大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 73 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 73 - قىسىم aybarawazi
2023-08-22
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 74 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

73-قىسىم


   ھېچقايسىمىز گەپ قىلمىدۇق، لېكىن ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر بەكرەك ئەنسىرەۋاتقاندەك قىلاتتى.  ئۈمىد ئوتتۇرىدا، فەرۇق بىلەن ئۆتكۈر ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇراتتى، مەن  بالكوندا سىرتقا قاراپ تۇرىمەن.  پۈتۈن داچىنىڭ ئىچى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە جىمجىت.  ئاسلانچاقمۇ ئۆيدىكى كەيپىياتنى بىلىپ قالدىمىكىن،  پۇتۇمغا سۈركىلىپ، چىرايىمغا قاراپ ماڭا تەسەللى بېرىۋاتقاندەكلا قىلاتتى.  مەن جايىمدا مىدىر قىلماي تۇراتتىم، 

_ مەن كىرىپ تاماق ئېتەي، نازىيە، سىز ياردەملىشىڭە.

ئۆتكۈرنىڭ بۇ ئاۋازى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقنى بۇزدى. ئۇنىڭ قاچانلاردا مېنىڭ يېنىمغا كەلگىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن. ئۇنىڭ كەينىدىن ئاشخانا ئۆيگە كىردىم.  ئۇ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ توڭلاتقۇنى ئېچىپ  نەچچە تال تۇخۇم بىلەن پەمىدۇرنى ئالدى ۋە پەمىدۇرنى ماڭا سۇندى. 

_ ئادەمنىڭ جېنى تۆمۈر ئەمەس،  «يەپ تۇر، بەك تۇر» دېگەن گەپ  بار. رازىيەنى ئىزدىدۇق دەپ  تاماق يىمەي بىزمۇ يىقىلىپ قالمايلى يەنە.  تاماق يەپ كۈچلىنىپ، روھلىنىڭ ئاندىن رازىيەنى ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

 ئۇ مەن بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇنلا رازىيە بىلەن تۇنۇشاتتى، شۇڭا  ئۇنىڭ رازىيە بىلەن بولغان دوستلۇقى ماڭا قارىغاندا چوڭقۇرراق، شۇڭا ئۇ مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاشخانىغا ئەكىرىپ ئىشىكنى يېپىۋەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇنداق بولمىدى. ئۆتكۈر ئەزەلدىن ئىنتايىن مۇلايىم،  ھازىر  بولسا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مۇلايىم ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى.   كۆڭلۈمدىكى ئۇۋالچىلىقمۇ، تەسىرلىنىشمۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى.  كۆزۈمگە ياش كەلگىنىنى ئۆتكۈرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بېشىمنى پەس قىلىپ پەمىدۇرنى يۇيۇشقا تەييارلاندىم.  ئەمدى تۇربا سۈيىنى ئېچىشىمغا  ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، مەن بېشىمنى بۇراشقا ئۈلگۈرمەيلا بىر قول كېلىپ قولۇمدىكى پەمىدۇرنى ئېلىۋالدى. 

_ قولىڭىز تېخى ساقايمىدى، قولىڭىزنى سۇغا تىقماڭ.  مەن يۇياي. 

قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، چۈنكى ئۈمىد ماڭا ئىنتايىن كۆيۈنگەن ئاھاڭدا گەپ قىلىۋاتاتتى.  ئەمەلىيەتتە قولۇمنىڭ كۆيۈپ قالغان يېرى خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان، مىنەۋەر خانىم بەرگەن دورا ھەقىقەتەن بەك ئۈنۈملۈك دورا ئىكەن، تاتۇقمۇ قالمىدى.  ئۈمىد بېشىنى تۆۋەن سېلىپ پەمىدۇرنى يۇيۇشقا باشلىدى، مەنمۇ ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتمەي بىر چەتتە قاراپ تۇردۇم. ئۆتكۈر بىردە ئۈمىدكە، بىردە مېنىڭ قولۇمغا قاراپ سورىدى. 

_ نازىيەنىڭ قولىغا نىمە بولدى؟ 

ئۈمىد جاۋاب بەرگۈچە مەن ئالدىراپ تىنەپ جاۋاب بەردىم. 

_ چوڭ ئىش يوق،  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تاماق ئېتىۋېتىپ قايناقسۇ چاچراپ كەتكەن.  ھازىر ساقىيىپ قالدى. 

ئۆتكۈر بىردەمنىڭ ئىچىدە  پەمىدۇر تۇخۇم قورۇمىسى قورۇپ،  تەييارلاپ قويغان چۆپنى سېلىپ چۆپ ئاش تەييار قىلدى.  تاماق يەۋاتقاندا ئۈمىد قاچىسىدىكى تۇخۇملارنى ئاستا مېنىڭ قاچامغا سېلىپ بەردى. 

_ بولدى، ئۆزىڭىز يەڭ_ دېدىم مەن ئۆزۈمچە باتناپ. 

_  يەڭە.  مەن دېگەن ئەر كىشى، بەرداشلىق بېرەلەيمەن، سىز ھېلىمۇ بەك ياداپ كەتتىڭىز.

ئۇ شۇنداق دەپ يەنە بېشىنى سېلىپ تامىقىنى يەۋەردى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يەنە كۆزۈمگە ياش كەلدى.   ئۇنىڭ ئاشقازان ئاغرىقىمۇ تېخى تەلتۈكۈس ياخشى بولالمىغان تۇرۇپ يەنە مېنىڭ غېمىمنى يەۋاتىدۇ.  كۆزۈمدىكى ياشنى ھېچكىمگە كۆرسەتكىم يوق، شۇڭا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ تامىقىمنى يەۋەردىم.  تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ بولغاندا ئۈمىدنىڭ تېلېفونى سايرىدى،  ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا :

_ ھە؟ قەيەردە؟_ دېدى، ھەممىمىز تەڭلا ئۇنىڭغا قارىدۇق. 

ئۇ تېلېفوننى قويۇپ:

_  رازىيەنىڭ دېرىكى بولدى_ دېدى.  ھەممىمىز  قاچىمىزنى قويۇپلا  سىرتقا قاراپ ماڭدۇق. ئۈمىد  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىمجىت ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى.  بىزگە قانداق خەۋەر ئىكەنلىكىنىمۇ دېمىدى، سوراپ بېقىشقا مەنمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. خۇش خەۋەر بولسىكەن  دەپلا ئويلايتتىم. 

 ئۈچ ماشىنا كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئۇچقاندەك  كېتىۋاتاتتى.  كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يولدا ئىككى  تەرەپتىكى دەرەخلەر بىر بىر لەپ كەينىمىزدە قېلىۋاتاتتى.   بىز تۇرىۋاتقان بۇ شەھەر  مەن كىچىك چېغىمدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىپ كەتتى، يەنە كېلىپ مەن ئەزەلدىن سىرتلارغا بەك چىقىپ كەتمەيمەن.  بولۇپمۇ دادام ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغاندىن باشلاپ سىرتقا چىقىپ ئايلانغۇدەك ۋاقتىممۇ يوق  بولغاچقا شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى بىلمەيتتىم. ئەمما بىز كېتىۋاتقان بۇ يول ماڭا شۇنچىلىك تونۇش بىلىندى.  بۇ يولدىن قاچان ماڭغان بولغىيتتىم، بەلكىم بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىلگىرى ماڭغان بولسام كېرەك. 

 ماشىنا بىلەن تەخمىنەن 20 مىنۇتلار ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر يەرگە كېلىپ توختىدۇق،  ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن كۆزۈمگە چېلىققىنى «ئۇچار تاش قورغىنى» دېگەن ۋىۋىسكا بولدى.  «ئۇچار تاش قورغىنى» بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئېچىلغان ئارامگاھ، مەن نامىنى ئاڭلىغان، لېكىن كېلىپ باقمىغان ئىدىم.  دەرۋازىۋەن بىزنى يىراقتىن كۆرۈپلا دەرۋازىنى ئېچىۋەتتى ۋە ئۈمىدكە ئالاھىدە ئېھتىرام بىلەن سالام قىلدى:

_ چوڭ بايۋەتچە. 

ئۈمىد بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا ئىچكىرىگە قاراپ مېڭىۋەردى.  مەن ھەيران قالدىم، ئەجىبا بۇ يەرمۇ بىپايان شىركىتىنىڭ يېرى ئوخشىمامدۇ؟  بۇ يەرنىڭ ئۇچار تاش قورغىنى دېگەن ئىسمى بىكارغا قويۇلماپتىكەن،  ئۇنىڭ ئىچى ھەقىقەتەن قورغانغىلا ئوخشايدىكەن.  ئەمما ھازىر مېنىڭ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا رەۋىتىم يوق.  كاللامدا تېزرەك رازىيەنى تاپساق بولاتتى دېگەننىلا ئويلايتتىم.  بىز بىر مۇنچە تاش پەلەمپەيلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئەر چىقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. 

_ چوڭ بايۋەتچە، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

_ ئۇ قېنى؟

 ئۈمىد قارىماققا ئۆزىنى تۇتىۋالغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئاۋازىدىن جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. 

_ مەن بىلەن مېڭىڭ، چوڭ بايۋەتچە. 

ئۇ ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭغاچ  ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. 

_ مەن سىز يوللىغان ئادەم ئىزدەش ئېلانىدىكى سۈرەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم،  مېنىڭچە شۇ قىز شۇ. 

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، رازىيەنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى بىلىپ «ئۇف» دېدىم.  يەنە بىر قاتار تاش پەلەمپەيلەردىن  چىقىپ بىر ئىشىكتىن ئۆتكەندىن كېيىن بايىقى ئەر بىزنى  بىر ئۆيگە باشلاپ كىردى ۋە ئۆزىمۇ چۈچۈپ كەتتى. 

_  ھەي، بايا تېخى مۇشۇ يەردە ئىدى، بىردەمدە نەگە كەتتىكىنە؟ بايا ئۇنىڭغا تاماق ئەكىرىپ بەرگەنتىم، يەپ قېپ قالغان. 

ئۇ ئۈمىدنى خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىدىمىكىن، جىددىيلىشىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.  بۇ ئۆيدىكى جاھازىلارنىڭ ھەممىسى قەدىمى ئۇسلۇبتا ياسالغان ياغاچ جاھازىلار ئىدى.  يۇمىلاق ئۈستەلدە راستلا تاماق تۇراتتى، ئەمما چوكا تەگمىگەندەكلا.  ئۈمىد ئۈستەلدىكى تاماققا قاراپ بىر ئېغىزلا گەپ قىلالىدى. 

_ ئىزدەيلى. 

بايىقى ئادەمنىڭ كۆرگىنى راستىنلا رازىيە بولسا، دېمەك ئۇ ھازىرمۇ مۇشۇ يەردە دېگەن گەپ.  بىردەمنىڭ ئىچىدە  بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلاردىن بىر نەچچەيلەن كەلدى ۋە رازىيەنى تەرەپ تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى.  مەن بۇ يەرنى ئانچە پىششىق بىلمىگەچكە ئامالسىز ئۈمىدنىڭ كەينىدىنلا يۈردۈم.   ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىرەيلەننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ چوڭ بايۋەتچە، ئۇ ئەنە.

ھەممىمىز ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدۇق.  قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ بۇ يەرنىڭ چىراقلىرىنىڭ ھەممىسى  ياندۇرىۋېتىلگەن،  چىراق نۇرىدا  ئېگىزدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئاران پەرق قىلغىلى بولاتتى. يىراق ئارىلىقتىن ئۇ يەردە تۇرغان ئادەمنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىسىمۇ رازىيە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىدى.  ئۈمىد چوڭ چوڭ ئاتلاپ تاش پەلەمپەي بىلەن ئۈستىگە چىقىشقا باشلىدى.  پەلەمپەي خېلىلا تىك ئىدى، مېنىڭ ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىم بار، پەلەمپەينىڭ يېرىمىغا چىقار چىقمايلا پەسكە بىر قاراپتىكەنمەن، بېشىم قېيىپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى.  ئىككى يېنىمغا دەڭسىلىشكە باشلىدىم. 

_ قورقماي چىقىۋېرىڭ، كەينىڭىزدە مەن بار. 

بۇ ئۆتكۈرنىڭ ئاۋازى ئىدى.   مەن چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ ئۈستىگە قاراپ چىقىشقا باشلىدىم.  

ھەقىقەتەن قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىنى رازىيە ئىدى.  ئازراقلا دېققەت قىلمىسىلا قىيادىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى،   قىيا تىك قيا بولۇپ قارىغان كىشىنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرەتتى. 

_ رازىيە. _ ۋارقىرىدى ئۈمىد. 

رازىيە ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە قايرىلىپ قاراپ بىزنى كۆردى ۋە ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى.  

_ يېقىن كەلمەڭلار. 

ھېچقايسىمىز مىدىرلاشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق. 

_ رازىيە، دېققەت قىلىڭ، چۈشۈپ كېتىسىز_ فەرۇقمۇ جىددىيلەشكەن ھالدا ۋارقىرىدى.  رازىيە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ پەسكە قاراپ تۇراتتى. 

_ ئۈمىد ئاكا، مەن بەك يارىماس، شۇنداقمۇ؟ قانداقلا ئىش قىلسام قاملاشتۇرۇپ قىلالمايمەن،  ئەگەر بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقىنى ئاچام بولغان بولسا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشكەن بولاتتى.  توغرا دېدىممۇ، ئۈمىد ئاكا؟

_ ئادەمنىڭ ھاياتىدا مەغلۇپ بولۇشلار بولۇپ تۇرىدۇ، كېيىن يەنە پۇرسەت بار.  بۇنداق ئالدىراپ ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلىۋەتمەڭ. 

ئۇ رازىيەگە شۇنچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى،  يەنە رازىيەدىن ئەنسىرەۋاتقىنىمۇ چىقىپ تۇراتتى، بەلكىم ئۇ رازىيەنىڭ ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولسا كېرەك.  لېكىن شۇ تاپتا رازىيەنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرىدنغاندەك ئەمەس، ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتى. 

_ كىچىكىمدىن باشلاپلا مەن ئاچامغا يېتەلمەيتتىم،  ئاچام چىرايلىق،  ناخشىنىمۇ چىرايلىق ئېيتىدۇ،  لېكىن ئۇنىڭ ئۈمرى قىسقا كېلىپ قالدى، ئۇ شۇنداق ياخشى تۇرۇپ نىىمىشقا بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆلۈپ كەتسەم بولمامتى؟

رازىيەنىڭ ھە دېسە ئاچىسىنى تىلغا ئېلىپ يىغلىغىنىنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ چىرايىنىڭ قانداق بولغىنىنى كۆرەلمىدىم،  ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى رازىيە ئاچىسىنىڭ ئىسمىنى قەستەن ماڭا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قايتا قايتا تىلغا ئېلىۋاتاتتى.  مەن رازىيەگە قاراپ ۋارقىراپ دېگۈدەك گەپ قىلدىم. 

_ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، بەلكى 100 قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ 101-قېتىم يەنە ئورنىدىن تۇرالىغان ئادەم.  مەغلۇپ بولۇش قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس، قورقۇنۇچلۇقى مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش

ئۈمىد ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى.  ئۇنىڭ گەپلىرىمدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن. مەنمۇ بىلىمەن، ھازىر رازىيە بىلەن سېنىڭ خاتا، مېنىڭ توغرا دەپ تالاش تارتىش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس.  مەيلى قانداقلا ئىش بولسىمۇ  ئۇنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقاندا ئاندىن دىيىشكىنىمىز ياخشى.  لېكىن ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دېگەن گېپىمنى رازىيە تەتۈرسىگە چۈشەندى بولغاي. 

_ بەك ساختىپەزكەنسىز،  شۇ تاپتا مېنى تېزرەك سەكرىسىكەن، كۆزۈمدىن يوقالسىكەن دەپ ئويلاۋاتقانسىز.  ئۈمىد ئاكامنىڭ ئالدىدا تولا ياخشى ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالماڭ. 

ياخشى كۆڭلۈمنىڭ بۇ دەرىجىدە بۇرمىلىنىپ كەتكىنىگە ئىچىم ئاچچىق بولغان بولسىمۇ چاندۇرماي جىم تۇردۇم. چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ چىشىغا تەگكىلى بولمايتتى.  رازىيە تۇيۇقسىز ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىگىلى تۇردى. 

_  مەن ھازىر ئاچامنى كۆردۈم، ئاچام مېنى چاقىرىۋاتىدۇ، مېنىڭ ئاچامنىڭ يېنىغا كەتكىم كېلىۋاتىدۇ.  ئاچام توغرا دەپتىكەن، بۇ دۇنيانىڭ راستلا تارتىشقۇدەك يېرى قالماپتۇ.  بۇ دۇنيا بەك رەزىلكەن. بۇ دۇنيادا ئاچامدىن باشقا ماڭا كۆيۈنىدىغان ئادەممۇ يوقكەن، شۇڭا يەنىلا ئاچامنىڭ يېنىغا كەتكىنىم ياخشى ئوخشايدۇ،  ئاچا، مېنى ساقلاپ تۇرغىن، مەن بىردەمدىلا يېنىڭغا بارىمەن. 

رازىيەنىڭ راستلا بىرەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن بەك ئەنسىرىدىم.  ئۇ تېخى ياش، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان قىز.  گەرچە ئۇ مېنىڭ گېلىمنى سىققان بولسىمۇ لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ ساق سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

_  ئاچىڭىز ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن مەن بار، رازىيە. سىزگە ئۈمىد ئاكىڭىز بار. 

رازىيە دەرھال ئۆرۈلۈپ قارىدى، ئۇ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى.  ئۈمىد بىر  قەدەم بىر قەدەمدىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقا باشلىدى. 

_ رازىيە، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھەر خىل يوللىرى بولىدۇ، بىر يولدا ماڭسڭىز ئەپلەشمىسە يەنە بىر يولنى تاللىسڭىز تامامەن بولىدۇ.  ئەجىبا سىز مېنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغىنىمغا ئىشەنمەمسىز؟

_ ئاچامنىڭ بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بىر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئىدى.  ئەمما ئەپسۇس، ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالدى،  ئۈمىد ئاكا، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزەلىسەم ئاچاممۇ مەن ئۈچۈن خۇش بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

_ شۇنداق، بۇ ئارزۇيىڭىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ماڭا ئىشىنىڭ. 

ئۈمىد ئۇنىڭ يېنىغىلا بېرىپ قالغان ئىدى.  ئۈمىد ئىككى قولىنى ئاچتى. 

_ بۇ ياققا كېلىڭ، رازىيە. 

رازىيە مىدىرلىمىدى، ئەمما باشتىكىدەك قاراملىقمۇ قىلمىدى. 

_ رازىيە، مەن ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن، يېنىپ چۈشۈڭ. 

بىر نەچچە سىكۇنتتىن كېيىن رازىيە ئاستا قولىنى سۇندى، ئۈمىد ئۇنى كۆتۈرۈپ قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈرىۋالدى.  پەسكە چۈشكەندىن كېيىن رازىيە ئۈمىدنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.  ھېلىقى كۈنى كەچلىكى رازىيە ماڭا ئۈمىدنىڭ ئاچىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن دېگەن.  راست، مەن كۆردۈم،  بىلدىم، ئۇ ھېلىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنى ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ مەنزىرىگە قاراپ تۇرىۋېرىشكە تاقىتىم قالمىدى، ئاستا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتمەكچى بولدۇم، ئەمما بېشىم قېيىپ، پۇت قولۇمدا جان قالمىدى.  مەن يىقىلىپ قالاي دېگەن شۇ دەقىقىدە بىر جۈپ قول كېلىپ مېنى يۆلىدى ۋە قۇلىقىمغا  ئىنتايىن يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 

_ بىر نىمە بولمىغانسىز؟

بۇ ئۆتكۈرنىڭ ئاۋازى ئىدى. 

ئۈمىدمۇ مەن تەرەپكە قارىدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ چىرايىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغىنىنى بىلەلمىدىم، بىلىدىغىنىم پەقەتلا ئۇنىڭ ھېلىمۇ رازىيەنى قۇچاقلاپ تۇرغانلىقى ئىدى.   يۈرىكىمنىڭ رەشىك ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بولۇپ كىتىۋاتقىنى راست.  ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، مەن چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرگەن ئېرىم ھازىر باشقا بىر قىزنى قۇچاقلاپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا.  شۇ دەقىقىدە مېنىڭ بۇ قىيادىن سەكرىگۈم كېلىپ كەتتى.  ئۆتكۈرگە ئاستاغىنە دېدىم. 

_ مەن ئېگىزدىن قورقىمەن، چۈشۈپ كىتەيلىمۇ؟

_ بولىدۇ، قورقسىڭىز بېلىكىمگە ئېسىلىۋېلىڭ. 

ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلالمايتتىم.  چۈنكى ھازىر ئېرىم ئۆزىنىڭ خوتۇنى بار بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن، مەن ئېرىم بار ئايال ئىكەنلىكىمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقارمايتتىم. 

ئۆتكۈر ئالدىمدا، مەن ئۇنىڭ كەينىدە چۈشۈشكە باشلىدىم. 

_ پەسكە قارىماڭ، مېنىڭ بېشىمغىلا قاراپ چۈشۈڭ_ دېدى ئۆتكۈر. 

بىر بۆلەك تاش پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈر ماڭا :

_ بىردەم ئارام ئېلىۋالامسىز ؟_ دەپ بىر ئۆينى كۆرسەتتى. 

_ رازىيەنىڭ سالامەت تۇرغىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم. بولدى،   كىتەيلى، مەن قارىسام  ھازىر بۇ يەردە مەن ئارتۇقچە ئادەم بولۇپ قالغاندەك تۇرىمەن. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k