大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 76 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 76 - قىسىم aybarawazi
2023-08-25
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 77 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

76-قىسىم


       ئۈمىد كالپۇكىنى چىشلەپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن، پەس ئاۋازدا:

_ ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى تۇتىۋالايلى، بولامدۇ؟_ دېدى ۋە كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى.  ئۇنىڭ پەسكە چۈشۈپ، ئىشىكنى «جاڭڭىدە» ياپقانلىرى، ئاندىن ماشىنىنى قوزغىتىپ ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ جايىمدا مىدىرلىماي تۇرۇپلا قالدىم.  رازىيە تېخىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى. ئۈمىد  چىقىپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ ئويۇن قويۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.  ئۇ ئىككى قولىنى كىرىشتۈرۈپ   مەغرۇرلارچە ماڭا قاراپ تۇراتتى.  يۈگۈرۈپ دېگۈدەك بېرىپ ئىشىكنى زەرب بىلەن ياپتىم، راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ تەلەتىنى كۆرگۈچىلىكىم قالمىغان ئىدى. ئىشىك ئالدىدىن شىپىلداپ ماڭغان ئاياق ئاۋازى يىراقلاپ كەتتى.  ھۇجرا ئاخىرى تىنجىدى،  مەن كەينى كەينىدىن بىر نەچچىنى تىنىۋېتىپ ، ئاندىن يۇيۇنغىلى كىرىپ كەتتىم. 

يۇيۇنۇپ چىقىپ ئەمدى يوتقانغا كىرەي دەپ تۇرسام تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى. ئۇچۇرنى كۆرۈپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم ۋە ئۇنىڭغا لايىقىدا ئۇچۇر قايتۇردۇم.  ئۇچۇرنى قايتۇرۇپ بولۇپلا يوتقانغا كىردىم. شۇنچىلىك تېز ئۇخلاپ قالدىمكى ھەتتا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم.  فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇرۇشۇپ بولغاندا بەدەندىكى ئەخلەت بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ  بەدەن يىنىكلەپ كىتىدىكەن، شۇڭا ئۇيقۇمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەتىسى ئەتىگەن ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتتىم.   ئويغانغان چېغىمدا تاڭ يورۇپ بولغان،  پەستىكى قەۋەتتىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى.  ئاستا بېرىپ ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، ناخشا ئاۋازى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاندى.  بېرىپ رىشاتكىدىن پەسكە قارىسام رازىيە  مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇرۇپ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپتىكەن.  مەن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ مېنى كۆرمىگەندەك تېخىمۇ بېرىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىشقا باشلىدى.  پەرىزىم خاتا بولمىسا ئۇنىڭ ھازىر چېلىۋاتقىنى  ھۇجرىدا تامغا ئېسىقلىق تۇرىدىغان ئۈمىدنىڭ گىتىرى ئىدى.  دەل مۇشۇ گىتار سەۋەبلىك ئۈمىد ماڭا تۇنجى قېتىم ئالايغان، بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. 

_ ئەڭ ياخشىسى بۇ گىتارنى جايىغا ئېسىپ قويۇڭ_ دېدىم مەن. 

رازىيە گىتارنى چېلىشتىن توختاپ، گىتارنى يىنىككىنە سىلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ بىلىمەن،  ئۈمىد ئاكام ئاچام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن گىتار چېلىپ باقمىدى.  چۈنكى ئۇ گىتارنى ئاچامنى دەپلا چالىدۇ. سىز ئۇنىڭ گىتار  چالغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانسىز ھەقىچان.  مەن كۆرگەن، ئاجايىپ كېلىشكەن. كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. 

ئۇنىڭغا  ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدىم، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمەن دەپ ئاگاھلاندۇرۇپلا تۇرىۋاتاتتىم.  رازىيە مېنىڭ جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ يەنە تىل ھۇجۇمى قىلىشقا باشلىدى. 

_ ئاڭلىسام بىر توي قىلىپ ئاجرىشىپتىكەنسىز، ئەسلى ئۈمىد ئاكام سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ توي قىلىپتىكەن، ھەرگىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ ئەمەس. 

   ھازىر ئۆيدە ئۈمىد بولمىغاچقا ئۇ ھەقىقى ئەپتى بەشرىسىنى ئاشكارىلاۋاتاتتى ھەم قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ چىشىمغا تىگىش ئۈچۈن ئىدى.  ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ گەپلىرىنى قىرىمغا ئېلىپ قويمىغان ھالەتتە تۇرىۋەردىم، ئۇ مېنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا قارىغۇممۇ كەلمىدى، ئۆرۈلۈپلا ئاشخانا ئۆيگە ئۆزۈمگە ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن ماڭدىم.  ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە سىرتتىن ئەكەلدۈرگەن تاماق تۇراتتى، ئۇ ئەتىگەن  زاكاز قىلغان بولسا كېرەك. 

مەن ناشتىلىقنى تەييارلاپ ئېلىپ چىقىپ يەي دەپ ئولتۇرسام، ئۇ كېلىپلا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى، مەن ئۇنى كۆرمىگەندەك كارىم بولماي تامىقىمنى يەۋەردىم. 

_ مۈشۈكنى مەن تاشلىۋەتكەن _ دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاپىنىمدىن بىرگەن بىر ئاچچىق مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى.  ئۇ مەندە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى. 

_ ئۇ ھايۋان مېنىڭ يۈزۈمنى تاتىلىغان تۇرسا، ئۇنى بۇنداقلا بوش قويۇۋەتسەم بولمايدۇ دە،  ئۇنى قەيەرگە تاشلىۋەتتىم دېمەمسىز؟ يىراق ئەمەس، ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭگە تاشلىۋەتتىم. نەق شۇ چاغدا ئۆستەڭگە سۇ بەك جىق كەپتىكەن،  ھە راست، ئۇ مۈشۈك سۇ ئۈزۈشنى بىلەمتى؟  سۇ ئۈزۈشنى بىلسە تەلىيى، بىلمەي قالسا ماڭىمۇ ئامال يوق تە. 

بۇ سوغۇقتا سۇغا تاشلىۋەتسە تۇنجۇقۇپ ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ توڭلاپ ئۆلۈپ قالا.  ئاسلانچاقنىڭ سۇدا جان تالىشىپ تىپىرلاۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم.  ئۇنىڭ كاچتىغا بىرنى قويماقچى بولۇپ يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.  قولۇمدىكى چوكىنى ئۈستەلگە تاراققىدە تاشلاپ كۈلدۈم،  ھازىرقىسى سوغۇق كۈلكە ئىدى. 

_ قىزچاق، كىشىلىك تۇرمۇش  كىنو ئوخشايدۇ، ھەممىمىز رول ئېلىش  ماھارىتىمىزگە تايىنىپ ياشايمىز. بۇنىڭدا سىنارىيە يوق،  سىيارىيەنى ئۆزىمىز يېزىپ، رولنى ئۆزىمىز ئالىدىغان گەپ، ئەمما سىز بەك ئاشۇرىۋېتىپ قېلىۋاتىسىز.  كىنونىڭ ۋەقەلىكى بەك ئەگرى  توقاي بولۇپ كەتسە نەتىجىسى ياخشى چىقماي قالىدىغان ئىش بولىدۇ.   ئاخىرىدا ۋاي ئىسسىت دەپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن. 

ئۇ مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنى كۈتمىگەن بولسا كېرەك، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدى.  ئۇنىڭ قانداق بولۇشى، نىمە بولۇشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك، ناشتا قىلغان قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ  ئەكىرىپ  يۇيۇپ ھەممىنى جايىغا ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ چىقىپ، ئىككىنچى قەۋەت ھۇجرىغا چىقىپ چىرايلىق كىيىمىمنى كىيىپ سومكامنى ئېسىپ چىقىپ كەتتىم. يولنىڭ قارشى تەرىپىدە   نىگارەنىڭ ماشىنىسى تۇراتتى.  مەن ئالدىرىماي بېرىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چىقتىم.

_ نازى، نىمە ئىشتى، قاقسەھەردە  مېنى چاقىرىپ قاپسەنغۇ؟  نىمە ئىش قىلىمىز؟   رازۋىدكىچىلىق قىلامدۇق؟

ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغان نىگارە مېنى كۆرۈپلا جان كىرىپ كەتتى.  بايا رازىيەنىڭ دېگەن گەپلىرىگە بولغان ئاچچىقىم تېخى تولۇق يانمىغاچقا  ھاسىراپ تۇراتتىم.  داچىنىڭ ئىشىكىگە بىر قارىۋەتتىم. 

_ رازۋىدكىچىلىق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. 

_ ھېلىقى تىكەنگۈل بىرەر ئىش تېرىپ قويمىغاندۇ؟_ سورىدى نىگارە. 

مەن  نىگارەنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەي دەپ تۇرغاندا رازىيە سومكىسىنى ئېسىپ داچىدىن چىقتى.  ئۇ ئەمدى يول بويىغا چىقىشىغا بىر تاكسى كىلىپ قالدى، ئۇ تاكسىنى توسۇپ توختىتىپ ئۇنىڭغا چىقىپ كىتىپ قالدى.  مەن رازىيە چىققان تاكسىنى كۆرسەتتىم. 

_ نىگار، ئاۋۇ تاكسىنىڭ كەينىدىن ماڭايلى. 

نىگارە ماڭا بىر قارىۋېتىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ تاكسىدىن بەك يىراقلاپ كەتمەي، بەك يېقىنمۇ مېڭىۋالماي بىر خىل ھەيدىدى. 

_ نەگە بارىمىز؟ بۇ تىكەنگۈلنىڭ ئۈمىد بىلەن زادى نىمە  مۇناسىۋىتى بار ئىكەن؟

مەن بۇ بىر نەچچە كۈندە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا  بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردىم.  ئۇ ئاڭلاپ بەك ئاچچىقى كەلدى.

_  ھۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان پەسەندى.  ئەجەب ئاچچىقىم كېلىۋاتىدا. 

تاكسى بىر ئېسىل رېستۇراننىڭ ئالدىدا توختىدى.  نىگارەمۇ ماشىنىنى سەل نېرىراقتا توختاتتى.  رازىيە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇدۇل رېستۇرانغا قاراپ ماڭدى.  ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈردۈم،  رېستۇراننىڭ ئىچىدىن بىر مۇلازىمەتچى يىگىت چىقىپ رازىيەگە:

_ رازىيە خانقىز.  ئەپەندىم سىزنى ساقلىغىلى نەۋاق_ دېدى. 

نىگارە ھەيران قالدى. 

_ ئۈمىد ئىككىسى مۇشۇ يەردە كۆرۈشەمدىكەن تېخى. 

مەن سومكامنى چىڭ مىجىقلىدىم. 

_  ئۇ بۇ يەردە ئۈمىد بىلەن ئەمەس، ئۈمىدنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشەرمىكىن. 

_ بۇ خەۋەر ئىشەنچلىكمۇ؟

_ ئىشەنچلىكمۇ ئەمەسمۇ، ئىچىگە كىرىپ قاراپ بېقىپ بىر نىمە دەيلى.

ئىككىمىز ماشىنىدىن چۈشۈپ رېستۇراننىڭ ئىچىگە كىردۇق.   بىرىنچى قەۋەت زالغا كىرىپلا رازىيەنىڭ لىفىت بىلەن  ئۈستىگە چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردۈم،  شۇنىڭ بىلەن نىگارە ئىككىمىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتۇق.  ئىككىنچى قەۋەت پۈتۈنلەي ئەزىز مېھمانلار ئايرىمخانىسى ئىكەن،  بۇ يەرنىڭ بېزىلىشى ئالاھىدە ئېسىل،  ھەم بەك جىمجىت، بىرىنچى قەۋەتتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭدىن خالى ئىدى. 

_ رازىيە خانقىز،  قېنى مەرھەمەت. 

رازىيەنى باشلاپ ماڭغان بايىقى مۇلازىمەتچى بىر ئايرىمخانىنى كۆرسىتىپ ئۇنى ئىچىگە تەكلىپ قىلدى.  رازىيە ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى يېپىلدى.  نىگارە مۈرىسىنى قىسىپ قويدى. 

_  بۇ يەردىكى ھەممىسى ئەزىز مېھمانلار ئايرىمخانىسى ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىمە دىيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. بۇرۇنلا مۇشۇنداق پىلانىم  بار دېگەن بولساڭ كۈتكۈچىلەر كىيىمىدىن ئىككىنى تەييارلاپ ئىككىمىز كۈتكۈچى سىياقىدا ياسىنىپ كىرەتتۇق ئەمەسمۇ.

ئۇنىڭ تاپقان ئامالىدىن كۈلۈپ كەتتىم. 

_ خاتىرجەم بول، كىرەلەيمىز، ئەمما ھازىر ئەمەس. 

بىرى قارا دېگەندەك ئۈستۈنكى قەۋەتكە قارىسام بىرى بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتمامدۇ؟  دەرھال نىگارەنى تارتىپ ئۆزىمىزنى چەتكە ئالدۇق. 

_  ئۇ كىم؟ نىمىشقا قاچىمىز؟_ سورىدى نىگارە چۈشەنمەي. 

ئىككىمىز  يوشۇرنۇپ تۇرۇپ  ئۇ كىشىنىڭ بىر ئايرىمخانىغا كىرىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇردۇق. 

_ ئۇ كىم؟_ تاقەتسىزلىنىپ يەنە سورىدى نىگارە. 

_ ئۈمىدنىڭ دادىسى، ئابلەت ئەپەندىم_ دېدىم مەن. 

_ لېكىن ئۇ رازىيە كىرىپ كەتكەن ئايرىمخانىغا كىرمىدىغۇ؟

 ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي، ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدىم. 

_ ئەگەر رازىيە ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ قولىدىكى بىر پېچكا، ئۇ ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىش ئۈچۈن كەلگەن دېسەم ئىشىنەمسەن؟

نىگارە دەسلەپتە ھەيران قالدى، كېيىن ئاغزىنى بۇزۇپلا چۈشتى. 

_ ئەگەر بۇ گېپىڭ راست بولىدىغان بولسا ئۈمىدنىڭ دادىسى تازىمۇ نۇمۇسسىز نىمىكەن.   سېنىڭ قەيىرىڭ بولمايدىكەن، قەيىرىڭنى ياقتۇرمايدىكەن؟  قايسى ھالىغا سېنى ياقتۇرمايدىكەن؟ 

_ مېنىڭمۇ مۇشۇنى بىلگۈم بار. 

_ ئۇنداقتا بۈگۈن بۇ يەرگە  تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن كەپتۇق تە. 

نىگارە بەك ئەقىللىق، ئۇ قاراپلا  ئىشلارنى پەملەپ بولغان ئىدى. 

_ تۆنۈگۈن ئۈمىد ئىككىمىز رازىيەنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرۇشتۇق، شۇڭا بۈگۈن رازىيە  بۇ ئىشنى ئابلەت ئەپەندىمگە دەپ مۇكاپات ئالغىلى  كەلدى. 

_ نىمىشقا ئۈمىد بىلەن ئۇرۇشىسەن؟ بۇنىڭ قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇرۇشۇپ يۈرگىنىڭنى قارا. 

بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمىدىم.  نىگارە يەنە سۇئالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

_ لېكىن ئۈمىدنىڭ دادىسى بىلەن رازىيە بىر ئايرىمخانىغا كىرمىدى،  دېمەك بۇ يولۋاسنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈش ھىيلىسى ئىكەندە_ دېدى نىگارە كۆزلىرىنى ئوينىتىپ. 

_ ھەممىنى بىلىپ تۇرىسەن، يەنە مەندىن سوراپلا يۈرىسەن. 

_ ئەمدى كىرەيلى_ دېدى نىگارە يەنە. 

مەن ئايرىمخانا ئىشىكىنىڭ چىڭ تاقاق تۇرغىنىنى كۆرۈپ:

_ توختا، تېخى ۋاقتى كەلمىدى_ دېدىم. 

ئارىدىن ئون مىنۇتلار  ئۆتكەندىن كېيىن رازىيە كىرىپ كەتكەن ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى  ئېچىلىپ ئىچىدىن بىر ناتۇنۇش ئەر چىقىپ كەتتى ، ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى يەنە يېپىلدى. بىردەمدىن كېيىن بىر كۈتكۈچىنىڭ ئۇ ئايرىمخانىغا چاي ئېلىپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرىپ توختاتتىم. 

_ مەنمۇ شۇ ئايرىمخانىغا كىرەي دەپ تۇراتتىم، ئەكىلىڭ، مەن ئالغاچ كىرەي. 

كۈتكۈچى پەتنۇسنى ماڭا بېرىپ ئەدەب بىلەن رەھمەت ئېيتىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ كەتتى.  مەن پەتنۇستىكى چاينى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم. ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەن يەنى ئۈمىد بىلەن رازىيە بار ئىدى.  ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، ئۇ مېنىڭ بۇ يەرگە تۇيۇقسىز كىرگىنىمدىن ھەيران قالمىدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنى بۇ يەردە كۆرۈپ قىلچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. 

_ ئۈمىد ئاكا، ئەمىسە مەن ماڭاي. 

رازىيە ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ كىرگەن ئادەمنىڭ مەن ئىكەنلىكىمگە دېققەت قىلمىدى، مەن بېرىپ پەتنۇسنى ئۈستەلگە قويغاندىمۇ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىمىدى، ئۇ مېنى كۈتكۈچىمىكىن دەپ قالغان ئىدى.  مەن بىر پىيالە چاينى قۇيۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدۇم. 

_  نىمىگە ئالدىرايسىز؟ جىددى ئىشىڭىز بارمىتى؟

رازىيە ئاۋازىمنى ئاڭلاپ چۈچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. 

_ سىزكەنسىزغۇ؟ 

_ ئەسلى ئەپەندىم دېگىنى  ئۈمىد ئەپەندىم ئىكەنغۇ، مەن تېخى كىمدۇ دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن. بۈگۈن ئويۇن كۆرىدىكەنمىز دە _ نىگارە كىرىپ، ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپلا ئولتۇرغاچ شۇنداق دېدى. 

رازىيە بىر ئۈمىدكە، بىر ماڭا قارىدى، كۆڭلى بىرەر ئىشنى تۇيۇپ قالدى بولغاي، خۇدۇكسىرىگەندەك كۆزىنى بىزدىن ئېپ قاچتى.  مەن ئۈمىدكىمۇ بىر پىيالە چاي قۇيۇپ سۇندۇم.  قىزىل رەڭلىك داستىخاندا بىر مۇنچە ھۆججەت تۇراتتى. 

_ رازىيە، ئەسلى سىزنى بىر ھەيران قالدۇرىۋېتەي دېگەنتىم،  لېكىن ئۆزىڭىزلا كېلىپ قالدىڭىز، بالدۇر بىلىۋالدىغان بولدىڭىز_ دېدى ئۈمىد قولىنى ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ. 

مەن بۇنىڭ مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم.  ئەمما رازىيە رېستۇرانغا كىرگەندە ئۆزىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئەپەندىمنىڭ ئابلەت ئەپەندىم ئەمەس، بەلكى ئۈمىد ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.  لېكىن مەن بىلەتتىم. 

_ بايىقى رېژىسور بەك ئوچۇق يورۇق ئادەم، بۇ ئۇ ئىشلىمەكچى بولغان يېڭى كىنونىڭ ئايال باش رولنىڭ توختامى. ئۇ سىزنى بۇ رولغا بەك ماس كېلىدىكەن دەيدۇ. رازىيە، بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت. مەن سىزگە ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم قىلىمەن دېگەنتىم، مانا گېپىمدە تۇرغاندىمەن، لېكىن مېنىڭمۇ بىر شەرتىم بار. 

_ قانداق شەرت؟

_ دادام بىلەن بولغام ھەمكارلىقنى توختىتىسىز. 

بۇ گەپتىن رازىيە چۈچۈپ كەتتى،  ئەمما يەنە بىر قېتىم تەلەي سىناپ باقماقچى بولغاندەك يەنە ئويۇن قويۇشقا باشلىدى. 

_ ئۈمىد ئاكا، گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم. 

ئۈمىد بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ قولىدا ئويناتقاچ رازىيەگە قارىدى. 

_ رازىيە سىز نەچچە ياش، مەن نەچچە ياش؟  مەن سىزدىن نەچچە ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان، ئەجىبا قىلىۋاتقانلىرىڭىزنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭىزما؟

رازىيە ئوينىغان ئويۇنلىرىنىڭ بۇنداق تېزلا تېشىلىپ قالىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ مېنىڭ ئالدىمدا سەتلىشىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.        بۇ ئىشنى تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 

ئۈمىد ئىككىمىز بىللە ئاسلانچاقنى ئىزدەپ چىققان ۋاقىت، بىر چاغدا ئۈمىد ماشىنىنى يول بويىغا توختاتتى. 

_ نازىيە،  رازىيە توغرىلىق ماڭا دېگەنلىرىڭىزنى ئېنىقلاپ باققانتىم، ئۇنىڭغا پۇل بەرگەن ئادەم راستلا دادامكەن. 

مەن بۇ ئىشنى ھەسەننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ بولغاچقا ئازراقمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم.  ئۈمىدنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.  ئۇنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىنى چۈشىىنمەن، ئەگەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق  رازىيەنىڭ راستلا بىرەر پۇلدار بىلەن ئىلىنىپ قالغىنىنى  بىلگەن بولسىمۇ بۇنچىۋالا بىئارام بولمايتتى، ئەمما  ئۇنى پۇتلىماقچى بولغىنى دەل ئۇنىڭ دادىسى ئىدى. 

_ مۇھەببەت بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايدۇ. بىرى ئۇنى يۇلۇۋەتمەكچى بولۇپ ئىغاڭلاتسا دەرەخمۇ تەڭ مىدىرلايدۇ، ئەگەر ۋاز كەچسە دەرەخ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئەگەر يىلتىزى چوڭقۇر بولسىچۇ، ھەرقانداق قاتتىق بوران چاپقۇنمۇ دەرەخنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. 

_ ئۇنداقتا سىزنىڭ يىلتىزىڭىز چوڭقۇرمۇ؟ 

ئۈمىد ماڭا قاراپ قولۇمنى تۇتتى. 

_ بەك چوڭقۇر. 

مەن ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ بىلەمسىز،  قانداقلا گەپ بولسا ماڭا دېگەن چېغىڭىزدا مەن ئۆزۈمنى ئەڭ بىخەتەر سېزىمەن. 

_ ئاياللاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ بولماسلىقى ئەرلەرنىڭ خاتالىقى، مەلىكەم، مەن خاتا قىپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ. 

شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە بارغاندىن كېيىنكى ئۇرۇشىشىمىز رازىيەنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويغىنىمىز ئىدى.  رازىيە مەقسىتىگە يىتەي دەپ قالدىم دەپ ئويلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئەپتى بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىپ كېتىدىغىنىنى ئويلىمىغان ئىدى. ئۈمىدنىڭ تەلەپپۇزى يەنىلا شۇنداق مۇلايىم، لېكىن كەسكىن ئىدى. رازىيە ئەمدى ھىيلىگەرلىك قىلالمايتتى. 

ئۈمىد رازىيەگە قاراپ يەنىلا بايىقى مۇلايىملىقى بىلەن گەپ باشلىدى. 

_ رازىيە، ئادەم ياش ۋاقتىدا پۇلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما ھاماقەتلىك قىلماڭ،  دادام سىزگە قانچە پۇل بەرگەن بولسا، ئۇ پۇلنى مەن بېرەي، دادام بىلەن ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتىڭ. 

نىگارە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ جايىدا ئولتۇرالماي قالدى. 


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k