
بۇ ئەسەرنىڭ 29 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
|
يىغىن زالىدىكى ئون نەچچە ئادەم تەڭلا ماڭا قارىدى، شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئۈمىد باش دېرىكتور ئورنىدا ئولتۇرۇپتىكەن، مېنىڭ كەلگىنىمنى، يەنە كېلىپ ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ كىرگىنىمنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى.
_ كەچۈرۈڭلار، داۋاملاشتۇرىۋېرىڭلار. _ ئاستا كەينىمگە يېنىپ يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ يېنىپ چىقتىم. ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم، ياردەمچى چاي دەملەپ ئەكىرىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويدى. تەخمىنەن 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۈمىد ئىشخانىسىغا كىردى. بۇنىڭغىچە مەنمۇ خېلى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم، شۇڭا ئۇ كىرگەندە چىرايىمغا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە يۈگۈرتتۈم.
_ سىزدە ئۆزگىرىش بەك چوڭ جۇمۇ ، مەلىكەم، ئىشىكتىن كىرىشلىرىڭىز شياڭگاڭلىق ئارتىسلارنىڭ ئۆزى. _ كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلدى ئۇ كرىسلودا ئولتۇرغاچ. قارىسام ئۇ مېنىڭ بايىقى ئىشىمدىن خاپا بولغاندەكمۇ قىلمايتتى. _ كەپ قاپسىزغۇ، مېنى سېغىنىپ كەلدىڭىزما؟
ئۇ مېنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قالغىنىمنى بىلمىگەچكە يەنە بۇرۇنقى پەدىدە گەپ قىلىشقا باشلىدى.
_ ھە._ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، راستىمنى دېسەم نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم.
_ سېغىنىپ كەتكەن بولسىڭىز تېلېفون قىلسىڭىز مەن باراتتىم ئەمەسمۇ. جاپا تارتىپ ئۆزىڭىز كېلىپسىز، مەلىكەم_ شۇنداق دەپ ئېڭىكىمنى تۇتۇپ ئەركىلەتتى ئۇ.
ئۇنىڭ قولىنى ئاستا چۈشۈرىۋەتتىم.
_يېقىندىن بۇيان ئالدىراش ئىشلەپ بەك چارچاپ كەتتىم، بۈگۈن كەچتە 520 بەزمىخانىسىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەيلىچۇ_ دېدىم مەن.
_ بۈگۈن خوتۇنۇمدا ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك زور جۇمۇ، تونۇيالمايلا قېلىۋاتىمەنغۇ؟ ئادەتتە بارايلى دېسەم تارتىشىپ يۈرۈپ ئاران ماقۇل دەيدىغان ئادەم بۈگۈن ئۆزىڭىز تەلەپ قىلىۋاتامسىز؟ بولىدۇ، بولىدۇ. مەلىكەمنىڭ گېپىگە ماقۇل دېمىسەم بولمايدۇ.
ئۇ بۇ گەپلەرنى شۇنچىلىك تەبىئىي ھالەتتە دەۋاتاتتى، «مەلىكەم»، «خوتۇنۇم» بۇرۇن ھەر بىر ئاڭلىسام بىر ھاياجاندىن يۈرىكىم ئالاھىدە دۈپۈلدەپ كېتىدىغان بۇ سۆزلەر ماڭا شۇنچىلىك ناتونۇش بىلىنىۋاتاتتى.
كەچقۇرۇن بولغاندا 520 بەزمىخانىسىغا باردۇق. مەن نىگارەنى چاقىرىۋالدىم، ئۈمىد بىر نەچچە دوستىنى چاقىرىۋالغان بولدى. مەن ئالايىتەن سەل چەتتىكى ئايرىمخانىنى تاللىدىم، بۇ يەردە پاراڭلاشساقمۇ سىرتتىكى مۇزىكىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتمەيتتۇق. ھەممەيلەن كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن كۈلكە چاقچاق دېگەننى ياغدۇرىۋەتتىم. ئۈمىد سەل ھەيران بولغان ھالدا:«بۈگۈن سەل بىنورمال تۇرىسىزغۇ» دېدى پىچىرلاپ. ئاڭلىمىغانغا سېلىپ يېنىمدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ ئولتۇرىۋەردىم. مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۈيقەستىنى قانداق قىلىپ نىقابلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن نىقابلىنىپ ئۆزۈمنى قوغداش يولىنى تاللىغان ئىدىم.
بىرەر قۇر كۈلكە چاقچاق پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن بويرۇق قەرت ئويناش تەكلىپىنى بەردىم، ئۈمىدنىڭ چاقىرغان دوستلىرى بىر بىرىدىن شوخ يىگىتلەركەن. مەن دەپ بولغۇچە بىرسى يۈگۈرۈپ چىقىپ قەرتتىن بىرنى تېپىپ كىرىپتۇ. ئۈمىدنىڭ نەزىرىدە مەن بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينايدىغان ئادەم ئەمەس ئىدىم. شۇڭا ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ماڭا قاراپلا قېلىۋاتاتتى. بويرۇق قەرت ئويناشقا باشلىدۇق، بىر نەچچە قول ئوينىغاندىن كېيىن بويرۇق ئورۇنلاش نۆۋىتى ماڭا كېلىپ قالدى. بويرۇقنى نىگارە قىلىدىغان بولدى. ئۇ ھازىردىن باشلاپ ئىشىكتىن كىرگەن بىرىنچى ئادەم بىلەن تونۇشىسەن دېدى. ھەممەيلەن چىرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى، پەقەت ئۈمىدلا كۈلمەي ھەيرانلىقىنى باسالمىغان ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇرىۋەردى.
_ چاتاق يوق_ دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە باردىم. ئۈمىدنىڭ چىرايىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم. نىمە ككارىم؟ ئۇ ئاشۇ ئىشلارنى قىلغاندا مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئويلاپ قويۇپتىكەنغۇ؟ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىشىكتىن بىر يىگىت كىرىپ كەلدى. قارىسام خېلى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. ئۇ ئۇچىسىغا ئاق كۆينەك، قارا ئىشتان كىيىۋالغان، بىر قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، يەنە بىر قولىدا كاستيۇم چاپىنىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، بېشىدىن ئايىقىغىچە بىر خىل ئېسىلزادىلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
_ ئەپەندىم_ دېدىم مەن ئۇنى يېڭىدىن تارتىپ. ئاۋازىمنى ئاڭلاپ قەدىمىنى توختىتىپ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى ئۇ. ئىشىكتىن كىرىپلا بىر قىزنىڭ ئۇنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك. پەمىمچە بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراپ تۇرىۋاتاتتى، بولۇپمۇ ئۈمىدنىڭ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەيۋاتقىنى ئېنىق. قولۇم بىلەن تۇتۇپ تۇرغان بۇ كۆينەكنىڭ رەختىنىڭ ئېسىللىقىنى بىر تۇتۇپلا بىلگىلى بولاتتى. «تازا بىر پۇلدارنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدىممۇ نىمە» دەقىقە ئارىلىقىدا شۇنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. راستىمنى ئېيتسام شۇ تاپتا ئۆزۈممۇ جىددىيلىشىپ تۇراتتىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ ناتونۇش ئەرنىڭ پىشىگە ئېسىلىپ گەپ قىلىشىم تۇنجى قېتىم.
_ بىز بويرۇق قەرت ئويناۋاتاتتۇق. مەن بويرۇققا بىنائەن ئىشىكتىن بىرىنچى بولۇپ كىرگەن ئادەم بىلەن تونۇشىدىغان بولغان، ئىشىكتىن سىز كىرىپ قالدىڭىز. تونۇشۇپ قالساق بولامدۇ؟
بۇ يىگىت ئۈستى بېشىمغا بىر قارىۋېتىپ:
_ تونۇشۇپ قالساق ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرىڭە ئەمىسە. _ دېدى.
_ مېنىڭ ئىسمىم نازىيە_ دەپ قولۇمنى چىقاردىم.
_ نازىيە؟ _ ئۇ ئىسمىمنى ئاڭلاپ چۆچۈگەندەك قىلىپ چىرايىمغا بىر قارىۋېتىپ_ ئىسمىڭىز ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىق ئىكەن_ دېدى.
_ ئەمدى سىزمۇ ئىسمىڭىزنى دەپ بېرىڭ، دوستلىرىمنىڭ يېنىغا بارسام تونۇشقان ئادىمىڭنىڭ ئىسمى نىمە ئىكەن دېسە جاۋاب بېرەلمەي قالسام بولمايدۇ_ دېدىم مەن.
_ ئىسمىمنى دەپ بەرسەم بولىدۇ، ئەمما دەپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر شەرتىم بار_ دېدى ئۇ.
_ نىمە شەرت؟_ قىزىقىپ سورىدىم مەن. تونۇمايدىغان بىر ئادەمنىڭ قانداق شەرت قويۇشىغا قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم.
_ مەن ئالدىراپ بىر ئادەم بىلەن تۇنۇشمايمەن، تۇنۇشقان ئادەم بىلەن چوقۇم يېقن دوست بولىمەن. مەن بىلەن دوست بولۇشقا ماقۇل بولسىڭىز ئاندىن ئىسمىمنى دەپ بېرىمەن.
تولۇمدىن توقماق چىققاندەك قويۇلغان بۇ شەرتكە دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.
_ سىزنى تەڭلىككە سېلىپ قويغاندەك قىلىمەن ھە، ئۇنداق يېرى بولسا دوست بولمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ_ دېدى ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىمغا قاراپ. مەن بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاندىن بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەم ئۇنى كىم تونۇيتتى دەپ ئويلاپ:
_ چاتاق يوق. _ دېدىم.
_ تونۇشقىنىمغا خۇشالمەن، نازىيە. مېنىڭ ئىسمىم ئۆتكۈر. _ئۇمۇ قولىنى سۇندى. ئىككىمىزنىڭ قول ئېلىشقىنىمىزنى ھەممەيلەن ئېنىق كۆردى.
_ دوستلىرىڭىز قەيەردە؟_ دېدى ئۇ قول ئېلىشىپ بولغاندىن كېيىن. مەن قولۇم بىلەن بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىنى شەرەتلىدىم._
_ مەنمۇ دوستىڭىز بولغاندىكىن، دوستلىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ قويسام يامان بولماس.
_ بۇ......
ئۇ مېنىڭ ئالدىمدىلا ئۇلارنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى. ئالدىراقسانلىق قىلغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم. ئەمما چاندۇرسام بولمايتتى. چۈنكى مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئۈمىدنىڭ ئالدىدا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىش قارارىغا كېلىپ بولغان ئىدىم.
_ ھە، مانا، تونۇشۇپ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلدىم، بۇ ياقنىڭ ئىسمى......_ گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى.
_ دەل ۋاقتىدا كەلدىڭ_ دېدى ئۈمىد كۈلۈپ تۇرۇپ. مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدىم. مەن بايا تونۇشقان ئۆتكۈر كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ تېلېفونۇمنى ئېچىشىمغا سېنىڭ ئۇچۇرۇڭ كەلدى. مېھمان قىلىمەن دېسەڭ ئەلۋەتتە باشقا يەرگە بارماي ئۇدۇل يېنىڭغا كېلىمەن-دە_ دېدى ئۈمىدكە قاراپ.
فەرۇق ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:
_ قايتىپ كېلىشكە قانداق كۆزۈڭ قىيغاندۇ؟_ دېدى.
بۇ قانداق ئىش؟ ئۇلار تونۇشامدىكىنە؟ مېنىڭ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد تونۇشتۇردى.
_ بايا تونۇشۇپ بولغان بولساڭلارمۇ قايتا تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇياق مېنىڭ نەۋرە ئىنىم، ئىسمى ئۆتكۈر. كاتتا دوختۇر. ئەسلى شاڭخەيدە ئىشلەيتتى، يۇرتنى، بىزنى سېغىنىپ قايتىپ كەلدى.
ھە، ئەمدى بىلدىم، بۇ ھېلىقى تاماق ئېتەلەيدىغان دوختۇر شۇكەندە.
_ بۇ ياق يەڭگەڭ، ئىسمى نازىيە.
_ نازىيە؟ يەڭگەڭ؟_ ئىسمىمنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى ئۇ. خۇددى بۇنداق ئىسىمنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاندەك ھەيرانلىق بىلەن ماڭا يەنە بىر قېتىم قارىۋەتتى. _ قاچان توي قىلىۋالدىڭ؟ ماڭا دەپمۇ قويماپسەنغۇ؟
ئۇ بۇ سۇئالنى ئۈمىدتىن سورىغىنى بىلەن كۆزى مەندە ئىدى.
_ توي مۇراسىمىنى تېخى ئۆتكۈزمىدۇق، شۇڭا ساڭا دېمىگەن_ دېدى ئۈمىد چۈشەندۈرۈپ.
ئۆتكۈر قولىدىكى كاستيومىنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ، كرىسلودا ئولتۇردى.
_ مەن تېخى ئىشىكتىن كىرىپلا بىر گۈزەل قىز ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى، بېشىمغا تەلەي قۇشى قونغان ئوخشايدۇ دېسەم، ئەسلى ئىگىسى بار قۇش ئىكەن ئەمەسمۇ؟_ دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ سېنى شاڭخەيدە ئۆيلىنىپ، دوختۇر قىزدىن بىرنى قولتۇقلاپ كىلەمدىكىن دېسەك، تېخىچە يالغۇزمۇ سەن؟ _ دېدى فەرۇق ئۇنىڭ ئالدىغا ئىچىملىك قۇيۇلغان ئىستاكاننى قويغاچ.
_ خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدا قىزلار بىلەن تونۇشقىدەك ۋاقىتمۇ يوق دېگىنە. ھە راست، ئويۇن ئويناۋاتامتىڭلار، مەنمۇ ئوينايچۇ.
ئەسلى كرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغان مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.
_ توغرا، داۋاملىق ئوينايلى. بويرۇق ئىجرا قىلىش ماڭىلا چىقىۋەرمەس_ دېدىم.
دېگەندەك بۇ قېتىم بويرۇق قىلىش نۆۋىتى ماڭا، بويرۇق ئىجرا قىلىش ئۈمىدكە كېلىپ قالدى، كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بولغان ئىدى.
_ ماڭا يول قويىسىزغۇ، مەلىكەم. ئۆيدە بويرۇقىڭىزنى ئىجرا قىلغاندىكىن يېتەر، بۇ يەردە بىر رەھىم قىلىۋېتىڭە_ كىچىك بالىدەك ئەركىلىدى ئۇ.
_ ياق، قائىدە دېگەن قائىدە. قائىدىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ_ دېدىم مەن چىڭ تۇرۇپ.
_ ماقۇل، ماقۇل، مەلىكەمنىڭ بويرۇقىنى جان دىل بىلەن ئورۇنلايمەن.
_ سۇئال سورايمەن، راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىسىز. قىلچە يالغان ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
_ بولىدۇ، بولىدۇ، سوراڭە.
_ سىزنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشىڭىز ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنمىتى؟
ئۈمىد بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. قەرتنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆردۈم. ھەممەيلەن ئېغىرراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۈمىدنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى، ئاغزىنى ئۆمەللەپ بىر نىمە دېمەكچى بولدىيۇ، ئەمما بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. بەلكىم دېگۈدەك گەپ تاپالمىغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ گەپ قىلمىغىنىنىڭ ئۆزى سۇئالىمنىڭ جاۋابى ئىدى.
_ نازى، بۈگۈن نىمە بولدى ساڭا؟ نىمانداق گەپ قىلىسەن؟ ئاراڭلاردا بىرەر ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟_ دېدى نىگارە. ئۇنىڭغىمۇ قارىمىدىم، ئورنۇمدىن تۇرغان پىتى ئۆزۈمنى تالاغا ئاتتىم. نىگارە كەينىمدىن چىقىپ خېلى يەرگىچە يۈگۈرۈپ باقتى، ئەمما مەن بەك تېز يۈگۈرگەچكە يىتىشەلمىدى بولغاي، ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىدىم. يولدا بىر مۇنچە ئادەملەرگە سوقۇلۇپمۇ كەتتىم. كەينىمدىن غۇدۇرۇشۇپ مېنى تىللىغانلارمۇ بولدى، ھەممىدىن پەرۋايىم پەلەك كېتىۋاتاتتىم.
_ توختاڭ.
بۇ مەن تېخى بايا تونۇشقان دوستۇم، ياق، ئۈمىدنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئۆتكۈر ئىدى.
_ سىز نىمىشقا كەينىمدىن چىقتىڭىز؟ _ چاپىنىنى قولىغا كۆتۈرىۋالغان ئۆتكۈرگە قاراپ قوپاللا گەپ قىلدىم.
_ دوستۇم خاپا بولۇپ قالغان تۇرسا، خاتىرجەم ئولتۇرالامدىمەن؟ تەسەللى بېرەي دەپ چىقىمەن دە.
_ ئاكا ئۇكا، دوستلار ئاران جەم بولغاندا ئۇزۇنراق ئولتۇرسىڭىز بولمامتى؟_ دېدىم مەن چىقىپ كىتەي دېگەن ياشلىرىمنى زورىغا بېسىپ.
_ ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنداق ۋاراڭ چۇرۇڭ جايلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن. يەنە كېلىپ ئەمدى قايتىپ كەتمەيمەن، شۇڭا ئۇلار بىلەن كېيىن يەنە كۆرۈشىىۋالىدىغان پۇرسەت جىق.
كەينىمگە ئۆرۈلۈپ پۇتلىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم.
_ نەگە بارىسىز؟_ سورىدى ئۆتكۈر كەينىمدىن يىتىشىپ كېلىپ.
_ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. شۇ تاپتا يېنىغا باراي دېسەم يا ئاتا ئانام يوق. بۇ دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز قالغان ئادەممەن._ باياتىن بېرى زورىغا بېسىپ تۇرىۋاتقان كۆز ياشلىرىم ئەمدى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
_ كوچىدا ئادەملەر كۆپكەن، نازىيە، يۈرۈڭ،، خەلق مەيدانىغا بېرىپ بىرەر يەرنى تېپىپ بىردەم ئولتۇرىۋېلىڭ_ دېدى ئۆتكۈر خەلق مەيدانى تەرەپنى ئىما قىلىپ.
ئۇنىڭغا يا ھە يا ياق دېمەيلا شۇ تەرەپكە قاراڭ ماڭدىم، دېمىسىمۇ ماڭا ھازىر يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالىدىغانغا جىمجىت بىر جاي كېرەك ئىدى، خەلق مەيدانىغا بېرىپ خالىي جايدىن بىر ئورۇندۇقنى تېپىپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ تازا يىغلىدىم. ئىچىمدىكى بارلىق دەرتلىرىمنى مۇشۇ يىغا بىلەنلا چىقرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ، سىلىكىنىپ تۇرۇپ يىغلىدىم. ئۆتكۈر مەندىن ئىككى مېتىر نېرىدا ماڭا قاراپ ئۆرە تۇراتتى. بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن يىغامنى توختىتىپ، ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ بولدۇم دېگەن مەنىدە ئۆتكۈرگە قارىدىم. ئۇ مېنىڭ يىغلاشتىن توختىغىنىمنى كۆرۈپ ئاستا كېلىپ مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا ئاۋايلاپ ئولتۇردى.
_ نازىيەنى تونۇمسىز؟_ تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ تونۇيمەن، نازىيە دېگەن سىزغۇ؟_ دېدى ئۇ.
_ ياق، مەن ئۆزۈمنى دېمىدىم. ئۈمىدنىڭ بۇۇرۇنقى ياخشى كۆرگەن ئادىمى، تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىچىسى نازىيەنى دەۋاتىمەن.
_ ھەئە، تونۇيمەن، خېلى ئوبدانلا تونۇيمەن_ دېدى ئۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىگۈدەكمەن دەپ ئويلىدىم. ئۇ مېنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلگەندەك قىلاتتى.
_ ماڭا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشى توغرىلىق سۆزلەپ بېرىڭە. _ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم.
_ سىزنىڭ نېمىنى بىلگۈڭىز بار _ دېدى ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن.
مېنىڭ بەك كۆپ ئىشلارنى بىلگۈم بار، چۈنكى ئۈمىد ماڭا نىسبەتەن بىر تېپىشماق ئىدى.
_ ئۈمىد تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىچىسىمىتى؟
_ ھەئە. _ بېشىنى لىڭشىتتى ئۆتكۈر.
_ ئۇلار بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرەمتى؟_ بۇ گەپنى سوراۋاتقاندا ئاۋازىمنىڭ تىترەپ كەتكىنىنى ئۆزۈم ھېس قىلدىم.
_ ھەئە، ئەينى ۋاقىتتا ئۈمىد ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى. _ بۇ ئاددىيغىنە جاۋاب يۈرىكىمنى پارە پار ە قىلىشقا تامامەن يىتىپ ئاشاتتى. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بىچارە ھېس قىلىپ كەتتىم. كۆزۈمدىن ياشلار يەنە بۇلدۇقلاپ ئېقىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايرىدى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















