大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 30- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 30- قىسىم aybarawazi
2023-07-10
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 31 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29



































ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
30 - قىسىم


   ئۇنىڭ ئاۋازى يەنىلا شۇنداق يېقىملىق، مېھىرلىك. لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.  يېنىمدا ئولتۇرغان ئانار ھەدەم ماڭا قاراپ:

_  نىمە بولدىڭىز، ئۇكام. مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ روھى ھالىتىڭىز تازا جايىدا ئەمەسقۇ؟_ دېدى.

مەن تېخى جاۋاب بەرمەي تۇرۇپلا تېلېفون يەنە سايرىدى.   تېلېفوننى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، ئانار ھەدەم ماڭا قاراپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ئولتۇرىۋەردى، ئامال يوق، تېلېفوننى يەنىلا ئۆزۈم ئالدىم.

_ نازىيە_ ئۈمىد مېنىڭ تېلېفوننى يەنە قويۇۋېتىشىمدىن ئەنسىرىگەندەك جىددىيلا گەپ قىلدى.  مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ چوڭقۇر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن :

_ بۇ جىددىي قۇتقۇزۇش قىزىق لىنىيە تېلېفونى، خۇسۇسى تېلېفون ئەمەس، لىنىيە ئالدىراش بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

_  نازىيە، ئىككىمىز سۆزلىشەيلى.

_  سۆزلەشكۈدەك ئىش يوق_ دېدىم مەن. يېنىمدا ئولتۇرغان ئانار ھەدەم گەپلىرىمدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى پەملىگەن بولسا كېرەك ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

_ تېلېفوننى قويۇۋەتسىڭىز يەنە ئۇرىمەن، ئۇرىۋېرىمەن، مەن بىلەن سۆزلىشىشكە ماقۇل بولغۇچە ئۇرىۋېرىمەن.

ئويلىماپتىكەنمەن، ئۈمىدنىڭ مۇنداق ئۇششۇق تەرىپىمۇ بار ئىكەن.

_ ئۆيگە كېلىڭ، ياخشىراق پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟_ ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا شۇنداق دېدى ئۇ.

ئۆي؟ توغرا، مەن بۇرۇن ئۇ يەرنى ئۆيۈم دەپ بىلگەن، ئەمما ھازىرچۇ؟ ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە ماقۇل بولدۇم.

  ئىشتىن چۈشۈپ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا  چىقىشىمغا بىرى مېنى چاقىردى، قارىسام  ئۈمىدنىڭ شوپۇرى ئالىم ئىكەن.

_ نازىيە ئاچا،  باش دېرىكتور سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى، شۇڭا  سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشقا مېنى ئەۋەتتى.

شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپ يەنە ماڭا تېلېفون ئۇرىۋېرىمەن دەيدۇ تېخى.  ئالدىراش تۇرۇپ مەن بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقتى بار ئىكەن.  يەنىلا ماشىنىغا چىقىپ ماڭدىم.   ماشىنا ئەمدى قوزغىلىشىغا ئۈمىدتىن ئۇچۇر كەلدى.

_ «مەلىكەم، تۇيۇقسىز ئاچىدىغان مۇھىم يىغىن چىقىپ قالدى. سەل كەچ قېلىشىم مۇمكىن.  مېنى ئۆيدە ساقلاپ تۇرۇڭ،  ھەرقانچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ چوقۇم قايتىمەن.»

بۇ ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇنىڭ يەنىلا خېلى سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدىم. ماڭا راست گەپنى دېمەكچىمىدۇ ياكى يەنە يالغان ياۋىداق گەپلەر بىلەن مېنى داۋاملىق ئالدىماقچىمىدۇ؟

داچىغا بارغاندىن كېيىن چاپىنىمنىمۇ سالماي مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇردۇم. تاماق ئەتمىدىم، ھەتتا چىراقنىمۇ ياندۇرمىدىم.  بىرەر سائەتلەردىن كېيىن قاراڭغۇ چۈشتى، ئۇ تېخىچە قايتىپ كەلمىدى.  سەل تىت تىت بولۇشقا باشلىغان چېغىمدا ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. «ئاچقۇچنى ئالمىدىمىكىنە؟» مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئاچتىميۇ- جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم.  ئىشىك ئالدىدا تۇرغىنى ئۈمىد ئەمەس، بەلكى ئۈمىدنىڭ دادىسى ئىدى.  ئالدىنقى قېتىم ئۇ ئۆيگە بارغاندىن كېيىن بۇ كىشى ماڭا ئىنتايىن قاتتىق قولدەك تەسىر بەرگەن ئىدى.  ئۇنىڭ مېنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۈمىد دادىسىغا بەك ئوخشايدىكەن،  شىركەتتە يىغىن ئاچقان ۋاقىتتىكى سۈرلۈك ھالىتى دادىسى دەل ئۆزى.  ئۇ مېنىڭ ئىشىكنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ  بېشىمدىن ئايىقىمغىچە قارىۋەتتى.

_  قېنى، كىرىڭ، دادا. _ ئەدەب يۈزىسىدىن يەنىلا بۇ كىشىنى دادا دەپ چاقىردىم.  ئۇ  مېنى سوقۇپ دېگۈدەك قىلىپ  ئۆيگە كىردى.

_ مېنى بۇنداق چاقىرماڭ،  مەن  سىزنى كېلىنىم دەپ ئېتىراپ قىلمايمەن.

گۈلدۈرماما ئاۋازىدەك قوپال ئاۋازدا ئېيتىلغان بۇ گەپلەردىن بىئارام بولۇپ جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن.  بىر چاغدا ئېسىمنى يىغىپ قارىسام  ئۇ كرىسلودا ئولتۇرۇپ بوپتۇ.  ئۇ ئولتۇرۇپ ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى، قارىغاندا بۇ كىشىنىڭ بۇ ئۆيگە بىرىنچى قېتىم كېلىشى بولسا كېرەك. مەيلى ئۈمىد بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولسۇن، مەن يەنىلا ئۈمىدنىڭ ئايالى،  بۇ كىشى مېنى كىلىنىم دەپ ئېتىراپ قىلمىسىمۇ مەن ھۆرمەتسىزلىك قىلسام بولمايدۇ.

ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ چاي دەملەپ، پىيالىگە چاي قۇيۇپ سۇندۇم. ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، قولۇمدىن چاينىمۇ ئالمىدى. شۇنداقتىمۇ چاينى ئالدىغا قويۇپ قويۇپ ئولتۇردۇم.  ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەنە قايتىدىن ماڭا قارىدى.  مەن بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ ئولتۇردۇم.

_ سىزگە نەچچە پۇل كېرەك؟

ئىنتايىن جىددى تەرزدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم.

_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟

ئۇ كىشى  بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ:

_  نازىيە. 26 ياش. تىببىي شۆيۈۋەننىڭ سىستېرالىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل بەخت دوختۇرخانىسىدا  سىستېرا بولۇپ ئىشلىگەن، بۇرۇنقى ئېرى بەخت دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، ئەمما يېقىندا ئىشتىن بوشىتىلغان. _ دېدى.

ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ مېنى تەكشۈردىڭىزما؟

_ دادىڭىز يۈك ماشىنا شوپۇرى، ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن، ئاپىڭىز شۇ قېتىمقى ماشىنا ھادىسىسىدا ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغان،  بۇ يىل 6-ئايدا بەخت دوختۇرخانىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. كىچىكىڭىزدىن تارتىپ ئائىلىڭىز نامرات ئۆتكەن، شۇڭا كىچىكىڭىزدىن باشلاپلا پۇل سىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم نەرسە بولۇپ قالغان. چۈنكى كەمبەغەللەر ھايات قېلىش ئۈچۈن كىچە كۈندۈز ئويلايدىغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، پەقەت پۇل بولىدۇ-خالاس.

 ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا، بايلار  تۇرمۇشتا ھوزۇر ئىزدىسە، كەمبەغەللەر قورساق تويغۇزۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ.  ئەمما بۇ كەمبەغەللەرنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  كەمبەغەللەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غورۇرى بولىدۇ.

_ سىز مېنى ئۈمىدنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ توي قىلدى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز؟

_ ھا ھا ھا._ ئۇ كىشى تۇيۇقسىز ئۆزىنى تۇتۇالالماي كۈلۈپ كەتتى _ ئەجىبا پۇل ئۈچۈن بولماي مۇھەببەت ئۈچۈنما؟ نازىيە،  ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تايىنى يوق بولغاننى ئاز دەپ، ئۆزىڭىز بىر ئاجراشقان ئىكەنسىز،  ئەمما سىزنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمىغۇدەك. شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۈمىدنىڭ بىرەر قىز بىلەن يېقىنلاشقىنىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانتىم. تۇيۇقسىزلا سىز بىلەن توي قىلغىنىدىن ھەيران قالدىم، راستلا  يامانكەنسىز.

_ سىز مېنى ھىيلە نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئوغلىڭىزنى قولغا كەلتۈرىۋالغان دېمەكچىمۇ؟

_ بەلكىم پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە باشقا مەقسىتىڭىزمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.  ئۈمىد بىر سودىگەر، سودا مەيدانى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ. ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىمنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم،  مەن باشقىلارنىڭ غەيرىي مەقسەتتە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشغا قاراپ تۇرالمايمەن.

_ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن ئاللىبۇرۇن باشقا مەقسىتى بار ئادەم بولۇپ بوپتىمەن.  ئەمدى ھەرقانچە چۈشەندۈرگىنىم بىلەنمۇ بىكاركەن.

 ئۇ چاي ئىچىش ئۈچۈن پىيالىنى قولغا ئېلىپ بولدىغۇ، چاينى مېنىڭ  قۇيغىنىم ئېسىگە كېلىپ قالغان بولسا كېرەك، يەنە ئاستا جايىغا قويۇپ قويۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇدى:

_  سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق مەقسەت مۇددىئايىڭىز بار، ئەلۋەتتە ئۈمىدنىڭمۇ شۇنداق.  سىزنىڭچە ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساق دەيدىغان شارائىتى ياخشى، چىرايلىق، ياش قىزلار دېگەن كۈرمىڭ.  ئەمما ئۇ نىمىشقا سىزنى تاللىدى؟ سىزگە مەن دەپ بېرەي ھە، بىر ئوبدان قىزلار تۇرسا قاراپمۇ قويماي، بىر ئاجراشقان ئايالنى تاللىشىدىكى سەۋەب، ئۇ مېنىڭ چىشىمغا تەگمەكچى. ئۇ ھازىرغىچە ئەينى يىلى ھېلىقى ناخشىچى  قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ ئىشىغا قوشۇلمىغىنىم ئۈچۈن مەندىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ.

ئەسلى مۇنداقكەندە.  بۇ كىشى ئۆيگە كىرگەندىن بۇيان بىر تالاي گەپلەرنى قىلدى، ئەمما مۇشۇ گېپىنىڭ خېلى ئاساسى باردەك ھېس قىلدىم.  ئۈمىدنىڭ مېنى تاللىشىدىكى سەۋەب، ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىشلا ئەمەس، يەنە دادىسىدىنمۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنكەن.  بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش دېگەن شۇدە.

_ بولدى، دېمەيلا قويۇڭ.  مەن ئۇنىڭغا يېپىشىۋېلىشنى ئويلاپ باقمىدىم، ماڭا ئۇنىڭ بىر تىيىن پۇلىنىڭ كېرىكى يوق.  ھازىرلا بۇ ئۆيدىن كېتىمەن.

يۈگۈرگەن پىتى ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ھۇجرامدىن نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ چامادانغا سېلىپ چۈشتۈم. پەسكە چۈشسەم ئۇ كىشى بىر تال تاماكىنى تۇتۇتاشتۇرۇپ ئىسىنى پۈۋلەپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەسلى ھېچنىمە دېمەيلا كىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.  بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ بولۇپ توختاپ قالدىم.

_ مۇنداقلا كېتىشكە كۆڭلىڭىز ئۇنىمايۋاتامدۇ؟ قانچە پۇل كېرەك؟-  ئۇ مېنى پۇل ئۈندۈرىۋېلىش ئۈچۈن كەينىگە ياندى دەپ قالغاندەك قىلاتتى.  ئۇنىڭغا قاراپ مەغرۇرلارچە كۈلدۈم:

_ تاغا. مۇھەببەت بىباھا بولىدۇ.  يەنە دۇنيادا ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىدىغان ھەرقانداق كەسىپنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بولمايدۇ. سېستىرا بولسام نىمە بوپتۇ؟ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە رېستۇراندا ناخشىچى بولسا نىمە بوپتۇ؟ بەزىلەر تۇغۇلغاندىلا پۇلنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدىكەن، بەزىلەرگە بۇنداق تەلەي نىسىپ بولمايدىكەن، ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ كەمبەغەللەرمۇ ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلماي، توغرا يول بىلەن پۇل تاپسا بۇنىڭ نەرى خاتا؟ ئۈمىد ئۇ...._ ئۈمىدنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ بولۇپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدىم._ سىز باشقىلارنىڭ ئۈمىدكە مۇھەببەت ئاتا قىلىشىنى خالىمىغاندىكىن، ئۇنىڭغا مۇھەببىتڭىزنى بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۈمىدنىڭ پۇلى بار، ئەمما پۇلى بولغانلىق ھەممە نەرسىسى بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ-دە.  دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.  

مەن ئۈمىدنىڭ دادا مېھرىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئالدىمدا تۇرغان كىشى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقاندەك تۇرۇپ كەتتى.  مەن چامادانىمنى ئېلىپ ئۆرۈلۈپلا داچىدىن چىقىپ كەتتىم.  ھازىرغىچە قاچقۇن ئەسكەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەپتىمەن.  يەنە بىر قېتىم ماڭا ئىللىقلىق ئاتا قىلغان جايدىن قېچىپ چىقتىم.  غورۇرۇمنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قېچىپ چىقتىم.

يول بويىغا چىقىپ تاكسى توستۇم.  شەرقى بازاردىكى ئۆيگە كەتسەم بولمايتتى، چۈنكى ئۇ يەرنى ئۈمىد تېپىۋالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىگارەگە تېلېفون قىلىپ يېڭى ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى سورىۋالدىم.  ماشىنا دېرىزىسىدىن قاراپ ئولتۇرىمەن، كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلمەكتە.  ئۈمىد بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىشقا ماقۇل بولغان چېغىمدا كۆڭلۈمدە ئازراق ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىسىلا ئۇنى كەچۈرىۋېتىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدىم.  لېكىن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ھاقارەتلىك سۆزلىرى مېنى تاشتەك قاتۇردى، ئاخىرقى ئۈمىدىمنىمۇ يوققا چىقاردى.

يىراقتىن  بىر ماشىنىنىڭ چىرىقى كۆرۈندى، يېنىمغا كەلگەندە ئۇنى تونۇدۇم، ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى ئىدى، ئۇ ماشىنىنى بەكلا تېز ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى.  ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن شۇنچە ئالدىراپ ماڭغانمىدۇ؟  قولۇمنى يۈرىكىمگە قويۇۋالدىم، چۈنكى شۇ يېرىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.  تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپتىم. بىردەم ئويلىنىپ، ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن  قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتتىم.

نىگارەنىڭ يېڭى ئۆيىگە باردىم، ئۇ دەرۋازا ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ چاماداننى قولۇمدىن ئېلىۋېتىپ:

_ نىمە ئىش بولدى بۇنچىۋالا قاتتىق خاپىلىشىپ كەتكۈدەك؟_ دېدى. گەپ قىلمىدىم.  ئۇمۇ چىرايىمغا قاراپ يىغلىغىنىمنى بىلگەن بولسا كېرەك، ئارتۇق گەپ سورىمىدى.   ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن «تاماق يىدىڭمۇ» دەپ سورىدى، ئۇنى ئاۋارە قىلغۇم كەلمەي   «يىدىم»دەپ قويدۇم.

يۇيۇنۇپ كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم، ئەمما ھېچ ئۇيقۇم كېلەي دېمەيتتى.  نىگارە مەندىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم.  بۈگۈن ئۆتكۈردىن ئاڭلىغان گەپلىرىمنى، ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرىنىمۇ قالدۇرماي دەپ بەردىم.

_ ئۇنىڭ دادىسى نىمانداق رەزىل ئادەمدۇ؟_ نىگارەنىڭ مەندىن بەكرەك ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.  مەن ئېغىر بىرنى تىنىۋېتىپ:

_ ماڭا  بەرىبىر. ئەسلىمۇ خاتا باشلانغان ئىشلار ئىدى، بالدۇرراق ئاخىرلاشقىنىمۇ ياخشى بولدى.

_ لېكىن ئۈمىدنىڭ سەن بىلەن توي قىلىشىنىڭ ئەزىمەتتىن، دادىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتى ھېچ يالغاندەك قىلمايدۇ.

_ مەن ھازىر نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەس بولۇپ قالدىم. ھەم ئۇنى ئويلىغۇدەك ھالىممۇ يوق، ئەسلىمۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بەك چوڭ،  بولدىلا.

دەل مۇشۇ چاغدا نىگارەنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى، ئۈمىدتىن كەلگەن ئىكەن.  مەن جىددىيلىشىپ:«مېنى يوق دە» دېدىم.  ئۇ تېلېفوننى ئالدى، ئېلىپلا قوش ئاۋازىنى ئېچىپ قويدى.

_ ۋەي، نىگارە، نازىيە سىزنىڭ يېنىڭىزدىمۇ؟

ئۈمىدنىڭ ئاۋازى چىقىشى بىلەن ئۇ نەپەسلىنىۋاتقىنىمدىن بىلىپ قالىدىغاندەك يوتقان بىلەن بۇرنۇمنى توسۇۋالدىم.

_ ياق، نازى يېنىمغا كەلمىدى، نىمە ئىش بولدى؟ ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارمۇ؟_ دېدى نىگارە.  ئۈمىد بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن:

_ نازىيە سىزنىڭ يېنىڭىزدىكەن، بولمىسا مەن نازىيەنى ئىزدەپ تېلېفون قىلسام بۇنداق تەمكىن تۇرالمايتتىڭىز.

نىگارە ماڭا قارىۋېتىپ  جاۋاب بەردى:

_   راستلا كەلمىدى. شەرقىي بازاردىكى ئۆيگە كەتتىمۇ يا؟

_ مەن ھازىر شەرقى بازاردىكى ئۆينىڭ ئالدىدا.  نىگارە، مېنىڭ كىم بىلەن توي قىلىشىمنى ھېچكىم باشقۇرالمايدۇ.  مەن نازىيە بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن دېگىنىم چاقچاق ئەمەس، چىن كۆڭلۈمدىن، چىن يۈرىكىمدىن چىققان گەپ. ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغان بولسا ئۆيگە تېزرەك قايتىپ كەلسۇن. ئۇنى ساقلايمەن.

ئۇ بەك ئەقىللىق، ئۇ مېنىڭ نىگارەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمنى بىلىۋېلىپلا قالماي، تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئوچۇق ئىكەنلىكى، دېگەن گەپلىرىنى مېنىڭمۇ ئاڭلىيالايدىغىنىمنى بىلىپ بوپتۇ.  نىگارە ماڭا قاراپ«گەپ قىلە» دېگەندەك ئىشارەت قىلدى.  مەن كالپۇكۇمنى چىشلەپ، بېشىمنى چايقاپ تۇرىۋالدىم. ئىكراندىكى تونۇش ئىسىم، تونۇش نومۇرغا قاراپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمىدىم.

_ بولىدۇ، ئۈمىد، نازىيە ماڭا تېلېفون قىلىپ قالسا چوقۇم گەپلىرىڭىزنى يەتكۈزۈپ قويىمەن.

نىگارە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ، يەنە ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.

_ ئۈمىد ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئەر، باشقا شاللاق ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ مۇھەببەتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغان ئادەم ئەمەس.  ئۇنىڭ بۇرۇنقى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەسلىكى ئادەمنى راستلا بىر ئاز بىئارام قىلىدۇ، لېكىن  بۇنىڭدىن ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ مۇھەببەتكە سادىق ئادەملىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەرقانچە ئەسلىگىنى بىلەنمۇ ئۇ ھامان ئۆتۈپ كەتكەن ئىش، ئۈمىدمۇ بىر ئۆمۈر ئۆتمۈشكە ئەللەيلىنىپ ياشىمايدۇ، مېنىڭچە ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتى ھەقىقىي مۇھەببەت.

مەن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا بېشىمنى چايقىدىم.

_  ھازىر ئۇنىڭ مەندىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئالماقچى بولغىنى راستمۇ يالغانمۇ،  مۇھەببىتى ھەقىقىيمۇ ئەمەسمۇ دېگەنلەر مۇھىم ئەمەس، ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس،  تۇغقاندارچىلىق بىلەن مۇھەببەتتىن بىرنى تاللا دېسە قايسىسىنى تاللاش مېنىڭچە تەس  ئەمەس، يەنە كېلىپ ئارىمىزدا مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس.

نىگارە«ھەي...» دەپ ئىچىگە بىرنى تىنىپ ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى.

_ راستلا تەس ئەمەس، مەن بولسام ئىككىلەنمەي مۇھەببەتنى تاللايتتىم.  دادام بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىسەن. ئۈمىدنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ باقتىم، مېنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن.  يەنە كېلىپ ئۇ بايا ھېچكىم ئىشىمغا ئارىلىشالمايدۇ دېدىغۇ. بۇ سەندىن ۋاز كەچمەيمەن دېگىنى.

ئەگەر ئۈمىد راستلا تۇغقاندارچىلىق بىلەن مۇھەببەتتىن بىرنى تاللاشقا دۇچ كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ تۇغقاندارچىلىقىنى تاللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قانداقلا بولمىسۇن دادا ئەمەسمۇ.  كېچىچە ئۇ يان بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. مەن ئۇخلىيالماي قىينىلىپ ياتقان شۇ چاغدا ئۈمىد كېچىلەپ باشقا بىر جايغا قاراپ يولغا چىققان ئىكەن.



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0