大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 29- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 29- قىسىم aybarawazi
2023-07-09
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 30 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28




































ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
29 - قىسىم


شۇنداق تېز تېلېفونۇمغا قارىدىم، تېلېفون نىگارەدىن كەلگەن ئىكەن، سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم..

_ سەن قەيەردە؟ مەن ھازىرلا يېنىڭغا بارىمەن._ دېدى ئۇ جىددىيلەشكەن ھالدا. ئۇنىڭغا قەيەردىلىكىمنى دېمىدىم، «مەندىن ئەنسىرىمە»دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.  تېلېفونغا قاراپ سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مەن قېچىپ چىققاندىن بۇيان ئۈمىد بىرەر قېتىم تېلېفون قىلىپمۇ قويمىدى.  قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قېلىۋاتامدۇ يا نىمە بولساڭ بول دەپ مەن بىلەن كارى بولمامدۇ، بىلمىدىم.

_ ئۇ قىز ئۇنى ياخشى كۆرەمتى؟

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلسەم  ئازابلىنىدىغىنىم ئېنىق، ئەمما يەنىلا بىلگۈم كېلىپ ئىچىمنى بىر نىمە تاتىلىغاندەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن. ئۆتكۈر يەرگە قاراپ بىردەم تۇردى، ئۇ دەيمۇ دېمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاخىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ:

_ بىلىشىمچە، ئۇمۇ ئۈمىدنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، ئەمما نىمىشقىكىن ئۆزىنى بەك تۆۋەن كۆرەتتى، تازا جۈرئەتلىك ئەمەس ئىدى_ دېدى.

ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ، جۈرئەتلىك ئەمەس، ماڭىلا ئوخشايدىكەن. بەلكىم ھەرقانچە مۇنەۋەر ئايال بولسىمۇ ئۈمىدتەك ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرسە كېرەك. ماڭا ئوخشاش ئىنتايىن ئادەتتىكىچە، بىر ئاجراشقان ئايال تېخىمۇ شۇنداق بولىمەن دە.

_ ئەمەلىيەتتە بىز نازىيە بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنلا ئۇ  رېستۇرانلاردا ناخشا ئېيتىپ خېلى نام چىقىرىپ قاپتىكەن.  لېكىن ئون يىل بۇرۇن رېستۇران، قاۋاقخانىلار سەل قالايمىقان، ئايال ناخشىچىلارغا چاقچاق قىلىدىغان ناكەسلەرمۇ كۆپ ئىدى.  يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ نامى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا  رېستۇراندا ناخشا ئېيتىدىغانلار باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلەتتى. بىر قېتىم ئۈمىد بىرەيلەننىڭ نازىيەنى كەمسىتىپ بىر نىمە دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەن، ئۇلار شۇ سەۋەب بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان.

ئۈمىدنىڭ 520 بەزمىخانىسىدا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن ئىشى ئېسىمگە كەلدى.  شۇ چاغدا باشقىلار ناخشىچى نازىيەنىڭ يامان گېپىنى قىلغاچقا شۇڭا چىدىماي ئۇرۇشۇپتىكەن دە.  بۇنىڭدىن ئۇ قىزنىڭ ئۈمىدنىڭ يۈرىكىگە قانچىلىك ئورناپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس، ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا  بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇرۇشۇپ يۈردى .

ئۆتكۈر گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

_  ئەسلى ئۈمىد ئىككىمىز تىببىي شۆيۈەنگە بىللە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن.  ئەمما ئۇنىڭ ئىمتىھان بەرگۈسى يوق، چوڭ دادام ئۆزى دوختۇر بولغاچقا ھەممە نەۋرىلىرىنى دوختۇر بولسىكەن دەپ ئويلايتتى.  مەن دوختۇرلۇق كەسپىنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئۈمىد دوختۇرلۇققا قارىغاندا مۇزىكىنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى.  شۇڭا  ئۇ ئىشتىن سىرت بىر مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللىگەن، مۇزىكا ئەترىتىگە مېنىمۇ ئەكىرگەن.

ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.

_دېمەك سىزمۇ تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنسىز دە.

ئاۋازىم چىڭراق چىقىپ كەتتىمۇ قانداق، ئۆتكۈر سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

_ ھەئە، مەن دۇمباقچى، قوشۇمچە تېكىست يازاتتىم.

_ ئەمىسە، «ھايات» دېگەن ناخشىنى سىز يېزىپتىكەنسىزدە؟

ئۆتكۈر كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.  مەن ئىزچىل ئۇ ناخشىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم، ئۇ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتەك ماڭا ئىلھام، مەدەت بېرىپ كەلگەن ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ تېكىستىنى يازغان ئادەم ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. مەن ھەم ھەيرانلىق، ھەم ھاياجان ئىلكىدە ئۇنىڭغا قارىدىم، بايىقى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.

_  بىلەمسىز؟ مەن ئۇ ناخشىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.  بۇ ناخشا ماڭا ئاتاپ يېزىلغاندەكلا بىلىنىدۇ.

ئۆتكۈر سەل ئوڭايسىزلىنىپراق:

_  ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم_ دېدى.

_ لېكىن سىز  دۇمباقچىغا ئازراقمۇ ئوخشىمايدىكەنسىز_ دېدىم مەن ئۇدۇللا.

_  شۇنداقمۇ؟  ئۇنداقتا سىزنىڭچە ماڭا  قايسى ساز ماس كېلىدىغاندەك قىلىدۇ؟

  مەن بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن:

_ مېنىڭچە سىزگە پىيانىنو، ئىسكىرىپكا دېگەندەكلەر بەكرەك ماس  كېلىدۇ.  دۇمباق چالىدىغانلار ماڭا بىر خىل ياۋايىدەك تەسىر بېرىدۇ_ دېدىم.

_ ياۋايى؟

 ئۆتكۈر بۇ گېپىمدىن كۈلۈپ كەتتى ۋە:

_   بەلكىم مېنىڭمۇ ياۋايى تەرىپىم بار بولۇشى مۇمكىن، سىز كۆرمىدىڭىز خالاس.

مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇنىڭ دۇمباق ئۇرىۋاتقان ياۋايى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم، لېكىن ھەرقانچە قىلساممۇ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم.  

_ بۇ گەپچە مەن دۇمباقنى خاتا تاللاپ  قاپتىمەن-دە؟ ئۈمىد گىتارنى بەك ياخشى چالىدۇ، سىزنىڭچە  گىتار ئۇنىڭغا ماس كېلەمدۇ؟

گىتارنىڭ گېپى چىقىۋىدى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا قاپىقىنى تۈرگىنى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.  ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ قاپىقىنى تۈرۈشى گىتار سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى ھېلىقى نازىيە سەۋەبلىككەن.  يەنە كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى.

_ مەن ئۇنىڭ گىتار چالغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇ چالالمايمەن دەپ تۇرىۋالدى.

_ نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمىد گىتارنى قايتا قولىغا ئالمىدى، تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىمىزمۇ  شۇنىڭ بىلەن تارقىلىپ كەتتى.

دېمەك ئۈمىد نازىيەنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق.  ئەزىمەت ماڭا مەن ئۇنىڭ قىز دوستىنى تارتىۋېلىپ ئاياق ئاستى قىلغاچقا ئۇ مېنىڭ ئايالىمنى تارتىۋالغان  دېگەن، ئەمما ئۆتكۈر ئۈمىد بىلەن نازىيە بىر بىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى دەيدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟

_ نازىيە بىلەن ئەزىمەتنىڭ ئىشى قانداق ئىش؟ نازىيە نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان؟_ يەنە سورىدىم.   ئۆتكۈر بېشىنى چايقاپ:

_ بۇ ئىشنى پەقەت ئۈمىدلا  بىلىدۇ. لېكىن بىزگە دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. نازىيە ئۆلۈپ كىتىپ ئەتىسى ئۇ مەكتەپتە ئەزىمەتنى ئۇرۇپ پۇتىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ، شۇڭا نازىيەنىڭ ئۆلۈمى ئەزىمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ ئويلىدىم. شۇ چاغدا ئۇ ئەزىمەتنى بەك قاتتىق ئۇرۇپتىكەن، ئەگەر باشقا ساۋاقداشلار مەكتەپ رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ كەلمىگەن بولسا ئۈمىد ئەزىمەتنى نىمە قىلىۋېتەر بولغىيتتىكىن تاڭ.  مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئۈمىد مەكتەپتىنمۇ ھەيدەلدى.

ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ بىردەم تۇرىۋېلىپ ماڭا قاراپ:

_ ئۈمىدنى ياخشى كۆرەمسىز؟_ دەپ سورىدى.  بۇ سۇئالنى مېنىڭمۇ ئۆزۈمدىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ. مەن ئۈمىدنى ياخشى كۆرىمەنمۇ؟ ياخشى كۆرمىگەن بولسام يۈرىكىم ئاغرىماس بولغىيتتى.  ئەگەر ياخشى كۆرسەم قاچاندىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم؟ ئۆزۈممۇ جاۋاب بېرەلمەيتتىم.  «سۈكۈت قىلغانلىق ئېتىراپ قىلغانلىق» دېگەندەك ئۆتكۈر مېنىڭ جاۋاب بەرمىگىنىمدىن سۇئالىنىڭ جاۋابىنى بىلگەندەك  قولىغا بىر تال ئوت-چۆپنى ئېلىپ ئويناپ ئولتۇردى.

_ ئەمەلىيەتتە ئۈمىد مەكتەپتىن ھەيدەلگىىنىگە ئانچە ئاھ ئۇرۇپ كەتمىدى، چۈنكى ئۇ دوختۇرلۇق كەسپىگە قىزىقمايتتى ئەمەسمۇ.

_ لېكىن ئۇ داۋاملىق مۇزىكا بىلەنمۇ شوغۇللانماپتۇغۇ؟

_ ئۈمىدنىڭ سودا ئېڭى بەك كۈچلۈك، دەسلەپتە نۇرغۇن جاپا تارتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرگە ئايلاندى. شۇڭا ئۇنىڭ سودا قىلىش يولىنى تاللىغىنى توغرا بولغان دەپ قارايمەن.

ئەمىسە ئۇنىڭ ئارزۇسىچۇ؟  ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە بىلەن بىللە يوق بولدىما؟ بۇنى ئۆتكۈردىن سورىمىدىم.  ئادەم ياش، گۆدەك ۋاقىتلىرىدا ئارزۇنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالىدىكەن، ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەسلەپكى قىزغىنلىق ئاستا ئاستا سۇسلايدىكەن.  ھازىرقى ئۈمىد بىلەن مېنىڭ ئارامدا ئاسمان زىمىن پەرق بار.  بۇنى بۇرۇنراق ھېس قىلىشىم، بەك چوڭ تامادا بولماسلىقىم كېرەك ئىدى.  مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ئادەمدەك ھېس قىلدىم، نىمىشقا   مەن ئۇچراتقان ئادەملەرنىڭ ھېچقايىسىسى ماڭا چىن كۆڭلىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ؟

شۇ ھالەتتە  تاغدىن باغدىن سۆزلىشىپ خەلق مەيدانىدا خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇق.  ئۆتكۈر ماڭا ئۈمىد ئىككىسىنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بەزى يەرلىرىگە كەلگەندە كۈلۈپ يۇمىلاپ كەتكىلى تاس قالدىم.

_ بەك كەچ بولۇپ كەتتى،  نازىيە،  ئۈمىد ئەنسىرەپ قالمىسۇن، داچىغا ئاپىرىپ قويايمۇ؟

  ھازىر داچىنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئىسمىمۇ ماڭا شۇنچىلىك يىراق، شۇنچىلىك ناتونۇش ئاڭلىنىۋاتاتتى.

_ ياق_ دېدىم مەن تېزلا_ داچىغا كەتمەيمەن.

_ داچىغا كەتمىسىڭىز بىرەر دوستىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارامسىز؟ شەرقىي بازاردىكى ئئۆيىڭىزگە كىتەمسىز يا؟

  قەيەرگە بارىمەن؟ نىگارەنىڭ يېنىغا بارسام كېچىچە ئۈمىد ئۇنداق ياخشى تۇرسا، مۇنداق ياخشى تۇرسا دەپ قۇلاق مېڭەمنى يەيدىغىنى ئېنىق.  يەنىلا  شەرقىي بازارغا كىتەي. ئەمما ئۆتكۈرنىڭ « شەرقىي بازاردىكى ئۆيىڭىزگە كىتەمسىز يا؟» دېگەن گېپىدىن ھەيران قالدىم.

_  مېنىڭ شەرقىي بازاردا ئۆيۈم بارلىقىنى سىز قانداق بىلىسىز؟_ ھەيران بولۇپ سورىدىم مەن، بايا ئۈمىد دەپ بەرگەنمىدۇ يا دەپ ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۈم.

_ سىز دەپ بەرگەن_ دېدى ئۇ.

تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم، ئۆتكۈر بىلەن تېخى بايا تونۇشتۇم، تونۇشقاندىن بۇيان شەرقىي بازار توغرىلىق گەپ بولمىدىغۇ؟ ئۈمىدنىڭ دەپ بەرگىنىنى ماڭا بىلدۈرگۈسى كەلمەپتۇ دە،  بوپتۇ، مەنمۇ سوراپ  خىجىل قىلىۋەرمەي.  ئۆتكۈر شوپۇرغا «شەرقى بازارغا» دېگەندىن باشقا تاكى شەرقى بازارغا بېرىپ بولغىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ  قىلمىدى.  ماشىنىدىن چۈشۈپ، كوچىنىڭ ئىچىگە قاراپ قاپقاراڭغۇ تۇرغىنىنى كۆرۈپ «يۈرۈڭ، مەن بىنانىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قوياي» دەپ تېلېفونىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ  ئىچىگە قاراپ ماڭدى. مەنمۇ كەينىدىن ماڭدىم.

_ ئۈمىد مېنىڭ يېرىم كېچىدە ناتونۇش ئەر كىشى بىلەن بۇ تار كوچىدا ماڭغىنىمنى بىلسە مېنى نېمە دەپ قالار؟_ ئاۋازىمنىڭ چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي شۇنداق دەپ سالدىم.

_ مەن ناتونۇش ئادەم ئەمەس_ دېدى ئۆتكۈر.

_ بىلىمەن، سىز دېگەن ئۈمىدنىڭ نەۋرە ئىنىسى_ دېدىم مەن دەرھاللا.

_ نازىيە، مېنى راستلا تونۇيالمىدىڭىزما؟_ دېدى ئۆتكۈر.

   ئۆتكۈرنىڭ گېپىنى تېخى ئاڭقىرىپ بولالماي تۇرۇپلا ئالدى تەرەپتە، بىنانىڭ ئالدىدا بىرەيلەننىڭ زۇڭزىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم، گەرچە قاراڭغۇ بولسىمۇ تۇرغان ئادەمنىڭ ئۈمىد ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالدىم.  ئۇ بىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمىزغا كەلدى.  يول ئېگىىز پەسمۇ يا مەن پۇتلىرىمنى باشقۇرالمىدىممۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ئۈمىدنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغىچە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم، ئۇ دەرھال كېلىپ يۆلىدى.

_ بولدى سەن كېتىۋەر، ئۆتكۈر.  رەھمەت ساڭا. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ ئاراممۇ ئالمىدىڭ، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئال. _ دېدى ئۈمىد ئۆتكۈرگە قاراپ.

مەن ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتىم.

_ ماقۇل ئەمىسە، مەن قايتاي_ دېدى ئۆتكۈر ۋە بىز بىلەن خوشلىشىىپ ماڭدى. بىناغا چىققىچە ئۈمىد ھە دېسە قولۇمنى تۇتىۋالىمەن دەپ ئېسىلاتتى، مەن بولسام ئۇنى ئىتتىرىپ:

_ سىز كېتىڭ. مېنى يالغۇز قويۇڭ _ دەيتتىم.  كەچ بولۇپ كەتكەن بولغاچقا كارىدوردا ئۈنلۈك ئاۋازدىمۇ گەپ قىلالمايتتىم.  ئۆينىڭ ئالدىغا چىققاندا ئىشىكنى ئاچماي تۇرىۋالدىم.

_ ئىشىكنى ئېچىڭ ، نازىيە.  ئۆيگە كىرىپ يېتىپ بولغىنىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئاندىن كېتەي_ دېدى ئۇ.

_ ئەمدى مېنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. كەتمىسڭىز مەنمۇ ئىشىكنى ئاچمايمەن_ دەپ تۇرىۋالدىم.  

_ بۇنچىلىك ئاشۇرىۋەتمەڭ ، نازىيە_ قارىغاندا ئۇنىڭ سەۋر قاچىسى توشقان چېغى، تەلەپپۇزىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.  مەن گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالدىم.

_ ماقۇل، مەن كىتەي،  ئۆيگە كىرىپلا يېتىپ ئۇخلاڭ ئەمىسە. ئۇخلىماي يىغلاپ يېتىشقا بولمايدۇ-ھە،  گەپ ئاڭلاڭ_  تۇيۇقسىزلا يەنە ئاۋازى يۇمشاپ، ماڭا بىر مۇنچە چىرايلىق گەپ قىلىپ بېشىمنى سىلاپ قويۇپ چۈشۈپ كەتتى ئۇ.

ئۆيگە كىرىپلا كىيمىمنىمۇ ئالماشتۇرماي ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم. كۆز ئالدىمدا ئۈمىد بىلەن ھېلىقى نازىيە.  قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، چۈشۈمدىمۇ يەنە شۇ ئۈمىد بىلەن ھېلىقى نازىيە.

ئەتىسى ئەتىگەن پۈتۈن بەدىنىمنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك شۇنچىلىك ئېغىر تۇرۇپتىمەن. ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك چېكىلدى. ئاچسام  ئۈمىد ناشتىلىق ئېلىپ كەپتۇ.

_ سىز يېنىمدا بولمىسىڭىز ناشتا قىلغۇممۇ كەلمەيدىكەن، مەلىكەم. _ ئۇ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا ئەركىلىدى.  ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم. بىر قارىسام شۇنچىلىك ناتونۇش، بىر قارىسام مەن ياخشى كۆرىدىغان ئۈمىد. راستىمنى ئېيتسام مەنمۇ گاڭگىراپ قالدىم. «ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرى زادى راسمىدۇ يا يالغانمىدۇ؟»

_ سىز كېتىڭ ئۈمىد. ئەمدى كەلمەڭ، مېنىڭمۇ سىزنى كۆرەر كۆزۈم يوق.

_ مەن بىلەن توي قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلدىڭىزما؟_ تۇيۇقسىز شۇنداق سورىدى ئۇ.

_ ھەئە، پۇشايمان قىلدىم.  ئالدىراپ تېنەپلا كۆڭلىدە  ماڭا قىلچە ئورۇن يوق بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.  مەندىن پايدىلانماقچى بولغان ئادەمنىڭ پايدىلىنىش قورالى بولۇپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.  

كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىدىم، ئەسلى  ئۈمىدنىڭ ئالدىدا ئەمدى ھەرگىز ياش تۆكمەيمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم، ئەمما ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي قالدىم.

_ چوقۇم مۇشۇنداق قىلمىسىڭىز بولمامدۇ؟ 

كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ئېپ قېچىپ  دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرىۋالدىم.

_  ئۈمىد، ھازىر سىزنى كۆرگۈم يوق، ئاۋازىڭىزنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق.  بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، سىز كېتىڭ.

ئۈمىد بىردەم ماڭا قاراپ تۇردى، نىمىلا دېسەم بىكاركەن دەپ ئويلىدىمۇ قانداق، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئىشىكنى ئېچىپ بولۇپ كەينىگە يېنىپ كىرىپ ماڭا:

_ قانداقلا ئىش  بولسا ئاۋۋال  ناشتا قىلىڭ. تاماق يىمەي ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ. _ دېدى.

_ ھە_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي.

_ ئەمىسە مەن كىتەي، كەيپىياتىڭىز سەل ئوڭشالغاندا ئاندىن سۆزلىشەيلى.

ئۇ كەتتى.  سۆزلىشەيلى دەيدۇ، نىمىنى سۆزلىشىدىكىنە،  مەن بىلەن ئاجراشماقچىمىدۇ يا مەندىن پايدىلانغىنى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىماقچىمىدۇ؟

ئۇنىڭ راستلا كەتكىنىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئەكەلگەن ناشتىلىقنى ئېچىپ ناشتا قىلدىم. تاماققا ھېچ رايىم يوق، ئازراق يەپلا گېلىمدىن ئۆتمىدى، يىغىشتۇرۇپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ تەييارلىقىمنى قىلىپ ئىشقا ماڭدىم.  يولدا ماڭغاچ تېلېفونۇمنى ئېچىپ قارىدىم، چايكادىن ئۇچۇر كەلگەن ئىكەن. « خەيرلىك سەھەر، نازىيە، ھاياتلىقتا خۇشاللىق بىلەن قايغۇ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىدۇ، ھەر قايغۇنىڭ كەينىدىن بىر خۇشاللىق بار، قانداقلا ئىش بولسا ھەرگىز روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ».  ماڭا يەنە نىمە خۇشاللىق بولسۇن؟

ئەمدى ئىشخانىغا كىرىپ تۇرسام ئۈمىد تېلېفون قىلدى.  تېلېفوننى ئالماي بېسىۋېتىپ ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويدۇم. ئاياللار ھېسسىيات جەھەتتە قانچە زەربىگە ئۇچرىغانچە ئۆزىنى شۇنچە كۈچلەندۈرگۈسى كېلىدىكەن، ئەرلەر بولمىسىمۇ ياشىيالايمەن دەيدىغان ئىرادىسى كۈچىيىپ كېتىدىكەن.

بىردەمدىن كېيىن ئىشخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش قىزىىق لىنىيە تېلېفونى سايرىدى، مەن تېلېفوننى ئالدىم.

_ ۋەي، ياخشىمۇسىز، شەنخۇا دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى.

تېلېفوننى بىر ئەر كىشى ئۇرغان ئىكەن. ئۇ نااھاىيىتى جىددىيلەشكەن ھالدا:

_ ياخشىمۇسىز،  مىنى قۇتقۇزىۋېلىڭ _ دېدى.  بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردۇم، _ ئالدىرىماي سۆزلەڭ، نىمە ئىش بولدى؟

_ بۇ يەردە قاتتىق جىدەل چىقىپ بىر نەچچە دوستۇم ئۆلتۈرۈلدى.  ھازىر مەن بىر دالدىغا يوشۇرنۇپ تۇرىۋاتىمەن، بەك قورقۇپ كەتتىم.

_  ھە؟_ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. _  ئالدىرىماي سۆزلەڭ، سىز ھازىر قەيەردە؟ ئورنىڭىزنى دەپ بېرىڭ، بىز ھازىرلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئەۋەتىمىز.  ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويايمۇ؟

قارشى تەرەپ ئاۋازى تىترىگەن ھالدا:

_ مەن...مەن ھازىر بىر دورىخانىنىڭ كەينىدە.  بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن، تېز كېلىپ مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار_ دېدى.

قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى تونۇش بىلىنىپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم. بۇ چاغدا ئۇ چىداپ بولاماي كۈلۈپ تاشلىدى، دەرۋەقە تېلېفون ئۇرغىنى فەرۇق ئىكەن.  «مېنى ئەخمەق قىپتۇ» دەپ ئويلاپ ئاچچىقىم كېلىپ :

_ نىمە بولسىڭىز بولۇڭ، ماشىنا ئەۋەتمەيمىز_ دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.  ئانار ھەدەم گېپىمنى ئاڭلاپ چۈچۈپ، كەينىڭىزگە قاراڭ دەپ ئىشارەت قىلدى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام مۇدىر ماڭا قاراپ تۇرۇپتىكەن.

_ نازىيە، سىزنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىڭىزدە ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن. بۇ دېگەن جىددى قۇتقۇزۇش قىزىق لىنىيىسى، تېلېفون قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جىددى ياردەمگە موھتاج كىشىلەر.  نىمە بولسىڭىز بولۇڭ دېگىنىڭىز نىمىسى؟  بىمارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئاڭلىسا قانداق ئويلايدۇ؟  بۇنداق قىلسىڭىز دوختۇرخانىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىسىز جۇمۇ.

_ ئۇنداق ئەمەس، مۇدىر ئۇ......

_ بولدى چۈشەندۈرمەڭ. چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن بىر پاچە تەكشۈرۈشنامە يېزىپ  تاپشۇرۇڭ.  قانداق دېگەن گەپ بۇ_ مۇدىر شۇنداق دەپلا  كەينىگە يېنىپ چىقىپ كەتتى.

خەپ دېدىم ئىچىمدە.

_ نازىيە، بۇنداق قىلسىڭىز راستلا بولمايدۇ_ ئادەتتە ماڭا شۇنداق كۆيۈنىدىغان ئانار ھەدەممۇ ماڭا سەل تېرىكىپ قالدى.

_ ئۇنداق ئەمەس، ئانار ھەدە، قارشى تەرەپ ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئۇرغان تېلېفونكەن. _ دېدىم  مەن  ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغان تەلەپپۇزدا.

_ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئادەملەرمۇ بار، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تېلېفون قىلىپ ئۇنى بۇنى دەپ باقىدىغان.  لېكىن سىزمۇ بۇنداق مۇئامىلىدە بولسىڭىز بولمايدۇ.  بۇ دېگەن ئەڭ ئەقەللى كەسپى ئۆلچەم.

_ ماقۇل، ماقۇل، بىلدىم، مەن خاتا قىپتىمەن، تەكشۈرۈشنامە يازاي_ دېدىم مەن تازا قايىل بولمىغان بولساممۇ.  ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتە ئۆتمەي تېلېفون يەنە سايرىدى.

_ ۋەي، ياخشىمۇسىز، شەنخۇا دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى.

_ بۇ  مەن.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k