
بۇ ئەسەرنىڭ 35 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
|||
ئايرىمخانىنىڭ ئىچىگە ھەرخىل چىراقلار ئېسىۋېتىلگەن، يەردە دەسسىگىدەك يەر يوق ھالەتتە شار چېچىۋېتىلگەن، ھەر بىر شارنىڭ ئۈستىگە «مەلىكەمگە» دېگەن خەت يېزىلغان. تامغا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دېگەن شار ئېسىلغان. 10 كىشىلىك ئۈستەلنىڭ ئۈستىمۇ ھەرخىل يىمەكلىكلەر بىلەن توشقۇزىۋېتىلگەن، ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر تورت تۇراتتى. تورتنى كۆرۈپ ئاندىن بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكى يادىمغا يەتتى. شۇنچە چوڭ ئايرىمخانىدا فەرۇق يالغۇز ئولتۇراتتى. «نىگارە بىلەن فەرۇق مېنى يالغۇز كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن چاقىرىپتۇ_دە» دەپ ئويلىدىم.
_ نىگار، سەن بايا....
_ ھا ھا ھا. سېنى بىر قورقۇتاي دەپ شۇنداق دېمەمدىم؟ مەن نىگارەنى بوزەك قىلالايدىغان ئادەم تېخى تۇغۇلمىغاندۇ.
_ راستلا بەك قوقتۇم، يولدا ماشىنا توسۇلۇپ قېلىپ، يۈگۈرۈپ كەلدىم تېخى. ھاسىرىشىم ھازىرغىچە بېسىلمىدى.
_ ۋاي گۈزىلىم، كېلە، كېلە، ئولتۇرىۋال. _ دېگەنچە مېنى تارتىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى نىگارە.
_ نازىيە، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەنلىكىنىمۇ نىگارەدىن بايىلا ئۇقتۇم، شۇڭا تەييارلىقنىمۇ تازا ياخشى قىلىپ بولالمىدۇق. سەت بولدى. _ دېدى فەرۇق.
_ ياقەي، ئالدىراشلىقتا ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى. رەھمەت سىلەرگە. _ دېگەچ يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا قاراپ قويدۇم. راستىمنى دېسەم ئۈمىد يوق، كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالغان ئىدى.
_ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى سەن ئۇنتۇپ قالغان بىلەن مەن ئۇنتۇپ قالمايمەن، دوستۇم. ئەسلى بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ چوڭ زالغىلا سورۇن تۈزۈپ راۋرۇس بىر ئۆتكۈزەيلى دەپ ئويلىغان ، لېكىن سېنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭ بىلەن تازا خوشۇڭ يوق، شۇڭا خالىيراق جايدا ئولتۇرايلى دەپ قالدۇق. _ نىگارە گەپ قىلىۋاتقاچ بىردەم بىردەم ئىشىككە قاراپ قوياتتى.
نىگارەمۇ دەيدىغان گېپىنى دەپ بولغاندەك قىلاتتى، جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتۇق. بىر چاغدا تاق تاق تاق تونۇش ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. ئاياق تىۋىشى يېقىنلاشقانچە يۈرىكىم تىپچەكلەپ كېتىۋاتاتتى.
_ كىرسەم بولامدۇ؟
ئاھ ئۇنىڭ يۈرەككە تېگىدىغان شۇ ئاۋازى. راستىمنى ئېيتسام بايا ئەزىمەت ماشىنىدا مېنى قۇچاقلىماقچى بولغان شۇ پەيىتتىن باشلاپ ئۈمىدنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە سېغىنىشقا باشلىغان ئىدىم.
_ ئەلۋەتتە، سىزگىلا قاراپ قالغانتۇق. _ دېدى نىگارە.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراشقا پېتىنالمايۋاتاتتىم. ئۇ ئالدىمغا كەلدى ۋە ئىگىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلدى :
_ مەلىكەم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. مەيلى تۆنۈگۈن، ھەتتا بىر مىنۇت بۇرۇن قانداقلا ئىش يۈز بەرگەن بولسۇن، ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلانسۇن، ئالدىمىزغا قارايلى. ...
ئۇ يەنە نېمىلەرنى دېدى، بىلمىدىم، ھېچقايىسىسى قۇلىقىمغا كىرمىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۇ قولىدا بىر دەستە ئەتىرگۈلنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتىرگۈلنى قولۇمغا ئالدىم.
نىگارە بىلەن فەرۇق بىزگە قاراپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.
_ شۇنداق قىلىپ ئۆتكەن ئىش ئۆتتى بولىدىغان بولدىغۇ ھە، مەلىكەم؟_ قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلىدى ئۇ.
راستىمنى ئېيتسام نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، يۈرىكىمنى تۇتۇپ باقسام يەنىلا ئۈمىد دەپ سوقۇۋاتىدۇ، ئەمما ئەزىمەتنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرى، يەنە ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ گەپلىرى ئالدىمنى توسۇپلا تۇراتتى.
تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ماڭا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بىلەن مەن تازا بەك ئېچىلالمىدىم. بىر چاغدا قايتماقچى بولدۇق.
_ ئەمىسە، مەن قايتاي. سەنمۇ ئەمدى ئاستا ئۆيۈڭنى تپىۋال ھە. _ دېدى نىگارە ماڭىدىغان چاغدا.
_ خاتىرجەم بولۇڭ_ دېدى ئۈمىد.
فەرۇق بىلەن خوشلىشىپ ماڭدۇق. ماشىنىغا چىقىپلا ئۈمىدكە:
_ مېنى شەرقىي بازاردىكى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ. _ دېدىم.
_ بايا تېخى مەن بىلەن كېتىدىغان بولغانتىڭىزغۇ؟
_ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنى چۈشۈرمەي دەپ شۇنداق دەپ قويغان. ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئەمدى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۈمىد. ئەسلى باشلىنىشتىلا خاتا باشلانغان، بولدى، ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن.
بەزمىخانىدىن شۇنداق خۇشال چىققان ئۈمىدنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئۇ ماشىنىنىڭ بېشىنى بۇراپلا داچىغا ئەمەس، باشقا بىر يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ ھەم شەرقىي بازارغا بارىدىغان يۆنىلىشمۇ ئەمەس ئىدى. ماشىنا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى، ئورۇندۇققا چاپلىشىپلا قالدىم. كۆزۈم ماشىنىنىڭ سۈرئەت بەلگىلىگۈچىدە ئىدى.
_ نىمانداق تېز ھەيدەيسىز؟ ئاستىراق.
ئۇ ماڭا قاراپ ھىجايدى.
_ قورقتىڭىزما؟ خاتىرجەم بولۇڭ. كاللام جايىدا.
ئۇ ماينى بولۇشىغا دەسسەپ ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن غۇي غۇي قىلىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى.
_ ماشىنىنى توختىتىڭ، ئۈمىد. _ قورققىنىمدىن ۋاقىرىۋەتتىم. ئەمما ئۇ گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئالدىغا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ سۈرئىتى يەنىلا شۇنداق تېز. شۇ ماڭغانچە شەھەردىن چىقىپ بىر تاغ يولىغا كىردۇق، تاغ يولى ئەگرى بۈگرى. ھەر قېتىم ئەگىلگەندە ماشىنا بىر سېرىلىپ يولىغا چۈشەتتى. ماشىنا تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ توختىغاندا بېشىم قېيىپ ئارانلا قالغان ئىدىم.
_ قانداق؟ پەيزى بولامدىكەن؟
_ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ _ مەندىكى قورقۇنۇچ تېخى بېسىلمىغان ئىدى. ئۇ كۈلۈپ قولىنى سوزۇپ بېشىمنى سىلىدى.
_ قورقۇپ كەتتىڭىزما؟
_ زادى نىمە قىلاي دەيسىز؟
_ بۇ يەر جىمجىت، ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق، دەيدىغان گېپىڭىزنى ئەمدى دەڭە_ دېدى ئۇ.
_ ئۈمىد، يەنە دېسەم يەنە شۇ. ئىككىمىزنىڭ ئىشى دەسلەپتىلا خاتا بولغان. خاتا خاتا پىتى كىتىۋەرسە بولمايدۇ، ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاپ قالايلى.
_ نىمىشقا خاتا بولغان دەيسىز؟ قايسى خاتا خاتا پىتى كېتىۋەرسە بولمايدىكەن؟
_ سىزنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسىتىڭىز باشقا ئىكەن.
_ سىزچۇ ئەمىسە؟ سىزنىڭمۇ شۇنداققۇ؟
ئۈمىدنىڭ سوغۇق كۈلۈشى دەقىقە ئارىلىقىدا يۈرىكىمنى مۇجۇدى. دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايرىدى. ئەزىمەتتىن كەلگەن ئىكەن.
_ ۋەي.
_ ۋەي، نازىيە، خاپا بولماڭ، ئالدىراشلىقتا بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ھازىر يېنىڭىزغا باراي، تۇغلغان كۈنىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزەيلى، بولامدۇ؟
ئۈمىد تېلېفونۇمنى قولۇمدىن تارتىۋالدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئېلىۋالالمىدىم.
ئۇ تېلېفوننى كەينى ئورۇندۇققا تاشلاپ قويدى، ئاندىن ماڭا قاراپ:
_ بۈگۈن ھەممە گەپنى ئوچۇق دىيىشەيلى، مەلىكەم. بىلىمەن، چاندۇرمىغان بىلەن سىزمۇ مېنى سېغىندىڭىز، مەن سىزنى قانچىلىك سېغىنغان بولسام، سىزمۇ مېنى شۇنچىلىك سېغىندىڭىز توغرىمۇ؟
راستىمنى ئېيتسام بەزىدە ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئېزىلەڭگۈلۈكۈمگە ئۆچ بولۇپمۇ كېتىمەن. ئۈمىدكە كەسكىنلىك بىلەن ياق دىيەلمىدىم، چۈنكى ئۇنى راستلا بەك سېغىنغان ئىدىم، پەقەتلا ئەزىمەتتىن ئاڭلىغان گەپلىرىم ۋە ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ھاقارەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئۇنى سېغىنساممۇ ئۆزۈمنى تارتىپ يۈرگەن ئىدىم. ئۇ ئاستا قولۇمنى تارتىپ، يەنە بىر قولى بىلەن بېشىمنى مەيدىسىگە قويدى. مەنمۇ قارشىلىق قىلمىدىم. ئۇنىڭ مەيدىسى شۇنچىلىك يۇمشاق، شۇنچىلىك راھەت. مەن پەقەت ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىمنى قويغان شۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا پۈتكۈل غەملىرىمنى ئۇنتۇيمەن، خۇددى دۇنيادا ئىككىمىزلا باردەك.
ئۇ ماڭا شۇ ھالەتتە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، مەنمۇ ئۇ گەپلەردىن مەس بولۇپ ئېرىپ ئۇنىڭ قوينىغا سىڭىپلا كەتتىم.
بىر چاغدا ئۇ قولىنى سوزۇپ كەينى ئورۇندۇقتىن تېلېفونۇمنى ئېلىپلا گەپ قىلدى:
_ ھە، ئەزىمەت. تېلېفوننى تېخىچە قويماپسەنغۇ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلايدىغان خۇمارىڭ بار ئىكەن ھە. سەن ئەزەلدىن نازىيەگە بۇنداق گەپلەرنى دەپ باقمىغان بولغىيتتىڭ. مانا مەن دەيمەن، چۈنكى نازىيە ھازىر سېنىڭ ئەمەس، مېنىڭ خوتۇنۇم. بۇنى ئوبدان بىلىۋال.
راستىمنى ئېيتسام بايا ئۈمىد تېلېفوننى كەينى ئورۇندۇققا قويۇپ قويغاندا ئۇنىڭ تېلېفوننى بېسىۋەتكەن بېسىۋەتمىگىنىگىمۇ دېققەت قىلماپتىمەن. ئەمما ئۈمىد قەستەن بېىسىۋەتمەپتۇ. دېمەك ئۇنىڭ باياتىن بېرى ماڭا دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسى ئەزىمەتكە ئاڭلىتىپ قويۇش ئۈچۈن دېگەن گەپلەركەن. خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاچچىقتىن چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە ئۈمىد تېلېفوننى بسىۋېتىپ يەنە كەينى ئورۇندۇققا تاشلاپ قويدى.
_ ئۈمىد_ ئۈنلۈك ئاۋازدا چاقىردىم.
_ خوش، مەلىكەم، قانداق تاپشۇرۇقىڭىز باركىن.
ئۈمىد يۈزۈمنى چىمداپ قويدى، بېشىمنى ئېلىپ قېچىپ ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتىم.
_ نازىيە، بۇنداق قىلمايلى، بولامدۇ؟_ ئۇ تۇيۇقسىز ئەستايىدىل قىياپەتكە كىردى.
_ مەن ھېچقانداق قىلمىدىم_ دېدىم مەن. ئىككىمىز بىر نەچچە سىكۇنت بىر بىرىمىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدۇق. منىڭ كۆزلىرىمدىكى قەتئىيلىكنى كۆرۈپ ئۇ ئاستا ئاستا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى. ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق قارىشىپ تۇرىۋەرسەم ئۇنىڭغا ئەل بولۇشۇم ئېنىق ئىدى، دەرھال كۆزۈمنى باشقا ياققا يۆتكىدىم.
_ مەن سىزگە بۇرۇنمۇ دېگەن، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق ئۆتمۈشىڭىز، ئەسلىمىلىرىڭىز بار، مېنىڭمۇ شۇ. نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئۆتمۈشنى ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا سۆرەپ ئەكىرىمىز؟
ئۇنىڭ بۇ گەپنى دېگىنى ئېسىمدە، ئەمما ئۇ دەۋاتقان ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇ چاغدا بىلمەيمەن –دە. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇ گەپنى ئاڭلىغاندا، مەن تېخى ھەر ئىككىمىز ئۆتمۈشىمىزنى ئۇنتۇپ قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىمىزنى بىرلىكتە يارىتالايمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمما خاتالىشىپتىمەن، ئۇ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كەتمەيلا قالماستىن، ئىزچىل ئۆتمۈشىدىكى شۇ قىز ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنىلا ئويلاپ يۈرۈپتۇ، ھەتتا بۇ ئۆچ ئېلىش پىلانىغا مېنىمۇ كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بۇيانقى ئىشلارنى ئويلىساملا ھەممىسى مەقسەتلىك قىلىنغاندەكلا. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ مېنى ھاقارەتلىگىنىچۇ تېخى. مەن كەمبەغەل بولساممۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق غورۇرۇم بار. ئۇ كىشى شۇنداق دەۋاتسا مەن يەنە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئۈمىد بىلەن بىللە ئۆتىۋېرەمدىمەن؟
ئۇ يەنە قولىنى سۇنۇپ يۈزۈمنى سىلىماقچى بولۇۋىدى، يۈزۈمنى قاچۇرۇپ تۇتقىلى قويمىدىم.
_ ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۈمىد.
_ دادام سىزگە بىر نىمە دېگەن ئوخشايدۇ ھە؟_ بىردەم جىم تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى ئۇ. دادىسىنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرىنى، ماڭا قانداق ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە دېمەيمەن دە، ئەسلىمۇ ئاتا بالا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس تۇرسا، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش قىلسام بولمايدۇ دە.
_ دادىڭىز ماڭا ھېچنىمە دېمىدى. مەن ئۆزۈم ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە ماس كەلمەيدىكەنمىز دەپ ئويلىدىم. ئىككىمىز تونۇشقىلىمۇ خېلى بولدى، ماس كېلەمدۇق كەلمەمدۇق، مېنىڭچە سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزدە سان بوپ بولدى.
_ ئەجىبا سىز راستلا ئۇنىڭ بىلەن يېنىشىپ قالماقچىمۇ؟_ تۇيۇقسىز شۇنداق سوراپ قالدى ئۇ.
_ ھەئە. تۇنجى مۇھەببەتنى ئۇنۇتماق تەسكەن، بۇنى سىز مەندىنمۇ ئوبدان بىلىسىزغۇ. _ يۈرىكىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ ئاغزىمدىن ئىختىيارسىز شۇ گەپلەر چىقىۋاتاتتى.
_ ساراڭ بوپسىز، نازىيە. _ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى ئۇ.
_ ساراڭ بولساممۇ بولغاندىمەن. ساق بولغان بولسام سىزنىڭ ھېچنىمىىڭىزنى بىلمەي تۇرۇپ ئالدىراپ تىنەپلا سىز بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ يۈرمەس بولغىيتتىم.
ئۈمىد خېلىغىچە گەپ قىلماي بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ پۇرقىرىتىپ چىكىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭغا قاراپ كۆڭلۈم تېخىمۇ پاراكەندە بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئۇرۇشۇپ تالىشىپ تۇرۇپ ئايرىلغۇم يوق. ئايرىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ تىنىچ، غەلۋە غوۋغاسىز ئايرىلىپ كەتكۈم بار.
_ بۇرۇن سىز ماڭا ھەرقانداق ئىشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ باھا بەرمەڭ، نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ كۆرگىنىڭىزدەك ئاددى ئەمەس دېگەنتىڭىز. شۇ چاغدا دېگەنلىرىڭىزنىڭ تېگىگە يەتمەپتىكەنمەن. ئەمدى چۈشەندىم. سىز ۋە مەن بىلەن يېقىنلىشىشتىكى مەقسىتڭىز ھەممىسى كۆرۈنۈشتىكىدەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەسكەن. سىز ماڭا يەنە بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتسىڭىز زىيان تارتىسىز دېگەنتىڭىز، سىزگە ئىشىنىپ كەتكەن ئەيىب ئۆزۈمدە. مەن تېخى سىزنى ماڭا بولغان مۇئامىلىسى چىن، مېنى ئالداي دېسىمۇ مېنىڭ ئالدىغۇدەك نىمەم بار ئىدى دەپ ئويلاپ ئىشىنىپ كىتىپتىكەنمەن.
مەن سۆزلىدىم، ئۇ ئاڭلىدى، بىر ئېغىز گەپ قىستۇرمىدى. ماڭا بۇ ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى چۈشەندۈرمىدى. ھېلىقى كۈنى 520 بەزمىخانىسىدىن مەن بىلەن توي قىلىشىڭىز ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنمىدى دەپ سوراپ قېچىپ چىقىپ كەتكەندىن بۇيان بۇ ئىش توغرىلىق ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى. ھەممە ئىشلار مېنىڭ دېگىنىمدەك تۇرسا، يەنە چۈشەندۈرگۈدەك نېمىسى بار ئىدى؟ تۇيۇقسىز مەيدەمنى ئېغىر تاش بېسىۋالغاندەك تىنالماي قالدىم ۋە ئىشىككە ئېسىلدىم، ئىشىك قۇلۇپلىۋېتىلگەن ئىدى.
_ ئىشىكنى ئېچىڭ، چۈشۈپ كىتىمەن.
ئۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى، ئىشىكنىمۇ ئېچىپ بەرمىدى. مەن بارغانچە بىئارام بولۇپ بېشىمنى ئىشىككە ئۇرۇشقا باشلىدىم.
_ نازىيە، نىمانداق قىلىسىز؟_ ئۇنىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى.
_ مەن چۈشۈپ كېتىمەن.
ئۈمىد ماڭا قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ ئاندىن ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىۋەتتى. مەن گەپ قىلمايلا ئىشىكنى ئېچىپ چۈشۈپ كەتتىم. كاللامدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىشلا بار، بۇ يېرىم كېچىدە بۇ تاغدا يالغۇز قانداق قىلارمەن دەيدىغان خىيالمۇ يوق. كاللامدا پەقەت بىرلا خىيال، يەنى ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىر ماشىنىدا ئولتۇرسام بولمايدۇ. ھامان ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشنىڭ بالدۇرراق تۈگىگىنىمۇ ياخشى. مەن ئاسفالىت يولنى بويلاپ پەس تەرەپكە قاراپ مېڭىۋەردىم، بۇ مېڭىشىمدا يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا شەھەرگە بارالايدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. بىردەمدىن كېيىن ئۈمىد كەينىمدىن كېلىپ يېنىمدا توختاپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈدى.
_ ماشىنىغا چىقىڭە.
ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم.
_ مۇشۇنداق مېڭىپ شەھەرگە كەتمەكچىما؟ جاھىللىق قىلماڭ، نازىيە.
ئەتراپتىمدىكى قاراڭغۇلۇققا قاراپ سەل تەۋرىنىپ قالدىم ۋە ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. يولبويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق، ئۇ ئۈزمەي تاماكا چېكىپلا ماڭدى. ماشىنىنىڭ ئىككىلا تەرەپتىكى ئەينىكى چۈشۈرىۋېتىلگەن، مەن سەل مۇزلىغاندەك بولدۇميۇ لېكىن ئۇنىڭغا گەپ قىلماي ئولتۇرىۋەردىم. ئۇ شۇ ماڭغانچە شەرقىي بازارغا بېرىپ كوچىنىڭ ئاغزىدا توختىدى. مەن ماشىنىدىن چۈشىدىغان چاغدا ئۇ تۇيۇقسىز بېلىكىمدىن تۇتتى.
_ نازىيە، ئاخىرقى قېتىم سوراي. ئىككىدىن بىرنى تاللاڭ. مەن بىلەن قايتىپ كىتەمسىز يا چوقۇم چۈشۈپ قالامسىز؟
ئۇنىڭغا قاراپ دەقىقە ئارىلىقىدا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم. ئۈمىد كالپۇكىنى چىشلەپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىردەم تۇرىۋېلىپ:
_ ماقۇل، ئاخىرقى قارارىڭىز بۇ بولسا، ئەمدى سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولسام ئادەم بولماي كىتەي_ دېدى.
ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ يۈرىكىمنى بىر نىمە بىلەن تىلغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم. ئەمما يەنىلا ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلاشقىنى ياخشى، توغرا قىلدىڭ نازىيە دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللى بەردىم. ئۈمىد دېگىنىنى قىلىدىغان ئادەم، ئۇ بايا شۇنداق دېگەن ئىكەن، ئەمدى بۇ قېتىم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى راسلا ئاخىرلاشتى.
پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ چىرىقى يانمايدىغان كارىدوردا قاپقارا بىر گەۋدىنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.
داۋامى بار
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















