大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 52- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 52- قىسىم aybarawazi
2023-08-01
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 53 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51













ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
52 - قىسىم




نىگارە ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان، شۇڭا  دەماللىققا فەرۇققا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، ئەمما تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.

_ ماڭا كۈچىڭىز يەتمەسمىكىن. ئۆزۈمدەك بىباھا بايلىقنى سىزگە بېرىۋەتسەم بولمايدۇ.

_ قانداق قىلسام كۈچۈم يېتىدىغان بولىدۇ؟

_ بولدى، ھە، فەرۇق.  ھە دەپ بەرسەم ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ.

نىگارە چاقچاق قىلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن گېپىنىڭ ئورامىدىن خېلى كەسكىن گەپ قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. فەرۇقمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. نىگارە  يۈرەك شەكلىدە چىرايلىق ئورالغان بىر قاپنى چىقىرىپ فەرۇخقا سۇندى.

_ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن،  تىنىڭىز سالامەت بولسۇن، سودىڭىز روناق تاپسۇن، بارلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

فەرۇق رەھمەت دەپلا ئالدى. ھەممەيلەن ئۇنى نەقمەيداندا ئېچىپ كۆرىسەن دەپ تۇرىۋالدى.

_ ئاچسام بولامدۇ، نىگارە؟_ دەپ سورىدى فەرۇق.  قارىماققا نىگارەنىڭ رۇخستىسىز ھېچ ئىش قىلمايدىغان بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

_ مەن سىزگە سوۋغا قىلدىم، سىزنىڭ بوپ كەتتى، ئاچامسىز، ئاچماي ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ تىزىپ قويامسىز، ئىختىيارىڭىز_ دېدى نىگارە.  

قالغانلار  ئالدىمىزدا ئاچىسەن دەپ چىڭلا تۇرىۋالدى. فەرۇق نىگارەنىڭ چىرايىغا قاراپراق قاپنى ئاستا ئاچتى.  قاپنىڭ بېزىكىنى ئېچىپ، ئىچىدىن يەنە بىر قاپنى ئالغانتى، ھەممەيلەننىڭ كۆزى يەنە بىر قاپقا چۈشتى. ئۇ قاپنى ئاستا ئېلىشىغا ھەممەيلەن «ۋاھ» دەپ قېلىشتى. فەرۇقنىڭ قولىدىكى ئالما يان تېلېفونىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى  ئالما 14  ئىدى.  نىگارە ھەقىقەتەن بىر ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلىيالايتتى.  فەرۇقمۇ بەك خۇش بولغاندەك قىلاتتى.

_ يان تېلېفونۇمنى ئالماشتۇراي دەپ ئويلاپ يۈرگىنىمنى قانداق بىلىپ قالغانسىز دەيمەن. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىمى كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالالايدىكەن جۇمۇ.  رەھمەت، نىگارە.

_ فەرۇق.

تۇيۇقسىز ئىنچىكە بىر ئاۋاز فەرۇقنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.  مەن دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم،  بىزگە يېقىنلا يەردە بىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىز  تۇراتتى.   پەمىمچە ئۇ بىزگە قاراپ تۇرىۋاتقىلى خېلى بولغاندەك قىلاتتى. فەرۇق ئۇ تەرەپكە قارىدىيۇ، چىرايىدىكى بايىقى كۈلكىلەر بىراقلا ئۆچتى.  ئۇ قىز ئورۇقراق كەلگەن، يۈزى يۇمىلاقراق،  خېلى ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىۋالغان، چېچى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان قىز ئىدى.  ئۇ قىز فەرۇقنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى، ئۇ قىزنىڭ فەرۇققا قارىشى، چىراي ئىپادىسىدىن بىر قاراپلا ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.

مەن نىگارەگە قارىدىم. نىگارە پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ ئالدىكى ئۈزۈمنى  بىر تال بىر تالدىن ئۈزۈپ يەۋاتاتتى.  ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن قارىغاندا بۇ ئىش ئۇنىڭ ھېچ يېرىگە كېلىپ قويمىغاندەك قىلاتتى.  ئۇ قىز سومكىسىدىن كىچىك بىر قۇتىنى چىقىرىپ فەرۇخقا سۇندى.

_ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، فەرۇق.

فەرۇققنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ئەمەسكەن.  لېكىن فەرۇق ئۇ قىز سۇنغان قۇتىغا قولىنى سۇنمىدى.  ھەممەيلەن قاراپ تۇرغاچقا قىز بۇ ئىشتىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۈمىد كرىسلوغا يۆلىنىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا ئۇ بۇ قىزنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.

ئۇ قىز قۇتىنى سۇنۇپ بىر مىنۇتتەك تۇردى، فەرۇقمۇ ئۆتۈپ كەتكەن جاھىلكەن، قىزغا قولىنى سۇنمىدى،ھەتتا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويمىدى.  قىز ئاخىرى قولىنى تارتىۋالدى ۋە كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى.

_ فەرۇق،  بۇ مەن ئۆز قولۇم بىلەن پىشۇرغان پىرەنىك ئىدى، بۇرۇن مەن پىشۇرغان پىرەنىكنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ؟

بۇ گەپچە ئۇلارنىڭ خېلى ھېكايىسى باردەك قىلاتتى. فەرۇق ئۇ قىزغا قاراپ قويۇپ  ئۆرۈلۈپلا نىگارەنى قولىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى ۋە ئۇ قىزغا قاراپ گەپ قىلدى.

_ بۇرۇن ياخشى كۆرگىنىم ھازىرمۇ ياخشى كۆرىدىغىنىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئادەم دېگەن ئۆزگىرىدۇ.  ئادىلە، ھازىر مېنىڭ قىز دوستۇم بار، كۆرگەنسىز.  نىمە مېنى كەل دېسىڭىز كېلىدىغان، كەت دەپ ئىتتىرسىڭىز كېتىدىغان ئادەم كۆرۈپ قالغانمىتىڭىز؟

ئۇ كۈلۈپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ ئازابلىق كۈلكە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.  بۇنداق كۈلكىنىڭ مەنىسىنى ئازاب تارتىپ باققان ئادەم ئوبدان بىلىدۇ.

ئادىلە ئىسىملىك بۇ قىز كۆزىنى مۇنداقلا قىلسا ياش ئېقىپلا چىقىدىكەن.  ئۇ تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ بېرىپ فەرۇقنى قۇچاقلىۋالدى.

_ فەرۇق، ئۇنداق قىلماڭ. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم سىز. يېنىشىپ قالايلى، بۇرۇنقىدەك ئىجىل ئىناق ئۆتەيلى، بولامدۇ؟

نىگارەنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى، ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە فەرۇخقا قارىدى.  تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئىشتىن مەنمۇ ھەيران قالدىم.  فەرۇق ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋىدى، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.

_ ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتكىلى ئىككى يىل بولدى، ئەمدى بولدى قىلىڭ، ئادىلە. مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار، مەن ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.

ئادىلە يىقىلىپ چۈشكەن يېرىدىن تۇرمىدى، دەسلەپتە مىشىلداپ يىغلىدى، كەينىدىن ئاۋازىنى چىقىرىپ ھۆڭرەپ يىغلىغىلى تۇردى.

_ نىمىگە يىغلايسىز؟ بىرەسى ئۆلۈپتۇما؟ نىمە چىشىمغا تىگىدۇ ماۋۇ_ فەرۇقنىڭ ئاخىرى سەۋر تاقىتى توشقان چېغى، قوپاللا گەپ قىلدى، ئادىلە  ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇردى.  ئۇ فەرۇخقا بىردەم قاراپ تۇردى، لېكىن فەرۇق ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىغاچقا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆرۈلۈپ ماڭدى. ئۇ خۇددى ئۇزۇن يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەك قەدەملىرىنى سۆرەپ ئاران مېڭىۋاتاتتى.  بىر نەچچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا ئىنچىكە ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنىڭ پاشنىسى مايماق كىتىپ  پۇتى قايرىلىپ كەتتى  بولغاي،  «ۋايجان» دەپ قالدى.  مەن تېخى فەرۇق ھېچبولمىغاندا  ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ قاراپ قويارمىكىن دېگەنتىم،ئەمما ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرىۋەردى.

_ بېرىپ يۆلەپ قويمامسىز؟_ دېدى نىگارە فەرۇخقا.

_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى ئەمەس_ دېدى فەرۇق قەتئىيلىك بىلەن.

_ بۇرۇن قانداقلا بولمىسۇن ياخشى ئۆتۈپتىكەنسىلەر، ئۇنچىۋالا تاشيۈرەكلىك قىلىپ كەتمەڭ_ دېدى نىگارە يەنە.

فەرۇق نىگارەگە قاراپ:

_ ماڭا ئىشىنىڭ ، نىگارە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ھازىر ھېچقانداق ئالاقەم يوق.  قانداق قىلىپ بەرسەم ماڭا ئىشىنىسىز _ دېدى. .  مەن نىگارەگە گەپ قىلاي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلسەم ئۈمىد مېنى تۇتىۋالدى.  نىگارە كۈلۈپ كەتتى ۋە فەرۇخقا قاراپ؛

_ مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن دېمىدىمغۇ؟_ دېدى.

فەرۇق دەسلەپتە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، كەينىدىنلا بېرىپ نىگارەنى كۆتۈرۈپ نەچچىنى چۆگىلىتىۋەتتى.

_ مېنى ئەجەب قورقاتتىڭىز. سىزنى ماڭا ئىشەنمەي قالامدىكىن دەپ بەك ئەنسىرىدىم.

_ بولدى، بولدى، مېنى يەرگە قويۇپ قويۇڭ.  مەن ئېغىر،  كۆتۈرىمەن دەپ بېلىڭىز چىم بولۇپ كەتمىسۇن يەنە.

ئادىلە تامغا يۆلىنىپ بىردەم قاراپ تۇرۇپ ئاندىن ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى سېلىپ قولىدا كۆتۈرۈپ ئاقساپ ماڭغان پىتى چىقىپ كەتتى.

_  ھە، ھە، كۆپچىلىك، ئۇنى بۇنى دەپ بۈگۈن نىمە كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ نىمە؟ قېنى تورت؟_ دېدى نىجات تۇيۇقسىز.   

ھەممىمىز قايتىدىن جانلىنىپ كەتتۇق. كۈتكۈچى بىز ئالاھىدە بويرۇتۇپ ئەكەلگەن ئىككى قەۋەت تورتنى تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئىچىدە  ئىتتىرىپ چىقتى.  بىزمۇ ئەگىشىپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتتۇق. نىگارە ئۆز قولى بىلەن فەرۇخقا تۇغۇلغان كۈن تاجىنى كىيگۈزۈپ قويدى. ئەمدى شام پۈۋدەش نۆۋىتى كەلدى.

_ ئارۇزيۇڭنى ئۈنلۈك ئاۋازدا دەيسەن، ھەممىمىز ئاڭلايمىز_ دېدى ئۈمىد. ھەممەيلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا دېسۇن دەپ چۇرقىراشتى.

_ چاتاق يوق.  مەن ئاتا-ئانام، دوستلىرىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

_  بۇنى ئۈمىد قىلىدىغىنىڭنى بىزمۇ بىلىمىز. بىز بىلمەيدىغىنىنى دە. _ نىجاتمۇ خېلى سۆزمەن ئىدى.

_ نىگارە بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى بىللە يارىتىشىمىزنى، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

_ ھە، ئەمدى بولدى.  قېنى ئەمدى شامنى پۈۋلىگىنە_ دېدى نىجات.

فەرۇق  نىگارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ شامنى بىللە پۈۋلىدى.   تورتنى كېسىپ بىرەر پارچىدىن يىيىشىپ بولۇپ، بىردەم ئوينىدۇق. شۇنداق قىلىپ فەرۇقنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولدۇق.  ماڭايلى دەپ سىرتقا چىققاندا نىگارە ماڭا ئېسىلىپلىۋالدى.

_ ئۈمىد، نازىيەنى بۈگۈن مەن ئەكىتەيچۇ.

_ ھەي ھەي، ئەر خوتۇنلارنى ئايرىۋېتىمەن دېمەڭ، يالغۇز قورقىمەن دېسىڭىز سىزگە مەن ھەمرا بولاي_ دېدى فەرۇق.

_ ئىشىڭىزنى قىلىڭە. بېرىپ بۇرۇنقى قىز دوستىڭىزغا ھەمرا بولۇڭ_ دېدى  نىگارە ۋە مېنى تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.

_ مېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوق دەۋاتىمەن._ فەرۇق شۇنداق دەپلا قالدى.  شۇنداق قىلىپ مەن نىگارە بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەتتىم.   بۇرۇن ئىككىمىز دائىم بىر بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتۇق، كېيىن بۇنداق پۇرسەت ئازلاپ كەتكەن.  ماڭا ئايان، نىگارە چاندۇرمىغان بىلەن بۈگۈن ئادىلەنىڭ پەيدا بولۇشى نىگارەگە خېلى تەسىر قىلغان ئىدى.

_ نىگار، فەرۇقنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن؟_ دەپ سورىدىم كارىۋاتقا چىقىپ يېتىپ بولغاندىن كېيىن. نىگارە بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن:

_ نىمە ئۇ ياخشى كۆرۈش دېگەن. ئۇنى بولىدىغان يىگىت دەپ بىلىمەن.  ئارىلىشىپ باقمامدىم، چىقىشىپ قالساق داۋاملىق يۈرەمىز،  چىقىشالماي قالساق ئايرىلىپ كىتەرمىز.  مەن باشقا ئاياللاردەك ئاھ دەپلا ئۆزۈمنى ئاتىدىغانلاردىن ئەمەس.  باشقىلار ۋاي سەندىن ئايرىلسام ئۆلىمەن دەپ كىتىشىدىكەن.  كىمدىن ئايرىلىپ كىم ئۆلۈپ قاپتىكەن؟

مەن نىگارەنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ئالدىراپ بىرىگە كۆڭلىنى بەرمەيدۇ، ئەگەر ياخشى كۆرۈپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ.

_ مەن قارىساممۇ فەرۇق سېنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىدۇ.  بۈگۈن ھېلىقى ئادىلە دېگەن قىزغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرگەنسەن،كىمنىڭ ئۆتمۈشى بولمىغان دەيسەن، سەنمۇ بەك ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمە.

_ مېنىڭ ئۆتمۈشۈم يوق.

نىگارە راستلا ھازىرغىچە بىرەسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان،  بەلكىم ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكۈدەك ئادەم چىىقمىغان بولسا كېرەك. فەرۇقمۇ ئالاھىدە يىگىتلەردىن ئەمەس، ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە نىگارە ئىككىسى بىر بىرىگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ.  نىگارەمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالسا،  ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېسەك بولاتتى.  تۇيۇقسىز باشقا بىر ئادەم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

_ ھە راست، شۆھرەتچۇ؟ ئۇنىڭمۇ ساڭا كۆڭلى  باردەك قىلغان. ئۇ ھېلىمۇ سېنى ئىزدەۋاتامدۇ؟ مەن قارىسام ئۇ ئالدىراپ چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئادەمدەك قىلىدۇ، پەخەس بول جۇمۇ.

نىگارە بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

_ ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئۇنچىۋالا يامان ئادەم ئەمەس. ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ئادەم ئەمەس.

ھېلىقى كۈنى شۆھرەتنىڭ نىگارەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىگارەنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېس قىلغانتىم. ئۇ ئادەتتىكى ئادەم بولغان بولسا فەرۇق بىلەن رىقابەتلىشىپ باقسا بولاتتى، ئەمما مەن قارىسام ئۇ ئادەتتىكى ئادەمدەك قىلمايدۇ.

شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ يېتىۋەردۇق، ھېچ بىر گېپىمىز تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. كىچىك ۋاقتىمىزدىكى مەكتەپتىكى ئىشلارنى دىيىشتۇق، كېيىن ئەزىمەتنىڭ ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى بىرەر قۇر دىيىشىپتۇق. بىر چاغدا تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى، قارىسام ئۈمىدتىن كەلگەن ئۇچۇر ئىكەن.

_ مەلىكەم،  ئۇخلىدىڭىزمۇ؟ سىزنى بەك سېغىنىپ كەتتىم. ھەر كۈنى سىز بىلەن بىللە ئۇخلاپ كۈنۈپ قاپتىمەن، بۈگۈن پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ.

سائەتكە قارىسام 12 دىن ئېشىپتۇ.  ئۇنىڭ ھازىر كارىۋاتتا  ياستۇقنى قۇچاقلاپ ياتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۈلۈپ ئاۋازىم چىقىپ كەتتى.  كۈلگىنىمنى ئاڭلاپ، نىگارە ئۆرۈلۈپ  ئاغزىنى چىكىلداتتى.

_  بىر بىرىڭلاردىن بىر كۈنمۇ ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قاپسىلەر.  سەن يوق، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەي قاپتۇدە.

 «مەنمۇ سىزنى سېغىندىم، يېنىمدا سىز يوق، مېنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمىدى» دەپ يېزىپ بولۇپ ئۆچۈرىۋەتتىم.  نىمە دەپ قايتۇرسام بولا دەپ يېرىم كۈن ئويلىنىپ ئاخىرى قىسقىلا قىلىپ ئۇچۇر قايتۇردۇم.

«بالدۇرراق ئۇخلاڭ، ئەتە ئەتىگەن يەنە ئىشقا بارىسىز».

ئۇ تېزلا ئۇچۇر قايتۇردى.

«سىزمۇ بالدۇرراق ئۇخلاڭ، مەلىكەم، ياخشى چۈش كۆرۈڭ، چۈشىڭىزدە مېنى كۆرۈڭ».

ئادەم ئاجايىپ بولىدىكەن، يېنىدا بار ۋاقىتتا ئانچە بىلىنمەيدىكەن، ئايرىلغاندىن كېيىنلا سېغىنىش ھېسسىياتى ئىنتايىن كۈچىيىپ كېتىدىكەن.

ئەتىسى ئەتىگەن نىگارە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن مېنى داچىغا ئاپىرىپ قويدى.  ئۆيگە كىرسەم ئۈمىد ئىشقا كىتىپ بوپتۇ، ئۆتكۈر تېخى ماڭمىغان ئىكەن. چۈشتىن بۇرۇن شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارىدىغىنىمنى ئاڭلاپ ئۆتكۈر مېنى ئاپىرىپ قوياي دەپ تۇرىۋالدى.  يېرىم يولغا كەلگەندە ماڭا بىر ئۇچۇر كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر يولنى ئۆزگەرتىپ مېنى مۇز ئارال قەھۋەخانىسىغا ئاپىرىپ قويدى. قەھۋەخانىغا كىرىپلا  ئۇنى كۆردۈم.  ئايگۈل ھەدەم ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى بەك ئاسرىغان ئايال ئىكەن،  40 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ  يەنىلا ياشلىق نازاكىتىدىن كەتمىگەن، چىرايىغا قاراپ يېشىنى پەرەز قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى.  فروزەنىڭ چىرايلىقلىقى ئاپىسىغا ئوخشايدىكەن، ھەمدە يەنە ئوخشىمايدىغان تەرىپىمۇ بار ئىكەن، فروزە تەبىئىي چىرايلىق، كىشىگە ئىنتايىن راھەت تەسىر بېرىدۇ. ئايگۈل ھەدەم  ئۇنداق ئەمەس.

ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشىمغا ئۇ ئەمدى قەھۋەنى ئىچەي دەپ ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ مېنى كۆردى ۋە ئۈستى بېشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قەھۋەنى بىر ئوتلاپ جايىغا قويدى.

_ كەلدىڭىزما؟_  دەپ ئورنىدىن ئانچە مۇنچە مىدىرلاپ قويدى. ئەسلى كىرىشتىن بۇرۇن ھېچبولمىغاندا چىرايلىق سالاملىشىمىزغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن بۇنداق تەكەللۇپنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم.  چاپىنىمنى سېلىپ ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ئىلىپ قويۇپ ئولتۇدۇم.    كۈتكۈچى كېلىپ مەندىن نىمە ئىچىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن ناتيې ئىچەي دېدىم.

_ مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇڭا تۈزلا دەۋېرەي. سىزنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكىنىڭىز ۋە نەتىجىسىنىڭ قانداق چىققانلىقىنى ھەممىنى بىلىمەن.  ئەگەر ئۈمىدنى بىر ئۆمۈر بالىسىز ئۆتمىسۇن دېسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن بالدۇرراق ئاجرىشىپ كېتىڭ.

ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۇلار مېنىڭ نىمە ئىش قىلىغىنىم، قەيەرگە بارغىنىمدىن تارتىپ بىلىپ تۇرىدىكەن، دېمەك مەن ئىزچىل نازارەت ئاستىدا يۈرىۋېتىپتىمەن. نىمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق.  





داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k