大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 39- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 39- قىسىم aybarawazi
2023-07-19
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 40 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38


























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
39 - قىسىم



   ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىش دېگىنىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. يەنە نىمە قورقۇنۇچلۇق ئىش بولغاندۇ؟ ئەجىبا بايا تېلېفوندا.... ماشىنا قىزىل چىراقتا توختىغاندا ئاندىن ماڭا قارىدى ۋە قولىنى سۇنۇپ قولۇمنى تۇتتى  ۋە  پىچىرلاپ دېگۈدەك دېدى:

_   ئۆزۈمنىڭ سىزدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغىنىمنى بايقىدىم.

مەن تېخى ئۇنى بايا نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ تەكشۈرمەڭلار دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويامدىكىن دەپتىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بۇ گەپنى قىلدى. ئۇنىڭغا ئاستا قارىدىم، كۆزلىرىدىن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى، ئەمما شۇ ھارغىنلىقلار ئىچىدىن سەمىمىيلىكنىڭ نۇرلىرى چاقنىغاندەك بولدى.  قولۇمنى دەرھال تارتىۋېلىپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىغا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم.  ماشىنا قايتا قوزغالغاندا مەنمۇ گېپىمنى باشلىدىم:

_ ئۈمىد،  سىلەر پۇلدار  بايلارنىڭ باشقىلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان مىجەزىڭلار بولسا بۇنى چۈشىنىمەن.  لېكىن كەچكىچە مېنىلا ئەخمەق قىلمىسىڭىز قانداق بولامدۇ؟  سىز ئەخمەق قىلىپ زېرىكمىگەن بىلەن مەن ئەخمەق بولۇپ زېرىكتىم.

    ماشىنا قاتتىق تورمۇز قىلىندى، مەنمۇ ئالدى تەرەپكە ئۈسۈۋالغىلى تاس قالدىم.  ماشىنا تۆت كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغان ئىدى.  بىردەمدىلا كەينىمىزدىن ماشىنىلار سىگنال بەرگىلى تۇردى.  يەنە بىر تەرەپكە ماڭىدىغان يېشىل چىراقمۇ ياندى، لېكىن ئۇ ماشىنىنى ھەيدەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

_  نىمە قىلىۋاتىسىز _ دېدىم مەن.

_ گەپ بولسا ئېنىق دەڭ. _ دېدى ئۇ چالۋاقاپ.  مەن سىگنال ئۇرۇۋاتقانلارنى كۆرۈپ بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.

_ ھازىر بۇ گەپلەرنى دىيىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس. تېز ھەيدەڭ.

_ ئەمىسە قانداق ۋاقىتتا دىيىشىمىز، دەڭە قېنى.

_ سىز قاچان دېسىڭىز شۇ چاغ بولسۇن، ھازىر مېڭىڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۈمىد.

ئۈمىد جاۋابىمدىن رازى بولغان بولسا كېرەك، بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈپ قويۇپ  ماشىنىنى قوزغاتتى.  ئەتراپتىكىلەر «باۋما ھەيدىۋالسا شۇنداق نوچىمىكەن؟ خالىغانچە توختاتسا بولىۋېرەمدىكىن، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ ماشىنا توختاتقان بارمۇ؟ ماشىنا ھەيدەشنى بىلەمدۇ بىلمەمدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشىپ كەتتى.  ئەمما ئۈمىد پەرۋايى پەلەك ماشىنىنى ھەيدەپلا ماڭدى.  غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپمۇ قويدى تېخى.  ئۇ ماشىنىنى ئۇدۇل داچىغا ئەكىلىپ توختاتتى.

_ ئۆتكۈر ئۆيدە تاماق ئېتىمەن دەپ كۆكتات ئەكىرىپتۇ. بۈگۈن ئۇنىڭ  ئەتكەن تامىقىنى بىر تېتىپ بېقىڭ ھە.

ئۆتكۈرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ نىمىشقىكىن بىر خىل يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.  ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇ مېنى يۆلىۋالدى.

_ يېنىڭىزدا مەن يوق تۈزۈك تاماق يىمەپسىز ھە،  قاراڭ، تېرىڭىز بوشاپ ساڭگىلاپلا  كېتىپتۇ.

ئاياللارنىڭ تېرىڭىز بوشاپ ساڭگىلاپ كېتىپتۇ دېگەن گەپكە نىسبەتەن قانچىلىك سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ھازىر ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز يۈزۈمنى سىلىدىم.  ئۇ مېنىڭ بۇ ئىشىمدىن كۈلۈپ كەتتى ۋە مېنى  يۆلەپ ئۆي ئىچىگە قاراپ ماڭدى.

_ ئاۋۋال قورساقنى ئوبدان توقلايلى، مەندىن سورايدىغان بىر پاتمان سۇئاللىرىڭىز بارلىقىنى بىلىمەن، تاماقنى يەپ بولۇپ نىمىنى بىلگۈڭىز بولسا شۇنى دەپ بېرەي ھە.

ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئۆيدە تاماق يىيىشكە قوشۇلدۇم.  ئۇ مېنى يۆلەپ كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئالماشتۇرىدىغانغا ساپما كەش ئەكىلىپ بەردى.  ئاشخانا ئۆيدىن چىققان مېزىلىك پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇپ ئىختىيارسىز ئاشخانا ئۆيگە قارىدىم. ئۆتكۈر بىر تەرەپتىن كۆكتات يۇغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن قازاندىكى  بىر نەرسىنى ئۆرۈپ چۆرۈۋاتاتتى.

_ ياردەملىشەيمۇ؟_ سورىدىم مەن.

_ ياق بولدى، سىز دېگەن يارىدار، ئارام ئېلىڭ، تاماق پىشقاندا يەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.  ماڭە،  ئۈمىد، ماڭا ياردەملىشە_ دەپ ئۈمىدنى تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.  

_ قولۇڭ ھۆلكەن.  سۈرتىۋېتىپ چىقساڭ بولمامتى، كىيمىمنى ھۆل قىلىۋەتتىڭ_ شۇنداق دېگەچ ئاشخانىغا ماڭدى ئۈمىدمۇ.

مەن مېھمانخانا ئۆيدە يالغۇز قالدىم.   بىردەمدىن كېيىنلا ئۆتكۈر چىقىپ سىرتقا ماڭغاچ دېدى:

_ تۇز ئاز قاپتىكەن ئەمەسمۇ، مەن چىقىپ تۇز ئەكىرەي.

مېھمانخانىدا بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ ئىچىم پۇشۇپ ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىغا باردىم.  ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ ئۈمىد ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى.  ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىم،  ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، توختىماي ياش ئېقىپ تۇراتتى. كۆزۈم ئۇنىڭ قولىدىكى پىيازغا چۈشكەندە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

_ ئەكىلە، مەن توغراي. مۇشۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىغان.

ئۆتكۈر بىردەمدىلا كىرىپ بولغان ئىدى.  ئۇ ئەمبەلنى دېرىزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ  دېرىزىنى ئېچىپ قويدى ۋە ئۆزى بىر ياندا تۇرۇپ تۇرۇپ توغرىدى،  كۆزىدىن بىر تامچە ياشمۇ چىقمىدى.

_ ماڭا پىياز توغرا دېگەندە نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىپ توغرا دېمىگەنتىڭ؟ قەستەن مېنى ئەخمەق قىلىپسەن ھە؟

ئۆتكۈر كۈلۈپ قويۇپلا گەپ قىلمىدى. ئۈمىد ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ تاماق يەيدىغان ئۈستەلدىكى قەغەزنى ئېلىپ كۆزىنى سۈرتتى. ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ خېلى ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشساممۇ تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم.

_ كۈلۈپ كەتكىنىنى،  مەن يىغلىتالمىسام پىياز بولسىمۇ دەردىمنى ئېلىپ بېرىپتۇ دەپ خوش بولۇپ كىتىۋاتامسىز_ دېدى ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى بەكمۇ ئۇماق ئىدى.

_ ھەئە، بەك خوش بولۇپ كەتتىم_ دېدىم مەن ئۇنى تېخىمۇ قىيقىتىپ.

ئۆتكۈر گۈرۈچ ئېشى بىلەن بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇپتۇ.  قورۇمىلار قارىغان كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرگۈدەك بىر بىرىدىن ئوخشىغاندەك قىلاتتى.  ئولتۇرۇپ تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشتۇق.

_ تاماقنى بەك ئوخشىتىپسىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوختۇرلۇق قىلغۇڭىز كەلمەي قالسا، بۇ ھۈنىرىڭىز بىلەن ئاشخانا ئاچسىڭىزمۇ بولغۇدەك جۇمۇ_ دېدىم مەن.

_ مەن تاماق ئېتىشكە قىزىقىمەن، لېكىن ئۇنى كەسىپ قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم.  كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆڭلۈمدىكى ئادىمىمگە ئوخشىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرەلىسەملا ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم شۇ دەپ ئويلايمەن.

_ ھە راست، سەندىن سورايمەن دەپ ھەر قېتىم ئۇنتۇپ قالىمەن.  شاڭخەيدە شۇنچە ئۇزۇن تۇردۇڭ، خىزمەت قىلدىڭ، شۇ يەردىن بىرەرىنى تېپىپ كىلەمدىكىن دېسەك يەنە يالغۇز قايتىپ كەپسەنغۇ؟ _ دېدى ئۈمىد قورۇمىدىن بىر چوكا ئېلىپ مېنىڭ قاچامغا سېلىپ بەرگەچ.

_ ئۇ يەردە خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدا قىزلارغا قارايدىغانغا نەدىكى ۋاقىت دەيسەن؟_ دېدى ئۆتكۈر ۋە بۇ گەپنى دەۋېتىپ ماڭا قارىدى، ئىككىمىزنىڭ كۆزىمىز شۇ دەقىقىدە ئۇچرىشىپ قالدى.  گەرچە ئۆتكۈر بىلەن تونۇشقان ۋاقتىمىز ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئادەتتىكى دوستلۇقتىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى، مەسىلەن، ئۇ نەچچە سائەت ماشىنا ھەيدەپ ئەزىمەتنىڭ يۇرتىغا بېرىپ مېنى ئېلىپ كەلدى،  بۈگۈن مېنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كادىرلار بۆلۈمىدە سۈرەتتىكى ئەر مەن دەپ ئۈستىگە ئالماقچى بولدى. ئۇنىڭ بۇ ياخشىلىقلىرى مېنى سەل بىئارام قىلىپ قويدى.

_ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى تاپماق ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك، ئۈمىد، نازىيەنى قەدىرلە ھە_ دېدى ئۇ كەينىدىنلا.  ئۈمىد بۇ گەپنى ئاڭلاپ ماڭا قاراپ قويدى.

_ خاتىرجەم بول، مەن دېگەن خوتۇنىغا كۆيۈنىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۈلگىسى جۇمۇ_ شۇنداق دەپ قاچامغا بىر تال گۆش ئېلىپ سېلىپ قويدى ئۇ.

راستىمنى دېسەم ئۇنىڭ بۇ كۆيۈنۈشلىرىنى  قوبۇل قىلغۇم يوق ئىدى، چۈنكى قوبۇل قىلدىم دېگەن ئۇنى كەچۈرىۋەتتىم دېگەن گەپ. ئۇنى بۇنداق ئاسانلا كەچۈرىۋەتسەم بولمايتتى.  ئۇ ماڭا سېلىپ بەرگەن گۆشنى چوكا بىلەن قىسىپلا ئېلىپ ئۆزىنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدۇم.

_ ئۆزىڭىز يەڭ.

   ئۈمىد گەپ قىلمىدى، مەن تېخى ئۇنى خاپا بولۇپ قالغان چېغى دەپتىمەن،  كىم بىلسۇن، ئۇ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى ۋە ئېڭىكىمنى سىلاپ تۇرۇپ دېدى.

_  مەلىكەم، مېنى  گۆشنى جىق يەپ سەمىرىپ كەتسە،  باشقا قىزلار  قارىمىسۇن دەپ ئويلاۋاتامسىز نىمە ھە؟

بۇ گەپتىن بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان ئۆتكۈر مەندىن بۇرۇن ئوڭايسىزلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.

_ ھەي ھەي،  ماۋۇ يەردە مەنمۇ بار ھە. بۇنداق ئىشلارنى مەن يوق يەردە قىلىڭلار، مەندەك بويتاقنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار ھە.

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈر ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. مەن يىغىشتۇراي دەپ بىر پىيالىنى قولۇمغا ئالسام ئۆتكۈر ئېلىۋالدى.

_ ئەكىلىڭ، ئۆزۈم يىغىشتۇراي. مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق.

ئۈمىدمۇ ھېچ تەكەللۇپسىزلا:

_  ھە بوپتۇ، ئەمىسە ساڭا تاپشۇردۇق_ دەپلا قولۇمنى يىتىلەپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.  سىرتتا قارڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى، ئۇنىڭ مېنى  قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغىنىنى بىلمىدىم.   ئۈمىد ماشىنىنى شەھەر سىرتىغا ھەيدىدى. يولدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.  بىر چاغدا بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ توختىدى.

_ بۇ يەر بولامدىكەن_ دېدى ئۇ.  ئەتراپقا قاراپ بۇ يەرنىڭ قايسى كۈنى ئۆتكۈر مېنى قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى جاي ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟

_ ئۆتكۈردىن ئاڭلىسام قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، شۇڭا مەن بۇ يەردىن مەخسۇس سىزگە ئاتاپ يەر سېتىۋالدىم، ئەتىلا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. پات ئارىدا بۇ يەردە بىر يۈرۈش ئۆيىمىز بار بولىدۇ،  خالىسڭىز ھەر كۈنى كېلىپ قۇياشنىڭ چىققىنىنى تاماشا قىلالايسىز، مەلىكەم.

ھەيرانلىقتىن ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى. مەخسۇس مېنىڭ قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن يەر ئېلىپ ئۆي سېلىپ بېرەمدىكەن؟  ئۇ مېنىڭ ھەيران قېلىشىم بىلەن كارى يوق، ماشىنىدىن مېنى قۇچاقلاپلا  ئېلىپ ئاستا يەرگە قويدى  ۋە  پۇتۇمنىڭ ئاغرىيدىغىنىنى بىلگەچكە قولۇمنى يىتىلەپ ئاستا ماڭدى.  مەن ئاستاغىنە يېنىمدا كېتىۋاتقان ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ئاي نۇرىدا تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ كەتتى.  ئەمما گەرچە ئۇ يېنىمدا، قولۇمنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، مەندىن ئىنتايىن يىراقتا تۇرىۋاتقاندەك بىلىندى. ئۇ بۈگۈن ئىككىمىز ئەر خوتۇن ئىكەنلىكىمىزنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلۈمدە  يەنىلا نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەۋاتاتتىم.

_ سۇئالىڭىزنى سورىسىڭىز بولىدۇ_ دېدى ئۈمىد تۇيۇقسىزلا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.  مەن گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالدىم، راستىمنى ئېيتسام گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي تۇراتتىم.  ئۇ مېنى ئاستا مۈرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى ۋە:

_  سوراڭ، نازىيە، بىلگۈڭىز بار ئىشلارنىڭ ھەممىنى سوراڭ، بۈگۈن مەن ھەممىسىگە جاۋاب بېرىمەن.

پۇرسەت غەنىمەت، ئۇ ئۆزى سوراڭ دېگەن ئىكەن، مەن بۈگۈن پۈتۈن سۇئاللرىمغا جاۋاب تاپمىسام بولمايدۇ.

_ ھېلىقى 300 مىڭلىق كېلىشىمنىڭ ئىشى قانداق ئىش؟ سۈرەتچۇ؟ بۈگۈن ساقچىغا مۇھىم ئۇچۇر بار دېگەنتىڭىز، ئۇ قانداق ئۇچۇر؟ دەسلەپتە ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئادەم بىردەمدىلا بىر تېلېفون بىلەن تەكشۈرۈش نىيىتىڭىزدىن يېنىپ قالدىڭىز، تېلېفوننى زادى كىم ئۇرۇپتۇ؟ ئۇ سىزگە نىمىلەرنى دېدى؟

مەن بىلگۈم بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىر يولىلا دەۋەتتىم. ئۈمىد بېشىنى بىردەم قاشلاپ تۇرىۋېلىپ :

_ بىردىن بىردىن سورىسىڭىز بولمامدۇ؟_ دېدى.

بۇ ئىشلارنى بىلىشكە بەك ئالدىراپ كىتىۋاتاتتىم.

_ كەچتە سەل سوغۇق تۇرىدۇ، شامالداپ قالماڭ يەنە، ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلىمۇ؟

_ مەن ئۈن تىنسىز ماشىنا تەرەپكە ئۆرۈلدۈم. ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئۈمىد تولىمۇ مۇلايىم  بىر ئاھاڭدا گەپ باشلىدى.

_ مەن سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن دېدىممۇ، چوقۇم ھەممىسىگە سىز قايىل بولغۇدەك جاۋابنى بېرىمەن، ئالدىرىماڭ، مەن گەپ قىلىۋاتقاندا گېپىمنىڭ بېلىگە تەپمەڭ.

مەن ماقۇل دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم.

_ بۈگۈن ئەتىگەن ھېلىقى خەۋەرنى كۆرۈپ سىزنىڭ يىغلاپ تۇرغان تۇرقىڭىز كۆز ئالدىمغا كەلدى. چۈنكى سىز بەك يىغلاڭغۇ، بىر ئىشلارغا ئاسانلا يىغلايسىز.

_ يىغلىمىدىم_ دېدىم مەن دەرھاللا.

_ گېپىمنىڭ بېلىگە تەپمەڭ دېدىمغۇ بايا_ دېدى ئۇ.  

_ ھە، ئەمدى گەپ قىلمايمەن،  دەۋېرىڭ.

_ سىزنىڭ مېنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكىنىڭىزنى بىلىمەن ئەمەسمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇ بۇنداق ئىشقا يۇلۇققاندا بىرىنچى بولۇپ مېنى ئېسىگە ئالىدۇغۇ، ھېچبولمىغاندا بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سوراش ئۈچۈن بولسىمۇ مېنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەندۇ دېگەن زور ئۈمىد بىلەن تېلېفون قىلدىم، يەنىلا ئۇلانمىدى.

قارىغاندا ئۇنىڭ نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكىنىم ئۇنىڭ كۆڭلىگە بەك كەلگەندەك قىلاتتى.

_ گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەڭە_ دېدىم مەن ئالدىراپ.

_ نىمىگە ئالدىرايسىز؟ ئالدىرىغان يولدا قالار دېگەن گەپ بار، ئالدىرىماي تۇرۇڭ ھە. _ شۇنداق دەپ بىر بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى ئۇ.

_ تۆنۈگۈن ھېلىقى كېلىشىمنى سىزگە كۆرسىتىشىمدىكى مەقسەت سىزگە ئەزىمەت دېگەن ئەبلەخنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى. ئەمدى سىزگە 300 مىڭ يۈەننىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي.   سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭمۇ نازىيە ئىكەنلىكىنى بىلگەن  ۋە تارتقان كۈلپەتلىرىڭىزدىن ئاز تولا خەۋەردار بولغان چېغىمدا مەندە تۇيۇقسىز سىزنى قوغداش ئىستىكى پەيدا بولدى.  بۇنىڭ  سەۋەبىنى دېمىسەممۇ بىلىپ بولدىڭىز ھەقىچان_ دەپ ماڭا قارىدى ئۇ.  مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.

_ كېيىن سىز دوختۇرخانىدا چېغىڭىزدا تېلېفون قىلسام سىز مەن دوختۇرخانىدا دېدىڭىز، شۇ چاغدا پەقەت سىزگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدىلا دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم،  لېكىن بارغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئېرىڭىزنىڭ ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەزىمەت بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئاداۋىتىم بارلىقىنى بىلىسىز.  ئۇنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە سىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش خىيالى پەيدا بولدى يۇ بۇ خىيالىمدىن ئۆزۈممۇ چۈچۈپ كەتتىم. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن  ئەزىمەتنى ئىزدەپ باردىم، ئۇنىڭغا سىز بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشنى، بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي ئاۋارە قىلماسلىقنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلا شەرتى بولسا ماقۇل بولىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ  ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا مەندىن 300 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلدى. مەن ئۇنىڭغا پۇلنى بېرىشتىن بۇرۇن ھېلىقى سىز كۆرگەن كېلىشىمنى يېزىپ قول قويغۇزۇپ بولۇپ ئاندىن قولىغا پۇلنى بەردىم.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ ئاققىلى تۇردى.

_ يىغلىماي تۇرۇڭە، مەن تېخى گېپىمنى دەپ بولالمىدىم.  ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كېلىشىمنى ئىمزالىغان بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزنىڭ ئۇچىنى تۇتمىدىم، شۇنداققۇ؟ ئەمما ئۇنىڭغا سىزنىڭ يېنىمدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كېلىپ  ھېلىقى سۈرەتنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم.

_  ئۇ سۈرەت ئەزىمەتتىمۇ بار ئىكەندە؟  دېمەك ھېلىقى خەۋەرنى يوللىغىنى ئەزىمەتكەندە؟

ئۈمىد تاماكىنى كۈچەپ بىر شورىۋالغاندىن كېيىن:

_ ئۇ بولمىسا يەنە كىم بولاتتى؟ ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغان تۇرسا_ دېدى.

 مېنىىڭ يەنىلا كاللامدىن ئۆتمىدى.

_ ئەمىسە يەنە نىمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇ ئىشنى تەكشۈرمەيمەن دەيسىز؟ ھېلىقى تېلېفوننىمۇ ئەزىمەت ئۇرۇپتىكەن-دە؟

ئۇ كالپۇكىنى چىشلەپ قويۇپ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

_ ئۇ تېلېفوندا ماڭا نازىيە توغرىلىق باشقا سۈرەتلەر بار ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋېتەلەيمەن، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى تەكشۈرىمەن دېمەي توختىتىپ قوي دەپ تەھدىت سالدى.

ئۇنىڭ قولىدا مېنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋېتەلەيدىغان نەرسە بارمىكەن؟ مەن يا قالايمىقان يەرگە بارمىسا، قالايمىقان ئادەملەر بىلەن ئارىلاشمىسا ئۇنىڭ قولىدا ماڭا ئائىت نىمە بولاتتى؟

_ ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپسىز.

ئۈمىد ماڭا قاراپ قويۇپ:

_  ئۇ ئۇنداق دەۋاتسا، مەن مەيلى ، نىمە دېسەڭ دە دىيەلمەيمەن-دە . بوپتۇ، مېنى ئەخمەق قىلغان بولسا، ئالدىمىزدا كۈنلەر تېخى ئۇزۇن، كىم ئاخىرغىچە كۈلەلەيدىكىن قېنى.



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k