大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 48- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 48- قىسىم aybarawazi
2023-07-28
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 49 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47

















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
48 - قىسىم



ئۈمىد قايتىپ كەلگەن ئىدى.

_ تېخى ئۇخلىماپسىزغۇ؟

_ ئۇيقۇم كەلمىدى، بۈگۈن پائالىيىتىڭلار بار ئىدىغۇ، نىمانچە بالدۇر قايتىپ كەلدىڭىز؟

_ سىزگە ھەمرا بولاي دەپ قايتىپ كەلدىم.

ئۇنىڭ ئۈستى بېشىدىن ئايالچە ئەتىرنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.

_ نىمە بولدىڭىز، مەلىكەم،  سىزگە ھەمرا بولاي دەپ زىياپەتنىمۇ تاشلاپ يېنىپ كەلسەممۇ خۇش بولمىدىڭىزما؟_ شۇنداق دەپ قولۇمدىن تارتتى ئۇ. ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتىم.  ئۇ يەنە كېلىپ  مېنى قۇچاقلىماقچى بولۇۋىدى،  كۈچەپ ئىتتىردىم. ئۇ مېنىڭ بۇنچىۋالا كۈچەپ ئىتتىرىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك.  كەينىگە نەچچە قەدەم سەنتۈرۈلۈپ ئۆزىنى توختىتىۋالالماي يىقىلىپ چۈشتى، يەنە تەن بەرمەي ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمغا كەلگەن ئىدى،  يۈزىگىلا ئېسىلدىم.  ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ رەسمى ئاچچىقى كەلدى.

_ نازىيە،  نىمە بولدى سىزگە؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟

قولۇم تىترەپ كەتتى، چۈنكى تىرنىقىم ئۈمىدنىڭ يۈزىنى تاتىلىۋەتكەن ئىدى.  لېكىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغۇم كەلمىدى،  ئەكسىچە تېخىمۇ سېسىق گەپ قىلدىم.

_ ھە، مەن ساراڭ بولدۇم، مەندەك ساراڭنىڭ يېنىغا كېلىمەن دېمەي بېرىپ خەق بىلەن كۆڭلىڭىزنى ئاچسىڭىز بولمامتى؟ نىمىشقا قايتىپ كەلدىڭىز؟

ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يۈزىدىن قان تەپچىرەپ چىققىنىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتكەن بولسىمۇ باش ئەگكۈم كەلمىدى.

ئۇ ئاچچىقى بىلەن ماڭا قارىدى، ئەمما تۇيۇقسىزلا چۈشىنىكسىز بىر ھالەتتە ھىجايدى.

_ ماقۇل،  ھازىرلا باراي، بۈگۈن كەچ ئەسلىمۇ ئويناپ قانمىغانتىم، پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ كىلەي، سىزمۇ ئۆيدە يالغۇز قالمايسىز ئەمەسمۇ.

_   نىمە دېمەكچىسىز؟

ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي كەينىگە يېنىپ چوڭ چامداپ چىقىپ كەتتى.  بىردەمدىن كېيىنلا سىرتنىڭ ئىشىكىنىڭ زەردە بىلەن يېپىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.  مەن قايتىدىن بالكوندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى،  شۇ تاپتا يۈرىكىم پارە پارە بولۇپ كەتكەن ئىدى.

ئۇنىڭ راستلا ئاچچىقى كەپتۇ، ھازىر ئۇ قەيەرگە بارا؟ فروزەنىڭ يېنىغا بارامۇ؟ مەن راستلا ساراڭ بولدۇممۇ نىمە؟ ئۆزۈمنىڭ ئېرىمنى قاراپ تۇرۇپ خەقنىڭ قوينىغا ئىتتىرىپ بەرگىنىم نىمىسى؟

 شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈندە ئۇ ئۆيگە كەلمىدى. تېلېفونمۇ ئۇرۇپ قويمىدى.  

ئۆتكۈر بىزنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغىنىمىزنى بىلدى بولغاي، ماڭا نەسىھەت قىلماقچى بولغاندەك قىلاتتى يۇ، ئەمما ھېچنىمە دېمىدى.  ئۇ كەلمىگەن كۈننىڭ ئىككىنچى كۈنى كەچتە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىدى. ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم قايتىپ كەلمەيمەن دەپ تۇرۇپ مېنى گۈلدۈرماما ئاۋازىدىن قورقىدۇ دەپ قايتىپ كەلگىنى ئېسىمگە كەلدى.  لېكىن بۇ قېتىم ئۇ قايتىپ كەلمىدى، تېلېفون ئۇرمىدى ياكى بىرەر تال ئۇچۇر يوللاپمۇ قويمىدى. سىرتتا گۈلدۈرماما ھەر گۈلدۈرلىگەندە قورقۇپ تۈگۈلۈپ يوتقانغا كىرىپلا كىتەتتىم.  بىر چاغدا ئىشىكنى بىرى چەكتى بېتىپ ئىشىكنى ئاچسام ئىشىك ئالدىدا ئۆتكۈر تۇراتتى.

_ گۈلدۈرمامىدىن قورققان بولسىڭىز پەسكە چۈشۈپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلىمۇ؟

ماقۇل دەپ پەسكە چۈشۈپ  مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇردۇق، ئۇ ماڭا شاڭخەيدە ئىشلىگەن چېغىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ مېنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇراتتىم، لېكىن ھەرقانچە قىلساممۇ خۇشال بولالمايۋاتاتتىم.  تۇيۇقسىز تېلېفونۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى. ھەيرانلىق ھەم ھاياجاندا تېلېفوننى قولۇمغا ئالدىم.  شۇ چاغدا شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ئۇ ھەرقانچە كۆڭلۈمگە ئەزار بەرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىكەنمەن.   لېكىن ئۇچۇر ئۇنىڭدىن ئەمەس، باشقا بىر ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن ئىدى.  ئۇچۇرنى باسماي تۇرۇپلا  يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.  غەيرەتكە كېلىپ ئۇچۇرنى ئاچتىم. ئۇچۇر ئىككى پارچە سۈرەت ئىدى.  سۈرەتلەرنى كۆرۈپ يەر جاھان چۆگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.  بىرىنچى پارچىسى فروزەنىڭ ئۈمىدنى يۆلەپ مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقان سۈرىتى،  ئىككىنچىسى، مېھمانخانىنىڭ ياتىقى ئىدى.  سۈرەتتىن قارىغاندا ئۈمىدنىڭ مەست بولۇپ قالغىنى ئېنىق ئىدى.  خۇدىنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇپ قالغاندا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار. ئۇ چاغدا مەن ئەنسىرىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى راستقا ئايلىنىدۇ دېگەن گەپ.  شۇ چاغدا بىرى كېلىپ يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋاتقاندەك بولۇپ كىتىۋاتاتتىم.

_  نىمە بولدىڭىز؟_ ئۆتكۈر چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ سورىدى.

_ ھېچنىمە_ چاندۇرماسلىققا شۇنچە تىرىشساممۇ چاندۇرۇپ قويۇۋاتقىنىم ئېنىق ئىدى. ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن باشقا بىر ناتونۇش نومۇردىن ئۇچۇر كەلدى.  ئۇچۇرغا مېھمانخانىنىڭ ئىسمى بىلەن قايسى ياتاق ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى.  مەن كىيمىمنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تېلېفونۇمنى قۇچاقلاپ ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم.

_ نازىيە، بۇ يامغۇردا نەگە بارىسىز؟_ ئۆتكۈر كەينىمدىن ۋاقىرىدى.

ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيلا يامغۇرغا قارىماي يۈگۈردۈم.  ھاۋادا ھېلىدىن ھېلىغا چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەيتتى.  ئەمما شۇ دەقىقىدە كاللامدا چاقماق، گۈلدۈرمامىدىن قورقۇش دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.   بەلكى قورقۇۋاتقىنىم باشقا ئىش ئىدى.  بىردەمدىن كېيىن بىر ماشىنا يېنىمغا كېلىپ توختىدى ۋە دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ:

_ چىقىڭە_ دېدى. ئۇ ئۆتكۈر ئىدى.

مەن ھېچ ئىككىلەنمەي ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇم،

_ نەگە بارىسىز؟_ سورىدى ئۆتكۈر. مېھمانخاننىىڭ ئىسمىنى دەپ بەردىم، ئۆتكۈر ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى.  يامغۇر  تېخىمۇ ئىتتىكلەپ كەتتى.  مېنىڭ ئۈستى بېشىم ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئەمما سوغۇقنى سەزگۈدەك ھالەتتە ئەمەس ئىدىم، چۈنكى يۈرىكىمدىكى ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىمدىكى سېزىمىمنى يوقىتىپ قويغاندەك قىلاتتى.  بەلكىم ئۈمىد بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتكە ئاللىبۇرۇن چاك كەتكەن بولسا كېرەك، شۇڭا مېنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجەم،  فروزە كىيگەن مۇراسىم كىيىمى، شىركەتنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا مېنى ئېلىپ بارماسلىقى دېگەنلەرنىڭ  ھەممىسى بۇ چاكنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتكەندەك قىلاتتى.  ئۈمىدنىڭ سالاھىيىتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشقا تىگىشلىكى ئۇنى چۈشىنىدىغان، ئۇنىڭغا كۈيۈنىدىغان، ئىقتىدارلىق، خىزمەتتىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم  قىلالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە مەن بىكاردىن بىكار جىدەل قىلغاندا ئۇ مەن بىلەن توي قىلغىنىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىغۇ دەيمەن.  

ئۆتكۈر ماشىنىنى مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولۇۋىدى، مەن ئۇنى توستۇم.

_ بولدى، سىز قايتىپ كېتىڭ، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ.

مېھمانخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ غەلىتە قاراشلىرى بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئۇدۇل لىفىتقا قاراپ يۈگۈردۈم.  ئۇچۇردا دىيىلگەن ياتاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ چېچىم ۋە كىيمىمدىكى يامغۇر سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى چىكەي دەپ تۇرسام ئىشىك ئېچىلدى، ئىشىكنى ئاچقىنى فروزە ئىدى.  فروزەنىڭ كىيىم كىچەكلىرى رەتلىك تۇراتتى. . «ئۇف، ھەرنىمە بولسا ۋاقتىدا كەپتىمەن» دەپ ئويلىدىم. فروزە مېنىڭ ئۈستى بېشىمغا بىر قارىۋېتىپ:

_  مۇشۇ كىيىم بىلەن كەلدىڭىزما؟_ دېدى.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كىيىملىرىمگە قارىسام ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا كەلگىنىمنى ئاز دەپ، پۇتۇمغا ئىككى خىل ساپما كەش كىيىپ كەلگەن ئىدىم.  ئۇ ئىچىدە مېنى تازا مازاق قىلىۋاتىدۇغۇ دەيمەن دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن مېنى مازاق قىلغاندەك قىلمايتتى.

_ ئۈمىدنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، فروزە، ئۈمىدنىڭ ئائىلىسى بار،  بۇنى  بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۇزماقچى بولسىىز؟

قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئەمما فروزەگە ئامال بار قوپال گەپ قىلماسلىققا تىرىشىۋاتاتتىم. فروزە ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.

_ ئۇچۇرنى سىزگە مەن يوللىغان تۇرسام، ئەلۋەتتە بىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن دە.

بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم.

_ ئۇچۇرنى سىز يوللىغانما؟ مېنى ئۈمىد ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن دەپ چاقىرغانما؟

_ ئەگەر مەن راستلا سىز دېگەندەك ئويلىغان بولسام سىز كەلگەندە بەلكىم مەن بۇ ھالەتتە تۇرماسلىقىم مۇمكىن ئىدى.

ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىدىم. ئۇ ياتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كرىسلودا ئولتۇردى.  مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كىردىم، ياتاقنىڭ ئىچىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى كېلىۋاتاتتى.  ياتاقنىڭ ئىچىدە غۇۋا يانىدىغان بىرلا چىراق ياندۇرۇپ قويۇلغان، ئۈمىد كارىۋاتتا  مىدىرلىماي ياتاتتى.  قارىغاندا ئۇخلاپ قالغان بولسا كېرەك.

فروزە  بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىپ ئىستاكاننى قويۇپ قويۇپ ماڭا قارىدى.

_ ئالدىنقى قېتىم باش دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىدا سىز بىلەن چېقىشىپ قويسام راست دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسىز ھە؟

ئالدىنقى قېتىم؟  ئۇنىڭ دەۋاتقىنى ئۈمىدنىڭ گالىستۇكىنى تاقاپ قويۇۋاتقان ۋاقىت بولسا كېرەك.  لېكىن ئۇ چاغدا ئۇ مەن بىلەن چېقىشقاندەك قىلمىغان.

_ مېنى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قاپسىز دە؟ ئەگەر مەن راستلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسام سىز ئۇنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەك ئىدى.  قانداق دېدىم؟

_ سىز نىمە دېمەكچى؟_ شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم.  فروزە ماڭا بىر مۇنچە گەپ قىلدى.  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىم تۈپتىن ئۆزگەردى.

_ ئاپام بىلەن تاغامنىڭ بىزنى بىر يەرگە كېلىپ قالسىكەن دەيدىغان ئۈمىدى بار، مېنىڭچە بۇنى سىزمۇ بىلدىڭىزغۇ دەيمەن.  لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ خىيالى، مەن ئۇلار شۇنداق دېسىلا شۇ تەرەپكە ئېغىپ كېتىدىغان قىز ئەمەس.  مەن كىچىك بالا ئەمەس، چوڭ بولدۇم، ئۆزۈمنىڭ  ئويلىغىنىم، ئۆزۈمنىڭ ئارزۇ، غايىلىرىم بار.  يەنە كېلىپ ئاپام  دادام ئىككىمىزنى تاشلىۋەتكەن، ئەمدى بولغاندا مېنى يېنىغا ئەكىلىۋېلىپ مەن ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ،  ئۇلار مېنى بەك ئاددى چاغلاپ قالغان بولسا كېرەك،  مەن ھەرگىز ئاپامنىڭ  بۇرۇنقى يولىدا ماڭمايمەن، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا خەق «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قويرۇق»،  زادى ئاپىسىنى تارتىپتۇ دىيىشىدۇ. مەن بۇنداق بولۇشىنى خالىمايمەن.

ئۇ گەپ قىلىۋېتىپ كارىۋاتتا ياتقان ئۈمىدكە قاراپ قويدى.

_ ئۈمىد ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر، ھەرقانداق ئايال زاتى مەپتۇن بولۇپ قالغۇدەك ئەر،  بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن. ئەمما مەن ئۇنى دەپلا ئۆزۈمنى بىر ئەر كىشىگە ئاتىدىغان قىزلاردىن ئەمەس، دۇنيادا ياخشى يىگىت يالغۇز ئۇلىمىتى.  

ئاغزىمغا ھېچقانداق گەپ كەلمىدى.  ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن گەپ قىلىۋاتقىنىنى قاراپلا بىلىۋالغىلى بولاتتى.  ئەمما يەنىلا بۇ ئىشلار بەكلا تۇيۇقسىز كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

_ ئەمىسە ماڭا سۈرەتلەرنى يوللىغان ئادەم كىم؟

_ قايسى سۈرەتلەرنى؟_ ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى  راست ئىدى.  مەن تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ھېلىقى ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتىم.

_ مۇشۇنىمۇ بىلمىدىڭىزمۇ؟ يا مېنىڭ ئاپام ياكى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قىلغان ئىشى بۇ.   ئۇلارمۇ بەك ئاشۇرىۋەتتى، ئۆيۈڭلارنى بۇزۇۋېتىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشى قالمىغۇدەك.  سىزگە راست گەپنى قىلاي، بۇ ياتاقنىمۇ ئاپام ئېلىپ قويۇپتىكەن،  ئۇنىڭ نىمىنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن،  ئەمما ئاپامنىڭ بۇ سۈرەتلەرنى سىزگە يوللاپ بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

توغرا، ئۈمىدنىڭ دادىسى  ئىككىڭلارنى ئايرىۋېتىدىغانغا ئۆزۈمنىڭ ئامالى بار دېگەن.

فروزە ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈردى، ئاندىن سومكىسىنى ئېلىپ بىر چۆگىلىۋەتتى.

_  بۇ ياتاق خېلى بولىدىكەن، ھامان پۇلىنى تۆلەپ بولدى، ھازىر كەتسەڭلا ئىسراپچىلىق بولىدۇ، بۈگۈن كەچتە مۇشۇ يەردە يېتىپ قېلىڭلار.

ئۇ بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ توختاپ كەينىگە قارىدى.

_ بايا ئۇنى يۆلەپ كىرىۋاتقاندا ئۇ توختىماي بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.

_ كىمنىڭ ئىسمىنى چاقىردى؟

_ نازىيە،  بىلەمسىز؟ ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىشەنچ.

ئۇنىڭ دېگىنى توغرا، ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىيشەنچ، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەپتىمەن.  توغرىراقى مەن ئۆزۈمگە ئىشەنمىگەچكە ئۇنىڭغا ئىشەنمەپتىمەن.  فروزە كەتتى، مەن كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇخلاپ ياتقان ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئايىقىنى سالدۇرۇپ تۈزلەپ ياتقۇزۇپ يوتقان يېپىپ قويدۇم.  ئۇچامدىكى ھۆل كىيىم بەدىنىمگە چاپلىشىپ بەكلا بىئارام قىلىۋەتتى، شۇڭا يۇيۇنۇش ئۈچۈن مۇنچىخانىغا كىردىم. يۇيۇنۇپ  چىقىپ قارىسام ئۈمىد تېخىچە مىدىر سىدىر قىلماي يېتىپ ئۇخلاۋېتىپتۇ.

ئاستا كېلىپ مېھمانخانىنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم. بىر چاغدا ئۇ ئۆرۈلۈپلا مېنى قۇچاقلىۋالدى.

_ نازىيە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.

_ نىمە؟ نىمە دېدىڭىز؟

ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئۆز ئاغزى بىلەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.  ئۇ قايتا ئۇ گەپنىمۇ دېمەي يەنە پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى.

ئويغانغان چېغىمدا تاڭ يورۇشقا ئاز قالغان ۋاقىت ئىكەن، ئۈمىد تېخىچە ئۇخلاۋېتىپتۇ.  يامغۇر قاچانلاردا توختىدىكىن، دېرىزە سىرتىدىن سۇس چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.  ئۇنىڭ يۈزىدىكى تىرناق ئىزىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك بىئارام بولدى.  چوپ چوڭ بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇق ھېلىمۇ كىچىك بالىدەك ئىش قىلىدىكەنمەن. تىرناق ئىزى چىقىپ قالغان يەرنى ئاستا سىلىدىم. بۇ سىلىشىمدىن ئۇ ئويغىنىپ كەتتى.  ئاندىن ماڭا قاراپ:

_  مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن_ دېدى.

_ ئۈمىد، مەن كىم؟ مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ دەۋاتامسىز يا؟

_ بۇ نىمە دېگىنىىڭىز؟ ئۆزۈمنىڭ خوتۇنۇمنىمۇ تونۇمامدىمەن؟ مەن يا مەست بولمىسام.

_ تۆنۈگۈن كەچتە خۇدىنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇپ كەتكەن كىمكىن ئەمىسە _ دېدىم مەن سەل دومسايغان قىياپەتتە.

_ سىزنىڭچە فروزەگە تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىم دەپ بەرگەندۇ؟

دېمەك تۆنۈگۈن كەچتە فروزە ماڭا يوللىغان ئۇچۇرنى ئۈمىد يوللىغۇزۇپتىكەندە.

_ ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا ئىشىنەمسىز؟ يەر دەسسىگۈدەك ھالىڭىز قالمىغۇدەك ھالەتتە ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كىرىپسىز.

ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي مەندىن گەپ سوراشقا باشلىدى،

_  قېنى دەڭە، گۈلدۈرمامىدىن قورقتۇم دەپ باشقىلارنىڭ يېنىغا كىرىپ يېتىۋالمىغانسىز ھە؟

_ نىمە دەيدىغانغۇ؟_ دەپ تەتۈر قاراپ يېتىۋالدىم مەن.

_ گۈلدۈرمامىدىن قورقتۇم دەپ قەيەر بىخەتەر بولسا شۇ يەرگە باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىمىكىن دەيمىنا.

_ ئۆزىڭىز گۈلدۈرمامىدىن قورقىدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا يەنە  ئۆيگە قايتىپ كەتمەيسىز؟ ئەمدى يەنە شۇنداق ۋاقىتتا مېنى يالغۇز تاشلاپ قويسىڭىز، راستلا بىخەتەر جاي ئىزدەپ كىتىمەن جۇمۇ.

_ شۇنداق قىپ بېقىڭە قېنى.

ئۇ شۇنداق دەپ مېنى غىدىقلىدى، مەن كۈلدۈم، شۇنداق قىلىپ ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىكمۇ تۈگىگەن بولدى. بىر چاغدا ھەر ئىككىمىز ھېرىپ كارىۋاتتا سىڭايان يېتىپ قالدۇق.

_ مەلىكەم.

_ ھە.

_ ماڭا راست گەپ قىلىڭ ھە، ھېلىقى كۈنى سىزنى شىركەتنىڭ مۇراسىمىغا ئېلىپ بارمىغىنىمغا خاپا بولدىڭىزما؟

ئەمەلىيەتتە مېنىڭ خاپا بولغىنىم بۇ ئەمەس ئىدى.

_ باش دېرىكتور ئەپەندىنىڭ خىزمەتچىسىگە مۇراسىم كىيىمى ئېلىپ بەرگىنىدىن ھەيران بولۇپ، ھەمممە خىزمەتچىگە ئېلىپ بەرگەنمىكىن كۆرۈپ باقاي دەپ بارغانتىم، ئۇنداق ئەمەسكەن، ئەسلى ھەممىسىگە ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز توغرا بولاتتى.

ئۇ دەسلەپتە تىڭىرقاپ قالدى، ئاندىن ئېسىگە بىر ئىش كەلگەندەك كۈلۈپ كەتتى ۋە يۈزۈمنى چىمداپ قويدى.  ئۇ تېخى ماڭا چۈشەنچە بەرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا چىرايىدىكى كۈلكە ئۆچتى. 



داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k