大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 36- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 36- قىسىم aybarawazi
2023-07-16
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 37 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35





























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
36 - قىسىم


بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۆتكۈرنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە ئىچىمدىن كەلكۈندەك ئېتىلىپ چىققان يىغىنى توختىتىۋالالمىدىم. باياتىن قورقۇنۇچ ئىچىدىمۇ ئەيتاۋۇر يىغلاش ئېسىمگىمۇ كەلمەپتىكەن.  ئىسەدەپ ئىسەدەپ خېلىغىچە يىغلىدىم، ئۆتكۈر نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ كەتتى.  بىر چاغدا ئاستا دۈمبەمگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:

_ بولدى، كېرەك يوق، يۈرۈڭ،  بۇ يەردىن كىتەيلى_ دېدى.

ئۇ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى، پۇتۇم ئاغرىپ  ئورنۇمدىن بەك تەستە تۇرۇپ ماشىنىغا ئارانلا چىقىۋالدىم.  ئادەم ئاجايىپ بولىدىكەن، پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالغاندا كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمايدىكەن، ئۈمىدنى كۆرگەندە بولسا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالىدىكەن. مەن ماشىنىغا چىقىپمۇ خېلىغىچە يىغلىدىم. بىر چاغدا يىغامنى توختىتىپ ئۆتكۈرگە قاراپ سورىدىم:

_ سىز بۇ يەردە نىمە قىلىپ  يۈرىسىز؟

راستىمنى ئېيتسام بايا مۆجىزىلەرچە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ ئۈمىد بولۇپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. ئۆتكۈر ماڭا بىر قاراپ قويۇپ تۇيۇقسىزلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

_ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.  بۈگۈن  سىز بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئانار ھەدەمدىن سىزنىڭ قەيەرگە كەتكىنىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەتكىم كەلمىدى، نىمىشقىكىن، كۆڭلۈم مۇشۇ يەرنى تارتىپ ماڭغانتىم، ھېلىمۇ كەپتىمەن، بولمىسا بۇ كېىچىدە قەيەردە تىنەپ تەمرىتەپ يۈەر بولغىيتتىڭىزكىن.

ئۇ ماشىنىنى بىردەم ھەيدىگەندىن كېيىن توختىتىپ مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى كەينىگە ياتقۇزۇپ  قويدى.

_  ئۇخلىۋېلىڭ،   سىز ئويغانغۇچە يېتىپ بارىمىز.

_ سىزچۇ؟ بەك چارچاپ كىتەرسىزمۇ؟

_ ھېچقىسى يوق، مەن دېگەن ئەر كىشى. ئۇخلاۋېرىڭ.

ماشىنىدا چايقىلىپ مېڭىپ بىردەمدىلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.  ئويغانغان چېغىمدا تېخى تاڭ يورۇماپتۇ. دېرىزىدىن قاراپ تونۇش مەنزىرىنى كۆردۈم، ئۆتكۈر مېنى ئۈمىدنىڭ داچىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۇيقۇمنى بۇزغۇسى كەلمىدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۆزىمۇ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ كىتىپتۇ.  مەنمۇ ئۇنى چاقىرمىدىم، مېنى نىمىشقا بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭىز دەپمۇ سورىماي ئاسا ماشىنىدىن چۈشۈپ داچىغا كىردىم.  زاپاس ئاچقۇچ قويۇپ قويىدىغان جايدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، ئۆزۈم ياتىدىغان ھۇجرىغا كىرىپ ياتتىم.  ئەمما ھېچ ئۇيقۇم كىلەي دېمەيتتى.  بىر چاغدا بەك ئۇسساپ كەتكىنىمنى ھېس قىلىپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم، پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى. ئاقساپ يۈرۈپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلەي دىيىشىمگە كەينىمدىن بىرى كېلىپ قۇچاقلىۋالدى. ئۇنىڭ قۇچاقلىشى يەنىلا شۇنداق مېھىرلىك ئەمما بۇ ماڭا تەئەللۇق بولمىغان مېھىر.

_ مېنى قويۇۋېتىڭ_ دەپ ئىتتىرىۋەتتىم. بەك كۈچەپ ئىتتىرمىسەممۇ ئۇ دەلدەڭشىپ بېرىپ كرىسلودا يېتىپ قالدى، شۇندىلا ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ خېلى كۆپ ئىچكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.   ئاستا بېرىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم ئۇ قولىنى سوزۇپلا ئېڭىكىمنى تۇتتى. بەك كۈچەپ تۇتقاچىمۇ ئېڭىكىم ئاغرىپ كەتتى.

_ ۋايجان، ئاغرىتىۋەتتىڭىز.

_ سىز ئۇ ئەبلەخ بىلەن ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا باردىڭىزما؟  ئۇ خۇمپەر گېپىدە تۇرمىدى،  كۆرگۈلۈكىنى كۆزىگە كۆرسىتىمەن.

_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟ ئۇ قايسى گېپىدە تۇرمىدى؟

غۇۋا چۈشۈپ تۇرغان چىراق نۇرىدا ئۈمىدنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىنى بىلگىلى بولاتتى.  ئۇ   يانچۇقىدىن قاتلاقلىق بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ كرىسلونىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يېتىپ قالدى. ئاستا  قەغەزنى قولۇمغا ئېلىپ بېرىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقىنى ياندۇردۇم.  قەغەزنى ئېچىپ بېشىدىكى قۇردىكى خەتلەرگە كۆزۈم چۈشكەندە يۈرىكىمگە نەشتەر ئۇرۇلغاندەك  بولۇپ كەتتىم. خوتۇنىنى سېتىش كېلىشىمى.  دەرھال ئاستىدىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ  قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم، ئەمما كۆزلىرىمدىن ياشلار بولدۇقلاپ ئېقىشقا باشلىدى.  ئۈمىد بىلەن ئەزىمەتنىڭ قاچانلاردا ئايرىم كۆرۈشۈپ مېنى سېتىش سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ ، بۇ كېلىشىم قولۇمدا تۇراتتى.  ئەزىمەتنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلىمەن،  ھازىر ئازابلىنىۋاتقىنىم ئۇنىڭ مېنى سېتىۋەتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى......

_ سىز ئەسلى مېنى سېتىۋاپتىكەنسىز. مەن ئاراڭلاردىكى بۇيۇمغا ئايلىنىپ بوپتىكەنمەن.

ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم، ئاھ نىمە كۈن بۇ ماڭا.  يۈرىكىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىپ كەتتى. ئۈمىد  دەلدەڭشىپ كېلىپ ماڭا ئېسىلماقچى بولدى، ئۇنى ئىتتىرىشكە بۇ قېتىم پەقەتلا كۈچۈم يەتمىدى.  تۇيۇقسىز ئىشىكتىن بىرى كىرىپ كەلدى ۋە كېلىپ ئۈمىدنى يۆلەپ كرىسلوغا ياتقۇزۇپ قويۇپ پەس ئاۋازدا ماڭا گەپ قىلدى:

_ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.

مەن گەپ-سۆز قىلماي  ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆتكۈرنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.

_ خوتۇنۇمنى نەگە ئاپىرىسەن، خوتۇنۇمنى ئېلىپ كەتمە.  ئۇ دېگەن مېنىڭ خوتۇنۇم .

يەنە ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم.  كۆڭلۈم شۇنچىلىك بىئارام. ئۆتكۈر ماشىنىغا چىقىپ ماڭا قاراپ خىجىل بولغان ھالدا :

_ كەچۈرۈڭ، ئۈمىدنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ئىچىۋالغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، سىزنى بۇ يەرگە ئەكەلمىسەم بوپتىكەن_ دېدى.

ئاغزىمغا گەپمۇ  كەلمىدى، ئارانلا بېشىمنى چايقىيالىدىم.  ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇدەك ھالىممۇ قالمىغان ئىدى. ئۆتكۈر ماشىنىنى ھەيدىمىدى، ماڭا باشقا گەپمۇ قىلمىدى، ھەر ئىككىمىز سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرۇپ كەتتۇق.  خېلىدىن كېيىن ئۆتكۈرگە قاراپ:

_ مېنىڭ قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرگۈم بار_ دېدىم.

_ ماقۇل.

ئۆتكۈر قىلچە تارتىشمايلا ماشىنىنى ھەيدەپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر تۈز يەرگە ئېلىپ باردى.  بۇ چاغدا ماشىنىدىكى سائەت سەھەر سائەت ئۈچنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

_ بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ، قۇياش چىقىدىغان چاغدا ئويغىتىپ قويىمەن_ دېدى ئۆتكۈر.  مەن يەنە بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتىم. قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن، بەك قالايمىقان چۈشلەرنى كۆرۈپ كىتىپتىمەن.  چۈشۈمدە بىر ئورمانلىقتا يۈرىمەن، بىر يىرتقۇچ مېنى قوغلاۋاتقۇدەك، مەن جېنىمنىڭ بارىچە قاچقۇدەكمەن.  لېكىن ھەرقانچە يۈگۈرسەممۇ ئورمانلىقتىن چىقالمىغۇدەكمەن. قورقۇپ ئاۋازىم چىقىپ كەتتىمىكىن،  ئۆتكۈر مېنى ئاستا چاقىردى.

_ نازىيە، قارا بېسىپ قالدىمۇ نىمە؟

_ ھە._ مەن ئوڭۇمدىمۇ يۈگۈرگەندەك ھاسىراپ كېتىپتىمەن.

_ قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرىمەن دېگەنتىڭىزغۇ؟

  دېرىزىدىن شەرق تەرەپكە قارىدىم،  شەرق تەرەپ سەل ئاقارغان ئىدى.  دەرھال ئۆرە ئولتۇردۇم، ئۈستۈمدىن  ئۆتكۈرنىڭ چاپىنى سېرىلىپ چۈشتى.  ماشىنىدىن چۈشكەندە چاپاننى ئۆتكۈرگە سۇندۇم، ئۇ چاپاننى ئۆزى كىيمەي ماڭا يېپىنچاقلاپ قويدى.

_ توڭلىمىدىم، ئىسسىپ كېتىۋاتىمەن.

_ بىردەم ماڭايلىمۇ؟ ماڭالامسىز؟

_ ھەئە_ دەپلا ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدىم. پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ چىداپ مېڭىۋاتاتتىم.

_ تەلىيىڭىز بار ئىكەن، بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى،  سەل تۇرۇپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندە تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدىغان بولدى.

_ نىمىشقا كېلىشمەسلىكنىڭ ھەممىسى ماڭىلا كېلىدىغاندۇ دەيمەن. كىچىكىمدىن تارتىپ ھزىرغىچە بىرمۇ ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ باقماپتۇ. قاياققىلا ماڭسام مىخقا ئۈسۈۋالىمەن. _ ئۇنىڭ ھاۋا توغرىلىق ئېيتقان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمىگەندەك ئۆزۈمنىڭ گېپىمنى قىلدىم، چۈنكى شۇ تاپتا كەيپىياتىم شۇنچىلىك تۆۋەن ئىدى.

 _ قەيسەر بولۇڭ، نازىيە.

   شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككىمىز گەپ قىلماي تۈزلەڭلىكتە شەرق تەرەپكە قاراپ قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق. قۇياش ئاستا ئاستا كۆتۈرۈلۈپ بىز تۇرغان تۈزلەڭلىككە يېيىلغاندا  نىمىشقىكىن قاتتىق يىغا تۇتۇپ كەتتى.

_ توساتتىن بىر دوستۇمنى سېغىندىم_ دېدىم مەن ئۆكسۈپ تۇرۇپ.

_ سېغىنغان بولسىڭىز كۆرۈشسىڭىز بولىدۇغۇ؟

مەن بېشىمنى چايقاپ تۇرۇپ:

_  ئۇ بەك يىراق جايدا.  مەن بارىمەن دەپلا بارالمايمەن. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇ قايتىپ كېلىمەن دېگەن،  كېيىن يەنە ھازىرچە بارالمايدىغان بولدۇم دېدى، تولىمۇ ئەپسۇس. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ كۆرۈشكۈم بار ئىدى._ دېدىم.

ئۆتكۈر قۇياش چىققان تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ مەنمۇ ئارانلا ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا دېدى:

_  بەلكىم ئۇمۇ سىز بىلەن ئوخشاش بىر قۇياشنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندۇ.

_ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر قۇياشنى كۆرۈشىمىز ئېنىق، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلمەيمىز دە، ئارىلىقتا ۋاقىت پەرقى بار ئەمەسمۇ. ئۇ تۇرغان جايدا ئاللىبۇرۇن قۇياش چىقىپ بولدى.

   ئۆتكۈر ماڭا قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ نىمىشقىكىن تۇيۇقسىزلا  كۈلۈپ كەتتى.  يەنە بىر قېتىم ئۇپۇققا قارىغان چېغىمىزدا قۇياش خېلىلا ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ بولغان ئىدى.  بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

_ ئۇ ماڭا ئەتە ھەرقانچە مۇشەققەتلىك بولسىمۇ قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ يۈزلىنىشىڭىز كېرەك دېگەن.  بۇ گېپىنى دائىم يادلاپ تۇرىمەن ھەم چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.

_ قەددىڭىزنى رۇسلاڭ، نازىيە.  بەلكىم ئۈمىد ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئولتۇرۇپ چىرايلىق پاراڭلىشىپ بېقىڭلار.

 بېشىمنى چايقىدىم.

_   ئەمدى ھاجىتى قالمىدى.  «يالىڭاياغ سۇدىن قورقماپتۇ» دېگەن گەپ بار. مەندەك ئادەمنىڭ يوقاتقۇدەك نىمىسى بار ئىدى قورقۇپ كەتكۈدەك.

_ نازىيە، قانداق ئارزۇيىڭىز بار_  تۇيۇقسىزلا شۇنداق سوراپ قالدى ئۆتكۈر.

_ ئارزۇ؟

ئۆتكۈرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىمگە كەلدى، ئەسلى مەنمۇ ئارزۇسى بار بىر ئادەم ئىدىم ھە.

_ بۇرۇن دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بولۇپمۇ جۇڭيى دوختۇرلۇقىغا بەك قىزىقاتتىم، ئاپام بەك ئۇزۇن كىسەل تارتىپ ياتقاچقا ئاپامنى داۋالاپ ساقايتسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ئىدى.

_ ئەمىسە نىمىشقا جۇڭيى دوختۇرلۇقىدا ئوقۇمىدىڭىز؟

_ سىستېرالىقتا ئوقۇسام بىر يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرىدىكەنمەن، يەنە كېلىپ ئوقۇش ھەققى تۆۋەن. ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئوقۇش خىراجىتىمنى ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى چىقىرىپ بەرگەن ئەمەسمۇ،  ھە راس، بايا سىزگە گېپىنى قىلغان دوستۇم.  شۇڭا ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلەۋېرىشتىن خىجىل بولۇپمۇ  جۇڭيى دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇمىغانتىم.  لېكىن بەك ياخشى كۆرىمەن.

بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۆتكۈرگە بۇرۇنقى تۇرمۇشۇمنى، بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم.  چايكىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەندە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنداق دېدىم:

_  ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىدىغانغا پۇرسەت بولامدۇ يوق، بىلمەيمەن.  ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مىننەتدارلىقىم بار.

ئۆتكۈر خېلىغىچە گەپ قىلماي تۇردى ۋە ئاخىرى بىر ئېغىزلا گەپ قىلدى:

_ چوقۇم پۇرسەت بولىدۇ.

بۇ چاغدا قۇياش خېلىلا ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ بولغان ئىدى. تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى،  بۇنداق ئەتىگەندە تېلېفون قىلغان كىمدۇ دەپ تېلېفوننى ئالدىم.  كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىدىن كەلگەن ئىكەن، ئۇ  دەرھال دوختۇرخانىغا قايتىپ كېلىشىمنى  ئېيتتى، گەپ- سۆزلىرى بەكلا قوپال ئىدى. نىمە ئىش بولدىكىنە؟ ئۆتكۈرمۇ ئىشقا بارىدىغان بولغاچقا ئىككىمىز بىللىلا كەتتۇق.

پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى ئاخشامقىدىنمۇ ئېغىرلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. ماشىنىدىن چۈشكەندە يەرنى ئارانلا دەسسىيەلىدىم. ئۆتكۈر مېنى يۆلىمەكچى بولغان ئىدى، باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، «سىز ئالدىدا مېڭىۋېرىڭ، مەن ئۆزۈم ماڭاي» دەپ ئۇنىمىدىم.  دوختۇرخانىغا كىرىپلا ئىشلارنىڭ سەل بىنورمال ئىكەنلىكىنى سەزدىم،  مېنى كۆرگەنلەرلا غەلىتە قارىشاتتى، ئىككى ئۈچەيلەن بىر يەرگە كېلىپ مېنى كۆرسىتىپ كۇسۇرلىشاتتى.  ئالدىمغا ئازراق مېڭىشىمغا ئۇدۇلۇمدىن ئىكى سىستېرا چىقىپ قالدى، مەن ئۇلارنى تونۇيتتۇم، ئۇلار ھەر قتىم ئۆتكۈر بىلەن بىللە ماڭغىنىمنى ياكى بىللە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ قالسىلا بىر ئامال قىلىپ مېنى گەپتە چېقىۋالىدىغانلار ئىدى.  ئۇلار ئالدىمغا كېلىپ قەستەن يولۇمنى توسۇپ تۇرىۋالدى. ئايلىنىپ ئۆتىمەن دېسەممۇ ئۆتكىلى قويمىدى. ئۇلارنىڭ ماڭا قاراشلىرىدىن بىر خىل مەنسىتمەسلىك چىقىپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇلار مېنى گەپتە چېقىۋالغىنى بىلەن بۇنداق ئوچۇق ئاشكارا يولۇمنى توسۇپ باقمىغان.

_  نازىيە، بۇنداق پەس، چاكىنا ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن جۇمۇ.

_  شۇنى دېگىنە،  ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن.

ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چىلەك سوغۇق  سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم.

_ بۇ نىمە دېگىنىڭلار؟

     ئارىدىكى بىرى ئاغزىنى ئېتىپ تۇرۇپ يەنە بىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:

_  ئۇ تېخى بىلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟

  ئۇلار بىلەن كارىم بولماي ئايلىنىپلا ئۆتۈپ كەتتىم.  تېخى كادىرلار بۆلۈمىگە كىرمەي تۇرۇپلا نىگارەنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالدىم.

_  نازى، نىمە بولدۇڭ؟ ئەجەب قوقاتتىڭغۇ مېنى؟

_ نىمە ئىش بولدى؟_ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي سورىدىم.

_   ۋاي سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ماڭا قارا، سەنچۇ ھازىر داڭلىق شەخسكە ئايلىنىپ قالدىڭ.  مىكرو بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تېخىمۇ بىئارام بولدى.  نىگارە ماڭا مىكرو بلوگنىڭ ئۇلانمىسىنى يوللاپ بەردى، ئۇنى تېخى ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا يېقىنلا يەردە ماڭا قاراپ قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ تۇرغان كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرىنى كۆرۈپ قالدىم.

_ ئىشخانىغا كىرىڭ_ دېدى ئۇ ئىنتايىن قوپال ئاۋازدا.

تېلېفوننى سومكامغا سېلىپ ئاۋايلاپقىنە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.   كىرسەم مۇدىر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ بوپتۇ. مەن كەلگەندىن بۇيان ماڭا شۇنداق قىزغىن مۇئامىلىدە بولىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن بۈگۈن بىر سوغۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى.

_ نازىيە، دوختۇرخانىمىز سىزدەك چاكىنا ئادەمنى سىغدۇرالمايدۇ.

_ ھە؟ چاكىنا ئادەم؟ بۇ نىمە دېگىنىڭىز ، مۇدىر_ بىكاردىن بىكارلا  بۇنداق ھاقارەتكە ئۇچرىغىنىمدىن چىداپ تۇرالمىدىم.  مۇدىر كومپيۇتېر ئېكرانىنى ماڭا توغرىلاپ:

_  مانا، ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ_ دېدى.

كومپيۇتېرنىڭ ئىكرانىدا چىقىپ تۇرغان خەتكە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.

«ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارىلاندى. ئۇنى ھەقىقىي قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە دېسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئۇ  300 مىڭغا سېتىلىپ كەتكەن بىر پاسكىنا»

ئاستىدا بىر پارچە سۈرەت بار ئىكەن، سۈرەتتە مەن بىلەن بىر ئەر كىشى بار ئىكەن،  مەن  بەدىنىمگە مونچا لۆڭگىسى ئورىۋالغان، ئەر كىشىنىڭ ئۇچىسىدا كىيىم يوق،  ئەر كىشىنىڭ يۈزى توسۇپ قويۇلغان بولسىمۇ ئەمما مەن يەنىلا تۇنۇپ قالدىم. ئۇ ئۈمىد ئىدى.  بۇ سۈرەتنى ئۈمىد تارتقان.  ھەرقانچە ئويلىساممۇ مەن بۇ خەۋەرنى ئۈمىدنىڭ ئېلان قىلىنىغا ئىشەنمىدىم. لېكىن سۈرەت ئۇنىڭ تېلېفونىدا تۇرسا، ئۇ قىلمىسا كىم قىلىدۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يۈزى توسۇپ قويۇلۇپتۇ، ئەمما مېنىڭ شۇ پىتى.  بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى بىلەن يۈرىكىمگە دەھشەت بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى.

مۇدىر ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن كومپيۇتېرغا قاراپ تۇرۇپ دېدى:

_ بۇ سۈرەتنى يالغان، ياسالغان سۈرەتكەن دېمەڭ ھە.  بۇنچىۋالا قىلغۇدەك سىز داڭلىق شەخسمۇ ئەمەس. راست بۇنداق ئىش بولمىغان بولسا، كىمنىڭ قولى قىچىشىپ بۇنداق نەرسىنى يوللاپ يۈرگەندۇ؟

 راستىمنى ئېيتسام ئۆزۈمنى ئاقلىغۇدەك گەپ تاپالمىدىم، چۈنكى سۈرەت راس، 300 مىڭنىڭ ئىشىمۇ راس.  لېكىن 300 مىڭنىڭ ئىشىنى مەن تېخى ئاخشام بىلدىم.  مۇدىر مېنىڭ گەپ قىلماي جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ  شۇنداق ئىش بارلىقىنى بوينىغا ئالدى دەپ چۈشەندى بولغاي:

_  مالىيە بۆلۈمىگە كىرىپ ھېساباتنى قىلىۋېتىپ بۇ يەردىن كېتىڭ. دوختۇرخانىمىز بۇنداق سەتچىلىكنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر......

مۇدىرنىڭ گېپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئىشىك ئېچىلدى.


داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0