大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 49- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 49- قىسىم aybarawazi
2023-07-29
5
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 50 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

49-قىسىم


  تېلېفوندا قارشى تەرەپلا سۆزلىدى، ئۈمىد بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ ئەنسىز بولۇشقا باشلىدىم. ئۇ تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن  ئۇنىڭدىن نىمە ئىشكەن  دەپ سورىدىم.    ئۇ ئاددىيلا قىلىپ ھېچنىمە دېدى ۋە ئۆرۈلۈپلا  ھېچ ئىش بولمىغاندەك :

_ بۇندىن كېيىن رەنجىيدىغان ئىش بولسىمۇ ئىشنى ئېنىق بىلىپ ئاندىن رەنجىڭ بولامدۇ؟ بىكاردىن مېنىمۇ قىيناپ، ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ_ دېدى.

  ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى مۇراسىم كىيمىنىڭ گېپى ئوخشىمامدۇ؟ ئەجىبا بۇ ئىشتىمۇ ئۇنى خاتا چۈشىنىىپ قالغان ئوخشىمامدىم؟

_ سىز ھېلىقى كۈنى ئىشخانامدا مۇراسىم كىيمىنى كۆرۈپتىكەنسىز دە.... ھا ھا ھا_ ئۇ كۈلۈپ  تىنالماي قالدى.

_ ھەئە، كۆردۈم، شۇڭا يالغان توقۇيمەن دەپ ئاۋارە بولماي راست گەپنى دەڭ.

_ ئۇ كۆڭلەكنى ئۇنىڭغا مەن سوۋغا قىلمىغان، ئۇ ئۆزى سېتىۋاپتىكەن، شۇ كۈنى تۇيۇقسىز جىددى يىغىن ئاچماقچى بولۇپ قالدۇق،  ئۇ سودا سارايدىن كېلىپلا ئۇدۇل يىغىنغا چىققاچقا مېنىڭ ئىشخانامغا قويۇپ قويغان.

خېلىغىچە گەپ قىلماي قاراپ تۇرۇپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم.

_  راست  شۇنداقمۇ يا؟

_ راست، سىزنى ئالدىغان بولسام....

ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدىم. ئاندىن يەنە بىر گەپنى قىلدىم.

_ ئۇ كۈنى فروزە بىلەن ئوينىغان تانسىڭىز ئالدىن رەپىتىس قىلىۋالغاندەكلا چىقىپ كەتتى.  بەك ماسلىشىپ ئوينىدىڭلار.

ئۈمىد ئېغىر بىر ئۇھسىندى ۋە:

_ شۇ كۈنى سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى بىلەتتىم_ دېدى.

ئۇنىڭ گېپىگە تازا ئىشەنمىدىم. ئۇ كۈنى مېنى ھېچكىم كۆرمىگەن تۇرسا، يەنە كېلىپ مەن يا زالغا كىرمىسەم، ئۇ قانداق بىلىدۇ؟

ئۇ تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى.  ئۇ ئۆتكۈر ئىككىمىزنىڭ سۈرىتىمىز ئىكەن، يەنە كېلىپ ئۆتكۈرنىڭ مېنى بۇياققا دەپ تارتىۋاتقان ۋاقتى ئىكەن.  ھە،  ئۇنىڭ شۇ كۈنى كەچتە سىزمۇ يالغۇز قالمايسىزغۇ دېگىنى بىكار ئەمەسكەن.

_ بۇ سۈرەت نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى؟_ دېدىم مەن پەرۋاسىز قىياپەتتە.

_ ئۇنداقتا بىر مۇراسىم كىيىمى نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى.  ئۆزىڭىز ئاق قارىنى پەرق ئەتمەي تۇررۇپلا مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ.  لېكىن مەن سىزگە ئىشىنىمەن، ئۆتكۈرگىمۇ ئىشىنىمەن، ئىشەنمىگەن بولسام ئۇنى ئۆيۈمدە تۇرغۇزمايتتىم.

تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى-دە ئۈمىدنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۈرەت يوللىغان تېلېفون نومۇر بىلەن  ئۆزۈمنىڭ تېلېفونۇمدىكى ئۇچۇر يوللىغان نومۇرنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم.  راستلا ئوخشاش بىر نومۇركەن. ئۇنىڭغا كۆرسەتسەم ئۇنىڭ چىرايىمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى.  فروزەنىڭ ئېيتقىنىدەك ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىۋاتقىنى يا فروزەنىڭ ئاپىسى ياكى ئۈمىدنىڭ دادىسى ئىكەن.  مېنىڭچە بۇنى ئۈمىدمۇ ئوبدان بىلسە كېرەك.  ئۇ يۈزۈمنى چىمدىدى، بۇ قېتىم مېنى ئەركىلىتىپ ئەمەس، خېلى كۈچەپ چىمدىدى.

_ شۇنداق بولغاندىكىن، سىزمۇ كىچىك بالىدەك ئىش قىلماڭ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش، ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزۈپ قويغۇڭىز بارمۇ يە؟ ماڭا ئىشىنىڭ، ئوتتۇرىمىزدا ئىشەنچلا بولسا بىزنى ھېچكىم ئايرىۋېتەلمەيدۇ.

لېكىن پۈتۈنلەي ئىشىنىش مۇمكىنمىدۇ؟

مېھمانخانىدىن چىققان چېغىمىزدا ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىنىڭ مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆردۇق.  مەن بېرىپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چەكتىم، ئۇ تېزلا دېرىزىنى چۈشۈردى.

_ تېخىچە قايتىپ كەتمەپسىزغۇ؟

ئۆتكۈر ئورۇندۇقنى تىكلەپ، كۆزىنى ئۇۋىلىۋېتىپ ماڭا قاراپ كۈلدى.

_ يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ چىقىپ قالسىڭىز ماشىنا يوق بولۇپ قالمىسۇن دەپ بىردەم ساقلاي دەپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.

ئۇنىڭ ماشىنىدا بىر كېچە ئۇخلىغىنىنى ئاڭلاپ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.  ئۈمىد ئىككىمىز ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئۆيگە قايتتۇق.  ئۈمىد ئۆيگە بېرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىغا ئالىم شوپۇر ئۇنى ئالغىلى كەلدى.  ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ  دەرۋازىدىن چىقىدىغان چاغدا مەن ئىشىك تۈۋىدە قاراپ تۇراتتىم، ئۇ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بىرىگە تېلېفون قىلدى، تېلېفوندا گەپ قىلىۋاتقان ھالىتى بەكلا سۈرلۈك ئىدى. دەرھال  مېھمانخانىدا ئۇنىڭغا كەلگەن تېلېفون  ئېسىمگە كېلىپ قالدى.  تېلېفون قىلغان كىمدۇ؟ تېلېفوندا ئۇنىڭغا نىمە دېگەندۇ؟

شۇ كۈنى ئۈمىد ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپلا  مېنى شىشۇاڭبەنناغا ساياھەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. .بۇ تۇيۇقسىز ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ھەيران قالدىم.

_ شىركەتتىكى ئىشلىرىڭىز ئالدىراش ئەمەسما؟  شۇنچە يىراققا ساياھەتكە كەتسەك شىركەتتە جىددى ئىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟

_ ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ مەلىكەمگە ھەمرا بولۇپ ساياھەت قىلىپ كېلىشكە ۋاقىت چىقارمىسام بولمايدۇ، شىركەتتە بىرەر جىددى ئىش چىقىپ قالسىمۇ ھازىر تېلېفون، تور قولايلىق تۇرسا،  بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ھازىر ماڭا ئەڭ مۇھىم ئادەم سىز، مەلىكەم.

شۇنداق دەپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنى چىمداپ قويدى ئۇ.  ئاياللار مەيلى نەچچە ياشقا كىرسۇن يەنىلا شىرىن شىكەر گەپلەرگە ئامراق بولىدىكەن.  يولغا چىقىدىغان كۈنىمىز نىگارە بىلەن فەرۇقمۇ كەلدى. مەنمۇ شۇ چاغدا ئاندىن ساياھەتكە ئىككىمىزنىڭلا چىقمايدىغىنىمىزنى بىلدىم.  ئۈمىد ئۆتكۈرگە نەچچە كۈن روخسەت سوراپ سەنمۇ بىللە باغىن دېگەنتى، ئۆتكۈر:

_  مەن بارماي، يېقىندا دوختۇرخانىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بار، مەن قاتناشمىسام بولمايدۇ_ دەپ رەت قىلدى.

مەن ھۇجرىدا نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرىۋاتسام ئۆتكۈر كىرىپ ماڭا بىر يۈرۈش ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى بەردى ۋە چاقچاق قىلدى.

_ شىشۇاڭبەننادا ئۇلترا بىنەپشە نۇر بەك كۈچلۈك،  بىر قېتىم ئوينىغىلى چىققان بىلەن تېرىڭىز كۆيۈپ قارا مەرۋايىت بولۇپ كەلمەڭ يەنە.

كۈلگەن پىتى ئۇنىڭ قولىدىن ئالدىم.

_ رەھمەت سىزگە. مەنمۇ بۇنى ئويلاشماپتىكەنمەن تېخى. بىر ئىشلارنى ئاياللاردىن بەكرەك ئىنچىكە ئويلايسىز جۇمۇ،  كىم سىز بىلەن توي قىلسا شۇنىڭ تازا تەلىيى چىققۇدەك.

ئۆتكۈر مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

_ ئۇنداق بىرى ھېچ چىقىدىغاندەك ئەمەسقۇ.

_ شىشۇاڭبەننادىن دەيزۇ قىزىدىن بىرنى ئالغاچ كىلەيلى بولمىسا_ دەپ چاقچاق قىلدى ئۈمىد.  قارىسام ئۇلار ئىشىك تۈۋىدە بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ.

_ شۇنى دەيمەن، ئۆتكۈر. سېنىڭدەك بۇنداق مۇنەۋۋەر ئەر بويتاق يۈرسەڭ بىزدەكلەر ئالدىڭغا ئۆتۈپ كېتىشكە خىجىل بولىدىكەنمىز، ئۈمىد دېگەندەك قىلايلى بولمىسا. ئۇ يەردىكى قىزلا  بەك چىرايلىق، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ_ دېدى فەرۇقمۇ ئۆتكۈرگە چاقچاق قىلىپ.

نىگارە يالغاندىن يۆتىلىپ قويدى. فەرۇق دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتتى.

_ مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىدىم.

ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.  فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ قاچانلاردا مۇھەببەتلىشىپ قالغىنىدىنمۇ خەۋىرىم يوقكەن.  قارىسام بۇ ئىككىسىمۇ بىر بىرى بىلەن خېلى چىقىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. فەرۇقمۇ نىگارەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپلا تۇرىدىغان بوپ قاپتۇ.

ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا شىشۇاڭبەننانىڭ ھاۋاسىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭكىدىن خېلىلا ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.  ئۈرۈمچىدە كۈز كىرىپ كەتكەچكە ھاۋا   سوۋۇپ قالغان، قىسقا يەڭ كىيىم بىلەن سىرتقا چىققىلى بولمايتتى، لېكىن بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى خېلىلا پەرقلىنىدىكەن.  بىز تۇرىدىغان جاينى مېھمانخانا دېمەي ساراي دەيدىكەن.  بۇ ساراي ناھايىتى ئۆزگىچە، مۇھىتى گۈزەل، قەدىمىي پۇراققا ئىگە ئىكەن. بىز چۈشكەن سارايدا ئۈچلا ياتاق قاپتۇ. ئۈمىد ئىككىمىز بىر ياتاقتا، فەرۇق بىلەن نىگارە بىردىن ياتاق بولۇپ ئۈچ ياتاقنى نەقلا بىز ئېلىۋالدۇق.

ھەممىمىز ياتاقلىرىمىزغا كىرىپ بىرەر قۇر يۇيۇنۇپ تارىنىپ كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ چىقتۇق، ئاندىن ئازراق تاماق يىگۈچە كەچ كىرىپ بولدى.  ئۈمىد شىشۇاڭبەننانىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كىرەيلى دەپ تۇرىۋالدى.  رەڭگارەڭ چىراقلار ئېسىلغان كوچىلار ئۆزگىچە كۆرۈنەتتى.   ئۈمىد بۇ يەرنى پىششىق بىلسە كېرەك، تاكسىغا ئولتۇرغاندا بارىدىغان جاينىڭ ئادرىسىنىمۇ تولۇق دەپ بېرەلىدى.

_ سىز بۇ يەرگە بۇرۇن كېلىپ باققانمۇ؟_ سورىدىم مەن.

_ ھەئە، بىر نەچچە قېتىم كەلگەن، لېكىن ھەر قېتىمدىن ئالغان تەسىراتىم ئوخشىمايدۇ.

بىز بىر ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسىگە باردۇق. بۇ كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسى سىرتىدىن قارىماققىمۇ ناھايىتى ئېسىل كۆرۈنىدىكەن، پەرىزىمچە بۇ مۇشۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى  كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسى بولسا كېرەك.  ئىچىگە كىردۇق،   ۋال ۋۇل چىراقلار  ئارىسىدا بىر تونۇش سىمانى كۆرۈپ قالدىم. جاھان ھەقىقەتەن بەك تاركەن.  ئۇنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن ئىدى.

ئىشىككە يېقىنلا يەردىكى بىر كىچىك ئايرىمخانىدا ئەزىمەت ئىككى قىز بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىدىن ئۆلۈپ كەتتىمۇ  يا دېگەن ئويلاردىمۇ بولغان ئىدىم، كىم بىلسۇن، ئۇ بۇ يەردە راھەتتە ياشاۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا ئۇ بىرەر خەزىنىگە ئۇچراپ قالغانمىدۇ؟ يېنىمدا تۇرغان ئۈمىدكە قارىدىم، ئۈمىدمۇ دەل شۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ.  لېكىن ئۇ ھېچبىر ھەيران قالغاندەك ئەمەس،  ئالدىرىماي بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.  ئەزىمەت بىز تەرەپكە ئۆرۈلۈپلا بىزنى كۆردى ۋە ئىنتايىن ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى. «ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن» دەپ، نىمە ئىش قىلغىنى كۆڭلىگە ئايان بولغاندىكىن، ئەلۋەتتە ئالاقىزادە بولىدۇ دە.

ئۇ  يېنىدىكى ئىككى قىزنى ئىتتىرىۋېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ قاچماقچى بولدى،  مەن جىددىيلىشىپ كەينىدىن قوغلىماقچى بولدۇم، ئەمما ئۈمىد مېنى توسۇۋالدى. ئەزىمەت تېخى ئىشىكتىن چىقماي تۇرۇپلا  بىر نەچچەيلەن ئۇنى تۇتىۋېلىپ يەرگە باستى.  ھەممىمىز ئۇنىڭ يېنىغا باردۇق. فەرۇق ئەزىمەتنىڭ چېچىدىن قاماللاپلا بېشىنى كۆتۈردى.

_ ھە، بۇرادەر، بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق ھە؟ ئويلىمىغان بولغىيتتىڭ؟

فەرۇقنىڭ گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا بىز مەخسۇس ئەزىمەتنى دەپ كەلگەن ئوخشايمىز.  بايا ئەزىمەتنى بېسىپ تۇرغان بىر نەچچەيلەن ئۇنى چەمبەرچەس باغلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  بۇ يەردىكى ئادەملەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەنمۇ قانداق، ئانچە ھەيران بولۇپ، قورقۇپ كەتمەيدىكەن.  قالغانلار  ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى.

ئۇلار ئەزىمەتنى ئېلىپ چىقىپ بىر مىنىبۇسقا سالدى، بىز باشقا بىر ماشىنىغا چىقتۇق،  ئىككى ماشىنا تەڭلا ماڭدى.  ماشىنىلار شۇ ماڭغانچە خېلى ئۇزۇن مېڭىپ ھېچقانداق ئادەممۇ يوق بىر تاشلاندۇق زاۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. ھېلىقىلار ئەزىمەتنى  كونا زاۋۇتقا ئەكىرىپ تاشلاپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ ئۈمىدكە بىر نىمىلەرنى دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.  نىمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدىم،  ئەمما قارىسام ئۇلار ئۈمىدكە بىر خىل ھۆرمەت ، تەكەللۇپ بىلەن  گەپ قىلىۋاتاتتى.

زاۋۇتنىڭ ئىچىگە كىردۇق، ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئالدىدا ماڭدى، نىگارە ئىككىمىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق.  نىگارە مېنى تارتىپ پىچىرلىدى:

_ ئۈمىد بۇ قېتىم مەخسۇس سېنىڭ ئاچچىقىڭنى  چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەندەك قىلىدۇ.  نازى، ئەمدى كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلساڭ بولمايدۇ ھە، ئاڭلىدىڭمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئەزىمەتنى كۆرگەن چاغدىلا مېنىڭ چىشلىرىم كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.  نىگارەگە مۇشتۇمنى كۆرسەتتىم.

_ ماڭا كەينى كەينىدىن ئازار بەرگەن ئادەمگە كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلارمەنمۇ؟

نىگارە مۈرەمگە شاپىلاقلاپ قويدى.

_ بۇ گېپىڭ جايىدا.

زاۋۇتنىڭ ئىچكىرىسىگە باردۇق،  ئەزىمەت بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇلغان ئىدى.  ئۇنىڭ پۇت قولى باغلىۋېتىلگەن، مىدىر سىدىر قىلىشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى.  ئۈمىد ئاستا ئەزىمەتنىڭ يېنىغا بېرىپ زۇڭزايدى.

_ ئەزىمەت،  مەندىن 500 مىڭنى ئېلىپ كېتىپ كۈنلىرىڭ بەك راھەتتە ئۆتىۋېتىپتۇ ھە؟

بۇ  چاغدىكى ھەيرانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس، چۈچۈپ ئۈمىدكە قارىدىم.

_ نىمە دېدىڭىز؟ سىز ئۇنىڭغا 500 مىڭ بەرگەنمىتىڭىز؟

ئۈمىد ماڭا جاۋاب بەرمەي بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.  يەردە ياتقان ئەزىمەتكە قارىدىم، ئۇ  بەكلا قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

_ ئەزىمەت، پۇلنى ئالغان تۇرۇقلۇق يەنە سۈرەتلەرنى ھەممە يەرگە چاپلىۋەتتىڭما؟ ئادەم ئەمەس نىمىكەنسەن.

ئاچچىقتىن ئاۋازىم تىترەپ كەتتى.  ئاۋازىملا ئەمەس، پۈتۈن بەدىنىم تىترەۋاتاتتى.  ئەزىمەت ماڭا قاراپ گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئۈمىد ئۇنىڭ يۈزىگە دەسسىدى.

_ مەن ساڭا بۇرۇنلا سۈرەتلەرنى چىقىرىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن دېگەن ئىدىم.

ئەزىمەت راستلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى.   ئاغزىنى ئارانلا مىدرىتالىدى.

_  ۋايجان، ئاغرىپ كەتتى. ماڭا رەھىم قىلىڭلار.

_ لېكىن مەنمۇ ئالدىرىمايمەن،  سەن مەن بىلەن ئويناشقا بەك ئامراققۇ، ماقۇل، مەنمۇ سەن بىلەن بىللە ئوينىشىپ بېرىمەن.

ئۈمىد پۇتىنى ئەزىمەتنىڭ يۈزىدىن ئېلىۋالدى، ئەزىمەتنىڭ يۈزىدە ئۇنىڭ ئايىقىنىڭ ئىزى چىقىپ قالدى.  ئۈمىد بىر تال قامچىنى ماڭا سۇندى.

_ نازىيە، ئۆچىڭىزنى ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى،  ئۇنىڭغا قانچىلىك ئاچچىقىڭىز بولسا شۇنچىلىك غەزەپ بىلەن ئۇرۇڭ،  ھەرگىز رەھىم قىلماڭ ھە. ئىچىڭىزدىكى ھەممە ئاچچىق چىقىپ كەتكىچە ئۇرۇڭ.

ئۇنىڭغىچە فەرۇق بېرىپ ئەزىمەتنى باغلاقتىن بوشىتىۋەتتى.

قامچىنى قولۇمغا ئالدىم، ئەمما قامچىنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۈمىد ئاستا يېنىمغا كېلىپ قولىنى مۈرەمگە قويدى. ھەيران قالارلىق ئىش، ئۇنىڭ قولى مۈرەمگە تىگىشى بىلەن پۈتۈن بەدىنىمگە يېڭىدىن كۈچ قوشۇلغاندەك بولۇپ كەتتىم. مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئەزىمەتكە يېقىنلاشتىم. يەردە ياتقان ئەزىمەت قولۇمدىكى قامچىغا قاراپ كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى.

_ ياق، نازىيە، ئۇنداق قىلماڭ، مېنى ئۇرماڭ.

ئۇنىڭ ئۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى.

_ ئۇنداق قىلماڭ نازىيە، بىر كۈنلۈك ئەر خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بولىدۇ دەپتىكەن، بۇرۇن ئەر خوتۇن بولۇپ ئۆتكىنىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىڭ.

_ قىلمىغان ئەسكىلىكىڭ قالمىدى، ئەزىمەت كۆڭلۈمگە قايتا قايتا ئازار بەردىڭ،  مېنى يۇۋاش، ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلىغانمىتىڭ،  توشقانمۇ ئاچچىقى كەلسە ئادەم چىشلەيدۇ، ماڭا قىلغانلىرىڭ ئازما؟

شۇنداق دەپ قامچىنى بىر كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ شىلتىدىم،  بۇ قامچا بەك ۋەھشىيكەن، ئۇنىڭ يۈزىگە تىگىشى بىلەنلا يۈزىدە قان ئىزى قالدى.  لېكىن بۇ بىر قامچا بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىم ھەرگىز چىقمايتتى. كەينى كەينىدىن ئۇرىۋەردىم، ئەزىمەت چىشىنى چىڭ چىشلىۋالغان بولسىمۇ، ئاخرى چىدىماي ۋاقىراپ تاشلىدى.

_ ۋايجان.

ئۇنىڭ بالامنى قانداق قەستلەپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكى، كەينى كەينىدىن ماڭا ھاقارەت قىلغانلىقى،  ئۆزۈمنىڭ ئۇ سەۋەبلىك ئەمدى بالىلىق بولالماسلىقى مۇمكىنلىكى ئېسىمگە كېلىپ ئۇرىۋېرىپتىمەن. بىر چاغدا ئەزىمەتنىڭ ئاۋازى ئۆچتى، بەلكىم ئۇ ماڭا قانچە يالۋۇرسىمۇ بىكار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.  ئۈمىد بىلەن فەرۇق مېنىڭ ئۇرغىنىمغا قاراپلا تۇردى،  بەللكىم ئۇلارمۇ مېنىڭ ئۆز قولۇم بىلەن ئۇرىۋالسام ئاندىن ئاچچىقىم چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان بولسا كېرەك.

مەن ئۇنى ئۇرۇپ، ئاخىرى قولۇمنى كۆتۈرگۈچىلىكىم قالمىغاندا ئاندىن ئۇرۇشتىن توختىدىم.  ئۇرىۋېرىپ پۈتۈن بەدىنىم چىلىق چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەن ئىدى، ئەزىمەتنىڭ پۈتۈن بەدىنى قان بولۇپ كىتىپتۇ. قامچا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى.  قولۇم ھېلىمۇ تىترەپ تۇراتتى.

ئەزىمەت ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ قاچتى، فەرۇق يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى تۇتىۋېلىپ بايىقى جايىغا ئەكىلىپ تاشلىدى.  بۇ چاغدا فەرۇقنىڭ تېلېفونىغا بىر ئۇچۇر كەلدى. فەرۇق  تېلېفونىغا بىر قارىۋېتىپ ئۈمىدكە قاراپ:

_ ئۇلار بۇنى ئەكىلىپ بېرىڭلار دەيدۇ_ دېدى.

ئۈمىد مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:

_ مەن دېگەنغۇ، چوقۇم قىزىقىدىغانلا چىقىدۇ،  يۈرۈڭلار، ئاپىرىپ بېرەيلى.



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k