گەپ قىلماي ئولتۇرىۋەرسەم ئۇمۇ شۇ پىتى ئولتۇرىدىغاندەك قىلاتتى، ئاخىرى ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم. 

_ سىز ئۆزىڭىزمۇ تېخى پراۋا ئالمىغان ئادەمكەنسىزغۇ، ماڭا ئۆگىتىمەن دەپ پو ئاتقىچە ئۆزىڭىز ياخشىراق ئۆگىنىپ پراۋا ئېلىڭە. 

ھەسەن گەپلىرىمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز جۇمۇ، قىزچاق، ئالدىنقى قېتىم سىزنى بەك قورقۇتىۋەتكەن ئوخشايمەن ھە، شۇ قورقۇنۇچ ھازىرغىچە بېسىلمىغان ئوخشايدۇ.  سىزگە دېسەم مېنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكام تېرىنېردىن قېلىشمايدۇ، پراۋاممۇ ئۇنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى تېخى. 

_ يالغانچى_ ئۇنىڭغا يەنە ئالايدىم.  ئۇ نىمىلا دېسىمۇ ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىققىلى ئۇنىمىدىم. ئۇ ئاخىرى ئامالسىز  ماشىنىنى يەنە قوزغاتتى. 

_ بۇرۇنقى پراۋام ب پراۋا ئىدى. ئىككى يىل بۇرۇن  ئازراق ئىش بىلەن پراۋام بىكار قىلىۋېتىلگەن،  ئىككى يىل ئىچىدە پراۋىغا ئىمتىھانمۇ بېرەلمەيتتىم.  ئىككى يىل ۋاقىت ئەمدى توشتى، شۇڭا ئىمتىھان بەرگىلىۋاتىمەن. سىلەردەك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر مېنىڭ ئالدىمدا تېخى توڭ سويما. 

ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ ئولتۇرىۋەردىم.  ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا ماشىنىنى توختاتتى.  مەن مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا قاراپ بۇ يەرنى ئېسىمگە ئالدىم. بۇ مەن ئەزىمەت بىلەن ئاجراشقان كۈنى ئۈمىد، نىگارەلەر بىلەن ۋېلىسپىت ھەيدەپ چىققان جاي شۇ ئىدى. 

_ ئولتۇرىۋېرىپ ئىچىڭىز سىقىلىپمۇ كەتكەندۇ؟ چۈشۈپ پۇت قوللىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرىۋېلىڭ_ ھەسەن شۇنداق دەپ ئىشىكنى ئېچىپلا  چۈشۈپ كەتتى.  مەن ماشىنىدىن چۈشمەي ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ئولتۇردۇم.  ئۇ ئاستا مېڭىپ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا بېرىپ توسۇقتىن پەسكە قارىدى. مېنى تۇتقۇن قىلغان كۈنى كەچتىكىگە قارىغاندا بۈگۈن ئۇنىڭ چىرايىغا خېلىلا كۈلكە يۈگۈرۈپ قالغان ئىدى.  خىيالىمدا ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىشىدىن بىرەر نەتىجە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ مېنى ھېچنىمە قىلمايدۇ دەپ ئويلىدىم.  قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئىنىسىنىڭ ئىشىدا يەنىلا ئۈمىدنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ ئەمەسمۇ.  مۇشۇنى ئويلاپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.  لېكىن ئۇنىڭدىن خېلىلا يىراق ئارىلىق ساقلاپ تۇردۇم، پەخەس بولمىسام بولمايدۇ دە.  ئەگەر ئۇنىڭ نىيىتى بىر بۇزۇلۇپ مېنى  قىيادىن ئىتتىرىۋەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟  ئۇ كۈلۈپ تۇرغىنى بىلەن كۆڭلىدە نىمە ئويلاۋاتقىنىنى كىم بىلىدۇ؟  ئىشقىلىپ بىر ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان ئادەمنى ھەرگىز ياخشى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ. 

ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ ئاستا يانچۇقىنى سىلاپ بىر نەرسىنى چىقاردى، ئاندىن بىر يېرىنى بېسىۋىدى، پارقىراپ تۇرغان بىر پىچاق كۆز  ئالدىمدا پەيدا بولدى.  مەن قورققىنىمدىن كەينىمگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتىم،  پۇت قولۇمدا جان قالمىغان ئىدى. 

_ نىمە قىلماقچى؟

ئۇ مېنى قورقۇتالىغىنىدىن بەك خۇش بولۇپ كەتتىمۇ قانداق،  يەنە قاقاقلاپ كۈلدى.  ئاندىن ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ماشىنىنىڭ كەينى كوزۇپىنى ئېچىپ ئىككى تال ئالمىنى ئالدى ، ئاندىن يېنىپ بېرىپ تاغ پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئالما ئاقلاشقا باشلىدى.  

ئۇ مەخسۇس ئالما ئاقلاش ئۈچۈن يېنىغا پىچاق سېلىپ يۈرەمدىكىنە؟  بايا ئۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكىنىمنى ئويلاپ  ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كەتتىم.  بايىلا تېخى ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىشىدىن بىرەر نەتىجە چىقىشتىن بۇرۇن مېنى ھېچنىمە قىلمايدىغىنىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدىمغۇ، مەن نىمانچە دۆت. 

_ يەمسىز؟ _ ئۇ قولىدىكى ئاقلاپ بولغان ئالمىنى ماڭا سۇندى. ئۇنىڭغا ئالىيىپ رەت قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم.   ئۇ كۈلۈپ مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى.  بۇ قېتىم ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ كەينىمگە داجىمىدىم. ئۇ مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ بېرىپ رىشاتكىغا يۆلىنىپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

_ ئەنسىرىمەڭ، بۇ خانىشنىڭ زەھەرلىك ئالمىسى ئەمەس_ دېدى. 

_ سىزدەك ئادەم بالىلار چۆچەكلىرىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىسە ئاجايىپ تۇرىدىكەن، پەقەتلا ياراشمايدىكەن_ دېدىم مەن مەسخىرە قىلغان ئاھاڭدا. 

ئۇ  قولىدىكى ئالمىنى بىر چىشلىدى ۋە ماڭا قاراپ تۇرۇپ  چىرايىدىكى كۈلكىمۇ ئۆچتى. 

_ ئادەم ئەسلى ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ.  دۇنيادا تۇغۇلۇپلا ئەسكى ئاتىلىدىغان ياكى ئەسكىلىك قىلىدىغان ئادەم بولمايدۇ. لېكىن بەزىبىر ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاستا ئاستا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان گەپكەن.  ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش ئەسكىلەرمۇ ئامالسىز شۇ يولغا مېڭىپ قالغان. 

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ مەنىسى خېلىلا چوڭقۇر ئىدى.  ئۇنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭمۇ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى باردەك قىلاتتى، بەلكىم ئۇمۇ ئامالسىز مۇشۇ يولغا مېڭىپ قالغان بولسا كېرەك.  مەن گەپ قىلمىدىم، ئۇ رىشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئالمىنى نەچچە چىشلەم يىدى، ئالمىنىڭ تەمى تېتىمىدىمۇ قانداق قىيادىن قارىتىپ ئېتىۋەتتى.  ئاندىن قىيادىن پەسكە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتتى.  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مېنى تۇتقۇن قىلغىنىنى دېمىسەم ئۇنىڭ نۇرغۇن كەچۈرمىشلىرى بارلىقىنى ئويلاپ قالغان ئىدىم. 

_ مەندىن بەك نارازى ئوخشايسىز ھە؟ _ تۇيۇقسىز شۇنداق دەپ سورىدى ئۇ. 

_  مېنى تۇتقۇن قىلغان ئادەمدىن نارازى بولماي رازى بولۇپ رەھمەت ئېيتسام بولامتى ئەمىسە؟  يالغۇز نارازى ئەمەس، مەن سىزگە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ. 

ئۇ كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.   

_  سىزنىڭ يۈزىڭىز ئەجەبمۇ قېلىن ئىكەن.   ئۈمىدنى ئىنىڭىزنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرەلمەي قالسا  500 مىڭ بېرىسەن دەپسىز.  نىمىشقا پۇل بەرگۈدەك؟ ئۇنىڭ سىزگە قەرزى بولمىسا يا؟ 

ئۇ دەرھال ماڭا قارىدى. 

_ ئۇ سىزگە شۇنداق دېدىما؟ 

مەن ئۇنىڭغا «سېنىڭ قانداقلىقىڭنى مەن ئاللبۇرۇن بىلىپ بولغان» دېگەن مەنىدە قاراپ «ھەئە» دېدىم.  ئۇ تۇيۇقسىز مەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، قورققىنىمدىن كەينىمگە داجىپ بېرىپ رىشاتكىغا يۆلىنىپ قالدىم.  ئۇ ماڭا يېقىن كېلىپ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى.  مەن ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭغا چەكچەيدىم. 

_ ماڭا يېقىن كەلمە. 

ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ مىيىقىدا كۈلدى. 

_ بايا بىر گەپنى خاتا قىلدىڭىز. ئۇنىڭ سىزگە قەرزى بولمىسا دېدىڭىز، سىزگە دەپ قوياي، ئۇ ماڭا قەرز، ئۇلار بىر ئائىلىلىك ھەممىسى ماڭا قەرز. 

قورققىنىمدىن گەپ قىلالماي قالدىم، ئۇ بۇ ھالىتىمگە قاراپ يەنە كۈلدى. 

_ نىمە؟ قورقۇپ كەتتىڭىزما؟ بۇ تېخى ئىشلارنىڭ باشلىنىشى، ئويۇننىڭ قىزىقى كەينىدە. 

شۇ چاغدا ئۇنىڭ قەرز سۈيلەپ كەلگىنىنى غۇۋا ھېس قىلغاندەك بولغان ئىدىم، لېكىن كېيىن ئويلاپ باقسام بەزى قەرزلەرنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسكەن.  بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئۇ قايتىپ كېتەيلى دېدى ۋە ماڭا ماشىنا ھەيدەتكۈزمەكچى بولدى. 

_ بايا تېرىنېر سىزگە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتىشىمنى تاپىلىغان،  ئۆگەتمىسەم ئۆگەتمەپسەن دەپ مەندىن رەنجىپ قالمىسۇن.  سىز ھەيدەڭ. 

ئۇ مېنىڭ جاۋاب بېرىشىمنى كۈتمەيلا ياندىكى ئورۇندۇققا چىقىپ ئولتۇردى.  مەن جاھىللىق قىلىپ ماشىنىغا چىقماي تۇرۇپ باقتىم، لېكىن پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئامالسىز ماشىنىغا چىقتىم.  مەن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقىلى خېل بوپ قالغاچقا ئاساسىي مەشغۇلاتلارنى بولسىمۇ بىلەتتىم، يەنە كېلىپ يېنىمدا تېرىنېر ئولتۇرغاندا يولدىمۇ ھەيدەپ باققان.  ماشىننىى ئاستا ھەيدەيدىغان ئىش بولسىمۇ ھەيدىمىسەم بولمايتتى.  ماشىنىغا چىقىۋېتىپ بۇ ئەردىن تېزرەك قۇتۇلۇشنىلا ئويلاپ كەتتىم.  ياق، ئىككىنچى كۆزۈممۇ كۆرمىسىكەن دەيمەن. 

ئۇ ماشىنىنىڭ مۇزىكىسىنى ئېچىپ قويۇپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ كېرىلىپ ئولتۇرۇشى كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى. 

_  ماڭا رول تۇتقۇزۇپ قويۇپ خاتىرجەم ئولتۇرالامسىز؟ ماشىنىنى ئۇدۇللا تىك قىياغا ھەيدىسەم قانداق قىلىسىز؟

ئۇ يەنە سەت ھىجايدى. 

_  چىرايلىق بىر ساھىبجامال بىلەن قىيادىن چۈشۈپ كەتسەممۇ مەن رازى.  يەنە كېلىپ بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ خانىمىغا سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ بۇ جېنىم ئەرزىمەسلا بىر نىمە. 

   ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنىمنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ ماشىنىنى قوزغاتتىم.  ئۇ خىيالىدا يوق مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرغان بىلەن مەن جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم.  ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى بىر ئاز تېزلەتتىم. ماشىنا تاغ يولىدا بىر خىل سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى، جىددىيلىكىممۇ بايىقىغا قارىغاندا خېلىلا پەسەيگەن ئىدى.  تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايراپ كەتتى.  قارىسام تېلېفون ئۈمىدتىن كەلگەن ئىكەن.  مەن تېخى يېڭى رول تۇتقاچقا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ تېلېفون ئېلىشتىن قورقاتتىم، شۇنداقتىمۇ ئالاي دەپ تېلېفونغا قولۇمنى سوزۇشۇمغا ھەسەن ۋاقىراپ كەتتى. 

_  تېلېفونغا قارىماي يولغا قاراڭ، رول قېيىۋاتىدۇ_ ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمدىن تېلېفوننى تارتىۋالدى ۋە تېلېفوننىڭ ئىكرانىغا قاراپ كۈلدى. ئۇنىڭ تېلېفوننى ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ  تېلېفوننى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قولۇمنى سۇندۇم. بۇ چاغدا ماشىنىنىڭ رولى قېيىپ ئۇدۇل قىياغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0