大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 85 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 85 - قىسىم aybarawazi
2023-09-03
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 86 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

85-قىسىم

   

ئۇنىڭ نىمىگە كەلگىنى توغرىلىق قىياس قىلىۋاتقان چېغىمدا، ئۈمىد تۇيۇقسىز :

_  سىز قايتقاچ تۇرۇڭ،  كەچتە ئوخشىتىپ ئەشكەن لەغمەن ئېتىڭە، مەلىكەم.  مەن سىز ئەتكەن ئەشكەن لەغمەنگە بەك ئامراق _ دېدى. 

ئۇنىڭ مېنى قەستەن كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغىنىنى ھېس قىلدىم، ئۇلارنىڭ نىمە توغرىلىق پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى، لېكىن ئۈمىد مېنىڭ ئاڭلىشىمنى خالىمىغان ئىكەن، ئەڭ ياخشىسى جىملا كەتكىنىم ياخشى. 

_ ماقۇل. بالدۇرراق بارارسىز ئەمىسە_ شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.  مەن  ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋاتقاندا ھەسەننىڭ ئۈمىدنىڭ ئۇدۇلىغا بېرىپ  ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 

بىپايان شىركىتىدىن چىقىپ ئۇدۇل تاللا بازىرىغا باردىم.  مەن ئۈمىدكە بىر نەچچە قېتىم ئەشكەن لەغمەن ئېتىپ بېرىپ باققان، خىمىرنى قولۇمدا يۇغۇرۇپ خېلى كۆڭۈل قويۇپ ئېتىمەن، شۇڭىمۇ  ئۈمىدكە بەك ياراپ كەتكەن ئىدى. 

تاللا بازىرىغا كىرىپ كۆكتات ساتىدىغان يېرىگە باردىم،  ئۈمىد مايلىق يېسىۋېلەككە بەك ئامراق، شۇڭا ئالايىتەن يېڭى مايلىق يېسىۋېلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇ تاللا بازىرىغا كەلگەن ئىدىم. تەلىيىمگە مايلىق يېسىۋېلەكتىن بىرلا باغلام قاپتۇ. يىراقتىن كۆرۈپ خۇشلۇقتا تېز تېز ماڭدىم، ئەمدى بېرىپ مايلىق يېسىۋېلەكنى تۇتۇشۇمغا تۇنۇش بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. 

_ ئاشۇ مايلىق يېسىۋېلەكنى ئالىمەن. 

 بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام سەل نېرىدا ئەزىمەت ئىككىمىزنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئايگۈزەل ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. شۇ ئىشتىن كېيىن ئايگۈزەلنى بىرەر يەردە ئۇچرىتىپ باقماپتىكەنمەن.  ئۇ يېنىدا تۇرغان ئەر كىشىگە مايلىق يېسىۋېلەكنى كۆرسىتىپ بويرۇق قىلدى. 

_ چوقۇم ئاشۇنى يەيمەن،  بولمىسا سېزىكىمدىن چىقالمايمەن_ شۇنداق دەپ قۇرسىقىنى سىلاپ قويدى ئۇ.  

ئۇ «سېزىك» دېگەن گەپنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتتى، ئۇنىڭ قەستەن ماڭا قارىتىپ دەۋاتقىنى ئېنىق ئىدى.  تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ھەۋەس  ئارىلاش ھەسەت نەزىرىم بىلەن قارىدىم.  نىمىشقا باشقىلار شۇنداق ئاسانلا ھامىلدار بولالايدۇ، لېكىن مېنىڭ ھامىلدار بولۇشۇم شۇنچىۋالا تەستۇ؟

_ ئاڭلىسام سېزىكىدە يىگۈسى كەلگەن نەرسىنى يىيەلمىسە بالىسى بىجىرىم تۇغۇلماسمىش. 

_ ئەمىسە باشقا تاللا بازىرىغا بېرىپ باقايلى، گۈزىلىم_ دېدى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەر. 

ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەر ئىنتايىن يۇۋاش چىراي كۆرۈنىدىغان ئەر ئىدى،  ئۇنىڭ ئۇ ئەرگە بويرۇق قىلىشلىرىدىن ئېرىنى خېلى قاتتىق باشقۇرىدىغىنى چىقىپلا تۇراتتى.  ئۇ ئەسلىمۇ مۇشۇنداق خوش خوش دەپ تۇرىدىغان ئادەمنى تېپىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ئۇ مىجەزى بىلەن باشقا ئادەم چىقىشىپ بولالمايدۇ. 

_ نازىيە،  ئۆزىڭىز يالغۇز كەپسىزغۇ؟ ئېرىڭىز قېنى؟ تاللا بازىرىغىمۇ يالغۇز ئەۋەتىدۇ دەڭە_ مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى ئۇ.  

_ ئۇ شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئۇ دېگەن چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم،  بۇنچىلىك كىچىك ئىشلارغا ئۇنى ئاۋارە قىلغۇم كەلمەيدۇ_ دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.  بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تېز ئۆزگەردى.  

_ ئىككىڭلار تۇنۇشامسىلەر؟_ دەپ سورىدى ئۇنىڭ ئېرى. 

_ ھەئە. ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم.  جېنىم،  تولا مېڭىپ ھېرىپ قالغان ئوخشايمەن، پۇتۇم تېلىپ كەتتى،  بالدۇرراق قايتىپ كېتەيلىچۇ_ دېدى ئۇ ئېرىگە ئەركىلەپ. 

_ ماقۇل، ماقۇل، گۈزىلىم.  ئۆينىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ باقايلى، شۇ يەردىن مايلىق يېسىۋېلەك ئېلىپ كىرىپ كىتەرمىز. 

_ ئۇ يەرنىڭ كۆكتاتلىرى يېڭى ئەمەستى. 

ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ تۇرۇشتىن زېرىكىپ ئۆرۈلۈپ بايا كۆرۈپ قويغان مايلىق يېسىۋېلەكنى ئالاي دەپ قارىسام يوق تۇراتتى.  ئايگۈزەل بىلەن قۇرۇق پاراڭ قىلىشىپ تۇرغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم. 

_ نازىيە. 

دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىسام قولىدا بىر باغلام مايلىق يېسىۋېلەكنى تۇتۇپ ئۆتكۈر تۇراتتى.  ئۇنى كۆرمىگىلى خېلى بوپ قاپتۇ. 

_ ھە، ياخشىمۇسىز_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

_ ھە،  ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ كۆكتات ئالغىلى كەلگەنمىتىڭىز؟ 

_ ھەئە، ئۈمىدنىڭ ئەشكەن لەغمەن يىگۈسى بار ئىكەن، سىزمۇ بىلىسىز، ئۇ مايلىق يېسىۋېلەككە بەك ئامراق ،  يەنە كېلىپ بۇ تاللا بازىرىنىڭ كۆكتاتلىرى يېڭى، شۇڭا مۇشۇ يەرگە كەلگەنتىم_ دېدىم مەن ئۇنىڭ قولىدىكى كۆكتاتقا قاراپ. 

_ ئەمىسە......_ ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى. 

_ مەنمۇ بىر جېنىمغا تاماق ئېتىمەن دەپ يۈرمەي، سىلەرنىڭكىگە بېرىپلا تاماق يەي ئەمىسە. بىر باغلام مايلىق يېسىۋېلەكنى تالىشىپ يۈرمەي بىر قازاندىلا قورۇمامدۇق؟ _ دېدى ئۇ.  بۇ گەپ ماڭىمۇ موك ياقتى. چۈنكى ئۇ قورۇما قورۇشقا ئۇستا.  مەن خىمىرنى تەييار قىلسام، ئۇ قورۇما تەييار قىلسا، ئۇنىڭغىچە ئۈمىد كەلسە ئولاش چولاش تاماق يىسەك ياخشى ئەمەسمۇ. 

_ ياخشى گەپ بولدى، شۇنداق قىلايلى ئەمىسە. 

شۇنداق قىلىپ ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىدا داچىغا قايتتۇق، يولدا بارغۇچە ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ ئۆتكۈرنىڭمۇ بىزنىڭ ئۆيدە تاماق يىمەكچى بولغانلىقىنى دەپ قويدۇم.  ئۇمۇ بالدۇر قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۆيگە بېرىپلا پەرتۇقنى تارتىپ مەن خىمىر يۇغۇردۇم، ئۆتكۈر كۆكتاتلارنى ئادالىدى. خىمىرنى يۇغۇرۇپ تىندۇراي دەپ قويۇپ قويۇپ تۇرسام ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى ھويلىنىڭ ئىچىگە كىردى.  ماشىنىنىڭ كىرگىىنىنى كۆرۈپلا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. 

_ ۋوي،  بۈگۈن ئىشلار باشقىچىغۇ، ئالدىمغا قارشى ئالغىلى چىقتىڭىزما؟_  دېدى ئۇ كۈلۈپ. 

_ قورۇما قورۇيدىغان ئادەم بولغاندىكىن، كۆكتات ئادالاشتىن قۇتۇلۇپ قالدىم،  شۇڭا ئالدىڭىزغا چىقتىمغۇ_ دېدىم مەن ئاشخانا ئۆينى ئىما قىلىپ.  

ئۇ ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆكتات يۇۋاتقان ئۆتكۈرگە قارىدى. 

_ ۋوي، ئەزىز مېھمان كەپ قاپتۇغۇ؟ 

_ بۇ سۆزنى توغرا ئىشلەتمىدىڭ جۇمۇ،  مېھمانغا تاماق ئەتكۈزگەن نەدە بار؟ مەن كېلىپ بولغۇچە نازىيە مېنى ئاشخانا ئۆيگە كىرگۈزۈپ قويدى _دېدى ئۆتكۈر كۈلۈپ.  

مەن تاللا بازىرىغا مايلىق يېسىۋېلەك ئالغىلى بېرىپ ئۆتكۈر بىلەن بىر باغلام كۆكتاتنى تالىشىپ قالغانلىقىمىزنى دەپ بېرىۋىدىم، ئۈمىد كۈلۈپ كەتتى. 

_  ئاران ئالغان يېسىۋېلىكىڭنى خوتۇنۇم بۇلاپ ئېلىۋاپتۇ دە. 

_ بۇلاپ ئېلىۋالدىلا ئەمەس، مېنىمۇ يالاپ ئېلىپ كېلىپ تاماق ئەتكۈزىۋاتمامدۇ مانا. 

_ شۇڭا ئەڭ ياخشىسى خوتۇنۇمدىن يىراق يۈر،  مۇشۇنداق ھۈنەرلىرى بار مېنىڭ مەلىكەمنىڭ. 

ئۈمىدنىڭ بۇ گېپىدىن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتىم. 

_ سىلەر پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭلار، مەن كىرىپ خىمىرغا قاراي. 

 شۇنداق دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىردىم، ئۇنىڭغىچە ئۆتكۈر كۆكتاتنى يۇيۇپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. خىمىرنى جىزا قىلىپ بولغىچە ئۆتكۈر كىرىپ قورۇما قورۇشقا تەييارلىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئوخشىغان ئۈچ تەخسە ئەشكەن لەغمەن ئۈستەلگە چىقتى. ئۈچىمىز ئىنتايىن خۇشال كەيپىياتتا تاماق يىدۇق،   مەن بۇرۇنمۇ ئەشكەن لەغمەننى خېلى كۆپ قېتىم ئەتكەن، لېكىن بۈگۈنكىدەك تەملىك تېتىپ باقمىغان،  ئۆتكۈر قورۇمىسىنى بەك يىيىشلىك قورۇدىمۇ يا ئۈچەيلەن گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرۇپ يىگەچكە تېتىپ كەتتىمىكىن.  راستىمنى ئېيتسام ئۆتكۈرنىڭ مۇشۇ ئۆيدە تۇرغان ۋاقىتلىرى خېلى ياخشىكەنتۇق،  ئۆيدە ئادەم كۆپ بولسا ياخشىكەن، ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بۇ ئەمەس، ئۇ بۇ ئۆيدە بولسا تاماق ئېتىش ماڭا ئاشمايتتى، ھى ھى ھى. 

_ كىتابنى كۆرىۋاتامسىز؟_ دەپ  سورىدى ئۆتكۈر تاماق ئارىلىقىدا. 

_ ماشىنا مەشىق قىلىمەن دەپ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلى ئۇ ئىش، ھېلى بۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ كىتابنىمۇ يېپىپ قويغان يېرىدە قېپ قالدى. قارىغاندا مەن ئۆگىنىدىغان تىپتىكى ئادەم ئەمەس ئوخشايمەن _ دېدىم مەن سەل ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە. 

بۇ گېپىمدىن ھەر ئىككىيلەن كۈلۈپ كەتتى. 

_ ئۆز ۋاقتىدىلا بولدى جاپا تارتماڭ دېسەم ئۇنىمايسىز_ دېدى ئۈمىد. 

ئۇنىڭ ھەسەن بىلەن ئىشخانىسىدا نىمىلەرنى دىيىشكىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىدىن قارىغاندا  بەك چوڭ ئىشمۇ يوقتەك قىلاتتى. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈر قاچا قۇچىلارنى مەن يۇياي دەپ تۇرىۋالدى. 

_  ياخشىلىقنى ئاخىرغىچە قىل دەيدىغان گەپ بارغۇ. تاماقنى ئەتكەندىكىن ئاخىرىنى چىقىرىۋېتەي. 

_ تاماقنىڭ ئاساسلىق يېرىنى مەن ئەتتىم.  يەنە كېلىپ ئۈمىد كېلىپ بولغۇچە مېھمانغا تاماق ئەتكۈزدۈڭلار دەپ قاخشاۋاتسىڭىز يەنە  قاچا قۇچا يۇغۇزساق ئىككىنچى كەلمەيلا قويماڭ، بولدى، ئىككىڭلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇڭلار،  ئۆزۈم يۇياي_ دېدىم مەن. 

ئاشخانىنى بېسىقتۇرۇپ چىقسام، ئىككىسى شاھمات ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ.  مەن شاھمات ئويناشنى بىلمەيمەن،  شۇنداقتىمۇ بىلىدىغاندەك قاراپ تۇردۇم.  ئۇلار بىر نەچچە قول ئويناپ بولغاندا تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى، باشتا يىنىك چىكىپ، كەينىدىن كۈچ بىلەن مۇشتلاپ ئۇردى. مەن  يۈگۈرۈپ دېگۈدەك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.  ئىشىك ئالدىدا چىرايىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالدا ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىم تۇراتتى. ئۇنىڭ رازىيەدىن پايدىلانغان ئىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغانتۇق.   ئۇ مېنى بىر يانغا ئىتتىرىۋېتىپ چوڭ چوڭ چامداپ ئۆي ئىچىگە كىردى. ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ياخشى ئىشنىڭ يوقلۇقىنى پەملەپ  كەينىدىن كىردىم. ئۇ كىرگەن پىتى ئۇدۇل بېرىپ  تەكچىگە قويۇپ قويۇلغان كىچىك بېلىق قاچىسىنى ئېلىپ ئۈمىدكە ئاتتى.  بۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلماي يەنە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى شاھماتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئېلىپ ئۈمىدنىڭ بېشىغا ئاتتى.  ئابلەت ئەپەندىم بەك كۈچەپ ئاتقاچقا ئۇنىڭ بېشىغا خېلى چىڭ تىگىپ كەتكەن چېغى، پىشانىسىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى.  قاننى كۆرۈپ بەك قورقۇپ كەتتىم ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى قەغەزنى ئېلىپ ئۇنىڭ پىشانىسىنى سۈرتۈشكە باشلىدىم.  ئۈمىد قولۇمنى تۇتىۋېلىپ، ماڭا قاراپ كۈلدى. 

_ كېرەك يوق، قورقماڭ ھە. 

پىشانىسىدىن توختىماي قان چىقىۋاتسىمۇ كېرەك يوق دېگىنىنى. 

_ تاغا،  نىمە قىلغىنڭىز بۇ؟ قانداقلا گەپ بولسا چىرايلىق قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ كىرىپلا ئۈمىدنى ئۇرۇپ كەتكىنىڭىز نىمىسى؟ 

ئۆتكۈرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا ئاچچىقى چىقمىغاندەك ئەتراپىغا چالۋاقاپ قاراپ ئۈمىدنى ئۇرىدىغانغا نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. 

_ گەپ بولسا چىرايلىق قىلمامسىز؟ نىمىشقا ئۇنى ئۇرىسىز؟ _  ئاچچىقتىن چىرايى قىزىرىپ كەتكەن ئابلەت ئەپەندىمگە قاراپ دېگەن بۇ گېپىمگە ئۇ پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى.  ئۇ تېلېۋىزورنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان ئۈمىد مەشق قىلىدىغان تۈمۈر كالتەكنى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنى ئېلىپ ئۈمىدنىڭ يېنىغا يۈگۈردى.  نەدىمۇ ئاتا بالىنى بۇنچىۋالا قاتتىق ئۇرغان بار؟  بۇنچىۋالا ئۇرغۇدەك ئۈمىد زادى قانداق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بولغىيتتى؟ 

29 ياشقا كىرگەن ئۈمىد بەستلىك ھەم ئېگىز، مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن، ئابلەت ئەپەندىم ھەرگىز ئۇنىڭ رەقىبى بولالمايدۇ، لېكىن  ئابلەت ئەپەندىم ئۇنىڭ دادىسى، ئەلۋەتتە قول ياندۇرسا بولمايدۇ، ئەمما ئۆزىنى دالدىغا ئالسىمۇ بولاتتىغۇ، لېكىن ئۇ  دادىسىنىڭ كېلىپ ئۇرۇشىغا تەييار بولغاندەك جىم تۇراتتى.  كۆپ ئويلاپ تۇرمايلا بېرىپ ئۆزۈمنى ئۈمىدكە ئاتتىم.  كالتەك كېلىپ مېنىڭ مۈرەمگە تەگدى.  ھازىر قىش ۋاقتى، ئۇچامدىكى كىيىملىرىم خېلى قېلىن بولغان بىلەن كالتەك تەگكەندە بوش تەگمەيدىكەن.  كالتەك مۈرەمگە تەگكەن شۇ دەقىقىدە پۈتۈن بەدىنىم سېزىمىنى يوقاتقاندەكلا بىلىنىپ  كەتتى.  لېكىن مەن چىشىمنى چىشلەپ ۋايجان دەپمۇ  قويماي ئۈمىدنى توسۇپ تۇرىۋالدىم. 

_ نازىيە_ ئۈمىد ۋارقىرىۋەتتى. ئۇنىڭ پىشانىسىدىن ئېقىۋاتقان قان  مېنىڭ يۈزۈمگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن شۇ تاپتا قانچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكىنىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.  مۇشۇنچىۋالا بولۇپ كەتسىمۇ  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ يەنىلا ئاچچىقى چىقمىغاندەك  قىلاتتى، ئۇ يەنە ئۇرماقچى بولۇپ كالتەكنى كۆتۈرىۋىدى، ئۆتكۈر دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. 

_ تاغا، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ. 

ئابلەت ئەپەندىم قولىنى تارتىۋىدى، ئۆتكۈر ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتمىدى، ئاخىرى ئامال قىلالماي ئاستا كالتەكنى يەرگە تاشلىدى، لېكىن ئاچچىقى يانغاندەك قىلمايتتى.  ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ ئۈمىدكە قولىنى شىلتىدى. 

_ ھۇ مۇناپىق، ھېلىقى يەرنى قايتۇرىۋال. 

نىمە يەرنىڭ گېپىدۇ؟ ئۆتكۈر ئىككىمىز سۇئال نەزىرىدە بىر بىرىمىزگە قاراشتۇق. دادىسىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى ئۈمىد بىلەتتى. 

_ خەققە بېرىپ بولغان يەرنى قانداق قايتۇرىۋالىمەن؟ _ دېدى ئۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن. 

ئابلەت ئەپەندىم بۇ قېتىم ئۈمىدكە مۇشتىنى تەڭلەپلا كەلدى، لېكىن ئۇنى يەنە ئۆتكۈر كەينىدىن قۇچاقلاپ تۇرىۋالدى. 

_ تاغا، تاياق بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، گەپ بولسا چىرايلىق قىلىشىڭلار. 

ئۆتكۈر بېلىدىن قۇچاقلىۋالغاچقا ئۇ قولىنى سوزۇپ بولالماي پۇتىنى سوزۇپ ئۈمىدنى تەپمەكچى بولدى.  لېكىن ئۈمىدكە پۇتى يەتمىدى، ئەمما ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى ئىستاكانلارنى يەرگە چۈشۈرىۋەتتى.  يەردە چېقىلغان ئىستاكان پارچىلىرى بىلەن بايا ئۈمىدنىڭ بېشىغا تەگكەن بېلىق قاچىسىنىڭ سۇنۇقلىرى ئارىسىدا ئىككى تال بېلىق سۇسىراپ پىلتىڭلاپ تۇراتتى.  چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتقان مۈرەمنى تۇتۇپ ئابلەت ئەپەندىمگە قارىدىم،  شۇ تاپتا ئىشلار ھەقىقەتەن يىغىشتۇرىۋالغۇسىز ھالغا يەتكەن ئىدى.  ئابلەت ئەپەندىم تۇيۇقسىزلا ئالدىغا ئىگىلىپ قالدى، ھېلىمۇ ياخشى ئۆتكۈر ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرىۋالغان بولغاچقا يەرگە چۈشمىدى. 

_ تاغا، نىمە بولدىڭىز؟ 

ئۆتكۈر دەرھال ئۇنى يەرگە تۈز ياتقۇزۇپ رېنجۇڭ پەللىسىنى باستى.  مەن قورققىنىمدىن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.  گەرچە بۇ كىشى بايا مۈرەمگە كالتەك بىلەن ئۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما مەن ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم.  بۇ  ئاتا بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسىمۇ ئەمما ئۈمىد يەنىلا  دادا بالىلىق مېھرى دېگەننىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ،  ئۇ دادىسى ياقتۇرمىغان ھالەتتىمۇ لېكىن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يەنىلا دادىسىغا بولغان مۇھەببەت بار، شۇڭا بايا ئابلەت ئەپەندىم ئۇنى ئۇرسىمۇ ئۇ قول ياندۇرۇشنى ئويلاپمۇ قويمىدى.  ئەگەر بۈگۈن كەچ ئاچچىقتا ئابلەت ئەپەندىمگە بىر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا ئۈمىد بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىشى ئېنىق. 

_ تېز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭلار_ دېدى ئۆتكۈر بېشىنى كۆتۈرۈپ. 

مەن دەرھال تېلېفوننى ئېلىپ 120گە تېلېفون قىلدىم، ئون مىنۇتقا قالماي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىپ بولدى.  دوختۇر ئۆيگە كىرىپلا ئۈمىدنىڭ پىشانىسىدىن ئېقىۋاتقان قاننى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى ۋە دەرھال ئۇنىڭ بېشىنى تېڭىشقا تەمشەلدى، ئۈمىد ئاۋۋال دادىسىنى تەكشۈرۈشنى ئېيتتى. 

ئابلەت ئەپەندىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى،  دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر سوراپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن  قاتتىق ئاچچىقلىنىشتىن  تۇيۇقسىز قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى، چوڭ چاتاق يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  دوختۇر ئۈمىدكە قاراپ بېشىنى چايقاپ قويدى. 

_  يىگىت، دادا ھامان دادا بولىدۇ ھە،  ھەرقانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك. ئالدىراقسانلىق ياخشى ئىش ئەمەس. 

ئۈمىد ھېچنىمە دېمىدى.  ئۈمىد بۈگۈن كەچتە ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالغان ئىدى. مەن يارىسىنى تاڭدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئېلىپ چىقتىم. دوختۇر ئۇنىڭ يارىسىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن پىشانىسىدە يوغان ئېغىزنىڭ ئېچىلىپ قالغىنىنى كۆردۈم. سىستېرا يارىسىنى تېڭىۋاتقاندا  چىداپ تۇرۇڭ دەپ كەتتى، قارىغاندا بەك ئاغرىسا كېرەك.    لېكىن يارىسىنى تېڭىپ بولغۇچە ئۈمىد كۆزىنى مىت قىلىپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭ چىداملىقىلىقىغا قول قويدۇم. بۇ ئۇنىڭ بېشىنىڭ بىرىنچى قېتىم يارىلىنىشى ئەمەس، مەن ئۇنى تۇنۇغاندىن بۇيان مۇشۇ ئىككىنچى قېتىملىقى بولدى، يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ دادىسى تەرىپىدىن يارىلاندى.  ئۇنىڭ ئورنىدا مېنىڭ بەك ئىچىم ئاچچىق بولدى. 

ئۇنىڭ ئاغرىۋاتقان يېرى بېشى ئەمەس، يۈرىكى.  بۇنى ئوبدان بىلىمەن. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k