
بۇ ئەسەرنىڭ 33 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
|
ماغدۇرسىزلىنىپ كارىۋاتتا يېتىپلا قالدىم، كۆز يېشىمنى چىقارماسلىققا تىرىشىۋاتىمەن. كىچىكىمدىن تارتىپلا بىر ئىشلاردا كەسكىن بولالمايدىغان، سەل ئەزمىلىك قىلىدىغان مىجەزىم بار، بۇ قېتىم بولسىمۇ كەسكىن قارار چىقىرالىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىم.
بىردەمدىن كېيىنلا كارىدوردا بىر نېمە چېقىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، كەينىدىنلا ماڭغان، يۈگۈرگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى، نىمە ئىش بولغاندۇ؟ نىمىشقىكىن يۈرىكىم «قارتلا» قىلىپ قالدى. دېژورنى سىستېرا ياتاق تەكشۈرگىلى كىرگەندە ئۇنىڭدىن بايا نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ماڭا بىىرەيلەن پەستىكى دېرىزىنى ئۇرۇپ چېقىۋېتىپ قولى يارىلانغانلىقىنى دەپ بەردى.
_ ئۇ ئادەمنىڭ قولىدىن قان دېگەن بولدۇقلاپ چىقىپ كەتتى، بەك قورقۇنۇچلۇق دەيمەن. لېكىن بەك كېلىشكەن ئادەمكەن، نىمىگە ئۇنچىۋالا ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن بولغىيتتىكىن._ دېدى ئۇ.
مەنمۇ قورققىنىمدىن ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، خېلىدىن كېيىن سورىدىم.:«ئۇ ياقنىڭ يارىسى ئېغىرمىكەن؟»
_ بەكمۇ ئېغىر ئەمەس ھېلىمۇ ياخشى يۈزى يارىلانماپتۇ، ئۇنداق چىرايلىق يۈز يارىلانغان بولسا ۋاي ئىسسىت دېگۈدەك ئىش بولاتتى-دە. _ دېدى سىستېرا چىقىپ كىتىۋاتقاچ
سىستېرا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يېتىپ باقتىم، ئەمما ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. شۇنداق ئۆرۈلۈپ ياتسام چايكادىن ئۇچۇر كەلدى.
_ «ئۇخلىدىڭىزمۇ، نازىيە؟»
_«ياق تېخى».
ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگىنى ئېسىمگە كېلىپ سورىدىم:«قايتىپ بارىمەن دېگەنتىڭىز، قاچان كېلىدىغان بولدىڭىز؟»
ئۇ خېلىغىچە ئۇچۇر قايتۇرمىدى، ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ ئۇخلاي دەپ تۇرسام ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ:«ھازىرچە قايتىپ كىتەلمەيدىغاندەك قىلىمەن، بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى قىلىپ بولالمىدىم. دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ مېنى ھېچ قويۇۋەتكۈسى يوق، مائاشىمنىمۇ ئۆستۈرۈپ بەردى، شۇڭا ھازىرچە قايتىپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلدىم».
سەل ئەپسۇسلاندىم، شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ماڭا ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ھەم روھى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان چايكا بىلەن راستلا يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ كۆرۈشۈپ، رەھمىتىمنى ئېيتىۋالغۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچۇرى يەنە كەلدى:« مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن، ھەر كۈنىڭىزنىڭ يەنىلا خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياخشى چۈش كۆرۈڭ».
نېمىشقىكىن، ھەر قېتىم چايكا بىلەن پاراڭلاشسام بىر خىل خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن. «رەھمەت سىزگە، سىزمۇ شۇ».
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆتكۈر ئىشقا كېلىپ ئالدى بىلەن مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ ئەھۋال سورىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن قان بېسىمىمنى ئۆلچىدى.
_ ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ بۈگۈن قانداقراق تۇرىسىز؟_ سورىدى ئۇ.
_ ئەسلىمۇ ھېچنىمە بولمىغان. بىكاردىن دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويۇپ_ دەپ تۇمشۇقۇمنى ئۇچلىدىم.
قان بېسىمىمنى ئۆلچەپ بولۇپ دەرھال چىقىپ كەتمىدى، بىرەر ئىش ئېسىگە كېلىپ قالدىمىكىن، تۇيۇقسىزلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ ئەتىگەن كېلىپلا ئاخشام بىرەيلەننىڭ پەستىكى دېرىزىنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكىنىنى ئاڭلىدىم. قايسى قارامنىڭ قىلغان ئىشىدۇ بۇ دەپ كېسەل كۆرۈش خاتىرىسىگە قارىسام ئۈمىدنىڭ ئىسمى تۇرىدۇ. ماڭا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېلىمەن دېگەن، نىمىشقا بۇنداق تېز يېنىپ كەلدىكىنە؟ ئاخشام ئۇرۇشۇپ قالغانمىتىڭلار؟
داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. دېمەك ئاخشام ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولغان سايە راستلا ئۈمىدكەن دە. ئەتىگەنكى سىستېرانىڭ ئۇنىڭ قولىدىن بولدۇقلاپ قان چىقىپ كەتتى دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ مېنىڭمۇ قولۇم ئاغرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. لېكىن ئۇ نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ ئەزىمەت ئىككىمىزنىڭ گەپلىرىمىزنى ئاڭلاپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنچىلىك قىلىش كەتمەيدۇغۇ؟ ئۇنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى راستقۇ؟ ئۆتكۈر مېنىڭ گەپ قىلماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئالدىراپ تىنەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
_ خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ھە. ئۇنىڭغا سىزنى ئاغرىپ قالدى دەپ مەن دېمىدىم، يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېلىمەن دەپ ئېنىق دېگەن، ئاخشاملا قايتىپ كېلىشىنى مەن راستلا بىلمەپتىمەن.
_ ئۇ...ئۇ قانداقراقتۇ؟ قولى ئېغىر يارىلانغانمىدۇ؟
_ خاتىرجەم بولۇڭ، كېسەل كۆرۈش خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقتىم، چوڭ ئىش يوق، قولىنى تېرىسى ئازراق زەخمىلىنىپتۇ، ئۇنچىلىك يارا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچ گەپ ئەمەس. ئۇ بەك قىزىققان، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىش.
مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان، قىزىققان ھالىتىنى كۆرگەن، ئەمما مېنى دەپ ئەمەس. ئۆتكۈر چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەزىمەت كىردى، ئۇ قولىدا ناشتىلىق كۆتۈرىۋالغان ئىدى.
_ ناشتا قىلىۋېلىڭ، نازىيە_ ئۇ ئەكىرگەن ناشتىلىقنى كارىۋات بېشىدىكى ئۈستەلگە قويغاچ شۇنداق دېدى. ئۇنىڭغا خۇددى غەلىتە مەخلۇققا قارىغاندەك قارىدىم، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ماڭا بۇنداق كۆيۈنۈپ باقمىغان. ئەزىمەت قاراشلىرىمدىن كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىمنى ھېس قىلدىمىكىن، مىيىقىدا كۈلۈپ:
_ نىمە؟ ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ نازىيە، يارىشىپ قالساق، ئۆيىمىزنى تۇتۇپ، تۇرمۇشىمىزنى قايتىدىن باشلىساق دەيمەن. _ دېدى.
ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، ئەگەر ئۇ ماڭا بۇرۇنلا مۇشۇنداق، ياق، ھازىرقىنىڭ يېرىمىچىلىك مۇئامىلە قىلغان بولسا مەنمۇ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم. ئەمما ئۇ قىلىدىغاننى قىلىپ كۆڭلۈمگە مەڭگۈ ئۆچمەس يارا قالدۇرۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم پۈتۈنلەي نەپرەتكە ئايلىنىپ بولغاندا بۇنداق دېسە، ئىشلارنى يەنە قايتىدىن باشلاش مۇمكىنمۇ؟
_ ئۈمىدنىڭ نىيىتىنىڭ قانچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك، نازىيە، بۇنداق قۇدۇقنىڭ ئاستىدىكى پاقىدەك يۈرىۋەرمەڭ. _ دېدى ئۇ يەنە.
_ ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ_ دەپ ئەزىمەتنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم، ئۇ ئەكىرگەن ناشتىلىقىنى ئېچىپ يىگۈدەك قىلىپ قويۇپ:
_ گېپىمنى ئويلىشىپ بېقىڭ، نازىيە . جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
مەن يەنىلا گەپ قىلمىدىم، ئۇ چىقىپ كەتتى. خېلىغىچە كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ئوڭشىلالمىدىم. ئۇ ئۈمىدنى نىيىتى يامان دەيدۇ، ئۇنداقتا ئۆزىچۇ؟ ئۇنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى ئۈمىدتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەسما؟ ئۇلار بىر بىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، ئوتتۇرىدا قىسىلىپ تۇرغان مەن زادى نىمىگە ھېساب؟
دوختۇرخانىدىن چىقىپ نىگارەنىڭ ئۆيىدە تۇرماي شەرقىي بازاردىكى ئۆيۈمگە يېنىپ كەلدىم. ئۈمىد مېنى ئىزدەپمۇ كەلمىدى، كيۇكيۇدىكى باش سۈرىتىمۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى. ھازىر ئىككىمىز ئوتتۇرىمىزدىكى ئۆيلىنىش خېتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان ناتونۇش ئادەملەردەك بولۇپ قالغان ئىدۇق. لېكىن ئۆتكۈر بىلەن بىر دوختۇرخانىدا بولغاچقا دائىم ئۇچرىشىپ قالاتتۇق. دوختۇرخانا ئاشخانىسىدا تاماق يىگەندىمۇ تولىراق ئۇنى ئۇچرىتىپ قالاتتىم. ئۇ دائىم مەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى، شۇ سەۋەبلىك ئۆزۈمگە خېلى كۆپ دۈشمەنمۇ تېپىۋالدىم. ھى ھى ھى. بىر قېتىم ئۇ ماڭا دېمەيلا مېنىڭ تەخسەمدىكى يۇمغاقسۈتنى بىرمۇ بىر ئىلغاپ ئېلىۋەتتى.
_ مېنىڭ يۇمغاقسۈت يىمەيدىغىنىمنى سىز قانداق بىلىسىز؟ _ ھەيران بولۇپ سورىدىم مەن. ئۆتكۈر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
_ قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرمايدىكەنغۇ، شۇڭا سىزنىمۇ يىمەيدۇ ھەقىچان دەپ ئىلغاۋاتىمەن_ دېدى.
_ پەرىڭىزمۇ ئەجەبمۇ توغرا چىقىدىكەن_ چوكىنى چىشلەپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام نۇرغۇن جۈپ كۆزلەر ماڭا ھەۋەس ھەم ھەسەت ئارىلاش بىر نەزەردە قارىشىپ كىتىپتۇ. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە دوختۇرخانىدا تۇرغۇدەك يېرىممۇ قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئاشخانىغا سەل ۋاقچىراق كىردىم، ئاشخانىدا ئادەملەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. مەن تاماقنى ئېلىپ بولۇپ، ئىچىملىك ساتىدىغان ماشىنىدىن يەسىمەنگۈل چېيى ئالاي دەپ ئەمدى بېرىشىمغا،، كەينىمدىن تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
_ نىمە ئىچىسىز؟ مەن ئېپ بېرەي.
كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئەزىمەت قولىدا بىر تەخسە لەغمەننى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنى كۆرۈپلا يەسىمەنگۈل چېيى ئىچىشتىنمۇ يالىتىپ بېرىپ ئولتۇردۇم. ئەزىمەت ئالدىمغا بىر قۇتا كولانى قويۇپ قويۇپ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى. ياندىكى ئۈستەلدە ئىككى سىستېرا تامىقىنى ئەمدىلا يەپ بولۇپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئىككىيلەن ئالدىدىكى تەخسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى، ئارىدىكى بىرەيلەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ تەخسىدىكى تاماقنىڭ مېيىنى كىيمىمگە تۈكۈۋەتتى.
_ ۋاي ۋۇي، ما پالاكەتلىكىمنى قاراڭ. كەچۈرۈڭ، مەن قەستەن قىلمىدىم، بەك سەت بولدى. _ خىجىللىق ئىچىدە كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ئۇ. ئۇنىڭ قەستەن قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما خىجىل قىلۋېرىشنى توغرا كۆرمىدىم.
_ كېرەك يوق ، سىزمۇ قەستەن قىلمىدىڭىز. بولدى، مېڭىۋېرىڭ_ دېدىم مەن.
ئەزىمەت ئورندىن تۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ قەغەز بىلەن سۈرتمەكچى بولدى.
_ بولدى ئۆزۈم سۈرتەي._ راستىمنى دېسەم ئۇنىڭ قولىنىڭ بەدىنىمگە تىگىشىنى خالىمىدىم. كىيمىمدىكى ماي دېغى سۈرتكەنسېرى تېخىمۇ قېنىقلىشىپ كىتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىرى بىر خالاتنى ماڭا سۇندى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۆتكۈر ئىكەن.
_ بولدى، سۈرتسىڭىزمۇ چىقمايدۇ، ماۋۇنى كىيىۋېلىڭ_ دېدى ئۇ.
مەن ئۇ سۇنغان خالاتنى ئالدىم، ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، بايا ئەزىمەت قويۇپ قويغان كولانى ئېلىۋېتىپ ئورنىغا بىر قۇتا سۈتنى قويۇپ قويدى.
_ كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىڭ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەزىمەت جايىدا ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى، قارىسام ئۇنىڭ تەلەتى تولىمۇ سۆرۈن بولۇپ كىتىپتۇ. ئۆتكۈر ئالدىرىماي تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭغا كۆزۈمنىڭ قويرۇقىدا قاراپ باقتىم، ئۇ مېنىڭ قەستەن ئۆزۈمنى قاچۇرىۋاتقىنىمنى بىلەمدىغاندۇ؟ جىم ئولتۇرىۋېرىشنى بىئەپ ھېس قىلىپ ئېغىز ئاچتىم. :
_ تاماققا بەك كېيىن قاپسىزغۇ؟
_ قولۇمدىكى ئىش تۈگىمەي كېيىن قالدىم، بۈگۈن سىزمۇ كېيىن قاپسىز ھە؟ كېلىشىۋالغاندەكلا يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق.
ئەزىمەت يەنە ئولتۇرىۋېرىشنى بىئەپ كۆردى بولغاي، تامىقىنى تېز تېز يەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. بىز تاماق يەۋاتقاندا نۇرغۇن سىستېرالار ئۆتكۈرنىڭ ئالدىغا مېۋە چېۋە ئەكىلىپ قويۇۋېرىپ، بىردەمنىڭ ئىچىدە بىز تاماق يەۋاتقان ئۈستەلدە ئۈزۈم ئالما دېگەندەك مېۋىلەر بىر مۇنچە بولۇپ كەتتى. ئۆتكۈرنىڭ يېنىدا مېنىڭ ئولتۇرغىنىمنى كۆرسىمۇ مېنى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويماي ھە دېسە ئۆتكۈرنى مېۋە يىيىشكە زورلايتتى ئۇلار. ئۆتكۈر بىر تال ئالمىنى ئېلىپ ماڭا سۇندى. مەن دەرھال رەت قىلدىم:
_ ياق، ياق، يىمەيمەن. ھېلىمۇ يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگىنىمگە نۇرغۇن كۆزلەر ماڭا چەكچىيىپ قاراپ كىتىۋاتىدۇ. مېنى ماۋۇ دوختۇرخانىدا كۈن ئالغىلى قويۇڭ.
شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ماڭاي دەپ پەسكە چۈشسەم ئەزىمەت تام تۈۋىدە تۇرۇپتۇ، مېنى ساقلاپ تۇرغان بولسا كېرەك، چۈشكىنىمنى كۆرۈپلا ئالدىمغا كەلدى:
_ سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم، ئۇمۇ كەينىمدىن ماڭدى.
_ بۈگۈن ئەجەب بالدۇر ئىشتىن چۈشۈپسىزغۇ. ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىمەمسىز؟ خىزمىتىڭىزنى بەك سۆيەتتىڭىزغۇ؟
_ كاللامدىن ئۆتتى. بۇرۇن خىزمەت، خىزمەت دەپ ئۆيگە، سىزگە كۆڭۈل بۆلەلمەپتىكەنمەن. بۇندىن كېيىن خىزمەتنى دەپ ئائىلەمنى بىر چەتكە قايتىپ قويىدىغان ئىشنى قىلمايمەن. سىز ئۈچۈن، ھەركۈنى ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشىمەن.
«مەن ئۈچۈن؟ ھى ھى» ئىچىمدە كۈلدۈم. ئەسلى ئۇنى كەينىمدىن ماڭماڭ دەي دەپ تۇراتتىم، ئەمما دوختۇرخانىدىن چىقپىلا ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىنى كۆردۈم ئۈمىد ماشىنىغا يۆلىنىپ تاماكا چىكىپ تۇرغان ئىكەن. بىر قولى ھېلىمۇ داكىدا تېڭىقلىق ئىكەن. ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆرۈپ يېنىمغا كېلىشكە تەمشەلگىنىدە ، مەن دەرھال بېشىمنى بۇراپ ئەزىمەتكە قاراپ سورىدىم:
_ ماشىنىڭىز قەيەردە؟
ئەزىمەت ئۈمىدنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك، گېپىمنى ئاڭلاپ ئازراق ئۈمىدلەنگەندەك قولۇمنى تۇتماقچى بولۇپ ئېسىلدى.
_ يۈرۈڭ، ئاۋۇ يەردە.
كىچىك بالىدەك ئەزىمەتنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم، ئۈمىدنىڭ چىرايىغا قاراشقا پىتىنالمىدىم. كاللامدا بىرلا خىيال، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىن تېزرەك كېتىشلا بار ئىدى. ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسى يېقىنلا يەردە ئىكەن، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغا داكا بىلەن تېڭىلغان بىر قول كېلىپ مېنى تۇتتى ۋە يەنە بىر قولى بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى گۈپپىدە ياپتى. ئەزىمەت ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپمۇ ماشىنىدىن چۈشمىدى. ئۈمىد بىر قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ماشىنىغا يۆلىنىپ تۇردى. مەن بېشىمنى كۆتۈرمىدىم، كۆزۈم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ تېڭىلغان قولىغا چۈشۈپ قالدى.
_ نازىيە، مەن سۆرەلمىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، كەسكىن قارار چىقىرىڭ، ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقامسىز يا مېنىڭ ماشىنامغا چىقامسىز؟ مەيلى قانداقلا قارار چىقىرىڭ، مەن يەنىلا تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن.
ئۇ شۇنچىلىك تەمكىن ھالەتتە سۆزلەۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ گەپلىرى ئۇدۇل مېنىڭ يۈرىكىمگە تېگىۋاتاتتى. ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكىلى تاس قالدىم، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشتىكى مۇددىئاسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ سەككىز يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھېلىقى ناخشىچى نازىيەنى تېىىچە ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىكى، دادىسىنىڭ ھاقارەتلىك سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىپ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشۇمنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتتىم. شۇنداق ئىكەن، ئەمدى يەنە ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، كەسكىن بولىدىغان ۋاقتىم كەلدى.
مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلمايلا ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتتىم، لېكىن ئۈمىد ئىشىكنى تىرەپ تۇرىۋالغاچقا ئاچالماي قالدىم. ئۇ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرىۋەردى، ئۇ چاندۇرماي تۇرغان بىلەن داكا بىلەن تېڭىلغان قولىنىڭ مۇشتىنىڭ تۈگۈلگەنلىكىنى، بىردەمدىلا داكىنىڭ قېپقىزىل قانغا بويالغىنىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇردۇم.
_ بىر قارارغا كېلىپ بولدىڭىزما؟_ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
مەن چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ، ئاندىن غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم.
_ ھەئە.
مەن تېخى ئۇنى چالۋاقاپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇنداق بولمىدى.
_ ماقۇل ئەمىسە. بىرەر كۈنى ۋاقىتنى دىيىشىپ، خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىۋېتىپ كېلەيلى.
پۇت قولۇمدا جان قالمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قويسام بولمايتتى، ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشتىم.
_ ماقۇل.
ئۇ بىر تال تاماكا چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلىۋېلىپ، چاقمىقىنى نەچچە قېتىم يېقىپ تۇتاشتۇرالماي زەردە بىلەن تاماكىنى تاشلىۋەتتى، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ يىنىك تىترەۋاتقىنىنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇ تاماكىنى تاشلىۋېتىپ، يانچۇقىدىن مەرۋايىت مارجاننى چىقاردى. مارجاننى تونۇدۇم. ئۇ ئايگۈزەل ئۇلارنىڭ تويى كۈنى ئۈزۈۋەتكەن، كېيىن ئۈمىد ئىككىمىز ئوڭشىتىشقا ئاپىرىپ بەرگەن مەرۋايىت مارجان شۇ ئىدى.
_ ئەمدى بۇنىڭمۇ كېرىكى قالمىغاندەك قىلىدۇ.
ئۇ شۇنداق دەپلا قولىدىكى مەرۋايىت مارجاننى پىرقىرىتىپ ئاتتى، خۇددى چەنلەپ ئاتقاندەكلا مارجان بېرىپ يېقىنلا يەردىكى ئەخلەت تۇڭىغا چۈشتى، ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















