大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 74 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 74 - قىسىم aybarawazi
2023-08-23
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 75 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

74-قىسىم



     ئۆتكۈر مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھېس قىلدى بولغاي،  ئارتۇق گەپ قىلمىدى. 

_ بولىدۇ، يۈرۈڭ. 

«ئۇچار تاش قورغىنى»دىن چىققاندىن كېيىن مەن ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ  ماڭدىم. «ئۇچار تاش قورغىنى»دىن، ياق، توغرىسى ئۇلاردىن ئاستا ئاستا يىراقلاپ كەتتۇق. ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىئاراملىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. «مەن خاتا ۋاقىتتا توغرا ئادەمگە يۇلۇقۇپ قالدىممۇ قانداق؟ ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەدىن بۇرۇن ئۈمىد بىلەن تۇنۇشقان بولسام، ئۇ مېنىمۇ ئۇ نازىيەنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرەر بولغىيمىتى؟»

_ نازىيە، ئۈمىد رازىيەنى سىڭلىسى قاتارىدا كۆرىدۇ.  بۇنى توغرا چۈشىنىڭ. 

ئۆتكۈر مېنىڭ مەيۈس ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك شۇنداق دېدى. 

_ ئۇ پۈتۈن مۇھەببىتىنى نازىيەگە بېرىپ بولغان بولسا كېرەك،  بەلكىم ئەمدى پۈتكۈل ھاياتىدا ئىككىنچى ئادەمنى ياخشى كۆرەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. 

ئۆتكۈر بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى، بەلكىم يەنە قانداق گەپلەر بىلەن كۆڭلۈمنى ياساشنى بىلەلمەي قالغان بولسا كېرەك.  تۇيۇقسىز يول بويىدىكى بىر تۈپ دەرەخنى كۆرۈپ قېلىپ ھاياجاندا ۋارقىرىۋەتتىم. 

_   ماشىنىنى توختىتىڭە. 

ئۆتكۈر ماشىنىنى يول بويىغا سىلىق ئەكىلىپ توختاتتى.  مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ بايىقى دەرەخنىڭ تۈۋىگە باردىم.  بۇ  پاختا دەرىخى،  بۇ دەرەخنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىمۇ ھازىرقىدەك يۇپۇرماقلىرى چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى.   بېشىمنى كۆتۈرۈپ دەرەخنىڭ يۇپۇرماقسىز شاخلىرىغا قارىدىم، كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلغىلى تۇردى.  بۇ ئەتراپتىكى مۇھىت ھەرقانچە ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ بۇ بىر تۈپ دەرەخنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. 

دەرەخنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلار  يادىمدىن كەچتى. 

 10 ياشقا كىرگەن ۋاقتىم.  قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. خېلى كەچ كىرىپ  قالغان بولسىمۇ دادام بىلەن ئاپام تېخى قايتىپ كەلمىدى،  مەن ئۇلارنى ساقلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.  بىر چاغدا ئىشىكنىڭ ئەنسىز ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.   دادام بىلەن ئاپام قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى ئۇۋىلاپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچتىم.  ئەمما ئىشىك ئالدىدا تۇرغىنى دادام بىلەن ئاپام ئەمەس، بەلكى ئېگىز كەلگەن ئىككى ساقچى ئىدى،  سىرتتا قار يېغىۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ ئۈستى بېشى ئاپئاق قار بولۇپ كەتكەن ئىدى. 

_ تېز، كىيىملىرىڭىزنى كىيىڭ، قىزچاق. 

مەن تېزلىكتە كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم،  ئەمما نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيتتىم.  بىردەم بىردەم خۇدۇكسىنىپ ئۇلارغا قاراپ قوياتتىم، ئۇلارنىڭ ماڭا قارىغان كۆزلىرىدىن ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق قىلىشتەك ئىپادىلەرنى ھېس قىلىپ قالاتتىم.  ئۇلار مېنى ماشىنا ۋەقەسى يۈز بەرگەن بىر جايغا ئېلىپ باردى. نەقمەيدان ئىنتايىن  ئېچىنىشلىق،  ھازىر يېرىم كېچە بولۇپ قالغان بولسىمۇ  نەقمەيداننى ئوراپ تۇرغانلار خېلىلا كۆپ ئىدى.  يۈك ماشىنىسىنىڭ ئالدى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان،  يەردە پۈتۈنلەي ئەينەك پارچىلىرى چېچىلىپ ياتاتتى.  ئاپئاق قار ئۈستىدە قېپقىزىل قانغا مىلىنىپ بىر ئادەم سۇنايلىنىپ ياتاتتى.  يىراقتىن يەردە ياتقان ئادەمنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيمىدىن ئۇنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى بىلدىم.  ئاستا دادامنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇنىڭ قان بىلەن بۇيالغان يۈزىگە قارىدىم، ئەمما  ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى.  

ھەتتا ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇ چۈشتىن ئويغانغان چېغىمدا يەنە ئىسسىق يوتقاندا يېتىپ دادامنىڭ ئاچقۇچىنى شاراقشىتىپ ئىشىككە سالغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كارىۋاتتىن لىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرگەن دادامنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتسام، دادام ئۈستى بېشىدىكى قارلارنى تازىلاشقا ئۈلگۈرمەيلا مېنى  كۆتۈرۈپ نەچچىنى چۆگىلىتىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا يەرگە قويۇپ يانچۇقىدىن  بىر نەرسىنى ئېلىپ ئالقىنىغا يوشۇرۇپ« نازى قىزىم،  تېپىپ بېقىڭە، سىزگە نىمە ئەكەلدىمكىن؟» دېسە، «كەمپۈت»دەپ تېپىۋالسام دادام قاقاقلاپ كۈلۈپ ئالقىنىغا يوشۇرىۋالغان ئىككى تال كەمپۈتنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، پىشانەمگە سۆيۈپ قويسا، نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە . 

مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپتىمەن،  لېكىن دادامدەك ئىللىق كۈلۈمسىرەيدىغان مېھرىبان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم.  ئەمما  قار ياغقان شۇ كېچىدە شۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەيدىغان مېھرى ئىسسىق دادامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالدىم.  ساقچى ماڭا دادامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ئاپامنىڭ تېخى تىنىقى بارلىقىنى، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.  مەن قېتىپ قالغاندەك جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم،  يىغلاشتىن باشقا نىمە قىلىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم. 

ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ھېسداشلىق قىلىشتى ،  ئارىدا بىر ئايال يېنىمغا كېلىپ مېنى باغرىغا باستى ۋە:

_ قىزىم، ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇ دادىڭىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېرى_ دېدى.   شۇ چاغدا يول بويىدا بىر تۈپ پاختا دەرىخى بار ئىدى، مەن پاختا دەرىخىنىڭ ئاستىدا سىلىكىنىپ سىلىكىنىپ يىغلىدىم.    شۇنداق قىلىپ دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم،   دادامدىن ئايرىلغان شۇ كۈن ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، غەمسىز، بەختلىك كۈنلىرىمنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قالغان ئىدى.  ئالدىنقى كۈنى تېخى ھېچنىمىنى بىلمەي ئويناپ يۈرىدىغان غەمسىز قىز بولسام،  بىر كېچىدىلا تۇرمۇش ئۈچۈن غەم يەيدىغان چوڭ ئادەم، بىر ئۆينىڭ بېشى بولۇپ قالغان ئىدىم.  شۇ تاپتا شۇ كۈنى كېچىدىكى ئىشلار يادىمغا كېلىپ  ئىنتايىن ئازابلىق تۇيغۇ قەلبىمنى چىرمىۋالغان ئىدى.  مەن توم دەرەخ غولىنى  سىلاپ تۇرۇپ :

_ ئەينى يىلى دادام مۇشۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن. _ دېدىم. 

_ نازىيە.  كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. 

ئۆتكۈر  ھەقىقەتەن نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەي قالغاندەك قىلاتتى. 

_  دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەكمۇ جاپالىق ياشاپتىمەن، بەزىدە  دادام بولغان بولسا  قانداق بولار بولغىيتتى دەپ ئويلاپ كېتىمەن. 

تۇيۇقسىز  دەرەخ غولىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم، ئىچىمدىن كەلكۈندەك كېلىۋاتقان يىغىنى توختىتىۋالالماي ھۆڭرەك يىغلاپ تاشلىدىم. 

_ ئەمەلىيەتتە مەن  رازىيەدىنمۇ بەكرەك مېھرى مۇھەببەتكە موھتاج. ئۇ ئاچىسىدىن ئايرىلغان بىلەن، ئاتا ئانىسى بار، ئەمما مېنىڭچۇ؟ مېنىڭ نىمەم بار؟

_ كىم سىزنى ھېچنىمىسى يوق دەيدۇ؟

يىغامنى توختىتىپ، كۆزلىرىم ياش يۇقى ھالەتتە ئۆتكۈرگە قارىدىم. 

_ نازىيە، سىزنى بىر يەرگە ئاپىراي. 

ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ماڭدۇق، ئۇنىڭ مېنى قەيەرگە ئاپارماقچى بولغىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇغۇم بار.  يېرىم كېچە بولۇپ قالغاچقا يولدا ماشىنىلارمۇ يوق ئىدى.  ئۆتكۈرگە قارىدىم، ئۇ بىردەم  رولنى مىجىپ قوياتتى، قارىماققا جىددىيلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.  

ماشىنا ئاخىرى بىر جايغا بېرىپ توختىدى، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئەمما ئالدى تەرەپتىكى دەرۋازىغا يېنىدىكى تاشقا ئۇيۇلغان«بەخت باشلانغۇچ مەكتىپى» دېگەن خەتتىن بۇ يەرنى تۇنۇدۇم.  بۇ مەن كىچىكىمدە ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدى.  ئەلۋەتتە ئۇ چاغدىكى مەكتەپنىڭ ھالىتى ھازىرقىدىن خېلىلا پەرقلىنەتتى.  ئۆتكۈر ماشىنىنىڭ ھەممە دېرىزىلىرىنى چۈشۈرىۋەتتى،  ئۇ بىر قولىنى دېرىزىگە قويۇپ، يەنە بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ ھېكايە ئېيتىشقا باشلىدى. 

_ بۇرۇن بىر ئەخمەق بار ئىدى، بىر قېتىم ئۇ ئىمتىھان ۋاقتىدا قەلىمىنى تاپالماي ، جاۋاب يازالماي ئىمتىھاندا نۆل نۇمۇر ئالدى،  ئەمەلىيەتتە ئۇ قەلىمىنى پارتىدىشىنىڭ ئېلىۋالغانلىقىنى بىلىدىكەن، ئەمما قەلىمىمنى بەر دىيىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ.  مەكتەپتىن قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇ يولبويى يىغلاپ ماڭدى،  ئۇنىڭ يىغلىغاندىكى ئاۋازى تولىمۇ يېقىمسىز، ئاڭلىغانسېرى ئىچىم پۇشۇپ كىتەتتى.  ئۇنىڭ بىلەن بىللە مېڭىشنى پەقەت خالىمايتتىم، باشقىلار كۆرسە مېنى بۇ قىزنى بوزەك قىپتۇ دەپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم.  لېكىن ئۇنى تاشلىۋېتىپ ماڭسام باشقىلارنىڭ ئۇنى يەنە بوزەك قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. 

 ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالدىم، ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئەسلىمەمدىكى شۇ ئىشلار بارغانچە روشەنلىشىشكە باشلىدى.  ئۇ ئاغزىدا كىچىكىدە ئۇ قىزدىن بىزار بولاتتىم دېگىنى بىلەن كۆزلىرىدىن بىزارلىق ئەمەس، بەلكى  سۆيۈنۈنش ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى. 

_ ئۇ ئەخمەق بەك كالامپاي، قورقۇنچاق ئىدى، قورققىنىدىن ۋېلىسپىتمۇ ھەيدىيەلمەيتتى.  شۇڭا ئامالسىز ئۇنى ۋېلىسپىتىمنىڭ كەينىگە ئېلىۋالاتتىم. ئۇ ياز كۈنلىرى دائىم  كۆڭلەك كىيەتتى، ، ئۇ ۋېلىسپىتىمنىڭ كەينىگە چىقىپ ئولتۇرغاندا كۆڭلىكى چاققا يۆگىلىپ قالارمۇ دەپ  ئەنسىرەپلا يۈرەتتىم.  ئۇ بەك ئاقۆڭۈل ئىدى. بىر قېتىم ئۇنى خۇش قىلاي دەپ بىر تال كېپىنەك تۇتۇپ بىر قۇتىغا سېلىپ بەردىم،  كېيىن كېپىنەك قۇتىىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇ بۇنىڭغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يېرىم كۈن يىغلىغان.  كېيىن ئىككىمىز بىللە ئۇ كىپىنەكنى كۈمۈپ قويغان ئىدۇق. 

ئۆتكۈر بۇنى دەۋېتىپ كۈلۈپ كەتتى، مەنمۇ كەينىدىن كۈلدۈم. ئەمدى مەن ھېكايە باشلىدىم. 

_ بۇرۇن ئۇ قىزدىنمۇ ئۆتە بىر ئەخمەق بار ئىدى. يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈكىنى ماڭا بېرىپ  ئۆزى يامغۇرغا چىلىنىپ ئۆيىگە قايتىپ ئاپىسىدىن تاياق يەيتتى.  ئۇ ئەخمەقنىڭ بويى ئېگىز بولغان بىلەن قىزلاردىنمۇ ئاز تاماق يەيتتى،  دائىم ناشتىلىققا ئەكەلگەن سۈتىنى ماڭا بېرەتتى. 

  سۆزلىگەچ يىغلاپ ئاۋازىممۇ تىترەپ كەتتى.  ئۆتكۈر  قەغەزنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى. 

_ نىمىگە يىغلايسىز؟ مېنى كۆرسىڭىز يىغلىغۇڭىز كىلەمدىكەن يا؟ 

ئۇنىڭ قولىدىن قەغەزنى ئېلىپ يېشىمنى سۈرتىۋېتىپ كۈلۈپ كەتتىم.   بېشىمنى كۆتۈرۈپ دومسىيىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ بەك ئەسكىكەنسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىڭىزنى نىمىشقا بۇرۇنراق دېمىدىڭىز؟   ئىسمىڭىزنى ئاڭلاپمۇ ئېسىمگە كەلمىگىنىنى دەيمەن. 

ئۆتكۈر كۈلدى. 

_ قايتىدىن تۇنۇشساقمۇ بولىدۇغۇ. 

ئۆتكۈر مەندىن نەچچە ياش چوڭ،  شۇ چاغدا ئۇ شەرقى بازاردىكى ئۆيىمىزگە يېقىن جايدا تۇراتتى، ھەر كۈنى مەكتەپكە بىللە بېرىپ بىللە قايتاتتۇق.  تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا ئۇ تۇيۇقسىز مەكتەپ ئالمىشىپ كېتىپ قالدى،  ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بۇرۇنقى ئۆيىدىن كۆچۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.  ئايلىنىپ كېلىپ  ئاشۇ ئۆتكۈرنىڭ نەۋرە ئاكىسى بىلەن توي قىلىپ قېلىشىمنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن بولغىيتتىم.  

_ توختاڭ ھە._ ئۆتكۈر شۇنداق دەپ  ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى.  ھايال ئۆتمەيلا  قولىغا بىر مەلھەم دورا  تۇتۇپ ماشىنىغا چىقتى. 

_ مەڭ، بوينىڭىزغا سۈركىۋېلىڭ. 

ئۇنىڭ بوينۇمدىكى يارا ئىزىغا دېققەت قىلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.  ھەتتا ئۈمىدمۇ دېققەت قىلمىغان ئىدى.  ئۇنىڭ قولىدىكى دورىنى ئالدىم. 

_ بوينىڭىز نىمە بولدى؟_ سورىدى ئۇ. 

_ ھېچنىمە. 

راستىمنى ئېيتسام  رازىيەنىڭ گېلىمنى سىققانلىقىنى ئۆتكۈرگە دېگۈم كەلمىدى.   لېكىن ئۆتكۈر  نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغاندەك قىلاتتى. 

_ نازىيە، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ. ھەممىلا ئىشتا باشقىلارغا يول قويۇپ يۈرىۋرىشىڭىزنىىڭ ھاجىتى يوق، سىزمۇ بىر ئادەم، چوقۇم  مۇھەببەت نەپرىتىڭىز ئېنىق بولسۇن.  يەنە بىر ئىش، ئەمدى ھېچنىمەم يوق دېگەن گەپنى قىلماڭ.  ئەمەلىيەتتە مەن....

ئۇ بۇغۇزىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۇتۇۋەتتى. مەن ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم.  دەل شۇ چاغدا مېنىڭ تېلېفونۇم سايرىدى.  تېلېفون ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى.  ئۆتكۈر دەرھال قولۇمدىن تېلېفوننى ئېلىۋالدى ۋە ئېلىش كۇنۇپكىسىنى باستى. 

_ ئۈمىد.  ھەئە، نازىيە مەن بىلەن بىللە. نازىيەدىن ئەنسىرىمە، مەن بار، ئاۋۋال رازىيەنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىل.  شۇنداق بولسۇن، خوش. 

تاكى ئۇ تېلېفوننى قويۇپ بولغىچە نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم.  ئۇ تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ ئېتىۋەتتى ۋە ئۆزىنىڭ تېلېفونىنى چىقىرىپ ئۇنىمۇ ئېتىۋەتتى. 

_ كەچۈرۈڭ، سىزدىن سورىمايلا تېلېفونىڭىزنى ئېتىۋەتتىم.  مېنىڭچە بۈگۈن كەچتە داچىغا قايتىپ كەتمەڭ. 

ئۇنىڭ دېگىنى راست، ھازىر قايتىپ كەتسەم  ئەڭ كۆڭلى پاراكەندە بولىدىغان ئادەم مەن ئىدىم. 

_ سىزنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي. ئىككى كۈندىن بۇيان سىزمۇ بەك چارچىدىڭىز. بۈگۈن  كەچتە مېھمانخانىدا جىمجىت يېتىپ ئارام ئېلىڭ. قالغان ئىشلارنى ئەتە دىيىشەيلى.  

مەن ئۈندىمىدىم. 

_ لېكىن مەن قارىسام سىز قەيەرگىلا بارغىنىڭىز بىلەن بۈگۈن كېچىچە ئۇيقۇڭىز كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. سىزنى يەنە بىر يەرگە باشلاپ بارايمۇ؟ 

ئۇنىڭ گېپىدىن قارىغاندا ئۇ مېنى ياخشى بىر جايغا ئاپىرىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما مەن ئۇنىڭ مېنى ئېلىكترونلۇق ئويۇنخانىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن.  بۇ يەردە كېچىچە تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ يەنە ئويۇن ئويناۋاتقانلار كۆپ ئىدى.  ئۇ بىر مۇنچە ئويۇن تەڭگىسى ئالماشتۇرۇپ كېلىپ، ماڭا بىر سىقىمنى بەردى.  مەن ئويۇن تەڭگىلىرىنى سىقىمداپ قىزىرىپ يەرگە قارىدىم. 

_ مەن ئويناپ باقمىغان، قانداق ئويناشنى بىلمەيمەن. 

ئۆتكۈر بىر ئويۇنچۇق ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى. 

_ مەنمۇ ئانچە بىلمەيمەن.  لېكىن ئۆگەنسەك بولىدۇ. كېلىڭە. 

 ئىككى بىلمەيدىغان ئادەم بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئاستا ئاستا  ئۇستا بولۇپ كەتتۇق،  ئوينىغانسېرى ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ئۇيۇنچۇقنى بىر باشتىن ئويناپ چىقىپتۇق.  ئۆتكۈر ماڭا:

_  ھېچنىمىنى ئويلىماڭ. ئويلاش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇپراتماسلىق كېرەك،  بۈگۈن پۇخادىن چىققۇچە ئويناڭ_ دېدى. 

راستلا ئۇ دېگەندەك ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇيۇنغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم.  كېچىچە ئوينىغان بولساممۇ  قىلچە ھارغاندەك ھېس قىلمىدىم.  ئويۇنخانىدا ئادەملەر بىر بىرلەپ كىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىمىزلا قالدۇق.  يېنىمدا ئولتۇرغان ئۆتكۈرگە قارىدىم، ئۇ قاچانلاردا تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا توغرىلاپ تۇردىكىن. 

_ سۈرەتكە تارتماڭ_ دەپ يۈزۈمنى توستۇم.

_ بۇنداق ئېچىلىپ يېيىلىپ كۈلگىنىڭىزنى كۆرمەك ئاسان ئەمەسكەن، خاتىرە قالدۇرۇپ قوياي.  

يەنە بىر دەم ئوينىدۇق. بىر چاغدا تامدىكى سائەتكە قارىسام سائەت يەتتە بولۇپ كەتكەن ئىدى.  ئويۇنخانىدا ئادەملەر يەنە كۆپىيىشكە باشلىدى. 

قېتىپ كەتكەن بوينۇمنى ھەرىكەتلەندۈرەي دەپ، بوينۇمنى بۇراپ  ئىشىك تەرەپكە قاراپ قېتىپلا قالدىم. ئىشىكتىن كىرىۋاتقان ئادەم ماڭا قاراپ بىزەڭلەرچە ھىجايدى.  

ئۇ ھەسەن ئىدى.  ئۇ بېشى بىلەن سىرتنى ئىشارەت قىلدى، ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم. 

_ مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي_ دېدىم ئۆتكۈرگە. 

_ بولىدۇ، كىرىپ چىقسىڭىز ئاندىن ماڭايلى_ دېدى ئۆتكۈر. 

مەن ھەسەننىڭ كەينىدىن سىرتقا چىقىپ تازىلىق ئۆيىگە بارىدىغان يولغا كەلدىم.  ھەسەن چېكىۋاتقان تاماكىسىنى بىرنى پۈۋلىۋېتىپ ماڭا قارىدى. 

_ ئويۇن ئوينىغۇدەك كەيپىياتىڭىز بار ئىكەن ھە. 

_ يەنە نىمە قىلاي دەيسىز؟_ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم. 

_ ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى. 

_ ھېلىقى رازىيە دېگەن قىزنىڭ  سىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ يوقاپ كەتكەندە قەيەرگە كەتكىنىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ 


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k