大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 37- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 37- قىسىم aybarawazi
2023-07-17
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 38 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36




























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
37 - قىسىم

         ھەيران قالىمەن، ھەر قېتىم مەن ئەڭ تەڭقىسلىقتا قالغان، ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان چاغدا ئالدىمدا ئۆتكۈر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ چىرايى ئاچچىقتىن تاتىرىپ كىتىپتۇ، قارىغاندا ھېلىقى مىكرو بلوگنى ئۇمۇ

كۆرۈپ بولغاندەك قىلاتتى.

_ ئۆتكۈر دوختۇر، ئىش بارمىتى؟

مۇدىر  ئۆتكۈرنى كۆرۈپ چىرايىغا دەرھال كۈلكە يۈگۈرتتى، ئۇنىڭغا قارىغاندىكى چىراي ئىپادىسى بايىقىدىن ئاسمان زىمىن پەرقلىنەتتى. ئۆتكۈر  ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن كومپيۇتېر ئىكرانىدىكى سۈرەتنى كۆرسىتىپ:

_ بۇ ئەر كىشى مەن_ دېدى.

مۇدىر ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. ئۇ بىردە ماڭا بىردە ئۆتكۈرگە قاراپ  نىمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۆتكۈرنىڭ مېنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن،لېكىن ئۇ بۇنداق قىلسا مەن تېخىمۇ بىئارام بولىمەن دە.

_ نىمە دەۋاتىسىز؟ بۇ يەردە سىزنىڭ ئىشڭىز يوق، مېڭىڭ،  چىقىپ كېتىڭ. _ دەپ ئۇنى ئىتتىرىپ ئىشخانىدىن چىقىرىۋەتتىم. ئۆزۈم ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا مۇدىرغا قاراپ :

_ خاتىرجەم بولۇڭ، مەن كېتىمەن، سىلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم، كەچۈرۈڭ_ دېدىم ۋە ئىشىكنى يېپىۋەتتىم.  ئۆتكۈر ماڭماي ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

_ مەن بىر ئادەمنىڭ يۈزۈم تۆكۈلگىنى يېتەر.  سىز نىمىشقا بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ يۈرىسىز؟

ئۆتكۈر ئىككى قولىنى خالىتىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ  قېشىنى سەل كۆتۈرۈپرەك ماڭا قارىدى.

_  نازىيە، بۇ ئىشنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس.  ساقچى ئدارىسىگە بېرىپ دېلو مەلۇم قىلساق، ئۇلار بۇ پىتنە ئىغۋانى تارقاتقان ئاي پى ئادرىسنى ئېنىقلىيالايدۇ.

ئەمما ئەگەر بۇنى يوللىغان راستلا ئۈمىد بوپ قالسىچۇ؟ شۇڭا مەن ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.  ئاستا بېشىمنى چايقىدىم.

_ كېرەك يوق، سىز ئىشىڭىزغا چىقىۋېرىڭ. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلەيمەن دەپ ئۆزۈممۇ چارچاپ قاپتىمەن، مۇشۇ باھانىدە ئارام ئېلىۋالامەن.  

ئۆرۈلۈپ مېڭىشىمغا ئۆتكۈر چاقىردى.

_ نازىيە، پۇتىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟  تېڭىپ قويايمۇ؟

_ بولدى، ھاجىتى يوق.

ھازىر ئاغرىۋاتقىنى پۇتۇم ئەمەس يۈرىكىم ئىدى.

_    نەگە بارىسىز؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.

ئۆرۈلۈپ ئۆتكۈرگە قاراپ سۇسقىنە كۈلۈپ قويدۇم.  ھازىرقى ھالىتىم يىغلىغاندىنمۇ بەتەر بولۇپ قالغىنىنى ئۆزۈم بىلىپ تۇرىمەن.

_  بولدى، مەندىن ئەنسىرىمەڭ. مەن دېگەنغۇ،  مەن دەك ھېچنىمىسى يوق ئادەم ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.

كارىدوردا ئۆتۈۋاتقانلار ماڭا غەلىتە نەزەردە قارىشىپ ئۆتۈپ كىتىشەتتى.  ئۆتكۈرنىمۇ بۇ سەتچىلىككە سۆرەپ كىرگۈم  كەلمىدى.

_  سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ. ئازراق ئىشىم بار ئىدى، مەن ماڭاي. خوش.

_ ھە، مەيلى ئەمىسە. ياردەم كېرەك بولسا تېلېفون قىلىڭ، تېلېفونۇم ھەر ۋاقىت ئوچۇق.  

مېڭىپ بولغان ئادەم ئۇنىڭ جىددى ئېيتقان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم ۋە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قاراپ:

_  ۋاي ھاجىتى يوق، مەن يا بىرى بىلەن ئۇرۇشقىلى بارمىسام. _ دېدىم.

دوختۇرخانىدىن چىققاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ماڭا غەلىتە نەزەردە قاراشقا باشلىدى.  ئۇلارنىڭ بۇ سوغۇق قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچە تېز مېڭىشقا تىرىشساممۇ  لېكىن پۇتۇم ئاغرىپ ھېچ تېز ماڭالمايۋاتاتتىم.  شۇنداق كىتىۋاتسام نىگارە تېلېفون قىلدى، ئۇ مەندىن بەك ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا ئىشتىن ھەيدەلگىنىمنى دېدىم. ئۇ ماڭا تەسەللى بەردى:

_ بوپتۇ. كۆتۈرسۇن ئۇنداق خىزمەتنى.  ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى خىزمەت چىقىدۇ.   يېنىمغا كېلە.  مەن تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىدا.

ماڭا تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى سۈيقەستتەك تۇيۇلىۋاتاتتى.  ئىشلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىر كېلىپ ئۇف دېگۈدەك ھالىمنى قويمىغاچقا، ھازىر ھەقىقەتەن بىرىنىڭ تەسەللىسىگە ۋە ئىشلارنى تەھلىل قىلىپ يېشىپ بېرىشىگە موھتاج ئىدىم.  تەيچۇەنداۋ كۇلۇبى بىلەن دوختۇرخاننىىڭ ئارىلىق ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ پۇتۇم ئاغرىپ تۇرغاچقا تاكسى توستۇم. تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىغا كىرسەم نىگارە يوقكەن،  بىر نەچچەيلەن مەشق كىيىمىنى كىيىپ تەيچۇەنداۋ مەشق قىلىۋېتىپتۇ، يەنە بىر نەچچەيلەن ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتراپقا خېلى قاراپ باقساممۇ نىگارە كۆرۈنمەيتتى.  ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان بىر نەچچەيلەن  بىر نىمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشىۋاتقاندەك قىلغان، بىردەمدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.  قارىماققا ئۇلارنىڭ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس، 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە باردەك قىلاتتى.

_ خانقىز، مىكرو بلوگدا كۆرۈپ جامالىڭىزغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئالدىمىزغا ئۆزىڭىزلا كېلىپ قالدىڭىزغۇ.

ئۇلار بىلەن ئۇنى بۇنى دىيىشىپ تۇرغۇم كەلمەي نىگارەنى ئىزدەپ ماڭدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى مېنىڭ ماڭغىنىمنى كۆرۈپ بېلىكىمدىن تۇتىۋالدى.

_ نەگە بارىسىز، خانقىز.  بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى ئېچىپ قويمامسىز؟ لېكىن 300 مىڭ بەك قىممەت بولۇپ كېتىپتۇ، باھانى سەل چۈشۈرۈپ بېرىڭ.

باشقا بىر نەچچەيلەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىزەڭلەرچە ھىجايدى.

_  ئاغزىڭىزنى چايقىۋېتىپ گەپ قىلىڭ ھە _ دەپ  ئالايدىم.

بايا ماڭا گەپ قىلغان بالا ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلدى:

_ ئاغزىمنى چايقىغان، بەك پاكىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭە.

ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالاي دەپ قولۇمنى كۆتۈرۈشۈمگە  باشقا بىر قول كېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى تارتتى.

_ جېنىڭدىن تويغان ئوخشىمامسەن؟ مېنىڭ دوستۇمغا شىلتىڭ ئېتىۋاتامسەن تېخى.

_ ۋايجان، ۋاييەي، بەك ئاغرىتىۋەتتىڭىز،  نىگارە تېرىنېر.

نىگارەنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا خېلى يۈزى بار ئىكەن،  ئۇنى كۆرۈپلا قالغانلار بەدەر تىكىۋەتتى.  نىگارە بايىقى بالىنىڭ قۇلىقىنى قويۇۋېتىپ كاسسىسىغا بىرنى تەپتى.

_ ماڭە، بېرىپ مەشىقىڭنى قىل.  ئەمدى مۇشۇنداق قىلغىنىڭنى كۆرۈپ قالماي ھە.

نىگارە مېنى ئارام ئېلىش زالىغا باشلاپ كىرىپ چاي قۇيۇپ بەردى.

_ پۇتۇڭغا نىمە بولدى، ئاقساپ قاپسەنغۇ؟

مەن ئەزىمەت بىلەن ئۇنىڭ يۇرتىغا بارغاندىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردىم.  ئۇ بېشىمغا نۇقۇپ  قاخشاپلا  كەتتى.

_   سېنى نىمە دېسەم بولا، نازى.   كاللاڭنىڭ دەردى بارمۇ سېنىڭ، ئەزىمەتنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەمتىڭ؟ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىللە باردىڭما؟

_ راست دەيسەن، دۇنيادا مەندەك ھاماقەت ئادەمدىن يەنە بىرى بار دېسە ئىشەنمەيمەن.

_ مىكرو بلوگنىڭ ئىشى قانداق ئىش؟

ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي تېلېفونۇمنى چىقىرىپ يۇمىلاق ئەينەك ئۈستەلگە قويۇپ نىگارە ماڭا يوللاپ بەرگەن ئۇلىنىشنى چەكتىم.

_ بۈگۈن ئەتىگەن مىكرو بلوگنى ئاچسام ئاشۇ سۈرەت تۇرمامدۇ، قورقۇپ جېنىم چىقاي دېدى. _ نىگارە شۇنداق دېگەچ تېلېفونىنى چىقىرىپ بىردەم قاراپ تۇرىۋېتىپ تېخىمۇ چېچىلدى.

_ ئوھو، ئىنكاس دېگەننى ئالامەت يېزىۋېتىپتۇغۇ بۇ خەق.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىنكاس رايونىنى ئېچىپ ھەيران قالدىم.  بىر مۇنچىلىرى  نېمىدېگەن كېلىشكەن ئەر ئۇ دىيىشىپ كىتىپتۇ.  مېنىڭ يۈزۈم ئوچۇق تۇرغىنى بىلەن يۈزى توسۇپ قويۇلغان ئۈمىد ھەممەيلەننىڭ دېققەت ئېتىبارىنى تارتىپ، قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

_ بۇ خەق چىرايلىق نەرسىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايدىكەن جۇمۇ _ دېدىم مەن ئاچچىق كۈلۈپ.

_ بۇ سۈرەت يالغان سۈرەتتۇ.  سەن باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن بۇنداق ئىش قىلىپ يۈرمىگەنسەن؟

_ راست.

نىگارە بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ تېلېفوننى قولىغا قايتا ئېلىپ ئىنچىكىلەپ قارىدى ۋە:

_  ئەمىسە بۇ ئەر كىشى كىم؟ 300 مىڭنىڭ گېپى بارغۇ؟_ دېدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا سۈرەتنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى بىلەن مەن ئاخشام ئۈمىدنىڭ قولىدا كۆرگەن ھېلىقى 300 مىڭلىق خوتۇن سېتىش كېلىشىمىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردىم. ئۇ ئەزىمەتنى بىر مۇنچە تىللىدى ۋە

_ مېنىڭچە ئۈمىد بۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەم ئەمەس. ئۇنى خېلى ئوڭلۇق،  دۇرۇس ئادەم دەپ بىلىمەن مەن. _ دېدى تەھلىل قىلىپ.

_ ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە دەپ، ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ھازىرغىچە بىلىپ بولالمايۋاتىمەن.

مەن ھازىر بىر ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بېرىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ  ئۈمىدكە ئوخشاش سىرلىق ئادەمگە تېخىمۇ شۇنداق.  نىگارە تۇيۇقسىز مۈرەمگە بىرنى ئۇردى.

_  ئۇنداقمىدۇ، مۇنداقمىدۇ دەپ ئاقماس پەرەزنى قىلىپ ئولتۇرغاندىن بېىرىپ ئۈمىدتىن ئېنىق سورىساڭلا بولمىدىمۇ؟  سۈرەت ئۇنىڭ تېلېفونىدا ئىدىغۇ،  دېمەك ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە سورايمەن، ئەمما نەتىجىسى قانداقلا بولسۇن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.  نىگارە بىپايان شىركىتىگە مەن بىلەن بىللە بارىمەن دەپ تۇرىۋالدى. ئەمما مەن بۇ ئىشنى ئۆزۈم يالغۇز ئېنىقلايمەن دەپ تۇرىۋالدىم، ئۇ ئامالسىز مېنى ماشىنا بىلەن شىركەتنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ كىتىپ قالدى.  ماڭىدىغان چاغدا«ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق پاراڭلاش ھە، ئىتتىكلىك قىلما» دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

ئۇ كەتكەندىن كېيىن يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتتۈم. ئەمدى يولدىن ئۆتۈپ تۇرۇشۇمغا  قولىغا سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتى كۆتۈرىۋالغان بىر ئەر ئالدىمدا پەيدا بولدى- ۋە ئۈستى بېشىمغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.  ھازىر باشقىلارنىڭ بۇنداق قاراشلىرىغا قارشىلىق قىلغۇدەك ماجالىممۇ قالمىغان ئىدى.  ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋىدىم، ئۇ مېنى توختىتىپ گېپىنى باشلىدى.

_  ياخشىمۇسىز، مەن «مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ مۇخبىرى بولىمەن.  بۈگۈن  مىكرو بلوگدا سىز توغرىلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم،   سىزنى زىيارەت قىلسام بولامدۇ، ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقارغان بولسىڭىز.

«زىيارەت؟ » كۈلۈپ كەتتىم.

_ مېنى نىمىگە زىيارەت قىلىسىز؟ ھازىرقى  ئۇچرىغان سەتچىلىكلىرىم ئاز كەلگەندەك تېخىمۇ سازايى قىلاي دېگەنما؟

مەن ئاقساپ بىپايان شىركىتى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، مۇخبىرمۇ كەينىمدىن قوغلاپلا ماڭدى.

_ ئۇنداق ئەمەس، خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەينىدە بىر ھېكايىسى بولىدۇ، مەن سىزنىڭ شۇ ھېكايىڭىزنى چۈشىنىپ باقاي دەيمەن. ئادەتتە بۇنداق ھېكايىلەر ئاممىۋى ئىنكاسلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ھېسابتا بۇنى جەمئىيەتكە بىر چۈشەنچە بېرىش دېسەكمۇ بولىدۇ.

_ بىھۇدە ئاۋارە بولماڭ. مەن زىيارەت قىلغۇدەك داڭلىق شەخس ئەمەس،  سىزگە سۆزلەپ بەرگۈدەك ھېكايەممۇ يوق.  مېنى  يازىمەن دېگەندىن كۆرە يېزىشقا ئەرزىگۈدەك ئادەم ۋە ئىشلارنى يېزىڭ.

شۇنداق دەپ تۇرۇشۇمغا  يۈزۈمگە بىر شاپىلاق تەگدى.  شاپىلاقنىڭ زەربىسىدىن يۈزۈم لازا  قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى.  يۈزۈمنى تۇتقان پىتى  قارىسام ئالدىمدا سېمىز بىر ئايال تۇرۇپتۇ.

_ نىمىشقا مېنى ئۇرىسىز؟

ئايال ئۆزىگە ماس كەلمىگەنلا تار كۆڭلەك كىيىۋالغان، كۆڭلەكتىن بەل، قورساقلىرى ساڭگىلاپلا قالغان ئىدى.

_ ئۇرىمەنغۇ قانداق،  ئۇرسام سەندەك خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزماقچى بولغان پاسكىنا، رەسۋانى ئۇردۇم.

«خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزماقچى بولغان؟ بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى؟» بۇ گەپتىن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.

_ نىمە؟ سۈرەتتە شۇنداق ئېنىق تۇرسا يەنە تىنىۋالماقچىما؟  ھازىر سېنى ھەممە ئادەم تونۇپ كەتتى، بىلىپ قوي.  تىنىۋالىمەن دەپمۇ تىنىۋالالمايسەن.

سېمىز ئايال شۇنداق دېگەنچە مېنى ئىتتىرىۋەتتى، ئەسلىمۇ پۇتۇم ئاغرىپ ئاران تۇرغان ئادەم بۇ ئىتتىرىشتىن تەڭپۇڭلۇقۇمنى ساقلىيالماي  يەرگە يىقىلدىم.  بېلىم  چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى.

_ كۆپچىلىك قاراڭلار،  شۇنداق ساددا، پاك قىياپەتكە كىرىۋالغىنىنى. بۇنداق رەسۋالارنىڭ ھۈنىرىنى كىم بىلمەيدۇ، مۇشۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى قوزغاپ، يەنە  قىلىدىغىنىنى قىلىدۇ بۇنداق بىر نىمىلەر.  مېنىڭ ئېرىمغا چىشىنى بىلەپ يۈرگىنىنى قانداق قىلاي.

سېمىز ئايالنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلار يۇپۇرۇلۇپلا  كېلىپ تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ  ھېلىقى سۈرەت بىلەن مېنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى.

_ ۋاي راستكەن،  راست شۇكەن. ۋاي ما سەتچىلىكنى.

ئەتراپتىكىلەر مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاشقا باشلىدى.  مەن سېمىز ئايالغا تىكىلىپ تۇرۇپلا قالدىم.

_  نىمە  دەۋاتىسىز؟ كىم ئېرىڭىزنى ئازدۇرۇپتۇ؟  سىزنىڭ ئېرىڭىز كىم؟

سېمىز ئايال مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كۆپچىلىككە قاراپ  ۋاقىرىدى:

_ قاراڭلار، تىنىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ يەنە.

ئۇ تېلېفونىنى چىقىرىپ ئەتراپتىكىلەرگە كۆرسەتتى.

_ ئېرىمنىڭ بەدىنىنىڭ قانداقلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن.  ئېرىمنىڭ بېلىدە تاتۇق بار، قاراڭلار مانا.  بۇنىڭدىكىسى مېنىڭ ئېرىم ئەمەسمۇ،مىڭ يۈزىنى توسۇۋەتسىمۇ تونۇپ قالىمەن مەن.   ئېرىمنى  نىمە يېقىندىن بۇيان ئۆيگە كەلگۈسى كەلمەس بولۇپ قالدىكىن دەپتىمەن تېخى.  ئەسلى ئاشنا تۇتىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ، 300 مىڭ خەجلەپتۇ تېخى. بۈگۈن بۇ رەسۋادىن پۇلنى ئېلىۋالمىسام ھېساب ئەمەس.

سېمىز ئايال شۇنداق دېگىنىچە كېلىپ چېچىمنى تارتتى. ئەتراپتىكىلەر مېنى كۆرسىتىپ سەت تىللار بىلەن تىللاۋاتاتتى، ماڭا ياردەم قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.  بىر چاغدا كەينىمدىكى مۇخبىرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

_ گەپ بولسا چىرايلىق قىلمامسىز،  بۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

  سېمىز ئايال ھازىر  تەلۋىنىڭ ئۆزى بولغان ئىدى.

_ ئۇ سىزنىڭ ئېرىڭىز ئەمەس_ دەپ ۋاقىرىدىم مەن ئاخىرى چىدىماي.

_ مېنىڭ ئېرىم ئەمەسما؟ مېنىڭ ئېرىم بولمىسا كىم ئەمىسە، دېگىنە قېنى.

ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈمىدنىڭ ئىسمىنى چىقارسام بولمايتتى.

_ توغرا، بۇ ئايالنىڭ ئېرى بولمىسا كىمۇ؟ دەڭە قېنى.  بولدى، تەن ئېلىڭ ئەمدى،  ھەممە ئىسپات تەييار تۇرسا.

ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ «ئۇ سىزنىڭ ئېرىڭىز ئەمەس» دېگەندىن باشقا گەپ قىلالمىدىم.  ئەلۋەتتە بۇ گېپىم بىلەن ھېچنىمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغىنىم ئېنىق.  ئەمما بۇنىڭدىن باشقا  نىمە دىيەلەيتتىم.

_ دىيەلمىدىڭغۇ ئەنە، بۈگۈن سەندىن 300 مىڭنى ئالغىنىم ئالغان.  بولمىسا ئالدامچىلىق قىلدى، قاقتى سوقتى قىلدى دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن.

ئۇ بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتاتتى.  ئەتراپتىكىلەر بولسا  ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىدىغاندەك مېنى كۆرسىتىپ نىمىلەرنىدۇر دىيىشىپ تىللاپ كىتىۋاتاتتى. مېڭەم ئېتىلىپ كىتەي دېدى.

_ سۈرەتتىكى ئەر مەن شۇ_  توساتتىن ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز قۇلىقىمدىن كىرىپ يۈرىكىمگە بېرىپ توختىدى. بۇ ئاۋاز بىلەن ئەتراپتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىۋاتقانلار شاپپىدە توختىدى.


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k